قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5277|ئىنكاس: 100

تۈركىيە تەسىراتلىرىم (13) پولات ئالەمدار بىلەن ئۇچرىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

17

دوست

3055

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1058
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 12:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پولات ئالەمدار بىلەن دىماق قېقىشىش
( ئەدەبىي خاتىرە)

   ھاياتىمدا سەنئەت خۇمارلىقىمىزدىن ھېچ پەخىرلىنىپ باقمىدىم، ھەتتا ئۆزۈمنى زورلاپ باقساممۇ؛ بولمىسا ناخشا مۇزىكىدىن ئوبدانلا ھوزۇر ئالىمەن، توي-تۆكۈنلەردە ئۇسۇل-تانسىلاردىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالمايمەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئېسىل-ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىغىنىمدا قاتتىق چاۋاك چالغان مەزگىلىم بولدى-يۇ، لېكىن " ئالامەت مىللەت -ھە بىز" دەيدىغان تۇيغۇ بولۇپ باقمىدى. تېخى بەزىدە ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تەڭلا سورۇنغا چۈشۈپ يېرىمى دىسكوغا مايىل كوللېكتىپ ئۇسۇل ئوينىغىنىنى كۆرسەم بىلىپ-بىلمەي ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى قاپلايدۇ ۋۇجۇدۇمنى، خۇددى بېلىنىڭ سۆڭىكى يوق بىر ئەۋلاد ئارقىمىزدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقاندەك. مەندىكى بۇ ھال " بىزدىن لوتۇن چىقتى، نىچىن نيۇتون چىقمىدى" دېگەندەك قاخشاشلار سەۋەبىدىن ئەمەس، " سەنئەت بايلىقىمىز، بارلىقىمىز ئەمەس" دېيىلگەندەك مىللىي ئاگاھلاندۇرۇشلاردىنمۇ ئەمەس، مەنچە بۇ پەقەت بىر مىجەز مەسىلىسى. مىجەزدىن دېيىشىم تۈركىيەگە كېلىپمۇ سەنئەتكارلار بىلەن "ئارام" ياخشى بولمىدى، يەنى مەن ئىنتىلگەن، ھەۋەس قىلغان بىر سەنئەتچى بولۇپ باقمىدى. بولمىسا دۆلەت ئەربابلىرىدىن، تەنھەركەتچىلەردىن مودا تىل بويىچە ئېيتقاندا چوقۇنغانلىرىم بار. مەسىلەن سۇلايمان دېمىرالنىڭ بىغەملىكى(تەمكىنلىكى) مەسئۇت يىلمازنىڭ بەدەن تىلى، ئەردوغاننىڭ ناتىقلىقى، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۆكسىمەس تەبەسسۇمى مېنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان ئالاھىدىكلىكەر؛ تەنھەركەتچىلەردىن ئاردا تۇراننىڭ پاسچىلىقى،  ئوكتاي دەرىچئوغلىنىڭ ئالدامچىلىقىمۇ مۇشۇ قاتاردا. ئەمما-زە سەنئەتكارلارغا كەلگەندە كىنوچىسىدىن تارتىپ مۇزىكىسىچىغىچە قىززىقىشىمنى تارتقانلار بولمىدى، تېخى قىززىقماسلىقتىن ھالقىپ مازاق قىلىپ قويۇدىغان ۋاقلىرىممۇ بار : " تۈركىيە دېگەن ئاياللار مەيدىسىنى ئېچىۋەتسىلا ئەرتىس بولۇپ قالىدىغان يەر" دېگەندەك.
     بىر كۈنى بىر تويدا  پولات ئالەمدار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولۇپ قالدى، بۇنى پۇرسەت دېيىشىممۇ ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى نام-شەرىپىنىڭ يۈزىسىدىن، ھەرگىز قىززىقىشىمدىن ئەمەس. تويى بولغان قېرىندىشىمىز بىر كىنو شىركىتىدە ئارقا سەپ ئىشىنى قىلغاچقا، پولات ئالەمدار بىلەن تونۇشىدىكەن، پولات خىزمەتداشلىق يۈز خاتىرىسىدىن بۇ تويغا بېشىنى تىقىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشنى توغرا كۆرۈپتۇ، بۇمۇ بىر ئاي بۇرۇن بىلدۈرۈلۈش ۋە تەلەپ قىلىنىش نەتىجىسىدە. ئۇ توي زالىغا كىرمەي تۇرۇپلا زالنىڭ ئىچى ئۆرە-تۆپە بولۇپ كەلدى،  ئەتراپىمدىكى " كەلدى، كەلدى" دېگەن ھاياجانلىق ئاۋازلاردىن كېيىن پولات زالغا كىرىپ كەلدى. مېڭىشى ۋە بېقىشلىرى دەل شۇ كىنودىكىدەك، بۇ ھال مېنىڭلا ئەمەس، مەن بىلەن تويغا كەلگەن ئىككى دوستۇمنىڭمۇ مىجەزىنى قوداڭشىتتى،  " ھەيۋە كۆرسەتمىسە بولمامدىغاندۇ بۇ ئاداش" دېيىشتۇق بىر- بىرىمىزگە. زالدىكى مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى، بىز ئۈچىمىزلا ئۆز پارىڭىمىز بىلەن بولۇپ ئورنىمىزدىن تۇرمىدۇق، بىر چاغدا پولات ئالەمدار قەدەم يۈنىلىشىنى سەھنە تەرەپتىن  بىز تەرەپكە بۇرىدى، ئەلۋەتتە قەدەمدە بىر ئالدىنى توسۇپ ياكى ياندىشىپ رەسىمگە چۈشكىچىلەر غىققىدە. تېلېفونۇم بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرسام جەينەكلەندىم، بېشىمنى كۆتۈرسەم پولات بىزنىڭ ئۈستەلدە ھازىر، كېچىككەن بولساممۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ قولۇمنى سۇندۇم، كۆرۈشتۇق، ئەمما رەسىمگە چۈشىۋاتقانلار ئارىسىغا قىستالمىدىم، قايتا تېلېفونۇمغا يۈزلىنىپ  بايا ئالالماي قالغان تېلېفونغا باغلاندىم، مېنى جەينەكلىگەن بايىقى ئىككى دوستۇم پولاتنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ " گەل قاردەش" دېگەن ئىلتىپاتىنىڭ يۈز خاتىرىسىدىن رەسىمگە جور بولدى، ئەمما ئۇلارمۇ بۇ ئىلتىپاتتىن بەك ئىپتىخارلىنىپ كەتمىگەن  ئىدى. ئۈچەيلەننىڭ -ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ - پولات ئالەمدارغا قارىتا بۇ سۇسلۇقى پولات ۋە ھەمراھلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى. بۇ ھال  پىسخولوگىك نۇقتىدىن ئىنتايىن چۈشىنىشلىك، چۈنكى نورمال بىر ئىنسان ئۈچۈن بىر سورۇنغا كىرگىنىدە كىم ئۇنى قارشى ئالسا، قىزغىن كۈتىۋالسا شۇ  ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئېسىدە قالىدۇ، ئەمما بىر چولپان ئۈچۈن ئېيتقاندا كىم قارشى ئالمىسا، پەرۋا قىلمىسا شۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىر چاغدا پولاتنىڭ ھەمراھلىرىدىن بىرى يېنىمىدا پەيدا بولدى ۋە تونۇشۇشتىن كېيىنكى مۇڭدىشىش باسقۇچىدا مەندىن سورىدى:
  --- سىلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق كىنو چولپانىڭلار كىم؟
  --- بىزدە كىنو چولپانى ئەمەس، تېخى كىنو يوق---دېدىممەن كېسىپلا. ئەگەر " ئانارخان"چۇ دەپ سوراپ قالغان  بولسا، گەپ ئۇزىراپ كېتەتتى، ياخشى، ئۇنداق دېمىدى.
  --- ناخشا -ئۇسۇل چولپانلىرىچۇ؟
---  بار، يېتەرلىك ۋە مۆھتىرەم.
"مۆھتىرەم" دېگەن سۆزۈمدىن ئەجەپلىنىۋېدى، دەرھال ئىزاھات بېرىپ قويدۇم . ئارقىدىن ئۇ نېرىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ۋە پات-پات بىزگە كۆز تاشلاپ قويۇۋاتقان پولات ئالەمدارنى كۆرسىتىپ سورىدى:
--- ئۇ ساقاللىق كىشىنى بىلەمسىز؟
--- بىلىمەن.
--- كىم؟
--- پولات ئالەمدار.
  مېنىڭ بۇ تەئەججۈبسىز ۋە ھاياجانسىز جاۋاپلىرىم، بۇ كىشىنىڭ ئىچىنى سىقتى بولغاي:
--- ياپمايا! --- دېگىنىچە تىزىنى شاپىلاقلاپ يان تەرەپكە يۈزىنى ئۆرىدى. بىلىشمچە  " Yapma-ya!"  دېگىنى ئادەتتە بىر ئىشتىن ئەجەپلەنگەن ياكى شۇ ئىش دىتىغا ياقمىغاندا قوللىنىلىدىغان بىر ئىملىق سۆز. دېمەك،  ئۇ تا شۇ دەقىقىغىچە، بىزنى، جۈملىدىن مېنى پولاتنى تونىمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق سۇس مۇئامىلىدە بولۇپ قالدى دەپ ئويلىغان گەپ. بۇ دەقىقىدىكى "ياپمايا"نىڭ ھېسسىيات تەرجىمىسى " بىلىپ تۇرۇپ پەرۋا قىلماپسەن، ئەدەپسىزلىك ئەمەسمۇ؟" دېگەنگە ماڭاتتى، قەشقەرچىسىگە " سەن كىمتاڭاۋا" غىمۇ ياتاتتى. مەن بىھۇدىدىن بىھۇدە باشقىلارنى جىلە قىلماسلىق ئۈچۈن، پولات ئالەمدارنىڭ دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە روھ ۋە ئۈمىد بېرىۋاتقانلىقىدەك تۆھپىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم. يېنىمدىكى مېھماننىڭ يەنى پولاتنىڭ ھەمراھىنىڭ چىرايى دەرھال ئېچىلدى، ئۇ پولاتنىڭ غايىلىرى ۋە كەلگۈسى پلانلىرىنى بىر ئۇيغۇرنىڭ قۇلىقىغا خوشياقارلىق مەزمۇندا چۈشەندۈردى. مەن يەنە بىراز مۇڭداشقاندىن كېيىن، مېھمانغا راست گەپنى قىلدىم. يەنى پولات ئالەمدارغا ھۆرمىتىم بارلىقى، ئەمما ئۇنىڭغا چوقۇنمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم .......................
ئۇ  مېنىڭدىن ئۆرۈلۈپ،  ئىككى  دوستۇم بىلەن مۇڭدىشىشقا ئۆتتى ۋە بىرازدىن كېيىن بىز بىلەن ئەدەپ بىلەن خوشلۇشۇپ،  ئۆز ئۈستىلىگە -پولاتنىڭ يېنىغا كەتتى. كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا يىراقتىن كۆزىتىپ تۇردۇم، ئۇ مېھمان پولات بىلەن قۇلاق يېقىشىپ خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتى.
پولاتنىڭ باش تىقىپ قويۇش مۆھلىتىمۇ تولۇپ قالغان چېغى، توي رىياسەتچىسى ئۇنى سۆزگە دەۋەت قىلدى. پولات ئىككى ياشنىڭ تويىنى تەبرىكلىۋەتكەندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە قىسقا بىر نۇتۇق سۆزلىدى، ۋە سۆزىدە بىزنى ئازراق تەرىپلەپ ئۆتتى .
  پولات ئەلەمدار ماڭار چېغىدا بىز قايتا قۇچاقلاشتۇق .ئۇ بىزگە مانا ئەمدىكى قۇچاقلىشىڭلاردىن مەن رەسمىي ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، دېمەككى Sonucta siz de  Insansiniz!(ئاخىرقى ھېساپتا سىلەرمۇ ئىنسان)
يەنى ئاخىرقى سۆزىدە ھەم سەمىمىيلىك ھەم يۇمشاق بىر تەنقىدمۇ بار ئىدى، يەنى دېمەكچىكى، كىنولىرىم بىلەن تەسىر قىلالمىغان ئىكەنمەن، سەھنىدە ئىككى ئېغىز ماختاپ قويسام، ئېرىدىڭلار، ئالدىمغا كەلدىڭلار ،  دېمەك، مەيلى تاغدىن چۈشكەن بولۇڭلار، باغدىن چىققان بولۇڭلار، ئىنسانىي ئاجىزلىقلاردىن سەن خەقمۇ خالى ئەمەس.
  شۇنداق قىلىپ پولات ئالەمدار بىلەن ئۇچرىشىشىمىز، ئەنە شۇنداق دىماق قېقىشىش بىلەن باشلىنىپ چاقچاق بىلەن ئاخىرلاشتى.

0

تېما

1

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32777
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىل، ئېسىل ھېكايە، ئېسىل دەرس. تولىمۇ قىزىقارلىق يېزىلىپتۇ، ئاپتورغا رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇركىيەدە توينى قانداق ئوتكۇزىدىكەن، تەپسىلىيرەك يازسىڭىز ياخشى بولاتتى .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا  سۇلايمان دېمىرال،ئاردا تۇران،مەسئۇت يىلماز، ئوكتاي دەرىچئوغلى قاتارلىقلارنىڭ
رەسىمى بولسا قىلغان ئىشلىرىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىپ قالساق؟

0

تېما

0

دوست

1472

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27394
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ، ئىسمايىلغا شۇنچە قىلغان بۇ خەق ،مەن پولات ئەلەمدارغا نىمانچە پەرۋاسىزدۇ دەپ قاپتۇدە.

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە دە ،ئەرەب دىيارلىرىدا توي-تۆكۈن ،ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرى قانداق ؟

0

تېما

1

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32777
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 12:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوكتاي دەرەجىئوگلۇ ئەمەس، ئوكتاي دەرەلىئوگلۇ ، ئاپتور ئۇنتۇلدى بولغاي:&imgrefurl=http://www.izlesene.com/video/oktay-derelioglu-etoo-hakikaten-bitmisti/7494020&h=187&w=252&tbnid=PffqMvdgmqe7AM:&zoom=1&tbnh=148&tbnw=200&usg=__wxkdDg7uPrivppAduUD4JLB2XPM=&docid=K4-h0jE5NjSMUM&itg=1&ved=0CIQBEMo3&ei=DdqgVNj5HYuRyQSB74KgAw
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )