قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4022|ئىنكاس: 97

تۈركىي قەۋىملەر تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

9

دوست

5044

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1472
توردىكى ۋاقتى: 455
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 13:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 02:15  

تۈركىي قەۋىملەر تارىخى

ھەسەن ئاتا ئابۇشىي



    بۇ ئەسەرنى كەڭ تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىش مەخسىدىدە قۇربىمنىڭ يېتىشىچە كونا تاتار تىلىدىن ھەر كۈنى ئازراق ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ تەرجىمە قىلىپ ، يوللاپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بەزى نۇخسانلىرىمغا قارىتا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئەسەر مەزمۇنى ئەينەن تەرجىمە قىلىندى، ئەمما بەزى قىسقارتىشلار مەۋجۇت. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

     دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈگى ھىسابلىنىدىغان قەدىمىي تۇراننىڭ چەك-چېگرىسىز زىمىنىدا قەدىمىي دەۋىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن تۈركىي قەۋىملەرنىڭ تارىخىنى بىر قەدەر راستچىللىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىدىغان نادىر بىر كىتاب ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلغۇسى.تۈرىك ماقاللىرىدا:"ئەڭ يامان قېرىندىشىڭنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇڭدىن ياخشىراق ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتما" دىيىلىدۇ. بىز كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بىر ئۇرۇقتىن تۇغۇلۇپ، تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىملىگىنى بىلىۋالالايمىز.

ئادەم ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇرۇقلارغا بۆلۈنىشى
    ئەھلى شەرىئەت يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىكەنلىگىنى شەرھىلىسە،زامانىمىزدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى مۇئەللىپ ۋە تارىخچىلار ھەزرىتى نۆھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھام، سام ۋە يەفاس ئىسىملىك ئۈچ ئوغلىنىڭ نەسلىدۇر دەپ شەرھىلەيدۇ.ئافرىقا، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە مۇھىت جەزىرىلىرىدە ياشاۋاتقان خەلىقلەر يەنى  قارا تەنلىكلەر ھامنىڭ ئۇرۇقىدىن دەپ سانىلىدۇ. بۇلار يەنە "نېگىر" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسىرلىقلار، ئاسسۇرىيلار، كالدونىيلار،سۈرىيەلىكلەر،ئىبرانىيلار(يەھۇدىيلار)،ئەرەپلەر ۋە ئەرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخى شۇنداقلا تەخمىنلەرگە ئاساسەن سام نەسلىدىن دەپ سانىلىدۇ ھەمدە "سامنىيلار" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   يەفاس ئۇرۇقى بولسا ئىككى چوڭ بۆلەككە يەنى:بىرى "قەۋمى ئارىيە"، ئارىيانا،ئارىيانىيە دەپ ئاتالسا، يەنە بىر بۆلىكى "قەۋمى تۇرانىيە" "تۇرانىيە"،"تۈركىيە"،"موڭغۇلىيە" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار تەنە رەڭگىگە قاراپ، ئالدىنقىلىرى "ئاق تەنلىكلەر" كىيىنكىلىرى "سېرىق تەنلىكلەر"گە بۆلۈنىدۇ.
ھىندىلار، ئىرانلىقلار،ئافغانلار،يۇنانلىقلار، ئارناۋىدلار،لاتىنلار،نېمىسلار،فرانسۇزلار ۋە سىلاۋيانلار--- قەۋمى ئارىيە، ئارىيانلار ۋە ياكى ئاق تەنلىك قەۋىملەر سانىلىدۇ.چىنلار،ھىندىچىنلار،ئانناملار،ياپونلار،كورىيەلىكلەر،تۈرىك ئۇرۇقلىرى،فىنلار ۋە موڭغۇللار--- قەۋمى تۇرانىيە ياكى سېرىق تەنلىكلەر دەپ سانىلىدۇ.
قەۋمى ئارىيەنىڭ قەدىمقى ئۇرۇقلىرى
    ئارىيە قەۋمى قەدىمقى يۇنان تارىخچىلىرىنىڭ "باكتىرىيەلىكلەر" دەپ ئاتىغان خاتىرىلىرىگە كۆرە بەلىخ ۋە ھىرات تەرەپلەردە تىرىكچىلىك قىلىشقان. كىيىنچە ئىككىگە بۆلۈنىپ، بىر بۆلىگى جەنۇپقا--- ھىندىستانغا كۆچكەن، يەنە بىر بۆلىگى بولسا ھازىرقى ئىران زىمىنغا تارالغان بولۇپ، كىيىنچە غەرىپكە ۋە غەربىي شىمال تەرەپلەرگە--- ياۋروپاغا كۆچكەن.ئارىيانلار باشقا قەۋىملەردىن خېلى بۇرۇنلا كۆچمەنچىلىك تۇرمۇش ئادىتىدىن ئولتۇراقلاشما تۇرمۇش ئادىتىگە ئۆتۈشكەن بولۇپ، ئېكىنزارلىق بەرپا قىلىپ يونۇلمىغان تاشلاردىن ئۆي-ئىمارەت بەرپا قىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىلگىرىكى ئۆزلەشتۈرگەن ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىغا تار كەلگەنلىكتىن يەنە باشقا جايلارغا كۆچۈپ، ئۇ يەرلەردىكى كۆچمەن رەۋىشتە ياشايدىغان باشقا خەلىقلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، تارتىۋالغان يەرلەرنى داۋاملىق ئۆزلەشتۈرۈپ بېرىشقان. بۇنداق ئەھۋاللار  قىسقا ۋاقىتتا ئەمەس بەلكى يۈزلەپ يىللاردىن كىيىن يەنە قايتىلىنىپ كەلگەن.
     ئۇلار باشتىلا يىراق جايلارغا كەتمەستىن،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ،ئامۇ دەريادىن دەجلە، فىرات دەرياسى ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلارغا تارقالغان. ئۇلار بىر بىرىدىن يىراقلارغا كۆچكەنسېرى ئارىلىقتا كۆپلىگەن يىللار ئۆتكەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار كۆچكەن يەرلىرىدىكى خەلىقلەرنىڭ تىللىرى بىلەن ئارىلىشىپ ، ئۇلاررنىڭ تىللىرىدىمۇ ئۆزگىرىپ بارغان. قانچە يىراقلارغا كۆچكەنسېرى تىلىدىمۇ شۇنچە زور ئۆزگىرىشلەر بولغان. بۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بىلەن كۆچمەستىن بەلكى كەينىدىن ئۈزلۈكسىز قوغلاپ كېلىدىغان كۈچلۈك قەبىلىلەردىن پاناھلىنىش مەخسىدىدە كۆچۈشكەن. ھەر قېتىم كۆچۈپ بارغان ئورۇنلىرىدا يۈز يىللاپ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياشىغاندىن كىيىن يەنە كەينىدىن كەلگەن كۈچلۈكلەردىن پاناھ ئىزلەش يولىدا كۆچۈشكەن. ھەر كۆچكەندە پۈتۈنلەي كۆچمەستىن مەلۇم قىسمى ئورنىدا قالغان. بۇ ئەھۋال تىل ئۆزگىرىشىگە تۈرىتكە بولغان.
ئارىيان قەۋمىدىن بىر بۆلىگى ئەڭ دەسلەپتە شەرقىي جەنۇپقا يەنى ھىندىستانغا كۆچۈپ، خېلى زامانلارغىچە ئارىيان نامىنى ساقلاپ كەلگەن. ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ھىندىلار بىلەن چاكانلار ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. يەنە بىر بۆلىگى غەربىي جەنۇپ تەرەپكە كۆچۈپ تارىلىپ، "ئىرانلىقلار" دەپ ئاتالغان. زامانىمىزدىكى ئىرانلىقلار(پارىسلار) ئافغانلار،كۇرىدلار ۋە ئەرمەنلەر شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر. كىيىن مۇشۇ ئاارىيان قەۋمىدىن بولغانلار ۋاقىتلار بويىچە تۈركۈملەپ كافكاز تاغلىرى ۋە بوسفور بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا كەلگەن ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئارىيان


قەۋمىنىڭ ياۋروپاغا كۆچكەنلىرىدىن تۆۋەندىكى قەبىلىرىرى بار:
1-        پالاسىھ قەبىلىسى.  قەدىمقى ئارىيانلار--- ھازىرقى ئارناۋىدلار ئەنە شۇ قەبىلىدىندۇر. ئارناۋىدلار ئۆزلىرىنى ئەڭ قەدىمقى غەرىپلىكلەر دەپ قارىشىدۇ.
2-        يۇنان  قەبىلىسى. قەدىمقى پلاسگىرلار،ئېللېنلار، يۇنانلار،غەرىقلەر ۋە رۇملار مۇشۇ قەبىلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

3-        لاتىن قەبىلىسى.  ئىتالىيانلار، رۇمىنىيەلىكلەر،فرانسۇزلار، بېلگىيەلىكلەر، ئىسپانلار ۋە پورتۇگاللار مۇشۇ قەبىلىگە مەنسۇپدۇر.
4-        كەلت ۋە ياسلات قەبىلىسى.  بۇرۇنقى گوللاندىيە كەلتلىرى، كېمىرىيلار، برىتانىيە، ئىرلاندىيە ۋە گوللاندىيە خەلىقلىرى مۇشۇ قەبىلە كىشىلىرىدىندۇر.
5-        تەفتۇن قەبىلىسى ۋە ياكى گېرمان قەۋمى.  بۇرۇنقى غۇت ياكى غۇفتلار، گېرمانىيە ياكى ئاۋسترىيە نېمىسلىرى، بالتىق بويى ۋە روسسىيەدىكى نېمىسلار، ئىسكاندىناۋىيە خەلقى—نورمانلار، ۋاياقلار، دانىيەلىكلەر، شۋېتلار، نورۋېگ ۋە ئىسلاندىيەلىكلەر مۇشۇ قەبىلىدىندۇر.
6-        سلاۋيان قەبىلىسى.   بۇرۇنقى پرۇسىيەلىكلەر،پولەكلەر، لىتۋا، چېخ، سېرىبلار، قارا تاغلىقلار، خارۋاتلار، سلوۋاكلار، سلوۋيانلار، مالورۇسلار، بېلورۇسلار، دوناي بويىدىكى ۋېلىكورۇسلار مۇشۇ قەبىلە خەلقىدۇر. لېكىن ئاخىرىقى ئىككىسىنى سلاۋيانلار دىگەندىن، سلاۋيانلىشىپ كەتكەن قەۋىملەر دىيىش بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدۇ.
     چۈنكى دوناي بۇلغارلىرى تۇرانىيە قەۋمىنىڭ تۈرىك قەبىلىسى بىلەن كومو بۇلغارلىرى بىر ئۇرۇق كىشىلىرى ئىدى،  ئۇلار قارا دېڭىز ئەتراپىدىن كۆچۈپ كېلىپ دنېپر ۋە دوناي دەريالىرىنىڭ ۋادىسىدا تىرىكچىلىك قىلىشاتتى. مىلادى 679-يىلى  مىزىيە (بۇلغار) نامىدىكى سلاۋيان قەبىلىنىڭ  يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، بۇ يەردە كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەت تەسىس قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى كۈچلۈك بولسىمۇ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى سلاۋيانلارنىڭ ئۆرىپ- ئادەت ۋە تىلىنى قوبۇل قىلىپ سىلاۋيانلىشىپ كەتكەن. بۇلار ھازىر ۋېلىكىي رۇس (ئۇلۇغ رۇس. رۇسلار  ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتىشىدۇ.) دەپ ئاتالماقتا. كىيىنچە بۇلرنىڭ تەركىۋىگە كۆپلىگەن تۈرىك، تاتار، موڭغۇل قەۋىملىرى قوشۇلۇپ ئۇلارمۇ رۇسلىشىپ كەتكەن. ھازىرقى كۈندە ئۇلارنى فامىلىسىگە قاراپ ئايرىش مۈمكىن. چۈنكى بۈگۈنكى رۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەجدادلىرىنىڭ تۈركىي فامىلىسىنى ۋە ياكى قانداقتۇر تۈركىي خاسلىقلىرىنى ساقلاپ قالغان.
تۇرانىيە قەۋمى
     يەفاسنىڭ  ئەۋلاتلىرىدىن موڭغۇل چىرايىغا تەۋە بولغان بىر  قەبىلە(ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇلار تۈرىك) ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىسسىقكۆل ۋە ئالتاي تاغلىرى ۋادىلىرىغا كېلىپ ماكانلىشىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئىيلا ئاۋۋالقى ياشىغان يەرلىرىگە سىغماي، ئۇلارمۇ باشقا قەبىلىلەردەك ئەتراپقا تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئولتۇراقلىشىپ ياشىسا بەزىلىرى كۆچمەن رەۋىشتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇششاق قەبىلىلەرگە بۆلۈنىشى قانچە تېز بولسا، ئارىسىدىن كۈچلۈكرەك قەبىلىدىن چىققان ھۆكۈمراننىڭ تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشىشىمۇ شۇنچە تېز بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈچلۈك ھۆكۈمرانلارنىڭ پەتىۋاسى بىلەن بۆلۈنۈپ تۇرغان.
     تارىخچىلار بە ئارخېئولوگلارنىڭ تەبىرىچە چىن، ماچىن، ئاننام خەلىقلىرى،ياپون قەۋمى، كورىيە خەلىقلىرى، فىن ئۇرۇقلىرى، تۈركىي خەلىقلەر، تاتار ۋە موڭغۇللار، تۇنغۇسلار، بۇرياتلار، ياكۇتلار، مالورۇس ئۇرۇقلىرى، يۇقاغىر، چۇكوتلار، ئىسكىموسلار شۇنداقلا شىمالىي قۇتۇپ خەلىقلىرى ۋە باشقىلار.
داڭلىق نېمىس تارىخچىسى فرېدرىك مىللېر تۇرانىيە قەۋمىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 52 دەپ قارايدۇ. بۇ يەدە سانالغانلاردىن بەزىلىرى يەنە كۆپلىگەن ئۇرۇقلارغا بۆلۈنىدۇ.  مەسىلەن تۈرىك ئۇرۇقى قەۋمى 17 چوڭ  قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ. (قەدىمقى چىن، يۇنان، ياۋروپا، تۈرىك، ئىران ۋە رۇس تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە 80دىن ئارتۇق قەبىلە بار دەيدىغان قاراشلارمۇ مەۋجۇت.) مۇشۇ قەۋىملەرنىڭ ھەممىسى پارىسلارنىڭ قەۋمى تۇرانىيە دەپ ئاتىشى بىلەن تۈرك دالىسىغا تارقىلىپ تاشاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئالتااي تاغلىرىدا بولغانلىقتىن ئالتاي قەۋمى، خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ناملىق قەبىلىدىن تارقاغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئالتاي گۇرۇپپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  قەدىمقى خاتىرىلەرگە ئاساسەن ئەسلى تۈرىك موڭغۇل قىياپەتلىك كېلىدۇ دەپ قارىلىپ، موڭۈۇل قىياپەتلىك بارچە خەلىقلەر قەۋمى تۇرانىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ

چىن خەلقى
     ئارىيانلار قەۋمىدە كۆرۈلگەن ئەھۋالمۇ تۇرانىيە قەۋمىدە ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ. يەنى تۇرانىيە قەۋمىمۇ تەبىئىي كۆپىيىپ بارغانلىقتىن، ئەسلىدىكى ماكانلىرىغا سىغمىغانلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىگى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان زىمىن تاپقۇچە ۋە ياكى كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن كۈچلۈكرەك قەبىلىلەرنىڭ خەتىرى تۈگىگەنگە قەدەر كۆچكەن.  تۇرانىيە قەۋمىدىن بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر كۆچمەن رەۋىشتە ياشاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بەزىلىرى خېلى قەدىمىي دەۋىرلەردىن باشلاپلا شەھەر مەدەنىيىتىگە ئۆتۈپ بولغان.
    تۇرانىيە قەۋمىدىن ئەڭ بۇرۇن چىن ۋە ياپون خەلقى شەرقىي جەنۇپ تەرەپكە قاراپ كۆچكەن.  ئالدىن تىبەت يەرلىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇشقان بولۇپ، كىيىن بۇ يەردە قالغانلىرى ھازىر "تىبەت" دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچىسى شەرىققە كۆچۈپ، ئاسفار دېڭىزى بىلەن ئەزرەق دېڭىزى ئوتتۇرىسىدىكى يەرلەرگە يەرلەشكەن. كىيىن مۇھىت جەزىلىرىگە يامرىغان. چىنلار ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي خەلىقلىرىدىن دەپ ھىسابلايدۇ ۋە( 200000يىل بۇرۇنقى )ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئىلىم مائارىپ ۋە ھۈنەر-سەنئەت جەھەتلەردە ھەقىقەتەنمۇ قەدىمىي خەلىقلەر ھىسابلىنىدۇ. تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ ئۆزلىرىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئىلىم ۋە ھۈنەر-سەنئەتمۇ ئۆزلىرىدە بولغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار  ئۇزاق زامانلارغىچە باشقا قەۋىملەرگە مۇھتاج بولماي، شۇنداقلا باشقا قەۋىملەرنىمۇ ئۆزلىرىگە قوبۇل قىلمىغان ھالەتتە  ياشاپ كېلىشكەن. شۇ سەۋەپتىن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك قەۋىملەردىن سامىيلار ۋە ئارىيانلارغا ئۇلارنىڭ بارلىغىمۇ ئانچە مەلۇم ئەمەس بولغان. بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىش كەم بولغانلىقتىن مەلۇماتلار تازا تولۇق بولماي كەلگەن. كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەدەنىيەت ئالمىشىش دولقۇنى بارلىققا كەلگەندە، ئۇلار تۈرۆىي قەۋىملەر بىلەن خېلى زامانلارغىچە خوشنىدارچىلىقتا ياشاپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ تارىخچىلىرىمۇ تۈركىي قەۋىملەر توغرىسىدا كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەرنى توپلىغان.
       چىنلارنىڭ تۈركىي قەۋىملەردىن تاتارلار بىلەن تۇكۇيلارنىڭ قانداشلىق قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە "موڭغۇل" قەۋمى بارلىققا كەلگەن. بۇ موڭغۇللار كىيىنچە كۆپىنچە ھاللاردا تۈرۆىي قەۋىملەرگە قوشۇلۇپ كېتىشكەن. چىنلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئاساسەن بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى بولۇپ، ئىسلام دىنى تارالغاندىن كىيىن ھازىرقى كۈندە ئۇلاردىن 70 مىليونغا يېقىنراقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. پېكىن شەھرىدە 35 ئورۇندا مەسچىت بار. پېكىن ئۇلارنىڭ ئاستانىسى بولۇپ، بۇ شەھەر ئىچكى شەھەر ۋە تاشقى شەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئىچكى شەھەر تاتارلار شەھرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاشقى شەھەردە باشقىلىرى تىرىكچىلىك قىلىدۇ. پادىشاھى مانجۇ نەسلىدىن تۈرىك ئوغلى بولغان بىر تاتار.

ياپون قەۋمى
    ياپون قەۋمىنىڭ قەدىمىي تۇرانىيە قەۋمىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىگىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ياپونلار ئەسلىدە ئالتاي ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپلىرىدىن بولۇپ، شەرقىي جەنۇپقا توختاۋسىز كۆچۈشى نەتىجىسىدە ھازىرقى ئونى---- مۇھىت جەزىلىرىگىچە تارالغان. ياپونلارنىڭ كىملىگى توغرىسىدا ئىختىلاپلىق پىكىرلەر كۆپ بولسىمۇ، بۇلارنىڭ بىرى ھەقىقەتتۇر. يەنى ئۇلار  چىن – تۈرىك، مانجۇ- موڭغۇل قاتارلىق تۇرانىيە قەبىلىلىرىنىڭ ئارىلىشىشدىن ھاسىل بولغان قەۋىم.
    مىلادىدىن بۇرۇنقى 660-يىللارغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخى مەلۇم بولمىسىمۇ، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن مۇنتىزىم تارىخى باشلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 585-يىلى پۈتۈن ياپونىيە بىر پۈتۈن دۆۋلەت سۈپىتىدە شەكىللىنىپ بولغان. بىرمىڭ ئالتە يۈز يىلدىن بۇيان ئۆرىپ – ئادەت ۋە بەزى مەدەنىيەتلەرنى چىنلاردىن قوبۇل قىلغان. چىنگىزخاننىڭ ئوغلى قۇبىلەي خان پۈتۈن چىننى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغاندىن كىيىن، 4000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ياپونلارنىڭ مۇداپىئە تەرتىۋىنىڭ مۇكەممەللىگى ۋە كۈچلۈك بوران چاپقۇن نەتىجىسىدە قۇبىلەي خاننىڭ تەسەررۇپىغا ئۆتمەي قالغان.  ياۋروپالىقلار بولسا ياپونىيەنىڭ مەھجۇتلۇقۇنى مەشھۇر سەيياھ ماركو پولونىڭ دېڭىز سەپىرىدىن كىيىنلا(مىلادى 13-ئەسىردە) ئاندىن بىلىشتى. ياپونلارمۇ خېلى قەدىمدىن باشلاپلا مەرىپەتلىك، ھۈنەر – سەنئەتكە باي خەلىقلەردىن سانىلىدۇ.

فىن قەۋمى
     تۇرانىيە قەۋمىنىڭ چوڭ قەبىلىلىرىدىن بىرى خالىس تۈرىك قەۋمىگە ئەڭ يېقىن قەۋىملەرنىڭ بىرى فىن قەۋمىدۇر.  بۇلار ئۇيغۇر ئالتاي، ئۇرال ئالتاي ۋە ياكى تۈرىك فىن قەۋمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمىي ماكانى ئالتاي تاغلىرى ۋادىسى، ئۇرۇقىنىڭ كۆپرەكى ئۇيغۇر ۋە فىن ئۇرۇقىدىن بولغانلىقتقن ئۇيغۇر ئالتاي قەۋمى، باشقا تەرەپلەرگە تاراشتىن  بۇرۇن ئۇرال تاغلىرى ئەتراپىدا ئۇزاق مۇددەت ياشىغانلىقتىن ئۇرال ئالتاي قەۋمى، نېمىسلارغا مەلۇم بولغان قىسمى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۆپرەگى سازلىقلاردا ياشىغانلىقتىن نېمىسلار "فىن" يەنى سازلىق قەۋمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قەۋىم ناھايىتى قەدىمدىن تۈرىك ئۇرۇقىنىڭ بىر تامىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ زامانلار تۈرىك قەۋمى بىلەن ئارىلىشىپ، خوشنىدارچىلىقتا ياشاپ كەلگەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارلىشىشدىن كېلىپ چىققان خەلىقلەرنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇلار يەنە تۈرىك فىن قەۋمى دىپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇنانلىقلار فىن قەۋمىنى سىلاۋيان قەۋمى بىلەن بىرلىكتە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۇلارنى تۈرىكلەرگە باغلاپ "ئىسكىت" دەپ ئاتىدى. ئەرەپلەر بولسا "سەقلاب" دەپ ئاتاشتى. سىلاۋيانلار بولسا فىنلارنى "چۇد" دەپ ئاتىشىپ كەلگەن. ئەمما فىنلار ئۆزلىرىنى "سۇمالايىن"، "غۇئومى"، "مونسو" ، "مورى" دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدى. ھازىرقى ئالىملار ئۇلارنى جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە ئاساسەن "فىن" قەۋمى دەپ ئاتايدۇ.
داۋامى بار...


فىن قەۋمىنىڭ تارماقلىرى
فىن قەۋمى ناھايىتى قەدىمىي زامانلاردىن باشلاپلا غەرىپ ۋە غەربىي شىمال تەرەپلەرگە تارالغان، ئۇلار تۈرىك جەزىرىسىنىڭ شىمالىغا، سىبىريەگە، ئىرتىش ۋە يېنىسېي(ئانا ساي) دەريا ۋادىلىرىغا، ئۇرال تاغلىرىنىڭ ئەتراپى ۋە ئۇنىڭ غەربىي شىمالىغا، ياۋروپانىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شەرقىي قىسىملىرىغا، بالتىقنىڭ شىمالىدىن نورۋىگىيە، شۋېتسيە،دانىيە ۋە مۇھىت جەزىلىرىگىچە ۋولگا دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى ۋە ئۇفا قاتارلىق جايلارغىچە تارقالغان. تارىختا ئىسمى قەيىت قىلىنغان ۋە ھازىرغا قەدەر تاشاپ كېلىۋاتقان فىن قەۋملىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى بار.
قاماسىن، تۇۋا، قۇت، ئارىن، ئاسان ۋە باشقىلار. ئالتاينىڭ شىمالىدا  سامۇئىد. تۇرخان ۋە يېنىسېي ۋادىلىرىدا، شىمالىي ئوكياننىڭ بويلىرىدا ئۇستوك، ئىستوك، ۋاغۇل.  يېنىسېي، ئىرتىش بويلىرى ۋە ئۇرال تاغلىرىنىڭ سەل غەربىي تەرەپتىكىلىرى يۇغرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تۈرىك ئۇرۇقلىرى
تۇرانىيە قەۋمىنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدىمىي ماكانىنىڭ ئالتاي ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرى ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى بايان قىلغان ئىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ياۋروپاغا كۆچۈپ تارقالغان. تۈرىك ئۇرۇقلىرى تۇرانىيە قەۋمىنىڭ قەبىلە بېشى ۋە ئەڭ قەدىمىي چوڭ تارماقلىرىنىڭ بىرى. بۇلارمۇ باشقا قەۋىملەردەك ئەسلى ماكانى ئالتاي ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىغا سىغمىغاندىن كىيىن(نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن) ناھايىتى كۆپ ئۇرۇقلارغا بۆلۈنۈپ، تەرەپ-تەرەپلەرگە چېچىلغان. شەرقىي شىمالغا، ياپون ۋە ئوخوتسك دېڭىزىنىڭ بويلىرىدىن تارتىپ، فىن قەۋمىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان جايلارغا، ھەتتا فىن قەۋمى بىلەن ئارىلاش ھالەتتە، غەرىپتە ۋىسلا دەريا ھاۋزىلىغىچە،جەنۇپتا دوناي ۋادىسىغىچە، شەرىقتە قارا ۋە اق دېڭىزلارنىڭ شىمالىغىچە،رافراز تاغلىرى ۋادىلىغا، ئەزەر چۆللىرى، كاسپىينىڭ جەنۇبىدىن ئامۇدەريانىڭ قىرغاقلىرىغىچە، ئىلگىرى يۇنانلىقلار "باكتىرىيە" دەپ ئاتىغان بەلىخ ۋە ھىرات تەرەپلەرگىچە، پامىر ۋە ھىندىقۇش تاغلىرىغىچە، تىبەتنىڭ غەربى، سەددىچىننىڭ شىمالىي ئىتەكلىرىگىچە ۋە شەرىقتىكى ئوكيانغىچە بولغان ئارىلىقلارغا كەڭ تارالغان. تۈرىك خەلىقلىرى بۇ جايلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي خوجايىنلىرى ھىسابلىنىدۇ. گرچە بۇ ئورۇننىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئارىيلار، شىمالىدىن فىن قەۋمىنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىگى قەيىت قىلىنسىمۇ، ئەمما تارىخىي ئىسپاتلار بۇ جايلارنىڭ ئۇلارنىڭ تارىخ باشلانغاندىن بۇيانقى ھەقىقىي ماكانى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇلار يەرلىك خەلىقلەر دەپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا قەۋىملەرنىڭ ئۈستىدىن بولغان ھۆكۈمرانلىغىنىڭ تۈرىتكىسىدە ئۇلارنىڭ زىمىنى تېخىمۇ كەڭرى جايلارغىچە يېيىلغان. بالتىق دېڭىزىدىن شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە، ئاۋسترىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغىچە، ئافرىقىدا سەھرايى كەبىر، تۇنىس، ترابلىس، مىسىر، شام، ئەرەب زىمىنلىرى، پۈتۈن كىچىك ئاسىيا، ئىران، ئافغانىستان، ھىندىستان ۋە چىن زىمىنلىرىغىچە تەسەررۇپىدا بولغان. تۈرىكلەر قەۋمى تۇرانىيە قەۋمىنىڭ باشقا قەۋىملىرىدەك توغرىدىن توغرى يىراقلارغا كەتمەستىن، بەلكى ئۆز زىمىنىغا خوشنا زىمىنلارغا كېڭەيگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ زىمىنلار "تۈركىي كەبىر"، چىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەر ۋە تارىم ۋادىلىرى "تۈركى سەغىر" ۋە ياكى" تۈركى چىننىي" دەپ ئاتالغان. بۇ زىمىنلار  گەرچە غايەت زور زىمىنلار بولسىمۇ ئەمما ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە بۇلار ھەرتەرەپلەرگە تارقالغان. تۈرىك ئۇرۇقلىرى مۇشۇ كەڭرى زىمىندا ناھايىتى كۆپلىگەن تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. كۆچمەن تۇرمۇش تەرىزىمۇ مۇشۇنداق بۆلۈنۈشلەرنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر – بىرىنى ئايرىش مەخسىدىدە كۆپىنچە ئۆزلىرىنى سۇ، ئورمان، تاغ ۋە ياكى ھايۋاناتلار نامى بىلەن ئاتاپ كېلىشكەن. يۇنانلىقلار، چىنلار ۋە پارىسلار تەرىپىدىن ئاتالغان ھەرخىل ئاتاقلارنىڭ ھەممىسى شۇ بەلگىلەردىن بولغان. بىز بۇ تارماقلاردىن بىزگە ئۇلۇغ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەپچىسى سۈپىتىدە مەلۇم بولغانلىرى ۋە ھازىرغا قەدەر تارىخ مەيدانىدىن شاللىنىپ كەتمەي ساق- سالامەت تىرىكچىلىك قىلىپ كېلەلىگەنلىرىنى بايان قىلىمىز. ئەمما قەۋمىمىزنىڭ بەزىلىرى دۇنيادا ھېچقانداق بىر بەلگە – نىشانسىز باشقىلار سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىرىنى بۇ يەردە بايان قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.(ئاپتور)
ياقۇت(ياكۇت) قەۋمى
تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە تۈركىيلەرنىڭ قەدىمىي تاماقلىرىدىن بىرى ھازىرقى بايقالنىڭ شىمالى،لېنا دەرياسى ۋادىسىدىن شىمالىي مۇز ئوكيانغا قەدەر بولغان زىمىنلارغا كۆچۈپ، ياقۇت قەۋمى دەپ ئاتالغان. ھازىرقى كۈندە بۇلارنىڭ نامىغا باغلىنىشلىق بولغان لېنا ۋادىسىدىكى "ياكۇتسك" شەھرى مەۋجۇت. ئۇلار باشقا قېرىنداش تۈركىي قەۋىملىرىدىن ناھايىتى بۇرۇنلا ئايرىلىپ، موڭغۇل قەۋمى بىلەن بىۋاستە بىرلىكتە ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تىللىرى تۈركىي تىللاردىن يىراقلاپ، چىراي ھالەتلىرىمۇ ئاساسەن موڭغۇل بەشەر بولۇپ كېتىشكەن. ياقۇتلارنىڭ ئەسلى ماكانى بايقالنىڭ ئەتراپى بولۇپ، "بايقال" سۆزىنىڭ ئۆزى ياقۇت تىلىدىكى دېڭىز مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بايقالنىڭ بويلىرىغا بۇرياتلارنىڭ باستۇرۇپ كېلىشى بىلەن ياقۇتلار لېنا، كېتو، بوگونىد، كوتونگو، ئانابور ۋە يېنىسېي دەريا ۋادىلىرىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.
ياقۇتلار گەرچە قەدىمدىن كۆچمەن مىللەت بولسىمۇ، ئەمما تىرىشچان بولغانلىقىدىن ياۋروپا تەرەپلەرگە بارغانلىرى دېھقانچىلىق جابدۇقلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، بۇنداق جابدۇقلارنى ئۆز يەرلىرىدە تەقلىد قىلىپ ياساپ چىققان. چېركاسلاردەك تۆمۈرچىلىككە ماھىر بولسا، ياغاچتىن ھەرخىل جابدۇقلارنى چېۋەرلىك بىلەن ياساشنى دەستىگە ئالغان. ياقۇتلار ئاتنىڭ تېرىسىدىن پەقەتلا سۇ ئۆتكۈزمەس بۇيۇملارنى ياساشقا ماھىر. ياقۇتلاردا تۈركىيلىك بەلگىلىرى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئات گۆشى ۋە ئات سۈتى--- قىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ. ياقۇتلار ئۆزىنىڭ چارۋىسىنىڭ كۆپلىگى ۋە سودىغا ماھىرلىقى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا خەلىقلەردىن باي- باياشاتتۇر. ئۇلار بۇرۇن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقان. رۇس باسقۇنىدىن كىيىن رۇسلار ئۇلارنى خىرىستىئانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ پۈتۈنلەي خرىستىئانلاشتۇرىۋەتكەن. ئۇلار بىلىم سۆيەر خەلىقتۇر.

تۈركىي قەۋىملەر تارىخى5
ئىسكىت ۋە ئىسقۇلۇت تۈرىكلىرى

تۈرىك ئۇرۇقلىرىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي قەۋىملىرىدىن بىر ئىسكىت تۈرىكلىرىدۇر. ئىسكىت نامى يۇنانلىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئەمما ئۇلار ئىسقۇلۇت ۋە پار ئالات ناملىق ئىككى چوڭ تارماقنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن. خانلىرى پار ئالات جەمەتىدىن قويۇلۇپ كەلگەن. يۇنانلىقلار ئۇلارنى بەزىدە ئىسقۇلۇت دەپمۇ ئاتاشقان.  داڭلىق لاتىن تارىخچىسى يۇستون "ئىسكىتلار مىسىرلىقلاردىنمۇ قەدىمىي خەلىق" دەپ شەرھىلەيدۇ. تۈركىي كەبىر جەزىرىلىرىگە تۇتاش كەتكەن ئۇرال تاغلىرى ۋادىسى، ئۇرال تاغلىرىدىن ۋېسلا ۋە دوناي دەريالىرى ۋادىلىرىغىچە، ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمى، ئېدىل، دون، دنېپر، دنېستر ۋادىلىرىغىچە قارا ۋە ئاق دېڭىزنىڭ شىمالى، كاسپىي ئەتراپى، كافكاز تاغلىرى ۋادىسى قەدىمدىن تۈرىكلەرنىڭ ماكانى ئىكەنلىگى مەلۇم. بۇلارنىڭ شىمالىدا تۇرانىيە قەۋمىدىن فىن ئۇرۇقىنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم. يازما تارىخ شەكىللەنگەندىن كىيىن ئەڭ بالدۇرقى تارىخچىلار مەزكۇر رايونلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇنلارنىڭ تۈركىي قەۋىملەردىن ئىبارەت خەلىقلەرنىڭ تۈپ زىمىنى ئىكەنلىگىگە تولۇق ئىشەنگەن.
ئەڭ بالدۇر تارىخ يازغانلاردىن: سامىيلاردىن----- يەھۇدىيلار، ئارىيلاردىن پارىسلار بىلەن يۇنانلىقلار، تۇرانىيەلىكلەردىن  چىنلار بولغان. تۈركىي كەبىردىكى تۈركىيلەرنىڭ تارىخى توغرىسىدا پارىسلارن چىنلار ۋە يۇنانلىقلارنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە ئانچە مۇكەممەل بولمىغان مەلۇماتلار بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما  كافكاز تاغلىرى، قارا  دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كاسپىينىڭ ئەتراپىدىكىلى توغرىسىدا ھېچقانداقن مەلۇماتلار يوق ئىدى.
يەھۇدىيلار ۋە يۇنانلىقلارنىڭ قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كافكاز توغرىسىدىكى گۇمانلىرى
    يەھۇدىيلار ئىلگىرى كافكازنى دۇنيانىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرىدىغان "قاف" تېغى، كاسپىي ۋە قارا دېڭىزنى يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدن كېسىپ ئۆتكەن مۇھىت دېڭىزى دەپ قارىشاتتى. بۇ ئورۇنلارنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان خەلىقلەر توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان يەھۇدىيلار ئۇلار توغرىسىدا بەزىبىر ئەپسانىلەرنى توقۇشقا ئۈلگۈرگەن. يۇنانلىقلار جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن يەھۇدىيلارغا يېقىن بولۇپ، ئۇلاردىمۇ بۇ ئەللەر توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتلار يوق بولغان. ئۇلار قارا دېڭىزدىن ئۆتۈش مۈمكىن بولمايدىغان دېڭىز دەپ قاراپ، شۇ ۋەجىدىن قارا دېڭىزنى "ئوكسىنۇس" دەپ ئاتاشقان بولۇپ، ئۇلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا ئادەملەر بىلەن جىنلار نەسلىدىن بولغان يېرىم ئادەم، يېرىم جىنلار ياشايدۇ دەيدىغان رىۋايەت ت تۈسىنى ئالغان ئەپسانىلەرنى يېزىش بىلەنلا چەكلەنگەن. كىيىنكى زامانلاردا يۇنان سودىگەرلىرى قارا دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىغا چىقىپ، بۇ يەردە ياشايدىغان خەلىقلەر توغرىسىدىكى ئەپسانىلەرنى رەت قىلىپ، ئافىنا مەيدانىدا ئۇلار ھەققىدە سۆزلەيدىغان بولۇشتى. مىلالدى 750 – يىللاردا يۇنانلىقلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا ئۆتۈپ،  شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشقا باشلىدى. دنېپر بوغۇزىنىڭ قىرىق چاقىرىم يۇقىرىسىدىكى "ئۇلۋىيا" قىرىمدىكى سېۋوستوپولدا "خرسۇنىس"  قاتارلىق شەھەرلەرنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەسىسى قىلغاندىن كىيىنلا، ئۆز ۋەتىنىدىكىلىرىگە بۇ يەردىكى يەرلىك خەلىقلەر توغرىسىدا مۇپەسسەل مەلۇمات بېرىشكە باشلايدۇ.
"ئەبۇل مۇئەخخىرىن" دەپ ئاتىلىدىغان يۇناننىڭ قەدىمىي تارىخچىسى گېرېدوت مىلادى 445-يىلى قارا دېڭىزنىڭ بۇ قىرغىقىغا ئۆتكەن.  ۋە يەرلىك خەلىقلەرنى كۈزىتىپ، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كىيىن يۇنانلىقلار ۋە رىملىقلاردىن باشقىلار بۇ رايون جۇغراپىيىسى ۋە تارىخى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەپ چىققان. تېمون، ئارىستولىس، ئاراتۇسفىن، باتلىمۇس، ئېيفۇر، ئىستوبۇن ۋە باشقىلار قارادېڭىزنىڭ شىمالىدىكى خەلىقلەر توغرىسىدا كۆپلەپ ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان.
يۇقارقىلار دۇناي ۋادىسىدىن ئۇرال تاغلىرى ۋادىسىغىچە بولغان زىمىنلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈدىغان يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنىدىغان بىر چوڭ قەۋىم ( تۈرىكلەر)نىڭ بارلىقىنىدىن مەلۇماتلار يېزىشقان. بۇ قەۋىملەر تۈركىي كەبىردىكى قەۋىملەرگە ئوخشاشلا ھارىۋىلاردا ۋە كىگىز ئۆيلەردە تۇشمۇش ئۆتكۈزىدىغانلىقى، ئات سۈتىنى ئوزۇق قىلىپ، ئات، كالا، قوي ۋە باشقا ھايۋاناتلارنى بېقىپ، ئات ئۈستىدە يەپ- ئىچىدىغانلىقى، ھەتتا بئات ئۈستىدە ئۇخلايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقى، ھەتتا ئاتلىرىنى ئۆلىرىدىنمۇ ئارتۇقراق ياسىداق تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغان.





ھۇن تۈركلىرى
تۈركلەرنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى ئالتايدىن تارتىپ، تىبەت ۋە چىننىڭ غەربىي شىمالىغىچە،تارىم ۋادىسى ، لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتراپى، ھازىرقى موڭغۇل دالىلىرى، تۈركى كەبىر ۋە دەشتى قىرغىز دالىلىرىغىچە ۋە شۇنداقلا ئۇرال تاغلىرى ۋادىلىرىغىچە تارالغان. بۇلار ھۇن تۈركلىرى ئىدى. ئۇلار چىنغا باستۇرۇپ بېرىشىدىن 3000يىللار ئىلگىرىلا مەلۇم ئىدى. چىنلار ئۇلارنى "خۇننۇ"، "شيۇڭنۇ" ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ناملار بىلەن ئاتىشىپ كەلگەن. ھۇنلار بۇخارا ۋە قىرغىز دالىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ دەسلىۋىدە ناھايىتى كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەت تەشقىل قىلغان. كىيىنچە ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلار ھەرخىل ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن "جەنۇبىي ھۇنلار" ۋە ياكى "ئاق ھۇنلار"، "غەربىي ھۇنلار" ۋە "شىمالىي ھۇنلار" دەپ ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن. ئاق ھۇنلار "تىېلې" نامى بىلەن ئامۇدەريانىڭ جەنۇبىغا، پارىسلار "مېدىئا" ۋە يۇنانلىقلار "ئارۇپاترا" دەپ ئاتىشىپ كەلگەن ھازىرقى ئەزەربەيجان تەۋەلىكلىرىگە تارالغان. ئەزەربەيجان ئىلگىرى باشقا قەۋىملەر بىلەن بىرلىشىپ يېرىم تۈركىي بولغان بولۇپ، ئاق ھۇنلارنىڭ بۇ جۆايلارغا كېلىشى بىلەن پۈتۈنلەي تۈركلەشكەن ھەمدە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر شۇ ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
بۇ قەۋىمدىن ئامۇدەريا بويىدىكىلىرىنى پارىسلار "ئاب تالېت"، يۇنانلىقلار " ئافتالېت"، ئەرەپلەر "ھاياتلا" دەپ ئاتاشقان.  ئىلگىرى كاسپىينىڭ ئەتراپى ۋە ئەزەربەيجان دالىلىرىدىكىلەر "ماسساگېت"، "ئالان"، "خەرقان"، "ھازار" "تۈركمەن" ۋە باشقا ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. ئالمان(گېرمان) ۋە يۇنان تارىخچىلىرى ئۇلارنى "شەرقىي تۈركلەر" دەپ ئىزاھلايدۇ.
شىمالىي ھۇنلار موڭغۇلىيە دالىلىرىنىڭ ئەتراپىدا قېلىپ، كىيىنچە "قەرايىت"،"موڭغۇل"، "نايمان" ۋە "غارائىت" قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان.
غەربىي ھۇنلار بولسا "ئۇيغۇر"، "ئون ئۇيغۇر"، "سايانچى" قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىپ، بۇخارا ۋە دەشتى قىرغىز دالىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئۇرال تاغلىرىغىچە بولغان كەڭرى زىمىندا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىشقان.  كىيىن بۇلاردىن بىر قىسىمى غەرىپ تەرەپكە يۆنۈلۈپ، ئالدىغا ئۇچرىغان تۈركىي ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە بەيئەت قىلدۇرغان ۋە مىلادى 2-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا شىددەت بىلەن ئېتىل "ۋولگا" دەرياسى ۋادىلىغا كىرىپ كەلگەن.

تۈركىي قەۋىملەر تارىخى6
ياۋروپادا ھۇن تۈركلىرى

مىلادى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپا قىتئەسى ناھايىتى ئۇلۇغ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولدى. چىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چوڭ ھۇنلار جەمەتى ھەددى- ھىسابسىز يىراق سەھرالاردىن كۆچۈپ يۈرۈپ، دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا كىرىپ كەلدى. بۇ ھۇنلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلار ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا ھەر جەھەتتىن باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىشكەن. كۆچمەن چارۋىچىلىق تەرىزىدە تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قۇرۇلغان ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن قەبرە ھىسابلانغان. ئۇلار ناھايىتى جەڭگىۋار بولۇپ، ھەتتا بىر ئۆمۈر ئات ئۈستىدە ياشاپ ئۆتكەن يەنى ئات ئىگىرىدە ئولتۇرۇپ، چوڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغان، تاماق يىگەن، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇخلىغان ھەتتا چوڭ كېڭەشلەرنىمۇ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشقان. ئاياللىرى بولسا ھەرۋاقىت ھارۋىلاردا ئولتۇرۇپ، ھەتتا ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئەرلىرى بىلەن بىللە ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. بۇ ۋاقىتلاردا رىئال ۋەقەلەرنى تەكشۈرمەستىنلا قارىسىغا  يازىدىغان ئەھۋاللار مودا بولغاچقا، بەزى تارىخچىلار بۇلار ھەققىدە بەزىبىر بىمەنە ئەپسانىلەرنىمۇ يېزىپ قالدۇرۇشتىن ساقىت بولمىغان. ھۇنلارنىڭ ئۇرال ۋە ۋولگا ۋادىسىدىكى تۈركىي قەۋىملەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولغانلىغى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار يوق دىيەرلىك. ئۇلارنىڭ ھۇنلارغا ئىتائەت قىلىشقانلىغى توغرىسىدا بەزى مۈجىمەل قاراشلار مەۋجۇت. ھۇنلارنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇمى ۋولگىنىڭ غەربىدىكى ئولون تۈركلىرى بىلەن دون دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى غۇتلار قەبىلىسىگە قارىتا بولغان. ئۇلار دەسلىۋىدە ئۆز خاھىشى بىلەن ھۇنلارغا ئىتائەت قىلغۇسى كەلمىگەن بولسىمۇ شۇ زاماننىڭ بۇ باھادىرلىرىنىڭ ھەيۋىسى بۇ جەڭگىۋار غەربىي ھۇنلار تەرىپىدىن يەرگە ئۇرۇلۇپ، ئاخىرى ئۇلارغا ئەل بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئىلگىرى ئىسكىف ۋە سارمەت تۈركلىرىنىڭ زەئىپلەشكەنلىگىدىن پايدىلىنىپ باستۇرۇپ كەلگەن يۇقارقى غوتلار(نېمىسلار)غا قارىتا ھۇنلار شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن ياۋروپانى ۋەھىمە قاپلاپ، ھېچقايسى بىر ئەل ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا، ھەتتا مۇداپىئە كۆرۈشكىمۇ پېتىنالمىغان. يۇقارقى غوتلارنىڭ يۈز ياشلىق پادىشاھى ئارمونورېخ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھۇنلارغا ئەل بولۇپ، ئەسىرلىكتىن قۇتۇلىدۇ. يۇقارقى غوتلارنىڭ ئازغىنە بىر قىسمى غەربىي غوتلاردىن پاناھلىق تىلەپ شۇلار تەرەپكە قاچىدۇ. غەربىي غۇتلار بولسا ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن رىم ھاكىمىيىتىگە بېرىپ سېغىنىدۇ.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا مىقياسىدا ھۇنلاردىن قېچىپ ۋە ياكى ھەرقايسى قەبىلىلەر بىر – بىرىدىن قېچىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئىنسانلارنىڭ كۆچۈش دولقۇنى قوزغىلىدۇ. ھۇنلار رىمغامۇ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ خەلقىنى ئۈركىتىدۇ.  بۇ ۋەقەلەر نەتىجىسىدە بەزى ياۋروپا تارىخچىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى بەزىبىر قوپال ئىبارىلەر بىلەن يورۇتۇشقا ئۇرۇنغان.
بۇ باھادىر ھۇنلار مىلادى 432-يىلى ئۆز پادىشاھى ئاتىللاخاننىڭ باشلامچىلىغىدا ئېتىل(ۋولگا) ۋادىسىدىن، رېيىن دەرياسى ۋادىسىغىچە، ماكېدونىيەدىن بالتىق دېڭىزىنىڭ ئەترالىدىكى كەڭرى زىمىنلارغىچە خوجايىن بولۇپ، بۇ جايلاردىكى خەلىقلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىغى ئاستىغا ئالغان. شۇ دەۋىر تارىخچىلىدىن قالغان خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ئاتىللاخان  دوناي دەرياسى ياقىسىدىكى بەزى چوڭ شەھەرلەرنى ئېلىپ، بەزىلىرىنى يوقىتىپ،ئۆزى بولسا ھازىرقى ۋېنگىرىيە تەۋەسىدە كونا تۈرك رەسمى بويىچە چېدىردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. كونستانتىنىيە(رىم) ھاكىمىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ خىراجىتىگە باغلاپ، ئۆزى ھېچقانداق ئۇرۇش نېمەتلىرى ۋە باشقا بايلىقلارغا كۆز قىرىنى سالمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ۋە سۈرى كۈنسايىن ئېشىپ بارغان.
بۇ ھۇنلار سىلاۋيانلارنىڭ ئەجدادلىرى دەپ قارىلىدۇ. ئانت ۋە ۋېنېدلارنىڭ ھازىرقى پرۇسىيەلىكلەرنىڭمۇ مۇشۇ ھۇنلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغانلىغىدا شۈبھە مەۋجۇت ئەمەس. ھۇنلارنىڭ سىلاۋيانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يازما خاتىرە يوق. بىراق ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر ئۇلۇغ ۋەقەنىڭ بولغانلىقى ھەقىقەت: ئامونورېخنىڭ تەخىت ۋارىسى يۇقارقى غوتلارنىڭ كىنەزى بېنىشور گەرچە ھۇنلارغا ئەل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا باشقا قەبىلىلەرنى ئۆز قول ئاستىغا ئېلىش قەستىدە بولۇپ، سىلاۋيانلار بىلەن ۋېنېدلاردىن شەكىللەنگەن ئانتلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ خەلقىگە ۋەھىمە قىلىش نىيىتىدە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بىلەن 70 نەپەر ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ۋەھشىيانە قەتلە قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئانتلار شۇ دەۋىردىكى ھۇن پادىشاھى بالامىرخانغا ئەل بولۇپ، ئەسىرلىكتىن قۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالامىرخان ۋېنىشورنى ئۆز قولى بىلەن يا ئوقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
ئاتىللاخان ھۇنلاردىن ،غوتلاردىن، سىلاۋيانلاردىن بولۇپ 600مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن تەشكىللەپ، غەرىپ تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. يول بويىدا ئۇچ        رىغانلىكى شەھەرلەرنى تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ فرانسىيەگە بارغاندىن كىيىنمۇ پارس شەھرى بىلەن ترۇبو شەھرىدىن باشقا ھەممە جاينى ئىگەللەيدۇ. ئورلىيان شەھرى ئۇرۇشى داۋامىدا رىم سەركەردىلىرىدىن  ئوياچېئۇس رىم قوشۇنلىرى، غەربىي غوتلار ، ساكسۇن، فرانكلارنى قوشۇپ ئاتىللاخانغا قارشى ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرىدۇ.
ئاتىللاخاننىڭ قوشۇنى جەڭ قىلىشقا باپ كېلىدىغا تۈزلەڭلىك ئىزلەپ كەينىگە سېنا شەھرى يېنىدىكى كاتالونىيە دىگەن يەرگە چېكىنىدۇ. بۇيەردىكى ئۇرۇش ناھايىتى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپتىن 160مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، قانلار دەريا بولۇپ ئاققان. ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ ئاخىرىقى ئەۋلاتلىرى ئاتىللاخانغا قارشى جان- جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ئاتىللاخان ئۆزىمۇ بۇ ئۇرۇشتا بىۋاستە جەڭگە كىرگەنلىگى خاتىرىلەنگەن.

تۈركىي قەۋىملەر تارىخىنىڭ داۋامى

ئۇيغۇر بۇلغار قەۋىملىرى

ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدىكى بىلىمسىزلىك پەردىسىمۇ ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتلارغا قەدەر ياۋروپاغا مەلۇم بولمىغان ھۇنلارنىڭ بىر ئۇرۇقى ياكى ئۇلارنىڭ بىر تەركىۋى بولغان ئۇيغۇر بۇلغا(بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر نامى بىلەن كۆچكەن خەلىقلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.) ئۇنىڭدىن كىيىن ئاۋار ۋە ئالتاي تۈركلىرى شۇنداقلا ھازار قاتارلىق تۈركىي قەۋىملەر ئارقا – ئارقىدىن تارىخ مەيدانىغا چىقتى. ئۇيغۇر ۋە بۇلغار تۈركلىرىنىڭ نامىمۇ ياۋروپاغا بىر ۋاقىتتا تاراپ، ياشىغان ئورۇنلىرى ۋە كۆچكەن جايلىرىمۇ بىردەك بىلىندى. دنېپر ۋادىسىدىن قارا دېڭىز بويلىرىغىچە، قىرىم چۆلى، كاسپىي دېڭىزى ئەتراپى كافكاز ۋادىسى، كاسپىي ۋە ئارال دېڭىزى بويلىرىغىچە ئۇيغۇر بۇلغان ۋە ھازارلار ياشىدى. ئۇيغۇر بۇلغارلار مىلادى 474-يىلدىن باشلاپ مېزىيە(ھازىرقى بۇلغارىتە) فراكىيە (رىم) ھەتتا ئىستانبۇل تەرەپلەرگە تارقىلىشقا باشلىدى.
ئىرتىش، ئاب دەريالىرى، ئۇرال تاغلىرى، ئۇفا، كومو، ئېتىل ۋادىلىرىدا تىرىكچىلىك قىلغان "سامۇئىد"، "ئۇستوك"، "ۋوغۇل"چىرمىش"، "مۇردۋو"، "مىشجار" قەۋىملىرىدىن بىرەر تارماققا مەنسۇپلۇقى گۇمان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بۇلغار، باشقىرت، ماجار تۈركلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولغان تۈركلەر قەدىمقى ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان "ئۇيغۇر"، "ئونغۇر" (ئون ئۇيغۇر) لار  ئىدى.  يەنى بۇ تۈركنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ئانتروپولوگىيە، لىنگىۋىستىكا، ئېتنوگرافىيە جەھەتلەردىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.  چۈنكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قەدىمقى بۇلغار تىللىرىنىڭ تامامەن بىر تىل يەنە كېلىپ بىر شىۋىلىك تىل ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان. تۈركىي تىللار ئارىسىدىمۇ بۇنىڭدەك بىر – بىرىگە تامامەن يېقىن تىللار يوق دىيەرلىك. بۇ ئىككى قەۋىم مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەت، سودا – سېتىق ۋە مائارىپ جەھەتلەردىمۇ ئاساسەن ئومۇمىيلىققا ئگە.
ئۇيغۇر نامىنىڭ ئون ئۇيغۇردىن قىسقارغانلىقى، باشقۇرتنىڭ "باش ئۇيغۇر"دىن قىسقىرىپ شەكىللەنگەن نام ئىكەنلىگى ئېتنوگرافىيەدە ئېنىق پاكىتلار بىلەن دەلىللىنىدۇ.  بەزىلەر بۇ ناملارنى بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن تولۇق دەلىل بولالمايدۇ دەپ قارىسىمۇ، ئەمما بۇ ئېتنوگرافىيە نۇقتىسىدىن قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتتۇر، شۇنداقلا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رۇس سەيياھى موڭغۇلىيە دالىسىدا "يۇغرا" نامىدىكى قەبىلىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇرال تاغلىرى ۋادىسىدىمۇ خۇددى شۇنىڭدەك "يۇغرا" قەبىلىسى مەۋجۇت. شۇڭا بىز بەزى تارىخىي يازمىلارغا مۇراجەت قىلىدىغان بولساق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بۇلغارلارغا ئاتا بولمىش تۈركنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەتتۇر.
ئۇيغۇر بۇلغار، باشقۇرت، ماجارلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرى
بۇ جەۋىملەرنىڭ فىن قەۋمىدە بايان قىلىنىشىدىن ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ لىملەر ئىكەنلىگىگە ئازراق جاۋاپ تاپقىلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەت مۇنداقتۇر: "ئىستوك" ۋە بۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان "ۋوغۇل'لار  بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىلىشىشىدىن "ئۇيغۇر" --- "ئونغىر"، "ھۇنگىر"---- ۋېنگېرلار بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن "ئىستوك" ۋە ئۇلارنىڭ بىر بۆلىگى بولغان ياقۇتلار  بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن  "باشغىر"----"باشقۇرت---- باش ئۇيغۇر قەۋمى شەكىللەنگەن. "ئارىن" ۋە "ئار" لار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇلىشىدىن "بۇلغار" قەۋمى شەكىللەنگەن.
بۇ قەۋىملەرنىڭ ھەممىسى فىنلاردىن تۆت خوتۇنلۇق بولغان بىر تۈركتىن تۇغۇلغانلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئاتا ۋە ئانا تەرەپ ئورتاقلىقلىرى پەرزەنتلىرى ئارىسىدا تولۇق نامايەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ جەڭگىۋار قەبىلەسە بولغانلىقتىن بۇلار ئاتا تەرەپ ئەۋلادىنىڭ جەڭگىۋار ھالىتى ۋە كۆچمەن تۇرمۇش تەرىزىنى ئۆزلىرىدە مۇجەسسەملىگەن. شۇنداقلا .ئانا تەرەپ ۋوغۇللارنىڭ تىل ۋە باشقا ئۆرىپ – ئادەتلىرىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرگەن.
بۇلغارلارمۇ ئاتىلىرى ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مىراسلاردىن مەدەنىيەت، سودا- سېتىق، ئىلىم – مەرىپەت ئالغاندىن سىرىت ئازراق جەڭگىۋارلىق ساقلاپ قالغان. بىراق ئانا تەرەپتىن ئاساسىي ئۆرىپ – ئادەت، تىل ۋە ۋە قىياپەت ئىسىم قاتارلىقلارنى  ئالغان.
باشقۇرتلار بولسا ئاتا تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئادىللىقى، قىياپەت ۋە تىللىرىنى ساقلاپ قالغان.
ماجارلار ئاتا تەرەپتىن جەڭگىۋارلىق، ئادىللىق، ئېكىنچىلىك، ھۈنەر- سەنئەت، ئىلىم ۋە قىياپەت ئالغان بولسىمۇ ئانا تەرەپتىن قىياپەت ۋە باشقا بىر قىسىم ئۆرىپ – ئادەت ساقلاپ قېلىشقان.

داۋامى بار

7

تېما

4

دوست

5605

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1589
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-24 22:18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپياش ياشىرىپ كېتىىڭ بۇرادەر مۇشۇ تاتار ئاۋامى بىزگە كۆپ ھوسۇل بەرگەن،بەرگەننى ئالدۇق رەھمەتنى  كۆپ بەرمىدۇق،قەزىزدارمىز تاتار ئالدىدا ،چېگىز ئەۋلاتلىرى ئىدى ئەمما تۆمۈرلەردىن كېيىن يوقالدى نەسلى  قالسىمۇ پىچاقنىڭ بىسى قالمىدى.
شۇنداق قىلىپ فىنلار فىنلادىيەگە كەتتى بولغاي ،ياپونلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۇپ كەتكەن تۈرۈكى قەۋىملەر بولۇپ ھازىرمۇ چازەك قۇرۇپ ئولتۇرۇپ پاكار جوزىدا تاماق يەيدۇ، ئادەتلىرى بىزگە ئوخشاپ كېتىدۇ،كورىيانلارمۇ ئاكا سىڭلىنىڭ بالىلىرى بولۇپ يېقىنقى زاماندا ئايرىلىپ مىللەت بولىۋالدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1065

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25952
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 01:14:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 22:18
ياپياش ياشىرىپ كېتىىڭ بۇرادەر مۇشۇ تاتار ئاۋامى بىزگە  ...

    رەھمەت،2000يىللىق تارىخ كىشىلەرگە بىر قەدەر ئېنىق بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىركى تارىخ بەكمۇ غۇۋا ئىدى.مەن ھىندى،پارىس،تۇرۇكنىڭ تىگى بىر دەپ بىلىپ كەلگەن،ياۋرۇپادا ئارىيان نەسلىدىن نىمىسلارلا بار ،رۇسلار تۇرك بىلەن سىلاۋىياننىڭ قوشۇلمىسى دەپ كەپتىمەن،مېنىڭچە بۇ ماقالە ئەمىلى تارىخقا يېقىندەك قىلىدۇ.سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27394
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 11:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرىك ئەمەس تۈرك دەپ يازغان بولسىڭىز!

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2656
توردىكى ۋاقتى: 747
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ناھايتىمۇ زەئىپلىككە يېقىن، رىۋايەت تۈسى قويۇق ماقالە ئىكەن. ئوقۇغانلار ھەزىم قىلىپ ئوقۇڭلار. قايمۇقۇپ ھېسسىياتقا بېرىلىپ قالماڭلار. بىر قىسىم ئىنكاسقا قارىسام ھەقىقەي تارىخنى بىلىۋالغانلىقنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ تارىخىمىز بىلەن تونۇشۇش دەرىجىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولغان. بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىپلىم،ەكچى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تارىخىمىزغا دائىر كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈشىنى تەۋسىيەە قىلىمەن.

2

تېما

3

دوست

4712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 468
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 13:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
attila يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:32
بۇ ماقالە ناھايتىمۇ زەئىپلىككە يېقىن، رىۋايەت تۈسى قو ...

رىۋايەت تۈسىنى ئالغانلىقى مۇشۇ ئىبارىلەر بىلەنمۇ  ئىسپاتلىنىشى مۈمكىن :
چىنلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئاساسەن بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى بولۇپ، ئىسلام دىنى تارالغاندىن كىيىن ھازىرقى كۈندە ئۇلاردىن 70 مىليونغا يېقىنراقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.

0

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27394
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 14:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 13:02
رىۋايەت تۈسىنى ئالغانلىقى مۇشۇ ئىبارىلەر بىلەنمۇ  ئى ...

بىز ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنى چىن دەپ ئېلىۋەتكەنلىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلىمۇ بولمىغدەك.

0

تېما

0

دوست

1812

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12669
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تولۇق يوللانغاندا PDF كە ئايلاندۇرۇپ ساخلاپ قويمىسام بولمىغىدەك !
ئىلىمنىڭ زاكىتىدىگەن مۇشۇ شۇدە ! ئاللاھ ئىلمىڭىزنى كۆپزىيادە قىلسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )