قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2474|ئىنكاس: 21

دەرسخانىمىزدىكى «قارا يۇمۇر»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

83

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32988
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 14:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكىمۇ ياكى تەپەككۇر كېكەچلىكىمۇ؟
   (ماقالە)

ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر  





ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيەلەيدىغان ۋە ئۆزىدىن نەپرەتلىنىلەيدىغان ئادەم بولۇڭلار!
                                         -نېمىس پەيلاسوپى نېچشى
                                          
   مائارىپنى ساغلام، باراۋەر، ئادىل، دېمۇكىراتىك تەرەققىي قىلدۇرۇش-بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىمىز ھەم دائىمى شوئارىمىز!
ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مائارىپىمىز ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن غايەت زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى ۋە مەكتەپ شارائىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشلىنىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىت! ئەمدىكى گەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇشقا قىزغىنلىق بىلەن بېرىلىشى ۋە ئۈن-تىنسىز تەر تۆكۈشىدە قالغانىدى.گەرچە ھەممە جەھەتتىن خېلى ئوبدان پارقىراپ قەددىمىز خېلى رۇسلىنۋاتقان،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن تاللىۋېلىپ ئايرىم«كۆزنەك»سىنىپ قىلىپ،ئىچكىرى تولۇق ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلارغا يىلسايىن ئوقۇغۇچى ئاشۇرۇپ ماڭدۇرۇشقا كۈچەۋاتقان،بىر مەكتەپنىڭ ياخشى-يامانلىقى مانا شۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز ۋە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا قانچە بالا ئۆتكۈزۋاتقانلىقى بىلەنلا ئۆلچىنىدىغان،يېڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇنى دەرسخانىدا قوللىنىشقا تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ،سوغۇققانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزەتكەنلەرگە مەخپىي ئەمەسكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىىمىزدا «يېغلاي دەپمۇ يېغلىيالمايمەن،كۈلەي دەپمۇ يا كۈلەلمەيمەن» دېگەندەك مۈجىمەل روھىي ھالەت ساقلانماقتا. ئارتۇقچلىقلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ بولسىمۇ دۇنياۋى داڭلىق يازغۇچى چىڭغىز ئايىتماتوۋ «كاساندىرا تامغىسى»ناملىق رومانىدا يازغاندەك :«ياخشىلىق ھامان يېتىشمەيدۇ،يامانلىق ئېشىپ قالمايدۇ.فېرانسىيەنىڭ مەلۇم مۇتەپەككۇرى«ئالەمدىكى ئەقلىنىڭ ئەڭ چوڭى –ئۆز ئاجىزلىقىنى كۆرۈش» دەپ ئېيىتقىنىدەك، ئوقۇتۇشىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەھلىل،تەتقىق قىلىش شۇنداقلا مۇۋاپىق سىياسەت بەلگىلەشكە تۈرتكە بولۇش-بىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم بۇرچىمىزدۇر!
ئوقۇتىشىمىزدىكى بۇ ھالەتلەرنىڭ ئايرىم ۋە قىززىق نۇقتا ئىپادىلىرىدىن بۇ ماقالىدا يورۇتۇلماقچى بولغىنى ماقالە ماۋزۇسىدا دېيىلگەندەك« دەرسخانىمىزدىكى ‹قارا يۇمۇر›: دەرسخانا كېكەچلىكىمۇ ياكى تەپەككۇر كېكەچلىكىمۇ؟»بۇنىڭ كونكېرىت ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مىساللار ئارقىلىق دەلىلىنىدۇ!مەلۈم باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن قىسقىچە خاتېرە:
(1)
ئوقۇتقۇچى:
-ھە،سەن تۇرە،«ھەسرەت» دېگەن سۆزگە جۈملە تۈزۈپ باقە!
ئوقۇغۇچى:
-«مەن ئۇنىڭغا ھەسرەتلەندۈردۈم».دەرس ئاڭلىغانلار بۇ «قىزىقارلىق» جۈملىدىن «ھەيران» قېلىپ ئىچىمىزدە رېقىلداپ كۈلۈشتۇق.
ئوقۇتقۇچى:
-ھە،توغرا بولدى،بىراق سەل قاملاشماي قالدى،قايسىڭلار بۇ ساۋاقدىشىڭلارنىڭ بۇ جۈملىسىنى تۈزىتىپ بېرىسىلەر؟
ئارىدىن بىر ئوقۇغۇچى قول كۆتەردى:
-«ئۇنىڭ ھەسرەت گېپى بار.»
دەرس ئاڭلىغانلار ئىچىمىزدە يەنە رېقىلداپ كۈلۈشتۇق.
ئوقۇتقۇچى:
-ھە،بۇمۇ بولدى،لېكىن سەن بۇنى«ئۇنىڭ ھەسرەتلىك گېپى بار» دەپ تۈزسەڭ ئاندىن بولىدۇ،ئولتۇرە.-دېدى.
ئوقۇتقۇچى يەنە:
ئەمدى مەشىق ئىشلەيمىز،ھەممىڭلار قەلەم-دەپتەرنى ئېلىپ تەييار بولۇڭلار!
ئوقۇغۇچىلار تەق بولدى.
ئوقۇتقۇچى:
-ئەمدى «ياخشىلىق ئۇرۇغى»دېگەن تېمىدا قىسقا پارچە يېزىڭلار.ۋاقتى 10مېنۇت،كىم راۋان،تېز،توغرا يېزىپ بولسا مۇكاپاتىم بار-ھە؟
ئوقۇغۇچىلار دەپتەر-قەلەملىرىنى ئېلىپ جىددى يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى...
-خانىم مەن يېزىپ بولدۇم-دېدى،بىر ئوقۇغۇچى ئەتەي خانىم بەرمەكچى بولغان مۇكاپاتقا قىزىقسىنىپ ئۇنى بالدۇر ئالماقچى بولغاندەك.
-ھەئە،پازىلجان سەن ياخشى،ھە، قېنى ئوقۇپ بېرە يازغىنىڭنى!
پازىلجان دېگەن ئوقۇغۇچى يازمىسىنى ھەجلەپرەك ئوقۇدى.ئۇ مۇنداق يازغانىدى:
-«ياخشىلىق ئۇرۇغىنى بولسا تېرىسا بولىدۇ.ئۇنى ھەممە ئادەمگە تېرىش كېرەك بولىدۇ.بىز ساۋاقداشلارغا كۆيۈنىمىز.چۈنكى بىز ياخشىلىق ئۇرۇغى ئارقىلىق دەرس ئاڭلايمىز.سۆيۈمچان خانىمغىمۇ ئۇرۇغ تېرىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.چۈنكى خانىم ئۇرۇغ تېرىڭلار دەپتۇ.» بۇنى ئاڭلاپ بىز بىرقانچەيلەن يەنە رېقىلداپ كۈلۈشتۇق…بىچارە خانىم،بىچارە دەرس ئاڭلىغۇچىلار،بىچارە ئوقۇغۇچى،بىچارە ئوقۇغۇچىلار ھەممەيلەن بەك ئاچچىق كۈلۈپ كەتتۇق!...
مەن ئاستىرىتتىن يەنە بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ يازمىسىنى كۆرۈپ باقتىم،بۇنىڭدىكى بېچارىلىق بىز مىسال ئالغان بېچارىلىققا ئوخشىشىپ كېتەتتى.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خېتى شۇ قەدەر سەت بولۇشىغا قارىماي،ئۇ تولىمۇ تەسلىكتە قىينىلىپ مۇنداق يازغانىدى:
-«ياخشلىق ئۇرۇغى ئېچىلسا ئەتراپ گۈللەرگە تولىدۇ.مەن بىر قېتىم دادام بىلەن ھېيىتگاھتا ئاتقا چىقىپ نەقەدەر خوش بولغانتىم.مەن بۇغداي ئورىدىغان چاغدا بۇغداي شاخلىرىنى تېراكتۇرغا ئارتىشىپ بەرگەنىدىم.ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئۈرۈكنىڭ توڭى پىشتى.مەن ئاپامغا مەن ساڭا ياخشىلىق ئۇرۇغى تېرىيمەن؟ دېسەم ئاپام نېمە دېگەن گەپ ئۇ؟ دېگەندە مەن سەن مېنىڭ كۆكسۈمنى چۈشەنمەيۋاتىسەن،دەپ  ھەسرەتلەنگەنىدىم.»
مەن يەنە ئاچچىق كۈلۈپ كەتتىم.ئاچچىقىنى تېتىيالايدىغانلارلا ئاچچىق كۈلەلەيتتى.
    «ئاچچىق كۈلكە» دېگەن بۇ ئېدىيومغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىبارە 20-ئەسىردە غەرب مودېرنېزىم ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن «قارا يۇمۇر» ئېقىمى دېگەن يېڭىچە ئەدەبىيات ئېقىىمدىكى «قارا يۇمۇر» دېگەن ئىبارىغا ئوخشاپ كېتەتتى.پىكىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېنىق يورۇشى ئۈچۈن ئاچچىق كۈلكىگە تەققاسلىنىدىغان «قارا يۇمۇر»دېگەن بۇ ئاتالما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
قارا يۇمۇر-ئېنگلىزچە(black humor)،( Sick humor)دەپ ئاتىلىدۇ.
قارا يۇمۇرنىڭ كىلىپ چىقىشى:
   20-يىللاردا فىرانسىيەلىك ھالقىما رىيالىزىم يازغۇچى ئاندىرىي برايتون(André Breton)ئىلگىرى (قارا يۇمۇر توپلىمى)چىقارغان ،1965-يىلى ئامېرىكىلىق يازغۇچى برۇس جەي فىرىدمەن(Bruce Jay Friedman)60-يىللاردا گىزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، قارا يۇمۇرغا ئوخشاپ كىتىدىغان ماقالىلارنى يازىدىغان،جەمى 12يازغۇچىنىڭ ماقالىلىرىنى يىغىپ ،بىر توپلام قىلىپ چىقىرىدۇ.شۇ يىلى ئامېرىكىلىق تەنقىدچى نىكبوك «جاننى ئالىدىغان يۇمۇر»دەپ بىر ماقالە ئېلان قىلىپ،بۇ خىلدىكى يازغۇچىلارنىڭ «قارا يۇمۇر»ئېقىمىغا تەۋە ئىكەنلىگىگە ئىزاھات بېرىدۇ.شۇندىن ئىتىبارەن«قارا يۇمۇر» ئەدىبىيات-سەنئەت ئېقىمى دۇنياغا كىلىدۇ.
قارا يۇمۇرنىڭ ئالاھىدىلىكى:
   قارا يۇمۇر يازغۇچىلىرى ئاساسەن،ئىنسانلار ئەتراپىدىكى بىمەنە جەمىيەتنىڭ كىشىلەرگە ئىلىپ كەلگەن بىسىملىرىنى يازىدۇ.يەنە چىدىغۇسىز مەسخىر قىلىش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق مۇھىت بىلەن ئادەم(ئۆزلۈك) ئوتتۇرسىدىكى ماس كەلمىگەن كەيپىياتلارنى ئىچىپ بېرىدۇ،ھەمدە بۇ خىل ماس كەلمەسلىكنى چوڭايتىپ،بۇرمىلاپ،غەيرى شەكىلگە كەلتۈرۈپ،ئۇلارنى تېخىمۇ بىمەنە ،كۈلكىلىك ۋە ئوقۇرمەنلەرگە ئېغىر بولغان ئىچىنىشلىق نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم تەنقىتچىلەر قارا يۇمۇرنى (دار ئالدىدىكى يۇمۇر)ياكى (ئۆلۈم ئالدىدىكى يۇمۇر)دەپ ئاتاشقان.قارا يۇمۇر يازغۇچىلار (ئەكسىچە قەھرىمان)لاردىن پايدىلىنىپ،ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق سۆز-ھەركەتلىرى ئارقىلىق جەمىئىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ،ھەمدە يازغۇچىنىڭ جەمىئىيەتكە بولغان كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.قۇرۇلما جەھەتتە ئۇلار ئەنئەنە ئۇسۇللارنى بۇزۇپ تاشلىغان بولىدۇ،رومانلاردىكى لوگىكىلىق ئۇلۇنۇشلارمۇ بۇزۇپ تاشلانغان بولىدۇ،رىيال تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرگەندە ئارزۇ -ئۈمۈد بىلەن ئەسلىمىلەرنى زىچ گىرەلەشتۈرۋېتىدۇ.كەسكىن بولغان لوگىكا بىلەن (gag)جەگنى(كۈلكىلىك سۆز ئىبارىلەر) بىرلەشتۈرۋېتىدۇ.مەسلەن:يۈسۈف خېللىر( Joseph Heller)نىڭ(22-ھەربى تۈزۈم)،توماس پىنكون( Thomas Ruggles Pynchon)نىڭ (تاتىش كۈچگە ئىگە ھەسەن-ھۈسۈن)قاتارلىق ئەسەرلەر.بەزى قارا يۇمۇرلار ئىنسانلارنىڭ روھى كىرزىسىنى مەسخىر قىلىنىدۇ.مەسىلەن:جون بارت( John Barth)نىڭ (تاماكا ۋاكالەتچىسى)قاتارلىقلار.
   قارا يۇمۇرلار ئىستىتىك زوق ئىلىش شەكلى بۇلۇپ،كومىدىيە تۈرىگە تەۋە ،بىراق تىراگىدىيلىك تۈسلىرىمۇ بولغاچقا شەكلى ئۆزگەرگەن كومىدىيە دەپمۇ ھىساپلىنىدۇ.قارا يۇمۇرنىڭ ئالاھىدىلىكى:
     قارا يۇمۇرنىڭ باشقا يۇمۇرلاردىن پەرىقلىنىدىغان يېرى شۇكى،ئۇنىڭ بىمەنىلىكى، مەسخىرىچانلىقنىڭ يوقۇرى ئورۇندا تۇرۇشى،كۈلكىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر پىكىرلىق ئويلىرى،كۆز ياش ۋە ئازاپلىغى،تەسىرلىك ۋە ئىچىنىشلىق تەرەپلىرى ئارقىلىق زور پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتايىن قىزىقارلىق كۈلكىلەرنىڭ ئارىسىغا ئېغىر مەنىلەر يۇشۇرۇنغانلىقى سەۋەبىدىن كېيىنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا «قارا يۇمۇر»دەپ ئات قۇيۇشقان.
خوش،ئەمدى ئۆز مۇلاھىزىمىزگە كەلسەك،بىزدىكى قارا يۇمۇرلارنى نېمە دەپ چۈشەنگۈلۈك؟شەرقنىڭ مەشھۇر ئەللامىلىرىدىن ئىبراھىم ھەققۇلۇۋ:«خەلق روھى ۋە تەپەككۇرىنىڭ توختىشى-تىلى تەرەققىياتىنىڭ زاۋالى»دېگەن يەكۈننى ئەجەپ توغرا دېگەنلىكىگە قايىل بولىمىز ئەلۋەتتە.بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدىناسى ئاۋال ئۇيغۇرچە راۋان ئوي-تەپەككۇر بىلەن راۋان،باش-ئاخىرى باغلاشقان بىر ئۇيغۇرچە جۈملە قۇراشتۇرالماسلىقىنى نېمە دەپ چۈشىنىش مۈمكىن؟
يۇقارقى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قارايلى:
نېمىشقا ئۇ «مەن ئۇنىڭغا ھەسرەتلەندۈردۈم»،دەپ جۈملە تۈزىدۇ؟ بۇ تاساددىبى خاتالىقمۇ ياكى ئارقا كۆرۈنىشى بار خاتالىقمۇ؟
پازىلجان ئاتلىق ئوقۇغۇچىنىڭ «ياخشىلىق ئۇرۇغى»ھەققىدىكى يازمىسىدا كىم ئىللەت يوق دەپ ئايتالايدۇ؟ ئۇنىڭدىكى بۇ ئىللەت نەدىن كەلگەن؟
يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقىدىكى«ياخشىلىق ئۇرۇغى ئېچىلسا ئەتراپ گۈللەرگە تولىدۇ»دېگەن جۈملە راۋان،توغرا جۈملىمۇ؟ ياخشىلىق ئۇرۇقى ئېچىلامدۇ ياكى ياخشىلىق گۈللىرىمۇ ياكى ياخشلىق ئۇرۇقى ئۈنۈپ چىقىپ ئاندىن ئېچىلامدۇ؟ ئاتقا چىقامدۇق مىنەمدۇق؟ بۇغداي ئەنجىسىمۇ ياكى بۇغداي شېخىمۇ؟ تېراكتورغا ئارتىشىپ دەمدۇق،ئېلىشىپ دەمدۇق؟
ئاپامغا ياخشىلىق ئۇرۇقى تېرىيمەن دەمدۇق ياكى ئاپا ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن، دەمدۇق؟ ئۈرۈكنىڭ توڭىمۇ ياكى غورىسىمۇ؟ ئۈرۈك ئالا بولدى، پىشتى دەرمىز؟؟؟ مېنىڭ كۆكسۈمنى چۈشەنمەيۋاتىسەن،دەمدۇق ياكى كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيۋاتىسەن دەمدۇق؟
                             (2)
تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىدىن قىسقىچە خاتېرە:
ئوقۇتقۇچى: -مەن سىلەردىن ئېغىزچە سىناق ئېلىپ باقاي- ھە؟ ئۆتۈلگەن دەرسنى ئۆگۈنۈپ كەلگەنسىلەر؟
ئاندا-ساندا ھەئە، دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى.ئوقۇتقۇچى:
-13-نومۇر،سەن تۇرە ئورنۇڭدىن؟
13-نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى خۇشياقمىغاندەك ئورنىدىن تۇردى.
-ھە،سەن دەپ باقە،«غۇنچەم» دىرامىسىدىكى غۇنچەم ئوبرازىنى تەھلىل قىلىپ باقە.
13-نومۇرلۇق قىز ئوقۇغۇچى بىر دەم تۇرۋېلىپ گېپىنى باشلىدى.
-خانىم،-دېدى ئۇ خانىمغا تىكىلىپ قاراپ،
-ھەئە،جاۋاب بېرە،ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي.
-مەن غۇنچەمنى ياقتۇرمايمەن.نېمىشقا دېگەندە،غۇنچەمنىڭ لاۋگوڭسى (ئېرى) نى سۆيىمەن دەپ ئۆلىدۇ. مەن ئويلايمەن،ئۇنداق قىلىش ئەخمەقلىق دەپ ئويلايمەن.غۇنچەم باينىڭ بالىسىغا شاڭجىيا ( خوتۇنلۇق بولغاندىكىن) پۇلىنى خەجلەپ پېچەت يۈرسە بولىدۇ.بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتتۇق.ئوقۇتقۇچىمۇ بۇنداق «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» بېرىلگەن غەيرى جاۋاپنى ئاڭلاپ ئاغزىنى تۇتېۋېلىپ كۈلۈپ كەتتى.
ئوقۇتقۇچى:
-جاۋابىڭ بارمۇ-تۈگىدىمۇ؟
ئوقۇغۇچى:
- ئازراق بار.
ئوقۇتقۇچى:
-ھە، دېگىن!
-مەن ئويلايمەن،غۇنچەمنىڭ شىنلىسى(روھى) بەك ئاجىز،ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇشنى خالىمىسا ئۆمەر لاۋبەننىڭ(ئۆمەر شاڭيونى دېمەكچى)بىتىسىنى(ماڭقىسى)نى ئەپلەپ قېچىپ كەتمەمدۇ،دەپ ئويلايمەن.بۇ جاۋاپتىن يەنە پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى.ئۇ بېچارە ئوقۇغۇچى بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ كۈلگەنلىكىمىزنى ماھىيەتتە ئۆزىمىزگە ئىچ ئاغرىتىپ كۈلگەنلىكىمىزنى بەلكىم ھېس قىلالمىدى بولغاي ئۆزىمۇ چالا كۈلۈپ ئولتۇردى.
    ئوقۇتقۇچى يەنە بىر قانچە ئوقۇغۇچىدىن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى، مەلۇملۇقكى، بالىلارنىڭ دېگەن گەپلىرى ئاساسەن ھېچبىر قولاشمايۋاتاتتى،ھەم ساپ ئەمەس ئىدى،ھەم كۈلكىلىك ئىدى... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىممەت قارىشىدا مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسىقتەك،سادقەتمەنلىكنىڭ كارايىتى چاغلىقتەك خاتا قىممەت قارىشى يوشۇرۇنچە بىخ سۈرۈپ بولغانتى. قىسقىسى،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ تىلى،دىلى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەڭگۈشتەرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەنىدى.ئۇ نېمىلا دېمىسۇن،تىل ۋە دىل جەھەتتە مەقسىتىنى ئىپادىلەشتە چېنىۋاتاتتى... ھەتتاڭەي،بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى  بولغان بالىلارنىڭ تىلى، تەپەككۇرى كېكەچلىسە،شەكسىزكى، بىر مىللەتنىڭ ھازىرىمۇ  كېكەچلەيدىغان بولىدۇ،كەلگۈسى ئاڭقاۋ، گاچا ھالدا ئالدىمىزغا كېلىدۇ،خالاس.
                             (3)
ئەمدى شۇ يىللىقتىكى مەلۇم ئوقۇغۇچىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
تەلەپتە «مېنىڭ ئانام» ھەققىدە ماقالە يېزىپ كېلىش تاپشۇرقى بېرىلگەنىدى.
بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق يازغانىدى:
«مېنىڭ ئانامنىڭ ساما كۆڭلىكى بار ئىدى.ئانامنىڭ قارا رەڭدەك كۆزى بار بولسمۇ ئىككى كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرا يولللىرىدەك ئەگرى-بۈگرى قورۇقىنى توسۇپ قالالمايتى.جۇڭخۇا خەلقىمىز‹ئالتۇن باشلىق داداڭ بىلەن قالغۇچە،پاقا باشلىق ئاناڭ بىلەن قال› دېگەندەك،مېنىڭ ئانام، دادام بولمىسىمۇ ھاسىرايدىكەن.چۈنكى مېنىڭ ئانام بەك بىزار بوپتىكەن دادامدىن.
مېنىڭ ئانامنىڭ ئارزۇسى بەك ئېگىز بولغاچقا ماڭا ئېلان بېرىپ تۇرىدۇ.مېنىڭ ئانام جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانىسىدەك ئىشچان،ئاز سۆز،2-قول دادام بىلەن ياخشى كۈن كۆرىدۇ.ئۆتكەنكى قېرىلار يارىماسلارنى‹ھاڭگا پېيىدىنمۇ قەدىرسىز›دېگەندەك،مەن ئانامغا يارامسىزلىقتىن قورقىمەن. » بۇ تاپشۇرۇقنى كۆرۈپ دەسلەپتە تازا كۈلۈپ كەتتىم،بارا-بارا ئېغىر ئوھسىندىم... ئۆز-ئۆزۈمگە نېمىشقا بۇنداق مەسىلىلەر مەسىلە پېتى ساقلىنىپ ۋە ئاۋۇپ كېتىۋېرىدۇ؟دەپ سوئال قويۇپ بېقىپ،مەن ئېرىشىدىغان جاۋاپنىڭ بەرىبىر مۈجىمەل چىقىدىغانلىقىدىن خاۋاتىرلىنىپ تاماكۇ چەكمەيدىغان ئادەم بىر تال تاماكۇنى يۆتىلىپ قېقىلىپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكۈچە  كۈچەپ تارتتىم ۋە ئىسلىرىنى ھاۋاغا پۈۋلىدىم...كۆكۈش ئىسلار گويا بىنانىڭ نېرىسىدىكى زاۋۇتتىن چىقىۋاتقان مۇھىتنى بۇلغىغۇچى ئىسلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتمەكچى بولغاندەك غۇر-غۇر شامالدا بىردەمدىلا غايىپ بولدى...
ئوقۇغۇچى زادى نېمىشقا بۇنداق تاپپا-تۇپپاڭ،ساراڭنىڭ جۆيلۈشىدەك تەپەككۇر قىلىدۇ؟ نېمىشقا بۇنداق ھادىسلەرگە بىز سەل قاراۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق؟نېمىشقا چامىمىزنىڭ  يېتىشىچە يىتەكلىمەيمىز؟ ۋە ھەل قىلمايمىز؟
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر،يىتۈك شائىر،ھەزىرتى ئەلشىر ناۋائىي «كىمنىڭ مېڭىسىدە ئىللەت بولسا،ئۇنىڭ سۆزىدە باغلىنىش يوق،مېڭە ساغلام بولسا،گەپ-سۆزمۇ يېقىملىق ۋە خاتاسىز بولغاي!» دەپ تولىمۇ توغرا دەپتىكەن. تەپەككۇرنىڭ باش ئورگىنى بولغان مېڭە قالايمىقانلاشسا ھەممە ئىش قالايمىقانلىشىدۇ.تەپەككۇرسىز تىل مەۋجۇت بولمىغىنىدەك تىلسىز تەپەككۇرمۇ مەۋجۇت ئەمەس. تەپەككۇر -ئىدىيەنىڭ نامايەندىسى! تەپەككۇر-ھاياتلىقنىڭ بىشارىتى!ساغلام تەپەككۇر-ساغلام ھازىرنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ باشلىنشى! ھەر كىم قاچانكى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدىكى تەپەككۇر ئادىتىدىن ئايرىلىدىكەن،ئۇنداقتا ئۇ شۇ قەۋمىدىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ.
داڭلىق شائىر ئادىل تۇنىياز دېگەندەك:« بىز باشقا ئەللەرگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويلالايدىغان بولىشىىمىز كېرەككى،ئازاپ ۋە تەپەككۇر مىللىيلىككە ئىگە.»
دېمەك، تۇتقۇسى بار، قولى يوق،يىگۈسى بار چىشى يوق، دېگۈسى بارنى دېيەلمەسلىك،يازغۇسى بارنى يازالماسلىق،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىيەلمەسلىك –تەپەككۇرنى مۈجىمەللەشتۈرىدۇ، مۈجىمەللەشكەن تەپەككۇردا مۈجىمەللەشكەن قىممەت قارىشى شەكىللىنىدۇ.قىممەت قارىشى مۈجىمەلەشسە ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ مۇجىمەللىشىدۇ.مۈجىمەل ئادەمدە خاسلىق،ئەركىن-ئازادىلىك ئېڭى بولمايدۇ.بۇنداقلار ھەر دەۋىردىكى ئاتالمىش مودىنىڭ بېچارە قۇربانلىرى بولۇپ كېتىدۇ...
ئىجتىمائىيەت ئانالىزچىمىز زۇلپىقار بارات ئۆز باش «تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى»ناملىق ئەسىرىدە يازغاندەك،«زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەمنى ئىدىيە، تەپەككۇر، كۆزقاراش، قىممەت قارىشى تەرەپلەردىن زامانىۋىلاشتۇرۇش لازىم.»
نېھايەت، بىزنى ئاچچىق كۈلدۈرۋاتقان مىساللار ئۇنچىۋېلا كۆپ بولمىغۇسى! ھەر بىر مېھنەتكەشلىرىمىزنىڭ،مائارىپ سۆيەرلىرىمىزنىڭ تەڭ كۆيۈنىشىدە قارا يۇمۇرلىرىمىز كۈنسايىن ئازايغۇسى!!!...ئامېرىكېلىق داڭلىق مائارىپچى جون دۇۋېي دېگەندەك:«ئەمەلىي تىرىشچانلىققا ئايلانمىغان تۇنۇش ئەھمىيەتسىزدۇر.»
ئۆز ئانا تىل تەپەككۇرىدىن ئايرىلغان ياكى شۇ خىل تىل تەپەككۇرى مۈجىمەللەشكەن ئىنساندا ساغلام تەپەككۇرنىڭ بولشىنى ناتايىن.تىل توسقۇنلىقى سەۋەبلىك تەپەككۇرى مۈجىمەللەشكەن ئىنساندا ئۆز قەۋمىنى،ۋەتىنىنى،ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى،ئېسىل ئۆرىپ-ئادىتىنى سۆيۈش ئۇنچىۋېلا كۈچلۈك بولمايدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا ئاۋال ئۆزىدىن،قەۋمىدىن ياتلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن غەيرى ئۆزلۈكتىكى مۇھەببەت-نەپرىتى نائىنىق بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
تەۋسىيەم شۇكى:مەن لۇشۇندەك شۇنداق دەيمەنكى: بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلايلى! بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدىكى ۋېرۇسلارنى تازىلايلى،ئۇنى ئەشۇ جاپالىق ئەمما ،خەيرلىك بولغان بىر سائەتلىك دەرسىىمىزدىن باشلايلى!
                               2014-يىلى 19-20-ئاپرېل
                                                      ئاقتۇ
.

0

تېما

1

دوست

414

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32072
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 17:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھۈرمەتلىك ئەنۋەرجان ئەپەندىم سىز بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق ، مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ياخشى قىپسىز. بىراق بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەنبەئەسىنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويماپسىز . دىمىكچى بولغىنىم ، مەسىلە ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ؟ئەگەر مەسىلە ئوقۇتقۇچىلاردا بولسا قانداق قىلىش كېرەك ، ئوقۇغۇچىلاردا بولسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ دېگەندەك سۇئاللار ئاساسىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسىڭىز ماقالىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 18:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركەز مۇنداق دىدى:  ئورتاق تىل -يېزىق مائارىپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي  يولغا قۇيۇش ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئازسانلىق مىللەتلەر تىل يېزىق سەۋيىسنى ئۆزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك....
ئازسانلىق مىللەتلەر ئاممىسغا چېتىلدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرى ۋە جىنايى مەسىللىرىنى مىللى مەسىلە قىلىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ..
مىللى رايۇنلاردا يۈز بەرگەن ئادەتتىكى زىدىيەت،ماجىرالارنى ئاددى ھالدا مىللى مەسلە قىلىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ..
كادىرلار قۇشۇننى كۈچەيتىپ ،ئازسانلىق كاردىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيلەپ يۈرەكلىك ئۆستۈرۈش،ئۇلار غا تولۇق ئىشنىش كېرەك دىدى...
قىسقاتىپ ئېلىندى

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 18:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى  مەركەزنىڭ يوليۇرقىنىڭ روھىغا ئاساسەن ،ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىناق تەرەققىسدە ئۇيغۇر تىل يېزىقى سەۋىيە سىناش ئىمتھانىسنى يولغا قويۇش كېرەكمۇ قانداق ؟
ھەرقايىسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بارلىق  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان باشقا مىللەتلەر مۇشۇ ئىمتىھاندىن ئۆتسە ئاندىن ئاندىن دىىپلوم بىرىلسە...
ئازسانلىق مىللەتلەر رايۇنىغا ئىشقا چۈشكەن خەنزۇ كادىرلارمۇ مۇشۇ ئۇيغۇرتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانسىدىن لاياقەتلىك بولسا ئاندىن ئىشقا چۈسسە...چالا بۇلا ئۆگنىپلا ئىشقا چۈشۈپ كەتمىسە...

0

تېما

0

دوست

1426

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25053
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 20:23:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئكەن .

1

تېما

0

دوست

83

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32988
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 21:04:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھۈرمەتلىك ئەنۋەرجان ئەپەندىم سىز بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق ، مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ياخشى قىپسىز. بىراق بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەنبەئەسىنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويماپسىز . دىمىكچى بولغىنىم ، مەسىلە ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ؟ئەگەر مەسىلە ئوقۇتقۇچىلاردا بولسا قانداق قىلىش كېرەك ، ئوقۇغۇچىلاردا بولسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ دېگەندەك سۇئاللار ئاساسىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسىڭىز ماقالىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن ،
بۇ ئىنكاسقا ئىزاھات:
رەھمەت! مەسىلىنىڭ مەنبەسى مېنىڭچە بىزگە ئايدىڭ،ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە تەڭ ئىزدىنىپ باقايلى.

0

تېما

0

دوست

75

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32964
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 21:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما بەك ياخشى بوپتۇ    ،  لىكىن مىنىڭ ئويلۇغۇنۇم بىزدە كىسەلنى تاپىدىغانلار كۆپ  داۋاسىنى تاپالايدىغانلار بەك ئازكەن . شۇڭا سىز كىسەلنى تاپالىغەن كەنسىز  چۇقۇم دورىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىتقىلىمە

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4434
توردىكى ۋاقتى: 1783
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 21:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a.s.koknur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-27 21:04
ھۈرمەتلىك ئەنۋەرجان ئەپەندىم سىز بۇ تېمىنى يوللاش  ...

  سىزگە ئايدىڭ بولغان بىلەن نۇرغۇنىغا ئايدىڭ ئەمەس، چىڭخۇا ئونۋىرستىتىنىڭ دىپلومىغا ئىگە تۇلۇقسىزنىمۇ پۈتتۈرمىگەن مائارىپ ئىدارسىنىڭ باشلىقلېرىدىن، ناھايتى ئاز ساندىكى خۇرۇچى كەملىكتە مەقسىدىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان پارازىتلاردىن،  ئىككى رومكا بىلەن جان باققىلى مۇئەللىم بۇلىۋالغانلاردىن باشقا يەنە  ئائىلە باشلىقلېرىنىڭ بالىلارغا كۈيىنىشىمۇ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلېرى چۈشەنمەيدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )