قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3380|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئانا دىيار تەسىراتلىرى (4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 495
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 15:51:08 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئانا دىيار تەسىراتلىرى (4)

تاشپولات روزى

tokyo1.jpg
توكيو

ئىلاۋە:
ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بايلىقى يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆپ زوردۇر، مۇبادا ئىنسانلار ئەقىل بايلىقىنى ئىشلەتمىسە، يەر بايلىقى قانچىلىك مول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر راۋاج تاپالمايدۇ. مەسلەن، يەر بايلىقى مول بولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىشلەتمىگەچكە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە ئادەتتىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىمۇ مۇستەقىل ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. ئۇلار پۇلى بىلەن باشقىلار ياساپ بەرگەن كاتتا ئايروپىلانلاردا ئولتۇرىدۇ، ئەمما پۇلى تۈگىگەندە نېمە قىلىشىنى ئەسلى ئويلاپ باقمايدۇ.  ياپونىيە  98 پىرسەنت ماددىي بايلىقنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئامېرىكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، دۇنيانى ئەقىللىقلەر ئۆزگەرتىدۇ، ئەقىللىقلەرنى مائارىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا مائارىپ ئاساس، مائارىپ ھالقا، مائارىپ ئۇل، مائارىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى، مائارىپ مەشئەل، مائارىپ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىدىغان نۇرلۇق يول.  ---- تاشپولات روزى، قەلب خاتىرەمدىن

مەن ئالدىنقى يازمامنى ۋەتەن سەپىرىمدىكى گۈزەل غۇلجا شەھىرىدىن ئايرىلىپ، سۆيۈملۈك ئانا يۇرتۇم توققۇزتاراغا مېڭىش ئالدىدا تاماملىغان ئىدىم. بۇ يازمامنى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىققان ۋاقىتلىرىمدىن باشلايمەن.

narita1.jpg
نارىتا خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسى

    مەن چاڭچۈندىكى شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونچە سىنىپىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىدە ياپونىيەدىن كېلىدىغان مەكتەپ ئۇقتۇرۇشىنى 3 يىل ساقلىغاندىن كېيىن، 1990-يىلى 3-ئايدا ياپونىيە دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىمات فاكۇلتېتىنىڭ  ئىككى يىللىق تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ياپونيەگە ئوقۇشقا چىقىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم. شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق  رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان 25 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى خەلق  ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا قوبۇل قىلىپ، بىزنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇشىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ياپونىيەدە ياخشى ئوقۇپ، بىلىم دائىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەن - خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىزنى، ئەگەر ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، يەنە يۇقىرىلاپ ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە قايتا چىقماقچى بولساق، تەستىقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەئىس تۆمۈر داۋامەت ئارقىدىن يەنە «ئەگەر سىلەر ياخشى ئوقۇپ كېلىپ، قايتىدىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولساڭلار، مائارىپ نازارىتى تەستىقلىماي قالسا، مېنى بىۋاسىتە ئىزدەڭلار» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. مەن شۇ چاغدا تۆمۈر داۋامەتنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش توغرىلىق قىلغان سۆزلىرىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن ئىدىم.  بىز 25 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ياپونىيەگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ھۆكۈمەتتىن 6 ئايلىق تۇرمۇش پۇلىمىزنى بەردى. بىر ئادەمگە بىر ئايدا 8 تۈمەن ياپون پۇلى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پۇلنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 4000 يۈەندىن ئاشاتتى. مەن چوڭ بولۇپ بۇنداق كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، يېنىمدا بۇ پۇللارنى ئېلىپ يۈرۈشتىن سەل قورقتۇم، ئەمما ئامالسىز بۇ پۇللارنى بېلىمگە چىڭ تېڭىۋالغان كىچىك ئاسما سومكامغا مەھكەم سېلىپ ئېلىپ ماڭدىم. ئوقۇش پۇلىمىزنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن كۆتۈرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، بۇ پۇل بىزنىڭ بىر ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتىمىزگە يېتەتتى. مەن ياپونىيەگە يولغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا، ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم دوستلىرىم مېنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە چاقىرىتقانىدى. بىر كۈنى مېنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر دوستۇم ئۆيىگە چاقىرىپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە دوستلار بىلەن مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئىشىككە يېقىنلاشقىنىمدا، دوستۇم ئۆي ئىچىدىكى بالىلارغا قارىتىپ، «ماۋۇ داداش ياپونغا چىقىدۇ، خوش دەڭلار» دىۋېدى، بالىلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىرى دوستۇمدىن «بۇ داداش ياپونيىەگە ياپونلۇقلارنى ئۆلتۈرگىلى چىقامدۇ؟» دەپ  سورىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈۋەتتۇق. شۇ ۋاقىتلاردا تىياتىر ۋە تېلېۋىزورلاردا ياپونغا قارشى ئىشلەنگەن كىنولار كۆپ قويۇلغاچقا، كىچىك بالىلار «ياپونلۇقلار ھازىرغىچە ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ» دەپ ئويلاپ قالغانىكەن.  بۇ گەپنى ئاڭلىغان دوستۇم، ئۇ كىچىك بالىلارغا چۈشەندۈرۈپ «ھازىر ياپونلۇقلار ئەسكى ئەمەس، ئۇرۇشتىن كېيىن  ئۇلار ياخشى ئادەم بولۇپ ئۆزگەردى، ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئەينى چاغدا مەندىمۇ «ياپونىيەگە بارسام، ياپونلۇقلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورۇنىتالەرمەنمۇ؟» دەيدىغان ئەندىشە بار ئىدى.

TDU.jpg
توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتى

     1990-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 25 ئوقۇتقۇچى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ياپونىيەگە يول ئالدۇق. مەن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ياپونىيەنىڭ قانداق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى ياپونلۇقلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى قاتارلىق ھەر خىل ئىشلارنى خىيال قىلىپ ماڭدىم. بىز ئايروپىلانغا چىقىپلا، ئايروپىلان ئىچىنىڭ بەكمۇ پاكىز ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئايروخانقىزلارنىڭ بېشىمىز لىڭشىپ كەتسىمۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىزدىن «سىزگە نېمە كېرەك؟» دەپ سوراشلىرى، بىزنىڭ ياپونلۇقلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قوزغىدى. بۇ ياپونلۇقلار ھېلىقى بىز كۆرگەن كىنولاردىكى ياپونلۇقلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. شۇ چاغدا «بۇلارمۇ ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن، ياپونىيەگە بارسام، ئۇلاردىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسەممۇ بولىدىكەنغۇ» دېگەن ئويلار ماڭا كۈچ قۇۋۋەت بولدى. بىز ياپونىيەنىڭ نارىتا خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىغا چۈشۈشكە يېقىنلىشىۋاتقىنىمىزدا، ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن ياپونىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدۇق. ياپونىيە زېمىنى بىزگە گۈزەل كۆرۈندى.  بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان ساق - سالامەت ياپونىيە نارىتا ئايرىدىرومىغا قوندى. بىز بىرلىكتە ياپونىيە چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتۇق. بىز پاسپورتلىرىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېغىزىغا كەلگىنىمىزدە، ئالدىمىزدا ئولتۇرغان ياپونلۇق تەكشۈرگۈچى بىزگە «مەرھەمەت، ياپونىيەگە كەلگەنلىكىڭلارغا، سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن سالىمىنى بەردى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىزدە خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىقنىڭ ئالامەتلىرى مانا مەن دەپلا چىقتى. بىز چېگرا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ھەممىمىز ئۆتكەندىن كېيىن بۇ 25 ئوقۇتقۇچى ئايرودىروم ئىچىدىكى بىر يەرگە يىغىلىپ، ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ بىزنى ئېلىپ مېڭىشىنى ساقلاپ تۇردۇق. ئۇلار ئاللىقاچان بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ بوپتۇ. بۇ خادىملار بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ھەممىمىزنى تەييار قىلىپ قويغان چوڭ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، توكيودىكى ياپونىيە خۇسۇسىي مەكتەپ جەمئىيىتىگە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئايرۇدىروم ئىچىدىكى پاكىزە مۇھىت، ياپونلۇقلارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. ئىستانسا ئىچىدىكى ئوبۇرنىلارنىڭ پاكىزلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىكارلىق ئىكەنلىكى بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى. ئايرودىروم ئىچىدىكى ياپونلۇق خىزمەتچىلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ خۇش تەبەسسۇم بىلەن يۈرمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بىزدەك تەرەققىي قىلمىغان ۋە دۇنيانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەر بۇنداق بىر زامانىۋىي دۆلەتكە كېلىپ قالسا، ئاجايىپ چۇڭقۇر تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدىكەن.

Breakfast.jpg

     بىز ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىپ توكيو شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق. ئاپتوبۇس قوزغىلىشى بىلەنلا بىر ياپونلۇق كىشى ئاپتوبۇس ئىچىدىكى مىكروفون بىلەن بىزگە سالام بېرىۋەتكەندىن كېيىن، بارماقچى بولغان يېرىمىزنى ۋە يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى چۈشەندۈردى. بۇ نارىتا خەلقئارا ئايرىدىرومى بىلەن توكيونىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 67 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاچ، ياپونىيە تېز سۈرەتلىك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۆزىمىزنى ئۈزمەي كۆرۈپ كەلدۇق. شۇ ۋاقىت 4 - ئاي بولسىمۇ، يولنىڭ ئىككى تەرىپى بىز رەسىملەردىن كۆرىدىغان كۆرۈنۈشلەردەك گۈزەل ئىدى. بىز يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قالايمىقان تاشلانغان بىرەر ئەخلەت دۆۋىسىنى كۆرمىدۇق. بىز ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت يول مېڭىپ توكيودىكى ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ جەمئىيەتنىڭ باش شتابى ئورۇنلاشقان بىنانىڭ ئىچىدە مېھمانخانىلارمۇ بار ئىكەن. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپلا مېھمانخانا ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. ئۇلار ھەر بىرىمىزنى ئايرىم - ئايرىم مېھمانخانا ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. مەن ئۆمرۈمدە ئۆزۈم يالغۇز بىر ئۆيدە يېتىپ باقمىغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمىزدا 8 ئادەم بىر ياتاقتا ياتاتتۇق. ئۆي ئىچىدە مۇنچىسىمۇ بار ئىكەن، ئادەمگە كېرەكلىك ھەممە نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن. ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقىدىن ئادەم سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. بىز ياتاقلارغا ئۇرۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بىزنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتۇق. بىزنى زىياپەت ئاشخانىسىدا بۇ جەمئىيەتنىڭ سېكرېتارى سۈزۈكى ئەپەندى كۈتۈۋالدى. ئۇ بىزنىڭ ياپونىيەگە ساق-سالامەت كەلگەنلىكىمىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مۇلايىم سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى. تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئۇ بىزگە ئارا بىلەن پىچاق ئىشلىتىپ تاماقلارنى قانداق يېيىش ئۇسۇلىنى ۋە ئارىنى قايسى قولدا پىچاقنى قايسى قولدا تۇتۇپ يېيىشنى ئۆگەتتى. مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارغىمۇ تەپسىلىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئوخشايدۇ. قورساق راسا ئېچىپتىكەن ئارا بىلەن پىچاقنى قانداق تۇتۇپ تاماق يېيىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالدىم. ياپونلار تاماقنى ئىچىگە پىيالە ۋە تەخسە تىزىلغان تۆت چاسىلىق لېگەننىڭ ئىچىگە سېلىپ ئەكېلىدىكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان تاماقلار ۋە قۇرۇغدۇلۇنۇپ كەتكەن تەخسە - چىنىلەرنى مۇشۇ تۆت چاسىلىق لېگەننىڭ ئىچىگە سېلىپ جوزىنىڭ ئۈستىنى پاكىز سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، قاچا تازىلاش ئورنىغا ئۆزىمىز ئاپىرىپ بېرىدىكەنمىز. سۈزۈكى ئەپەندى بىزگە «ياپونلۇقلار تاماقنى ئاساسەن ئاشۇرۇپ قويمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.  ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، كىچىك ۋاقتىم ئېسىمگە كەلدى، كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلار ماڭا «تاماقنى ئاشۇرۇپ قويساڭ يامان بولىدۇ» دەپ تەربىيە قىلاتتى. بىراق بىز ۋەتەندە چوڭلارنىڭ ئۇ خىل گەپلىرىگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتۇق. بۇ قۇرۇقدىلىنىپ قالغان قاچا - قۇمۇشلارنى ئۆزىمىز يىغىشتۇرۇپ تازىلاش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىشنى مەن ياقتۇردۇم. بۇنداق بولغاندا ئاشخانا تازىلىقىغا كۆپ ياردەم قىلغانلىقتىن باشقا ئاشۇرۇپ قويغان تامىقىڭىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا قانچىلىك ئىسراپ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشىڭىزغا ياردەمدىمۇ بولىدىكەن.

tokyo3.jpg

     ئەتىسى ئەتىگەندە بىز بۆلۈنگەن ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىزنى ئۆز مەكتەپلىرىگە ئېلىپ ماڭدى. مەن توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەبىىي-پەن  ۋە ئىنژېنېرلىق تارماق شۆبىسىنىڭ فىزمات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدىم. بۇ مەكتەپنىڭ باش شتابى توكيو شەھىرىنىڭ  ئاداچى دېگەن يېرىدە بولۇپ، 1907-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى ياسۇجىرۇ نىۋا ئىدى، ئۇ رەسىملىك تېلېگراف ماشىنىسىنى دۇنيادا بىرىنچى قېتىم ئىجات قىلغان كىشى ئىكەن. مەن بۆلۈنگەن مەكتەپ شۆبىسى توكيودىن تەخمىنەن 42 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سايتاما ناھىيەسىنىڭ خاتوياما دېگەن يېرىگە جايلاشقان ئىكەن. مەن ئەتىگىنى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماقلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مېھمانخانا ئەتراپىدىكى دۇكانلارغا كىرىپ باقتىم. ئەتىگىنى بولغاچقىمۇ يولدا ئىشقا مېڭىۋاتقان كىشىلەر بەك كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلىرى ناھايىتى ئىلدام مېڭىۋاتاتتى. ئۇ يەردە لاغايلاپ ئاستا ماڭىدىغان ئادەملەرنى ئۇچۇرتالمىدىم. دۇكانلارغا كىرسەم، دۇكان خادىملىرى ماڭا 90 گرادۇس ئېگىلىپ «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن» دەپ سالاملارنى بەردى. خېرىدارغا بۇنداق ھۆرمەت قىلىدىغان بۇ ياپونلۇقلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم. ماڭا يەنە بىر تەسىر قىلغىنى مېھمانخانا  ئەتىراپى ۋە دۇكانلارنىڭ پاكىزلىقى بولۇپ، يەردە بىرەر تال ئەخلەتنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئاۋۇ نارىتا ئايروپىلان ئىستانسىدىكى پاكىزلىق، ئادەملەرنىڭ خۇشخۇي چىرايلىرى، ماۋۇ مېھمانخانىدىكى ئاجايىپ مۇئامىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پاكىزلىقلار مېنىڭدە ھەرخىل سوئاللارنى تۇغدۇردى. شۇ چاغدا كاللامدا «ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئادەم سويغان بۇ ياپونلۇقلار قانداقسىگە كىشىگە بۇ دەرىجىدە مېھىر - مۇھەببەتلىك بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولۇپ كەتكەن ياپونلۇقلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ كەتكەندۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدۇر؟» دېگەن سوئاللار تۇغۇلدى. مېھمانخانا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ مېنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقتىمنىڭمۇ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مېھمانخانا ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم ھەمدە مېنى ئېلىپ ماڭىدىغان مەكتەپ خادىملىرىنى مۇشۇ ئۆيدە ساقلاپ ئولتۇردۇم. سائەت دەل 10 بولغاندا ئىشىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام بىر ئەر ماڭا سالام قىلىپ، مەن سىز بارماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل خادىمى، سىزنى مەكتەپكە ئېلىپ كېتىشكە كەلدىم، دېدى. مەنمۇ ئۇ كىشى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈم. بىز سومىكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ ماشىنا قويۇلغان ئورۇنغا كەلدۇق. ۋەتەندىن ئەكەلگەن سومكىلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنىغا قاچىلاپ بولۇپ، مەن بارماقچى بولغان مەكتەپكە قاراپ يول ئالدۇق. شۇ چاغدا ھەيران قالغان يەنە بىر ئىشىم، بۇ ياپونلۇقنىڭ ئىشىكنى دەل سەھەر سائەت 10 دا چەككەنلىكى بولدى. ياپونلۇقلارنىڭ ۋاقىت قارشى بەك يۇقىرى بولۇپ، دېگەن يېرىگە كېچىكىپ كەلمەيدىكەن ياكى بالدۇرمۇ بارمايدىكەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى نومۇس دەپ قارايدىكەن. بىزدەك بىر-ئىككى سائەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ بارىدىغان يەرلەرگە بارىدىغان ئەھۋاللار ياپونىيەدە يوق دېيەرلىك ئىكەن. بۇمۇ ياپونىيەنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا قېتىلىشىدىكى بىر سەۋەبمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

Tokyo.jpg

     بىز ماشىنا بىلەن توكيو شەھىرىنى ئارىلاپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق. توكيو شەھىرىدىكى بىنالار بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، ئەگەر يەر تەۋرەپ بۇ بىنالار غۇلاپ چۈشسە ئادەم قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمىغىدەك. توكيو  ئېگىز بىنالار بىلەن ئورالغان بولسىمۇ ئاشۇ بىنالارنىڭ ئەتراپلىرىدا يېشىل دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن ئىكەن. ئېگىز بىنالارنىڭ ئەتراپىدا ئادەملەر دەم ئالسا بولىدىغان باغچىلار، ئورۇندۇقلار قويۇلغان ئىكەن. پويىزلار ئېگىز بىنالارنىڭ ئۇستىدىمۇ قۇشقاچتەك ئۇچۇپ يۈرگەندەك كۆرۈندى. پويىز، ماشىنا ۋە ئادەم يوللىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ خۇددى ئۆمۈچۈك تورلىرىغا ئوخشايدىكەن. بىز تېز سۈرەتلىك ماشىنا يولىغا چىققاندىن كېيىن مېنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ياپونلۇق بىلەن تازا قىزىپ پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ئىسمى تاكاخاشى ئىكەن. ئۇ  قىلغان سۆزلىرىنى مېنى ئۇقالماي قالمىسۇن دېدىمۇ ئېيتاۋۇر، ناھايىتى ئاستا ۋە چۈشىنىشلىك ئاددىي گەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭدىن ياپونىيە مائارىپ سىستېمىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداقسىگە بۇنداق دۇنياغا تونۇلغان بىر ئىقتىساد دۆلىتى بولۇپ كەتكەنلىكىنى سورۇدۇم.  تاكاخاشى مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 6 يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 يىل، تولۇق ئوتتۇرا 3 يىل، ئالىي مەكتەپ 4 يىل قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ سىستېمىنى ياپوندا «6-3-3-4» فورما دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ياپونىيە مائارىپ سىستېمىسى ئامېرىكا مائارىپ سىستېمىسىنى ئۈلگە قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىكەن. ياپونىيە مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادا ساۋاتسىزلار سانى نۆلگە يېقىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش نىسبىتى 2 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 46 پىرسەنتى ئالىي مەكتەپكە ياكى ئىككى يىللىق تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە بارىدىكەن. ياپونىيە مەكتەپلىرى يىلىغا 3 مەۋسۇم بولۇپ، يېڭى ئوقۇش ۋاقتى ھەر يىلى 4-ئايدا دەرس باشلاپ، يەنە بىر يىلنىڭ 3-ئېيىدا ئاخىرلىشىدىكەن. ياپونىيەدە تۆۋەن يىللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، بىر  ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6 سائەت  ئوقۇيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار يازدا 6 ھەپتە، قىشتا بىر  ھەپتە، باھاردا بىر ھەپتە دەم ئالىدىغان بولۇپ، بىر يىلدا جەمئىي 8 ھەپتە دەم ئالىدىكەن. ياپونىيەدە دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا خېلى كۆپ تاپشۇرۇق بېرىدىكەن. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىمۇ ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدىكەن. ياپونىيەنىڭ نوپۇس زىچلىقى دۇنيا بويىچە يۇقىرى بولغاچقا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ سانى 40 تەك بولىدىكەن. ياپونىيە مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماقنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار تاماقنى سىنىپتا يەيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار  مەكتەپتە  ئوخشاش كىيىم فورمىسىنى بىردەك كىيىدىكەن. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب باي بىلەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە ئوخشاش تاماق ۋە ئوخشاش كىيىم كىيىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كەمسىتىلىشىنى يوق قىلىش ئىكەن.  بولۇپمۇ پۇلى بار بايلارنىڭ باللىرىغا قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كەمبەغەل بالىلارنىڭ روھىغا زەربە بېرىشنى توسۇش ئىكەن. ئامېرىكا مەكتەپلىرى ھەر-بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش نۇقتا قىلسا، ياپونىيە مەكتەپلىرى گۇرۇپپا رولىغا ئاساسەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. يەنە ياپونىيە گۇرۇپپىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىمۇ يېتەكلەپ ماڭىدىكەن. ئۇ ياپونىيەنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى مۇنداق بايان ئەيلىدى: ياپونىيە مائارىپنى  بۇرۇندىنلا مۇھىم ئورۇنغا قويغان دۆلەت، مائارىپ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇنىڭغا سەل قارىغان مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ مائارىپ سەۋىيىمىز ئەدو دەۋرىدىلا ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ياپونلۇقلارنىڭ مۇشۇ دەۋردە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى يەنە خەت تونۇش نىسبىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىكەن. ياپونىيەنىڭ ئەدو دەۋرى دېگىنىمىز 1603-يىلدىن 1868 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ دەۋردە ياپونىيەدە كىتاب ئوقۇش ۋە سەنپەن ئىشلىتىپ ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش قىزغىنلىقى قوزغالغان ئىكەن. ياپونىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ مۇشۇ دەۋردە تەرەققى قىپتىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياپون خەلقى بۇرۇندىنلا مائارىپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نەرسىلەرنى قۇراشتۇرۇپ ياساپ چىققان ئادەملەرنى مىللەت سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مىجى ئىنقىلابىنىڭ ياپونىيە دۆلىتىنىڭ تەرەققى قىلىش ھۇلىنى قۇرۇپ بەرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. ياپونىيەنىڭ مىجى ئىشىن دېگىنى 1868-يىلىدىن 1912-يىلغىچە بولغان ئارىلىق بولۇپ، بۇ چاغدا كۆپلىگەن ياپولۇقلار ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ بىلىم ئېلىپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ياپونغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىر ئارال دۆلىتى بولغانلىقتىن، ئەتراپىنىڭ ھەممىسى دېڭىز، شۇڭا تارىختا بۇ دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۆلەتلە ئاساسەن بولمىغان، ياپونىيەنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدا ئارال دۆلىتى بولغانلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ يەنە دۆلىتىمىز كىچىك ۋە يەر بايلىقى بولمىغاچقا، بۇرۇنقى دۆلەت ئەربابلىرى بايلىقنى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ئارقىلىق سىرتتىن ياپون زىمىنىغا ئەكىرمىسەك بولمايدۇ، دەپ قاراپ خاتا ھالدا باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئويلىغان. بۇ خاتا كۆز قاراش ياپونىيەنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلق تۇرمۇشىنى ئەڭ  قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: بىزنىڭ بۇنداق تەرەققىي قىلىشىمىزغا ئۇرۇشتىن ئالغان تەجرىبىمىز ۋە ئامېرىكىنىڭ بىزنى بېسىۋېلىش جەريانىدا بىزگە بەرگەن پۇرسەتلىرىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، دېدى.

tokyo4.jpg

     مېنىڭچە، ئىنساننىڭ ئەقىل بايلىقى يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆپ زوردۇر. ئىنسان ئەقىل بايلىقىنى ئىشلەتمىسە يەر بايلىقى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەرىبىر يوق بىلەن ئوخشاش. دۇنياغا نەزەر سالساق، شۇنى بىلىمىزكى، يەر بايلىقى بىلەن تولغان ئەرەب دۆلەتلىرى ئەقىلىنى ئىشلەتمىگەچكە، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى. ئۇلار ھازىرغىچە ئادەتتىكى بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىمۇ ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ.  ئۇلار پۇلى بىلەن باشقىلار ياساپ بەرگەن كاتتا ئايروپىلانلاردا ئولتۇرسىمۇ، بىراق پۇلى تۈگىگەندە نېمە قىلىشىنى ئەسلى ئويلاپ باقمايدۇ.  ياپونىيە  98 پىرسەنت ماددىي بايلىقنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتتۇر. دېمەك، دۇنيانى ئەقىللىقلەر ئۆزگەرتىدۇ، ئەقىللىقلەرنى مائارىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، مائارىپ ئاساس، مائارىپ ھالقا، مائارىپ ئۇل، مائارىپ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى.

centers_chikyuu.jpg
توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇستىدىن تارتىلغان رەسىمى

     بىز ماشىنىدا بىر سائەتتىن كۆپرەك مېڭىپ مېنى ئورۇنلاشتۇرغان ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. مەن ياتماقچى بولغان ياتاق تاكاساكا مەھەللىسىدىكى 6 قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆي ئىكەن.  «تاكاساكا» دېگەن بۇ مەھەللە خىگاشىماتۇياما شەھىرىدە بولۇپ، 11000 نوپۇسقا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھايۋاناتلا باغچىسى بولۇپ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن. مەن ياتقان ياتاق بىناسىدىن تاكاساكا پويىز ئىستانسىغا پىيادە 6 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدىكەن. مەن قوبۇل قىلىنغان مەكتەپكە مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن ماڭسا 15 مىنۇتلا كېتىدىكەن. بىنانىڭ يېنىدىلا يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان كىچىك بىر دۇكان ۋە ياپونلۇق دېھقان ئېچىۋالغان يەرلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان كىچىك دۇكانمۇ بار ئىكەن. بىز مەن ئېلىپ كەلگەن سومكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ ياتاق ئۆيىگە كىردۇق. ياتاق بىر ئېغىزلىق بولۇپ، ئىچىدە ئاشخانا ۋە مۇنچا قاتارلىق ئادەمگە كېرەكلىك ھەممە نەرسە بار ئىكەن. بۇ بىنا يېڭى ياسالغان بولغاچقا، ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يېپيېڭى ئىكەن. مېنى ئېلىپ كەلگەن تاكاخاشى ئەپەندى، ياتاقتىكى ھەممە نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ياتاق پۇلىنى 2 يىل مەكتەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن ھەم بۇنىڭدىن سىرت، مەكتەپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۈچۈن 3 تۈمەن ياپون پۇلى بېرىدىكەن. مېنىڭ تاماق ئېتىپ يېيىشىم ئۈچۈن قازان-قومۇچ ۋە يوتقان قاتارلىق بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ تەييارلاپ قويۇپتۇ. ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا مۇشۇ ياتاقچىلىك بىر ياتاقتا بىر ئائىلە كىشىلى ياتقان ئىدۇق، مەن تاكاخاشى ئەپەندىمدىن «مەن بۇ ياتاقتا يالغۇز ياتامدىم ياكى باشقىلار بىلەن بىرگە ياتامدىم؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا «بۇ ياتاق سىزگىلا تەييارلانغان، ياپونىيەدە بىرنەچچە ئادەم بىر ياتاقتا ياتمايدۇ» دەپ كۈلۈپ كەتتى. مەكتەپنىڭ مەندەك ئاددىي بىر تەتقىقاتچىغا بۇنداق ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغىنىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم  ھەم تەسىرلەندىم.  تاكاخاشى ئەپەندى مېنى  پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى مەكتەپنىڭ ئاپتوبۇس توختاش ئورنىغا باشلاپ بېرىپ، مەكتەپكە بېرىش يوللىرىنى، بىنا ئەتراپىدىكى ماگىزىن ۋە ئاپتوبۇس ۋاقىت جەدۋىلىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى ھەمدە  مەن بىلەن خوشلىشىپ مەكتىپىگە قايتىپ كەتتى.

takasaka bina.jpg
مەن ياتقان ياتاق بىناسى

(داۋامى بار)

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز، ئانا دىيار تەسىراتلىرىنىڭ (1)، (2)  ۋە (3) نى ئوقالايسىز.

./thread-26991-1-1.html

./thread-26560-1-1.html

5

تېما

6

دوست

1712

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 19:05:39 |ئايرىم كۆرۈش
تۈنۈگۈن تېخى ياپونىيىدىن دەم ئېلىشقا كەلگەن بىر ھەمشىرىمىز بىلەن بىللە سۆھبەتتە بولغانتۇق.ۋاقىت قىس بولغاچقا سورىماقچى بولغانلىرىمنى سورىيالماي ئىچى تىتىلداپ كەتكەنتى.يازمىڭىزدىن خېلى كۆپ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپتىم.يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا قارايمەن.ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشۇق بولسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

123

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32910
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 19:49:04 |ئايرىم كۆرۈش
تېمىلىرىڭىزغا رەھمەت تاشپولات ئاكا

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 21:05:12 |ئايرىم كۆرۈش
  تاشپۇلات ئاكامنىڭ دىگىنىدەك ياپونىيە ۋەيران بولغان بولسىمۇ ئۇلار ئىگەللىگەن بىلىمنى بىرەسى بۇلاپ ئالالمىغاچقا ئددى كۈمۈر كانمۇ يوق ياپونىيە تەرەققى قىلىپ ھازىرقى سەۋىيەگە يەتكەن.
  يەنە بۇ تىما بىزگە ياپونىيە تۇغرىلىق چۈشەنچىمىزنى تۇلۇقلاپ بەردى. 5000 يىللىق مەدىنيەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ چەتكە چىقىدىغان ئۇقۇغۇچىلارغا ئاددىغىنا ئارا بىلەن ۋېلكىنى ئىشلىتىشنىمۇ ئۈگەتمەي يولغا سالغىنىدىن خىجىللىق ھىس قىلىپ قالدىم.
ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ يېزىدىن بىر خەنزو بۇۋاي ئۇغلى بىلەن ياپونىيەگە بېرىپتىكەن، سودا سارايدا بىر ياپونلۇق ئايالغا سۇقۇلۇپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كەچۈرۈم سوراي دەپ بولغۇچە ئۇ ئايال تەزىم قىلىپ كەچۈرۈم سوراپتىكەن، ئۇ بۇۋاي ھاڭ-تاڭ قىلىپ قاراپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن سادا چىقمىغان بۇ كىشىگە ئۇ ئايال تىزلىنىپ باش قۇيۇپ كەچۈرۈم سوراپ كىتىپتۇ...
  مەن شۇ چاغدا ئۇ بۇۋاينى سەل ئاشۇرۇپ دىگەنمىكىن دەپ گۇمانلانغان ئىدىم...

0

تېما

0

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32727
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 00:03:37 |ئايرىم كۆرۈش
ياپۇنىيە تۇغۇرلۇق جىق بىلىملەرنى ببىلۋالدىم ، رەھمەت سىزگە .

0

تېما

1

دوست

2957

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 862
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 00:19:07 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.

0

تېما

4

دوست

1858

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:09:47 |ئايرىم كۆرۈش
ئادەم مۇشۇ تاشپۇلات ئاكىدەك يەنى يۇرتۇمىزدا ئۇسۇپ چوڭ بۇلۇپ ، چەتئەللەگە بىلىم ئېلىشقا چىقىپ ئۇقىش ھاياتىنى ،چەتئەلدىكى تۇرمۇش كەچۇرۇش ۋە خىزمەت قىلىپ نەتىنجە يارتىش  جەريانلىرىنى يازغان تەقىقاتچى ، ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىسا ، يازمىللىرىنى ئۇقىسا ئادەمنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالۇدۇ  دىسە ! ھەييييييييييييي چەتئەل ئادەم نىمانچە ئىنتىلدىغان  يۇرۇتلا ئۇ ھە !

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 13:30:23 |ئايرىم كۆرۈش
karwan2 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 12:09
ئادەم مۇشۇ تاشپۇلات ئاكىدەك يەنى يۇرتۇمىزدا ئۇسۇپ چوڭ  ...

  شۇ ئەمەسمۇ، ئادەملەر ئارا مېھرىۋانلىق بولغاندا ئوي-پىكىرىنى يىغىپ ئۆز ئىششىغا كۈڭۈل قۇيىدىغان گەپ، سىز سۇقىۋەتسىڭىزمۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ سۇسلىقى ۋە ئىچىڭىزدىكىنى ئىپادىلەشتە تەمتىرەپ تۇرغىنىڭىزدا ئىككىلەنمەي سىزدىن تىزلىنىپ كەچۈرۈم سوراپ يۈرسە ...
  ناۋادا بۇ يەردە بۇلىدىغان بولسا بەزىلەرنى سۇقۇپ يىقىتىۋەتسە دەرھال ئىككىنى تىپىپ  ئورنىدىن تۇرغۇزۋىتىپ ئاندىن ھۈرپىيىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىمىسا ئىش چاتاق...
  مىنىڭ تۇققىنىممۇ ئولتۇرلۇشۇپ قالغان بىرىگە ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىپ قۇيۇپ نەچچە يىل باققان ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )