- تىزىملاتقان
- 2013-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 595
- نادىر
- 1
- يازما
- 13
ئۆسۈش
19%
|
تۇنجى قېتىملىق ئىلتىماس
GRE ۋە توفىل ئىمتاھاننى بېرىپ بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كەيىياتىم ناھايتى يۇقىرى ئىدى. گەرچە ئىمتاھان تەييارلىق ۋاقىتلىرىم نىسبەتەن قىسقا بولۇپ قالغان بولسىمۇ (GRE ئۈچۈن 3 ئاي پارتىزانچە، 50 كۈن پۈتۈن كۈنلۈك، توفىل ئۈچۈن 15 كۈن)، بۇ ئىمتاھانلاردىن قەدىر ئەھۋال نۇمۇر ئالالىغىنىمدىن خۇشال ئىدىم. شىركەتكە قايتا خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنى خىزمەتداشلىرىم بەس-بەستە ئىمتاھانلارنى قانداق بەرگەنلىكىمنى سورىشىپ (كىچىك شىركەت دىگەندە كىچىككىنە ئىشلارمۇ بىردەمدە پۇر كىتىدىكەن ئەمەسمۇ)، نەتىجىلىرىمنى ئاڭلاپ گەرچە يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكىنى بىلىشمىسىمۇ ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كېتىشكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇ قىلغان مەكتەپلىرىگە جەزمەن ئىلتىماس قىلىپ كىرەلەيدىغانلىقىمغا قاتتىق ئىشىنەتتىم.
شۇغىنىسى ئالدىنقى بۆلەكلەرنى ئوقۇغۇچە دىققەت قىلدىڭلارمىكىن. مىنىڭ تېخى نىشانلىغان كونكىرت ئالى مەكتەپلىرىم يوق ئىدى. گەرچە ئالدىنقى بۆلەكلەردە MIT، ستەنفورد ۋە Caltech لەرنىڭ گىپىنى كۆپ قىلغىنىم بىلەن ئۇ پەقەت بىر خىياللا ئىدى. ئۆزۈمنىڭ شەرت-شارائىتلىرى بىلەن ئۇ مەكتەپلەرگە كىرەلمەيدىغانلىقىم ماڭا ئەينەكتەك ئايدىڭ ئىدى. GRE ۋە توفىل ئىمتاھانلىرىنى بەرگەندىكى نەتىجىلەرنى ھەقىسز ئەۋەتىپ بىرىدىغان مەكتەپلەرنى تاللىغاندىمۇ ئىختىيارىلا تاللاپ قويغان ئىدىم. ئامرىكىدىكى كۆپ قىسىم ئالى مەكتەپلەرنىڭ كىيىنكى يىللىق كۈز پەسىلدە ئوقۇش باشلايدىغان دوكتۇر-ماگىستىرلىقنى ئىلتىماس قېلىشنىڭ ئاخىرقى سۈرۈگى ئالدىنقى يىلنىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بولۇپ، مەن جەزمەن شۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆزۈم ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپلەرنى تاللاپ، توردا ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى تولدۇرۇپ بولىشىم كىرەك ئىدى. شۇڭا مەن ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ تور بىكەتلىرىنى ئارىلاشقا باشلىدىم. 12-ئاينىڭ بېشىدىكى ئىلتىماس جەدىۋەللەرنى توشقۇزىدىغانغا جەزمەن ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ماتىرىياللارنىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمكانقەدەر بالدۇرراق تەييارلىمىسام بولمايتى. كۈنلىرىم ئىلتىماس خېتى(Personal Statement)،تەرجىمھال، ئۈچ پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى (جۇڭگۇچىلىقتا پرافىسورلار ناھايتى ئالدىراش بولغاچقا، تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئادەتتە ئوقۇغۇچى ئۆزى تەييارلاپ ئاپىرىپ بېرىدۇ) تەييارلاش، ئامرىكىنىڭ ئالى مەكتەپ تور بىكەتلىرىنى ئارىلاش شۇنداقلا يەنە شىركەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن بىر-بىرىنى قوغلىشىپ بىردەمدە 12-ئايمۇ كىرىپ قالدى.
ئامرىكىدىكى ئۆزۈم ماڭا ماس كىلىدىكەن دىگەن مەكتەپلەردىكى مۇناسىۋەتلىك پرافىسورلار بىلەن خەت-ئالاقە قىلىش، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ تور بەتلىرىنى ئارىلاش، مەن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان پروگىراممىنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تەلەپلىرىنى كۆرۈش جەريانىدا مەن تەدرىجىي ھالدا ئۆزۈمنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىمغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم.
GRE، توفىل نەتىجىلىرىم يامان ئەمەس بولسىمۇ، رىقابەت ئىقتىدارى يوق، كۆپ ھاللاردا مەن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەلىپىنى ئاران قانائەتلەندۈرەتتى.مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تەلىپىنى ئوقۇغۇچە كۆزۈمگە نەشتەردەك ئۇرۇلىدىغىنى GPA دىگەن ئۈچ ھەرپ بولاتتى. بۇرۇن ماگىستىر نەتىجىلىرىم ياخشى بولغاندىن كىيىن، تولۇق كۇرس نەتىجىلىرىمگە ئۇنچە قاراپ كەتمەس دەپ چوتنى خاتا سوقۇۋالغان ئىكەنمەن. كىيىن بىلسەم نەدىكىنى ئەڭ ئاساسلىق قىلىپ قارايدىغىنى يەنىلا تولۇق كۇرستىكى نەتىجىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان پروگراممىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن GPA تەلىپى 3.7 بولمىسا، 3.6 ياكى 3.5 بولاتتى. بۇ تەلەپلەرنى كۆرۈپ دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كىتەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئىلتىماس قىلسام بىر گەپ بوپ قالار دىگەن خىياللار بىلەن شاڭخەيدىكى مەكتىپىمگە ئىلتىماس قىلىشتا ئىشلىتىدىغان نەتىجە قەغەزلىرىمنى ئالغىلى باردىم. ئاۋال ماگىستىرلىق نەتىجىلىرىمنىڭ خەنچە ۋە ئېنگىلىزچە نوسخىسىنى چىقاردىم. ماگىستىرلىق نەتىجىلىرىمگە قاراپ چىرايىمغا ئازراق كۈلكە يۈگۈردى، نەتىجىلىرىم خېلى يامان ئەمەس ئىدى. كىيىن تولۇق كۇرس نەتىجىلىرىنى چىقىرىپ بېرىدىغان جايغا بېرىپ چىقىرىپ بەرگەن ئېنگىلىزچە نەتىجە قەغىزىمگە كۆز يۈگۈرتىۋىتىپ چىرايىمنى مەيۈسلۈك قاپلىغىلى تۇردى . نەتىجەمنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنىغۇ بۇرۇندىنلا بىلەتتىم، ئەمما ئامرىكىدىكى مەن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئالى مەكتەپلەرنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۆلچەملىرىنى تەپسىلى بىلگەندىن كىيىن نەتىجىلىرىمگە قايتىدىن نەزەر سېلىپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئۆز كەسپىم ئېلىكتىر ئىنژىنىرلىقنىڭ GPA سى 2.3، تولۇق كۇرستىكى يەنە بىر كەسپىم بولغان ياپۇن تىلىنىڭ بولسا 2.2 ئىدى. بەيدۇ، تەيشا، جىتولاردىن مىڭ قېتىم ئاقتۇرۇپمۇ بۇنداق تۆۋەن نەتىجە بىلەن دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلالىغاندىن بىرەرنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. زادى بۇ نەتىجىلەر بىلەن ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلغىلى بولارمۇ زادى؟
بۇ يەردە يەنە بىر نەچچە ئېغىز گەپنى قىستۇرىۋالغۇم كەپ قالدى. ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر خاتا قاراش شۇكى- چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۈگەنسەملا جەزمەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقالايمەنغۇ دەپ ئويلاش، نەتىجىدە چەتئەل تىلى ئۈگىنىشكە زىيادە كۈچ سەرپ قىلىۋىتىپ باشقا ئوقۇش نەتىجىلىرىگە سەل قاراش. دوكتۇرلۇق ئىلتىماس قىلىشتا مىنى بۇنداق پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقىنىمۇ دەل مىنىڭ تولۇق كۇرس مەزگىللىلرىدە چەت تىل ئۈگىنىشكە بەك كۈچەپ دەرس نەتىجىلىرىمگە سەل قارىغانلىقىمدىن كەپ چىقىۋاتاتتى. ئۆز كەسپىمنىڭ دەرسلىرىنى ياخشى ئەپ ماڭالمايۋاتقان تۇرۇقلۇق ئەينى ۋاقىتتا نىمە دەپ زورۇقۇپ ياپۇنچە ئىككىنجى كەسىپنى ئوقۇپ يۈرگەن بولغىيتىم، ئېنگىلىز تىلىمغا شۈكرى قىلىپ، ياپۇنچىنىڭ ئورنىغا ئۆز كەسپىمنى ياخشىراق نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسام نىمە بولار بولغىيتى دەپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. ئەينى ۋاقىتتىغۇ ياپۇن تىلىغا قىزىقىپ ئۈگىنىشنى باشلىغان ئىدىم، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە كىيىن ياپۇننىڭ شىركەتلىرىگە خىزمەت ئىلتىماس قىلسام ئەسقاتىدۇ دەيدىغان تەمەمۇ يوق ئەمەس ئىدى. ئەمما كىيىن بولغان بىر ئىش مىنىڭ بۇ ئويۇمنىڭمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
2010-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا شاڭخەيدىكى 启程日本 دىگەن جۇڭگۇدىكى ئىختىساسلىقلارنى ياپۇنيەدىكى شىركەتلەرگە چىقىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇرىدىغان شىركەتنىڭ دەسلەپكى تاللاشلىرىدىن ئۆتۈپ، مەن ئۈچۈن مەخسۇس Mentor يىتەكچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 11-ئاينىڭ بېشىدا ياپۇننىڭ ھەر قايسى شىركەتلىرىنىڭ HR لىرى جۇڭگۇغا كىلىپ ئېلىپ بارىدىغان يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم مانىۋىر يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىپ باردۇق. شۇ ۋاقىتتا ماڭا يىتەكچى بولغان تايىچىرو ئەپەندى مەندە بار بولغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ،
- سىنىڭ ياپۇنچەڭنىڭ ياخشىلىقىدا گەپ يوق. ئەمما يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىمۇ ياپۇن تىلى سەۋىيەڭنى بەكرەك نامايان قىلىپ كىتىدىكەنسەن. شۇ ئېسىڭدە بولسۇن، ياپۇنيەدە ياپۇنچىسى سەندىن ياخشى بولغان 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بار. ياپۇننىڭ شىركەتلىرىگە كېرىكى ياپۇنچە سۆزلىشەلەيدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى شۇ شىركەتتە كەمچىل بولۇۋاتقان باشقا ئىقتىدارى بىلەن شىركەتكە پايدا ئېلىپ كىلەلەيدىغان كىشى. سىنىڭ ئىلتىماس قىلماقچى بولغىنىڭ تەرجىمانلىق ياكى تىل ئوقۇتقۇچىلىقى خىزمىتى ئەمەس بەلكى ئېنژىنىرلىق، شۇڭا يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا ئەڭ ياخشىسى كەسپى ئىقتىدارىڭنى بەكرەك نامايان قىلىشقا تىرىشقىن دەپ مەسلىھەت بەرگەن ئىدى.
شۇ ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئامرىكىدا دوكتۇرلۇق ئىلتىماس قىلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر ئىش بولۇپ، مەكتەپنىڭ قۇبۇل قىلماقچى بولغىنى ھەرگىزمۇ ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلا كىشى ئەمەس ئىدى. ئەگەر شۇنداق كىشىنى قۇبۇل قىلىدىغان ئىش بولسا، دۇنيادا ئېنگىلىز تىلى ئانا تىلى بولغانلاردىن نەچچە يۈز مىليون، مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تىلى قىلغانلاردىن مىلياردلاپ ئادەم بار ئىدى. ئېنگىلىز تىلى ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشتىكى ئەڭ ئەقەللى تەلەپ بولۇپ، بۇ ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەقىقىي قۇبۇل قىلماقچى بولغانلىرى بولسا پەن ئاساسلىرى ياخشى بولغان، كاللىسى ئۆتكۈر بولغان، كىيىن يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى نەتىجىلىرىم بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولالمايتىم. زادى قانداق قىلىش كىرەك، ئەجابا مەن بىر يىلدىن بۇيان ئەسلىدىنلا مومكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئۈچۈن قۇرۇقتىن قۇرۇق تىرىشىپ، بەدەل تۆلەپ كەلدىممۇ؟
دىلىغۇل بولۇپ يۈرگەن بۇ كۈنلەردە مەن تېخى ئۆزۈم رازى بولغۇدەك ئىلتىماس خېتى ۋە تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولالمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كىلەي دىگەندە ئايالىمنىڭ ئېغىر ئاياق بولغىنى ئېنىق بولغاندىن كىيىن، قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئوقۇش ئىلتىماس قىلىشنى بىر يىل كىچىكتۈرۈشنى قارار قىلدىم.
مىنىڭ ئوقۇش ئىلتىماسىدىكى پاسسىپ ئورنۇمنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىنبىر نەرسىنىڭ خەلقئارادا يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلىمي ماقالە ئىلان قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم. بۇ يىل بۇنداق پۈتمىگەن چالا تەييارلىقلار بىلەن ئالدىراپلا ئىلتىماس قىلسام جەزمەن مەغلۇپ بولاتتىم. ھېلىمۇ 5 يىل كىچىكىپ بولغان دوكتۇرلۇق ئوقۇش (ئەگەر تولۇق كۇرستىن بىراقلا دوكتۇرلۇققا بارغاندىكى يىل پەرقى)، يەنە بىرەر يىل كىچىكسىمۇ چوڭ پەرق يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىلىۋاتقان خىزمىتىممۇ ئۆز كەسپىمنىڭ تەتقىقات خىزمىتى. بىرەر يىل ئارتۇق خىزمەت تەجرىبەمنىڭ كىلەر يىللىق ئىلتىماسىمغا ۋە كىيىنكى دوكتۇرلۇق تەتقىقاتلىرىمغا پايدىسى بولسا باركى، ھەرگىز زىيان قىلمايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلەمدىنمۇ ئوبدان خەۋەر ئېلىۋالاتتىم، تۇغۇلماقچى بولغان تۇنجى پەرزەنتىمىزنىمۇ كۆرەلەيتىم.
كىيىنكى يىلىدىكى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتا ناھايتى توغرا ئويلىغىقىمنى ھىس قىلدىم. چۈنكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىىش، ئەڭ موھىمى ئىلتىماس نەتىجىلىرىنى ساقلاش ناھايتى مۇشەققەتلىك ئۇزۇن جەريان ئىدى. چالا تەييارلىق بىلەن بۇنداق مۇشەققەتلىك جەريانغا قەدەم قويمىغانلىقىمنىڭ ئۆزى ناھايتى ئاقىلانىلىق ئىدى.
شۇنداق قىلىپ شىرىن چۈش ۋە ھاياجان، زور يوقىتىش ۋە قايغۇ ھەسرەت، تىڭىرقاش ۋە چۈشكۈنلۈك دىگەندەك خىلمۇ-خىل ئاچچىق-تاتلىق تۇيغۇلار بىلەن تولغان 2012-يىلىم مۇشۇنداق جىمجىتلا ئاخىرلاشتى.
|
|