قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1693|ئىنكاس: 12

ئەلكۈن: ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر (1- قىسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

19

دوست

4581

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 152
تۆھپە : 1826
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 03:55:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 17:04  


ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر

(1- قىسىم)


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


Orxun_Boylirigha_Seper.jpg


(2011 - يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە موڭغۇلىيەدە ئېچىلغان  “3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى قۇرۇلتىيى” غا قاتنىشىش سەپىرىدە يېزىلغان ئەدەبىي خاتىرىلەر)

بۇ ماقالە "دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر" ناملىق كىتاپتىن قىسمەن قىسقارتىلپ ئېلىندى.



سۆز بېشى

    بىز تۇغۇلغان ۋە ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا سانائەت دەۋرىنىڭ كرىزىسلىرى ئىچىدە ھالسىراۋاتقان، ئىقتىسادىي بوھران ۋە باشقا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كۈندىن كۈنگە بۇلغىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىزغا بولغان چوڭقۇر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان مۇھىت سۆيەر ئالىملىرىمىز “دۇنيا ئىقلىمىنىڭ ئىللىشى” نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قارشى تۇرۇش ئىقتىدارلىرى بىلەن كۈرەشلەر ئاقتۇرۇۋاتقان، ھەر شەيئىلەر ئۆز-ئارا رىقابەت بەيگىسىگە تولغان بۇ دۇنيانىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى بىر مەزگىل ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىنساننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدىغان، بۈگۈنكى زامانىۋى مەئىشەتلەردىن يىراق بولغان ساپ ھاۋالىق، پايانسىز ئۇپۇقنى سۆيگەن ياپ-يېشىل يايلاقتا قەدەملىرىڭىزنى ئاتا-بوۋىلىرىڭىز بىر زامانلاردا ئات چاپتۇرۇپ ماڭغان چىغىر يوللارغا تاشلاپ، قۇلاق تۈۋىڭىزدىن غۇر–غۇر ئۇتۇپ تۇرىدىغان شاماللارغا سىرداش بولۇپ ماڭسىڭىز ياكى قارىغايلىق تاغ ئېتەكلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆك بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئىشىتكەچ، كۆك تەڭرىنى سۆيۈپ تۇرغان ئاق باش چوقىلارغا ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ياراتقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، غۇرۇر تۇيغۇسى بىلەن نەزىرىڭىزنى چەكسىز كەتكەن يايلاقلارغا تاشلىسىڭىز، كېچىلىرى يۇلتۇزلار ئۆزلىرىنىڭ نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن تۆكىدىغان بۇ زېمىندا تۇرۇپ، يۇلتۇز سانىغاچ بوۋىمىز ئوغۇزخان ئىلتىجا قىلغان كۆك ئاسماندىكى كۆك تەڭرىگە بېشىڭىزنى تىك كۆتۈرۈپ باقسىڭىز ۋە ياكى بۈگۈنكى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ شىمالىدىكى رۇسىيە (رۇس يەر) نىڭ زېمىنىغا ئايلانغان سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بېلىق تۇتۇپ يېگەن بايقال كۆلىنىڭ (باي-قال-كۆل) نىڭ تىنچ ۋە تەمكىنلىكتە سىزگە مېھرى بىلەن باققان يۈزىگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز، سىز يەنە ئېتىڭىزنى چاپتۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يورغىلاپ، ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا كېلىپ ئوچۇملاپ يۈرىكىڭىز قانغىچە ئۆتۇكەن تاغلىرىدىن كەلگەن تاغ سۇلىرىنى ئىچسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قەيەردە دەپ بىلىسىز ۋە قانداق ھېسلاردا بولىسىز؟

   
1.png


     مانا بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىي بۇلىقى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ 100 يىللاردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۈگۈنكى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن ۋادىسىدۇر!  بۇ تۇپراق شۇ ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تارىخىي قىممەتلىرى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىلتىماسى قىلىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئورخۇن دەريا ۋادىسى ئەتراپىدىكى 121، 967 گېكتار تۇپراق “ئورخۇن ۋادىسى مەدەنىيەت ئىزنالىرى”  نامىدا خەلقئارالىق قوغدىلىدىغان تارىخىي جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مانا بۇ تۇتىيا زېمىندا ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخانلىغىدا بولۇپ ئۆتتى.                     
           

بۇ قۇرۇلتاي ئۇلانباتوردا باشلاندى

     بۇ نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرنىڭ قۇرۇلتىيى 2011-يىلى 2-ئىيۇلدىن 8- ئىيۇلغىچە ھەممە تۈركىي ۋە ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ تۇغۇلۇش بۆشۈكى بولغان جاي موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا “ئەسلىمىزگە قايتىش، تارىخىنى ياد ئېتىش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش” تۇيغۇلىرى بىلەن بىر ھەپتە داۋام قىلدى.
                                                                                             
    مانا بىز بۈگۈن بۇ زېمىندا، 21-ئەسىرىدە تارىختىكى چىڭگىزخاننىڭ دۆلىتىدە، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتساق، تارىخ بەتلىرىنى بىرقانچە ئەسىرلەر ئىلگىرى سۈرسەك، ئەجدادلىرىمىز تارىختا قۇرغان سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە- ئورخۇن بويلىرىدىكى تۈرك قەبىلىلىرى ياشىغان تۇپراقلارنى تاۋاپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىش نىشان قىلىنغان بۇ يىغىن 2011-يىلى 2-ئىيۇل خەلقئارا ئورال-ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلىرى ۋە موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىپخانلىغىدا موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا رەسمىي باشلىنىپ 7-ئىيۇل بايانگول مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن ئاياغلاشتى.
                                                                                             
     بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتيغا ياۋروئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىكى ئارال دۆلەت ياپونىيىدىن تارتىپ ئەڭ غەربىيدىكى ئارال دۆلەت ئەنگىلىيەگىچە، ئېستونىيە، ۋېنگىرىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كورىيەلەردىن، ياۋروئاسىيانىڭ سىرتىدىن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيىلەردىن كەلگەن يازارلار، شائىرلار، ژۇرنالىستلار، تارىخچىلار، ئارخېئولوگلار، سەنئەتكارلار ۋە قەلەمكەشلەر دوستلىرى ھەم موڭغۇلىيىلىك يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ جەمئىي 50 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئۇيغۇر، ئېنگلىز ۋە موڭغۇل تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2011- يىلى 2- ئىيۇن ئۇلانباتور ۋاقتى سائەت 5 دە موڭغۇل دۆلەتلىك سودا-سانائەت سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە باشلاندى.


Group_photos-w.jpg



       “ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۇلگەندىن كېيىن ، “ئورال–ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلپ، بۇ ئېچىلىۋاتقان يىغىن “3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” 2010-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆلدە ئېچىلغان “2-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئاساسلىق خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىش ئېلىپ  بارىدىغان 5 خىزمەت دائىرىسىنىڭ بىرى بولغان “تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى” كاتېگورىيىسى ئىچىدە ئورال-ئالتاي تىللىق رايونلاردا ساقلىنىۋاتقان تىل ۋە تەرجىمە مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى چۈنكى ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرى موڭغۇلىيىنىڭ يايلاقلىرىدا ئۆز تەرەققىياتىنى باشلاپ ياۋروئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جۇغراپىيىلىك رايونلارغا تارقالغانلىقى ۋە بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ تىل سىستېمىسى قىسقىلاشتۇرۇپ، ياشىغان رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن “ئورال-ئالتاي تىللىق مىللەتلەر” دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمما رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 100 نەچچە يىل داۋام قىلغان رۇسىيە ۋە سوۋېت مۇستەملىكىسىنىڭ ئىشغالىيىتى سەۋەبىدىن ئاساسەن دېگەندەك ئۆز تىل-يېزىقىدا يېزىش ۋە نەشر قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يوقىلىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ رايوندىكى خەلقلەر ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ شۇ تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىدا ناھايىتى زور مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى.  
                                                                           
     بۇ يىغىندا رايوندىكى قەلەمكەشلەر مەركەزلىرى ئارىسىدا قانداق قىلغاندا بىرلىكتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقى تېما قىلىنىپ ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ۋە رايوندا تىل ۋە تەرجىمە خىزمەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنگلىز تىلى قاتارلىق باشقا دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ئارىلىق ئورال-ئالتاي رايوننىڭ ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، تىل مەسىلىلىرىنى يورۇپ بېرىش نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، ئەگەردە بۇ خىزمەتلەر نەتىجىلىك ئىشلەنسە رايوندا كوممۇنىست دەۋرلىرىدىن قالدۇق مىراس بولۇپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تۈرلۇك نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىلدى.

     ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، يىراق يوللارنى بېسىپ كەلگەن ۋە بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھورى تەكاكى ئەپەندىگە، يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى تونۇلغان شائىر،  2010-يىللىق “نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى” نىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسۇتىلگەن، ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقى خەتتاتى دوكتور گ . مەند-ئوويو ئەپەندىگە مىننەدارلىق بىلدۈرۇلدى.

2.png



     نۆۋەت بىلەن سوز نۆۋىتىنى ئالغان موڭغۇل شائىرى گ مەند-ئوويو ئەپەندى ئۆزىنىڭ يىغىنغا ئاتىغان تەبرىكىنى بايان قىلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ موڭغۇلىيىدە ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئىلمىي-مۇھاكىمە يىغىنىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى موڭغۇلىيىدە ساقلانغان تارىخىي ئىزلار ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق ئورال-ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆتكەن تارىخىنى ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇ تارىخنى كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق ساقلاپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر ئەھمىيىتى زور يىغىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، موڭغۇلىيىنىڭ يېڭىدىن ياش دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە  موڭغۇلىيىدە كان بايلىقلىرىنىڭ ئېچىشى سەۋەبىدىن تارىخىي ئىزلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، موڭغۇلىيىنىڭ موڭغۇل يايلاق مەدەنىيىتىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ساقلاپ قېلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتسە، ئۇ يەنە ئانا تىل توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

     "بۇ ئەسىرنىڭ كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللار يوقىلىپ كەتتى. بىر مىللەتنىڭ تىلى قانچە ئاجىزلاشسا شۇ مىللەت خەلقىمۇ شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ. شۇڭا ھەر-بىر يازغۇچى ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك!”

    مەند-ئوويو ئەپەندى سۆزنىڭ ئاخىردا باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھورى تەكاكى ئەپەندىگە، ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسى دالمىرە تىلەپ بەرگەنوۋ خانىمغا، ۋە بۇيغىننىڭ ئېچىلىشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن باشقا تەشكىللىگۇچى  .....  خانىم – ئەپەندىلەرگە مىننەدارلىغىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى تاماملايدۇ.

3.png



     ئارقىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان، بۇ قۇرۇلتايغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋە سابىق ياپونىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھورى تەكاكى ئەپەندى قۇرۇلتاينى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىننىڭ نەتىجىلىك ئېچىلىشىغا، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قارتا ياخشى تىلەكلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
                                                                                                   
'     "مۆھتەرەم موڭغۇلىيىلىك ئىلىم ئەھلىلىرى، يازغۇچىلار، شائىرلار، ئاۋۋال سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغانلىغىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۇرمەن. بەلكىم خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، بۇ يىل خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قورۇلغانلىقىغا 91 يىل بولىدۇ. بۇ جەمئىيەت ئۆزنىڭ باش قەلىبنامىسى بولغان سۆزلەش ۋە يېزىش ئەركىنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پرىنسىپى بىلەن 1-قېتىملىق  دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 2-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىمۇ ئۆزنى ساقلاپ قالالىدى ۋە ئۆلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى. ئەلۋەتتە بىز خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن پەخىرلىنىمىز.                                                               
                                                         
      بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئۇزۇن يوللۇق مۇساپىمىزدە خۇددى بىر ئادەمنىڭ ھايات مەنزىلىگە ئوخشاش بۇ سەپىرىمىزدە تۆھپىلەرنى ياراتتۇق ۋە خاتالىقلارنىمۇ ئۆتكۈزدۇق ئەمما بىز تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ئاساستا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدۇق ۋە ئىلگىرىلەۋاتىمىز. مەن بۇ يەردە يەنە ياپونىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ئازراق سۆز قىستۇرۇپ ئۆتەي- ھازىر ياپونىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 2000 ئەزاسى بار بىر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بولۇشتەك بىر ئۆتكەلدىن ئۆتتى ئەمما سىلەرگە شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى بۇ ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېشى 70 ئاشقان ياشانغان يازغۇچى ۋە باشقا ئىلىم ئادەملىرىدۇر. ئۆتكەنكى 10 يىلنىڭ مابەينىدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا زور ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىلدى،  ياش، تالانتلىق ئاكتىپلىرىمىز سەپىمىزگە قوشۇلۇپ بىزنىڭ كۈچىمىزگە كۈچ قوشتى ۋە بىزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىمىزدىكىلەرنىڭ يېشنى ياشارتتى. بىز بۈگۈن موڭغۇلىيىنىڭ يايلاقلىرىغا 5 كۈنلۈك ساياھەتكە بېرىشنىڭ تەييارلىقىدا تۇرۇپتىمىز، مەن ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز بىز بىر-بىرىمىزنى  ئۆز-ئارا چۈشىنىدىغان، كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بىر ھۈل سالىدىغان، ئەھمىيەتلىك بولغان ئۇچرىشىشلاردىن بىرى بولۇپ قالغۇسى. مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ سېپىڭلاردا بولغىنىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى خۇشال ھېس قىلىۋاتىمەن. سىلەرگە رەھمەت! ".

      خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھورى تەكاكى ئەپەندى ئالقىش-سادالار ئىچىدە سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ سەھنىدىن ئايرىلىشقا تەمشىلىۋاتقان بىر پەيتتە سەھنىگە چىقىپ كەلگەن قازاقىستاندا جامائەتكە كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر كارخانىچى ۋاققاس مۇھەممەد ئەپەندى ۋە شەمشىقەمەر ئابدۇراخمانوۋىچلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلارغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتى- ئۇيغۇرنىڭ تونى ۋە دوپپىلىرىنى ھورى تەكاكى ئەپەندى بىلەن مەند-ئوويو ئەپەندىلەرگە كىيگۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ نامىدىن ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
                                                                                
      يىغىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالقىش چاۋاكلار بىلەن 15 مىنۇت ئارام ئېلىشنى تۈگىتىپ يەنە داۋام قىلدى. يىغىننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۇنجى بولۇپ سۆزگە چىققان موڭغۇلىيە دۆلەتلىك تىل تەتقىقات ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماخھتەر خھەبۇ ئەپەندى ئورال-ئالتاي تىللىرىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ۋە تەرەققىياتى شەرھلەنگەن جۈملىدىن موڭغۇل تىلىنىڭ تارىخىي ۋە بۈگۈنكى ئەھۋاللىرىنى موڭغۇل مەدەنىيەت ۋە تارىخىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ماقالىسىنى يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلدى. ماكھتەر كھەبۇ ئەپەندى ماقالىسىدە موڭغۇل تىلىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەرگىچە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن كېيىن ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل تىل-يېزىقى چىڭگىزخان دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ 13-ئەسىرگە كەلگەندە خۇددى بۈگۈنكى ئىنگلىز تىلىغا ئوخشاش دەرىجىدە قوللىنىلغانلىقىنى، ھازىر بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە 10 مىليونغا يېقىن نوپۇس موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.                                                   

      ئۇ يەنە موڭغۇل تىلىنىڭ باشقا ئورال-ئالتاي تىللىرى بىلەن بولغان تارىخىي ۋە ئېتنىك مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، موڭغۇل تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ كوپ قىسمىنىڭ تۈركى تىللىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سان-سىكىرت يېزىقىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، بۇددا دىنىغا ئائىت سۆزلۈكلەرنىڭ بولسا ئۇيغۇر تىلىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى، موڭغۇل تىلىدا يەنە ھۇن دەۋرىدە ھونلاردىن قوبۇل قىلىنغان خېلى كوپ سۆزلەرنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بايا قىلىپ، بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە بۈگۈنكى ۋېنگرىيىنى موڭغۇل تىلىدا ماجار (ماجارىستان) دەيدىغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى بولسا “ئوقيانى ئارقىغا قارىتىپ ئاتىدىغان خەلق” دېگەننى بىلدۇردىغانلىغىنى بايان قىلىدۇ.
                                                                                                
     بۇ يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى - ئېچىلىش مۇراسىمى 2 يېرىم سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە ئاياغلاشتى. كېيىن بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شەرىپىگە شەھەر مەركىزىدىكى بىر موڭغۇل رېستورانىدا زىياپەت بېرىلدى.   
                                            
موڭغۇلىيە شائىر ۋە خەتتاتلار سەنئەت مۇزېيىغا زىيارەت   

    بىز بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى 3-ئىيۇل سەھەردە ئۇلانباتورنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن يۈك تاقلىرىمىزنى ھازىرلاپ ئورخۇن دەرياسى بويىغا “ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” نىڭ داۋامىنى ئېچىش ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان بۇ قەلبىگاھ زېمىنلارغا تاۋاپ قىلىش مەقسەتلىرىنى يۈرىكىمىزگە پۈكۈپ زىيارەتكە يول ئالدۇق. سەپەر يولىمىزدا شائىر، خەتتات دوكتور گ مەند-ئوويو ئەپەندى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىگە ۋاكالىتەن بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئۆزنىڭ ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقىدا يېزىلغان ھۆسنى خەتلەرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەپەر يولمىز ئۈستىدە موڭغۇلىيە خەتتاتلار سەنئەت مۇزېيىدە بىر سائەتكە يېقىن زىيارەتتە بولدۇق.            
                                                                                      
     بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا تەڭ شېرىك بولغان موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسى ۋە بۇ ئاكادېمىيىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور گ مەند-ئوويو ئەپەندى، پائالىيەت يېتەكچىسى مۇنكھناران خانىم ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ بىر قانچە پارچە ھېكايىسىنى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلغان موڭغۇلىيەلىك ئەدەبىي تەرجىمان سويولبولد ئەپەندى قاتارلىق موڭغۇلىيىلىك دوستلار يىغىن باشلانغاندىن بۇيان ھەمىشە دېگەندەك بىز بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېقىقى ساھىبخانىلىق ۋە ئۇيغۇر–موڭغۇل دوستلۇقىنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەر-بىر سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزگە بىلدۈرمەكتە ئىدى.
  
6.png

                                   
مانا بىز ھازىر مۇزېيخانىنىڭ 2-قەۋىتىگە قويۇلغان گ مەند-ئوويو ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن 100 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقىدىكى ھۆسنى خەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. گ مەند-ئوويو ئەپەندى ئىنگلىز تىلى تەرجىمان سويولبولد ئەپەندى ئارقىلىق بىزگە ئۆز ئىجادىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقىنىڭ موڭغۇلىيىدە قوللىنىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكتە.   
                 
      گ مەند-ئوويو ئەپەندى مۇنداق بايان قىلىدۇ: “مەن بۈگۈن بۇ يەردە تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ بىز موڭغۇللارغا قالدۇرغان ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بۇ ئەمگەك مېۋىلىرىمنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ كۆرگەنلىكىدىن ئۆزۈمنى شەرەپلىك ھېس قىلدىم. بۇ ئۇچرىشىش بولسا مەدەنىيەتلەرنىڭ قايتا ئۇچرىشىشى يەنى ئۆتكەن تارىخنىڭ بۈگۈندە ئىپادىلىنىشىدۇر. مەن بۇ قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بىلەن سىلەرگە شۇنى بىلدۈرمەكچىمەنكى موڭغۇلىيە دۆلەت رەئىسى تس. ئەلبەگدورج يېقىندا قانۇن ماقۇللاپ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ بارلىق ھۆكۈمەت ئالاقىلىرىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى، موڭغۇل پارلامېنتى ۋە دۆلەت باش ۋەزىرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشى شەرت قىلىنىلىدىغانلىغىنى، موڭغۇلىيىنىڭ بارلىق چەتئەل دىپلوماتىيە  ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ موڭغۇل زىيالىيلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تولۇق مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان موڭغۇل دۆلىتىدە 1994-يىللىرىدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە بۈگۈن ئەمەلگە ئاشتى. بىز بۈگۈنكى بۇ كۈننى كوپ كۈتكەن ئىدۇق، مانا بىز ئاخىر بۇ كۈنگە ئېرىشتۇق. بىز موڭغۇللار ئۇيغۇرلار ياراتقان بۇ مەدەنىيەتنى ئەمدى ئىشەنچ بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قىلىپ قالدۇرالايمىز!"

     گ مەند-ئوويو ئەپەندى سۆزىنى تۆۋەندىكى بايانلار بىلەن ئاياغلاشتۇردى: “دەرۋەقە تارىختىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇللارنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر راۋاجلاندۇرۇپ تاكى دۆلەت قوللىنىدىغان يېزىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىغا قەدەر بۇ ئۇزاق جەريانلار ناھايىتى ئەگىر توقايلىق بولدى. موڭغۇللار تارىختىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى مىلادى 1204- يىلى چىڭگىزخاننىڭ ناىمانلار (سەككىز ئوغۇز تۈرۈك قەبىلىلىرى) غا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئالغان تاتار توڭگا تەرىپىدىن موڭغۇللارغا تونۇشتۇرۇلغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە بايان قىلىنىدۇ.

       بىز موڭغۇللارنىڭ چىڭگىزخان دەۋرىدە قوللانغان ئۇيغۇر يېزىقىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ قالالىشىمىز ئاسانلىقچە قولغا كەلمىدى. 1931-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ۋە بېسىم قىلىشى بىلەن 1204-يىلىدىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا كۆچتۇق. بۇ لاتىن يېزىقىغىمۇ رازى بولمىغان سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىزگە 1937-يىلى رۇس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كرىللىك (سىلاۋيان) يېزىقىنى تاڭدى. 1941-يىلىغا كەلگەندە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنى قانۇن چىقىرىپ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلىدى...   

       مانا سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ ھۆسنى خەتلىرىمنى مەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازدىم. بۇ نېمە دېگەن چىرايلىق يېزىق ھە! ھازىر كوپ ساندىكى موڭغۇل ياشلىرىدا كرىللىك يېزىقىنى تاشلاپ ئۇيغۇر-موڭغۇل يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچەيدى ۋە مۇنداق بۇلىشىنى ئەلۋەتتە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى رەسمىي قوللىنىش سىياسىتى بەلگىلىگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ".

بۇ نۆۋەتلىك “ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى” ئۇيغۇر يازارلىرىنىڭ  مەسئۇل ساھىپخانلىغىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى قۇرۇلتايغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ، بولۇۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ تېما مەركىزى ھەر ۋاقىت چۆرگىلەپ يەنىلا ئۇيغۇر تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ياكى ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ھاياتىغا بېرىپ تاقىلاتتىدە، سۆھبەت قايتىدىن ئۇيغۇر ئۈستىدە ئەۋج ئېلىپ كېتەتتى.  
                                                                                                            
يۇقىرىقى سۆزىمىزنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بىز گ مەند-ئوويو ئەپەندىنىڭ تارىختا ئەجدادلىرىمىز ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا مىلادى 742-يىلىدىن 848-يىلىغىچە قۇرغان “ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى” دەۋرىدە قوللانغان ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە بىزگە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ناھايىتى ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدۇق ۋە قىزغىن چاۋاكلار بىلەن گ مەند-ئوويو ئەپەندىگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ شۇ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سۇغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان ۋە دۆلەت يېزىقى بولۇپ كەڭ قوللۇنۇلغان ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقى بەرپا بولغان تۇتىيا زېمىن-ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا قاراپ سەپەرىمىزنى باشلىۋەتتۇق.  


2011- يىلى 3-ئىيۇل:
"ئىككى بوز ئات" ئارامگاھىدا


بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس ئۇلانباتور شەھىرىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى شەھەر سىرتىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم توختىدى. بىز بۇ بىر قانچە كۈنلۈك سەپىرىمىزگە زۆرۈر دەپ قارىغان نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۇلانباتور شەھىرى سىرتىدىكى بىر چوڭ سودا سارىيىدا تاماملىغاندىن كېيىن يەرلىك ۋاقىت سائەت 11 دە يولىمىزغا راۋان بولدۇ.


يۇقىرىدا شەرھلەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى موڭغۇلىيىنىڭ ئوتتۇرا-جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئورخۇن دەريا بويلىرىنى نىشانلاپ ئايلىنىپ، تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرۇلتاينىڭ كۈندىلىك يىغىن تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم 3-ئىيۇلدىن 7-ئىيۇلغىچە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان مۇھىتتا “يايلاق مەدەنىيىتى” نىڭ ئادەتلىرى بويىچە كارۋان تارتىپ ھەر كۈنى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى ئۈچۈن ئۇلانباتوردىن جەنۇبىي يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ قاراقۇرۇم شەھىرىنى نىشانلاپ، بايانگوبى يەنى گوبى چۆللۈكىنىڭ شىمالىي بويلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ 280 كىلومېتىر يول يۈرۈش، سەپەرنىڭ تۇنجى كېچىسىنى بولسا ھويور زاگال (ئىككى بوز ئات) ئارامگاھىدا موڭغۇل كىگىز ئۆيلىرىدە تۈنەش ئالدىدىن بېكىتىلگەن ئىكەن.

                                   
مەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىجراچىسى بولغان موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ خادىمى، موڭغۇل ئەدەبىي ئوبزورچىسى مۇنكھناران ئوويو خانىمدىن بۇ “ھويور زاگال” دېگەن سۆز موڭغۇل تىلىدا قانداق مەنىنى بىلدۇردىغانلىغىنى سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"تارىختا بۇ ئارامگاھلىق ياسالغان جاي سۈيى مول، چۆپلىرى بۇلۇق بىر يايلاق بولۇپ، بىر كۈنى چىڭگىزخان  ئۆزىگە ئات تاللاش ئۈچۈن بۇ يايلاققا كېلىپ ئىككى بوز ئاتنى ئۆزىنىڭ ئېتى قىلىپ تاللىغان ئىكەن، كېيىنكى كۈنلەردە بۇ بوز ئاتلار چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇرۇش ئاتلىرى بولۇپ قاپتۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھويور زاگال (ئىككى بوز ئات) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن".  

                                                                                                            
بۇ ساياھەت سەپىرىنىڭ بارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى، ياتاق ۋە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سەپەر مۇلازىمەتلىرىنى  موڭغۇلىيە جۇلچىن دۇنيا ساياھەت شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئالدىدىن كېلىشىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلار بويىچە جۇۇلچىن ساياھەت شىركىتىنىڭ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ سەپىرىمىزگە راۋان بولدۇق.                                          
                              
بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىككى يېنىغا كۆركەملىك قىلىپ جۇلچىن ساياھەت شىركىتىنىڭ بەلگىسى بولغان “تۇلپار” يەنى قاناتلىق ئاتنىڭ سۈرىتى سىزىلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوبۇس دەل-دەرەخسىز بىپايان كەتكەن ياپ-يېشىل موڭغۇل يايلاقلىرى ئۈستىدە خۇددى شۇ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇلپاردەك ئالغا قاراپ چاپماقتا… بىز يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بولساق بۇ تومۇر تۇلپارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سەپەرنىڭ زېرىكىشلىك بولماسلىقى ئۈچۈن يەنى ”كوپ بىلەن ماڭساڭ ئاۋۇيدۇ يولۇڭ” دېگەندەك بىز بىردەم تارىخچىلىرىمىزنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئورخۇن-يېنسەي بويلىرىدا قالدۇرۇلغان تارىخىي ئىزلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە دەۋەت قىلساق، كېيىنكى نۆۋەتلەردە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرىنى ئېستونىيىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىشقا،  يەنە بىرىنى ئۇيغۇرنىڭ خەلق ناخشىسى “ئاتۇش پەدىسى” نى ئېيتىپ بېرىشكە،  ۋە يەنە بىرىنى قىرغىزلارنىڭ باتۇرلۇق داستانى “ماناس” تىن پارچىلار ئېيتىشكە، يەنە بىرلىرىنى بولسا موڭغۇللارنىڭ كانايدىن چىقىرىپ بوغۇق ئېيتىدىغان ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىشكە دەۋەتلەر قىلىپ،  ئورال-ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ناخشا-غەزەللىرىنى، خاس مەدەنىيەتلىرىنى ۋە بىزگە تونۇشلۇق ياكى تونۇشسىز بولغان تارىخىي قىسسەلىرىنى ئاڭلىغاچ يولنىڭ زېرىكىشلىك مىنۇتلىرىنى كاللىمىزدىن يىراقلارغا غەرق قىلىپ، كۈلكە چاقچاق ۋە ئۆز-ئارا قىزىقارلىق سۆھبەتلەر ئىچىدە ئۆزىمىزنى بۈگۈن يىتىپ بارماقچى بولغان نىشانىمىزغا خۇددى بىرەر سائەتلەرنىڭ ئىچىدىلا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.

بىز ئاپتوبۇستا 5 سائەتكە يېقىن سەپەر قىلغاندىن كېيىن ئىككى بوز ئات (ھويور زاگال) ئارامگاھىغا يېتىپ كەلدۇق. ئاپتوبۇس ئارامگاھنىڭ قورشاۋى سىرتىدىكى دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى. بۇ ئارامگاھ ئىككى تاغلىق ئېگىزلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي تەرىپىدە بىر چوقچىيىپ تۇرغان قۇملۇق تاغ يېقىندىنلا كۆرۈنسە، جەنۇب تەرەپتە قارا بۇلۇتلار ئۈستىدە ئۇۋا ياسىغاندەك كۆرۈنىدىغان ساناقسىز كەتكەن تاقىرباش تاغ تىزمىلىرى سىزگە خۇددى غۇلجىدىكى تۇرپان يۈزى يېزىسىنىڭ بوزلىقلىرى ئۈستىدە تۇرۇپ ئاۋرال تاغلىرىنىڭ ئاق باش چوقىلىرىغا نەزىرىڭىزنى تاشلىغاندەك بىر كۆرۈنۈشنى ئېسىڭىزگە سالاتتى.

         
8.png

                                 
بۇ ئارامگاھتا 100 گە يېقىن ئاق كىگىز ئۆيلەر خۇددى شاخمەت تاختىسى ئۈستىگە تىزىلغان پىشكىلاردەك ناھايىتى رەتلىك جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دەرۋازا ئۈستىگە ئېنگلىزچە: "Welcome to HOYOR ZAGAL" يېزىلغان دېگەن خەتتىنلا بۇ يەرنىڭ مەخسۇس چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياسالغان بىر ئارامگاھ ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز ئانچە تەسكە توختىمايتى. “ئىككى بوز ئات” ئارامگاھى بايانگوبى چۆللۈكىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ ئۇلانباتوردىن 290 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بىزنىڭ بۇ يەردىن كېيىنكى سەپەر نىشانىمىز بولغان ئورخۇن دەرياسى بويلىرىغا جايلاشقان قاراقۇرۇم شەھىرىگە يېتىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن يەنە 100 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق يول يۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدىكەن.
                        
بىز يۈك تاقلىرىمىزنى ئاپتوبۇستىن ئېلىپ ئارامگاھ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىمىزگە تەقسىم قىلىنغان كىگىز ئۆيلەرگە كېلىپ ئورۇنلاشتۇق دە ئارامگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئالاھىدە قىلىپ ياسالغان ناھايىتى چوڭ بىر كىگىز ئۆيگە قاراپ يول ئالدۇق چۈنكى بۇ كىگىز ئوي بىزنىڭ چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ئويىمىز ئىكەنلىكى بىزگە ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ بۇ يەرنى ئادەتتە “رېستوران” دەپ ئاتايدىكەنمىز ۋە بۇ كىگىز ئوي ھەممىمىز ئۇچرىشىدىغان ئاممىۋى سورۇن ئىكەن.  
      
سەپەر ھاردۇقچىلىقىدا يەنە كېلىپ ئادەمزاتتىن يىراق بىر يايلاقتا، ھاۋاسىنىڭ تەبىئىيلىكى ۋە ساپلىقىدا تەڭدىشى يوق بىر جايدا، غورۇلداپ يۈزىڭىزنى سىلاپ ئۆتۈۋاتقان يايلاق شاماللىرى سىزگە سېخىيلىق بىلەن ھەمراھ بولۇۋاتقان مۇنداق دەقىقىلەردە قورسىقىڭىزنىڭ پىژىلداپ ئېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يېيىلگەن تائامدىن ئارتۇقراق يەنە بىر كۆڭۈللۈك، لەززەتلىك ئىش بولمىسا كېرەك! بىز چۈشلۈك تامىقىمىزنى كەچ پېشىمدە يەپ ھۇزۇرلىنىپ، ئاز-تولا ھاردۇقىمىزنى چىقارغاندىن كېيىن پىلانىمىز بويىچە شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دە “3-نۆۋەتلىك ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى قۇرۇلتىيى” يىغىنىنىڭ داۋامىنى “ئىككى بوز ئات” يايلىقىدا باشلىدۇق.   


    9.png
                                       
                                   
بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ۋە سالمىقى زور بولۇپ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە دائىرىنى نىشان قىلغان ھالدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىش بېكىتىلگەن:
                                                                                                         
1-)  ئورال-ئالتاي قەلەمكەشلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا بۇ رايونلاردا ساقلىنىۋاتقان تىل ۋە تەرجىمە مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش؛                                                
                           
2-)  بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مەدەنىي پروگراممىسى: ئورخۇن ۋادىسىدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان تارىخ نامايەندىلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە تارىخ ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش؛
     
3-)  ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا رايوندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تىل، تەرجىمە ۋە تارىخ مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىپ،  ئۆز-ئارا چۈشەنچىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛  تىلشۇناس ۋە تارىخچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئاڭلاش؛

........................................
                                                               
يىغىن ئېچىلىدىغان كىگىز ئۆيگە بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يىغىلىپ بولغاندىن كىيىن يىغىن باشلىنىپ كەتتى.



“ئۇلۇغ تەڭرى: شامان دىنىدا ئاسمانغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى” توغرىسىدا مەلۇمات
                                                                    
موڭغۇلىيىلىك مەشھۇر شامان باخشىسى زاىران د. بيامبادورج ئەپەندى  “ئۇلۇغ تەڭرى: شامان دىنىدا ئاسمانغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى” توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

    شامان سۆزىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى تۈرك ياكى ئۇيغۇر تىلىرىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ ۋە بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ سۆزنى “شاھ - مەن” دېگەن تۈركى سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىشى دەپمۇ قارايدۇ.  ئىنسانلارنىڭ شامان دىنىغا ئىشىنىش تارىخىنى تاش دەۋرلىرىگىچە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
                                          
    شامان دىنى تارىختا ھۇن، تۈرۈك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۇرك-موڭغۇل ۋە ئورال-ئالتاي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق بولغان بىر خىل روھىيەتنى ئاساس قىلغان دىنىي بىلىشى بولۇپ ئىنسان روھى بىلەن بەدىنى ئوتتۇرىسىكى ئالاقىلىشىشنىڭ مۇئەييەن ھەرىكەت ۋەياكى ھايات پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىشىدۇر. شامان دىنى ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى دىنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جۇغراپىيىلىك تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان دىنلارنىڭ بىرى.  شامان دىنى تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا كەڭ سىبىرىيە، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئارقىلىق شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىلارغا، غەربىي ئاسىيا ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەلىرىگىچە تارقالغان بولۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردە دۇنيادا خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىدەك كۈچلۈك دىنلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان.

     شامان ئۆلىماسى زاىران د. بيامبادورج ئەپەندى موڭغۇلىيىدىكى شامان دىنى ئېتىقادى ھەققىدە مەلۇماتىنى مۇنداق بايان قىلدى: “شامان دىنى روھنىڭ تەڭرى ۋە تەبىئەت بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىدۇر.  شامان دىنى ئېتىقادى ئانا تەبىئەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، بىز ياشاۋاتقان ئانا زېمىن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. موڭغۇللار مۇنكھ ھۇھ تەڭرىنى يەنى تەڭداشسىز كۆك تەڭرىنى، تاغلار ۋە دەريالارنى خۇدا دەپ بىلىدۇ. ئاتا ئاسمان ۋە ئانا زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى بولىدۇ. شامان دىنىدا ئادەملەرنى ئۇلۇغ تەڭرى ياكى كۆك تەڭرىگە ھەدىيە قىلىپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەتلەر بار ۋە شۇ سەۋەبتىن شامان دىنى ئېتىقادىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئادەتتە مەخسۇس ياسالغان بىنا ياكى بۇتخانىلار بولمايدۇ. شامان دىنىنىڭ دىنىي قائىدىلىرى ئاساسەن تەبىئەتكە باغلانغان ھالدا ئىجرا قىلىنىدۇ.
                                 
    شامان دىنىدا ئەگەر بىر كىشى ئۆلسە ئۇنىڭ روھى باشقا بىر ئادەمگە ياكى ھايۋانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ ئەمما ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى ئۆز جەمەتى ئىچىگە قايتىپ كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.” بيامبادورج ئەپەندى بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ: “شامان دىنىدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا 3 قاتلامغا بۆلۈنىدۇ يەنى بىرىنچى قاتلام يۇقىرى تەبىقە بولۇپ بۇ يەردە روھلار ياشايدۇ، ئىككىنچى قاتلامدا بولسا ئىنسانلار ياشايدۇ، ئۈچىنچى قاتلام يەر ئاستىدىكى قارا دۇنيادۇر- ئۇ يەردە ئەسكى روھلار ياشايدۇ.  شامان دىنىدا جەمئىي 99 تەڭرى بار ۋە بۇ تەڭرىلەر 55 ئاق تەڭرى ۋە 44 قارا تەڭرىلەرگە بۆلۈنىدۇ".
                                                   
    ئۇ موڭغۇلىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى بۇددا دىنى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ چۈشەنچە بېرىپ، 1920-يىللىرىدىن بۇرۇن موڭغۇلىيىدە بۇتخانىلار ۋە بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ ناھايىتى كوپ ئىكەنلىكىنى، شۇ ۋاقىتتا تەخمىن قىلىنىشىچە موڭغۇلىيىدە ھەر 3 ئەرنىڭ بىرسىنىڭ بۇددا راھىبى ئىكەنلىكىنى، كېيىن يەنى موڭغۇلىيىنىڭ 1924-يىلى سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى بىر غەيرى-رەسمى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان يىللىرىدا بولسا تەخمىنەن 7 مىڭدىن ئارتۇق بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، 1937- يىلىغا قەدەر 30 مىڭدىن ئارتۇق موڭغۇل راھىبلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايا قىلىپ ئۆتىدۇ.
            
      موڭغۇلىيىدىكى شامان باخشىلىرىنىڭ پېشۋاسى بولغان زاىران د. بيامبادورج ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ، بۈگۈن ئاخشام ئۆزىنىڭ بىر قانچە شامان مۇرىتلىرىنى يىغىپ بىز چۈشكەن بۇ “ئىككى بوز ئات’’ ئارامگاھىدا گۈلخان يېقىپ، تارىختا بۇ تۇپراقلاردا ياشاپ دۇنيا سوراپ ئوتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يىغىندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مېھمانلارنىڭمۇ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.                          
     
سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغان زاىران د. بيامبادورج ئەپەندى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزنىڭ نەچچە يىللار ئېلىپ بارغان موڭغۇلىيىدىكى شامان دېنى تەتقىقاتىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان “ئۇلۇغ تەڭرى: شامان دىنىدىلا ئاسمانغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى” ناملىق شامان دىنى ئېتىقادى توغرىسىدىكى كىتابى يېقىندا موڭغۇل يېزىقىدا نەشر قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاپتور بۇ كىتابىنى يىغىنغا كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالقىش سادالىرى بىلەن يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى رەسىمى پائالىيەتلەر ئاياغلاشتى.


                                                   
"ئىككى بوز ئات" ئارامگاھىدا “كۆك تەڭرى” گە تەلپۈنۈپ تۈنىگەن كېچە



    كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا “ئىككى بوز ئات” ئارامگاھىنىڭ ئىچىگە گۈلخان يېقىلىشقا باشلىدى. ئايىغىمىز دەسسەپ تۇرغان بۇ “ئىككى بوز ئات” ئارامگاھىنىڭ كۆك ئاسمىنىنى شامان دىنى ئېتىقادىدا ئايرىلىدىغان ئۈچىنچى قاتلام قاراڭغۇ دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن گۇگۇم ۋاقتىغا تەۋە بولغان ئاجىز يورۇقلۇقنى قوغلاۋاتقان بىر ۋاقىت، شامان باخشىلىرىنىڭ پېشۋاسى زاىران د. بيامبادورج ئەپەندى ئۆزىگە ئوخشاش رەڭگارەڭ قۇشنىڭ قاناتلىرىنى بېشىغا ساڭگىل-سۇڭگۇل قادىۋالغان ئەمما ناھايىتى سىرلىق كۆرۈنىدىغان ئۇزۇن تونلۇق شامان كىيىمى كىيىۋالغان بىر ياش شاگىرتى بىلەن بىللە ئۇيغۇر دولان باخشىلىرىغا ئوخشاش  ھەممە كېسەلگە ئوقۇپ، جىن-شەيتانلارنى قوغلىۋېتەلەيدىغان ئۇيغۇر باخشىلىرىنىڭ داپلىردىنمۇ خېلىلا يوغان كەلگەن داپلىرىنى گۈلخاننىڭ يالقۇنلىرىغا تۇتۇپ شاراقشىتىپ ئىسسىتىشقا ۋە ئايەت ئوقۇشقا باشلىدى...  
                  
   كۆك ئاسماندا شەيتان يۇلتۇزلار ۋىلىلداپ چاقناپ تۇرغان، يەر يۈزىنى  تۈن قاراڭغۇلۇقى قاپلىغان كېچە. تۇرۇپ-تۇرۇپلا يۈزلىرىمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان يايلاقنىڭ تاغ شاماللىرى گۈلخاندىن كۆتۈرۈلگەن ئاچچىق ئىسلارنى ئېلىپ كېلىپ كۆزلىرىمىزگە تىقماقتا… مانا بۇ چەكسىز ئوت (مۇنكھگال) نىڭ ھارارىتىدە بەدەنلىرىمىز كۆيمەكتە...  ئەتراپىمىزدا قانداقتۇر ئېنىق ئاڭقىرغىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ يىراق ۋە يېقىنلاردىن ھۇۋلىغان ئاۋازلىرى، ئۇ بەلكىم كۆك بۆرىلەرنىڭ قاپ-قاراڭغۇلۇقتا كۆزىمىزنىڭ كۆرۈشىدىن غايىب بولغان تاغلارنىڭ باغرىلىردا ھۇۋلىغان ئاۋازلىرىدۇر، ئىشقىلىپ ئالدىمىزدا چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئاتەش- گۈلخاننىڭ سېھرى كۈچىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بىز شامان باخشىلىرى، يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلار ۋە ئۆزىمىزدىن بولۇپ جەمئىي 50-60 ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ گۈلخاننى چۆرىدەپ توپلىنىپ تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي ئەتراپىمىزنى بىرخىل سۈرلۈك كەيپىيات قاپلىغاندەك، خۇددى كۆزىمىز يەتمەيدىغان بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتا جىن-شەيتانلارنىڭ ياكى قاراڭغۇلۇقتىكى ئەسكى روھلارنىڭ بىزگە قاراپ تۇرۇۋاتقىنىنى ھېس قىلغاندەك تەشۋىشلىك ئىچىدە بىر-بىرلىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىن تۇرۇپ سەپلىرىمىزنى زىچلاشتۇردۇق.

         بىز ئۇيغۇرلاردا ھېيت ئايەم كۈنلىرى ياكى روھقا ئاتاپ ئۆيلەردە ياغ پۇرىتىدىغان ئادەتكە ئوخشاش شامان دىنىنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىدىمۇ بۇ ئادەت بار ئىكەن (بەلكىم بىزمۇ بۇرۇن شامان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ ئادەتلەرنى شۇ شامان دىنىي ئېتىقادىدىن تاكى ھازىرغىچە تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرۈپ ساقلاپ كەلگەندىمىز). بىر قانچە ياش موڭغۇل ئاياللار قاچىلاردا ئېلىپ كەلگەن بۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەن قوينىڭ پاتاڭ، توش گۆشلىرىنى، قۇيرۇق ياغلىرىنى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. پاراسلاپ كۆيۈپ ئىس چىقىرىشقا باشلىغان ياغلار خۇددى قەشقەرنىڭ كاۋاپچىلار بىلەن لىق تولغان كوچىلىرىنىڭ بىرلىرىدە كۆتۈرۈلگەن كاۋاپنىڭ تەمىگە ئوخشاش گۆش ۋە ياغنىڭ كۆيگەن ئىش ئارىلاش قاڭسىق پۇراقلىرى بۇرنىمىزغا كىرىشكە باشلىدى. مەن بىزگە ئېنگلىزچە تەرجىمانلىق قىلىدىغان سويولبولد (ئۇيغۇرچە ئىسمى پولات) ئەپەندىدىن نېمە ئۈچۈن گۈلخانغا گۆش-ياغ تاشلاپ كۆيدۈرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ جاۋابەن ماڭا “كۆك تەڭرىنىڭ ۋە بارلىق روھلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرتۇلدى” دەپ چۈشەندۈردى.


12.png


        ئۇستاز شامان باخشىسى قولىدىكى داپنى شۇنداق بىر كۈچ بىلەن شاگىرتىنىڭ تەڭكىشىدە ئۇرۇشقا باشلىدىكى دەقىقىلەرنىڭ ئىچىدە بۇ جىمجىتلىققا پاتقان يايلاقنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى. بۇ شامان باخشىلىرى ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارنى ھەر تەرەپكە سىلجىتىپ،  ئۆزلىرى بىردە ئوتتىن سەكرىسە، بىردە ئوتتىن ئايلىنىپ، گاھىدا بىر نېمىلەرنىدۇر دېگەن بولسا ئۇ سۆزلىرىنى تەكرار-تەكرارلاپ دېگەندەك، ئاجايىپ چەبدەس ھەرىكەتلىرى بىلەن بەزىدە ئىككى قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، قولىدىكى داپلارنى پۇلاڭلىتىپ دۇئا-تەكبىرلەر ئوقۇپ ئاتا ئاسمانغا، ئانا زېمىنغا، كۆك تەڭرىگە ۋە ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ روھلىرىغا بېغىشلانغان بۇ شامان مۇراسىمىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈۋەتتى.

       بىز شامان باخشىلىرى ۋە موڭغۇللار بىلەن يەرلىك ۋاقىت 12 گىچە بىرگە بولۇپ، ئەڭ ئاخىردا قوللىرىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاسمانغا ئىلتىجا قىلىپ ئاۋۋال كۆك تەڭرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 99 تەڭرىنىڭ روھىغا ئاندىن تارىختا شامان، كېيىن بۇددىست بولۇپ ياشىغان، بۇ زېمىنلاردا دۆلەتلەر قۇرۇپ سەلتەنەت سۈرگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ ۋە بۈگۈنكى ئاسارەتتىكى خەلقىمىزگە ھۆرلۈك، مۇستەقىل بىر ۋەتەن تىلەپ دۇئا-تىلەكلىرىمىزنى بايان قىلىپ شامان باخشىلىرىنىڭ پىرى زاىران د. بيامبادورج ئەپەندىگە ئۇيغۇر ئۈچۈن ئوقۇغان دۇئا-تىلاۋەتلىرگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ بۈگۈنكى شامان باخشىلىرى بىلەن بىرگە بولغان بۇ تۇنىكىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ئۈمىد ۋە ياخشى تىلەكلىرىمىزنى ئىزھار قىلىش بىلەن ھاياجانلىق مىنۇتلار ئىچىدە ئاياغلاشتۇردۇق.
                                                                                   
شۇنداق قىلىپ موڭغۇل يايلاقلىرىدا ئۆتكەن سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى كۈنى “ئىككى بوز ئات”  ئارامگاھىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن تۈگىدى.



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ داۋامىنى باغداش توربېكىتى مۇنبېرىدە پات يېقىندا ئېلان قىلىندغان « ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر  (2- قىسىم)  » دىن ئوقۇڭ.

ئادرېسى:

./thread-24299-1-1.html



7

تېما

4

دوست

5605

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1589
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 18:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ بارساق شۇ جايلارغا ،ماقالىڭىزغا رەھمەت ئەمدى بىر ئوقاي
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

306

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32153
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 18:59:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئۇرخۇن ۋادىسى ئەجدادلىرىمىز باش كۆتۈرگەن ۋە گۈللەنگەن  ئانا  تۇپراقلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر!!!

0

تېما

0

دوست

2483

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 21:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Zapar916 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 21:41  

ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر 1  قايتا تەھرىرلەندىمۇ قانداق ؟  ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى توغرىسىدىكى بايانلار بارئىدى ، كەچتە بۇ ماقالىنى تولۇق بىر كۆرەي دەپ قارىسام ئەمدى يوق تۇرىدۇ، يەنە ھەجىىم جەھەتتە سەل قىسقارتىلغاندەك قىلىدۇ

16

تېما

19

دوست

4581

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 152
تۆھپە : 1826
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 22:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zapar916 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 21:39
ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر 1  قايتا تەھرىرلەندىمۇ قانداق ؟  ...

پەرزىمچە سىز نىڭ كۆرگىنى «ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» نىڭ 2- قىسمى. (بۇرۇنقىسى) . مەزمۇن كېمەيتىلمىدى ئەكسىچە كۆپ مەزمۇنلار قوشۇلدى.
./thread-24299-1-1.html

ھازىر ئوقۇۋاتقىنىڭىز « ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر»  نىڭ  1- قىسىمى.

كەچۇرەيسىلەر، ۋاقىت ئېھتىياجى تۇپەيلى شۇنداق بولۇپ قالغان. ئەمدى ھازىر  «ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» ناملىق بۇ ماقالە قىسمەن ئۆزگەرتىلىپ، تولۇق ئېلان قىلىندى.



./thread-24299-1-1.html

16

تېما

19

دوست

4581

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 152
تۆھپە : 1826
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 23:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامۇئەلەيكۇم باغداش تور ئەھلى! يېقىندا ۋاقىت چىقىرىپ «ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» نامىلىق ماقالىنى قايتىدىن تەھرىرلەپ  «ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» 1- قىسىم ۋە 2- قىسىم قىلىپ پۈتۈ ماقالىنى تولۇقى بىلەن يوللاپ قويدۇم. بۇرۇن يوللانغىنى «ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر» دىگەن ماقالىنىڭ 2- قىسىم ئىدى. بۇ قىسمىمۇ تولۇقلۇنۇپ قايتا يوللاندى. خەۋەردار بولۇپ قالغايسىلەر.  رەھمەت!


ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر (1- قىسىم)


./thread-27441-1-1.html


ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر (2- قىسىم)

./thread-24299-1-1.html

16

تېما

1

دوست

2950

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 17:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرىڭىزگە رەھمەت ! بەكمۇ سۆيۈندۈم !

169

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6594
تۆھپە : 6677
توردىكى ۋاقتى: 1566
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 10:14:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     "بۇ ئەسىرنىڭ كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللار يوقىلىپ كەتتى. بىر مىللەتنىڭ تىلى قانچە ئاجىزلاشسا شۇ مىللەت خەلقىمۇ شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ. شۇڭا ھەر-بىر يازغۇچى ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك!”
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )