قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 967|ئىنكاس: 2

«غەرب بىلەن شەرقنىڭ رىقابىتى»نىڭ مەنبەسى ھەققىدە (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

949

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20485
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 22:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«غەرب بىلەن شەرقنىڭ رىقابىتى»نىڭ مەنبەسى  ھەققىدە (2)
تۇنيۇقۇق


     ئالدىنقى تېمىدا يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قېلىنغان  نىيىل فېرگىسننىڭ «مەدەنىيلىك» (CIVILIZATION) – (غەرب بىلەن شەرقنىڭ رىقابىتى)ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئورتاقلىشىش زۈرۈرىيتىنى ھېس قىلىپ مەزكۇركىتابىڭ«  مۇقەددىمە» قىسمىدىكى مۇھىم نوقتىلارنى يىغىنچاقلاپ توراداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئىدىم. ھەمدە داۋامىنى داۋاملىق يوللايدىغانلىقىمنى ئېيىتقان ئىدىم. تۈنۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ كىتابنىڭ 1- بابىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
    ئالدىنقى تېمىدا يوللانغان « مۇقەددىمە » قىسمىدا ئاپتۇرنىڭ غەرب بىلەن شەرقنىڭ پەرقىنىڭ ،بولۇپمۇ غەربنىڭ شەرىقتىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاساسەن ئالتە نوقتىغا يىغىچاقلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . بىز بۈگۈنكى تېمىدا 1-سەۋەب، يەنى « رېقابەت » دېگەن قىسمىنى ئورتاقلىشىپ باقساق .
كىتابتا، بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار تارقاق نوقتىلار بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، بۇلارنى ئىمكان بار سېستىمىلاشتۇرۇپ رەتلەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم .

بىرىنچى باب: رېقابەت
ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە : بۇ يەردە تۈزۈلمە جەھەتتىكى سەۋەب ئەڭ مۇھىم دەپ كۆرسەتكەن.
    ئاپتۇر بۇ باپتا ئالدى بىلەن جۇڭگۇ بىلەن ياۋرۇپانىڭ پەرقىنى  1400-يىللاردىن باشلاپ رەسمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان دەپ قارايدۇ. بۇ كۆز قارىشىنى 1400-يىلدىن ئىلگىرىكى جۇڭگۇنىڭ ئەھۋالى بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئەھۋالىنى ۋە تەرەققىيات سەۋىيسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق1400-يىلدىن ئىلگىركى جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە ياۋرۇپادىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى،ياۋرۇپانىڭ كۆپ جەھەتلەردىن جۇڭگۇدىن قالاق ۋە ئارقىدائىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ھەمدە  بۇ يەردە ياۋرۇپانىڭ جۇڭگۇدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى سىياسى نوقتىدىن چىقىپ ئومۇميۈزلۈك بىر نوقتىنەزەرنى يەنى: «ئۇرۇشنىڭ ئۆكسىمەسلىكىدىن ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن غەربى ياۋرۇپادىكى كىچىك كىنەزلىكلەر 1400-يىللاردىن تارتىپ 500-يىلغىچە داۋاملاشقان، ئومۇمەن ھېچقانداق تۇسالغۇغا ئۇچرىمىغان كېڭەيمىچىلىك يولىغا قەدەم باسقان.»دەپ قارىغان .
    بۇنداق ئۈزۈلمىگەن ئورۇشلارنىڭ ئۈچ جەھەتتىن پايدىسى بولغان.بىرىنچى پايدىسى شۇكى، ئۇرۇش ھەربىي تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. قۇرۇقلۇقتا قورغانلارنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كەلدى. چۈنكى زەمبىرەكلەرنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ۋە ھەرىكەتچانلىقى كۈنسايىن ئاشتى.
ئىككىنچى پايدىسى شۇكى، رىقابەتلىشىۋاتقان كىنەزلىكلەر كېرىمىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇش چىقىمىنى قامداش جەھەتتە تېخىمۇ ئوبدان ئۈنۈمگە ئېرىشتى.1520-يىلىدىن 1630-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئەنگىلىيە فىرانسىيەھۆكۈمرانلىرىنىڭ يىغىۋالغان باج كېرىمى رەقىبى جۇڭگۇغا قارىغاندا كۆپ بولدى.13-ئەسىردىكى ئىتالىيەدىن باشلاپ ياۋرۇپالىقلارمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۆكۈمەت قەرزى تارقىتىش شەكلىنى سىناق قىلىشقا كېرىشتى. بۇ ھازىرقى زامان زايۇم بازىرىغا ئاساس سالدى.
     دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك پەلقۇلاددە ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر مالىيە يېڭىلىقى گوللاندىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ  سودىدىكى مونوپولىيە ھوقۇقى پاي ھەسسىدارلىقشىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. پادىشاھلارمۇ دېرىكتۇرلارمۇ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئەھۋالدا ياۋرۇپادا ئەمەلىي كۈچى زورايغان بىرەر پادىشاھ چىقمىدى. شۇڭاچەتئەللەرگە قارىتىلغان ئىزدىنىشلەرنى چەكلەش پەرمانىمۇ چىقىرىلمىدى.
    ئۈچىنچى بىر سەۋەب شۇكى، دىننىي ئەسەبىيلىك چەتئەللەرگە قېلىنغان كىڭەيمىچىلىككە باشقا بىرمۇددىئا بەخىش ئەتتى. يەنى، ئەينى دەۋىردە دىننىي سەۋەبتىن ئېلىپ بېرىلغان  سىرىتقى يۈرۈشلەر ئويلىمىغان يەردىن ياۋرۇپالىقلارغا پايدا ئېلىپ كەلگەن » دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  كىتاب ئاپتۇرى يەنە باشقائالىملارنىڭ نوقتىنەزىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ شەرىقتىكى ئاشۇ كۈچلۈك ئىمپىرىيەلەر بىرئىزدا توختاپ قېلىپ، كىيىن ياۋرۇپانىڭ يىتەكچىلىك ئورنىغا تىز پۈككەنلىكىگە قارىتا ئادام سىمىتنىڭ  كۆرسەتكەن ئاساسلىق سەۋەبىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.ئادام سىمىت كۆرسەتكەن سەۋەب شۇكى جۇڭگۇ «سىرىتقا قارىتىلغان سوداپائالىيەتلىرىگە ئىلھام بەرمىگەن،شۇڭا ئۈستۈنلۈكتىن ھەم خەلقئارالىق ئەمگەك تەخسىماتى ئەكەلگەن ئەۋزەللىكتىن مەھرۇم قالغان».
    بارۇن مونتىسكىيۇ18-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى يازغان ئەسىرىدە جۇڭگۇ ئەندىزىسىنى « تۇرغۇن ئەندىزە» دېگەن ھەم جۇڭگۇ نۇپۇسىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب، بىراق بۇھالنى شەرقى ئاسىيانىڭ كىلىماتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان : ئاسىيادا مۆدىتىل بەلباغ كىلىماتىغا مەنسۇپ جايلار ئاز. قاتتىق سۇغۇق بولىدىغان جايلار بىلەن قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان جايلارقوشنا. مەسىلەن: تۈركىيە، پىرسىيە، ھىندىستان، جۇڭگۇ، چاۋشىيەن ۋە ياپۇنىيە.ياۋرۇپادا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە، ياۋرۇپادا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە. مۆدىتىل بەلباغ كىلىماتىغا كىلىماتىغا مەنسۇپ جايلارنىڭ كۆلىمى تۇلىمۇ كەڭ ...شۇڭا، ھەرقايسى جايلارنىڭ كىلىماتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇ تۈپەيلىدىن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ بەك چوڭ پەرىق يوق. بۇنىڭدىن چىققان نەتىجەە شۇكى، ئاسىيادا قۇدرەتلىك دۆلەت بىلەن ئاجىز دۆلەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.جەڭگىۋار، تىرىشچان، ئەمگەكچان مىللەت بىلەن قاششاق، ئاجىز، قورقۇنچاق مىللەت قوشنا بولغان. شۇڭا بىر تەرەپنىڭ يېڭىشى، بىرتەرەپنىڭ بويسۇندۇرۇلىشى مۇقەررەر . ياۋرۇپادىكى ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،قۇدرەتلىك دۆلەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان،قوشنا مىللەتلەردىن ئوخشاشلا جاسارەتئۇرغۇپ تۇرغان. مانا بۇ ئاسىيا كۆچىنىڭ ئاجىز، ياۋرۇپانىڭ كۆچىنىڭ قۇدرەتلىك بولىشىدىكى، شۇنداقلا ياۋرۇپادا دېموكراتىيەنىڭ دۇنياغا كىلىپ ،ئاسىيادا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب.
      ئاسىيادىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى  ياۋرۇپادىكىگە قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.شەرقى ئاسىيادا بىر ئائىلە بىر ئىنگىلىز مو يەرگە تايىنىپ جان بېقىپ كىتەلەيدۇ. بۇشال تېرىقچىلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. ئەمما ئەنگىلىيەدە ھەر بىرئائىلىنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن  ئوتتۇرا ھېساببىلەن 20ئىنگىلىز مو يەر كىتىدۇ. بۇ نىسبەت بىزنىڭ شەرقى ئاسىيادا ئاھالىنىڭ نېمەئۈچۈن غەربىي ياۋرۇپادىن كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ .
     يەنە بىر ئەھۋال: 14-ئەسىردىكى ياۋرۇپاداتەخمىينەن1000چە ھاكىمىيەت بار ئىدى. 200يىل ئۆتكەندىن كېيىنكىى غەربىي ياۋرۇپادايەنىلا تەخمىينەن500سىياسى گەۋدە مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى .ئەھۋال نېمىشقاشۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى جۇغراپىيەلىك سەۋەب بولۇپ جۇڭگۇدا چاڭجىياڭ دەرياسى،خۇاڭخې دەرياسى، جۇجىياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريانىڭ ھەممىسى غەرىبتىن شەرىققە ئاقىدۇ. ياۋرۇپادا دەريا كۆپ بولغىنى بىلەن ئېقىش يۈلىنىشى بىر-بىرىگەئوخشىمايدۇ. يەنە تاغ تىزمىلىرىمۇ كۆپ. گىرمانىيە ۋە پولشادا قۇيۇق ئورمانلىق ۋەسازلىقلارمۇ تۇلا. شۇ سەۋەبتىن ئات ئۈستىدە جاھان سورىغان مۇڭغۇللارنىڭمۇ ياۋرۇپاغاخالىغانچە كىرمىكى ئاسانغا چۈشمىگەن. شۇڭا ياۋرۇپالىقلارنىڭ بىردەك ئىتىپاقلىشىش ئېھتىياجى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن. بىز تۈمۈرلەڭ دەۋرىدىن كېيىن ياۋرۇپاغا ئوتتۇرائاسىيادىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋىلا ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز. بەلكىم سىبىريەنىڭ بىپايان يايلاقلىرى مۇڭغۇللارغايېقىپ قالغاندۇ؟ مېنىڭچە ئۇ ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ياۋرۇپالىقلارغاقارايدىغانغا چولىسى تەگمىگەندۇ؟
     مۇنداقچە ئېيىتقاندا، سانائەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىلا سودا ۋە مۇستەملىكىچىلىك پائالىيتى ئەكەلگەن ماددىي ئەۋزەللىك تۈپەيلىدىن، كېچىككىنە ئەنگىلىيە بۈيۈك شەرق مەدەنىيتىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگۇ بىلەن ياپۇنىيەنىڭ تاللىغان يولى- تاشقى سودىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، شال تېرىقچىلىقىنى كۈچەيتىش-نۇپۇسنىڭ كۈپىيىشىگە ئەگىشىپ كىرىمنىڭ ئازىيىشقا باشلايدىغانلىقى، يىمەكلىك بوي ئىگىزلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭمۇشۇنىڭغا مۇناسىپ تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بەردى.
     گەپنىڭ قىسقىسى، ياۋرۇپادىكى تىپىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سىياسى تەپرىقىچىلىك ۋەزىيتى جۇڭگۇنىڭ ئەھۋالىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقتىن ، ياۋرۇپانىڭ، ياۋرۇپانىڭ دەسلەپتىلاجۇڭخۇا ئىمپىرىيەسىگە ئازراق ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەر ئىمپىرىيە شەكىللەدۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ سىياسى ئالاھىدىلىكىمۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئىقتىساد،جۇغراپىيە ۋە دىن جەھەتتە يىراق جايلاردىن ئۆزۈكسىز پۇرسەت ئىزدىشىگە تۈرتكەبولدى. بۇنى بىرخىل بۆلۈنمە ئىدارىچىلىك دېيىشكىمۇ بولىدۇ . بىراق تۇلىمۇ غەلىتەيىرى شۇكى، ياۋرۇپالىقلار دەل ئۆزىدىكى ئاشۇنداق بۆلۈنۈش ئارقىلىق دۇنياغاھۆكۈمرانلىق قىلالىدى. ياۋرۇپادا كىچىكلىك مۇكەممەللىك ھېسابلىناتتى. چۈنكى بۇرىقابەتتىن دېرەك بىرەتتى. ئەمما بۇنداق رېقابەت دۆلەتلەر ئارىسىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماي، بەلكى دۆلەت ئىچىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتكۈل ياۋرۇپاكىنەزلىكلەردىن تەشكىل تېپىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوخشىمىغان جەمئىيەت قاتلىمىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، ئاقسۇڭەكلەر ،روھانىيلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگەئالغان.

9

تېما

7

دوست

4427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1364
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 14:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم  بۇ  تىمىنىڭ  1-سىنى  تاپقىلى  بولارمۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

4737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 18:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟كەڭ مەنادىن تەھلىل قىپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )