قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3731|ئىنكاس: 175

ئىسلامنىڭ ھۆججىتى-ئىمام غەززالى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

4

دوست

3109

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 985
توردىكى ۋاقتى: 466
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 06:22:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمام غەززالى ھەققىدە
   
*    نام شەرىپى: مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد غەززالى بولۇپ، تۇس شەھرىدىن. ئەبۇ ھامىد كىنايە ئىسمى،‹ئىسلام ھۆججىتى› نامى بىلەن مەشھۇر.
    تۇغۇلغان ۋاقتى: غەززالى ھىجرىيە 450-يىلى (مىلادىيە 1058-يىلى) خۇراسان رايونىدىكى تۇس شەھرىدە دۇنياغاكەلگەن. خۇراسان شۇ دەۋىردە ئالىملار ۋە دانىشمەنلەر تولغان شەھەر ئىدى. غەززالىمۇشۇ ئىلىم مۇھىتىدا ياخشى ئۆسۈپ يېتىلدى. ئائىلسى توغرا نىيەتلىك، تەقۋادارئائىلە بولۇپ، دادىسى ئىلىم ئەھلىنى ياخشى كۆرىدىغان سالىھ ئادەم ئىدى. ھالال ئەمگىكى بىلەن مىھنەت قىلاتتى، يۇڭ توقۇيدىغان كىشى بولۇپ، ئائىلسىنى شۇ كەسىپبىلەن تەمىنلەيتتى. ۋەز-نەسىھەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ سورۇنىغا داخىل بولاتتى. دادىسى پىقھى دەرسىگە قاتناشسا ئاللاھتىن پەقىھ پەرزەنت بېرىشنى تىلەيتى، ۋەز-نەسىھەت دەرسىگە داخىل بولغاندا، ۋائىز پەرزەنت بېرىشنى تىلەيتى. اللە بۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. دېگەندەك بىرئوغلى ئۆز زامانىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پەقىھسى بولۇپ يىتىشتى. يەنە بىر ئوغلى ئەھمەد يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئۆتكۈر ۋائىز بولۇپ چىقتى، بۇنىڭ نەسىھىتى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر ھىدايەت تاپتى. دادىسى بۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئالەمدىن  ئۆتكەن. ئاتىسى ۋاپات بولۇش ئالدىدا غەززالى بىلەن ئەھمەدنى بىر دوستىغا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان، دوستىغا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلىمسىز قالغان كىشى، مۇشۇ ئىككى نارەسىدە بالامنى قالدۇرۇپ قويغان مىراسىنى ئىشلىتىپ ئوقۇتقىن». بۇ ھاۋالە قىلىنغان ياخشى كۆڭۈللۈك ئادەم ۋەدىسىنى ئىشقائاشۇردى. ئاتىسى قالدۇرۇپ قويغان مىراس تۈگىگىچە ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىدى.ئىككى نارەسىدىگە مۇنداق دېدى:« سىلەر بىلسىلەر، ئاتاڭلاردىن قالغان مال-دۇنيا تۈگىدى. مەن كەمبەغەل ئادەم، ئىككىڭلارنى باقىدىغانغا مېنىڭ ئىقتىسادىم ياربەرمەيدۇ. مېنىڭچە سىلەر ئەڭ ياخشىسى بىرەر خانلىق مەدرىسكە ئورۇنلىشىڭلار، سىلەر ئۇ يەردە قورسىقىڭلارنى باقالايسىلەر، چىقىمىڭلاردىن خاتىرجەم بولىسىلەر». شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننى مەدرىسكە ئەكىرىپ بەردى، مانا بۇ ئىككەيلەننىڭ كۆزگە كۆرۈنىشىگە سەۋەپ بولغان. بۇ غەززالىنىڭ «بىز اللە ئۈچۈن ئىلىم ئالمىدۇق، بىراق بىلىم اللەنىڭ غەيرىگە بوي سۇنمىدى، ئەمما مىنىڭ ئىشىندىغىنىم پەقەت اللەدۇر» دېگىنىدۇر. شۇ ۋاقىتتىكى مەكتەپ تۈزۈمى ئىلىمغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋەياتاق راسخوتلىرىنى كۆتۈرەتتى.
  غەززالىنىڭ ئىلىم ئۈگۈنۈش جەريانى:
     غەززالى دەسلەپ ئاتىسىنىڭ دوستى قولىدا تەلىم ئالدى. كىيىن ئىنىسى ئەھمەد بىلەن مەدرىسكەكىردى. ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە تۇستا ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد رازكاندىن ئىلىم تەھسىلقىلدى، بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇرجانغا بېرىپ، ئەبۇ نەسىر ئىسمائىلدىن تەلىم ئالدى. ئۇ ئوقۇغان بىلىملىرىنى خاتىرە  قالدۇرۇپ ماڭاتتى،ئۇ ھىرىسمەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇغان بىلىملىرىنى سىستىملاشتۇرۇپ  ماڭاتتى.
       غەززالى جۇرجاندىن تۇسقا قايتقۇچىلىك قاراقچىلار ھەممە نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ،  يازغان خاتىرىلىرىنىمۇ ئېلىۋالىدۇ. بۇنى غەززالىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى: «ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، خاتىرەمنى قايتۇرۇپ بىرىڭلار. سىلەر پايدىلنالمايسىلەر».  قاراقچىلار: «نېمە خاتىرە ئۇ؟» دەپ سورىدى. «سىلەر تارتىۋالغان سومكىدا يازغان خاتىرىلىرىم بارئىدى. شۇنى يېزىش، ئاڭلاش ئۈچۈن جۇرجانغا بارغان ئېدىم. بولمىسا ئۈگەنگەنلىرىم يوقاپ كېتىدۇ» دېدىم. «سېنىڭدىن خاتىرىنى ئېلىۋالساق يوقاپ كېتىدىغان قانداق ئىلىم ئىكەن ئۇ؟ يەنە بىر نەرسە بىلىمەن دەپ يۈرەمسەن؟» دېدى ھەمدە ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئاشۇ نەسىھەتنى قاتتىق ئويلاندىم. تۇسقا بارغاندا يازغان نەرسىلىرىمنىڭ ھەممىنى يادلىۋالدىم. ناۋادا خاتىرىلىرىم يوقاپ كەتسىمۇ ئۇنۇتمايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدىم. غەززالىنىڭ ھىممىتى كىچىكىدە بولسۇن ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بولسۇن پۈتكۈل ھاياتىدا مۇشۇنداق زور ئىدى.
غەززالىنىڭ نىشاپۇرغا بېرىشى ۋە ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىشى:
     ئىمام غەززالى يەنە بىر قېتىم بىر بۆلەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇراساننىڭ مەركىزى چوڭ شەھرى نىشاپۇرغا سەپەر قىلىپ ماڭدى. نىشاپۇر ئىلىم ۋە تۈرلۈك ئالىملار كەڭ، مول مەدەنىيەت بىلەن مەشھۇر شەھەرئىدى. بۇ يەردە ئىمام ھەرەمەيننى ئۇستاز تۇتتى، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالدى. قۇرئاننى يادلىدى، تىرىشىپ ئوقىدى. ھەتتا پىقھى ۋە باشقا ئىلىملاردە زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى.شۇ ھالدا كېڭىيىپ مەزھەپ، مۇنازىرە، لوگىگا، قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆزگە كۆرۈندى. ئاشۇ ۋاقىتتا يېشى 28دىن ھالقىش ئالدىدا ئىدى. پۈتكۈل ئىلىمنى ۋايىغا يەتكۈزگەن بولۇپ، بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرەتتى. ھەرقايسى ئىلىم ئىگىلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلاتتى، رەقىپلىرىنى يېڭىپ چىقاتتى.
غەززالىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى:
       ئۇستازى الھەرەمەيىن غەززالىنىڭ تەڭتۇشلىرى ئارىسىدىكى ئۈستۈنلىكىنى كۆرۈپ، ساۋاقداشلىرىغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋالدى. غەززالى ئۇستازى بار ياكى يوق ۋاقىتلىرىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇستازى غەززالىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «غەززالى مول دېڭىزدۇر. بىراق بۇ دەرىجىگە بىزنىڭ ھېسداشلىقىمىز بىلەن ئېرىشمىدى،بەلكى ئۆزىنىڭ غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە پاك سەمىمىي تەقۋالىقى بىلەن ئېرىشتى.»
       ئىمام غەززالى «ئازغۇنلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى»ناملىق ئەسىرىدە:« بىر ئىشنىڭ ماھىيتىنى بىلىشكە ئالدىراش مېنىڭ ئادىتىم ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدىلا اللە ئاتا قىلغان تەبىئىي ھىسىيات بولۇپ، بۇ قابىلىيەت مېنىڭ ئۆگىنىشىمدىن ھاسىل بولغان ئەمەس» دەيدۇ. ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، سالجۇقلار ۋەزىرى نىزامۇل مۈلۈكنى ئىزدەپ باردى. بۇ ۋاقىتتا ۋەزىر نىشاپۇردا ئىلىم سورۇنلىرىغا يىتەكچىلىك قىلۋاتاتتى. غەززالى بۇسورۇندا ئالىملار بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ، بۇلارنى يېڭىۋالدى. كۆپچىلىك بۇ زاتنىڭ تالانتىغا قايىل بولۇشتى. ۋەزىرمۇ ھۆرمەت-ئىكرام بىلەن قوبۇل قىلدى. بۇ ۋەزىر ئۆلىمالارنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى. شۇنىڭ بىلەن غەززالىنى ئىسلام خەلىپىلىك مەركىزى بولغان باغدادقا بېرىپ مەشھۇر نىزامىييە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىككە تاللاپ يولغاسالدى.
غەززالىنىڭ باغداتتىكى نىزامىييە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشى:
       ئىمام غەززالى ۋەزىر نىزامۇلىكنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بۇلۇپ، ھىجرىيە 484-يىلى جمادى الاولى ئىيىدا باغدادقا قايتىپ كەلدى. خىزمىتىگە تۇتۇش قىلدى، ئاشۇ ئالىي مەدرىستە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. كىشىلەرنى مول ئىلمى، گۈزەل مېتودى بىلەن ھەيران قالدۇردى. ئىلىم ھەۋەسكارلىرى بۇ زاتنىڭ ئىسىل پەزىلىتى، تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، لوگىگلىق دەلىلىنى كۆرۈپ، تەلىم ئېلىشقا باشلىدى. كىشىلەر بۇ ئىمامنىڭ ئىلمى ۋە تەلقىنلىرىدىن، گۈزەل ئۇسلۇبىدىن پايدىلاندى. خۇراسان رايونىنىڭ ئىمامى بولغاندىن كىيىن، ئىراقنىڭ ئىمامى بولدى. بۇ زات ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەت تىكلەنگەن ئىدى.كىشىلەر ھۆرمەتلەپ ئالقىشلايدىغان، نامى پۇر كەتكەن، سۆزىنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان زات ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىممەتلىك كىتابلارنى يازاتتى، بۇ ئىش ھىجرىيە 488-يىلىغىچە داۋاملاشتى.
غەززالىنىڭ نام-شۆھرەتتىن تۇيۇقسىز تەنھالىققا ئۆتۈشى:
    غەززالىنىڭ نام-ئابرويى پۇر كەتكەن مەزگىلدە، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ ھىجرىيە 488-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، مۇدەررىسلىكنى تاشلاپ زاھىدلىقنى تاللىدى. نامەلۇم بىر ئىللەت پەيدا بولغاندەك قىلاتتى. زېھنى ئاجىزلاپ، ئشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھەتتا بىر نەرسە يىيەلمەس بۇلۇپ قالدى. تېۋىپلارمۇ ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن شامغا كەلدى. غەززالى شۇ ۋاقىتتا مۇنداق دەيدۇ:« قەلبىمدە پانىي ئالەم بىلەن باقىي ئالەم ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يېرىم يىلدەك داۋاملاشتى.اللە تىلىمنى بەنت قىلىۋەتكەن بولۇپ، دەرسمۇ سۆزلىيەلمىدىم. كىشىلەرنىڭ ماڭاقارىتا ھەرقىسىم گۇمانلىرى قوزغالدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تىنجىتىش ئۈچۈن دەرسئۆتۇشكە تەمشەلدىم، بىراق بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدىم. ھەتتا بۇ تىل تۇتۇلۇش بىنورمال روھىي ھالەت پەيدا قىلدى. تېۋىپلار ساقىيىشىمدىن ئۈمىد ئۈزدى.ئىختىيارلىقىم ئومومەن نابۇت بولغاندىكىن، ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقىمنى ھېس قىلدىم،ئامالسىز قالدىم. شۇنىڭ بىلەن اللە دىن ياردەم تىلىمەي بولمىدى. اللە دىن تىلىگەندە ئۇنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتىم، نام-شۆھرىتىمنى ئۇنتۇشقا، بالا-چاقىلىرىم ۋەدوستلىرىمنىڭ سىرتىغا قويۇشقا ئۈندىدى، مەككىگە بېرىش قارارىغا كەلدىم، ئەمماشامغا بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنتىم. چۈنكى خەلىپە شامدا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلسە بولمايتتى. باغدادتىن بۇ يەرگە قايتا كەلمەسلىكنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقتىم.ماللىرىمنى كىشىلەرگە بۆلۈپ بىرىپ ئازغىنە پۇل ئىلىپ قالدىم. غەززالى«نىزامىييە»مەدرىسىگە ئىنىسى ئەھمەدنى قويۇپ، 489-يىلى دەمەشىققە كىرىپ، ئۇمەۋىي مەسجىدىنىڭ غەرب تەرىپىدە بىر مەزگىل ئىتىكاپتا ئولتۇردى.
      شۇ يىلى ھەج قىلىپ دەمەشىققە يەنە قايتىپكەلدى. سوپىلارچە تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى، ئۆزىنى ئېغىر ئىبادەتلەرگە چېنىقتۇراتتى. مۇشۇ مەزگىلدە بۈيۈك ئەسىرى «دىنى ئىلىمنىڭ گۈللىنىشى»نى يىزىشقا باشلىدى. بۇھەقتە ئىمام ھەدداد دىگەن ئالىم مۇنداق دەيدۇ: « بۇ كىتابتەك شامىل ئەسەر ھېچقاچان يېزىلمىغان». مۇشۇ ھالەت ئون يىلدەك داۋام قىلدى. ئالىملار غەززالىنىڭ تۇيۇقسىز نىزامىييە مەدرىسىنى تاشلاپ كېتىشىگە قاراپ، بۇ بىر ساماۋىي ھادىسە، بىرەرسىنىڭ كۆزى تەگكەن بولسا كىرەك دېيىشتى.
       غەززالى«ئازغۇنلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇدەررىسلىك قىلىش ھەققىدە ئويلانغان ئىدىم، بىراق ئۇ اللە رىزالىقى ئۈچۈنبولماپتۇ، بەلكى شەخسىي نام-ئابروي، شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ھالاكەت گىردابىدا ھېس قىلدىم، باغدادتىن چىقىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم.ئويلىنىپ ئىشلىرىمدا ئاخىرەت روھى يوقتەك ھېس قىلدىم. شەيتانى نەفس نام-ئابرويغا سۆرەيتتى، ئىمانىي كۈچ ئۆلۈمنى ئەسلىتەتتى. غەززالى زاھىد تۇرمۇشنى تاللاش ئالدىداھاياتىنى، ئىقتىسادىنى، نوپۇز، مال-دۇنيا، يۇقىرى مەنسەپ، پەخىرلىنىش قاتارلىقئشلاردا قاتتىق ئويلانغان ئىدى. بۇلارنىڭ ماھىيىتى، دەرت-ئەلىمىنى، پايدا-زىيىنىنىتونۇپ، ئىساننى بەختلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. اللەغا ھەقىقى رەۋىشتەيۈزلەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئۆزىنى دۇنيا لەززىتىدىن تارتىپ چىقىپ ئىلاھى نۇرغا يۈزلەندى. يالغۇزلۇقنى خالاپ، ھوزۇر-ھالاۋەتنى تەرك ئەتتى. باقىي ئالەمنى پانىي ئالەمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئالىي ھىممەت بىلەن اللە تەرىپىگە يۈزلەندى. ئۇنى مال-دۇنيا، يۈز-ئابروي مەشغۇل قىلالمايدىغان بوشلۇقتا ياشاشنى ياخشى كۆردى.
غەززالىنىڭ باغدات ئارقىلىق تۇسقا قايتىشى:
      غەززالى ھىجرىيە 499- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە،دەمەشىقتە تۇرۇپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىبادەت ۋە نەپسىنىڭ شەھۋانىي تۇيغۇلىرى بىلەن كۆرەش قىلدى. مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خۇراسانغا يول ئېلىپ، قايتاشىدا باغدادقا كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇزاق تۇرماي، ئازغىنە ۋەز-نەسىھەت سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئىھيا»ناملىق كىتابنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بەردى. ئاندىن تۇغۇلغان يۇرتى تۇسقا قايتىپ كەلدى.ئادىتى بويىچە ۋاقتىنى كىتاب يېزىش ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولدى. بىراق شۇ يىلىزۇلقەئدە ئېيىدا ۋەزىر پەخرۇل مۇلىك نىشاپوردىكى نىزامىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئاخىرى11يىلدىن كىيىن مەدرىسكە قايتىپ كەلدى. غەززالى ئۇزاق سىناقتىن كىيىن قەلبى پاكلىنىپ، زاھىتلىق ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدى. غەززالى قايتا مۇدەررىسلىك قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىرقانچە يىل زاھىتلىق بىلەن يۈرگەن بولساممۇ، نىشاپۇردىكى مەرىپەت چۈشكۈنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ،  مۆتىۋەرلەرنىڭ تەلىپى بىلەن قايتىپ كەلدىم. چۈشۈمدە بۇ ئىلاھى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بولۇپ كۆرۈندى. ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئىمانى سۇسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مۇشۇ پەيتتە ئۇلارغا ئىلىم ئۆگىتىش زۆرۈر مەجبۇرىيىتىم ئىدى. ئۆزۈمگە دېدىمكى: كىشلەرنى كېسەل باسقان،  تېۋىپلارمۇ كېسەل بولغان، بۇ ئىللەت كىشىلەرنى ھالاك بولۇشقا ئىتتىرگەن تۇرسا، نىمىشقا كىشلەردىن تەنھا يۈرۈيسەن!»
      بىر يىل مۇدەررىسلىك قىلا-قىلماي پەخرۇلمەلىك قەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. غەززالى يەنە تۇسقا قايتىپ كەلدى، سەپەر قىلماسلىققا بەل باغلاپ، ئۆيىنىڭ يېنىغا مەكتەپ سېلىپ مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللاندى.ئوقۇغۇچىلار يەنە كەلگىلى تۇردى، ۋاقىتنى بۆلۈپ خىلمۇ-خىل پەنلەردىن دەرس ئۆتتى،مىنۇت ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي سالىھ ئەمەل، قۇرئان ئوقۇش، ۋەز-نەسىھەت،ھاكىملارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن مەشغۇل بولدى. غەززالى سالجۇق تۈركلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان دەۋىردە ياشىغان بولۇپ سالجۇقلار ھىجرىيە 5- ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى باشقۇراتتى. بۇلار سۈننىي مەزھىپىدە بولۇپ ئىلىم ئەھلىلىرىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى، پەندى-نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. بۇلار غەززالىنىمۇ يۇقىرى ئىكرام بىلەن ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، باغدادتىكى نىزامىييەمەدرىسىگە تەكلىپ قىلسا، ئۆزرە بايان قىلىپ رەت قىلدى. نىزامىييە مەدرىسى ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، ۋەزىر نىزامۇل مۈلىك بىنا قىلغان بۇ ئىسلام تىرىتورىيسىدىكى بىلىم بۇلىقى ئۆلىمالارنىڭ مۇنازىرە ھەم سۆھبەت قىلىشىدىغان پاناھگاھى ئىدى.
ھەسەتخورلارنىڭ غەززالىغا ئازار بېرىشى:
      غەززالى ھەسەتخورلارنىڭ زىيىنىدىن بەكمۇئازار يىگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئۇنى پادىشاھ سەنجەرگە چېقىپ ئوردىغا كېلىشكە مەجبۇرقىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى بىتچىت بولدى. ئۇنىڭدىن كىيىن كىتابلىرىغاتېگىش قىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ئەھلى-سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىگە مۇخالىپسۆزلەرنى قوشىۋەتتى. غەززالى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« دەئۋەت ئىشلىرى داۋامقىلىۋاتقان، دەرس قىزغىن ئوقۇلىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار توپ-توپ ھالدا كېلىۋاتقان پەيتتە، ھەسەتخورلارنىڭ ھەسىتى قوزغىلىپ ھىچ ئەيىب تاپالماي، «ئازغۇنلارنىڭ نىجات يۇلتۇزى» «نۇرلۇق چىراغ»ناملىق ئەسەرلىرىمگە كۇفرى سۆزلەرنى قېتىۋەتتى. (كىم؟)بۇ ئىككى كىتابنى ئىجازەت يېزىپ بېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئەۋەتىپتۇ. كۆڭلۈمگە اللەنىڭ ئىلھامى كەلدى بولغاي، كىتابنى ۋاراقلاپ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى سېزىپ قالدىم. خۇراسان ھاكىمىمۇ كۆرۈپ كىتابنى ئۆزگەرتكۈچىنى تۈرمىگە قاماپ قويدى.«مەنخۇل»ناملىق كىتابىمغا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە تىل-ئاھانەت بولىدىغان قانچىلىغان ئىبارىلەرنى كىرگۈزۋەتكەندۇ، بۇنى اللە بىلىدۇ. مەن ئەبۇ ھەنىفەنى ھەرگىزمۇ ئەيىبلىمەيمەن.
غەززالىنىڭ ئەسەرلىرى:
      غەززالى كۆپ ئەسەر يازغان بولۇپ، اللە بۇ كىشىنىڭ ۋاقتى ۋە خىزمىتىگە بەرىكەت بەخش ئەتكەن. ئەرەب، پارس تىلىدا خىلمۇ-خىلپەنلەردە ئەسەر يازغان يىگانە شەخىستۇر. كىتابلىرىنى توپلاپ سىتاستىكا سىتاتېستىكا قىلىنىشچە، بۇ كىشىنىڭ ياشىغان يېشىغا نىسبەتەن تۆت ۋاراقتىن توغرا كەلگەن. بىر قانچە ئەسەرلىرى چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. ئەسەرلىرىدىن «ۋەسىيت» «بەسيت» «ۋەجىز» «خۇلاسە» قاتارلىقلارئىسلام پىقھىسى توغرىسىدا. «مەنخۇل» «شىفائۇلغەلىل» «تەھزىبۇل ئۇسۇل» «مۇستەسفا مىن ئىلمىلئۇسۇل» «ئىھيائۇلۇمىددىن» «مىنھاجۇلئابىدىن» «ئەلمۇنقىز مىنەززالال» «تەھاپۇتۇلپەلسەپە» «بىدايەتۇل ھىدايە» «ئەلمەقسىدۇل ئەسنا» «ئەلرەددۇ ئەلەل باتىنىييە» ۋەھاكازالار.
خاتىمە:
      كۆپلىگەن تارىخچىلار غەززالىنىڭ ئىماملىقىغا بىردەكلىككە ئىگە. مەيلى بۇ زات بىلەن پىكىردە مەسلەكداش بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كامالەت ئىگىسى ئىكەنلىگە قايىل. بايان قۇۋۋىتى، لوگىكىلىق دەلىللەش، تەبىئى تالانت ۋە زەكىلىكتە زامانداشلىرىنىڭ يىگانە كۆزى. دەسلىپىدە خۇراسان، كىيىن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىنىي داھىيسىغا ئايلاندى. شۇنداقلا ھىجرىيە 5-ئەسىرنىڭ جەدىتچىسى. رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« اللە مۇشۇ ئۈممەتكە ھەرئەسىرنىڭ بېشىدا دىننى يېڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ.» ھىجرىيە 1-ئەسىردە ئۆمەر بىننى ئابدۇل ئەزىز،ھىجرىيە 2- ئەسىردە ئىمام شافىئى، ھىجرىيە 3- ئەسىردە ئبنى سەرىج ئەشەئەرى،ھىجرىيە 4-ئەسىردە ئەسپىرانى، ھىجرىيە 5-ئەسىردە ‹ئسلامنىڭ ھۆججىتى› غەززالىدۇر. ھىجرىيە 9-ئەسىردىكى داڭلىق مۇجتەھىد جالالىدىن سۇيۇتى «غەززالىنىڭ جەدىتچى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دەيدۇ. غەززالى يۇرتى تۇستا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بىدئەتچىلەرگە، ئازغۇن پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىش، كىتاب يېزىش، پەتىۋا بېرىش ۋەدەرس ئۆتۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھىجرىيە 505-يىلى جۇمادى ئاخىرنىڭ 14- كۈنى دۈشەنبە تۇستا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. اللە بۇ زاتتىن رازى بولسۇن! اللە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چەكسىز رەھمىتى بىلەن قۇچاق ئاچسۇن!
مەنبە: «ئىسلامىيەتتىكى مەشھۇر شەخىسلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

145

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5789
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2670
تۆھپە : 2537
توردىكى ۋاقتى: 2312
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 13:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ كىشىگە جەننەتى پىردەۋىستىن ئورۇن بەرسۇن ......ئامىن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

12

دوست

7082

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   41.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2098
توردىكى ۋاقتى: 539
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 14:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە ھەسسىلەپ ساۋاپ ئاتا قىلسۇن  ،  ئاخىرتىنى  خەيرىلىك قىلسۇن .

0

تېما

0

دوست

1040

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 14:18:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karwan32 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 14:25  

بەكمۇ ياخشى ئەسەركەن،ئۇقۇپ بەك زوق ئالدىم،يېقىنقى ۋاقىتتا باغداشتا  ئۇقۇغان  ماقالىلار ئىچىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ماقالە بوپتۇ،بولۇپمۇ مۇدەررىسلىك ئىشىنى ئاللاھ ئۈچۈنلا بومىغاندەك ھىس قىلىپ تاشلىۋىتىپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن يەرلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى،،، ماقالىنى ئۇقۇپ  بۇ مۇنبەردىكى توختىماي مەن مۇنداق مۇنداق نەرسىلەرنى يازسام باشقىلار ئۆز نامىدا چىقىرىۋاپتۇ،ياكى مىنىڭ يازغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ قويماپتۇ دەپ قاقشايدىغانلارغا بۇ ماقالە ياخشى بىر ئۆلگە بولغۇدەك ھىس قىلدىم،ھەم ئاشۇنداقلارنىڭ بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،يازغانلىرىنىڭ خالىس (رىيادىن خالى )بولۇشىنى ،خالىس(رىيادىن خالى) بولغان يازمىلارنىڭ بەكمۇ تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمەن ،،،،،،،ئاخىرىدا ئاللاھدىن غەززالىيغا ۋە بۇ كىشىنى بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ مەزكۇر ماقالىنى يازغان كىشىگە رەھمەتلەر تىلەيمەن.

0

تېما

1

دوست

645

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 15:58:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھتىن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ،گۇمراھلاردىن بۇلۇپ قالماسلىقىنى،پانى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ھالاۋىتى ئۈچۈن ئاخىرەتتىكى ياخشى ماقامدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن،ئاللاھ ھەممە ئۇيغۇرغا ھەقىقى ئىمان ئاتا قىلسۇن،ئامىن!!!!!!!!!!

0

تېما

1

دوست

645

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 15:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە يوللىغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.....

0

تېما

0

دوست

1994

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 592
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 16:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karwan32 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 14:18
بەكمۇ ياخشى ئەسەركەن،ئۇقۇپ بەك زوق ئالدىم،يېقىنقى ۋاق ...

توغرا بۇرادەر، قەلىب دىگەن شۇنداق بۇلشى كىرەك، بۇ تىمىنى يازغان كىشىگە ئاللا رەخمەت قىلسۇن،

2

تېما

3

دوست

4014

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 404
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 17:06:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور بېتىمۇ بار
http://www.ghazali.org/index.html

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )