قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 2

ئورخۇن پۈتۈكلىرى تۈركىمىدىن---تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

9

دوست

4652

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1356
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 15:49:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى

     تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ئىككىنچى تۈرك خاقانلىقىغا ئاساس سالغان ئېلتارىش خاقاننىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە سەركەردىسى تۇنيۇقۇققا بېغىشلىنىپ، 712-716-يىللاردا يېزىلغان. تۇنيۇقۇق قاپاغان ۋە بىلگە قاغانلارنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنى ئۆزى ھاياتلىغىدا يازدۇرغان بولۇپ، موڭغۇلىيەنىڭ بائىن سوكتو دىگەن يېرىدىن تېپىلغان. ھازىرمۇ شۇ ئورنىدا ساقلانماقتا.
مەڭگۈتاشتا تۈركىيلەرنىڭ بىرقانچە دۈشمەن قەبىلىلەر بىلەن بولغان كۈرەشلىرى، تۇنيۇقۇقنىڭ خەلىق ئالدىدىكى خىزمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. پۈتۈكتە تۇنيۇقۇقنىڭ خىزمەتلىرى مەدھىيەلىنىدۇ. تۇنيۇقۇق پۈتۈن كۈچىنى خەلىقنى دۈشمەنلىرىدىن قوغداشقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا سەرىپ قىلىدۇ. تۇنيۇقۇقنىڭ دانالىقى، تەدبىركارلىقى، جەسۇرلۇقى كۆپلىگەن غەلىبىلەرنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىگى مەدھىيەلىنىدۇ. پۈتۈكتە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر  تۇنيۇقۇقنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تۈرك خەلقىگە سادىق ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
    تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى يۈكسەك سەۋىيىدە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن گۇمانىزىم بولۇپمۇ قەھرىقمانلىق ئىش ئىزلىرىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىغى بىلەن ئەھمىيەتلىكتۇر. مەزكۇر پۈتۈكتە خەلىق ماقال – تەمسىللىرىنىڭ كۆپ قوللىنىلىشى ئۇنىڭ بەدىئىيلىك دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن.

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى
    دانا تۇنيۇقۇق ---- مەن ئۆزۈم، تاۋغاچ ئېلىدە تەربىيەلەندىم. تۈرك خەلقى تاۋغاچ ئېلىگە بوي سۇناتتى.
   تۈرك خەلقى ئۆز خاقانى بىلەن بولماي، تاۋغاچلارغا بوي سۇندى. خانلىق بولدى. ئۆز خانىنى قويۇپ تاۋغاچ خانلىقىغا قوشۇلدى. تەڭرى شۇنداق دىگەن ئىكەن: خان بەردىم، خانىڭنى قويۇپ، تاۋغاچقا تەسلىم بولدۇڭ.  تاۋغاچقا تەسلىم بولغانلىقى ئۈچۈن تەڭرى "ئۆل" دىگەن بولسا كېرەك.
تۈرك خەلقى ئۆلدى، تۈگىدى، يوق بولدى. تۈرك يېرىدە بىرەرمۇ ئۇرۇق قالمىدى. ئىچكىرى- تاشقىرىدا قالغىنى توپلىنىپ يەتتە يۈز بولدى، ئىككى قىسىمى ئاتلىق، بىر قىسىمى پىيادە ئىدى. يەتتە يۈز كىشىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان باشلىق شاد ئىدى. ئۇنۋان ئال دېدى، ئۇنۋان ئالىدىغىنى مەن ئىدىم--- بىلگە تۇنيۇقۇق. خاقانلىقىمۇ قولغا ئالاي دېدىم، كىيىن ئۆيلەندىم. بەزىلەر ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى تېزىگىگە قاراپ ئاجرىتالىسا، بەزىلەر ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى ئاجرىتالماسمىش. شۇنداق ئويلىدىم، پەقەت تەڭرى دىلىمغا بىلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن خاقانلىقنىمۇ قولغا ئالدىم. دانا تۇنيۇقۇق، ئېلتەرىش خاقان بىرگە بولۇپ، جەنۇپتا تاۋغاچنى، شەرىقتە چىننى، شىمالدا ئوغۇزنى كۆپلەپ ئۆلتۈردى. ھەممىسىنى چاپقان مەن ئۆزۈملا ئىدىم، چۇغاي كۈزنى ۋە قاراقۇمنى مەنزىل قىلىۋالغان ئىدۇق. ئۇ يەردە كىيىك يەپ، قۇيانلارنى يەپ تۇراتتۇق. خەلىقنىڭ قوسىغى توق ئىدى. دۈشمەن ئەتراپىمىزغا غۇلىچىنى يايدى، بىز ھۇشيار ئىدۇق. ئەرك ئەھلى جەڭگىۋار ئىدى. شۇ ئەسنادا ئوغۇزدىن كۈزەتكۈچى كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: توققۇز ئوغۇز خەلقى ئۈستىگە بىر خاقان ھۆكۈمران بولدى، تاۋغاچقا كۈنى سانغۇننى ئەۋەتتى، چىنغا توڭرا سېمنى ئەۋەتتى. ئۇلارغا شۇنداق مەلۇمات ئەۋەتتىكى:ئازغىنا تۈرك خەلقى يۈرگەنمىش، خاقانى باھادىر ئىكەن، مەسلىھەتچىسى دانىشمەن ئىكەن. ئاشۇ ئىككى كىشى بار بولسا، سېنى تاۋغاچنى ئۆلتۈرىدىكەن دەيمەن، تاۋغاچ، سەن ئوڭدىن ھۇجۇم قىل، چىن سەن ئۇدۇلدىن ھۇجۇم قىل، مەن سول تەرەپتىن ھۇجۇم قىلاي ، تۈرك سىر خەلقى يېرىدە باشقا ئىگە يۈرمىسۇن. ئەپلىسەك شۇ ئىگىنى يوقىتايلى دەيمەن. شۇ گەپنى ئاڭلاپ كېچىسى ئۇيقۇم كەلمىدى، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى، شۇنىڭدىن كىيىن خاقانىمدىن ئۆتۈندىم.:تاۋغاچ، ئوغۇز، چىن بۇ ئۈچى قامال قىلسا، قامالدا قالىمىز، ئۇ ۋاقىتتا ۋۇجۇدىنىڭ ئىچى- تېشىنى ۋە مال- دۇنيالىرىنى تاپشۇرغانلارغا ئوخشاپ قالىمىز. نېپىز توننى يىرتىش ئاسانمىش، ئىنچىكە يىپنى ئۈزۈش ئاسانمىش. نېپىز قېلىن بولسا تارمار قىلىدىغان باھادىرمىش، ئىنچىكە توم بولسا ئۈزىدىغان باھادىرمىش. شەرىقتە چىندىن، جەنۇپتا تاۋغاچتىن، غەرىپتە قۇرداندىن، شىمالدا ئوغۇزدىن ھىمايىلىنىش ئۈچۈن ئىككى- ئۈچ مىڭ ئادىمىمىز بار، باشقا كېلىدىغانلار بارمىدى؟ خاقانىم مەن دانا تۇنيۇقۇقنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىدى، كۆڭلۈڭگە قاراپ يول تۇت دېدى. كۆك تۇغنى كۆتۈرۈپ، دالىغا قاراپ يول ئالدىم. كىچىك كۆل بويىغا تۇغلادىن ئوغۇز كەلدى، ئۇلارنىڭ لەشكىرى ئۈچ مىڭ ئىكەن. بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق، ئۇرۇشتۇق، تەڭرى قوللىدى، قاچۇردۇق، دەرياغا چۈشتى. قاچقان يولىدا يەنە ئۆلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز كۆپلەپ تەسلىم بولۇپ كەلدى، مەن ئۆزۈم تۈرك خەلقىنى ئۆتۈكەن يېرىگە كەلتۈردۈم. بىلگە تۇيۇقۇق ئۆتۈكەن يېرىگە كۆنۈپتۇ دەپ ئاڭلاپ، جەنۇپتىكى، شىمالدىكى خەلىق كەلدى. بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق، ئىككى قوشۇن بولدى. تۈرك خەلقى يەر يۈزىگە تارىغاندىن بۇيان،تۈرك خاقانى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان شانتۇڭ شەھرىگە، دېڭىز، دەرياغا يەتمىگەن ئىدى، خاقانىمغا مەسلىھەت قىلىپ لەشكەر تارىتتىم.
    شايتۇڭ شەھرىگە، دەريا، دېڭىزغا يەتكۈزدۈم، يىگىرمە ئۈچ شەھەر مەغلۇپ بولدى، دۈشمەننىڭ ئۇيقۇسى ھارام بولۇپ، چۆل- باياۋاندا يېتىپ قالدى. تاۋغاچ خاقانى دۈشمىنىمىز ئىدى، ئون ئوق خاقانىمۇ دۈشمىنىمىز ئىدى، ئۇنىڭدىن كىيىن قىرغىزنىڭ كۈچلۈك خاقانى دۈشمىنىمىز بولدى.  ئاشۇ ئۈچ خاقان مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇن يىش ئۈستىگە تالان سالايلى دەپتۇ.  شەرىققە تۈرىك خاقانىغا لەشكەر تارتايلى دەپ مەسلىھەت قىلىشىپتۇ. ئۇنىڭغا قارشى لەشكەر تارتمىساق، قاچان غەلىبە قىلسا، بىزنى تارمار قىلىدۇ—دەپتۇ. خاقانى باھادىر ئىكەن، مەسلىھەتچىسى دانىشمەن ئىكەن، قاچان غەلىبە قىلسا ئۆلتۈرىدىكەن دەپتۇ.  ئۈچەيلەن يوپۇرۇلۇپ ھۇجۇم قىلايلى دەپتۇ. تۇرگەش خاقانى شۇنداق دەپتۇ:مېنىڭ خەلقىم ئۇ يەردە بولىدۇ، تۈرك خەلقى يەنە ھاياجاندا، ئوغۇزى يەنە پاراكەندە. شۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ. تۈنلىرى ئۇيقۇم كەلمەس، كۈندۈزلىرى ئولتۇرغۇم كەلمەس ئىدى. تاۋغاچ، ئون ئوق، قىرغىز خاقانىغا كوگمەل تېغىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىمىز دەپ ئويلاپ، ئالدىن قوشۇن تارتايلى دېدىم.
     كوگمەل يولى بىر ئىكەن، يولىنى قار باسقانلىغىنى ئاڭلاپ، بۇ يولدىن يۈرىشكە بولمايدۇ دېدىم. يەرچى(يول باشلىغۇچى) سۈرۈشتۈردۈم، چۆللۈك ئەز قەبىلىسىدىن بىر يىگىتنى تاپتىم،ئەز يەرلىرىنى ئۇ پىششىق بىلىدىكەن. ئۇنىڭ بىر مەنزىلى بولۇپ، ئەنى دەرياسى بىلەنن بارغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاشۇ مەنزىلدە يېتىپ، بىر ئاتلىق يول يۈرسە بارغىلى بولدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ شۇ يەر بىلەن بارغىلى بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم. خاقانىمغا بۇنى ئېيتىپ، قوشۇنىمغا "ئاتلان" دەپ بۇيرۇق بەردىم.
    ئاق تارمال دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، قوشۇنغا قونالغۇ قۇرۇشقا بۇيرۇق بەردىم، بىر دەم دەم ئالغاندىن كىيىن، يەنە ئاتلىنىشقا بۇيرۇق بەردىم. قار كېچىپ، ئۆزىمىز پىيادە، ئاتلارنى يۇقۇرىغا تارتىپ، دەرەخلەرگە ئېسىلىپ يۈرۈپ قوشۇننى چىقاردىم. ئالدىدىكى يىگىتلەر ئىلگىرىلەپ ئالدىمىزدىكى  توقايلىق داۋاندىن ئاشتۇق ۋە ئۇنىڭدىن مىڭبىر جاپادا پەسكە سىرىلىپ چۈشتۇق. ئون كۈن داۋامىدا بىز يان يوللاردىن ئايلىنىپ، توساقلاردىن چەتنەپ يول يۈردۇق، يەرچىمۇ يولدىن ئادىشىپ بوغۇزلاندى، خاقان خاپا بولۇپ:"ئاتلىرىڭلارنى چاپتۇرۇڭلار!" دېدى.
مەن ئەنى دەرياسى بىلەن بارايلى دېدىم، بىز دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىگە قاراپ يول ئالدۇق. لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، ئاتلارنى ئوتقا باغلىدۇق، كىيىن يەنە يۈرۈپ كەتتۇق. كۈننى تۈنگە ئۇلاپ يول يۈرۈپ، قىرغىزنى ئۇيقۇدا باستۇق. بىر قوشۇنىمىزنىڭ ئىڭىكىنى(ئالدىنقى قىسىمىنى) جەڭگە كىرگۈزدۇق، قىرغىز خانىنىڭ لەشكەرلىرى يىغىلدى، ئېلىشتۇق، خاقانىنى ئۆلتۈدۇق. بىزنىڭ خاقانغا قىرغىز خەلقى تەسلىم بولۇپ باش قويدى.
    يەنە كوگمانى ئايلىنىپ قايتىپ كەلدۇق،قىرغىزلاردىن قايتىپ كەلگىنىمىزدىن كىيىن، تۈرگەش خاقانىدىن خەۋەرچى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "شەرىقتىن تۈرك خاقانىغا قوشۇن تارتايلى ، قوشۇن تارتمىساق ئۇ بىزنى يوقىتىدۇ،خاقانى باھادىر، مەسلىھەتچىسى دانىشمەن ئىكەن، ھەر ئاماللار بىلەن بىزنى ئۆلتۈرىدىغاندەك تۇرىدۇ." تۇرگەش خاقانى ۋە ئون ئوق خەلقىنىڭ  ھەممىسى يولغا چىقىپتۇ دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان خاقانىم:"مەن مەسلىھەت قىلاي" دېدى. ئايالى ۋاپات بولغان ئىدى، ئۇنىڭ مۇراسىمىنى ئۆتكۈزەي دېدى. قوشۇن بىلەن يۈرۈڭ، ئالتۇن يىشتا بارىگاھ قۇرۇڭ، لەشكەر بېشى ئىناش خاقان، تاردۇش شاد بولسۇن دېدى. دانا تۇنيۇقۇققا—ماڭا بۇڭ قوشۇننى يېتەكلەپ ماڭ دېدى. قاراملىق، غەزەپلىرىڭنىن يولىدا قىل، مەن ساڭا نېمىمۇ دەيتتىم—دېدى. دۈشمەن كېلىدىغان بولسا باھادىر يىگىتلەرنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈر، كەلمىسە تىل تۇتۇپ، مەلۇمات كۈت --- دېدى.
ئەلتۇن يىشقا ئورۇنلاشتۇق، ئۈچ خەۋەرچى كەلدى، ئۇلارنىڭ گېپى بىردەك بولۇپ: خاقانى يولغا چىقىپتۇ، ئون ئوق لەشكەرلىرىمۇ ئەر-ئايال بولۇپ كېلىۋاتقۇدەك. ئۇلار يەنە يارىس دەشتىدە يىغىلارمىش. بۇ گەپنى ئۇقۇپ، خاقانىمغا  ئەۋەتتىم. خاقانىم: ئالدىراقسانلىق قىلماي، قاراۋۇل قويۇڭلار، دۈمەنگە باستۇرۇپ قويماڭلار دەپتۇ. لەشكەر بېشىغا خۇپىيانە يارلىق بېرىپ، تۇنيۇقۇق ھۇشيار، قوشۇن بىلەن بارىمەن دېسە ئۇنىماڭلار دەپتۇ.
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قوشۇننى يولغا سالدىم، ئالتۇن يىشنىڭ پايانسىز چۆللىرىدىن، ئىرتىش دەرياسىنىڭ ئۆتكىلى بولمايدىغان يېرىدىن كېچىپ ئۆتتۇق، كېچىسى توختىماستىن بۇلۇچىغا يېتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ پايلاقچىلىرىمىز قارشى تەرەپتىن ئەسىر تۇتۇپ كەلدى، ئۇنىڭ دىيىشىچە پارىس چۆلىدە ئون تۈمەن لەشكەر يىغىلىپتىمىش. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بەگلەر قايتايلى، بىز ئۈچۈن پاك نومۇس ياخشى دىيىشتى. مەن مۇنداق دېدىم: مەن دانىشمەن تۇنيۇقۇق، ئالتۇن يىشنى ئېشىپ كەلدۇق، ئىرتىشنى كېچىپ كەلدۇق، جەڭچىلەرنىڭ كەلگەنلىرى قەھرىمان دىگەن. دۈشمەن تېخى سەزمىدى، تەڭرى مول يەر – سۇ ۋە دۈشمەننى بىزگە  بېسىپ بەرگەن كۆرۈنىدۇ، نىمە ئۈچۈن چېكىنىمىز؟ دۈمەننىڭ كۆپلىگىدىن نىمە ئۈچۈن قورقىمىز؟ قېنى ئاتلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى--- دېدىم.
     ھۇجۇم قىلدۇق، دۈمەننى تارمار قىلدۇق، ئىككىنچى كۈنى كېلىشتى، يەنە ئۇرۇشتۇق، ئۇلارنىڭ قوشۇنى بىزنىڭكىدىن ئىككى قاناتنىڭ يېرىمىچە ئارتۇق ئىدى، تەڭرى مەدەت بەرگەچكە دۈمەننىڭ كۆپلىگىدىن بىز قورىقمىدۇق،بىز جەڭ قىلدۇق.تاندۇش شاد ئون ئوق خاقانى تەرەپكە ھۇجۇم قىلدى، تارمار قىلدۇق، خاقانى، شادى، يابغۇسى شۇ ئۇلارنى يەردە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلاردىن ئەللىك يىگىتنى تۇتتۇق، ۋە كېچىسىلا ھەممىسىنى ئۆز ئەللىرىگە قايتۇردۇق،بۇ ئەھۋالنى ئۇققان ئون ئوق بەگلىرى بىلەن خەلقى بىزگە بەيئەت قىلىپ كەلدى. كەلگەن بەگلىرى بىلەن خەلقىنى سۈرۈپ، ئازراقلا خەلىق قالغان ئىدى، ئون ئوق لەشكەرلىرىنى جەڭگە سالدىم، بىزمۇ لەشكەر تارتىپ ئۇلارنى قوغلىدۇق.
    تۈرك بىلگە خاقاننىڭ دۆۋلىتىدە بۇ پۈتۈكنى يازدۇردۇم، مەن بىلگە تۇنيۇقۇق، ئېلتارىش خاقام ئۇتۇق قازانمىغان بولسا، مەن ئۆزۈم دانا تۇنيۇقۇقمۇ غەلىبە قازانمىغان بولاتتىم، مەن بولمىغان بولسام، قاپاغان خاقان باشلىق تۈرك يېرىدە ھېچقانداق ئۇرۇق ئادەم، خوجايىنمۇ بولمىغان بولاتتى.
ئېلتەرىش خاقان ۋە دانا تۇنيۇقۇق غەلىبە قازانغانلىقتىن، بۇ ئەلدە قاپاغان خاقان ۋە تۈرىك خەلقى ياشاپ، ئوغۇزلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرماقتا.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2768
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 11:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن دىگەنغۇ خەنزۇلار دەپ چۈشەندىم ، ماۋۇ تابغاچ دىگىنى قايسى مىللەت ئۆزى ؟ ئوغۇز دىگىنى بىز ئۇيغۇرلاركەنمىز ھە ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1407

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 14:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تارىخلارنىڭ چىنلىق نىسپىتى قانچە پىرسەنتتۇر؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )