تىلىمىزدا ناتوغراقوللىنىلىۋاتقان بەزى سۆزلەر
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تىل ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. لېكىن تىلدىكى بۇتەرەققىيات شۇ تىلنى قوللىنىۋاتقان مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل قانۇنيەتلىرىگە ماس ھالدىكى تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىر تىل بۇ ماسلىققائۇيغۇن تەرەققىي قىلمىسا تىلدا ياتلىشىش، بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلىشىش، ئومۇملىشىشىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولى ھەممىدىن چوڭ بولۇپ ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. لېكىن تىلىمىزدىكى تەرەققىياتقاقارايدىغان بولساق دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئۆرپ-ئادىتىمىز ۋە تىل ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان، جايىدا قوللىنىلماي كېلىۋاتقان بىر قىسىم سۆزلەرنى بايقايمىز.بۇ خىل ناتوغرا قوللىنىش رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيەگىچە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، يولداش سۆزى. بۇ سۆز ئوخشاش بىر مۇددىئا ئۇچۈن ئوخشاش بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئوخشاش پكىردىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز يول+ داش=يولداشتىن ئىبارەت سۆز تومۇرى ۋە قوشۇمچىدىن تەركىپ تېپىپ ياسالغان بولۇپ، (1) ئوخشاش بىر مەنزىل ئۈچۈن سەپەرگە چىقان بىر يولدىكى ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئوخشاش بىرسىياسىي مۇددىئا ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر بىر بىرىنى ئاتاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. (3) مەنزىل ئوخشاش بولمىسىمۇ، يولنىڭ مەلۇم بىر بۆلكىدە سەپەرداش بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ ؛ لېكىن بۇ سۆزئۆز ئورنىدا ئىشلىتىلمەستىن، ئاياللار ئېرىنى ئاتاش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلمەكتە.مېنىڭچە بۇنىڭ زۆرۈريىتى يوق. سەۋەبى؛ (1) ئاياللار ئېرىنى ئاتاش ئۈچۈن تىلىمىزداقەدىمدىن تارتىپ قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان "ئېرى، ئېرىم، كۈيوۋ،كۈيوۋسى..." قاتارلىق سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەر تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگەئورتاق. تەرجىمە قىلىش، چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. يەنە كېلىپ بۇ سۆزگە چوڭقۇرمېھرى-مۇھەببەت، ھۆرمەت، كۆيۈنۈش، يېقىنلىق سىڭگەن بولۇپ، يەنە بىر سۆز ياساپ ئېرىنى ئاتاش ئۈچۈن ئىشلىتىش ياكى يەنە بىر سۆز ياساپ بۇ سۆزنى ئىستىمالدىن چىقىرىپ تاشلاش ھاجەتسىز. لېكىن يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى، تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرى، ئېتوتلىرىمىزدا ۋە كۈندىلىك ئىستىمالىمىزدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ سۆزنى كۆپ ئىشلىتىشى بۇ سۆزنىڭ ئومۇملىشىشنى تېزلىتىدۇ.
ئاخىرىدا بىر ئوبدان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېرىم دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، بوۋىمىز بىلەن نەۋرىمىز ئوتتۇرىسىداياكى تەرجىمانسىز چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدىغان قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىداتەرجىمان ئىشلىتىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەت تىلنىڭ گۈزەللىكىنى يوقىتىپلا قالماي تىلدا ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە ئېرىم دېگەن بۇسۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر يېڭى سۆز ياسىغۇمىز كېلىپ كەتسە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلمىغان ياكى ئۇيغۇرچە ئىسمى ئومۇملاشمىغان نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەربار. شۇلارغا ئىسىم ياسايلى، ياكى ئۇيغۇرچە يېڭى ئىسمىنى ئومۇملاشتۇرۇش زۆرۈربولۇۋاتقان شۇ شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى ئومۇملاشتۇرايلى. تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يېقىملىق، ھەممىگە چۈشىنىشلىك ئاتالغۇلىرىمىزنى قەدىرلەيلى. كۈزىتىشىمچەبىزدىن باشقا ھېچبىر مىللەت كىشىلىرى ئېرىنى ئاتايدىغان سۆزنى ئالماشتۇرغاندەك ئەمەس. ئۇلار مېھرى-مۇھەببەتكە تويۇنغان بۇ گۈزەل ئاتالغۇنى قەدىرلىسە كېرەك. ئىككىنچى، بولمىسۇن سۆزى. بۇ سۆزنى نۇتۇقتا بىر قىسىم كىشىلەر ناتوغرا قوللىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن؛ (1)يىغىنغا قاتناشقانلاردىن كىملا بولمىسۇن قائىدىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. (2) يىغىنغاقاتناشقانلاردىن كىملا بولسۇن قائىدىگەرىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ جۈملىلەرگەقارىساق (1) جۈملىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن مۈجىمەل. ئەسلى مەقسەت يىغىنغاقاتناشقانلار ئىچىدە كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قائىدىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىش. بۇ مەقسەت (2) جۈملىدە ناھايىتى ئېنىق ئەكس ئەتكەن. يەنە مىسال: (1)ئوتتۇرا ياشتىكىلەر بولمىسۇن، ياشلار بولمىسۇن بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادىتىگەئايلاندۇرسا سالامەتلىكىگە پايدىلىق. (2) ئوتتۇرا ياشتىكىلەر بولسۇن، ياشلار بولسۇن بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرسا سالامەتلىكىگە پايدىلىق. بۇ ئىككى جۈملىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى سېلىشتۇرساقمۇ ئوخشاشلا ئىككىنچى جۈملەسۆزلىگۈچىنىڭ نۇقتىئى نەزىرىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ مۈجىمەللىك يوق. شۇڭا بولمىسۇن بىلەن بولسۇن سۆزىنى ھەرگىز ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەيلى. ئۈچىنچى، يايرىم. بۇسۆز يار+ىم=يارىم دىن ئىبارەت بولغان سۆز تومۇرى "يار" ۋە بىرىنچى شەخس بىرلىكنى بىلدۈرىدىغان"ىم" دىن ئىبارەت سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىدىن تەركىپ تاپقان. توغرىسى " يارىم"بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ سۆز كۆپىنچە ناخشىلاردا بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇستازلاربۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولغاچقا كۆپ توختالمايمەن. تۆتىنچى، رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، ئالقىشلايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ سۆزلەرمۇنامۇۋاپىق قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ جۈملىلەردە سۆلىگۈچىنىڭ رەھمەتنى كېيىن ئېيتىش ياكى ئالقىشنى كېيىنرەك قىلىش ئويىدا ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.لېكىن ئاڭلىغۇچىلار يەنى رەھمەت ئېگىسى ۋە ئالقىش ئىگىسى نەق مەيداندا بار. سۆزلىگۈچىنىڭ مۇشۇ جۈملىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سۆز ئورامىدىن قارىغاندا نەق مەيداندا رەھمەت ئېيتتى ياكى ئالقىشلىدى. ئەمما بۇ جۈملىلەر ھەرگىزمۇ سۆزلىگۈچىنىڭ نەق مەيداندارەھمەت ئېيتقانلىقىنى ياكى ئالقىشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. نۇتۇقنىڭ باش-ئاخىرى بىر بىرىگە زىت. مەن بارلىق نۇتۇق ئىگىلىرىنىڭ ئانا تىلنى پىششىق ئىگەللىشىنى، ئۆزى پىششىق ئىگەللىمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە نۇتۇق قانچەچۈشىنىشلىك بولسا شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ ۋە مەقسەت مۇددىئانى شۇنچە ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. مۇرەككەپ، ئۇزۇن، باش-ئاخىرى ماسلاشمىغان جۈملىلەر نۇتۇقنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بېرىدىغان تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماي نۇتۇق ئىگىسىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان مۇددىئاسىنى خىرەلەشتۈرىۋېتىدۇ. ئاناتىلىمىزنى قەدىرلەيلى، ئاسرايلى، توغرا ئىشلىتەيلى. بالىلىرىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز،ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىزدىن توغرا، پاساھەتلىك تىل ئىشلىتىشنى ئۆگەنسۇن ۋە ئۆگەتسۇن. |