قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3306|ئىنكاس: 24

ئەتلەس: ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكا ئىندىئان مەدىنىيىتىدە باغلىنىش بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

317

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30739
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:12:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتلەس:  ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكا ئىندىئان مەدىنىيىتىدە باغلىنىش بارمۇ؟



     مەن يېقىندا بىر ئاسارە-ئەتىقە بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،  دۇكان دەرىزىسىگە تىزىلغان بىر "ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكە كىيىۋالغان ئىندىئانكىشى"  ھەيكىلىگە    كۆزۈم چۈشۈپ قالدى (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ). " ئەتلەس" ياكى " ئەتلەس نۇسخىلىرى" دىسە پەرۋانا بولىدىغان مەن  ئۈچۈن، بۇ قاتتىق ھاياجانلىق ئىش بولدى.  دۇكانغا كىرىپ، دۇكان ئىگىسىدىن بۇ ئىندىئان ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكىسىنىڭ مەنبەسى توغرىلىق ئۇچۇر سورىدىم.   ئۇ دۇكان ئىگىسى بولمىش ياشانغان ئايال، بۇ توغرىلىق ھىچنەرسە ئۇقمايدىغانلىغىنى،  پەقەت ئۇنى بىر بۇيۇم ئورنىدا ئېلىپ ساتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئۆزرىخالىق بىلدۈردى.   شۇ كۈنىلا، بىرگە ئىشلەيدىغان ئىندىئان قېنى بار بىر دوستۇمدىن بۇ توغرىلىق ئۇچۇر سورىدىم.  ئۇ دوستۇم بۇ ئىندىئان كىشى ياكى ئۇنىڭ قەبىلىسى ھەققىدە بىرنەرسە بىلمەيدىغانلىغىنى، ئامېرىكىدا 500 دىن ئارتۇق ئىندىئان قەبىلىسى بولۇپ، كىيىملىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىنى، ئەمما بۇ ئەتلەس نۇسخىلىق ( ياكى ئوخشاش  رەڭلىك) جىلىتكىنى كۆرۈپ باقمىغانلىغنى ئېيتىپ ئۆزرىخالىق بىلدۈردى.
     مەن ئۆزەم باشقا بىر كەسىپنىڭ ئەھلى بولساممۇ،  ئىچىمدىكى بۇ " ئەتلەس"  ئۇتى مېنى كېچىلىرى ئۇيقىغا كىرىشىمدىن تۇسۇپ، مېنى بۇ ھەقتە تېنىمسىز ئىزدەندۈردى.   ئامېركىدا،  نۇپۇسى 28 مىڭ بولغان پوتاۋاتومى   (Potawatomi) دىگەن بىر قەبىلە بولۇپ، مۇشۇ قەبىلىگە ئائىت 1800-يىللار ئاتراپىدىكى ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ ئىچىدە، تۆۋەندىكىدەك  "ئەتلەس" (ياكى خۇرجۇن نۇسخىسى )  كە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇسخىدا نەقىشلەنگەن ئاسما سومكىلار ياكى كۆينەكلەر بار ئىكەن.   ئىزدىنىش نەتىجەمدىن شۇنداق مەمنۇن بولغان بولساممۇ،  ئەمما ئىككى قىتئەدىكى ئىككى مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىدە قانداق باغلىنىش بارلىغىنى ياكى بۇنىڭ تاساددىپى ئوخشاشلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىرىدىم.   بۇ سىرلىق تېپىشماق مېنى ھەقىقەتەن  چىرمىۋالدى.   ئاجىزلىغىم:   مەن ئۇيغۇر  " ئەتلەس"  نى ياخشى كۆرگەن بىلەن، ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى،ئۇنىڭدىكى نۇسخا - رەڭلەرنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى، ئۇ نۇسخىلارنىڭ مەنىسىنى  بىلمەيمەن.


  بۇ " ئەتلەس سەنئىتى"  ئۇيغۇرمەدىنىيىتمىزنىڭ  ئاساسلىق قىسىملىرىدىن بىرسى،  ھەم ھازىرمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا جانلىق رول ئويناپ تۇرىۋاتىدۇ .  ئەتلەس سۈيەر دوستلارنىڭ،  يۇقىرىدىكى تېپىشماق  سۇئاللارغا ئەقلى ياردەمدە بولۇپ مۇۋاپىق جاۋاپ ئىزدىشىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.    سىلەر بىلگەندەك، ھېچكىم ھەممىمىزدىن ئەقىللىق ئەمەس.  يەنى، كۆپچىلىكنىڭ بىرلەشمە تەپەككۇرى ۋە ئەقلى  بىراۋنىڭ يالغۇز تەپەككۇرى ۋە ئەقىلىدىن  تەبىئى ئېشىپ چۈشىدۇ.    شۇڭا  ئەتلەس ئەھلى دوستلارنىڭ،  مۇشۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، ئەقىلدە بىرلىشىپ، بۇسىرلىق تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى   تېپىشقا پەخىر  بىلەن ياردەم بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك  دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارا توپلىشىپ بېرىشىڭلارنى، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە  تىرىشىپ  جاۋاپ تېپىپ چىقىشىمىزنى  چىن قەلبىمدىن سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.  


ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكە كىيىۋالغان ئىندىئان

ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكە كىيىۋالغان ئىندىئان

ئەتلەس نۇسخىلىق جىلىتكە كىيىۋالغان ئىندىئان كىشى.
somka 4.jpg
somka 3.jpg
somka 2.jpg
somka 1 kiqik.jpg



ئەتلەسكە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇسخىدا (ياكى خۇرجۇن نۇسخىسى ) نەقىشلەنگەن ئاسما سومكىلار.
potawatomi-womens-dress.jpg



ئەتلەسكە ئوخشاپ كىتىدىغان نۇسخىدا نەقىشلەنگەن كۆينەكلەر .


potawatomi.jpg



پوتاۋاتومى قەبىلە مۇراسىمى.


ئىزاھات:
1.     تۇنجى رەسىمدىن باشقا رەسىملەر ئىنتېرنېت تورىدىن يىغىپ ئېلىندى.
2.    تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا تورداشلار ئاكتىپ جاۋاپ بەرسەڭلار.

16

تېما

9

دوست

4763

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 18:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كىتاب بولىدىغان مۇ قۇرۇقلىقى دەپ !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

6

دوست

1286

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 18:52:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەتلەس سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ كىيىم كىچەك ئاياغ ھەرخىل ئائىلە بۇيۇملىرى تۇرمۇش لازىمەتلىكى ۋە پەردە يوپۇق يوتقان كۆرپە دىگەندەك بويۇملارغا مۇشۇ ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئەتلەس نۇسقۇسىنى ئۆرنەك قىلسا بولاتتى ،
لىكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇرۇن تىما يوللىغان بۇنىڭغا بىرىلگەن ئىنكاسلار بولسا ھەممىسى تىلاشتىن باشقا نەرسە بولمىدى.

1

تېما

2

دوست

5288

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1570
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئوخشايدىكەن ، سومكىدىكى گۈل نۇسقىللىرى كانىۋايغا تېخىمۇ ئوخشاش ئىكەن .

2

تېما

3

دوست

4693

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1444
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Dene ۋە Na-Dene دەپ بىر قەبىلە بولىدىغان، بۇ قەبىلە مىلادى 1233يىللىرى ، گەنسۇ رايۇنىدا قۇرۇلغان گەنجوۇ ئۇيغۇر خانىدانلىقى چىڭگىزخان تەرىپىدىن يىمىرىلگەندىن كېيىن، قالدۇق كۈچلىرى شەرىققە يۈرۈش قىلىپ ، مالۇككا بوغۇزى ئارقىلىق كانادا، ئامىرىكا قىتئەلىرىگە تارىغانلىق توغرىسىدا بىر كىتاپ بار .

http://ttzlibrary.yuku.com/topic ... his-Ghan-to-America

2

تېما

3

دوست

4693

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1444
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 19:36:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

2

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 20:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەن جۇمۇ

0

تېما

0

دوست

445

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   72.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32234
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 10:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahyary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 10:51  

ئېسىمدە قېلىشىچە  ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىننىڭ ‹يېپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت › ناملىق كىتابىدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ،قانائەتلىنەرلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا يېتەرلىق بايانلار بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )