بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
مەن ئۆزەمنىڭ بۇ يىل 7-نويابىر كۈنى تورلارغا چىقارغان «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى» دېگەن ماقالىسىدە بىزنىڭ ئىدارىمىز JPL نىڭ باشقۇرغۇچىلىرى جىددىي ۋاقىتلاردا بىزدىن كۆپرەك ۋە قاتتىقراق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم [1]. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى يالغۇز ئىدارە خادىملىرىنىڭ تۇرمۇشىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىزىقىشلىرىغا ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان باشقا ھەممە ئىشلارغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىدارە خادىملىرىنىڭ قانداق تەلەپلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىدارىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم سىرتتىن بىر كەسپىي شىركەتنى ياللاپ، پۈتۈن ئىدارە دائىرىسىدە نامسىز پىكىر توپلاش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىپ، شۇ ئاساستا ئىدارە خادىملىرىنى رازى قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى چارە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىقىدۇ.
بىزنىڭ ئىدارىنىڭ 1-قول باشلىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئورنى خېلى ئۈستۈن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن پات-پات كۈرىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىردەك كېلىدىغان لوس ئانژېلىس شەھىرىگە خىزمەت بىلەن بارىدىغاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بېرىپ كېلىدۇ. ئاشۇنداق بىر ئادەممۇ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدۇ. ئۇ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ناسا نىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئىدارىدىكىلەرگە يىغىن ئاچىدىغان بولۇپ، بىز ئۇ يىغىنغا ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن قاتنىشىمىز. ئۇ ھەر قېتىملىق يىغىندىن كېيىن كەم دېگەندە 15 مىنۇت ۋاقىتنى سوئال-جاۋاب ئېلىپ بېرىشقا ئاجرىتىپ قويىدۇ. شۇ ۋاقىتتا خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن خالىغان سوئالنى سورىيالايدۇ. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشەلەيدۇ. ھەر قېتىملىق يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇ «ئەگەر بىرەر تەكلىبلىرىڭلار بار بولسا مېنى بىۋاستە ئىزدەڭلار. ئىشخانامغا كېلەلمىسەڭلار ماڭا ئېلخەت يازساڭلارمۇ بولىدۇ»، دەپ تۇرىدۇ.
قىسقىسى، بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى ئىدارە خادىملىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. خۇددى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكىگە ئوخشاش، بىزنىڭ ئىدارىمۇ «تاغدا ئۇزۇنغا مېڭىش گۇرۇپپىسى»، «ۋېلىسپت گۇرۇپپىسى»، «يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغان ئانىلار گۇرۇپپىسى»، «مۇزىكا گۇرۇپپىسى» قاتارلىق ئىدارە خادىملىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىۋالغان گۇرۇپپىلار بار.
بۈگۈن، يەنى 2014-يىلى 19-دىكابىر كۈنى (ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى كالىفورنىيەنىڭ ۋاقتىدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9 بولدى، بىزنىڭ ۋاقتىمىز بولسا جۈمە كۈنى كەچ سائەت 7 بولدى. مەن ئۆيگە ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ئاندىن بۇ يازمىنى تەييارلاۋاتىمەن) بىزنىڭ ئىدارىدە ئاشۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچىدىكى «كلاسسىك ۋە ئاسار-ئەتىقە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى» نىڭ «ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى» بولدى. بۇ پائالىيەت ھەر يىلى دىكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئىدارىدىكى كلاسسىك ۋە كونا ئاپتوموبىللارغا قىزىقىدىغان، ھەمدە ئۆيىدە ئاشۇنداق ماشىدىن بىرەرسى بار كىشىلەر شۇ كۈنى ماشىنىسىنى ئىدارىگە ھەيدەپ كېلىپ، ئۇنى بەلگىلەپ بەرگەن يەردە كۆرگەزمىگە قويىدۇ. كۆرگەزمىنى كۆرۈش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىرگىچە جەمئى 2 سائەت داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چېنىقىش ئۈچۈن يول ماڭغاچ ئۇ يەرگە مەنمۇ بېرىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنىلارنى رەسىمگە تارتىۋالدىم. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ ئىچىدە 1913-يىلى، 1914-يىلى، 1933-يىلى، ۋە 1934-يىلى ياسالغان ماشىنىلارمۇ بار بولۇپ، قالغانلىرى بۇلاردىن سەل يېڭىراق ئىكەن.
كۆرگەزمە ئورنىدا تېخى بىر گۇرۇپپا مۇزىكاتلار نېق مەيداندا مۇزىكا ئورۇنلاۋېتىپتۇ.
بىزنىڭ ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئىچىدە بىر كونا ماشىنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ماتورىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن ياساپ، ھازىرقى «پارتلاپ ئىتتىرىش» (بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىسمىدىكى ئىنگلىزچە «Jet Propulsion» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ «پارتلاپ ئىتتىرىش» تۇر) تېخنىكىسى بىلەن ماشىنىنى سائەتىگە 300 كىلومېتىردىن تېزراق ماڭىدىغان قىلىۋېتىدىغان كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇرۇن مەن بىلەن ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا ئىشقا-بېرىپ كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق خادىمدىن بىرسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ماشىنىسىنى مەن بىر قانچە قېتىم كۆرگەن بولۇپ، ئۇ خۇددى ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدىكى ماشىنىلارغا ئوخشايدىكەن.
تۆۋەندىكى مەن بۈگۈنكى كۆرگەزمىدە تارتىۋالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] بىلىمخۇمار: «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى»
http://bbs.izdinix.com/thread-60579-1-1.html
|