- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4652
- نادىر
- 0
- يازما
- 517
ئۆسۈش
88.4%
|
بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى
مەزكۇر پۈتۈك ئېلتارىشخاننىڭ چوڭ ئوغلى كۈلتېگىننىڭ ئاكىسى بىلگە خاقاننىڭ شەرىپىگە 735-يىلى ئورنىتىلغان. بىلگە خاقاننى 734-يىلى ئۆز يېقىنلىرىدىن بىرى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. مەزكۇر پۈتۈكمۇ يوللۇغ تېگىن تەرىپىدىن يېزىلغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ پۈتۈك ئەسلى ئورنىدا ئۆۈلۈپ چۈشكەنلىكتىن 3 پارچىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى يازمىلارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزۇلغان.
پۈتۈكتە بىلگە خاقاننىڭ دۆۋلەتنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغانلىقى، كۆپلىگەن خەلىقلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىگى، مەملىكەت ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنى يوللۇغ تېگىن ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن. خەلىقنىڭ ۋىتىنىدىن، خاقانىدىن ئايرىلمىسا تىنىچ – ئاسايىشتىلىق ۋە بەخىتلىك بولىدىغانلىقى ئىپادىلىك بايان قىلىنىدۇ. مەزكۇر پۈتۈكتە يەنە كۆزىگە پەقەت مال- دۇنيالا كۆرىدىغان دۆۋلەت ئەرباپلىرىنىڭ گۇمراھلاردىن ئىكەنلىگى تەسۋىرلىنىدۇ. بىلگە خاقان دۆۋلىتىنىڭ قۇدرىتى سۆزلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يولقويۇلغان خاتالىقلار يەكۈنلىنىپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ بۇ خاتاقلىقلارغا يول قويماسلىغى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىنىدۇ.
ئىرىدىن بىرنەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەن بولسىمۇ مەزكۇر پۈتۈكلەردە ئېيتىلغان باراۋەرلىكتە تىنىچ ياشاش، ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىشماسلىق، ئىناق – ئىتتىپاق ياشاش توغرىدىكى قىممەتلىك پەندى نەسىھەتلەر بۈگۈنكى دۇنيا خەلىقلىرى تەرىپىدىنمۇ تەكىتلىنىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى.
پەلەكتەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە خاقان سۆزۈم:
ئاتام دانا تۈرك خاقانى تەخىتكە ئولتۇرغاندا توققۇز ئوغۇز قەھرىمانلىرى، داڭلىق بەگلىرى ۋە خەلقى ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەن.
ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇت تەرەپكە لەشكەر تارىتتىم، تاڭغۇت خەلقىنى يەڭدىم، ئوغلانلىرىنى، مال- مۈلكىنى، ئات- ئۇلاقلىرىنى ئالدىم. ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە چۇب، سوغداق تەرەپكە لەشكەر تارىتتىم، خەلقىنى شۇ يەردە تارمار قىلدىم، تاۋغاچ ئوڭ تۇتۇقتىن بەش تۈمەن لەشكەر كەلدى. ئىدار بېشىدا جەڭ قىلىپ، ئۇ قوشۇننى شۇ يەردە تارمار قىلدىم. باسمىل، ئىدىقۇت قېرىنداش خەلقىم ئىدى، كارۋان ئەۋەتمىگەنلىكىدىن قوشۇن تارتىپ تەسلىم قىلدىم.
يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تاۋغاچ تەرەپكە لەشكەر تارىتتىم، چاچا سانغۇننىڭ سەككىز تۈمەنلىك قوشۇنى بىلەن ئېلىشتىم، قوشۇنىنى ئۆلتۈردۈم. يىگىرمە ئالتە يېشىمدا چىك خەلقى قىرغىز بىلەن دۈشمەن بولدى، كام دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، قىرغىز تەرەپكە لەشكەر تارىتتىم. نەيزە بويى قارنى كېچىپ، كۇگمەن (سايا) يىشكە كۆتۈرۈلدۇق، قىرغىز خەلقىنى ئۇيقۇدا باستىم، خاقانى بىلەن سۇنگە يىشتا جەڭ قىلدىم. خاقانىنى ئۆلتۈرۈپ دۆۋلىتىنى ئالدىم. شۇ يىلى تۇرگەش تەرەپكە ئالتۇن يىشتىن ئېشىپ ئۆتۈپ، ئىرتىش دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم. تۇرگەش خەلقىنى ئۇيقۇدا باستىم، تۇرگەش خاقانىنىڭ قوشۇنلىرى ئوتتەك ، بوراندەك باستۇرۇپ كەلدى، بولۇچۇدا جەڭ قىلدۇق. خاقانىنى، يابغۇسىنى، شادىنى ئاشۇ يەردە ئۆلتۈردۈم، دۆۋلىتىنى ئالدىم.
ئوتتۇز يېشىمدا بېشبالىق تەرەپكە يۈرۈش قىلدىم، ئالتە قېتىم جەڭ قىلدىم، كۆپ قوشۇنىنى ئۆلتۈردۈم، بېشبالىقتىكى ئابرويلۇق كىشىلەر مېنى چۈشۈنۈش مەخسىدىدە مەن تەرەپكە كەلدى، بېشبالىق شۇ سەۋەپتىن ئامان قالدى.
ئوتتۇز بىر يېشىمدا قارلۇق خەلقى بىزدىن ئۇزاقلىشىپ دۈشمەن بولدى. تامغىدۇق بېشىدا جەڭ قىلدىم، قارلۇق خەلقىنى ئۆلتۈردۈم، دۆۋلىتىنى ئالدىم.
توققۇز ئوغۇز قېرىقنداش خەلقىم ئىدى. ئارىمىزدا پىتنە –پاساتلار تارىلىپ، تەختىنىڭ سائىتى توشقانلىقتىن دۈشمەن بولدى. بىر يىلدا تۆت قېتىم جەڭ قىلدىم، باشتا توغۇبالىقتا جەڭ قىلدىم، تۇغلا دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ...... ئىككىنچى قېتىم ئارتانغۇدا جەڭ قىلدىم، لەشكەرلىرىنى يەڭدىم، دۆۋلىتىنى ئالدىم. ئۈچىنچى قېتىم چۇش بېشىدا جەڭ قىلدىم، تۈرك خەلقى چارچىدى، يامان بولىدىغان بولدى. توققۇز ئوغۇزنىڭ بىزنى پاراكەندە قىلىپ كېلىدىغان لەشكەرلىرىنى چېكىندۈردۈم. كۆپ ئۆلىدىغانى شۇ قېتىمدا ئامان قالدى. توڭرىنىڭ جەڭچىسىنى، پەلىۋان بىر قەبىلىسىنى تۇنگا تېگىننىڭ ھازىسىدا باستىم. تۆتىنچى قېتىم ئازغانتى قەدەزدە جەڭ قىلدىم، لەشكىرىنى شۇ يەردە تارمار قىلىپ، تەختىنىن قۇرۇتتۇم. قىرىق يېشىمدا ماغى قورغاندا قىشلىغىنىمىزدا جۇت بولدى، باھاردا ئوغۇز تەرەپكە لەشكەر تارتتىم. قوشۇننىڭ ئالدى يولغا چىققان ئىدى، ئىككىنچى قوشۇن تېخى ئورنىدا ئىدى، بۇ ۋاقىتتا پىيادە قالدى دەپ ئويلاپ، ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى باستۇرۇپ كەلدى. بىر بۆلۈك لەشكەر ئۆي تەرەپكە، يەنە بىر بۆلۈك لەشكەر بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى كەلدى، بىز ئاز ئىدۇق، ناچار ئىدۇق ئوغۇز ..... كۈچ بەرگەنلىكتىن جەڭ قىلدىم، پاراكەندە قىلدىم. تەڭرى قوللىغانلىقتىن، مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىگىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبە قىلدى. مەن دۆۋلەتنى مۇشۇنداق باشقۇرمىغان بولسام، تۈرك خەلقى ئۆلەتتى، يوقاپ كەتكەن بولاتتى....
ئوغۇز خەلقى دۈشمەن بولدى، ئۇنى قولدىن چىقىراي دەپ ئويلاپ، قوشۇن تارتتىم. ئۆيىنى، زىيارەتگاھىنى بۇزدۇم، ئوغۇز خەلقى توققۇز تاتار بىلەن يىغىلىپ كەلدى، ئاغۇدا ئىككى قېتىم چوڭ جەڭ قىلدىم، لەشكىرىنى تارمار قىلىپ، دۆۋلىتىنى ئالدىم. شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىپ، تەڭرى قۇۋۋەتلىۋەچكە، ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا خاقان بولدۇم.....
يۇقۇرىدا تەڭرى، يەر- سۇ ۋە ئاتام خاقاننىڭ روھى رازى بولمىدى، توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر سۇلىرىنى تاشلاپ تاۋغاچقا كەتتى..... جەنۇپتا تاۋغاچتا نام – نىشانى يوق بولدى. بۇ يەردە ماڭا يۇقۇرى مەرتىۋە نېسىپ بولدى، مەن ئۆزۈم خاقان بولغانلىغىم ئۈچۈن، تۈرك خەلقىنى پاراكەندە قىلمىدىم. دۆۋلەتنى، ھۆكۈمەتنى ياخشى تۇتتۇم.
ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇز قېچىپ تاۋغاچقا قوشۇلدى، خاپا بولۇپ لەشكەر تارتىپ، باللىرىنى ئالدىم.....
تاتابى خەلقى تاۋغاچ خاقانىغا قارام بولدى، ياخشى سۆزى، ئەلچىسى كەلمىدى دەپ، يازدا لەشكار تارتتىم. خەلقىنى مەغلۇپ قىلدىم......
تاۋغاچنىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى---- ئون يەتتە مىڭلىق لەشكىرىنى بىرىنچى كۈنى ئۆلتۈردۈم.پىيادە لەشكەرلىرىنى ئىككىنچى كۈنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم.
قۇغ سانغۇن باشچىلىقىدا تۆت تۈمەن لەشكەر كەلدى، تۈنكەر تاغدا ھۇجۇم قىلىپ زەربە بەردىم. ئۈچ تۈمەن لەشكەرنى ئۆلتۈردۈم...... چوڭ بالام كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، قۇغ سانغۇنىنى ...... تىكىپ قويدۇم. مەن ئون توققۇز يىل شاد، ئون توققۇز يىل خاقان بولۇپ، دۆۋلەتنى تۇتۇپ تۇردۇم. شۇنچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئىت يىلى ئونىنچى ئايدا خاقان ئاتام(؟) يىگىرمە ئالتە يېشىدا ۋاپات بولدى.....
تۇنجى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدۈم، ماڭا لىسۇن تاي سانغۇن باشچىلىقىدا بەش يۈز ئادەم كەلدى، ئالتۇن – كۈمۈشنى ھىسابسىز كەلتۈردى. مۇراسىم شاملىرىنى كەلتۈرۈپ ئورنىتىپ بەردى. سەندەل ياغىچى كەلتۈرۈپ..... شۇنچە خەلىق چېچىنى، قۇلىقىنى، ياڭىقىنى كەستى..... ياخشى باققان ئاتلىرىنى، قارا ئادەملىرىنى، ئالمىخانلىرىنى ھىسابسىز كەلتۈرۈپ، ھەممىنى قويۇپ كەتتى.....
ئۆزۈم خاقان بولۇپ تۇرغاندا تۆت خىل خەلىقنى تىكلىدىم، راۋاجلاندۇردۇم. مەن تۇرگەش خاقانغا چوڭ مۇراسىم بىلەن قىزىمنى ئېلىپ باردىم، قىزىنى چوڭ مۇراسىم بىلەن ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم.... مەن ياشىدىم، تۈرك بەگلىرى، تۈرك خەلىقم.....
بۇ خاقانىڭدىن، بۇ بەگلىرىڭدىن، يېرىڭدىن، سۈيىڭدىن ئايرىلمىساڭ تۈرك خەلقى ئۆزۈڭ راھەت كۆرىسەن، خاتىرجەم بولسەن. تاۋغاچ خاقاندىن نەققاش كەلتۈردۈم، مېنىڭ سۆزۈمنى بۇزمىدى، تاۋغاچ خاقانى سارىيىدىكى نەققاشىنى كەلتۈردى. ئۇنىڭغا تاشنى، ئىمارەتنى ياساتقۇزدۇم، ئىچىنى، تېشىنى ئالاھىدە نەقىشلەتتىم، ئون ئوق ئوغلىغا، توتىغا قەدەر بۇنى كۆرۈپ بىلىڭ مەڭگۈتاش ئويدۇرۇپ يازدىم.....
بىلگە خاقان پۈتۈگىنى يوللۇغ تېگىن يازدىم، بۇنداق ئىمارەتنى، نەقىشنى..... خاقاننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېگىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يازدىم ۋە نەقىشلىدىم.....
|
|