قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 14362|ئىنكاس: 62
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پۇتىن ھاكىمىيىتى يىمىرىلەمدۇ يوق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 12:10:51 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پۇتىن ھاكىمىيىتى يىمىرىلەمدۇ يوق

    ۋول كوچىسى گېزىتى مەخسۇس ماقالىسى (ليۇ گاڭ): رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇش تەدبىرى رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىدى، بەزى چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە ئېھتىمال سوۋېت ئىتتىپاقىچە تۇيۇقسىز يىمىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بەزى مېدىيەلەر نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەت ئۇچرىغان مەسىلىنى پۇتىنغا ئارتىپ قويمىغانلىقىغا دىققەت قىلغان.
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» 12-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئىقتىسادى16-دېكابر پۇتىن بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ داۋالغۇش پەيتىگە كېلىپ قالغان، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى قەيەردىن قەيەرگىچە بولىدۇ دېگەن بۇ تۈپكى مەسىلە كىشىلەر ئالدىدا لەيلەپ تۇرغان. بۇ خىل ۋەھىمە تۇيغۇسىنى رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۈز سىزىقتا چۈشۈپ كېتىشى قوزغىغان، گەرچە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇشنى قارار قىلىش ئارقىلىق پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى چەكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى پەقەت ئىككى كۈن ئىچىدىلا %17 چۈشۈپ كەتتى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سىرتقى جامائەتچىلىك ئىزچىل پۇتىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى ئۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ئاممىسى ئارىسىدىكى ئۆز ئىچىدە بىلىشىدىغان سودا دەپ قاراپ كەلگەن: پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى ۋەمۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، رۇسىيەلىكلەر بولسا رۇسىيەدە ھەقىقىي ئۆكتىچى پارتىيە بولمىغان ۋەزىيەتكە سۈكۈتتە تۇرىدۇ. ھازىر، پۇتىن بولسا ئىشەنچنى يوقىتىشقا باشلىدى.
     خەۋەردەدېيىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بىر  ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد ئەمەلدارى16-دېكابر ئىپادە بىلدۈرۈپ، رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىدەك رېئالىققا ماسلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پارچە سېتىش سودىگەرلىرى1-دېكابر دېيىشىچە، بىر قىسىم رۇسىيەلىكلەر ئاپتوموبىل ۋە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى قاتارلىق چوڭ مەھسۇلاتلارنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان، بۇرۇسىيەلىكلەرنىڭ 1998-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىكئەسلىمىسىنى ئويغاتقان. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يىل ئاخىرى بولغاندارۇسىيەنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى %10نى بۆسۈپ ئۆتىدىكەن. لېكىن رۇسىيە ئىقتىسادى كېلەر يىل چېكىنىشكە پېتىپ قالىدۇ. ئەمما خەۋەردىمۇ دېيىلىشىچە، نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەر 16-دېكابر ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە نۆۋەتتە ئۇچرىغان مەسىلىنى پۇتىندىن كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر خېرىدارنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئىش ھەققىدىن سىرت ھەممە نېمىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن، ئەمما بىز رۇسىيەلىكلەر جاپالىق كۈنلەرگە كۆنۈپ قالدۇق، دېگەن.
      ئەنگلىيە«مۇھاپىزەت گېزىتى» 12-ئاينىڭ 16-كۈنى دېيىشىچە، رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 16-دېكابر داۋاملىق زور دەرىجىدە چۈشكەن پەيتتە، ئۆزىنىڭ توپلىغان بايلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان رۇسىيەلىكلەر قارا يۇمۇرئارقىلىق ئىچىدىكى مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىنى چىقىرىۋالغان، بىر قىسىم كىشىلەر تالىشىپ مال سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ئەمما خەۋەردە گەرچە رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنرېكورت ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەلىكلەرنىڭ كەيپىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا تىنچ ئىكەنلىكىگە، ھېچقانداق ۋەھىمە ئالامىتىنى كۆرمىگەنلىكىگە دىققەت قىلغان. خەۋەردە بىر پېنسىيە مائاشى ئالغۇچىنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامانەت پۇلى يوقكەن، شۇڭا مال-مۈلكىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر ئايلىقى 12 مىڭ رۇبلىلىق پېنسىيە مائاشىنىڭ بارغانسېرى يەتمەيۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنغان.
     ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە دېيىلىشىچە، رۇبلىنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ئېھتىمال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىچە تۇيۇقسىز يىمىرىلىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە،رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇش ئارقىلىق رۇبلىنىڭ يىمىرىلىشىنى چەكلەش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئۆز ئىقتىسادىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ئېھتىمال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىچە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىن. خەۋەردە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرگى شۋېتسوۋنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئېغىر بولۇپ، بۇ خىل قارا چۈش كەبى ئەھۋالنى بىر يىل ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان. شۋېتسىيە Swisslnvest مەبلەغ سېلىش بانكىسىدىكى ئانتونىي پېتىرسنىڭ دېيىشىچە، گەرچە رۇسىيە خەلقى قىيىن تۇرمۇشقا دۇچ كەلگەندە قەيسەرلىكى بىلەن داڭلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سەۋرى-تاقىتى توشىدىغان پەيتتىن مۇداپىئە كۆرۈش كېرەككەن. خەۋەردەخەلقئارا پۇل-مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇبومىر مىتوۋ (LubomirMitov)نىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىشىچە، ئەگەر رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 33 مىليارد ئامېرىكىدىن تۆۋەن سەۋىيەگەچۈشسە، رۇسىيەنىڭ غايەت زور تاشقى قەرز كۆلىمى ھەمدە ھەر خىل بېسىملارنىڭ توپلىنىشىنى نەزەردە تۇتقاندا، رۇسىيە خەتەرلىك ئەھۋالغا كىرىپ قالىدىكەن.12-ئاينىڭ بېشىغىچە رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 41 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
    خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى%56 چۈشۈپ كەتكەن، بۇ رۇسىيەنىڭ GDPسىنىڭ 1تىرىلىئون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان رۇسىيەنىڭ تاشقى قەرزى رۇسىيە GDP سىنىڭ ئاز دېگەندە %70 گە توغرا كېلىدۇ، بۇ باھا بېرىش ئورگانلىرىنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى خەۋپتىكى سەۋىيەگە يەتكەن بولىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەم بانكىسىدىكى تىم ئاش (Tim Ash)نىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرزىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئەخلەت دەرىجىسىگە چۈشۈشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەن.
ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى.

5

تېما

2

دوست

2346

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15646
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 20:55:01 |ئايرىم كۆرۈش
قىرىمنى قوشۇۋالغانتى خوپ بولسۇن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

4

دوست

557

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31111
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 21:17:47 |ئايرىم كۆرۈش
روسىيە ئىقتىسادىي كىرزىسقا پېتىپ قالسا بىرىنجى بۇلۇپ پايدىغا ئېرشىدىغىنى دۆلىتىمىز جوڭگۇ ۋە تۈركىيە بۇلىدۇ،چۈنكى روسىيە ئۇ چاغدا دۆلىتىمىزگە ۋە تۈركىيەگە ئامالسىز ھالدا تەبىي گازنى ئەرزان سېتىپ بېردۇ.ئىككىنجى بوپ پايدىغا ئېرشىدىغىنى ئىران ۋە چاۋشەن بۇلىدۇ ،چاۋشەن ۋە ئىران روسىيەنىڭ قۇرال -ياراقلىرىغا  ئېھتىياجلىق .ئەگەر روسىيە يىڭىلگىنىنى تەن ئالمىسا بەلكىم 3-دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرشى ۋە بۇ سەۋەپلىك ئىنسانىيەت ھالاكەتكە يۈزلىنىشى مۇمكىن ،چۈنكى يىڭىلگىنىنى تەن ئالمىغان روسىيە ئىرانغا يادىرو بومبىسى ياساپ بېردۇ ۋە چاۋشەننى تېخىمۇ قوللاپ  كورىيەگە ھۇجۇم قىلغۇزىشى مۇمكىن.ئۇكرائىنادىكى ئۆكتىچى قۇراللىقلارنى تېخىمۇ قوللاپ ئۇكرائىنانى ئىككىگە بۆلىۋېتىشى ياكى ئىشغال قىلىۋېلىشى مۇمكىن.بۇ تەبىي ھالدا ياۋۇرپانىڭ ئەندىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ،ئەلۋەتتە ئامىركىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ ۋە ئىقتىسادىي تىركىشىش ئاخىرى بېرىپ ھەربىي تۇقۇنىشقا تەرەققى قىلىشى مۇمكىن......

6

تېما

0

دوست

1914

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 479
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 21:20:08 |ئايرىم كۆرۈش
«قىرىمنى » قۇشۋالغانلارمۇ تىزرەك بېشنى يگەي ئىلاھىم.......

0

تېما

0

دوست

1333

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31466
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 21:47:06 |ئايرىم كۆرۈش
مەن دوسلانىڭ رۇبلى ،نىفىت باھاسىنىڭ چۇشىشى بىلەن بىرگە پۇتىننىڭ ئىپادىسىگىمۇ دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

5

تېما

11

دوست

4019

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1268
توردىكى ۋاقتى: 492
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 21:48:39 |ئايرىم كۆرۈش
ئىلگىرمۇ ئامىرىكا سوۋىتنى يىقىتقان،بۇتىن سەل ئۆزىگە ئىشىنىپ كەتتى.قېنى ئويۇننىڭ كىيىنكى  بولۇملىرگە دىققەت قىللى.بۇ بىر تىراگدىيە  فېلىمى بولامدۇ ياكى بىر مەيدان قەھرىمانلىق جىڭى بولامدۇ؟ مېنىڭچە ھازىر ‹‹ئىسلام دۆلىتى››دىنمۇ بەك روسىيە مەسىلىسى قىززىق نۇقتا بوپ قالماقتا.

16

تېما

9

دوست

4941

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   98.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1458
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 21:53:24 |ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئامرىكا بىلەن روسىيە ئويۇن ئويناۋاتىدۇ...گەپ باشقا يەردە

2

تېما

4

دوست

557

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31111
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 22:01:06 |ئايرىم كۆرۈش
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 21:36
مىنىڭچە ئۇنچىۋالا تىز 3-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىمايدۇ،..د ...

روسىيە نېفىت ، تەبىي گاز ۋە ھەربىي قۇرال ياراق ئارقىلىق دۆلىتىنى بېقىۋاتقىلى بىر ئىككى يىل بولمىدى،ئۇلار روسىيە ئىقتىسادىنىڭ جان تۇمۇرى ،ئەگەر باشقىلار ئۇنى سېتىۋالمىسا نىمىسى بىلەن ئىقتىسادىنى ياخشىلايدۇ،روسىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قاراش كېرەك ، ئەگەر باشقىچە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قويالىسا ئاللىقاچان قۇيۇپ بۇلار ئىدى. ئەگەر ئۇرۇش بولماي قالسا روسىيەدە چۇقۇم سىياسى ئۆزگىرىش بۇلىدۇ ياكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بۇلىدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )