قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 595|ئىنكاس: 4

2015-يىللىق كىتاپ ئۇقۇش پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33005
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 18:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش پىلانى


     كىتاب ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە يېزىۋېتىپ بىردىنلا قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن 2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش پىلانى يوللاپ قويۇش ئېسىمگە كەلدى. بۇ كىتابلار ئەتراپىمزدىن تېپىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىدا چىققان قانۇنلۇق كىتابلاردۇر. بەزىلىرى شىنىخۇا  كىتابخانسىدا بولمىسا، خۇسۇسىي كىتابخانىلاردا ياكى  كۇتۈپخانىلاردا تېپىلىدۇ.
         كىتاب ئوقۇشتىمۇ پىلان بولۇشى كېرەك. ئەمما، ھەر كىمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم ھەممە ئادەم ئوقۇشقا تېگىشلىك ،بىزگە ئەقىل ئۆگىتىدىغان، ئادىمىيلىك تەربىيىسى ياكى ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدىغان كىتابلاردۇر.بەزى كىتابلار ئەڭ مۇھىم بولغان ئۆزىمىزنى تونۇش مەسىلىسىدە بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
      كىتابلارنى تاللاشىتىكى مېتودىم مۇنداق قانۇنلۇق چىققان بولۇش؛ كۆپىنىچە ئاكتىپ ئوقۇرمەن داڭلىق رومانلىرىمزىنى ۋە باشقا  ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغىنى ئۈچۈن، ھەم ئەدىبىلرىمىز ئارىسىدا مېنىڭكىنى تىزماپتۇ دەپ كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدا چىققان ، ھايات ئۇيغۇر ئاپتور يازغان ئەسەرلىرىنى تىزماسلىق(ئەمما دۇنياۋىي كلاسسىك رومانلارنى تىزىش)؛ئەمما، بىر قىسىم تارىخي شەخسلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاپتورى ئۆلۈپ كەتكەن بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تىزىش؛ تەپەككۇر قوزىتالايدىغان، ئەقىل ئاتا قىلىدىغان، كونا بىلىملەرنى يېڭىلايدىغان، بەختلىك ياشىشمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان بولۇش؛ مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇش ئۆمۈرلۈك ھەم زۆرۈر ئىش بولغاچقا، ئۇ كىتابلارنى بۇ يەردە باشقا كىتاب بىلەن تىزىپ يۈرمەسلىك؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگنىپ  شۇنىڭغا  باراۋەر سەۋىيىگە يەتكەن  قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇش زېرىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئايدا ئۆزىمىزنى تونۇتىدىغان بىر كىتاب، تەپەككۇر كۈچەيتىدىغان بىر كىتاب، ئېستېتىك بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدىغان بىر كىتاب ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن يەنە بىر كىتابنى گۇرۇپپلاپ ئوقۇش؛
       بەزىلەر جىقكەن دەپ قالسا ئۆزى ئازايتىپ ئېيىغا ئىككىدىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ھازىرقى ئوقۇرمەن كىرزىسى بىزدە بەك ئېغىر بولغاچقا، ئايدا كەم دېگەندە ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇمىساق بولمايدۇ.  شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، بۇ پەقەت مېنڭ تەكىلىپ لاھىيەرىم. باشقىلارنىڭ 12 ئايلىق كىتاپ پىلانى باشقىچە بولسا تۈزۈپ باقسا بولىدۇ. بەك سەۋىيەلىك كىتاب ئوقۇيدىغانلار بولسا ۋە ياكى بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ بولغانلار بولسا باشقا كىتابلارغا مۇراجىئەت قلىپ ئۆز ئالدىغا تىزىملىك تۈزسە بولىدۇ. لېكىن، كىتابنى 2015-يىلدىن باشلاپ پىلانلىق ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى. يەنەدەيمەنكى، پىلانلىق ئادەم پىلانسىز ئادەمدىن بەكرەك يىراققا ئۇزايدۇ.
    كىتابخانلارنىڭ ئوقۇشىقا  ئاسان كىرىۋېلىشى ئۈچۈن تەسراق كىتابلار ئاخىرقى ئايغا تىزىلدى، ئوقۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيىغا بىردىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق كىتابى تەۋسىيە قىلىندى.
         گۇرۇپپلاپ چېتىپ ئوقۇش لايېھەسى: 2015-يىللىق كىتاب ئوقۇش پىلانى(قانۇنلۇق   چىققان كىتابلار)
يانۋاردا
       1. ياخشلار باغچىسى؛ 2 .مەمەت ئاۋاق(قايتا ئوقۇيلى)؛ 3. ئىنسانىيەت جەمئيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر؛ 4.  قەلب خەرىتىسى.
فېۋرالدا
        1. شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ؛ (2) ئۆكسۈش(كەرىمە نادىر)؛ 3. غەربنىڭ تەپەككۇرى؛ 4. مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم؟
مارتتا
       1. مۇھەممەت ئەلەيھسالامنىڭ تەرجىمھالى؛2 مېنىڭ ئېتىم قىزىل ؛3.  ئوشو پەلسەپىسى؛ 4.  تەپەكۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش؛
ئاپرېلدا
      1. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى؛ 2. يۈز يىل غېرىبلىق؛ 3. مۇتەپپەككۇرلار ساداسى؛ 4. قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ؛ئۈنۈمدار ئادەمنىڭ7ئادىتى
مايدا
     1. ھىدايەت گۈلزارى(بىرىنچى قىسىم)؛ 2. ئاننا كارېنا؛ .3. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى؛ 4. ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى؛
ئيۇندا
1. ھىدايەت گۈلزارى(2-قىسىم) 2. تىرىلىش؛ 3. سىياسىنىڭ رەزىللىكى؛ 4. سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز؛
ئيۇلدا
  1. ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى(ئىككى قىسىم)؛ 2. لەۋدىن قەلبكە؛ 3. زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ؛ 4مەن كەچكەن كېچىكلەر؛
ئاۋغۇستتا
  1. ھەدىس شەرفتىن ئۈنچە-مارجانلار؛ 2.ئاتىلار ۋە بالىلار (تۇرگېنېف) 3.  نىتزى ھېكمەتلىرى(ئابلەت بەرقى تەرجىمىسى)؛ 4. تارىخي رەشىدىي
سېنتەبىردە
  1. ئىسلامنىڭ سۈبھى ۋە ياشلىق دەۋرى؛ 2.جىنايەت ۋە جازا؛ 3. سوفىيەنىڭ دۇنياسى؛ 4. قاراخانىلار تارىخى(ھاجى نۇر ھاجى)
ئۆكتەبىردە
   1. ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە؛ 2. ئوۋچى خاتىرىلىرى؛ 3. ھاياتقا  تەمسل، قىسمەتكە ئاچقۇچ؛ 4. بالدۇر ئويغانغان ئادەم(شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110يىلى)
نويابىردا
1. مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق يولى؛ 2. ھالاكەت(تاگور)؛ 3. ئەپلاتون پاراڭلىرى؛ 4. ئۇيغۇر ئېتنوگرافيىسى.
دېكابىردا
1. ئسلام پەلسەپە تارىخى؛ 2. ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن؛ 3. ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلرىدىن ئۆرنەكلەر؛  4. قىيادىكى ئوۋچىنىڭ زارى

  بۇ يەردە ھېچكىم ھېكچكىمگە قېلىىپ بېكىتىپ بېرىۋاتقىنى يوق. باشقىلار ئۆزىنىڭ ئايرىم مېتودى بويىچە باشقا لايېھەنى ئوتتۇرىغا قويسا (ئۇنىۋېرساللىقنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا)مۇ بولىدۇ.
  كىتاب ئوقۇشتا ئىكى-ئۈچ دوست گۇرۇپپا بولۇپ ھەپتىدە بىر يىغىلىىپ مۇھاكىمە قىلىش، خاتىرە قالدۇرۇش، كۆكلەپ ئوقۇش بىلەن ئىنچىكە ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈش، كۆرسەتكۈچ كارتا تۇتۇش، مۇئەييەن تېمىنى بويلاپ ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئۆزىمىز خالىغاننى تاللساق بولىدۇ.كىتاب ئوقۇماي تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ رودىپايلىقىنى سەزمەيمىز.
      كىتابنى يالغاندىن  ئوقۇغان قىياپەتكە كرىۋالمايلى. رەسمىي ئوقۇيلى.زىندان كاللىلارغا ھۇجۇم قىلايلى.
بولمىسا يەنە شوئارۋازغا ئايلىنىمىز. بۇ كىتابلارنى ئوقۇغانلار باشقا كىتابلارنى ئورنىغا سەپلىسە بولىدۇ.
بۇ بىر تەكلىپ، خالاس.
10يىللاپ بېسىپ كىتاپ ئۇقىغان ئادەم دۇنياغا خوجا بۇلۇدۇ_____ئالىبابا گۇرۇھى  مايۈن
بۇ بىر تەكلىپ، خالاس.

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 23:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تەكلىپ بوپتۇ . ئۆيدىكى پىلان تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دىگەندەك ئىش بوپ قالمىسىلا بولاتتى.  ئىشلىرىمىز ئاسان بولغاي...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2548

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 00:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پىلانكەن، ئونىۋىرسال ، ئامەلىيەتچىل بوپتۇ.

1

تېما

5

دوست

1955

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   95.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 12:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىلاننى سىز تۈزدىڭىزمۇ؟   زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ تىمىسىغۇ بۇ؟!

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33041
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 16:37:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار بارلىق تور ئەھلى كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2015-يىللىق  يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! كەمىنە بىر مەكتەپتە ئاددى بىر ئوقۇتقۇچىدۇرمەن ،بىز يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى گورۇپىلار بىردىن ئىككىگىچە نومۇرئەپچىقماقچىدۇق  لېكىن بىزنىڭ گورۇپىدا ئادەم بەك ئاز ئىككى خانىم ئاغرىپ قالغانلىقتىن بىزگە بەك تەس بولدى ئەسلى مەن ئۆزەملا   ل.مۇتەللىپنىڭ  «يىللارغا جاۋاپ» دىگەن شېئېرنى ئىجرا قىلىشنى ئويلاشقان لىكىن بۇ بولمىغۇدەك چۈنكى بۇنىڭ مەزمۇنى ۋە باشقا جەھەتلەردىن بەك ياخشى بولسىمۇ باشقا يېڭىلىق يوق بوپ قالغۇدەك شۇڭا مۇشۇ جەھەتتىن بىر ياردەم سوراپ تۇرۇپتىمەن كەڭ دوستلارنىڭ يول كۆررسىتىشىنى ھەم شۇنداقلا ياردەم بېرىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن رەخمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )