قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 8

مۇنبەرمېنىڭ ھاياتىم ، ئوقۇغۇچى مېنىڭ بارلىقىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

685

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32847
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 21:23:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرمېنىڭ ھاياتىم،  ئوقۇغۇچى مېنىڭ بارلىقىم
ئابلەتجان تۇراپ

    مېنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۆرمىتىم  ۋە مۇھەببىتىم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ بىخلانغان ئىدى.ئەنە شۇچاغدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى مېنىڭ قەلبىمدە پەرشىتىدىنمۇ ئېسىل سۈپەت، ئاتا-ئانامدىنمۇ ئۇلۇغ،ھەتتابىلمەيدىغان ھېچقانداق نەرسىسى يوق، كەم-كۈتىسىز ئىنسان ھىساپلىناتتى. گاھى ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسا، «مۇئەللىم ئۆيگە كىرىپ ماڭسىلا» دەپ بىر ئۆيگە تەكلىپ قىلۋالسام ، شۇكۈنى كەچكىچە ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختىلىك ئادەم  دەپ ساناپ خوشلىقىم ئىچىمگە پاتماي قالاتتى. گاھى مەھەللەمدە توپىغا مىلەنگەن ھالدا ئويناۋىتىپ،يىراقتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سايىسىنى  كۆرۈپ قالسام ‹‹ مېنىڭ توپىغا مىلىنىپ، مەينەت ھالدا ئويناۋاتقىنىمنى ئۇلار كۆرۈپ قالسا، ماڭا نۇمۇس ئەمەسمۇ ›› ، نېمىشقا مۇئەللىملەرنىڭ پاكىزلىقىنى ئۈگىنەلمەيمەن دەپ، تامنىڭ كەينىگە يۈگۈرۈپ بىرىپ مۈكۈۋالاتتىم.گاھىدا ئۈزۈم ئەڭ ياقتۇردىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ يولدا مېڭىشلىرى، مۇنبەردە گەپ قىلغاندىكى ماڭا يارايدىغان قىياپەتلىرىنى ئانامغا دوراپ بىرىپ ئانامنىمۇكۈلۈپ تېلىقلتۇرىۋىتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا  ئانام: سەن تاس قالىسەن مۇئەللىمىڭنى ، خۇدايىم دەپ بىلگىلى، -دەپمۇ قۇياتتى. تېخى گاھىدا چۈشلىرىمدەئوقۇتقۇچى بولۇپ چۈشەپ قېلىپ نەچچە كۈنگىچە بۇ تاتلىق چۈشۈمدىن خۇشاللىناتتىم،ھۇزۇرلىناتتىم، بۇنداق چۈشلىرىمنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشىنى تىلەپمۇ قالاتتىم..
    يىللار بىر-بىرنى قوغلىشىپ ئۈتۈۋەردى.ئەنە شۇ مۇقەددەس ، ئەنە شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدە مەنمۇ باشلانغۇچ،ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردىكى بىلىم دېڭىزلىرىدا دولقۇن يىرىپ ئىلگىرلەپ، ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردۈم.بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىغا بولغان مۇھەببىتىم تاۋلاندى ،ئۇچقۇندىن يانغىنغا ۋە گۇلخانغا ئايلىنىپ باردى..ئۇلاردىن ئايرىلىشقا توغراكەلگەندە ئۇنسىز ياش توكتۈم، يۇم-يۇم يىغلىدىم.
    ھېلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ. رەھمەتلىك چوڭ ئاپام ، مەن خىزمەت تەقسىمات ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋېلىپ ، خۇشاللىقىمدىن ئاتنىڭ تايلىرىدەك سەكرىگىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەلگىنىمدە:-ھەي بالام ، نىمانداق خۇشالبولۇپ كەتتىڭ بۈگۈن ، -دەپ سورسا.مەن تىزلا: مېنىڭ خىزمەت ئۇقتۇرۇشىم چىقىپتۇ، مەن ئۆزەم ئارزۇ قىلغىنىمدەك مۇشۇ يېزىمىزدىكى ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بوپتىمەن، -دىگەندىم. چوڭ ئاپام كۆڭلى تۈز ، ئەمما ئاغزى سەل ئىتتىك ئايال ئىدى.ئۇ:  ۋېييەي ، ئەپەندى بوپسەندە بالام، شۇنچە جىق ئوقۇدۇڭ ، لىكىن نېمىشقا ئارانلا ئەپەندى بوپقالغانسەن؟-دىدى. ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىدى.قەلبىمدە چاقماقتەك كۈچلۈك چاراسلاپ يېنىۋاتقان غەزەپ ئۇچقۇنى مېنى، چوڭ ئاناڭغا دەرھال جاۋاپ قايىتتۇر، ئەپەندى بولسام نېمە بوپتۇ، ئۇنىڭدەك ئۇلۇغ كەسىپ نەدە بار، سەن پوقنىمۇ بىلمەيسەن..دەۋەت ، دەپ ئالدىرىتاتتى. لىكىنمەن ھەممىنى ئىچىمگە يۈتىۋىتىپ،قاچىغا ئۇسسۇپ قۇيۇلغان سۈيۈق ئاشىنىمۇ تاشلاپ،  ئانامنىڭ چاقىرىشلىرىنىمۇ سەزمەي سىرىتقا ئۈزۈمنى ئېتىپ، ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغىلىغان ئىدىم.   
    ئەتىسىدىن  باشلاپ مېنىڭ مۇنبەردىكى ھاياتىممۇ باشلاندى. مەن كۈندۈزلىرى بور توزانلىرى ئىچىدە، كەچلىرى چىراق يۇرۇقىدا  ماڭا موھتاج سەبىيلەر ئۈچۈن تەر ئاققۇزدۇم. ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىنىڭ جاپالىق ھەم شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى كىتاپلاردىن، كىشلەر ئېغزدىن ئاڭلاپلا ھىس قىلغان بولسام،ئەمدى بىۋاستە تۇيغۇلىرىم، جىسمىدىكى ھارغىنلق ۋە قەلبىمدىكى سۈيۈنۈشلەر ئارقىلىق ھەققىي چۈشەندىم. گاھى كەچلىرى تۈن يېرىمغىچە ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈپ تەييارلىق قىلىپ ، چارچىغان چاغلىرىمدا ، خەپ ،مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلىقنى نېمىشقىمۇ ئارزۇلاپ قالغان بولغىيىتىتىم، باشقا كەسىپكەئالمىشىپ چىقىپ كەتسەم بولدىغان ئوخشايدۇ، كىيىن باللىق بولۇپ قالسام، باللىرىمغا،ھەرگىز مۇئەللىم بولۇپ قالما، دەپ ئۈگەتمىسەم بولمايدىكەن، دەپ ئويلايتىم. بىراق ئەتىسى، مۇنبەرگە چىقىپ، رەتلىك تىزىلغان پارتىلاردىكى سانسىزلىغان قارا كۆزلەرماڭا تىكىلگىنىدە، ئاخشامقى ئالدىراپ چىقارغان يەكۈنلىرىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ ئۈزۈمنى گۇناھكار، دەپ ئەيىپلەپ مۇنبەرگە ، ئوقۇغۇچىلارغا شەك كەلتۈرگەنلىكىم  يەۋاتقان نېنىمغا شەك كەلتۈرگەنلىكىم دىگەنلەرنى ئويلايتتىم.
    مۇنبەردە  تۇرۇپ ئېرىشكەنلىرىمنى سۆزلىسەم، بۇمۇ ئازئەمەس. دادام دېھقان بولغاچقا، مەن خىزمەتكە چىقىشتىن ئاۋۋال ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. دادام ئازغىنە پۇل ئۈچۈنمۇ خىلى جاپاچېكەتتى. بۇنداق چاغلاردا يۈرۈگۈم ئۇۋۇلۇپ كىتەتتى ۋە قاچاندىمۇ ئۇلارغا «ماۋۇ ئون كويغا ئاۋۇ نەرسىنى سېتىۋېلىڭلار» ، دەپ بىرەلەرمەن، دىگەننى ئۇزاق ئويلىناتتىم.بۇ ئويلىرىممۇ مەن ئەشۇ مۇنبەرگە چىققاندىن كىيىن  رۇياپقا چىقتى.ئاتا-ئانام مەن ئالغان مائاش بىلەن ئانچە قىينالمايلا ئۇكامنى ئوقۇتتى.ئۇلار مېنىڭ قانداقلا بولمىسۇن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بولسىمۇ قىلىپ، يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بەرگەنلىكىمدىن خۇشاللاندى. چوڭ دادام رەھمەتلىكىمۇ دائىم ئوقۇتقۇچىلىق توغرىسىداتوخىتىلىپ: بالام سېنىڭ كەسپىڭ ئۇلۇغ كەسىپ، كەسپىڭنى قەدىرلە، باللارنى ياخشى ئوقۇت، بۇ كەسىپ جەننتى كەسىپ، دەيتى. بۇنداق چاغدا چوڭ دادامنىڭ مېنىڭ كەسپىمگەتوغرا باھا بەرگىنىدىن ئۈزۈمنىڭ تاللىشىمنىڭ توغىرلىقىدىن خۇشاللىناتتىم.كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاشقان-تاشقاننى كەيگەن بولسام ئەمدى، مەنمۇ ئۆزۈم پۇل ساناپ يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كەيدىم.تىلۋۇزۇردىلا كۆرۇپ چۈشۈمدىلا  باردىغان دېڭىزلار، يىراقلاردىكى گۈزەل جايلارغا ئوڭۇمدىمۇ باردىم.  قىسقىسى، مەن مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدەتۇرغاچقىلا ئوقۇتقۇچدىن باشقا ھېچكىم ئېرىشەلمەيدىغان سەبىيلەرنىڭ ئاپپاق قەلىب بەتلىرىگەئۈزۈمنىڭ ھېكمەتلىرىنى پۈتەلىدىم.تۇرمۇشتىكى سانسىز تاتلىق ۋە ئاچچىق –چۈچۈكنىڭ تەمىنى تېتىيالىدىم ، ئۈزۈمنىڭ ئادىمىيلىكىنى تۇنۇدۇم   ۋە تاۋلاندىم.مانا شۇلارنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن كۇپايە.ئىنسان ھاياتىدا بۇنىڭدىن ئوشۇق بەھىر بولامدۇ؟ئىنسان ھاياتىدا پەقەت كىيىم-كىچەك، يىمەك ئىچمەك، ھۇزۇر ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشىسا، ئۇنىڭ ھايۋاندىن نەپەرقى ؟ئادەمنىڭ ئادەملىك قىممىتى زادى نەدە؟ ئادەم قانداق ياشىسا ، كەلگۈسىدەھەقىقەتەن ئۈكۈنمەيدۇ؟  مانا بۇ سۇئاللارمېنى بارغانسىرى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان بولدى....مانا بۇ سۇئاللارئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مھنەتلىك ئەمما  مىللەت ۋە كىلەچەك ئالدىدىكى مەسئۇليىتى بەسىتلىك ئاتىمىز مۇزتاغدىنمۇ ئېغىر بۇ كەسپىنى ھەققىي سۈيۈپ، ئۈزۈمنى ئۇنتۇپ ئىشلەشكە، ئەشۇ سەبى باللىلارنىڭ ئادىمىلكىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە توختىماي ئىزدىىنشىكە  ئۈندەيدۇ. مانا بۇ سۇئاللارگاھى ئۆتكەن دەرسىم ئۈزۈمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالسا، مېنى ئېغىر ھەسىرەتلەرگەتاشلايدۇ. مانا بۇ سۇئاللار مېنىڭ قەلبىمگە : مۇنبەر مېنىڭ ھاياتىم، ئوقۇغۇچىمېنىڭ نېنىم ۋە بارلىقىم ، دىگەن نەقىشنى تەكرار كەشتىلەيدۇ.
     مەن مۇشۇ كەسىپىتە 18قىش ۋە باھارنى ئۆتكۈزدۈم، شۇڭلاشقىمىكىن، يەنە تۇرۇپلا ئىخيارسىز ھالدا ئۈزۈم ۋە ئىلگىركى ئوقۇتقۇچىلارنى سېلىشتۇرىمەن، ئۈزۈمدىن ئىمتىھان ئالىمەن: مەن زادى كچىكىمدە ماڭاھەممە جەھەتتە ئۆلگە بولالايدىغان، ھەممىنى بىلىدىغان، ماڭا ئانامدەك كۈيۈنىدىغان شۇئۇستازلىرىمدەك  بولالىدىممۇ؟سەبىيلەرنىڭ شۇنچە كۆپ ئۆمرىنى زايە قىلغانغا چۈشلۈق ئۇلارنىڭ قەلىپ بەتلىرىگە قانچىلىك نەقىش ئويالىدىم؟ ئويغانلىرىم قانچىلىك كارغا كىلىدۇ؟ قانچىلىك ئوقۇغۇچىنى ئۇچۇرما قىلالىدىم؟ قانچىسى ئادەم، قانىچىسى ئوغرى بولدى؟ يەنە قانچىسى ئائىلىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدۇ؟ بۇ جەرياندا مەن قانچىلىك ئىزدەندىم؟قانچىلىك قۇربانلىق بىرەلىدىم ؟
گەرچە، بۈگۈنكى جەميەتتە كىشلەرنىڭ بىزنىڭ كەسپىمىزگە بولغان تۇنۇشى ۋە ھۆرمىتى تازا دىگەندەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ ، ئەممائۆزىمىزنىڭ كەسپىمىزگە بولغان ئىشتىياقىمىز ۋە  ئىتقادىمىز تىيىز بولسابولمايدۇ.چۈنكى بىزدىكى ئۆزىمىزنىڭ كەسپىمىزگە بولغان ئىشتىياقىمىز ۋە  ئىتقادىمىز - بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ جۈملىدىن بىزنىڭ ئادىملىكىمىزنىڭ بۈيۈك كومپاسىدۇر. ئۆزىمىزنىڭ كەسپىمىزگە بولغان ئىشتىياقىمىز ۋە ئىتقادىمىز - مۇنبەرنى ئۇلۇغ بىلىدىغان ، ئۆزىنىڭ مىللەت ۋەكەلگۈسى ئالدىدىكى بۇرچىنى تولۇق تونۇيالايدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ نېنى ۋەبارلىقى دەپ بىلىدىغان روھنىڭ جەۋھىرىدۇر..بىزنىڭ ھەربىر سائەتلىك دەرسىمىز بىرسائەتلىك ۋاقىت مەسلىسىلا ئەمەس بەلكى، ئوتتۇز نەچچە ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرىدۇر.بىزدە مۇنبەرنى ئۇلۇغ بىلىدىغان ، ئۆزىنىڭ مىللەت ۋە كەلگۈسى ئالدىدىكى بۇرچىنى تونۇيالايدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ نېنى ۋە بارلىقى دەپ بىلىدىغان روھ ۋەمۇشۇنداق روھىقا ئىگە ئۇستازلار قانچە كۈپەيسە ، يۇرتىمىز ۋە مىللىتىمىز شۇنچەقۇدىرەت تاپىدۇ ۋە گۈللەيدۇ.تۇيۇقىسز قۇلاق تۈۋىمدە ؛  «ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتاقەدكۈتۈرەلەيدۇ، مائارىپتا مەغلۇپ بولغان قايتا باش كۈتۈرەلمەيدۇ» دىگەن ھېكمەت ياڭراپ ئۈتۈپ كەتتى.بۇنى ئاڭلاپ مەن ئۈزۈمگە خىتاپ قىلدىم : ئەگەر سەن ھەققى بىرۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچى بولساڭ شۇنى ئۇنتۇپ قالما، مۇنبەرسېنىڭ ھاياتىڭ، ئوقۇغۇچى سېنىڭ نېنىڭ ۋە بارلىقىڭ !


مەنبە -ئۆزقەلمىم
ئاپتۇر-ئاقتۇناھىيە ئۈژمە 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچسى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5699

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1416
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 12:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە تۇرغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتىدۇر ، بارلىقىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتىغان ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ بىلىم بېرىپلا قالماستىن ، ئۇلارنى ئاخلاقى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيىلىگەن ، بولۇپمۇ ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئۇلارغا ئادىمىيلىك تەربىيىسى بېرەلىگەن ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرالىغان ئوقۇتقۇچى ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچىدۇر .

ئوقۇتقۇچىلىق  ھاياتىڭىزغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

3076

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 900
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 15:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھۆرمەتلەشكە لايىق ئوقۇتقۇچىكەنسىز.

0

تېما

1

دوست

2480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 792
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 15:58:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەركىتى ئوقۇغۇچى ئۇچۇن بىر ئەينەك.

0

تېما

0

دوست

1494

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 16:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىس ۋاختىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۈگدىتىپ قويماي،قىلغان گەپلىرى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ سەگەك قىلىدىغان ،تەسىرلەندۈرەلەيدىغان،ئويلاندۇرالايدىغان،چوڭقۇر تەپەككۇر دۇنياسىغا باشلىيالادىغان،ئەخلاق تەربىيەسىنى ئەمەليەتچىل سۆزلىيەلەيدىغان مۇئەللىق ئەڭ نوچى مۇئەللىم،باشقىسى بىكار.

9

تېما

31

دوست

5060

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1620
توردىكى ۋاقتى: 852
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 23:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولۇپ باقمىغان كىشى ئوقۇتقۇچىلاردىكى پەخىرلىنىش ۋە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىنىڭ ھوزورىنى ھېس قىلالمايدىغۇ دەيمەن ئىشقىلىپ ، سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن كەسىپدىشىم .

7

تېما

0

دوست

960

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 15:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلىق ۋىجدان ئىشىدۇر دىگەنىدى سىلەر بىلىدىغان بىر زات

6

تېما

1

دوست

685

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32847
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 23:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
huxruy يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 12:03
ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە تۇرغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئەڭ گۈ ...

ئىنكاسىڭىزدىن تەسىرلەندىم ، رەھمەت سىزگە !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )