قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 791|ئىنكاس: 13

تاشلىۋېتىلگەن مەجرۇھ بالا ھەققىدە ھېكايە(مازارغوجام)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hasalharisi

8

تېما

1

دوست

1964

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13190
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 14:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
meyip bala(xayar-tayir).jpg


      شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى تەۋەسىدە بىر ئەر-خوتۇن دېھقاننىڭ ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولمىغان بىر تۇغما پارالىچ بوۋاقنى 15يىلدىن بۇيان ئۆز بالىسىدەك مېھىر بېرىپ بېقىپ كېلىۋاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرمەكتە.بۇ «ھېكايە»نى پەيدا قىلغۇچى – بۇ بازارنىڭ يانمەھەللە كەنت 1-مەھەللىسىدىكى دېھقان ئەر-خوتۇن 57ياشلىق مەھەمەت سامساق بىلەن 53ياشلىق تۇنساخان مەھەمەت ئىدى.      

    28-نويابىر مەن بۇ ئائىلىگە مەخسۇس زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا، مەھەمەت سامامساق بىلەن تۇنساخان مەھەمەت بۇ يىل 16 ياشقا كىرىپ قالغان،ئەمما «ئۆسۈملۈك ئادەم»دىن پەرقى يوق «ئوغلى»نى چۇڭقۇر مېھرى بىلەن كۆيۈپ،سۆيۈپ ئەركىلىتىۋاتقان ئىكەن.بالا گەرچە مىدىرلىيالمىسىمۇ،گەپ قىلالمىسىمۇ، كۈلۈشنى،بىرەر ئېھتىياجى بولسا ۋارقىراشنى بىلەتتى.بۇ  دەل 15يىل مۇقەددەم ئۆز ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن تاشلىۋېتىلگەن تۇغما مېيىپ  بوۋاق دىلشاتجان ئىدى.

ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق شۇنى بىلدىمكى، 1998-يىلى مارتتا مۇشۇ مەھەللىدىكى مەھەمەت سامساققا تۇغقان كېلىدىغان بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن تۇنجى پەرزەنتلىك بولدى.بۇ دەل دىلشاتجان بولۇپ،بەختكە قارشى تۇغۇلما مېڭە پارالىچ بولۇپ چىقتى.بالا بىر ياشقا كىرگەندە دىلشاتجاننىڭ ئاتا-ئانىسى نىمە ئۈچۈندۇر ئاجىرىشىپ كېتىپ،ئاپىسى بوۋاقنى ئاتىسىغا بېرىپ كېتىپ قالدى. يالغۇز ئاتىنىڭ بىر مېيىپ بوۋاقنى بېقىشتا بەكمۇ قىينىلىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن مەھەمەت سامساق بىلەن تۇنساخان مەھەمەت ئەر-خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ،دىلشاتجاننى يېنىغا ئېلىپ چىقىپ بېقىپ تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزمەكچى بولدى. بىراق،ئۇزاققا قالماي بوۋاقنىڭ ئاتىسىمۇ  يۇرتنى تاشلاپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى.دىلشاتجان گەرچە مېيىپ بولسىمۇ ،پىسىڭ-پىسىڭ كۈلۈپ بېرىپ،ئاتاق ئاتا- ئانىسىنى كۆيدۈرىۋەتتى.مەھەمەت سامساق ،تۇنساخان ئەر-خوتۇن ئىككىسى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە پىسەن قىلمىدى.چۈنكى،دىلشاتجان بىرلا قىزى بار،ئوغلى يوق بۇ ئەر-خوتۇننىڭ ئۆز ئوغلىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.بۇلار تىرىشچان،ئىناق،ئاق كۆڭۈل ئەر-خوتۇنلار بولغاچقا .تۇنساخان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ،دىلشاتجاندىن خەۋەر ئالسا،مەھەمەت سامساق دېھقانچىلىقتىن سىرىت باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللۇنۇپ قوشۇمچە كىرىم قىلاتتى.تاپقان پۇلىنى سەرىپ قىلىپ دىلشاتجاننى ناھىيەلىك ۋە خوتەن ،ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانلاردا داۋالاتتى.لېكىن تىببىي مۇتەخەسىسلەر داۋالاشنىڭ ئۆنۈمى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    دىلشاتجاننىڭ ئاتاق ئاتىسى مەھەمەت سامساق مۇنداق دېدى؛بۇ بالىنى بېقىپ مۇشۇ يەرگە كەلدۇق.بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا، بىز بېقىۋالغان قاتاردا بېقىۋاتىمىز.بېكار بولغاندا چاقچاق قىلىشىپ خۇشاللىق تاپىمەن.

   دىلشاتجاننىڭ ئاتاق ئاپىسى تۇنساخان مەھەمەت مۇنداق دېدى:بۇ بالىغا ئۆزەم تۇغقاندەكلا بەك كۆيىمەن.بالىغا شۇ ئېرىم قاراپ تۇرسا سىرىتقا چىقالايمەن،بولمىسا ھېچ يەرگە چىقالمايمەن.

     مەھەمەت سامساق بىلەن تۇنساخان دىلشاتجاننى كېيىمىنى مەينەت،قورسىقىنى ئاچ قويمىدى،زېرىكتۈرۈپ،تېرىكتۈرۈپ قويمىدى.ئۆزلىرىمۇ باققان ئەجرىگە،تارتقان ئېقتىسادىي زىيىنىغا ھەرگىزمۇ ۋايساپ باقمىدى.ئەكسىچە،دىلشاتجاننى« ئۆزۈمىزنىڭ بالىسى،يۈرەك پارىمىز،ئائىلىمىزنىڭ خۇشاللىقى»دەپ، چىن ئاتا-ئانىلىق مېھرى بىلەن بېقىپ ،ئىنسانىي خىسلەت،مېھرىبانلىق،ۋاپادارلىقنىڭ داستانىنى يازدى ۋە يازماقتا. دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل،شۇڭا جەمئىيىتمىز مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل،مېھىر-ۋاپالىق كىشىلەرگە نەقەدەر مۇھتاج ئەلۋەتتە.


سۆرەتتە:مەھەمەت سامساق بىلەن تۇنساخان مەھەمەت دىلشاتجاننى ئەركىلەتمەكتە.

7

تېما

1

دوست

1103

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 15:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئالەم گۈزەل، ئۇلۇغلۇقنىڭ تەبىرى ئانا شۇ ئاددى،سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزدە. ياراتقۇچىدىن بۇ ئائىلىگەبەرىكەت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!~
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

136

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25460
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 16:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ، بۇئائىلىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن .ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن.

3

تېما

0

دوست

4403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5969
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 942
توردىكى ۋاقتى: 603
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 17:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ئاللاھ تائالا ھەقىقى ئىمان ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلغان كىشىلەر ئىكەن. مەن ئۇلارغا ئىككى دۇنيالىق بەخت تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32068
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 20:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم  قىلسا  ئۈزىگە!
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

خوجە

0

تېما

10

دوست

4180

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1143
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 01:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زابوي يوللىغان ۋاقتى  2014-12-26 20:11
باشقا گەپ قىلماي ھارىقىمنى ئىچەي

سىز شۇنداق قىلىۋىرىڭ  ،چۇنكى  زابويلارنىڭ ئاتا-ئانا پەرزەنت مېھرىگە قارغاندا  رۇمكا بىلەن بوتۇلكىغا مېھرى مۇھەببىتى بۆلەكچە بولدىغان ئوخشايدۇ،  

0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31661
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 02:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Masrura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 02:22  

بەك تەسىرلەندىم، « دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» دىگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولدۇم،  ئائىلەڭلارغا بەخىت تىلەيمەن، تېخىمۇ بەخىتلىك بولغايسىلەر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )