تۇنيۇقۇق : « مەدەنىيلىك » دېگەن كىتاب ھەققىدەئورتاقلىشايلى(1)
تۇنيۇقۇق
يېقىندا مۇنبەرلەردە 2015-يىلىنى «كىتاب ئوقۇش يىلى » قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەممەيلەنگە ناھايىتى زور ئىلھام بەردى. مېنىڭچە، مۇشۇ پائالىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ۋەئالغان تەسىراتىمىز ھەققىدە مۇنبەردە ئىلمىي بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىمۇ بىللەئېلىپ ماڭساق تېخىمۇ ئۈنۈمى بۇلارمىكىن دەپ ئويلايمەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نىيىل فېرگىسننىڭ«مەدەنىيلىك» (CIVILIZATION) – (غەرب بىلەن شەرقنىڭ رىقابىتى )ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش زۈرۈرىيتىنى ھېس قىلدىم. «مەدەنىيلىك»دېگەن سۆز فرانسۇزچە سۆز بولۇپ،1752-يىلى فرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس ئان روبىرىت ياك دۇئىرگو تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن . مەدەنىيلىك خۇددى بۇسۆزنىڭ مەنىسى ئىپادىلەپ بىرىۋاتقاندەك شەھەرنى مەركەز قىلغان بولىدۇ . شۇڭا نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شەھەر بىلەن مەدەنىيەت سۆزى ئۆز-ئارا تەڭداشتەك تۇيغۇ بىرىدۇ .شەھەرنىڭ قانۇنى ئۇنىڭ سېپىلىغا ئوخشاش مۇھىم بولسا، شەھەرنىڭ سىستىمىسى ۋە ئادىتى– ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى – ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئوخشاش مۇھىم . مەدەنىيلىك –بىناكارنىڭ ئىمارىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئالىملارنىڭ تەجرىبەخانىسىغا تېخىمۇ بەكرەك چېتىلىدۇ . ئۇنىڭ سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئېستىتىكا مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە تايىنىپ ئۆلچەش كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا ئاھالىلەرنىڭ ئۆمرى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش تېخىمۇمۇھىمدۇر.شۇ نەرسە ئېنىقكى، مەدەنىيلىكنى يارىتىش شەھەرنىڭلاقولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيىتقاندا، مەدەنىيلىكئىنسانلارنىڭ بىر توپ سۈپىتىدە تىرىكچىلىك قىلىش، تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتانامايەن قىلغان ئىنكاسىدۇر. بىراق، ئۇ يەنە ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئالاھىدىلىكرىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ. بۇ بىرنەچچە خىل مەدەنىيەت خۇددى ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ئۆز-ئارا تەسىرلەشكەندەك بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان. گەرچە تەسىرقىلىدىغان ئامىللار كۆپخىل بولسىمۇ، بىراق ھەقىقى مەدەنىيەت ئۇزاققىچە ئۆزخاسلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. 15-ئەسىردىكى ياۋرۇپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شەرق دۇنياسىنىڭ كىلەچىكى پارلاق ئىدى. 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ غەربىي ياۋرۇپادىكى ئاشۇ كىچىك شەھەرلەر يەھۇدىلارنىڭ دىنى ئەقىدىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى تەرەققىي قىلدۇردى. شەرىقنىڭ ماتېماتىكىسى،ئاسترونومىيسى ۋە پەن-تېخنىكىسىدىن ئۇزۇق ئالغاندىن كېيىن ئاجايىپ بىر مەدەنىيەتنى روياپقا چىقارغان. بۇنداق مەدەنىيەت بۈيۈك شەرق ئىمپىرىيەلىرىنى باش ئەگدۈرۈپ ،ئافرىقا، ئامىرىكا، ئوكئانىيە قىتئەلىرىنى بويسۇندۇرۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەرگە غەربنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلغۇزدى- بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىدا قېلىچنىڭ رولىغا باققاندا تىلنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولدى. ئەمما، بارلىق مەدەنىيەتلەر مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا باراۋەر، غەرب مەدەنىيتى ئۆزىنى يىتەكچى ئورۇندا دەپ قارىماسلىقى كېرەك دەپ قاراش مەزكۇر كىتاب ئاپتۇرىنىڭ ئاساسلىق نوقتىنەزىرى بولسا كېرەك. ئاپتۇر يۇقىرقى نوقتىنەزىرى ئاساسىدا غەربنىڭ نېمە ئۈچۈن 1500يىلدىن كېيىن قەد كۆتۈرگەنلىكى نىھەم دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىر قاتار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىلىرىغا باغلىغان . ھەمدە بۇلارنى «كارامەت تەدبىرلەر » دەپ ئاتىغان. بۇتەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈۋەندىكىدەك ئىخچام بايان قىلغان. 1.رىقابەت . ياۋرۇپادىكى سىياسىي بۆلۈنمىچىلىك كۆپلىگەن پادىشاھلىق دۆلەت ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار ئىچكى قىسىمدا يەنەئۆز-ئارا رىقابەتلىشىدىغان كۆپلىگەن گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ھازىرقى زامان سودا گۇرۇھلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن روياپقا چىققان. 2 .ئىلىم-پەن ئىنقىلابى . 17-ئەسىردە ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، فېزىكا،خېمىيە، بىئولوگىيە ساھەسىدىكى بارلىق مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر غەربىي ياۋرۇپادامەيدانغا كەلگەن. 3.قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋەپارلامىنىتلىق ھۆكۈمەت . بۇ ئەڭ ئىلغار سىياسىي تەرتىپ ئىنگىلىز تىللىق دۆلەتلەردەمەيدانغا كەلگەن. ئۇ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سايلام ئارقىلىق بارلىققاكەلتۈرۈلگەن. مۈلۈكدارلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتىنى ئاساس قىلغان. 4.ھازىرقى زامان تىبابەت ئىلمى.19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىردە داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى زور ئىلگىرىلەشلەر، جۈملىدىن ئىسسىق بەلباغ كىسەللىكلىرىنى تىزگىنلەشتە دائىر مۇۋەپپىقىيەتلەر غەربىي ياۋرۇپا ، شىمالىي ئامىرىكىدا بارلىققاكەلگەن. 5 .ئىستىمال جەمئىيتى . سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، پاختا تۇقۇمىچىلىقىنى باشلامچى قىلغان،ئىشلەپچقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرىدىغان ئىلغار تېخنىكىلار مەيدانغاكېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم ئەرزان، ھەم سۈپەتلىك تاۋارلارغا بولغان ئېتىياجمۇئېشىپ بارغان . 6 .خىزمەت ئېتىكىسى . غەربلىكلەر ئەڭ بورۇن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەم تېخىمۇكۆجۈملەشكەن ئەمگەك بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پۇل ئامانەت نىسبىتىنى بىرلەشتۈرۈپ،كاپىتالنىڭ سىجىل جۇغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن .
ئورتاقلىشىدىغان مەسىلىلەر : 1.« مەدەنىيلىك» دېگەننى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ 2 .غەرب ۋە شەرىقنىڭ پەرقىگە قارىتا ئاپتۇرنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى قانداقراق؟ مۇبادا مۇۋاپىق دەپ قارالسا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار ؟ يەنە تۇلۇقلايدىغان مەزمۇنلار بارمۇ؟ كىتابنىڭ مۇقەددىمە قىسمىغا ئاساسەن ھازىرچەمۇشۇنچىلىك يوللىدىم. ئورتاقلىشىدىغان مەسىلىلەرمۇ بەك شاخلىۋېتىلمىدى . داۋامى بابلاربۇيىچە داۋاملىق يېڭى تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ . بۇ مېنىڭ دەسلەپكى ئويلىغانلىرىم بولغاچقا يىتەرسىزلىكلەر بولسا بىرلىكتە تۇلۇقلىساق، ئەڭ مۇھىمى پىكىرقاتناشتۇرغاندا ئىلمىي، سۇغۇققان بولساق. |