قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 26

كىتاب ئوقۇش يىلىنى قانداق كۈتۈۋالىمىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

1184

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    كىتاب ئوقۇش يىلى ھەققىدە يېڭى تەكلىپ  


   خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ساپاسىنىڭ كۈنسىرى ئۆسۈشى،ئەلسۆيەر كىشىلىرىمىزننڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىسىدا خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان تونۇشى چوڭقۇرلىشىپ ،كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۇنتۇلغان ئەنئەنە يېڭىباشتىن دولقۇنغا ئايلانماقتا .بۇنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە ئېلىنغان ئەڭ توغرا بىر قەدەم ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئەلۋەتتە . مۇشۇنداق بىر كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەر ساھە كىشىلىرىمىزگە ئوتلۇق تىلەكلىرىىمىزنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە رەببىمىزدىن تېنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە بەخت ،ئىشلىرىغا بەرىكەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمىز .
   يېقىندا باغداش مۇنبىرىدە 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتىش ھەققىدەتېمىلار يوللىنىپ تەكرار مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشنى بىر خىل ئىجتىمائى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش چاقىرىقى ھەر ساھە تور ئەھلى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى . ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققى قىلىشى ،گۈللىنىشى ،يۈكسىلىشى ،ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تارىخى تۆھپىلەرنى قوشۇشى ئاشۇ مىللەتنىڭ تەلىم -تەربىيەگە ،ئىلىم -مەرىپەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىشىگە باغلىق .
   ئەگەر بىر مىللەت ئىلىم -مەرىپەتسىز ،ئاڭ سەۋىيەسىزقالسابۇ مىللەتنى جاھالەت قاپلايدۇ ،مىللەت ئاستا ئاستا زەئىپلىشىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يوقىتىدۇ ياكى مىللەتلەر مۇزىيىدىن ئورۇن ئالىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ئاللاھ جاھالەت ۋە نادانلىق قاپلاپ كەتكەن قاراڭغۇ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن چاغدا تۇنجى ۋەھيىنى "ئوقۇ "بىلەن باشلىغان .كىشى ئوقۇغان،ئۆگەنگەن ۋە بىلىم ئاشۇرۇپ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان چاغدىلا توغرا يول تېپىپ ماڭالايدۇ .ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇپ خەلقىگە ۋەمىللىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ،ھەممىدىن مۇھىمى ياراتقان ئىگىسىنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇپ يېتەلەيدۇ . سائادەت ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ بىر قەدەم ئۈچۈن ۋە ئۇنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ كىتاب بىلەن ئوقۇرمەن خەلقىمنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ بۇ قىزغىنلىقنى تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ھەسسەقوشۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتەئويلىغانلىرىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغاسۇنماقچىمەن .
   نەچچە ۋاقىتتىن بېرى گەرچە نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ،مۇتەرجىم ،تەتقىقاتچى ئالىملىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن ئجتىھات مېۋىلىرى بولغان ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە سۇنۇپ ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنىكۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما خەلقىمىز ئىچىدە كىتاب ئوقۇيدىغانلار شۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قىممەتلىك كىتابلىرىمىزنىڭ ھەرقېتىملىق تىراژى تۆت بەش مىڭدىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق .تۆت بەش مىڭ تىراژنىڭ ئون مىليۇندىن ئوشۇق نوپۇسى بار بىر قەۋم ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ۋىجدانى تەپەككۇرىمىز بىلەن ئويلاپ باقساق بولىدۇ .دېمەككى ئوخشاش مەزگىلدە ھەر ئىككى مىڭ ئۇيغۇردىن ئاران بىر ئادەم كىتاب ئوقۇيدۇ دېگەن گەپ .بۇ نېمە دېگەن ئېچىنارلىق بىرئەھۋال .ھالبۇكى نوپۇسى بىز بىلەن تەڭلىشىپ كېتىدىغان يەھۇدى قەۋمىنىڭ يىللىق ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب سانى 64،بىز بىلەن قوشنا ھېسابلانغان ئورۇسلارنىڭ 55.يەنىمۇ ئىچكىرلىسەك يەھۇدىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككى مىڭ ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى 128000:1،بۇ نېمە دېگەن زور پەرق ھە !مەن بۇگەپلەرنى مىللىتىمنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە دېمەكچى ئەمەس ،ئەلۋەتتە مېنىڭ بۇنداق سېلىشتۇرۇشۇممۇ مۇۋاپىق بولماسلىقى ،بەلكىم ئەھۋال بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى بولىشى مۇمكىن .ئەمما مەيلى نېمىلا بولمىسۇن رېئاللىق ئاچچىق بولسىمۇ قوبۇل قىلماي ئامالىمىز يوق ،قايسىبىر ئورۇس ئەدىبىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا"مەن مىللىتىمنى كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ سۆيۈشنى ئۆگەنمىگەن ".
     قېنى بىزدە ئالىملارنىڭ قەدرى !؟يازغۇچى ئەدىبلەرنىڭ قەدرى ؟بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلالىدۇقمۇ؟ئۇدۇممۇ بىزگە ئالىم ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلماي قوتانغا سولاپ قويۇپ ،بىزنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەي داۋراڭ سېلىپ يۈرۈشلىرىمىز !؟دەل بىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى ئالىملىرىمىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىدە جان باققىلى بولىدىغان رېئاللىقىمىزدىن جۇدا تەمىناتلىق تېمىلارغا كىرىشمەكتە . بۇ ئەھۋالنى ھايەتتە زىيالىيلار بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە .
     مىسال ئالساق بۈيۈك ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ "مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم "ناملىق ئەسىرى ئالىم بىزدىن ئايرىلىپ بىر كەم يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئاندىن نەشىر قىلىنىشقا مۇيەسسەر بولدى!ئەگەر پىلانلايدىغان ،مەبلەغ سالىدىغان ئادەم بولسىدى بەلكىم بۇ قىممەتلىك مىراسلار بىز بىلەن بۇرۇنلا ھېچ بولمىغاندا بالدۇرراق يۈز كۆرۈشكەن بولاتتى . بۇ بىر يىلنى ئۇزۇتۇپ2015-يىلنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا تۇرۇپتىمىز .ئەلۋەتتە ھەمىشە يېڭى كەلدىلەرگەتەلپۈنۈش ئادىتىمىز بويىچە بالدۇر يولغا چىققان ئوي خىياللىرىمىزبىزگە بۇ يىلنى قانداقكۈتۈۋېلىش ھەققىدە ئاجايىپ ئېسىل مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ ھەممىمىزنى ئالەمچەشادلىققا چۆمدۈردى.
    كىتاب ئوقۇش يىلى ئويلىغانلىرىمنى ئوچۇق دەۋەرسەم ،ئەگەر بۇ چاقىرىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە 2015-يىلى ئەگەر1 -ئايدا ساۋاتلىق ھەر بىر ئۇيغۇر بىردىن كىتاب سېتىۋالسا كىتابلار تالاشتا قېلىپ ،كىتابخانىلارقۇرۇقدىلىپ قالغان بولاتتى .بۇنىڭغا ئەگىشىپ نادىر كىتابلارغا مەبلەغ سالىدىغانلاركۆپىيىپ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى گۈللىنىپ نۇرغۇن قولايلىقلارغا ئېرىشكەن ، كۆمۈلۈپ قالغان" تالانتلىق "كىتابلارنى بايقىغان بولاتتۇق.ئالىم ئەدىبلىرىمىزنىڭ قان تەرىمۇ بىكارغا ئاقمىغان ،كىتابلارنىڭ تەننەرخىمۇ زوردەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولاتتى . ئەڭ مۇھىمى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتقان ،ئۆزىمىز ۋە دۇنيانى چۈشىنىپ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن، قاخشىراپ كەتكەن تەپەككۇرلىرىمىزنى ياشنىتىپ بىھېساب چىگىش سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىققان بولاتتۇق. كىتاب ئوقۇشىمىزكېرەك ! "ئوقۇ "دېگەن خىتاب تەكچىدە ئىجابەتسىز،شانلىق مىراسلىرىمىزۋارىسسىز ،قىممەتلىك تەئەللۇقاتلىرىمىز ئىگىسىز ھەم قىممەتسىز قالماسلىقى كېرەك . "كېرەك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق ".ھەربىرىمىز كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەمەلگە ئازراقلا مەسئۇلىيەت نەزىرىمىز بىلەن قاراپ ئايدا بېرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇغىنىمىزدا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيتتى لېكىن كۆزلىرىمىز ئېچىلىپ ،نەزەر دائىرلىرىمىز كېڭىيىپ قالغان بولاتتى .
     سىز ۋەمېنىڭ ۋەزىپەم ئەتىگەن ،كەچتە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت ئاجرىتىپ كىتاب ئالدىدا ئولتۇرۇش خالاس . ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم بىز يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۆز -ئارا كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق "كىتاب ئوقۇش يىلى "نىڭ كىرگەنلىكىنى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ ھەممە كىتاب ئوقۇيدىغان ئىلمى كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ 2015-يىلىنى ھەقىقى مەنىگەئىگە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشساق. ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىش ئەسلىمۇ ئىسلام دىنىمىز تەرغىپ قىلغان مۇھىم ئەمەللەرنىڭ بېرى .دوستۇق ،قېرىنداشلىق مېھرىمىز شۇكىتابلاردىكى جاۋاھىراتلار ئارقىلىق كۈچەيتىلسە نېمە دېگەن ياخشى ھە !
      يېڭى بىر يىلدا بىزنىڭ شۇئارىمىز :(2015 كىتاب ئۇيغۇر ) بولسۇن بۇ چاقىرىقنى قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم ئالدى بىلەن مۇنبەردە بۇ ئىشنى ئورۇنلىماقچى .يەنى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ مېنى قوللىغان دەسلەپكى ئىككى مۇنبەرداشقا ئالىم ئەسئەت سۇلايماننىڭ "ئۆزلۈك ۋە كىملىك "ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن "شېرىن بۇلاق "ناملىق ئىككى كىتابنى بىردىن ھەدىيە قىلماقچىمەن.ھەدىيەنى 1-1كۈنى ئاللاھ خالىسا يەتكۈزۈپ بېرىمەن .شەرتىم :1-كىتابخانا خوجايىنى بولماسلىقى2-سېتىۋەتمەسلىكى كېرەك ،باشقىلارغا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئالدى بىلەن بىز ئىستۇدېنتلارئارىسىدىن باشلىنىشىنى،ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىشىنى ،شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشى ئۈچۈن تەشۋىق قىلىشىپ بېرىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن .ئۇنىڭدىن سىرت تەتىل مەزگىلىدە " ئۆزلۈكۋەكىملىك"دېگەن بۇ ئەسەرنى ئۈرۈمچى رايونىغا قىرىق يۈەندىن ،يوللانمائارقىلىق ئۆز باھاسى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىپ بۇنى ئۆزۈمنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلىمنىڭ مۇقەددىمىسى قىلماقچىمەن. ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرى:13239809083

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

9

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3744
تۆھپە : 2833
توردىكى ۋاقتى: 517
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۇم .ئاللاھ خالىسا 2015 -يىلى ئۇيغۇر كىتاپ يىلى ئىكەنلىكىنى ئەتراپىمدىكى بارلىق قەۋمى قېرىنداشلىرىمغا  يەتكۈزىمەن .يىققىن بۇرادەرلىرىمگە كىتاپ سوۋغا قىلىمەن .ئازدىگەندە 15 پارچە كىتاپتىن كۆپ كىتاپ ئوقۇيمەن .
   2015ئۇيغۇركىتاپ يىلىنى ھەممە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خەۋەر تاپسۇن .ئەمەل قىلسۇن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

478

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17183
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، مۇشۇنداق بىر دولقۇننىڭ شەكىللىنىشىگە ھەممىمىزنىڭ كۈچىشىگە توغرا كىلىدۇ. كۈچ بىرلىكتە -ئىش ئۆملۈكتە ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن

18

تېما

4

دوست

4607

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1420
توردىكى ۋاقتى: 376
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىمۇ 7 پارچە كىتاپ سېتۋالىدىم ، ئاللا خالسا 2015-يىلى 25-30 پارچىغا يېقىن كىتاپ ئوقۇشىنى پىلانلىدىم ،  ھەم مەنىمۇ دوسلىرىغا كىتاپ سوۋىغا قىلشىنى باشلدىم .
2015-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى ئىكەنلىكىنى بارلىق قېرنداشلارغا يەتكۈزەيىلى .

15

تېما

0

دوست

1193

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 199
تۆھپە : 239
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makit يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 13:34
مەنىمۇ 7 پارچە كىتاپ سېتۋالىدىم ، ئاللا خالسا 2015-يىلى 25- ...

مەن سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم ، ئۆزۈم كىتاپ ئوقۇشقا بەكمۇ ھېرىسمەن ، ئەمما داۋاملىق كىتاپ سېتىۋېلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ «شېرىن بۇلاق ›› ، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› قاتارلىق بۇ ئىككى كىتاپنى سېتىۋالدىم ، سىزنىڭ ئېسىل كىتاۋىڭىزدىن يەنە بىرنى ئوقۇسام ، ماڭا تەۋسىيە قىلسىڭىز دىمەكچىمەن ،بولامدۇ ؟ 15022883346

3

تېما

2

دوست

1184

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،مۇنبەرداشلىرىم .مەن  پەقەت ئۆزىمىزگە بولغان سۆيگۈمىزنى كونكىرت ئىپادىلەشكە تىرىشساق دېگەن ئۈمىدتە.ئۇيغۇر ئىزلارى ۋە ئۇيتاغ قېرىندىشىم.ئاددى كۆرمەي كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىڭلار ھە .

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33002
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەجەپ ياخشى بىر تەكلىپ بوپتۇ !   تىمىڭىزدىن سۈيۈنۈپ قالدىم  .     ئىنشائاللاھ بۇ 2015ـ يىلىغا يېڭىچە بىر قىياپات، يېڭىچە ئىدىيە ، يېڭىچە روھلار بىلەن كىرىشىمىزگە سەۋەپ بولغۇسى !!   

3

تېما

2

دوست

1184

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xota يوللىغان ۋاقتى  2014-12-28 13:50
مەن سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم ، ئۆزۈم ...

بولىدۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )