ئۇلار يالغۇز قالمىسۇن
دەۋىرنىڭ ئۇزلۇكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،كىشلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى بارغانسىرى تىزلەشتى.بۇنىڭ بىلەن كىشلەرنىڭ ۋاقىتقا بولغان كۆز قارشىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىپ،ھەممە ئادەم ۋاقىتنى ئالتۇن دەيدىغان بولدى.دىمىسمۇ ھازىر ۋاقىت ئالتۇن بىلەن،پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان دەۋىر ئىدى.دىمىسمۇ ئۇلۇغلار
« ۋاختىڭ كەتتى ،بەختىڭ كەتتى » دەپ تۇلىمۇ دانالىق بىلەن ۋاقىتىنىڭ قىممىتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.بىراق تۇلىمۇ ئەپسۇس،بىز ۋە نۇرغۇن كىشلەر مۇنداقچە ئېيىتقاندا دۇنيا ئەھلى ۋاقىتنى قەدىرلەشنى ئۆگەندى ھەم ئۆگەندۇقيۇ ،مۇشۇ ۋاقىت بىلەن ھېساپلىندىغان ئالەمگە ئاپرىدە قىلغان ئۇلۇغ خىزىر-پەرىشتىلەرنى-ئاتا-ئانىمىزنى ،ئاتا-ئانىلارنى ئۇنتۇپ قالدۇق ھەم ئۇنتۇپ كەتتى.بىزنى ،ھەممىزنى يىمەي ئىچكۇزگەن،كىيمىي كىيگۇزگەن،بىز ئۇچۇن ھاياتىنى دوغا تىكىپ،ھاياتلىق ئۇچۇن
جەڭ قىلغان-ئۇلۇغلار،بۇگۇنگە كەلگەندە يالغۇزسىراپ قالدى،ئۆينىڭ تۆت تېمىغا قاراپ مۇسىرايدىغان بوپ قالدى.بىز ئۇلار ئۇچۇن،ئۇلارنى قىشتا توڭلاپ قالمىسۇن،راھىتىمىزنى كۆرسۇن دەپ ھەيۋەتلىك بىنالاردىن ئىسل ئۆيلەرنى ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇق يۇ،بىناغا ئەمەس،گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىشقا،باللىرى بىلەن ھەم داستخان تاماق يىيىشكە ،مۇھەببەتكە تەشنا پەرىشتە،خىزىر سۇپەت ئاتا-ئانىلارنى يالغۇز قويدۇق،شۇ ھەيۋەتلىك بىنالاردىكى ئۆيگە بېرىپ ئۇلارغا ھەمرا بۇلالمىدۇق .ئۇلارنى پات-پات بېرىپ يوقلاشنى،ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئويلاشتۇقيۇ،لىكىن تۇرلۇك سەۋەپلەر بىلەن يەنىلابارالمىدۇق ھەم نۇرغۇن كىشلەر بارالمايۋاتىدۇ. ئاتىلار ئۇلۇغ،ئانىلار ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ.ئۇلارسىز سىزمۇ،مەنمۇ،ئۇلارمۇ ،قىسقىسى ھىچكىم ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.ئۇلار بولغانلىقى ئۇچۇنلا بىز بولغان؛ئۇلار بولغانلىقى ئۇچۇنلا بىزنىڭ بۇگۇنكى بەختىيار ،شاد-خورام كۇنىمىز بولغان؛ئۇلار بولغانلىقى ئۇچۇنلا بىز تۇرلۇك نام-ئاتاقلار بىلەن بۇگۇنكى جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز.شۇڭا كونىلار « ئاناڭنى دۇمبەڭدە كۆتۇرۇپ ھەرەمگە ئاپارساڭمۇ،ئۇنىڭ باققان ئەجرىنى قايتۇرالمايسەن » دەپ ناھايتى پاساھەتلىك ھىكمەت بىلەن،بىزنى ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ھۆرمەتلەشكە،ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ،داۋاملىق ئۇلارنى يۇقلاپ تۇرۇشقا چاقىرىپ قىلغان. ئۇلار-خىزىر سۇپەت-ئاتىلار،پەرىشتە سۇپەت-ئانىلار ھەيۋەتلىك داچىلارغا ،ئىگىز بىنالارغا ،بىزنىڭ بەرگەن پۇلىمىزغا مۇھتاج ئەمەس؛ئۇلار بىزگە،بىزنىڭ مىھرىمىزگە،مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاج؛پات-پات ئۇلارنى يۇقلاپ تۇرۇشقا ،ئۇلارغا ھەمرا بۇلۇشمىزغا مۇھتاج؛خۇتۇن-باللىرىمىزنى باشلاپ كىلىپ،ھەمداستخان بۇلۇپ،ئىللىق كۇلۇمسىرەپ ئولتۇرۇپ بىرگە تاماق يىيىشكە مۇھتاج. راس،ئۇلار يالغۇز قالدى.ماغدۇرىدىن كىتىپ،بالام ماڭا ھەمرا بۇلار دىگەندە ،ھىچنىمىگە كۇچى يەتمەيدىغان بولغاندا يالغۇز قالدى.كىمدۇر بىرى توي قىلىپ يالغۇز قالدۇردى.قايسىدۇر بىرى خىزمەت قىلىمەن دەپ ،خىزمەت ئالدىراش دەپ يالغۇز قويدى.مىھىرگە مۇھتاج بولغان،مىھىرسىراپ قالغان ئۆيلەردا ئاشۇ بىچارىلەر يالغۇز قالدى.پەرىشتە سۇپەت ئانىلار،خىزىر سۇپەت ئاتىلار يالغۇزلىقتن زىرىكەتتى،دېرىزىدىن پات-پات قايسى بالام كىلەر دەپ قاراپ قۇياتتى.ئەمما ھىچكىم يوق.تىلۋۇزۇردا ئاتا-ئانىلارنى يوقلاش دەپ كۇچەپ سۆزلەيتى ،ئەمما يوقلايدىغان بالىلار يوق ئىدى. راسىت،ھىچكىم بارالمىدى ھەم بارالمىدۇق.بالام كىلىدۇ دەپ يۇلىمىزغا قاراپ تاماق ئىتىپ تۇرغاندا ،قايسىدۇر بىر ئاغىنىمىز بىلەن تاماق يىيىشكە ياكى ئىدارىدىكى يغىلىشقا كىتىپ بارالمىدۇق؛بالام كىلە دەپ كۇزى تۆت بولغاندا ،ئاشۇ ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۇنى يەنىلا تۇرلۇك سەۋەپلەر بىلەن بارالمىدۇق. بارالمايدىغانلار كۆپلەپ چىقىۋاتقان مۇشۇ كۇنلەردە بىز يەنىلا بارالمىدۇق دەپ قاراپ ئولتۇرامدۇق؟! بارالمىدىم دەپ يەنىلا ئۇلارنى يالغۇز،يىگانە قۇيامدۇق؟! بارايلى.ئۇلار يالغۇز قالمىسۇن !ئۇلار يىگانە قالمىسۇن! ئۆلگەندە ماڭقىمىزنى ئېقىتىپ يىغلاپ بېشىدا ياسىن ئۇقۇغاندىن،تىرىكلىكىدە يۇقلاپ،ھەمرا بولغىنىمىز مىڭ ئەۋزەل ئەمەسمۇ ؟! |