ئەدەبىي تەنقىدكە ئەخلاق كېرەك
(ماقالە)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
قاراخانىيلار سۇلالىسىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىنى ۋە سەھىيەسىنى ياراتقان ئەدەبىياتىمىز ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن ھالقىغاندا بىرھازا ھالسىراپ، 20 - ئەسىرنىڭ مۇقەددەملىرىدە يەنە روناقلىققا قاراپ يۈزلەندى. بىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۇشبۇ ئەجەل ھەلقۇمىدىن سالامەت قالغانلىقىغا ئەلۋەتتە خۇش.
قوشنا ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا بىزدە رومان ژانىرىنىڭ ئىختىرا بولۇشىغا ياندىشىپ، بىر توپ ئەدەبىي ئوبزور قوشۇنى تۇغۇلدى. ئۇلار ئەدەبىيات ئوردىسىغا مەرھەمەت قىلغان نادىر ئەسەرلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەدھىيە بىلەن داستىخان يۆگىگەن بولسا، ناچار پۈتكەن يازما دۆۋىلىرىگە قارشى تەنقىد جەڭگاھىغىمۇ ئاتلاندى. بىز بۇنىڭدىنمۇ قەۋەت خۇرسەن.
بىراق، بىز بىر ئىشتىن خاپا. بىزدە ئەزەلدىن يوقالماي كېلىۋاتقان بىر زىددىيەتلىك ھالەت باركى، ماختاش گۈللىرىنى ئىنتايىن ئىتتىك ھالدا ئېتىكىگە پاتۇرالىغان ئەقلى چولتا يازغۇچىلىرىمىز ئۇنىڭ ئازغىنە تىكەنلىرىنى قوبۇل قىلالمىدى. كىچىككىنە تەنقىد ئۇلارغا ئار كەتتى. بۇ ھال شۇنى روشەنلەشتۈردىكى، بىز تۆگىدەك ماختاش كەلىمىلىرىنى سىغدۇرۇشقا كۆڭلىمىزنىڭ يوغان تۆرىدىن جاي راسلىغان بىلەن، تۈگمىچىلىك رەددىيەنى، قۇسۇرىمىزنىڭ شولىسىنى ئۇنىڭ پەگاھىغا بولسىمۇ قىستۇرالمىدۇق.
ئاز كەم قىرىق نەچچە يىلنىڭياقى، نۇرغۇن ئۆتكۈر پىكىرلىك يازغۇچى ۋە ئوبزورچىلار «ئەدەبىي تەنقىد مۇئامىلىسى» ھەققىدە بىرمۇنچىلىغان ماقالىلەرنى يېزىپ، شۇ جەھەتتە يەنە توغرا بىر ئىستىلىي قاراش تىكلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىدىن تىنىمسىز ئاگاھ بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ نەزەرىيە يەنىلا نەزەرىيە پېتى قېلىۋەردى. ھالبۇكى، بىز ئۇلارنىڭ تەنقىدنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. ئەدەبىي تەنقىدچىلەرمۇ بىر نەرسىنىڭ خاتالىقىغا يارۇق رەۋىشتە ھۆكۈم قىلالىغاندىن كېيىن، ئاندىن قولىغا قەلەم ئالىدۇ. ئەگەر بىرەر ئوبزورچى مەلۇم بىر ئەسەرنى قاراقۇيۇق ئەيىبلىگەن بولسا، ئۇنداقتا يازغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ مۇئەييەن دەلىل - ئىسپاتى بىلەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرسا بولىدۇ. ھەرگىزمۇ قەلەم بىلەن بىر - بىرىگە ھاقارەت مۆلدۈرى ياغدۇرۇش، قەغەز يۈزىدە ئۇرۇش قىلىش زۆرۈر ئەمەس.
شۇڭا ئەي مۆھتەرەم يازغۇچىلار، سېلەر ئەدەبىي تەنقىدتىن ھېيىقماڭلار. ئەكسىچە ئۇنىڭغا تۆت كۆزۈڭلار بىلەن تەقەززا بولۇڭلار، جەمئىيەتتە ئاتايىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل ۋە تەھسىل يۈرگۈزۈۋاتقان مەسئۇلىيەتپەرۋەر ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ بارلىقىدىن خۇش بولۇڭلار. چۈنكى تەنقىد قەلىمىڭلارنىڭ كۈچىنى ئاۋۇتىدۇ، قەلەم تۇلپارىڭلارنىڭ تېخىمۇ چەبدەس چاپالىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر قورقۇڭلار دېسە، ئانچىكىم تەنقىدكىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھېسسىياتچان ئۆزۈڭلاردىن، قارىغۇ كۆزۈڭلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ئەجەبا سېلەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر مەيدان مېغىزسىز شاكال دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كېتىشىگە رازىمۇ؟
مانا، باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى دېدىم. ئاتاقلىقلىرىمىز شۇنچە ۋاختىن بېرى ئۆز قۇرلىرىدىن دەردكە تۇشلۇق دەرمان تاپالمايۋاتسا، مېنىڭ بۇ ھالىم بىلەن بىر پاسسىپ ئىدىيەنى ئاكتىپلاشتۇرۇشقا قۇربىم ھەم قۇدرىتىم يەتمەيدۇ، بۇ ئېنىق. سېلەرچە بولغاندا، مېنىڭ ئۇنداق قىلىشقا ھەققىممۇ، ھەددىممۇ يوق. بىراق، مەن باشقىچە قارايمەن. مەنمۇ ئۆزۈمنى ئۆزۈم توغرا دەپ قارىغان يولۇمنى ئۆپچۆرەمگە ئاشكارىلاشقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا ئۇلتاش تىزىشقا تامامەن ھەقلىق دەپ بىلىمەن.
مەسىلە ماھىيىتىنى بۆلەك بىر روجەكتىن كۆزەتسەك، بىر دانە سوراق جۈملە قۇرۇلىدۇ: نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان، تەنقىدكە چورت تەن بەرگىلى ئۇنىماي كەلگەن كۆپچىلىك يازغۇچىلارنىڭ بۇقەدەر جاھىللىق قىلىۋېلىشىدا زادى نېمە مۇددىئا بار؟ ئۇلارمۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ سۈتۈنلىشىشىگە ئەمەس، ئۈستۈنلىشىشىگە تەشنا. ئەمدى گۇناھنى كىمگە ئارتىمىز؟ مېنىڭچە خەلقىمىزنىڭ بۇ كەمگىچە ئۆزىدە تەنقىدىي ئاڭنى يىلتىزلەندۈرۈپ بولالماسلىقىدا ئاتىلاردىن بەخشەندە قالغان باش ئەگمەس روھنى خاتا تونۇۋېلىشتىن بەكرەك يەنە بىر سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ، تەنقىدنىڭ ئەخلاقتىن خالىي بولۇپ قېلىشى. بۇ نۇقتىنى ئەينى چاغدا ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرمۇ تەكىتلىگەن، بۈگۈن مەنمۇ جېكىلەيمەن.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ گېپى تۇزلۇق بولسىمۇ، كۆڭلىنىڭ ئۇزلۇقى ھەممىگە ئايان. بىراق ئۇ گېپىنى ۋاقتىدا ئۇزلاشتۇرۇۋالمىسا، دەل بىز باشتا قەيت قىلىپ ئۆتكەن ھېلىقى زىددىيەتلىك ھالەت يەنە كۆك تامان بىخلايدۇ، ئۆسىدۇ، مەڭگۈ يوقىمايدۇ.
گېزىت - ژۇرناللار تەنقىدچىلەرنىڭ ئاپتورلارنى تىل - ماھارىتىنىڭ يېتىشىچە سۆكۈپ، بولدى دېگۈچە ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدىغان شەخسنىڭ سارايى ئەمەس؛ ياكى كىچىككىنە نۇقسانى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئەجرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدىغان، چاۋىسىنى غۇلىچىنىڭ يېتىشىچە چىتقا يېيىۋېتىدىغان زالىملار ۋادىسىمۇ ئەمەس؛ ۋەياكى ئەزەلدىن پۇشۇق ئىچىنى ئاپتورنىڭ پېشىدىن تۇتۇۋېلىپ، يەتكۈچە ئىچىنى بوشىتىۋالىدىغان قەلەم ئارامگاھىمۇ ئەمەس.
___ ئۇنداقتا قانداق ئەسەرلەرنى مۇشۇنداق قوپال ھالدا سۆكسەك بولىدۇ.
___ «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» نى.
ئون نەچچە يىللار بالدۇر، يالقۇن روزى «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» نىڭ تېگىشلىك ئەدىپىنى بەرگەنىدى. چۈنكى ئۇنىڭدىكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ۋە ئەنئەنىۋىيىتىمىزگە يوشۇرۇن قىلىنىۋاتقان چۈمبەللىك خىرىسلارنى يالقۇن روزىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بايقىۋالغانىدى. بۇ جەھەتتە، «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» گە يالقۇن روزىنىڭ جازاسىمۇ ئاز.
بىز دەل شۇ كەبى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېتىقادى، غۇرۇرى ۋە ئىززەت - ئىناۋىتىگە ئۆزىنىڭ تاجاۋۇز تىغىنى نەقلەپ چىققان شەرەپسىز ئەسەرلەرنى سۆكسەك، سۆكۈپ ئۆلتۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ. بىراق تەنقىدچىلەر ھېچقانچە چوڭ مەسىلىسى يوق، پەقەت ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدە دىققەت قىلماي ياكى سەل ئويلاپ قالغان قۇسۇرلۇق جايلىرىنى نوقۇل ئۆزىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىۋالماسلىقى، بەلكى ئاشۇ يېتەرسىزلىكلەرنى پىنھان ئۇسۇلدا(شەخسىي ئالاقىدە) ئاپتورغا چىنەپ بېرىشى كېرەك.
ھازىرقى ھالەت قانداق؟... مەسىلەن، بىر پارچە ھېكايە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى، دەيلى. ئۇنىڭ ئازراق بولمايدىغان جايلىرى بار. شۇنىڭ بىلەن كېيىن بىر ئوبزورچى ئۇنىڭغا بىر پارچە تەنقىدىي ئوبزور يازدى. بولدى - تۈگىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەنلەر يا ئۇ ھېكايىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ھۇزۇرىغا قانائەت ھاسىل قىلالماي، يا شۇ ھېكايىنىڭ ساغلام كاتېگورىيەسى بىلەن ئۇچرىشالماي، بىر خىل بىمەنە بۇرۇقتۇرمىلىق چاڭگىلىدا گاڭگىراپ قالىدۇ. ئۇلار پەقەت ئىككى ئاپتورنىڭ بىرسى - بىرسىدىن «ئىستېداتلىق»، «ماھارەتلىك»، «ئەقىللىق» ئىكەنلىكىگە ئىچ - ئىچىدىن قايىل بولۇپلا قالىدۇ، خالاس.
شۇڭا مېنىڭچە بولغاندا، يازغۇچىلار يېڭى بىر ئەسەرنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇدۇل نەشرىياتقا قاراپ ئات سالماي، بىرەر - ئىككى ھەپتىگىچە ئۆز ئەسىرىنى تەكشۈرۈشى، يەنىمۇ بىر پەشتاق ئۆرلىگەن ئاساستا تېخىمۇ يېتۈكلىككە قاراپ تولۇقلىشى كېرەك. چۈنكى ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىم» دىن ئۆزگە ھەم مۇپەسسەل، ھەم مۇكەممەل بىر كىتابنىڭ خۇمداندىن پىششىق خىش بولۇپ چىققىنى يوق. بەلكىم بۈگۈن توغرا دەپ يازغان ئۇقۇم ئەتە خاتا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. نۈگۈن كەلمىگەن ئىلھام سەزگۈسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەتە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. ناۋادا بۇ نۇقتا ساقىت قىلىنىپ، يازغۇچىلار ئۆز ئەسىرىنى پاتراق ژۇرنال يۈزىدە كۆرۈشنىلا ئويلاپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى بىر پارچە يېرىم يارتا ئەسەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسا، بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ بەدىلىنى كىم تۆلەيدۇ؟
يازغۇچىنىڭ ئەگەر بىرەر ئوبزورچى بىلەن ئۇچرالىشىش ئىمكانى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەسىرىنى ئوبزورچى بىلەن بىللە قايتا قازانغا تۆكۈپ، سەگەكلىك بىلەن ئوت قالاپ خام يەرلىرىنى پىشۇرسا، بۇ بىر ئاقىلانىلىك ئامال. ھازىرچۇ؟ يازغۇچى بىر كەمتۈك ئەسەرنى ئېلان قىلىپ، كېيىن ئۇنىڭغا قارشى قول كۆتۈرگەن ئوبزورچىلارغا ۋە ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزى نۇرلاندۇرماقچى بولغان ئوي - ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي، ئاي - ئايلاپ ئاۋارە بولۇپ، ئەسلىدىنلا لال ئەقلى تېخىمۇ گاللىشىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ نەتىجىسى نۆل ئىش. چۈنكى فىرانسىيەلىك ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى روللان پات: «ئەسەر پۈتكەن زامان ئاپتور ئۆلىدۇ» دېگەن.
ئوبزورچىلارمۇ ئەسەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ژۇرنال بېكىتىدە كۈتۈپ ياتماستىن، تېخى نەشىرگە ئۈلگۈرمىگەن، جامائەت تېخى شاھىت بولمىغان ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ تاكامۇل سىياقىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن كامىل ئېتىماد بىلەن ئۇنى ئېلان قىلسا، ئەدەبىياتىمىز دەل شۇ چاغدا ئۆز راۋاجىنى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھېلىقى زىددىيەتلىك ھالەتمۇ ئاجىزلىشىدۇ. خۇدا خالىسا بەلكىم ئاخىرلىشىپمۇ كېتىدۇ تېخى.
يەنە بىر گەپ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە تەھرىر بۆلۈملىرىدىكى مەسئۇل مۇھەررىرلەر نېمىشقا كەلگەنلا ئەسەرنى بېسىۋېرىدۇ؟ «تونۇشلۇق پىشقەدەم يازغۇچىكەن»، «يېشى چوڭكەن، ھۆرمەتلەيلى» دېگەندەك خاتا ئاڭدا بىر ئادەمنىڭ يۈزىنى دەپ، ئەدەبىياتىمىزغا ئەخلەت تۆكسەك بولمايدۇ. ئۇلارغا ئەسىرىنىڭ بولمىغان جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈزۈتۈپ كېلىشىگە تەكلىپ بەرسەك، ئۇلارمۇ «ياق» دېمەيدۇ. ياكى مۇھەررىرلەردە بۇنچىلىك ساۋاتنى ئاڭقىرىغۇدەك ئۇنچىلىك ئۇماچ يوقمۇ؟
ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر خىزمەت ئوبيېكتىنى مۇھەررىرلەرنىڭ ئىش ئورنىدىن تاپسىدى، ئۇ چاغدا بۇ ئەڭمۇئەڭ ئۆتۈملۈك ھەم ئۈنۈملۈك چارە بولاتتى.
2014 - يىلى دىكابىرنىڭ 9 - كۈنى، يۇرۇڭقاش
|