قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 1

ئىقتىسادىي بىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32983
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 04:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دوۋ نەزەرىيىسىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئەگرى-توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ دوۋ نەزەرىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى يىتەرلىك تارىخىي سانلىق مەلۇمات كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ئۈزۈكسىز ماسلىشىغا تۈرتكە بولغان. چارلىز دوۋ بۇ نەزەرىيەنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن، دوۋ نەزەرىيىسىنىڭ جەۋھىرى «چوڭ ۋەزىيەت» نى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىرقى زامان تېخنىكىلىق ئانالىزچىلىرىدا دەل مۇشۇ ئىدىيە كەمچىلدۇر. ھازىرقى تېخنىكىلىق ئانالىز ئاساسى جەھەتتىن قىسمىي بازار، ھەرىكەت ئېنىرگىيىسى ۋە  ئاشلىما سودا (刮头皮交易) غا مەركەزلەشكەن. بۇ ۋاستىچىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما سودا قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر خىل خاتا يولدۇر. قىسقا لېنىيىلىك سودا يېڭى ئۆگەنچىلەر ۋە كۆپ سانلىق كىشىلەر غەلىبە قىلالايدىغان خىزمەت بولماستىن، بەلكى قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان، زور زېھنىي كۈچ سەرىپ قىلىدىغان ئىشتۇر. شۇڭا مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر قسىقا سودا كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھازىرقى زامان سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئەڭ شىپالىق دورا-دوۋ نەزەرىيىسىدۇر!  بۇ ھۆكۈمنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. گەرچە ھازىر سودا ساھەسىدىكىلەر ئېغىزىدا «ئېقىمغا ئەگىشىش» نى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يۆنىلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ناھايتى مۈجىمەل، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا يۆنىلىشتىن بارغانسىرى بەك ئادىشىپ كېتىدۇ. بازار ھەرىكىتىدە «تىز كىرىپ، تىز چىقىش» نى ئەڭ ئۈنۈملۈك مەشغۇلات ئۇسلۇبى دەپ قارايدۇ.
     يۆنىلىش سودا جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھازىرغىچە بولغان ئەسەرلىرىمىزدە يۆنىلىش ھەققىدە كۆپ توختالمىدۇق. چۈنكى، بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى بىردەمدىلا ئىگىلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆنىلىش ھەققىدىكى ئۇقۇم قانچە مىقدارلاشتۇرۇۋېتىلسە، ئۇنى ئىگىلەش شۇنچە تەسكە توختايدۇ. يۆنىلىشنى كۆزەتكەندە سەل يىراقراق تۇرۇپ، بازارنىڭ سىرتىدىن كۆزەتكەندە يۆنىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا ھالقىلىق باھاغا ھۆكۈم قىلىش ئېلىمىيلىك دەپ قارالسا، يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلىشتا ئاساسى جەھەتتىن سەنئەت تەجرىبىسىگە تاينىشقا توغرا كېلىدۇ. يۆنىلىشنى ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ماكرو قاراش ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىمۇ بۈگۈنكى سودا قىلغۇچىلاردا ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇۋاتقان پوزۇتسىيە ۋە تەربىيەلىنىشتۇر.
     چارلىز دوۋ ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كەمچىل دەۋرلەردە ياشىغان بولۇپ، ھازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا «يارىيار» ھارۋا دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئەۋزەل تەرەپلىرى بولغان، سودا قىلغۇچىلار بازارنىڭ قىسقا ئارىلىقتىن بىخۇتلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلانغان. ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى بازار سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، كەيپىياتىمىز ئاڭا ماس ھالدا داۋالغۇپ، ئوبىكتىپ ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چارلىز دوۋ دەۋرىدە بازارنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتكىلى بولمايىتتى، بازارغا ھەر ۋاقىت قاراپ تۇرغىلى تېخىمۇ بولمايىتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا نەتىجە قازانغان سودا قىلغۇچىلاردىن مەيلى مەشھۇر جىسسىي لېمرىف (Jesse Leamerf) بولسۇن، ياكى ھەر خىل تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان گان (W.D. GANN) بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۆنىلىشىكە ئېنىقلىما بەرگۈچىلەر ھەم ئۇنى قوغلاشقۇچىلار ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئاشۇ شانلىق دەۋرنىڭ مۇھىم مىراسلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، شۇ دەۋرنىڭ باشقىچىرەك ۋارىيانتلىرىنى كۆككە كۆتۈردى. بەزى ئۆزىنى دوۋ نەزەرىيىچىسى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر دوۋ نەزەرىيىسىنىڭ جەۋھەرلىرىگە يات ھالدا ئاتالمىش «دوۋ يۆنىلىش سىزىقى» نى كەشىپ قىلىپ، بازار قانۇنىيىتىنى سۈنئىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئاتالمىش گان تەتقىقاتچىلىرى پۇل مۇئامىلە پىرىخۇنى بولۇۋىلىپ، گان نەزەرىيىسىنى ئىنتايىن سىرلىق شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. جىسسىي لېمرىفنىڭ ئىدىيسى ۋە قاراشلىرى پۈتۈنلەي بۇرمىلاندى. ماكرو ئېقتىساد ۋە كوللىتىپ پىسخىكىغا سەل قاراپ، ئۇنىڭ پايدا ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق مال قوشۇش قارىشى ئاجىزلاشتۇرۇلدى.
     بىز سودا ئەمەلىيىتى بىلەن تۆت ئەۋلاد ھەقىقىي دوۋ نەزەرىيە بايانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق دوۋ نەزەرىيىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پېرېۋوت سودىسىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دوۋ نەزەريىسىنىڭ بەرپاچىسى چارلىز دوۋنىڭ ئەسلى مەخسىتىگە ئۇيغۇن، ھەمدە كەسپىي سودا قىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالايدۇ. بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك تاكتىكا يوق، ئەمما مەڭگۈلۈك پەلسەپە مەۋجۇت. بۇ پەلسەپە دەل ئېقىمغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئاساسى ئېقىمغا ئەگىشىش دېمەكتۇر! يەنىمۇ يىغىنچاقلىساق، يۆنىلىشكە بويسۇنۇش دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ناۋادا بىرەر كىتاب پۈتۈن مەۋقەنى مۇشۇ نۇقتىغا مەركەشلەشتۈرمىگەن بولسا، ئاپتۇر دوۋ نەزەرىيىسىنىڭ جەۋھىرىنى ھەقىقىي تونۇمىغان بولىدۇ، ئۇنىڭ بازارغا سېلىۋاتقىنىمۇ قىياپەت ئۆزگەرتكەن ھازىرقى زامان تېخنىكىلىق ئانالىزى بولۇپ، تۈرلۈك يۆنىلىش سىزىقى ۋە بازار ھالىتىگە ئاز تولا كۆرسەتكۈچ قوشۇلغان يازمىلار دۆۋىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كىتابنى قوللانما قاتارىدا ئىشلىتىشكىلا بولىدۇ، ئەمما ئۇنى دەرسلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، سىز بىر تېخنىكىلىق ئانالىزچى بولىسىزكى، ھەرگىزمۇ بازاردا ئىزچىل پايدا ئالالايدىغان ئۇتقۇچىغا ئايلىنالمايسز!
     دوۋ نەزەرىيىسنىڭ بەرپاچىسى چارلىز دوۋ 1851-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنەكتىكات (Connecticut) شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇ مەبلەغ سالغۇچى ئەمەس، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن جىسسىي لېمرىف پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. چارلىز دوۋ بازار مودىلىنى تەتقىق قىلغۇچى سۈپىتىدە كۆزگە چىلىقسا، جىسسىي لېمرىف ئاشۇ مودىللارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. جىسسىي لېمرىف چارلىز دوۋدىن كېيىنرەك تۇغۇلغان، يەنى 1877-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە. چارلىز دوۋ بولسا ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە ئىدى. ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە ئادەملەر تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر كېلەتتى. دەرۋەقە، چارلىز دوۋ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇرغا ئايلاندى.
چارلىز دوۋ 18يېشىدا نەشىرىيات ساھەسىگە قەدەم قويدى. جىسسىي لېمرىف خىلى بۇرۇن قىمار ساھەسىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر يۆنىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ساھە ئىدى. چارلىز دوۋ 1882-يىلى دوۋ جونىس شىركىتىنى قۇردى، 1884-يىلى دوۋ جونىس شىركىتى تۇنجى پاي كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. بۇ پاي كۆرسەتكۈچى 11پايدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ توققۇزى بازارلىق بولغان تۆمۈر يول پېيى ئىدى. 1889-يىلى «ۋال كوچسى گېزىتى» تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن تۇنجى رەقىبى «مەبلەغ سالغۇچىلار گېزىتى» گە يولۇقتى. «مەبلەغ سالغۇچىلار گېزىتى» نى ئەبجەش تاكتىكا ئۇستىسى ۋىليام ئوۋنېر چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋامنىڭ چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان «Big Chart» سەھىپىسى قۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، 100 يىلدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دوۋ ئاپپاراتىنىڭ رەقىبىمۇ دوۋ تەلىماتىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
     پاي كۆرسەتكۈچى (پاي ئىندىكىسى) مەيدانغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، چارلىز دوۋ پاي بازىرىنى ئېقتىسادنىڭ يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى قىلغان،ئۇ بۇ چاغدىكى پاي چەكنى ئەمەلىي ئېقتىسادنىڭ يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىدىغان قورال سۈپىتىدە پايدىلانغان. ئەڭ ئاددىي ھالدىكى پاي كۆرسەتكۈچى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ھەقىقىي دوۋ جونىس كۆرسەتكۈچى 1896-يىلى دۇنياغا كەلگەن، دوۋ جونىس تىرانسىپورت كۆرسەتكۈچى كېيىنكى يىلى ئېلان قىلىنغان. 1903-يىلى چارلىز دوۋ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان، بۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئىككى خىل كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ئاران بەش يىللىق تارىخقا ئىگە بولغاچقا، ئۇ پەقەت چوڭ يۆنىلىشنى تەھلىل قىلىش قورالىنى بەرپا قىلالىغان ئىدى. ئىندىكىسلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۆنىلىش ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەش، بۇ قورالدىن قانداق پايدىلىنىش جەھەتتە چارلىز دوۋ تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە مۇپەسسەل شەرھىي تەييارلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.
      يۆنىلىش ئانالىز قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەيلى پاي بازىرىدىكى كوزۇر پاي كۆرسەتكۈچى بولسۇن، مەيلى تاشقىي پېرېۋوت بازىرىدىكى ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى بولسۇن، ئۇلار ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئاساسىي يىتەكچىلىك رولىغا ئىگە. ناۋادا بۇ كۆرسەتكۈچلەر چوڭ يۆنىلىشنى كۆزىتىشىمىزگە ياردەمدە بولمىسا، ئاساسى يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلىشىمىزمۇ ئاسانغا توختىمىغان بولاتتى. چارلىز دوۋنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى، ئۇ يۆنىلىشنى ئىگىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دەل ئىندىكىسلەش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل سودا قىلغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان بولۇپ، يوھان مورفىينىڭ بازار ھالقىغان تەھلىل قورالى بىلەن بەلگىلىك ئورتاقلىققا ئىگە، يەنى بوشلۇق جەھەتتىكى چەكلىمىدىن ھالقىغىلى بولىدۇ. دوۋ نەزەرىيىسى دېگەن نېمە؟ ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرىچە باھادىن كېيىن ئىندىكىسلەش ئارقىلىق بازار يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇ جاۋابتىن بىز ئىندىكىسلەشنىڭ دوۋ نەزەرىيىسىدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. سودا ئەمەلىيىتىدە، مەيلى پاي سودىسى بولسۇن، مەيلى تاشقىي پېرېۋوت، قەرەللىك مال سودىسى بولسۇن ئىندىكىسلەش ئارقىلىق چوڭ يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. قەرەللىك مالغا مەبلەغ سالغۇچى داڭلىق ئۇستاز جىم روجېرىس (Jim.Rogers) قەرەللىك مال بازىرىنىڭ يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بولغان تاۋار كۆرسەتكۈچى لايىھىلىگەن. بىزگە تونۇشلۇق بولغان بىر گواڭدۇڭلۇق تاشقىي پېرېۋوت سودا ماھىرىمۇ ياۋرۇ كۆرسەتكۈچى ۋە تاۋار كۆرسەتكۈچى لايىھىلىگەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىمۇ چوڭ يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەش كۆزلەنگەن.

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.道琼斯دېگەن شۇ كەندە .يەنە بىرى بارغۇ مۇشۇنىڭغا
ئوخشاش،بولسا پەرقى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىشلىرىنى دەپ بەرسىڭىز؟
ئادەتتە سىز قايسى كىتابلاردىن ئىقتىسادىي بىلىملەرنى كۆرىسىز؟ماڭا ياخغىراق كىتابلار
بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )