يىراققا قايتىش
(ھېكايە)
_ بۇ ئاددى يازمىنى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مىلادى 2015- يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، كىتاب ئوقۇش يىلىنىڭ ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارغا تۇيۇنۈشىنى ، تۇرمۇشىنىڭ كوڭۇللۈك ، ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ، تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ، ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەپ سوۋغا قىلىمەن .
ھاشىم ئۇيقىدىن ئويغۇنۇپ بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئادىتى بويىچە ئۆتمۇشنى ئەسلەشكە باشلىدى.
ھاشىم ئىسىنى بىلگەندىن بۇيان ئەندىكىپلا ئوتتى ، كىچىك چاغلىرىدا مەكتەپكە بېرىپ كېلىش يولىدىمۇ قايسى چىتنىڭ شورىسىدىن ئىتلار چىقىپ چىشلىۋالىدىغاندەك خاتىرجەم بۇلالماي ئوڭ-سولغا ، ئالدى –ئارقىسىغا دەككە-دۇككىدە قاراپ ماڭاتتى ، بىراق ، شۇنچە ئېھتىيات قىلسىمۇ يەنىلا بىر قېتىم ئىت قوغلاپ كەتكەندە بىرگە ماڭغان ساۋاقداشلىرى قېچىپ كەتتى ، ئۇ ئىت مىنى چىشلىۋالمىسۇن دەپ بىر ئالدىغا بىر كەينىگە قاراپ قېچىپ كېتىپ بېرىپ پۇتلىشىپ يېقىلدى دە ئىت ئۇنىڭ چەپ پاچىقىنىڭ بولجۇڭ گۆشىدىن بىر چىشلەم ئۈزۈۋالدى ، ئۇ دائىم باشقا ساۋاقداشلىرىم قاچمىغان بولسا ئىت بىزنى ھېچنىمە قىلالمايتتى دەپ قارىغان ئىدى .
ھاشىم ئىسلاشقان ، تۈگمەننىڭ تۈرۇسىدەك ئۆمۈچۈك تورلىرى مىژژىدە ساڭگىلىغان تۇرۇسقا قارىغىنىچە يەنە ئۆتمۇشنى ئويلاۋاتاتتى .ھاشىمنىڭ بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقاندا دادىسى قاسىم تارتىپ چىقىرىلغان ئېدى . باشقىلار ھەدەپ ئۇنىڭغا دادىسى بىلەن چەك –چىگرانى ئېنىق ۋە ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ئايرىشنى ، خەلقنىڭ دۇشمىنى بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىقىنى نەسىھەت قىلدى ، ھاشىم دادىسىغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى .
دادىسىنى تەنقىدلەش چوڭ يىغىنىدا ، ئىنقىلابى ياشلار قاسىمنى چوڭ خەتلەر يىزىلغان ئۇزۇن قالپاقنى كىيگۈزۈپ دۈشكەلەپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ چىقتى ، قاسىم سەھنىدە ئەيىبلەش شۇئارلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك ، گۇيا ھىچ ئىش بولمىغاندەك بېشىنى خىيالى تۇۋەن سېلىپ تۇراتتى ، ھاشىمنىڭ بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن ئېدى .
يىغىننىڭ تەشكىل ئەيىبلەش باسقۇچى تاماملىنىپ ، شەخسلەر بويىچە پىكىر قىلىش ، پاش قىلىش تەرتىپى باشلىنىپ ، تۇنجى بولۇپ نۆۋەت ھاشىمغا كەلگەندە ئۇ سەھنىگە چىقىپ ، دادىسىنىڭ پىشانىسىگە نۇقۇپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا دۇدۇقلاپ تۇرۇپ : - مەن بۈگۈن سەن بىلەن سىنپى چەك-چىگرانى ئايرىدىم ،ھازىر سىنىڭ بىر ھارۋا ئەبجەق كىتاپنى باغدىكى چوڭ ئالمىنىڭ تۇۋىگە كۆمۈپ قۇيۇپ ، ئالمىغا سۇ قويماي ، ئۇلۇغ پىرولتارىيات سىنىپىمىزنىڭ ئالمىسىنى قۇرۇتۇپ قويغانلىقىڭنى پاش قىلىمەن –دېدى ۋە : - ياشىسۇن ئىنقىلاب ! - دەپ شۇئار توۋلاپ دادىسىنىڭ كۆزىدىن تۆكۇلگەن ياشقىمۇ قارىماي چاۋاك ساداسى ئىچىدە سەھنىدىن چۈشكەن ئىدى .ئۇ پوسۇققىدە <<ئاجايىپ چاغلار ئىدى – ھە ئۇ>> دېدىدە <<دىرىت>> تىدە يەل قۇيۇۋېتىپ ئايىنىسا ئاڭلاپ قالغانمىدۇ دەپ خىيال قىلىپ ئوينىڭ ئۇجۇر –بۇجۇرىگىچە ئىتتىك قاراپ چىقتى.
كېسەكتىن قوپۇرۇلغان يالغۇز ئېغىزلىق ئويدە ئاينىسانىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ، ئايالى ئاينىسانىڭ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن ،يەر تەقسىملىنىپ مۇشۇ ئوينى سالغان ئۇچىنچى يىلى <<مەن سەندىن تۇغۇپ چۈشمىدىم ، خېتىمنى بەر>> دەپ تولا غەلۋە قىلىپ ، خىتىنى ئالالماي مۇشۇ ئوينى سالغان تامچى تايىر بىلەن قېچىپ كېتىپ نەچچە يىللاردىن كېيىن ئىككى بالىسىنى يىتىلەپ يۇرتقا بىر قېتىم كەلگەنلىكىنى غۇۋا ئىسىگە ئېلىپ << ھۇ ئاناڭنى تاز !>> دەپ كايىپ كەتتى . ھاشىم ئايالى بىلەن ئوتكەن چاغلارنى ئەسلەپ قالدى.
ئايىنىسا چېچەن ئايال ئىدى ، شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي ھاشىم ئۇننى جىق ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپمۇ ياكى پاسكىنا ئىتىپ قۇيىدۇ دەپمۇ ئەيتاۋۇر ، ئىشقىلىپ مەيلى ئۇماچ چالسۇن ياكى يېيىپ ئاش ئەتسۇن قازان بېشىدا قاراپ تۇرغىنى تورغان ئىدى ، يانتوغراق كەنتىدىكى ساۋۇر ساقالنىڭ توي قىلمىغان قىزى قاتبوي بولۇپ قېلىپ ، نومۇس كۈچىدىن د د ۋ ئىچىپ ئۆلىۋالغاندىن كېيىن << ئاياللارنىڭ قۇلىدىن ھەر ئىش كىلىدىكەن >> دەپ ئويلاپ قالغان ھاشىم تېخىمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
تاماقنى ئويلاۋېرىپ ھاشىمنىڭ قورسىقى غورۇلداشقا باشلىدى ، ھاشىم << مومام قوناق قىرىپ ، غورا سېلىپ ، چېچىدەك ئىنچىكە توغراپ ئۈگرە ئەۋەتكەنمىكىيە يە ، چىقىپ باقاي چوڭ ئويگە ،مومام ئۈگرە ئەتكەن بولسا ، مىزىلىك ئاشكۆكىنى سېپىپ ، ئالا ئىنەكنىڭ قايماقلىق قېتىقىدىن ئىككى قوشۇق ، كۇك مۇشتا سامساقلىق قىلىپ چاناپ ئەتكەن ياغمۈشتىن بىر قوشۇق سېلىپ ، كوك ئۇزۇم غورىسى سىقىپ تۆت چېنە ئىچىپ چىقاي >> دەپ ئويلاپ سوغۇق ئۇۋىلىغان ئويدىن سىرتقا چىقماق بولۇپ تەييارلاندى .
ھاشىم چېگرا تېمى يوق سەيناسىغا چىقىپ قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارنى كۆرۈپلا كىچىك ۋاقتىدا كۇرۇك كېپىگى ، قارىياغاچ قاتلىمىسى يېگەن مەزگىللەردە مومىسىنىڭ مۇشۇنداق قارلىق بىر كۇندە ئۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكە ئالدى ،<< مومام بولغان بولسا ئاتنىڭ قىلىدەك توغراپ ئۈگرە ئىتىپ پاقلان قۇيرۇقىدىن جېقىراق چىقىرىپ ئۇسۇپ بىرەتتى- دە >> دەپ ئويلىغان ھاشىم كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى –دە يىغلىغىنىمنى بىرەرسى كورۇپ قالغانمىدۇ دەپ ئەندىكىپ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئىنسى-جىننىڭ قارىسىنى كۆرمىگەندىن كېيىن غاچىلدىتىپ قار دەسسەپ ئۆيىگە قايتىپ كىردى .
ھاشىم ئۆيىدە ئالدىنقى قېتىم تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئالغىلى بارغاندا ئېلىپ كەلگەن بىر يەشىك تەييار چۆپتىن قالغان بارى-يوق بىرقاپ چۆپنى كەنتتىن بەرگەن توك چەينەكتە سۇ قاينىتىپ دۈملەپ قورسىقىنى ئازراق ئەستەرلېۋالدى دە پىشانىسىگە << بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە مەخسۇس تەمىنلىنىدۇ >> دەپ خەت بېسىلغان تېلېۋىزورنى ئېچىپ كۆرۇشكە باشلىدى .
ھاشىم رىياسەتچىنىڭ :<< ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۇچىنچى پەسىلدە بەش پىرسەنت ئېشىپ ، مۇشۇ نۆۋەتلىك ھۆكۇمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان يۇقىرى رېكورت ياراتتى ، بۇنىڭ ئەكسىچە رۇبلىنىڭ كۆرسى زور ھەجىمدە چۇشۇپ روسىيە ئىقتىسادى زەئىپلەشتى >> دېگەن سۈزىنى ئاڭلاپ ، تېلېۋىزورنى ئەتتى-دە << يوقالسۇن ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ، بارچە رەزىللىكنىڭ مەنبەسى بولغان ئامېرىكا -قەغەز يولۋاس ، ئۇلۇغ سوتسىيالىزم يولىدىن قايتقانغا تويە رۇس چوشقىلىرى >> دەپ چۈشىنىكىسىز غۇدۇڭشۇپ قويدى –دە توك پارنىڭ ئىسسىقىدا قاسماق يوتقانغا پۇركۈنۇپ خورۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى .
ھاشىم ئۇخلاپلا چۈش كوردى ، چۈشىدە ئاچچىقى يامان بولسىمۇ دائىملا كۇلۇپ تۇرىدىغان ، تۇيۇقسىزلا ۋارقىراپ – جارقىراپ ھەممىنى دىرىلدېتىۋىتىدىغان مۇدىر ھاشىمغا<< يۇقىرىنىڭ غەمخورلىقى ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق يىڭى ئوي سېلىپ بىرىپ خاتىرجەم كۇن كەچۈرسۇن دەپ كۇچۇرۇپ ئاچىقىپ قويساق يەنە نېمىشقا بۇ ئەسكى كەپەڭلىگە كۈچۈپ كىرىۋالىسىلەر ، ئالىمادىس توڭلاپ بىر ئىش قالساڭلار بىز يۇقۇرىغا نىمىدەپ جاۋاب بىرىمىز دەپلا تېنى زورىيىپ ئۆگزىدىن ئېگىز بولۇپ ھاشىمنىڭ ئۇيىنى ئىتتىرگۈدەك ، ئوي بوراندا قالغان قامقاقتەك ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈرگۈدەك ، ھاشىم ئوينىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىپ ئوينىڭ تېمىغا ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپ بىر چاغلاردا ئوينىڭ تۇرىسىدىكى تورغا ئىلىشىپ قالغۇدەك ، تورۇستىن ھاشىمدەك ئىككى چىقىدىغان ئۆمۈچۈك مىنىڭ نەرسەمنى نېمىشقا ئېگەللىۋالىسەن دەپلا ھاشىمغا ئېتىلغۇدەك .ھاشىم ئۆمۈچۈكتىن قورقۇپ <<ئاپا ، ئاتا >> دەپ ۋارقىراپ ئۇزىنىڭ ئاۋازىدىن چۇچۇپ ئويغىنىپ كەتتى . ھاشىمنىڭ يۈرىكى تىز-تىز دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى ، ئۇنى قورقۇنچ قاپلىغان ئىدى .
ھاشىمنىڭ قورقۇنچى ئەۋجىگە چىققانسېرى ئاتا-ئانىسى كۆزىگە كۆرىنىپ كېتىپ باراتتى ، مۇدىر راستىنلا كىلىپ ئۇيىنى تۇپتۇزلەڭ قىلىۋېتىپ ، يازدا ئىسسىق ، قىشتا سوغۇق ھېلىقى خىش ئۆيىگە ئاپىرۋاتارمۇ دەپ ئەنسىرەپ تېخىمۇ ئولتۇرالمايلا قالدى .ھاشىم تۇرۇپلا يەنە ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى ئەسلەپ قالدى ، قاسىم كىتاپلىرى كۆز ئالدىدىلا كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئوتمەي ئۇلۇپ كەتكەن ئىدى ، ئاپىسىمۇ ئۇزاققا قالمايلا قاسىمنىڭ كەينىدىن كەتكەن ئىدى ، خېلى يىللاردىن كېيىن كىملەردۇر ئىشقىلىپ نامەلۇم كىشىلەر ئۇلارنىڭ قەبىرىسىنىڭ ئۇستىگە يوغان ياغاچتا مۇستەھكەم قىلىپ قارلىق ياساپ قويغان ئىدى .
ھاشىمنىڭ خىياللىرىغا ، چۈشىگە قاسىمنىڭ بىر جۇپ ياش يالتىرىغان كۆزى ھەمرا بولۇپ كەلدى ، قاسىم ھاشىمنىڭ چۈشىگە ناھايىتى كوپ كىرەتتى ، بىراق ، بىر ئېغىز گەپ قىلمايتتى .ھاشىم مودىر كىلىپ كۆچ دەپ تۇرۇۋالمىسۇن دىگەنلەرنى ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئۆيىدىن چىقتى . قار توختىغان ئىدى ، غەربى ئۇپۇقتىكى قۇياش ھېسسىياتسىز سوغۇق نۇرلىرىنى سۇس چېچىپ تۇراتتى . ھاشىم چەت يوللار بىلەن نىشانسىز بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ مىڭىپ ، بىلىپ - بىلمەيلا ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا كىلىپ قالدى ، قەبرە قالىقىنىڭ ئۇستىدىكى ۋە چۆرىسىدىكى قارلار پاكىز تازلانغان ، يەرلىكنىڭ ئۇستىمۇ پاكىز سۈپۈرۈلۈپ ئۇستىگە قوناق چېچىلغان ئىدى ، ھەتتا ، ئىككى تەرەپتىكى رىشاتكىنىڭ ئۇستىگە چىقىرىلغان يېرىم ئاي شەكىللىك تارشىدىكى قارلارمۇ پاك- پاكىز چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.
قالىقنىڭ يان رىشاتكىسى ئۇستىدىكى كەڭرى توغرا بالدىقىغا ھاشىم ئوقۇيالمايدىغان ئەرەپچە يىزىلغان خەتلەر ۋە ئونىڭدىن پەستىكى ئوتتۇرا توغرا بالداققا يىزىلغان << قەدىرلىك ئۇستازىمىز قاسىم ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ مەھبۇبى ئائىشە ھىجىرىيىنىڭ 1390-يىلى ۋاپات بولغان>> دېگەن دىۋان نۇسخىسىدىكى پۇتۇكلەرگىمۇ قايتا سىر بېرىلگەن ئىدى .
ھاشىم بۇلارنى كۆرۈپ : <<مەن يالغۇز بالا تۇرسام ، يەنە كىملەر كەلدىكېنە ، جىنلار كەلگەنمىدۇ-يا ؟ >> دەپ ئوز – ئۆزىگە سوئال قۇيۇپ ، ئەتراپقا قارىدى ، ئەتراپتىكى قەبرىلەرنىڭ قارلىرى تازىلانمىغان بولۇپ ، مۇشۇ قەبرىگە تۇتىشىدىغان چىغىر يولدىكى قارلاردا ئاياغ ئىزلىرى قالغان ئىدى .ھاشىم قەبرىگە يۈزلىنىپ بىلىدىغان بىر نەچچە ساۋىقىنى ئۇقۇپ دۇئا قىلىپ بىر پەستىن كېيىن قايتىشقا تەرەددۇتلاندى .
ھاشىم قايتىۋېتىپ ياش مەزگىللىرىدە قاردىن كېيىن توشقان قوغلىغانلېقلىرى ، ئۇزىنىڭ بىر قارلىق قىشتا توشقاننى قوغلاپ يۇرۇپ كالتەكنى ئېتىپ تەگكۈزگەندىن كېيىن تۇتىۋېلىپ ناھايىتى جىق توشقان ئوۋىلاپ ، گۆشىنى ئەتىيازغىچە يىگەنلىكى يادىغا غۇۋا كىچىپ ، ئوپ-چۆرىسىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن تۇپراق بېشىدىكى يوغان قارا زىيا تېرەك شېخىنى ئېلىپ ، ئۇششاق شاخلىرىنى پۇتېۋېتىپ كالتەك قىلدى دە قەيەردىن توشقان ماڭغاندۇ دەپ تىمىسقىلاپ ئىز بېقىپ ماڭدى .بىر ئاش پېشىم ئىز سالغان بولسىمۇ توشقان تۇگۈل ، ئېزىپ قالغان ئۆچكە ياكى قاغىمۇ ئۇچرىمىغاندىن كېيىن << بۇرۇن بۇ يەرلەردە توشقانچاق ئەمەس ھەر كاداڭ تولكە ، تازقارا ، ھەتتا بۆرىلەرمۇ ئۇچرايتتى ، ھەممىسى ئۆلدىمىكىنە >> دەپ سۆزلەپ قويۇپ ، ئېتىز ئارىلاپ ئۆيىگە ماڭدى .ئۇ كالتەكنى قولتۇقلىغىنىچە ماڭا-ماڭا كۇن پاتاردا بىلىپ-بىلمەي كونا خامانلىقتىكى قاقشال بولۇپ قالاي دېگەن قېرى ئۈجمىنىڭ تۇۋىگە كىلىپ قالدىدە يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى .
ھاشىم ئۈجمىگە قاراپ پىچىرلاپ دېدى : << ئالۋاستى بۇ ئۈجمىگە ئۈۋىلىغانمىدۇ يە ، ئۈجمە شېخېدىكى ئېسىقلىق تورغان ئىشەكنىڭ ئىچ-قارنىمىدۇ ياكى ئالۋاستىنىڭ ئۆپكىسمىدۇ ؟ >> ، ئۇ شۇنداق دەپلا قەدىمىنى تىزلىتىپ بارا-بارا يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇ يۈگۈرە-يۈگۈرە قارنىڭ ئاستىدىكى مۇز بار يەردە تېيىلىپ گۈپپىدە يېقىلدى ، ھاشىم بىر دەم ئىنجىقلاپ ئېغىنىغاندىن كېيىن ۋايجان-ۋايجان دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ يەرنى بىرنى تېپىپ ، ئاغىرىق دەستىدە بايىقى قورقۇنچنى ئۇنتۇپ : << ئاناڭنى ! ، قاچانلاردا بۇ خامانلىقنى ئېچىپ يەر قېلىۋېلىشتىكىنە تويمىغۇرلار ، جاجاڭنى بىرەر >> دەپ ۋارقىراپ قۇيۇپ ، كالتىكىنى ئىزدەشكە باشلىدى .ھاشىم كالتىكىنى تېپىپ يەنە كەپىسىگە قاراپ خىيال قىلغاچ ماڭدى .
ياش ۋاقتىمدا بۇ خامانلېقتا بەك قېزىيىتى - دە ئويۇن ، ھەتتەڭ ، شۇ ۋاقىتلار بولسا ئىدى ، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن مۇشۇ خاماندا قىشتا گاگار ، ئاق ئۇستىخان ، يازدىكى خامان ۋاقتىدا مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينىغان بولساق ، قۇلۇمدىكى ماۋۇ كالتەكتىن دادامغا گاگار –پالاق ياسىتىپ بالىلارنى يىغىپ گاگار ئوينىغان بولسام ، قارشى تەرەپنى ۋاللەي قىچقارتېۋاتساق ، يەنە ، مۇكۇشمەك ئوينىغاندا بۇغداي ئۇنچىسىنىڭ ئارىسىغا مۆكۈۋالسام ، ئىزدەپ كەتسە - ئىزدەپ كەتسە تاپالمىسا مىنى ، ئويۇننىڭ قىزىقى چىقاتتى دە . ھاشىم تاياققا تايىنىپ دىڭگوسلاپ ئۆيىگە ماڭغىنىچە خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى .
ئۇ ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى :
- نېزىمۇر سىلەرنى ساقلاۋاتقىلى ، بۈگۈن ھەربى-دۈشمەن ئۇيۇنى ئوينايلى ، مەن ئەمەت ، ئاسىم ، ئەيسالار بىلەن ھەربى بۇلاي ، سىلەر قالغىنىڭلار دۈشمەن بۇلۇڭلار ، بىزنىڭ ئوينىڭ خاماندىكى ئېگىز سامان كۈمۈكى نامەلۇم ئىگىزلىك بولسۇن ، دۇشمەنلەر نامەلۇم ئىگىزلىكىنى بېسىپ ياتقان بولسۇن ، بىز ھۇجۇم قىلىپ دۇشمەنلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋىتەيلى .
- نېمە ؟ سېسىق توققۇزنىڭ بالىسى ، يەنە كىلىپ تۆت كونا تەرەپدارى نىڭ پۇشتى ھەربى بولامدا ؟
- مەن دېگەن چەك-چىگرانى ئاجراتقان .
-قىمىرلىما ، قۇلۇڭنى كۆتەر ، پارول قايتۇر.
- بىلمەيمەن .
-بىلمىسەڭ ئېتىپ تاشلايمەن !
- قاچما ، قاچساڭ ئوق چىقىرىمەن ! توختا !
ھاشىم مىلتىقىنى يەنى تايىنىپ مېڭىۋاتقان ھاسىسىنى كۆتىرىپ قارىغا ئالغاننى دوراپ <<داچىقوڭ >> دېدىدە ئارقىدىنلا خىتاب قىلدى :<< سەن ئۆلدۈڭ >>
ھاشىم ئاشۇ يۇسۇندا ئوز-ئۇزى بىلەن ھەربى-دۈشمەن ئويناپ ھويلىسىغا كەلدى، ئاينىڭ يۇرۇقىدا تامغا چۈشكەن سايىسىغا ھەربىيچە چاس بىرىپ ، << دوكلات قاراۋۇل يولداش ، نامەلۇم ئىگىزلىكىنى ئالۋاستىنىڭ تومۇر تاپىنى ئاستىدىن قوتقۇزۇپ چىقىپ غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلدۇق ، ھازىر قۇماندانلىق شىتاپقا مەلۇم قىلىمەن >> دەپلا كالتەكنى تاپسىسىنىڭ يېنىغا ، رەڭگىنىمۇ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن تامغا تىرەپ قۇيۇپ - قۇيۇپ كىرىپ كەتتى . ھاشىم سەھەردىلا چۇچۇپ ئويغاندى ، ئۇ يۈزىنى يۇدى ، يەنىلا يۇزىدە بىر قارا باردەك ھېس قىلىپ يەنە قايتىلاپ يۈزىنى يۇدى ، سوغۇق سۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىغاندەك ئىدى ، گۇيا ، بىر نەرسە يۇزىدە چاپلىشىپ قالغاندەك يۈزىنى قايتا –قايتا يۇيۇشقا باشلىدى.ئۇ تۇرۇپلا يەنە پاكىز بولمىغانلىقىنى كاللىسىدىن ئوتكۇزۇپ ، بۇ ھالەتتە سىرتقا چىقسا باشقىلارنىڭ يۈزىدىكى قارىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈزىنى يىڭىباشتىن يۇيۇشقا باشلىدى.
يۈزىنى سوپۇنداپ يۇيۇش كېرەكلىكى خىيالىدىن كەچتى-دە ئايالىدىن قېلىپ قالغان ئۆڭۈپ پاسىمالمۇ ياكى جۇۋازچىنىڭ پەشتامىسىمۇ بىلگۈسىز بولۇپ كەتكەن تۆگە يىپى ياغلىقىغا ئورالغان كۇچانىڭ ياڭاقچىلىك قالغان توغاچ سوپۇنىنى قۇلۇپ سېلىنغان ساندۇقىدىن تېپىپ ئېلىپ يۈزىنى سوپۇنداپ يەنە بىر ھازا يۇدى .ئۇ قورسىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇسقا ئېسىپ قويغان سېۋەتكە بۈيۈندىۋېدى ، كىچىك ۋاقتىدا ئىت چىشلىۋالغان پۇتىنىڭ مۇسكۇللىرى ئاغرىپ كېتىپ تار كوچىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى .
ھاشىم ئويدە يىگىدەك پىششىق نەرسىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلىپ ۋاي-ۋايۋايلىغىنىچە قازان بېشىغا بېرىپ تۇۋاقنى ئېچىپ قاراپ باقتى ، قازاندا قېتىپ كەتكەن ئاش قىسىم باغلاپ تۇراتتى .بۇ ۋاقىتتا قېرىشقاندەك توك كېتىپ ئوي بۆلەكچىلا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى .ھاشىم قورسىقىنىڭ غودۇڭشىشىغا قارىماي يوتقانغا كىرىپ يەنە خىيالىنى سۈرۈشكە باشلىدى.ھاشىم چاي قاينام ۋاقىتتىن كېيىن يوتقاننى قايرىۋېتىپ ، ئىشتىنىنى مىڭ تەستە سېلىۋېتىپ ئاغرىۋاتقان پۇتىغا قاراپ چۇچۇپ كەتتى ، ناھايىتى بۇرۇن ئىت چىشلىۋالغان يەردە قان ئۇيۇپ قالغان ئىدى .
ھاشىم ئاخشام خامانلىقتا يېقىلغىنىنى ئاللا بۇرۇن ئەستىن چىقارغان ئىدى ، ئۇ ئويلايتتى : كاساپەت ، ئىت چىشلېۋاپتۇ-دە ، ئىت غالجېرمىدۇ ، ئاپلا ئىش چاتاق ، غالجىر بولۇپ قالارمەنمۇ .ئۇ غالجىرنى ئويلىغانسېرى چىرايىدا قان قالمىدى ، ھاشىم خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى : غالجىر بولۇپ قالسام بولمايدۇ ، قەتئى بولمايدۇ ، ھە راست ، ئىت چىشلىۋالغان يەرنى زەھەر تارقىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن كىسىپ داغماللاش كېرەك ، شۇنداق قىلاي .ھاشىم شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكتىن بېشىنى ئاۋايلاپ چىقىرىپ ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىك يېنىدىكى تامغا تىرەلگەن كالتەكنى ئەكىرىپ ، تار كوچىدا كەكە بىلەن چاناپ يۇز مۇشەققەتتە ئوتۇن قىلىپ ئوچاققا سالدى –دە ئوت يېقىشقا تەمشەلدى .
ھاشىم چاقماق بىلەن تىترەپ تۇرۇپ ئوچاققا ئوت ياقتى ، لېكىن تۇتاشمىدى ،ئۇ سوغۇقتا ئىچ-ئىچىدىن تۆڭۈپ كىتۋاتاتتى ، غالجىرلىق ئەسۋىسى ئۇنى قورقۇتاتتى .
ھاشىم ئوچاقنىڭ ئالدىدىكى قاچانلاردىدۇر قالغان قۇرۇق قالدۇق چۈچۈندىلەرنى ھېلى قىلغان ئوتۇننىڭ ئاستىغا تۇتۇرۇقلۇق قىلىپ سالدى ، ناھايىتى بۇرۇن مەھەللىدىكىلەرنىڭ توپ- توپ بولۇپ سىم چاقلىق ھارۋۇدا يىراق-يىراقلاردىن سوكسوك ، قاقشال، يولغۇن ۋە توغراق كۆتىكى ئەكىلىپ قالىغانلىقلىرى ئۇنىڭ ئىسىدىن يالىت قىلىپ ئوتتى .
ھاشىم ئاخىرى ئوتنى تۇتاشتۇرۇپ ، چىڭقىلىپ پۈۋلەپ يۇرۇپ ئۇلغايتتى ، ئۇ بۈگۈن نىمىشقىدۇر كەنتتىن بەرگەن ئىسسىز كۆمۈرنى ئوچاققا سالمىدى .ھاشىم ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، ئەينىنى چىشلەپ تۇرۇپ ، پىچاق بىلەن پاقالچاق مۇسكۇلىنىڭ ئىت چىشى ئىزى قالغان يەرنى ئۇيۇپ تۇخۇمدەك قان چىقىپ تۇرغان گۆشنى كىسىپ ئالدى دە ئوچاقتا قىزارغان لاخشىگىرنى پۇتىنىڭ قان چىقىۋاتقان يىرىگە يېقىپ داغماللېدى . كۈيۈك ۋە ئاغرىقتا ھاشىم ھوشىدىن كەتتى .
ھاشىم ھوشىغا كەلگەندە ئوچاقنىڭ ئالدىدا ياتاتتى ، كېسىلگەن پۇتى چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى ، ئوينىڭ ئىچىنى گۆشنىڭ قاڭسىق كۆيگەن پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى .
بىراق ، بۇ پۇراق قاسىمنىڭ ئاشقازىنىنى غىدىقلاپ ، كوڭلىگە گۆشنىڭ ۋەس-ۋەسۋەسىنى سالدى ، ئوچاقنىڭ بېشىدا تۇخۇمدەك گۆش تۇراتتى .ھالسىزلانغان ھاشىم ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئوچاق بېشىدىكى گۆشنى لاخشىگىردە قىسىپ ، قىزارغان چوغقا قاقلاشقا باشلىدى .كاۋاپ بولغان گۆش پۇراق تارقىتىپ ، ھاشىمنىڭ نەپىسىنى تاقىلدىتىۋەتتى . ئۇ كۆزىدىن ياش چىقىپ تۇرسىمۇ گۆشنى پوۋلەپ ئېغىزىغا سېلىپ چايناشقا باشلىدى ، ۋە مىڭ تەسلىكتە يۇتۇۋەتتى .ھاشىم گۆشىنى ھەلقۇمىغا يۇتۇپ بولۇپ ئېغىزىدا كاۋاپتىن قالغان د د ۋ نىڭمۇ ياكى باشقا ئۇغۇتنىڭمۇ ئەتىمالىم قانداقتۇر بىر پۇراق ۋە تەمنى ھېس قىلىپ ، قورقۇنچ ئىچىدە بۆرىدەك ھۇۋۇلاپ - ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى دە تۇيۇقسىزلا يەنە ھوشىدىن كەتتى.
............
ھاشىم ھوشغا كەلگەندە دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا ياتاتتى ، ئۇنىڭ پۇت قۇلى كارىۋاتقا مەھكەم باغلانغان بولۇپ كېسەلخانا ئىشىكىنىڭ دېرىزىسىدىن بويۇنداپ قاراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ << <ئاتا قارغىشى - ئوق ، ئانا قارغىشى پوق > دەپ بىلىپ سۆزلەپتىكەن كونىلار، ھاشىم ساراڭ ئاتا-ئانىسىنى ئاز-ئامانسىز قاقشاتقان ، كۆرىدىغان كۇنى مۇشۇ بولۇپتۇكى ، ھېلىمۇ كەنت مۇدىرى ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى كىرىپ ۋاقتىدا بايقاپتۇ ........>> دىگەنلەرنى ئاڭلاپ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ ھۈرپەيدى .
ھاشىم باشقىلارنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق سوغۇق نەزىرىدە ئون نەچچە كۇن ۋاقىتنى داپقۈردىن-داپقۈرغا ئوتكۇزۇپ ، كېسەلخانىدىن بىر كۇنى ئاخشىمى غىپپىدە قېچىپ چىقىپ ئۆيىگە كەلدى .
ئۇ ئۆيىدە قاچان سېستىرالار كىلىپ ئەكىتىپ قالارمۇ؟ ، مودىر كىلىپ قالارمۇ ؟، ئامانلىق مۇدىرى خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كىلىپ قالارمۇ ؟ ، يوللاردا كىملەر كۇرۇپ قالغاندۇ ؟ دىگەندەك دەككە - دۈككە خىياللار ئىچىدە خۇدۈكسىنىپ بىر كېچىنى ئاران تەڭ يېرىم قىلىپ توك پارنىڭ ئىسسىقىدا ئاخىر ئۇيقۇغا كەتتى .
.......
ھاشىم ئورنىدىن تۇرغاندا كۈن چۈش بۇلاي دېگەن ئىدى ، قۇياش تۇۋنۇكتىن ئاجىزغىنا نۇرىنى ئويگە ھالسىز چاچاتتى .ھاشىم يۈزىنى يۇماقچى بولۇپ تۇرۇبىنى ئاچتى ، سۇ تۇرۇببىسى ئاللىقاچان توڭلاپ قالغان ئىدى .ھاشىم يەنە خىيالغا چوكتى ، مەھەللىنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى ھازىر سۇيى كوپ تارتىلىپ كەتكەن دەريا بويلىرىدا ئوتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ قالدى .نېمە دېگەن ئۇلۇغ سۇ ئىدى ھە ، بېلىقلار دەريادا سەكرىشىپ ئوينايتتى بىزمۇ ئاجايىپ قارام ئىدۇق ، بىزمۇ بېلىقتەك سوغا چۆمەتتۇق ، يوتامدەك –يوتامدەك بېلىقلار دۈكۈرلىتىپ ئۆسۈۋالاتتى ، مەھەللىمىزنىڭ بالىلىرى قىش كۈنلىرى دەريا بۇيىدا مال باقاتتى ، دەريادىن سۇلاق ئېچىپ ماللارنى سۇغىراتتى ، مال باققاچ مۇز تېيىلىپ قوغلاشماق ئوينايتتى ، چانا تېيىلىش مۇسابىقىسىنى دىمەيلا قۇياي ، نىمىسىنى دەيسىز ، شۇ دەريانىڭ سۈيىدىن قىشتا قاپاق-قاپاقلاپ سۇ تۇشۇپ ئىچەتتۇق ، ھازىرمۇ بىر بارايچۇ شۇ يەرلەرگە ، سۇلاق ئېچىپ تازا بىر سۇغا چۇمۈلەي .
ھاشىم شۇلارنى ئويلاپ ئويدىن چىقتىيۇ باشقىلار تۆنۈۋالمىسۇن دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ، ئۆيىگە يېنىپ كىرىپ ، يۈزىنى ئايالىنىڭ ھېلىقى تۆگە يىپى ياغلىقىغا ئوراپ قايتا چىقتى .ئۇ نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقىمىغانلىقى شالاققىدە ئىسىگە كىچىپ كەينىگە بۇرۈلغاچ بۇرۇنقى ئەسلىمىسىگە قايتتى .نىمىدىگەن خاتىرجەم چاغلار ئىدى ، ئوينىڭ ئىشىكى تاقالمايدىغان ، باغنىڭ چۆرىسىنى توشقان كىرىپ كۆچەتلەرنى غاجاپ قويمىسۇن دەپ چىتلاپ قۇيغاننى ھىساپقا تەۋە قىلمىغاندا ، ھازىرقىدەك ئېگىز –ئېگىز چېگرا تام سالمايدىغان ، ھېلىغۇ ئوبۇرنىكە ، ھەتتا ئۆينىڭ ئىشىكىنىمۇ تاقاپ قويمايدىغان زامانلار ئىدى .
ئۇ شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىپ ، يولغا چىقىپ ، ياغلىقتا كۆزىدىن باشقا يەرنى مەھكەم پۈركەپ دەريا تامان ماڭدى . ھاشىم كوچىدا كېتىپ بارغاندا مەكتەپتىن چۈشلۈك دەم ئېلىشقا قايتقان باشلانغۇچتىكى بالىلار ئۇچىراپ ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوزئارا دېيىشتى : كىمدۇ بۇ ، ھاشىم بوۋاي ئەمەسكەن ھە ، يۈزىنى ئورىۋاپتۇ ، قايسى ئايالدۇ - بۇ ؟
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاشمخان ئاچا ، نەگە ماڭلا –دېدى ئارىدىن بىرسى شەيتانلىق بىلەن .
تۇنۇۋالدى ، شۇنداق پۇركۇنىۋالساممۇ تۇنۇۋالدى دەپ ئويلىدى ھاشىم ، ھاشىمخان ئاچا دىگەنگە ئاچچىقى كىلىپ زەردە بىلەن :
- يىراققا قايتىپ ماڭدىم ، يىراققا ! – دەپ ۋارقىرىۋېتىپ ئىككى ياققا ، ئالدى –ئارقىغا ئىت چىقىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ يۈگرەپ دەريا ساقى كېتىپ قالدى .
|