- تىزىملاتقان
- 2013-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1627
- نادىر
- 0
- يازما
- 120
ئۆسۈش
62.7%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق تورداشلار، مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان كىچىككىنەمەسلىھەتىم بار، تەجىرىبىسى بارتورداشلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇيىل ئالتىنچى ئايدا يېڭى ئالغان ئۆيۈمنى بېزەتكىلى بەرگەنتىم، مانا ئالتە ئاي بولدى ئۆيغۇ پۈتۈپ قالدى، لېكىن بەك ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى. ئۆي بېزەتكىلى بېرىشتىن بۇرۇن تۇققانلارئۆينى باشقا يولداشلارغا بېزەشكە بەرگىن دېسە ئۇنىماي،« قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا» دەپ، يۇرتتىن چىققان ھۈنەۋەن بالىغا بەرگەنتىم، ھۈنەرنىغۇ خېلى پۇختا ئۆگىنىپتىكەن بولمىسا، شۇسۈرئەت بەك ئاستا. ئەينى ۋاقىتتا بىز توختام تۈزۈشكەن ۋاقىتتا ئۆينى ئىككى ئاي ئىچىدە پۈتكۈزۈپ بېرىدىغان، ئەگەر پۈتكۈزۈپ بېرەلمىسە، ئېشىپ كەتكەن ھەربىر كۈن ئۈچۈن ئۈچ يۈز سومدىن جەرىمانە تۆلەيدىغان قىلىپ توختام تۈزۈشكەن، ئويلىماپتىمەن ،بۇ توختامنىڭ ئازراقمۇ چەكلەش كۈچى يوقكەن. مانا شۇنداق قىلىپ ئۆيۈمنىڭ ياغاچچىلىق سىرچىلىق، ئىشلىرى تۈگىدى، تا ھازىرغىچە ئۇبۇرنى بىلەن ئاشخانىنىڭ ئىشىكى بېكىتىلمىدى. ئاخشام ئۆينى كۆرگىلى بارسام ئاستىنىقى قەۋەتتىكى خوشنام يۈگىرەپ چىقىپتۇ، قول يۇيغان جايدىكى جۈمەك چىڭ بېكىتىلمەي سۇ تېمىپ، ئاستىنقى قەۋەتكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ، مەن دەرھال بېزەكچى بالىغا تېلفون قىلسام، سۇ ئۆتۈشتىن ساقلىنىش قەۋىتىنى قول يۇيىدىغان يەرگە قىلماپتۇ، ھازىرغۇ سۇنى تىزگىنلىۋالدىم، لېكىن كېيىنكى يىللاردا قانداق قىلارمەن؟ يەرگە يېيىتىلغان چىنەخىشلارنى قايتىدىن چاقتۇرۇپ،قىلدۇراي دېسەم، بېزەكچى ئۇستام تېلفوننى ئالمايۋاتىدۇ. بۇ توڭ قىشتا ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تولىمۇ قولايسىز بوپكەتتى. بېزەكچىنىڭ يەنە قېپقالغان بەش مىڭ سوم پۇلى بار، قارىغاندا بۇ پۇلنى بېرىدىغانغا ئالدىرمىساق بولغۇدەك. تارتقان جاپالىرىمنى ئويلىسام ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ ۋارقىرغۇم كېلىدۇ،
تورداشلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|