قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 501|ئىنكاس: 8

ئاشلىقنى تۆكمەڭ «يامان»بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

149

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32658
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشلىقنى تۆكمەڭ «يامان»بولىدۇ


1- تىلىۋوزۇردىن كۆرگىنىم :سۈرىيە كىرزىسىنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ ،سۈرىيەدىن قوشنا دۆلەتلەرگە،جۈملىدىن لېۋىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ،سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن .بۇ يىل 11ئايغا قەدەر سۈرىيەلىك  كۆچمەن مۇساپىرلار سانى 1مىليون 300مىڭغا يەتكەن .بۇ لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن چوڭ بىسىم ئىلىپ كەلگەن .دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسنىڭ ،مۇساپىرلارغا تەمىنلىگەن ئاشلىقى يەتمىگەنلىكتىن ،نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ ھاياتى ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن .مۇساپىرلار ئىلاجسز تىلەمچى بولۇشقا ،لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئاشلىقىنى كۆكتات، مال چارۋىللىرىنى بۇلاشقا ئوغۇرلاشقا كىرىشكەن.مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا ،دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 3دىن 1قسىم مۇساپىرلارنىلا ئاشلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن .تىلىۋوزۇردا مۇشۇ سوزلەر چىقىش بىلەن بىرگە ،5ياشلىق ،7 ياشلىق، 11 ياشلىق   ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە ،ئىتىزلىقتىن ئوت –چۆپ كولاپ يەۋاتقان كۆرنىشى ،ۋە بىر تۈركۈم مۇساپىرلارنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن تالىشىپ ئەخلەت تىرىۋاتقىنى ،ۋە كۆكۈرۇپ كەتكەن بولكىلارنى ئاپتاپتا قاقلاپ دىزىنفىكسيە قىلىپ يەۋاتقان كۆرنىشى چىقىۋاتاتتى ،ئاچلىقتىن كۆزلىرى مۆلدۇرلەپ تۇرغان سەبى بالىلارغا قاراپ ،كۆزلىرىمدىن تامچە ئاقتى.يۈرۈكۇم ئاچچىق ئىچىشتى .
2- رادىئودىن ئاڭلىغىنىم ماتىرياللاردىن كۆرگىنىم :دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ(World Food Programme) بۇ يىلقى دوكلاتىغا قارىغاندا ،ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 1مىليارد نوپۇس ،ئاچارچىلىق ۋە يىرىم ئاچارچىلىق ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ ،بۇلارنىڭ 500مىليونى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئىكەن .ھەر كۈنى دۇنيادا 800مىليون بالا ئاچ قوساق ،كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلايدىكەن .ھەر يىلى 5 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن .بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بولۇپ ھەر كۈنى 15000 بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن.يەنى 5سىكۇنىتتا بىر بالا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن.
    بۇ مەھكىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە ،ئاچارچىلىق ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان بولۇپ ،ئىغىرراق دۆلەتلار ،ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتورا قىسمىدىكى دۆلەتلەر ۋەغەربى جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە ،ۋە ئۇرۇش بولۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەردە ئىغىر ئىكەن .بۇ يىل ئومومى جەھەتتىن ئاچارچىلىق نىسپىتىدە ،ۋە نامرات نوپۇس سانىدا تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ ،ئومۇمى دۇنيا تەۋەسىدىن  ئېيىتقاندا .ۋەزىيەت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەن .
3-ئاتا-ئانامدىن ئاڭلىغانلىرىم :7پەرزەنىت ئىدۇق،ئائىلىمىزنى ئانچە باياشات دىگىلى بولمايتتى .يەنە كىلىپ رەھمەتلىك ئانام ئىسىمنى بىلسەملا ئاغرىقچان ئىكەندۇق .ھىلىمۇ ئىسىمدە ،كىچىك ۋاقلىرىمدا ،ئۆيىمىزدە پات-پات ئاشلىق تۈگەپ قالاتتى.ئانام دادامغا تاپا قىلاتتى ،دادام نەلەردىندۇر ئاشلىقنىڭ غىمىنى قىلاتتى .مەن بەزىدە زاغرا ناننى ياراتماي ،بۇغداي نان دەپ غەلۋە قىلاتتىم .شۇنداق چاغدا دادام بىزگە ئاچارچىلىق چاغلاردا ،كوممىنا دەۋرىدە بولغان ۋەقەلەرنى سوزلەپ بىرەتتى .(مەمەتكامنىڭ بالىسى ئادىل ،ئاچارچىلىق يىللار يەيدىغان نەرسە يوق ،قوناقنىڭ مەدىكىنى ،سۈپۈرگۈنىڭ ئۇرۇقىنى ،ئۈرۈكنىڭ شاكىلىنى جىق يەپ ،قورسىقى ئاغرىپ تۈگەپ كەتكەن )دەيتتى دادام .ئاناممۇ سۆز باشلايتتى ،(ئۆيدە ئاشلىق تۈگىگەن بىر كۈنى قورسۇقۇم ئاچتى دەپ يىغلاپ كىتىپتىمەن ،ئانام ئىتىزغا چىقىپ ،بۇغداي باشاقلىرى ۋە دانىلىرىنى تىرىپ ،ئىككى قاچا بۇلىماق ئىتىپ ،ھەر بىرىمىزگە بىر قوشۇقتىن يالىتىپ ئۇخلىتىپ قويۇپتىكەن،لىكىن مەن يەنىلا ئۇخلىماي يىغلاپتىكەنمەن) بۇنداق گەپلەر بىز تاماقىنى تاللىساق ،ئاشۇرۇپ قويساق ،تۆكسەك بىزگە تەربىيە يوسۇنىدا دىيىلەتتى .1994 يىل ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدىم ،يىشىم كىچىك ،ئۇ چاغلاردىكى شارائەت ياخشى بولمىغاچ ،ئۆيدىن ۋاقتىدا پۇل كەلمەي ،مەكتەپتىمۇ كۆپ قىتىم ئاچ قالغان ئىدىم .ھەتتا بىر ھورنان بىلەن بىرەر نانغىمۇ پۇلۇم قالمىغان چاغلار بار ئىدى .ھازىر بەزى تاماقلارنى كۆرسەم شۇ چاغلارنى ئويلاپ قالىمەن .
    بىزنىڭ مەھەللىدە 90 ياشقا كىرگەن بىر  بوۋاي بار ئىدى .ھاسا تاياق تىيىنىپ مەسچىدكە نامازغا كىلەتتى ،داۋاملىق خىرە كۆزلىرى بىلەن يەرگە قاراپ ماڭاتتى .يەردىن كىچىك نان ئۇۋاقىلىرى ،جىگدە،گۈلە قاق ،ھەتتاكى كىچىك ئوتۇن پارچىللىرى بولسىمۇ تىرىپ ،يانچۇقىغا سالاتتى .ياكى يول چەتتىگە قويۇپ قوياتتى .بوۋىللىرىمىز نىمە دىگەن ئۇلۇغ ھە ؟
4 - ھازىر دىيارىمدا كۆرۈۋاتىقىنىم :مەن سۈت ساتىدىغان يەردىن 50مىتىر ۋە 100 مىتىر كىلىدىغان 2 جايدا 2 ئەخلەت ساندۇقى بار .2 ساندۇق ئىككى قورۇغا تەۋە ،مەن ھەر ۋاقىت بۇ ساندۇقلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ تۇرۇمەن.ئەخلەت ساندۇقىنىڭ بىر بۇرجىكە مەخسۇس ئىشىپ قالغان يىمەكلىك ۋە ئاش نانلار تۆكىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ،سەل ۋاقتى ئۆتكەن ئۇن گۈرۈچ،نان ،لەغمەن ،پولۇ ،ھەرخىل قورۇمىلار،كۆكتاتلار،ھەتتا گۆش ياغلارنىمۇ ،ئاشخانىلاردىن چىققان تەييار تاماقلارنىمۇ ئۇچراتىقىلى بولىدۇ.تۆكۈلگەن تاماقلارغا قاراپ ئىچىڭىز ئاچچىق بولىدۇ .مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قىتىم بۇ ئەخلەت ساندۇقى يىنىدا توختاپ ،تاشلىۋىتىلگەن بەزى ئاشلىقلارنى تىرىۋالىمەن.مەن ئاشلىق تىرىۋاتقان دەل شۇ پەيىتتە ،مىنىڭ يىنىمدىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتۈپ تۇرىدۇ.چىرايىلىق قىزلار ئەخلەت ساندۇقىغا قارىسا ،سەتلىشىپ كىتىدىغاندەك ،لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تەتۈر قاراپ ماڭىدۇ.سۆلەتلىك ئەپەندىملەر ئىچ ئاغرىتىپ ،ھىسداشىلىق قىلغاندەك قاراپ قويۇشۇپ كىتىشىدۇ.لىكىن مەن ھىچقانداق بولمايمەن.ئاشۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىغىنىمدىن خوشال بولىمەن.ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇ تاماقلارنى ئىستىمال قىلمايمەن.تۆكۈلگەن ئەخلەتلەرنى تىرىۋىلىپ ،قوي كالسى ،توخۇسى بار كىشىلەرگە يەتكۈزۇپ بىرىمەن. بۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمدىكى 2 ئەخلەت ساندۇقىدا كۆرۈۋاتىقىنىم .بىزدە مۇنداق ئەخلەت ساندۇقىدىن قانچىسى باردۇ ھە؟ تۆكۈلۈۋاتقان ،ئىسراپ بولۇۋاتقان ئاشلىقتىن قانچىلىك باردۇ ھە ؟ ئسىت ئىسىت .....؟؟؟؟
5-مىنىڭ تەۋسىيەرىم :ئاشىلىق ھاياتلىقىمىزنىڭ –كاپالىتى ،راسىت ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى ،پۇلىمىز بار بولدى ،ماشىنىمىز بار بولدى ،شەھەردە يىزىدا ئۆيىمىز بار بولدى .يەيدىغانلار مول بولدى .ئەمما ماددى جەھەتتىن باي بولغان بىلەن روھىمىز ئىنتايىن گاداى،ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتا قورسۇقىمىز تويغان بىلەن يۈرۈكىمىز شۇنداق ئىچىرقاپ كەتكەن .شۇڭا ئۆزىمىزنى بىلمەي ،ئەتراپقا قارىماي ،ياخشى ياماننى ئۇنتۇپ ،ئاشلىقنى تۆكۈۋاتىمىز ،تاشلاۋاتىمىز .بۇ بىزنىڭ دىنىمىزغىمۇ .ئەخلاقىمىزغىمۇ ،مەدىنىيىتىمىزگىمۇ ،ئۆرۈپ –ئادىتىمىزگىمۇ توغرا ئەمەس .يەر شارى كىلىماتى ئۆرگىرەۋاتىدۇ ،تەبىئى ئاپەتلەر كۆپۈيىۋاتىدۇ ،يەر تەۋرەش ،كەلكۈن،ئوت ئاپىتى ھەر ۋاقىت يۈز بىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ ،تۇپراق بۇلغىنىۋاتىدۇ ،قۇملىشىۋاتىدۇ ،ئىقىپ كىتىپ بارىدۇ ،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خىرسىقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ .لىكىن ئاش يەيدىغان نوپۇس ئىىشىپ بىرىۋاتىدۇ .دىمەك ،كەلگۇسىمىز ئەندىشىلىك ۋە خەتەرلىك .
شۇڭا ئەزىز قىرىندىشىم ،كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ ،ئۇبدان ئويلىنىپ ،ئاشلىقىنى قەدىرلەيلى .ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرەيلى ،ئۆزىمىزگە لايىق ئىستىمال قىلايلى ،توي ـ تۆكۈنلەردە ھەشەمەتچىلىك قىلمايلى . ئاددى ساددى ياشايلى .مۇبادا ئىشىپ قالغان ئاشلىق بولسا ،مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلايلى .
6- يىڭى يىللىق سوۋغام : ھەممەيلەننىڭ 2015 يىلى خەيىرلىك بولسۇن ،تىنىڭلار سالامەت بولسۇن ،ياخشى نەتىجىلەر يار بولسۇن . ئاشلىقنى خار قىلمايلى .بىز خار قىلغان نەرسىلەر بىزنى خار قىلىپ قويمىسۇن .ئاشلىقنى تۆكمەڭ (يامان )بولىدۇ .
يەڭلار ئىچىڭلار ئسراپ قىلماڭلار
                                        ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى )
                                                           2014يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى     ئۈستۇنئاتۇش

2

تېما

4

دوست

2445

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 780
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي.....ئىنسان يوقاتمىغىچە قەدىرىگە يەتمەيدۇ.....ئۆزى ھىس قىلمىسا بەربىر.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

1

دوست

3480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1044
توردىكى ۋاقتى: 268
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا ھەپتىدە بىر ۋاق گۆش سېلىپ تاماق يىيەلمەيدىغانلار قانچىلىك؟
ئاڭلىسام قاراچاي يوق،قايناق سۇ بىلەن ئۆتىدىغانلارمۇ باركەن.

0

تېما

2

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيغەمبىرىمىز بىزگە يەڭلار ئىچىڭلار لېكىن ئىسراپ قىلماڭلار دەپ نەسىھەت قالدۇرغان بىز بۇ يەردە ئاچلىقنى ئىسراپ قىلغىنىمىز بىلەن بەزى دولەت ھەم رايونلاردا بىر توغرام نانغا زار بوپ ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر بار ھەر قېتىم تاماق يېگەندە ئامال بار مۇۋاپىق ئىستىمال قىلايلى ئىسراپچىلىق ئېغىر گۇناھتۇر بىز يەۋاتقان ئاشۇ ئاشلىقنىڭ ھەممىسىنى رەببىمىز بىزگە ئاتا قىلغان

0

تېما

2

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز توكۇۋاتقان ئاشۇ ئاشلىقلار ھامان بىر كۇنى بىزنى خارلاپ قويمىسىلا بولاتتىغۇ؟؟

0

تېما

1

دوست

820

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25230
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن.

0

تېما

0

دوست

2687

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6089
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 661
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ كەسپىم ئاشپەزلىك،مەلۇم بىرنېفىت ئېدارىسىنىڭ ئاشخانىسىدائىشلەيمەن.مېنىڭ قولۇم ئارىلىق ئىراپ بوپ كېتىۋاتقان ئۇن-گۈرۈچ،گۆش ياغلارنى تولىمۇيىراق بىريۇرتتاقالغان ئاتائانام قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەپتىدەئەمەس ئايدابىرقىتىم گۆشلۈك تاماق يىيەلمەسلىكلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ بۇئىشنى قىلغانلىقىمدىن بەكمۇئۆۈنۈپ كېتىمەن،لىكىن ماڭىمۇئامال يوق كەسپىم بولغان بۇئىشنى قىلىپ مۇشۇئىشتىن كرىم بولغان ئازغىنەپۇل بىلەن ئائىلەمنى باقمىسام بولمايدۇ.بۇئىدارىدەجەمئى ئۈچ ئاشخانابارئىككىسى خەنچەئاشخانا،بىرسى مەن ئىشلەۋاتقان مۇسۇلمانچەئاشخانا.مەن ئىشلەۋاتقان بۇئاشخانىدا10ئادەم تاماق يەيدۇ،ئەتىگەنلىك تاماق بىرگۈشلۈك ئىككى گۆشسىزسوغۇق سەي،ھەرخل تاتلىق تۈرۈملەرسۈت تۇخۇم بىرخىل سۇيۇق ئاش،چۈشلۈك كەچلىك تاماق ئىككى خىل گۆشلۈك قورۇما،ئىككى خىل گۆشسىزقورۇمابىلەن بولىدۇ.مەن ئىسراپ بولمىسۇن دەپ ھەممىنى ئازراقتىن تەييارلاپ چىقىرىپ قويۇپ تۈگەپ قاسلايىڭىدىن تەييارلاشقاتەييارلىقمۇقىلىپ قويىمەن،لىكىن بۇئادەملەرمەيلى يىسۇن يىمىسۇن ئالدى بىلەن ئىشىكتىن كىرىپلاقىلىدىغان ئىشى ئالدى بىلەن قايسى بىرتۈردىكى قورۇماتاماقلارنىڭ تۈگىگەن ياكى ئازقالغانلىقىنى تەكشۈرۈش.ناۋاداقايسى بىرقورۇماياكى تاماق تۈگىگەن ياكى ئازقالغانلىقى بايقالدىمۇئاغزى ئېچىلىدۇبارنى يەپ تۇرۇڭ مەن ھازىرلاتەييارقىلاي دىگەن گەپ بۇلارغاكارقىلمايدۇئۆزۈمگەبىرمۇنچەخاپىلىق تېپىۋالىمەن.مەن دەيمەن قېرىندشلارئىشلارنى بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەيلى،سىلەرياراتمىغان مۇشۇتاماققازاربولغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزبارمېنىڭ مەقستىم سىلەرگەقەستەن ئازقىلىپ بېرىش ئەمەس ئىسراپ بوپ كەتمىسۇن دەيمەن دەپ چۈشەندۈرىمەن،ئۇلاردەيدۇنۇرغۇن ئادەم يىيەلمەيدىكەن دەپ بىزمۇيىمەسلىكىمىز،تاللاپ يىيەلمەسلىكىمىزكىرەكماسەن ئۆيۈڭدىن ئەكەلگەنمۇبۇنى گەپ مۇشۇنداق.مەنمۇئامالسىزقالىمەن،بىزنىڭ ئاشخانىدىكى تاماقلارغايولداشلارنىڭ قاراپمۇكۆزى يەتمەيدۇ،بەزىدەئاشقان تاماقلارنى تۆكۈۋەتكۈچەدەپ تونۇش يولداشلارغابېرىۋىتىمەن رەخمەتلەرنى ئوقۇپ ماختاپ تۇرۇپ پاك پاكىزەيېۋىتىدۇ.
بەزىدەشۇنداق ئويلاپ قالىمەن بىزمىللەتتىكى ھاكاۋۇرلۇق،شۆھرەتپەرەسلىك بېشىمىزغانۇرغۇن خاپىلىقلارنىڭ كېلىشگەسەۋەبچى بولغانمىكىن.........................

1

تېما

17

دوست

4243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1290
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ئېشىپ كەتسە يىەىلى بولمىغاندا بىرىنچى قەۋەتتىك خوشمانىڭ توخۇسىغائەپچىقىپ بىرىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )