قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1115|ئىنكاس: 12

[نىيازى] ئوقۇش پۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

558

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32469
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-28 23:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش پۇلى

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

  - جېنىم ئاپا بولدى مەن ئوقۇمايچۇ؟!  
   - چىداپ تۇرغىن بالام، داداڭ ھەل قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتتى ھازىر، كەچكىچە ھەل بولۇپ قالسا ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ تاپشۇرۇپ تۇرغىن، بولمىسا دەرسىڭدىن قالىسەن.
    تۈن قاراڭغۇسى خۇددى مەندەك بىقۇۋۇل بەندىسىنى ئۆز قوينىغا شۇڭغۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىدىغاندەك سۈرلۈك ئىدى. يۇلتۇزسىز بۇ كېچىدە، ئۈمىد يۇلتۇزىغا تەلمۈرگىنىمنى كىممۇ چۈشىنەر؟
   دادامنى ساقلاپ دەرۋازىسىمۇ يوق سوقما تام بىلەن قورشالغان شۇ كېسەك ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرماقتىمەن. مانا تۈن نىسپى بوپمۇ قالدى، كۆزلىرىم باياتىندىن بېرى يىغلاپ ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى، لېكىن دادامنىڭ قارىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇيقۇ كەلمەيتتى.
     بۈگۈن كۈندۈزى يۈز بەرگەن شۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىقتىن ئۆرتەنمەكتە، بۇ ئەھۋال ماڭا نىسبەتەن تۇنجى قېتىملىق ئەمەس، ھەر مەۋسۇم ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى ئىككى ئايدا مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ. نېمە ئىش دەمسىز؟ ئېيتاي دېسەم يۈرەك ئاغرىيدۇ، ئېيتمىسام بۇ كىچىككىنە قەلبىم دەردكە چىدىمايدۇ...
    - ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولدى مانا، سەنلا قالدىڭ، ھەر يىلى شۇنداق قىلامسەن؟ ئاتا-ئاناڭ قەيەردىن بولمىسۇن تېپىپ كەلسۇن، بولمىسا مەكتەپكە كەلمە!- سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى تولا ئاڭلاپ تولا قىزىرىپ تاتىرىپ يىغلاپ كۆنۈپ كەتتىم. لېكىن ئەتىسى ئۆگۈنى يەنە ئوخشاش قۇرۇق قول مەكتەپكە كېلىمەن، مانا باشلانغۇچ ئالتىنچى يىللىققا چىقتىم، ئوقۇش باشلانغىلى ئىككى ئاي بولدى، كىتاب پۇلى تاپشۇرمىغانلىقتىن ماڭا تېخى كىتاب تەگمىدى، پارتىدىشىمنىڭ كىتابىنى كۆرۈپ ئولتۇرىمەن، مېنىڭمۇ يېڭى كىتابلىرىم بولسا، چىرايلىق تاشلىق بىلەن تاشلىۋالسام، ئىسمىمنى دادامنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇپ چىرايلىق يېزىۋالسام دەپ ئويلايمەن. . . ئەپسۇس ، ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرىدىغانغا شۇ پۇل يوق، مانا بۈگۈن يەنە مېنى سىنىپقا كىرگۈزمىدى، مەن سىنىپتىن چىققان پېتى ئۆيگە قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم، بىراق، ئۆيگە قايتىپ كەلسەم دادام ئاپامنىڭ ئىچى يەنە ئېچىشىدۇ... ئۇنىڭدىن كۆرە، ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ تۈنۈگۈن ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن دەرسنى ئەسلەپ ۋاقىت ئۆتكۈزەي... يىراقتىن مەكتەپ قورۇسىغا نەزەر سالاتتىم، مانا ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشتى، تەنەپپۇس ئارىلىقىدا بالىلار گىمناستىكا ئويناۋاتىدۇ... مەنمۇ ئىختىيارسىز ئېتىز يولىدىلا گىمناستىكا ئويناپ كەتتىم...  راستىنلا شۇنداق مەكتەپ قوينىدا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوقۇغۇم بار... ئۇلار بىلەن تەڭ رىقابەتلىشىپ ھېساب ئىشلىگۈم ، قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ  ، " مالىم، مالىم،،، مەن دوسكىغا چىقايچۇ...." دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى...
    سائەت قانچە بولغاندۇ؟ ئۆيدىكى سائەتنىڭ باتارىيەسى تۈگەپ كېتىپتىكەن، يا قانچە بولغىنىنى بىلگىلى بولمىغان، ئىشقىلىپ ئايدىڭ كېچىدە يۇلتۇزلارغا قاراپ ئولتۇرماقتىمەن، قانچە ئەسلىگەنسېرى شۇنچە ئازابكەن، يەنىلا ئاشۇ ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەتتە قاراقچى يۇلتۇزغا قاراپ دادامنى ساقلاي...
     ۋېلىسپىتنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، دەرھال ئورنۇمدىن قوپتۇم، ۋاي، پۇتلىرىم ئۈشۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، بېشىم پىررىدە قايدى، تامنى تۇتۇپ پۇتۇمنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپتىمەن، دادام ۋېلىسپىتنى يېتىلەپ كىرىپ كەلدى. ھويلىدىكى بىردىنبىر كۆزگە چېلىقىدىغان تونۇرغا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ماڭا قاراپ قويۇپ " ئۇخلا، ئەتە مەكتەپكە بارىسەن ." دەپ كىرىپ كەتتى.
    مەن خۇشلۇقۇمدا سەكرەپ كەتتىم، يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، ئۇخلىماق بولۇپ كاڭغا چىقتىم. خۇداغا شۈكرى، ئەتە مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم، ئەمدى يېڭى كىتابلىرىم بار بولىدۇ، ئاپام تىكىپ بەرگەن شۇ بوغچامغا رەتلىك سېلىپ قۇچاقلاپ مەكتەپكە بارىمەن، ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش ھەرسائەتلىك دەرسكە تولۇق قاتنىشالايمەن... نېمىدېگەن ياخشى....
      دادام بىلەن ئاپام ئارىلىق ئۆيدە كەچلىك تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى.
     - دادىسى، كىمدىن قەرز ئالدىڭىز؟
     - كىمدىن بولاتتى، كىمدىنلا سورىسا يوقنىڭ گېپى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئاز قەرز بولدۇقمۇ دەڭلا، شۇ ھەممەيمەن مېنى كۆرسە ئالدىراش دەپ قاچىدىغان بولۇۋالدى. بايا يېزىدىكى مەمتاكامنىڭ ئۆيىگە بارغانتىم، ئېغىلدىكى قىغلارنى چىقىرىشىپ بېرىپ شۇ ئاران بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قەرز ئالالىدىم.
    -ھىم،،، بىز كىمنىڭمۇ قارغىشىغا كەتكەن بولغۇيتتۇق،،،  قەرز قەرز دەپ بىر ئۆمۈر ئۆتەرمىزمۇ ئەمدى...  
    - ئۇنداقمۇ دېمە ، خۇدايىم بىزگىمۇ بېرەر... جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن ئانا بالا ئىككىڭلارنى ھەرگىز ئاچ قويمايمەن....
     ئاپامنىڭ ئاۋازى ئۆچۈپ كەتتى... كۆزلىرىم ياشتىن قۇرۇمايۋاتاتتى. بۇ كۈنلەر قاچانغىچە داۋاملىشار؟ ئوقۇشۇمنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرالارمەن؟
    تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسام ئۈچ يىلدا ئالتە قېتىم ئوقۇش پۇلى كىتاب پۇلى تاپشۇرىمەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا تېخىمۇ قىممەت ،،، ئالىي مەكتەپنى مەن تېخى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.
     بىر يىلدىن كېيىن....
     تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق 2- سىنىپ، تەنەپپۇس ۋاقتى.
    - سىزنى سىنىپ مۇدىرى ئىشخانىغا كىرسۇن دەيدۇ.
     ئىشخانا ئالدىغا كەلدىم، كىرىشكە پېتىنالمايتتىم. يۈرىكىم ئېغىپ تۇراتتى، يەنە ئوقۇش پۇلى دەرمۇ؟ ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟
     ئىشخانا ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ ئىستاكان كۆتۈرىۋالغان سىنىپ مۇدىرىمىز چىقىپ كەلدى، مېنى كۆرۈپلا:
    - ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، مەن ئىستاكاننى چايقاپ كىرەي ...
     ئەمدى ئامالسىز كىردىم. ئولتۇرماي ئۈستەل تۈۋىدە تۇرۇپتىمەن. بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ ، ئالىقانلىرىم سوغۇق تەرلەپ كېتىۋاتاتتى. ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلسىلا پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلايتتىم . بۇ ئېنىقلا ئىدى...
   - ماھىرە، مۇشۇ كۈندە ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟ بۇ مەكتەپكە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ - سىنىپ مۇدىرىمىز مەندىن گەپ سورىغاچ كىرىپ كەلدى. تۇتالمىدىم ، يېشىمنى قەتئىي تۇتالمىدىم، مەن پەقەت بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇراتتىم.
    - نېمە بولدىڭىز؟ بىرەرى بوزەك قىلدىمۇ؟ - سىنىپ مۇدىرىمىز مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ مەندىن سوراۋاتىدۇ،" ئوقۇش پۇلۇمنى قاچان بېرىمەن دەيمەن؟ دادام يىراققا پۇل تاپقىلى كەتكىلى ئالتە ئاي بولدى، تېخى خەۋەرسىز، ئاپام بىچارە مەھەللىدىكىلەرنىڭ نېنىنى يېقىپ كىرىنى يۇيۇپ ، پوپايكا توقۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىمىزنى ئاران تېپىۋاتسا.... نەدىنمۇ پۇل تېپىپ ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرارمەن؟؟؟" ئۆزۈمنى ئاران توختىتىپ:
    - دادام قايتىپ كەلسىلا ئوقۇش پۇلىنى ئەكىلىپ  بېرىمەن... مەن ،،،مەن،،،
    - ۋوي ، ئەخمەق، مەن دەل مۇشۇ ئوقۇش پۇلىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىردىم سىزنى، ماڭا قاراڭ، سىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىڭىز مەكتەپنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇك ئىمتىھاندا ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز... كېلەر يىلىدىن تارتىپ ئوقۇش پۇلىڭىزنى كەچۈرۈم قىلىدىغانغا ئىلتىماس يوللىساق بولىدىكەن. شۇڭا ماڭا ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى بايان قىلىپ بېرەمدىكىن دەپ سىزنى چاقىرىشىم... - سىنىپ مۇدىرىمىز شۇنداق دېگەچ ماڭا قولياغلىق سۇندى.  " نېمە؟ بۇ مېنىڭ چۈشۈم ئەمەستۇ؟ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولامدىكەن؟ ئەي رەببىم ئاللاھ، ماڭا بۇ ئالەمچە خۇشاللىقنى ھەقىقىي دېگىن... "
     جېنىم ئاپا جېنىم دادا ! سىلەرگە بۇ خۇشخەۋەرنى قانداق يەتكۈزەي؟ ! مەكتەپتىن قايتىش يولىدا قارلىغاچ كەبى ئۇچقاندەك كېتىۋاتىمەن، ئاشۇ توپىلىق دۆڭدەكلا كۆرۈنىدىغان ئىللىق ھويلامغا  يىراقتىن قاراپ تۇرۇپ قالدىم.سوقما تام يامغۇر يالاپ پاكارلاپ كەتكەنىدى. تونۇر تۈۋىدە تۇرىۋالغان نېمە جىق ئادەم ئۇ؟  ئۆيگە مېھمان كەلدىمۇ نېمە؟ ياق ياق، ئاۋۇ ئاياللار نېمە ئاق ياغلىق چىگىۋالغاندۇ؟ قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە مېيىت بولغانمىدۇ؟ ئۇلار چوقۇم ئاپامنى بىللە كىرىمىز دەپ ساقلاپ تۇرغاندۇ،،،
     مانا ھويلامغا كىردىم. قوشنىمىز رابىيخان ئانا يىغلىغان پېتى كېلىپ مېنى باغرىغا باستى.
    ھەممەيلەن بىرلىكتە بىر نېمىلەرنى دەپ يىغلاۋاتىدۇ، ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدىم، ئۇلارنى كۆرەلمىدىم، پەقەت دادا ئاپا  دېيەلەيمەن... زادى نېمە ئىش بولدى؟
     كىچىىككىنە ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىمىزگە كىرىپ كېتىۋاتىمەن، ئىچكىرى ئۆينىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئاپئاق رەخت يېپىلغان بىرەيلەن يېتىپتۇ، ئاستا بېرىپ يۈزىنى ئاچتىم.
    - ئاپا ، ئۇخلاپ قاپسەندە، نېپىز يوتقاندا توڭلىغاندەك قىلىسەن ھە؟! نېماندا مۇزلاپ كەتتىڭ؟ ئىككىمىز بىر يوتقاندا ياتايلى، ئىسسىتىپ قوياي ھە ... كۆزۈڭنى ئاچە ئاپا، ساڭا خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدىم، مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى كەچۈرۈم قىلىدىغان بولدى، ئەمدى ئازابلىق كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، ماڭا قاراپ بىر كۈلگىنە، ھېلىقى قورۇقلىرىڭ بىلەن بىر كۈلۈپ بەرگىنە... جېنىم ئاپا.....
     يەككە يېگانە قالدىم ، دادامغا خەۋەر قىلايلى دېسەك قەيەردىلىكىنى بىلەلمىدۇق. مېنىڭ يالغۇز قالغىنىمنى بىلسەڭ ئىدىڭ دادا،  سۆيۈملۈك ئاپامنىڭ مېنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەتكىنىنى بىلسەڭ ئىدىڭ دادا، قايتىپمۇ كېلەرسەنمۇ؟! ئەمدى سېنى قاچانغىچە كۈتەرمەن؟ كىچىككىنە ئۆيىمىز ماڭا شۇنداق چوڭ بىلىنىۋاتاتتى، چۈنكى مەن يالغۇز. قەيەرگىلا قارىسام سىلەرنىڭ سايەڭلار، ئىزىڭلار ، لېكىن جىسمىڭلار يوق. مەن بۇ ئۆيدە لەيلەپ قالدىمغۇ؟! مېنى سېغىندىڭمۇ دادا، مېنى سېغىندىڭمۇ ئاپا،  قايتىپ كەلسەڭلەر ئەمدى ھەرگىزمۇ ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن سىلەرنى باشقىلارغا خار قىلمايتتىم. دادا ماڭا سەن لازىم، ئەمدى مەن ئۈچۈن پۇل تاپىمەن دەپ سىرتلاردا قاڭقىما جېنىم دادا... قايتىپ كەلگىن. ئاپامنىڭ قەبرىسىگە چىقىپ دۇئا قىلايلى...

0

تېما

5

دوست

1289

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32248
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 14:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىق چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم، مەنمۇ شۇ ئوقۇش بۇلىنى ئەكەلىمەپسەن دەپ سىنىپتىن چىقىرۋتىلگەن ئوقۇغۇچىنڭ بىرسى ئىدىم ئەينى ۋاقتتا.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 15:52:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئوقۇش پۇلىنى كىچىرىم قىلىدىغۇ،

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32727
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 16:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ئىكەن، ئىختىيارسىز كۆزۇمدىن ئىسسىق ياشلار ئېقىپ كەتتى، ھەقىيقەتەن بۇرۇنلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلى تاپشۇرالماسلىق سەۋەبىدىن دەرىسكە قاتنىشالمايدىغان ئەھۋاللار بار ئىدى.

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 17:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:52
ھازىر ئوقۇش پۇلىنى كىچىرىم قىلىدىغۇ،

ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ بار باشقا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپتۇ. ھەي ئىشقىلىپ 9-ئاي كەلسسىلا بېشىم قاتاتتى .ئوقۇش پۇلى .......

0

تېما

3

دوست

198

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32797
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 18:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
951986172 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:34
ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ بار باشقا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتە ...


ئۇنداق ئەمەستۇ مەنمۇ  ئۇنۋېرىسىتىتا ئوقۇيمە مىنىڭكىنى كەچۇرۇم قىلمىدىغۇ. ئاتا-ئانام بۇرۇنلا  تۈگەپ كەتكەن . مەكتەپكە ئەھۋالنى دىسەم 个人贷款قىل دىدى  ئامالسىز تولەۋاتىمەن .

0

تېما

1

دوست

414

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32072
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 18:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 19:04  

   ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاپ پۇلى كەچۈرۈم  قىلىندى دىگەن بىلەن ھەر قايسى دەرىسلىكلەرنىڭ يانداش پايدىلىنىش ماتىريالىنى مەجبورى ساتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلانىڭ تۆلەشكە تىگىشلىك پۇلى يەنىلا بۇرۇنقىدەكلام كۆپ بولۇپ كەتتى  . شۇ سەۋەپلىك شۇ پۇلنى تۆلىيەلمەيدىغان ئاتا-ئانىلا يەنىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ . قىسقىسى يەنىلا زەدەگە زىيان يوق ،نامراتقا پايدا . 16=2x8  .

1

تېما

4

دوست

4435

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1442
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 19:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بالىلىق....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )