قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1320|ئىنكاس: 7

نىيە ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

960

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 23:49:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيىنىڭ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇشى جەريانىدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم
سادىق مۇھەممەد

    مەن 1943-يىلنىڭ ئاخىرى كېرىيە ناھىيىسىدىن نىيىغا كەلدىم.بۇ چاغدا نىيىدا ساقچى ئىدارىسى قۇرۇلغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىغان بولۇپ،زىياۋۇدۇن دىگەن كىشى ئىدارە باشلىقى ئىكەن.ساقچى ئىدارىسى 11-ئايدىن باشلاپ ئىش بىجىرىپ تۇرغان بولسىمۇ،لېكىن نىيىنىڭ رەسمى نىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقى تېخى ئېلان قىلىنمىغانىدى،ئەينى ۋاقىتتىكى رايون باشلىقى سوپىبەگ دىگەن كشى ئىدى.بۇ ئادەم8-ئاينىڭ23-كۈنى مىنى كېرىيە ناھىيىسىدىن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلدى.كىيىن رايونلۇق ھۆكۈمەتتە كاتىپ بولۇپ ئىشلىدىم.شۇ چاغلاردا رايونلۇق ھۆكۈمەتتە بىر نەپەر رايون باشلىقى،بىر نەپەر كاتىپ ،بىر نەپەر دورغا بىگى ۋە بىرنەپەر جارا خىزمەتچى بار ئىدۇق.
    شۇ يىلى 11-ئايدا جۇڭخۇامىنگونىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە بىرلەشتۈرۈپ ،نىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت(مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىسىگە تەڭ مەمۇرى ئاپپارات-ت)نىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ،ناھىيەقۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دەپ ئاتالدى.مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا كاتىبات بۆلۈم ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىندىم.ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت باشلىقى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن بىر نەپەر تەرجىماندىن باشقا،نىيىدا خەنزۇتىلىنى بىلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئويتوغراق رايونىغا قاراشلىق يېسيۇلغۇن كەنتىدىكى خەنزۇتىلىنى بىلىدىغان ئىسمايىل ئاخۇن دىگەن كىشى بالا چاقىلىرى بىلەن نىيىغا كۆچۈرۈپ كىلىنىپ،خەۋەرلىشىش بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
    ئۇ چاغلاردا نىىنىڭ يەركۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتى.سوپىبەگ كىچىك ۋاقتىدا دادىسى غولجىدىن بىر تاتار مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ،ئۇنى ماتىماتىكا،جۇغراپىيە،تارىخقاتارلىق پەنلەردە ئۇقۇتۇپ تەربىيىلىگەن بولغاچقا،ئۇ شۇ چاغدىكى سەۋىيىلىك زىيالى ھېسابلىناتتى.شۇ يىلى ئۇ نىيىنىڭ ئاددى خەرىتىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى.خەرىتىدەنىيىنىڭ غەربى چىگرىسى ئەۋراز(نىيە بىلەن كېرىيە ئارىسىدىكى جاي ئىسمى)نىڭ ئېقىن ئورنىغا،جەنۇبى كوئىنلون تېغىغا،شەرىق تەرىپى ئەندىرە دەرياسىنىڭ بويىغىچە،شىمال تەرىپى كەشمىكۆل كەنتىنىڭ ئاياغ تەرىپى،ياتوڭغۇز ۋە ئىمام جەئفىر سادىق مازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىپايان قۇملۇقلارغىچە توغرا كىلەتتى.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا نىيە ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك  ئورنى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل بولدى.
    شۇنىڭ بىلەن نىيىنىڭ خەنزۇچەئىسمىنى بىكىتىشكە توغرا كەلدى.بىر بۆلۈك كىشىلەر نىيىنىڭ خەنزۇچە نامى يەنىلا نىيا بولىۋەرسۇن دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.بىراق،نىيا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىق گاۋجۈنتىيەن بۇ پىكىرگە قوشۇلماي مىن فېڭ دىگەن ئىسىمنى قويۇشتا چىڭ تۇردى ۋە بۇئىسىمنى يۇقىرىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كىيىن،نىيە ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە نامى مىن فېڭ دەپ بىكىتىلدى.1944-يىلى ھەر بىر كىشىگە پۇقرالىق كىنىشكىسى(ھازىرقى كىملىك ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى)تارقىتىلدى.شۇ يىلى 4-ئايغا كەلگەندە نىيەرەسمى ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ نىيە ناھىيىسى دەپ ئاتالدى.ھەر قايسى يېزىلارنىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە يېزىلىدىغان بولدى.
تىما يوللىغۇچى نىيە(uzniya)ئۈندىدار سالون گۇرۇپپىسى


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2508

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 772
توردىكى ۋاقتى: 255
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 14:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى ئاساسى بار ئىكەن-دە بۇ جاي ئىسمىنىڭ.بۇنى بىلىۋالدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 16:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاۋۇ گاۋ ئەمىر يامانكەن ھە ؟ بىر نەچچە خەنزۇ بار ناھىيىگە خەنزۇچە ئىسىم قۇيۇپ تەستىقلىتىپتۇ .
  ھازىر نۇرغۇن ناھىيىلەرنىڭ بۇلۇپمۇ شىمالدىكى ناھىيىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى يوق ، ئۇيغۇرچە ئىسىم (ئەسلىدە چۇقۇم بار ) نى قانداق تەرتىپ بىلەن تەستىقلىتىدىغاندۇ ؟
دىمەكچى بىزنىڭ خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ مۇڭغۇلچە ئىسمى خوتۇنسۇمۇل (خوتھونسۇمۇل) بۇرۇن كۈنەس ناھىيىسى بىلەن ئايرىلمىغان چاغدىكى ئۇيغۇرچە ئىسمى يۇلتۇز ناھىيىسى ئىدى ، بىراق ھازىر مەيلى ئاتاشتا بولسۇن ، ماتىرىياللاردا بولسۇن ئۇنداق ئاتالغاننى ئاساسەن كۆرمىدىم . بۇخىل ئىشلارغا ئاپتۇنۇم رايۇن كۆڭۈل بۆلسە بۇلاتتى .

7

تېما

0

دوست

960

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 20:43:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 16:42
ئاۋۇ گاۋ ئەمىر يامانكەن ھە ؟ بىر نەچچە خەنزۇ بار ناھىي ...

ھازىرمۇ نىيە ناھىيىسى دەيدۇ،لېكىن خەنزۇچىسى民丰县

7

تېما

4

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1567
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 22:20:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىياز ئاخون دەپ بىر قەبىلە ئۆتكەن ئىكەن ،شۇ نىياز ئاخون نامىغا نىيە دەپ ئاتالغان ئىكەن دەپ ئاڭلىغانمەن،بۇ بىر رۋايەت بولسا كېرەك ئىشقىلىپ جەنۇبى يېزا بازلارنى بىر كۆرۇپ كەلسەم بولاتتى.

7

تېما

0

دوست

960

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 23:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 22:20
نىياز ئاخون دەپ بىر قەبىلە ئۆتكەن ئىكەن ،شۇ نىياز ئاخو ...

مەن  بۇ رىۋايەتنى ھېچ ئاڭلىماپتىكەنمەن

0

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9525
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 00:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېرىيەمۇ بوپ قۇيىدۇ. بۇلۇپمۇ تاختا كۆۋرۇك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )