قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1743|ئىنكاس: 65

نەزەرىيەۋى فىزىكىدىكى كىرىزىس ۋە ئۇنىڭ يېزا پۇل مۇئامىلىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

9

دوست

4811

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1458
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نەزەرىيەۋى فىزىكىدىكى كىرىزىس ۋە  ئۇنىڭ  يېزا پۇل مۇئامىلىس بىلەن بولغان دىيالىكتىك مۇناسىۋىتى                                                                                      
                                         (ھاكىم غېنى،پەرىدە غۇپۇر،ئارزۇگۈل قېيىم  )                                                



        {بۇ ماقالە 2014يىلى12-ئاينىڭ 25كۇنى ئۈلكە دەرىجىلىك نوختىلىق ژورنال‹شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسات ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژورنىلى}دا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىغا ئاساسەن سەل ئۈزگەرتىلدى}                                                                                                                                                              

ئاساسى مەزمۇنى:                                                          


     {1}   يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ {ئۇچ ئاساسى بىلىملىرى}  ھازىرقى زامان پۇل مۇئامىلە مائارىپىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، بۇ يېزا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۇرۇشتىكى،  خادىملار ھازىرلاشقا تېگىشلىك  ئاساسى كەسپى بىلىم. پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇشۇ خىل لوگىكىسىدا تۇرۇپ ،دۇنيا نەزەرىيەۋى فىزىكىسىغا  نەزەر سالساق،دۇنيا نەزەرىيەۋى   فىزىكىسىدا ھەقىقەت  بىلەن سەپسەتە ئارىلىشىپ كەتكەن،بۇ پۇتۇن دۇنيا نەزەرىيەۋى فىزىكا مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنىڭ چەكلەپ قويۇپلا قالماستىن بەلكى  330يىلدىن بۇيان غايەت زور مائارىپ مەبلىغىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.                                                                                               
     {2}ساختا نەزەرىيەنىڭ بىرىنچى ۋەكىلى كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى لۇكاس ماتىماتىكا  فېرافېسسور  نيوتون بولۇپ،  نيۇتوننىڭ{ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى}نىڭ   قارىشىدا ،ئالەم پەيدا بولۇپ  تەخمىنەن 5689يىلدىن كېيىن ئاندىن نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشى سەۋەبىدىن ھەرىكەت قىلغان. يەنى نيوتوننىڭ نەزىرىدە، نيوتوندىن بۇرۇنقى ئالەمنىڭ تارىخىدا  تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت بولمىغان، نيوتون  بۇنى بايقاپ ، خىرىستىيان دىنىدىكى تەڭرىنى بارلىق دىنلاردىكى تەڭرىنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراپ، ئۇنى چاقىرىپ،ئالەمنىڭ تېخى ھەرىكەت قىلمىغانلىقىغا قايىل قىلىپ، تەڭرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرگەن  ،ھەم بۇنى  ئۈزىنىڭ {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى} ۋە  بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى ئارقىلىق  ئىپادىلىگەن.                                            
    {3} نيۇتوننىڭ  بىرىنچى قانۇنىدا، پۇتكۇل ئالەمدىكى  بارلىق جىسىملار {ئاسمان جىسىملىرىنى ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ} ۋە ئىنسانلار سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى بولمىسا ھەرىكەت قىلالمايدۇ،  ئىككىنچى قانۇنىدا  بولسا ،ئادەم  سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى بولمىسىمۇ ئۈزى ھەرىكەتلىنىدىكەن جانلىق جىسىم. ئاكادېمىك ئېينىشتىيىننىڭ {خۇسۇسى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى}نىڭ بىرىنچى قانۇنىدا،{ئادەم نۇر تېزلىكىگە  يېقىن سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا، ئالەم راكېتاسى ۋە راكېتا ئىچىدىكى ئادەم بەدىنى كىچىكلەيدۇ،‹يەنى ماكان قىسقىرايدۇ› ئادەم ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ}،ئىككىنچى قانۇنىدا بولسا،{  ئالەم راكېتاسى ۋە راكېتا ئىچىدىكى ئادەم نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغاندا  راكېتا ۋە ئادەم بەدىنى تەڭ نىسبەتتە  چوڭلايدۇ}.                                                              
    ھالقىلىق سۆزلەر:ساختا پۇل ۋە ساختا نەزىريە، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۇچ ئاساسى بىلىملىرى،نيوتون،ئېينىشتىيىن،سىتىفون  خاۋكىڭ ،MICHIOKAK {1.1} نيوتون ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇلۇق ئالىم.ئۇ نۇرنىڭ يەتتە خىلغا بولۇنىدىغانلىغىنى ھەم نۇرنىڭ زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان.ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ۋە نيوتون نامىدىكى ھەرىكەت قانۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 330يىلدىن بۇيان بىز  نيوتون ھەقىقەتەن{ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى}نى تەتقىق قىلغان دەپ قارىغان .لېكىن ئېنگىلسنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 40يىللىرى ئۈزىنىڭ {تەبىئەت دىيالىكتىكىسى}دا ئوتتۇرغا قويغان {ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تەرەقى قىلدۇرۇپ، {ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تەتقىق قىلىپ چىققاندىن كېيىن،نيوتون ئېيتىۋاتقان {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}نىڭ ئەمەلىيەتتە 1685يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە پەيدا بولغان كۇچ ئىكەنلىكنى بايقىدۇق.بۇ قاراش نيۇتوننىڭ {ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىدىن ئىلھاملىنىپ،ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى تاپقان} دېگەن قاراشنى  تامامەن ئىنكار قىلىدۇ،ئەگەر باشقا بىرى  {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}  1685يىللارنىڭ ئالدى -كەينىدە پەيدا بولغان دەپ قارالسا،بۇ كۇلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن نيوتون دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۇچنى چاقىرىپ كەلگەن، بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى 2007يىلى نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىملار ئوبىراز ۋەكىللىگىنى ئۇستۇگە ئالغان{ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇق ئالىملار}دىگەن كىتاپنىڭ {نيوتون}تۇنۇشتۇرۇلغان قىسمىدا،ناھايىتى ئېنىق قىلىپ دەلىللەيدۇ.                                                         
       دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەركىزى بانكىسى ۋە ھەرقايسى سودا بانكىلىرى ساختا پۇل تارقىتىشقا يول قۇيمايدۇ. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۇچۇن ئاساسى قانۇندا شۇنداق بەلگىلەنگەن. لېكىن دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان  يەنە بىر مويىم تارماق بولغان  دۆلەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان ھەرقايسى قاتلام  ئاساسى مائارىپى بىلەن ئالى مائارىپىدا نيۇتوننىڭ{ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى} قانۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ساختا نەزەرىيەنىڭ چىقىشىنى چەكلىيەلمىگەن.  ساختا نەزەرىيەنىڭ  زىيىنى  بانكىدىن چىقىپ كەتكەن ساختا پۇلنىڭ  دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتىدىن كوپ ئېغىر بولۇپ،بانكا قانۇن ئارقىلىق باشقۇرىدۇ،مائارىپتا بۇ خىلدىكى قانۇن- تۇزۇم كەمچىل. بىز بۇ خىل ھالەتنى يېزا پۇل مۇئامىلىسىدىكى لوگىكا  ، ماركىسىزىملىق پەلسەپەنىڭ ماددا كاتېگورىيەسى{ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى، كىلاسسىك  ۋە ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكىسى بىرلەشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش  ئارقىلىق، دۇنيا مائارىپىدا نۇرغۇن ساختا نەزەرىيەلەرنىڭ بارلىغىنى،بۇلارنىڭ ھەقىقىي توغرا نەزىريە بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى،يەنى ساختا پۇل بىلەن ھەقىقىي پۇلنىڭ دۆلەت بانكىسىدىن بازار ئوبوروتىغا تەڭ قاتنىشىۋاتقانلىغىدەك  ھالەتنى  بايقىدۇق. بانكىدىن چىققان پۇل قانۇننىڭ سۇرۇشتۇرۇشىگە ئۇچۇرايدۇ،لېكىن مائارىپتىن چىقىپ كەتكەن ساختا نەزىريەنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ،يەنى بۇ ساختا نەزىريە سۇرۇشتۇرۇلمەيدۇ،ئۇنداق بولسا  ھازىر توغرا دەپ قارىلىپ، پۇتۇن دۇنيادا دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن نەزەرىيەلەرنىڭ  ساختا  نەزىريە دېيىشىمىزنى  قانۇنى پاكىتى  نېمە ؟                                                      
        نيوتوننىڭ {ئالەملىك تارتىشىش كۇچى }قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت  قانۇنلىرى نيۇتوننىڭ نەزىرىدىكى  خىرىستىيان دىنىدىكى تەڭرىنى ئىسلام دىنى،كاتولىك دىنى،بوددا دىنى ،يەھۇدى دىنى ۋە ھىندى دىنى قاتارلىق دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنى ئىلىم- پەننىڭ ئەينى چاغدىكى سەۋىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنى  نيوتون  شۇ ۋاقىتتىكى پۇتكۇل ئالەمدىكى بارلىق جىسىملارنى ماددىنىڭ مېخانىك شەكلىگە،ھەركىتىنى مېخانىك ھەرىكەتكە باغلاپ چۇشەندۇرۇشتىن كېلىپ چىققان. لېكىن مەيلى ئىسلام دىنى بولسۇن ياكى كاتولىك دىنى  ياكى خىرىستىيان دىنى بولسۇن ياكى باشقا دىنلار بولسۇن ،بۇنىڭدا دىيىلىۋاتقان تەڭرى بۇ ئالەمنى ياراتقان ھەم  ھەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا ھەرىكەتلەندۈرگەن. يەنە كېلىپ ھەربىر دىندا دىيىلىۋاتقان تەڭرى مۇستەقىل بولۇپ ،بىر دىننىڭ خۇداسى يەنە بىر دىننىڭ خۇداسىغا  ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.  لېكىن پەن بىلەن دىن ئارىلىشىپ كەتكەن  نيوتون دەۋرىدىكى كىلاسسىك فىزىكىدا،خىرىستىيان دىنىدىكى تەڭرى بارلىق دىنلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغان بۇ ھەقتە باشقا دىنلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارمۇ تەپسىلى ئويلۇنۇپ كۇرمىگەن، يەنە كېلىپ  {ئىنجىل}دىكى يىللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئالەم پەيدا  مىلادىدىن بۇرۇنقى 4004يىلى 10-ئاينىڭ 23كۇنى تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان ،تەڭرىنىڭ نەزىرىدە ھەرىكەت قىلغان بىلەن نيوتوننىڭ نەزىرىدە ھەرىكەت قىلمىغان،سەۋەبى،ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مەۋجۇت بولمىغان.  نيوتوننىڭ قارىشىدا،تارتىشى كۇچىنىڭ بار-يوقلىغىنى  ئارىستوتىل،پتولومى،كوپىرنىك،گالىلېي ،كېپلېر،دېكارت قاتارلىق ئالىملارمۇ بايقىمىغاندەك تۇرۇدۇ. نيوتون بايقىغان ھەم خالېينىڭ ياردىمى بىلەن نەشىر قىلماقچى بولغان دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى{تەبىئەت دىيالىكتىكىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى}دىگەن كىتاۋىنى يېزىشنى باشلىغان. تەخمىنەن 1685يىللاردا تەڭرىنى چاقىرىپ،شەكىلدە ئالەمگە ئوخشايدىغان  سائەتنى ھەرىكەتلەندۇرگەن.ماھىيەتتە بولسا تەڭرىنىڭ ھەركەتلەندۇرگىنى دەل غايەت زور سائەتكە ئوخشايدىغان ئالەمدۇر{توغراراق ئېيتقاندا ئەينى ۋاقىتتىكى ئالەم قۇياش سېستىمىسى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.بەلكىم قۇياش سېستىمىسىدىن سەل چوڭدۇ}.ھەم بۇنى نيوتون بىرىنچى قانونى{بارلىق جىسىملار ‹غايەت زور سائەت ئۈز  ئىچىگە ئالغان بارلىق جىسىملار›  سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرۇمايدىكەن ،ئۇ ھامان ئۇزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ساخلايدۇ}،يەنى سىرتقى كۇچ ھەركەتنى بارلىققا كەلتۇرگەن ئاساسى ئامىل.فىزىكىدا جىسىمنىڭ جىسىمغا بولغان تەسىرى كۇچ دىيىلىدۇ،بارلىق جىسىملارنىڭ سىرتىدا يەنە جىسىم بولمايدۇ،  پەقەت ھەرقايسى دىنلاردا دىيىلىۋاتقان تەڭرىلا بار بولىدۇ، ماركىسىزىم  پەيدا بولۇپ تاكى ھازىرغىچە { تەڭرى باركەن} دەپ باقمىغان.يەنە كېلىپ بىز {قۇرئان كەرىم}،{ئىنجىل}،}تەۋرات} قاتارلىق دىن ھەققىدىكى كىتاپلاردىن   خىرىسىتئان دىنىدىكى تەڭرىنىڭ باشقا دىنلاردىكى تەڭرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىغىغا ئائىت باياننى تاپالمىدۇ.                                                                           
        نيوتوننىڭ  لوگىكىسى بىلەن  كوپېرنىك دەۋرىدىكى {قۇياش مەركەز تەلىماتى}نى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك،نيۇتوننىڭ{ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى }قانۇنىنىڭ ئىلمىيلىكى تامامەن يوققا چىقىدۇ.  چۈنكى{قۇياش مەركەز تەلىماتى} 1100يىل داۋام سۈرگەن {يەر مەركەز تەلىماتى }نىڭ كەمچىلىكنى  كورسۇتۇپ بەردى.  كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكا ئالىمى،لۇكاس ماتىماتىكا فېروفېرسسورى سىتىفون خاۋكىڭنىڭ  بۇ ھەقتە توختىلىپ، كوپېرنىكنىڭ {قۇياش مەركەز تەلىماتى} شۇ ۋاقىتتا مودا بولىۋاتقان {يەر مەركەز تەلىماتى}نى قوللايدىغان ئارىستوتېل ئېقىمىدىكى فېرافېسسورلارنىڭ {ئىنجىل}ۋە  {يەر مەركەز تەلىماتى}نى  ئاساس قىلغان كىتابلىرىنىڭ بازىرىنى يوققا چىقىرىپ،ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىگە  ئېغىر زىيان يەتكۇزگەن.شۇنداقلا  شۇ ۋاقىتتا كۇتۇپخانىلاردا  ساخلىنىۋاتقان {يەر مەركەز تەلىماتى}غا ئائىت كىتابلىرىنىڭمۇ قىممىتىنى يوققا چىقارغان.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ۋاتىكاننىڭ قولىدىن پايدىلىنىپ ،كوپېرنىك ۋە گالىلېيلارغا جازا قوللانغان،بۇ ئارقىلىق ئۈزلىرىنىڭ  كىتابلىرىنىڭ بازىرىنى ۋە دەرسخانىدىكى ئەمىلى ئىشلىتىلىشىنى قوغداپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بولسا  قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق پلانىتلار {ئىنجىل} ۋە  ۋاتىكاننىڭ  دەرسلىكىدە بايان قىلىنغان يەر  شارىنى بويلاپ ئەمەس، بەلكى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋەرگەن. دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى  ئايرىم -ئايرىم ئىككى ئىش بولۇپ قالغان. ئەلۋەتتە گالىلېيغا بولغان خاتا ھۇكۇم 1980يىللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.بۇنىڭدىن بىز ۋاتىكاننىڭ  {يەر مەركەز تەلىماتى}نى 1980يىللارغىچە قوللىنىپ كەلگەنلىكىگە ، ۋاتىكاننىڭ  نۇرغۇن مائارىپ مەبلىغىنىڭ زىيانغا ئۇچۇرغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. دەل بۇنىڭغا ئوخشايدىغان  يەنە بىر ھالەت شۇكى، نيوتون قانۇنلىرى  ئېلان قىلىنغان 1687 يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 330يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە،نيوتون قانۇنلىرى پۇتۇن دۇنيادىكى بارلىق فىزىكا دەرسلىكلىرىگە كىرگۇزۇلۇپ بولغان بولۇپ،بۇ خاتالىقنى  تۇزۇتۇشكە توغرا كەلسە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن باشلاپ  پۇتۇن دۇنيانىڭ  ھەرقايسى جايلىرىدىكى سان- ساناقسىز  كۇتۇپخانىلاردىكى  كىلاسسىك فىزىكىغا ئائىت  كىتابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن پۇتۇن دۇنيا ئالەمنىڭ 1685يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغان دەپ چۈشەنسە ئاۋارىچىلىك ئاز بولىدۇ،لېكىن بۇنىڭدا تېخىمۇ كوپ مائارىپ مەبلىغى  زىيانغا ئۇچرايدۇ.                           
      {يەر مەركەز تەلىماتى}دا،يەر شارىنىڭ ھەرىكەت قىلماي،باشقا سەييارىلەرنىڭ يەر شارىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىنىدۇ،  { قۇياش مەركەز تەلىماتى} دا بولسا،قۇياش قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى، ئۇ ھەرىكەت قىلمايدۇ،باشقا سەييارىلەر قۇياشنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ} دەپ قارىلىدۇ. لېكىن نيۇتوننىڭ  {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى} قانۇنى بىلەن مېخانىكا قانۇنلىرىنىڭ ئاساسى بولغان  {غايەت زور سائەت نەزەرىيەسى}دە،ئالەمنىڭ يۇقارقى ئىككى خىل ھەرىكەتلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىپ،ئالەمنى 1685يىللاردا ئاندىن ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغان دەپ چۇشەندۇرۇدۇ. مانا بۇ نيوتون مېخانىكىسىدىكى  ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ئەجەللىك خاتالىق.                                                                                            
       ئالەمنىڭ قانداق قىلىپ سائەتكە ئوخشايدىغانلىقى،بۇ سائەتنىڭ قاچان ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى ماقالە   ،{ئۇچار تەخسە تەتقىقاتى}ژۇرنىلىنىڭ 2002يىلى 6-ئايدىكى سانىدا  ئېلان قىلىنغان،پېڭشىجىنىڭ ‹چۈشۈرۈش تەس بولغان ھالقا›دېگەن ماقالىسى بولۇپ،  بۇ ماقالىنىڭ ئىچىدىكى مۇنۇ ئابزاستىن ئالەم پەياە بولۇپ 5689يىلدىن كېيىن  نيوتوننىڭ تەڭرىنى قانداق قىلىپ ئالەمنى ھەركەتلەندۇرۇشكە قائىل قىلغانلىغىنى  ،پۇل مۇئامىلىنىڭ كىملىكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ  تەھلىل قىلىپ چىقالايمىز.{كىلاسسىك فىزىكىچى  ئاساسىنى سالغۇچى نيۇتون بولۇپ ،ئۇنىڭ دۇنياقارىشى  مېخانىك ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا پۇتكۇل ئالەمنى غايەت زور مېخانىك سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ ،بۇ سائەتنىڭ ھەممە يەرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان .بۇ سائەت تەڭرىنىڭ رولىنى يوققا چىقارغان بولۇپ ،نيۇتوننىڭ نەزەرىيەسى شۇ چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىلاھشۇناسلىق ئىلمىگە ناھايىتى زۆر زەربە بولغان.لېكىن نيوتون ئۇ بۇ سائەتنىڭ تېخى ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى،بۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن{ بىرىنچى تەسىر كۈچ}نىڭ كەم ئىكەنلىكنى سەزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز، تەخمىنەن 1685يىللىرى سىرتقى كۈچ{تەڭرى}نى چاقىرىپ كەلگەن،بىراق ‹تەڭرىنىڭ كۇچى› سىرتقى كۈچ بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن نيۇتون بۇ سىرتقى كۈچنى  دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بولسا نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرى چۈشەندۈرگەن،.....،}."  يەنى بۇ يەردىكى ئەڭ مويىم نوختا ئالەمنىڭ ھەرىكىتى نيوتون تەڭرىنىڭ تۇنجى كۈچىنى {يەنى بىرىنچى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}نى چاقىرىپ غايەت زور سائەتنى ھەركەتلكەندۇرگەندىن  كېيىن باشلانغان.بۇندىن بۇرۇن ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغىنى  تەڭرى بىلمىگەن.ھازىرقى دۇنيادىكى بارلىق فىزىكلارمۇ بىلمىگەن. يەنى {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى} دەل بۇ ۋاقىتتا پەيدا بولغان.بۇ دەل ئۇنىڭ غايەت زور سائەتنى ھەرىكەتلەندۇرگەن  {سىرتقى كۇچ }دېگەن لوگىكىسى ئەكس ئىتىدۇ،چۈنكى پۇتكۇل ئالەمگە نىسبەتەن،ماددىنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى }دەل تەڭرىنىڭ {بىرىنچى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}دىن  ئىبارەت.                  
       بىز بۇرۇن ئىزچىل ھالدا  پۇل مۇئامىلە بىلەن نەزەرىيەۋى فىزىكىنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىگە سەل قاراپ كەلدۇق، لېكىن مائارىپ بۇرۇنقى  ھەقسىز مائارىپتىن ھازىرقى  ھەقلىق مائارىپقا ئۆزگەردى، بۇرۇن دۆلەت بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ھازىر ئۆزى خىزمەت تېپىشقا ئۆزگەردى.يېزا ئىگىلىك بانكىسى بۇرۇنقى بانكىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن تەرەقى قىلىپ خېرىدارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئۆزگەردى. يېزا ئىگىلىك پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەر بىر بانكا خادىمىنىڭ  يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ {ئۇچ ئاساسى بىلىم}نى پۇختا ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،بىز ئەمىلى خىزمەتكە بىرلەشتۇرۇپ ئېلىپ بارغان بۇ تەتقىقاتتا، دۆلىتىمىزنىڭ  پۇتۇن پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە  ئورتاق قوللىنىۋاتقان كىملىكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ نيۇتوننىڭ كىملىكىنى  ۋە {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەكشۈرۈشكىمۇ ماس كېلىدىغانلىغىنى بايقىدۇق.  دەل مۇشۇ خىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىلار دىققەت قىلمىغان خاتالىقنى بايقىدۇق. بىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ تەكشۇرۇدىغىنىمىز نيوتون دەۋرىدىكى  ئالەمنىڭ {كىملىكى} بولۇپ، بۇنىڭدا يەنىلا  دۇنيا تارىخىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن نەقىل ئالساق بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.{ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇق ئالىملار}  دېگەن كىتابنى ئەنگلىيە ھازىرقى زامان پەننى ئومۇمىيلاشتۇرۇش يازغۇچىلىرىدىن  يوھان فاندون باشچىلىقىدىكى ئالىملار يازغان بولۇپ،2007يىلى دۇنيا نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىملار بۇ كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، بۇ كىتابنىڭ ئوبراز ۋەكىللىگىنى ئۇستۇگە ئالغان.بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نەشرىنىڭ 89-بېتىدە،ئالەمنىڭ تارىخىغا ئائىت مويىم بىر ماتېرىيالنى تەمىنلەگەن بولۇپ،{ئالەم مىلادىدىن بۇرۇنقى 4004يىلى 10ئاينىڭ 23كۇنى ‹يەكشەنبە› كۇنى تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان}، مەشھۇر ئالىم نيوتون ئالەمنىڭ بۇ تارىخىنى قوللىغان،}دىگەن سۇزلەر بار.لېكىن بايىقى{چۇشۇنۇش تەس بولغان ھالقا} دىگەن ماقالىدا، نيوتون  خىرىستىيان دىنىدىكى تەڭرىنى بارلىق دىنلارنىڭ ۋەكىلى دەپ  چاقىرغان ۋاقىتتا {ئىنجىل}غا ئاساسلانغاندىمۇ  ئالەم ھەرىكەت قىلغىلى 5689يىل بولغان بولۇپ، ماتېماتىكىدىكى قوشۇش -ئېلىش ئۇسۇلى  ئارقىلىق،  ئالەم پەيدا بولغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 4004يىلغا،نيوتون تەڭرىنى چاقىرغان 1685يىلنى قوشۇپ، ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغىمۇ 5689يىل بولغانلىقىنىمۇ ھېسابلاپ چىقىرالايدۇ. بۇنىڭداخىرىستىئان دىنىدىكى {ھەممىنى بىلىدىغان،ھەممىگە قادىر،ھەممىدىن قۇدۇرەتلىك}دەپ قارىلىۋاتقان تەڭرىنىمۇ ھىساپلاپ چىقالايدۇ. ئەلۋەتتە،بۇنى مەنمۇ،سىزمۇ  ۋە دۇنيادىكى باشلانغۇچ  مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى بالىلارمۇ ھېسابلاپ چىقالايدۇ، لېكىن بۇنى ھېچكىم ئۇنداق قىلىپ باقمىغان. مانا بۇ كەڭ ئوقۇرمەنلەر قىلىپ باقىدىغان ئىش.         
       فاڭجوزىنىڭ { ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟› ،خەنزۇچە 2-بەت}تە،{ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}گە ئائىت مۇنداق بىر قاراش بار.  ئەينى ۋاقىتتا {ئالەملىك  تارتىشىش كۈچى} قانۇنىنى داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى لېيئېن مۇ تەتقىق قىلىپ مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ،لېكىن  ماتېماتىكا سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىلىكنى سەۋەبىدىن  {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى }قانۇنىدىن  كېپلېرنىڭ قانۇنلىرىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان.1684-يىلى لېيئېن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گوك بىلەن خالىينىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئاڭلاپ،‹ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىدىن كېپلېرنىڭ ئۇچ قانۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولامدۇ يوق؟،كىم بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىسا،40شىللىڭلىق كىتابتىن بىرنى سوغا قىلىمەن› دەپ ،بىر كىتاب دوغا تىككەن.   بۇنىڭ بىلەن خالىي  كېمبىرىجغا كېلىپ نيوتوننى زىيارەت قىلغان ،نيوتون  ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى  بۇرۇنلا ھەل قىلىپ  بولغانلىقىنى ،لېكىن  تېخى ئۇچۇق -ئاشكارا ئېلان قىلمىغانلىغىنى ئېيتقان. خالېينىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن نيوتون 1686-يىلى ‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپى›نىڭ ئارگىنالىنى  ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمئىيىتىگە تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە  تاپشۇرغان، ئارگىنالنى باھالاشتا،  گوك ‹ئالەملىك تارتىشىش كۈچى} قانۇنىنى ئۆزىنىڭ نيوتونغا ئېيتقانلىغىنى،نيوتوننىڭ بۇ ئەسىرىدە گوكنىڭ  توھپىسىنى ئەسكەرتىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى  ئېيتقان.گوكنىڭ ئېيتىشىچە،بۇندىن 12يىل بۇرۇن يەنى 1674-يىلى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ،  بۇنىڭدا تارتىشىش كۈچىگە ئائىت ئۇچ پەرەزنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇلار مۇنداق ‹بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا تارتىشىش كۈچى مەۋجۇت بولىدۇ،تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرى بولمايدىكەن،ئاسمان جىسىملىرى ئىنىرىتسىيەنىڭ تەسىرىدە تۇز سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىدۇ،جىسىملار ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق قانچە يېقىن بولسا،تارتىشىش كۈچى شۇنچە  كۇچلۇك  بولىدۇ.› ،1679-يىلى گوك{ شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ  تەجرىبىگە مەھسۇل خادىمى،مەشھۇر فىزىكا ئالىمى } ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن نيوتونغا  خەت يېزىپ،‹تارتىشىش كوچىنىڭ ئارىلىقنىڭ كىۋادراتىغا  تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان›،--قالغان ماتېرىياللارنى  فاڭ جو زىنىڭ ‹ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ؟›دېگەن خەنزۇچە كىتابنىڭ 23-24-25-26-بەتلىرىدىن كۇرۇڭ. مويىم بىر نوختا شۇكى،نيوتون 1690يىلىدىن باشلاپ،ئەنگىلىيەنىڭ پۇل بېسىش زاۋۇتىدا باش نازارەتچى بولغان،3يىلدىن كېيىن بۇ زاۋۇتنىڭ باشلىغى بولغان،{ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ئەڭ ئۇلۇق ئالىملار} دىگەن كىتاپنىڭ خەنزۇچە نەشىرىنىڭ 82بېتىدە،نيوتون بۇ خىزمەتنى تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان 37يىل ئىشلىگەن،ئەگەر پۇل بىلەن بانكىنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىساق،پۇل مۇئامىلىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ نيوتون قانۇنلىرىغا باھا بېرىش تامامەن لوگىكىغا ئۇيغۇن. ،سىتىفون خاۋكىڭنىڭ{ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى}دا دىيىلىشىچە، نيوتون بۇ ۋەزىپىلەردە ئولتۇرغان ۋاقىتتا { ساختا پۇل ياسىغان دەپ يەنە بىر قانچە ئادەمنىمۇ دارغا ئاسقان}.        
      { ئالەملىك تارتىشىش كۈچى}نىڭ نيوتون بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار   دىگەن قاراشنى پۇل مۇئامىلىدىكى كىملىكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەھلىل قىلساق، بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپقاندەكمۇ قىلىمىز. بۇ يەردىكى مەسىلە، گوك بايقىغان بۇ نەزىريە قانداق قىلىپ نىيۇتوننىڭ  قارىشى بىلەن  تامامەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ؟، ئەلۋەتتە نيوتونمۇ ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىگە ئاساسەن {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى} قانۇنىنى بايقىغان،ئالىملار بۇنىڭمۇ ئىسپاتلىرىنى تاپقان، لېكىن بۇنى ئېلان قىلمىغان،لېكىن ئېلان قىلىش ۋاختىدا بولسا،بايا بايان قىلىنغاندەك،ئالەمنى{  غايەت زور سائەت}كە ئوخشىتىپ،ئاندىن ئالەمنىڭ ھەركىتى ئۇچۇن تەڭرىنى چاقىرىپ ، ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرگەن .بۇنىڭ بىلەن ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى تامامەن ئىنكار قىلغان.لېكىن بۇنى ئۈزى سەزمىگەن. بىز بىرقانچە يىل بۇرۇن {شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرىستېتى} كۇتۇىخانىسىدا،خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان نىيۇتوننىڭ {تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپى}بىز قېتىم ئوقۇپ چىققان.  ماتىرياللاردا كورسۇتۇلىشىچە، {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى }،{ئوپتىكا نەزەرىيەسى }قاتارلىق چوڭ كەشپىياتلارنىڭ  كەشپىياتچىلىق ھوقۇقى تالاش تارتىشىشى نيوتون بىلەن گوك ناھايىتى قاتتىق جېدەللەشكەن ،كېيىن {ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى}نەزەرىيەسىدە بولغان تالاش -تارتىش ئاخىرى ئەنگلىيە پادىشاھنىڭ ئورمىسىغىچە داۋا-دەستۇر بولغان،پادىشاھ بۇ ئىشتا گوكنى بېسىپ قويغان،گوكنىڭ قالغان ئۇمۇرى مۇشۇ ئىشتىن ئاغرىنىش ،ئاچچىقلىنىش ئىچىدە ئۆتكەن.1703-يىلى گوك ئۇلۇپ كەتكەن،شۇ يىلىسى نيوتون  ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمئىيىتىگە {ھازىرقى ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى}گە باشلىق بولۇپ كەلگەن،1710يىللار ئەتراپىدا ،  بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەسلىدىكى ئورنى كىچىك بولۇپ قېلىپ، باشقا ئورۇنغا كۆچكەندە،گوكنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرى ،خاتىرىلىرى،تەجىربە بۇيۇملىرى،ھەتتا رەسىملىرىمۇ سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ كەتكەن،ئەلۋەتتە كېيىن ئالىملار  بۇنىڭدىكى ئەڭ مويىم گۇماندار نيوتون دەپ قارىغان.                                                                              
        ھازىرقى دەۋردە،پىكىر ئەركىنلىكى تېخىمۇ قويۇۋېتىلدى.لېكىن بۇنىڭدا يەنىلا ئەڭ تۆۋەن چەك بەلگىلەپ بېرىلگەن بولۇپ، ئوتتۇرغا قويۇلغان ئەركىن پىكىر چوقۇم دۆلەت  ۋە خەلقىنىڭ ئىقتىسادى  مەنپەئەتىگە زىت بولماسلىقى،دۆلەتنى پارچىلىماسلىغى،مىللەتلەرنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى كېرەك .  زورورىيەت ئۇچۇن،  ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭرى ھەققىدىمۇ  سەل ئىزاھات بېرىشكا توغرا كېلىدۇ .مەيلى خىرىستىيان دىنىدىكى تەڭرى بولسۇن ياكى ئاسلام دىنىدىكى تەڭرى بولسۇن {ھەممىنى بىلىدىغان،ھەممىدىن مېھرىبان ،ھەممىگە قادىر} دەپ قارىلىدۇ،بۇنداق بولغاندا،بىر دىننىڭ خۇداسى يەنە بىر دىننىڭ خۇداسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.نيوتون قانۇنلىرى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئەرەبلەرنىڭمۇ مويىم فىزىكا دەرسلىكى بولۇپ،قارىغاندا ئۇلارمۇ نيوتوننىڭ چاقىرغىنى  ئىسلام دىنىدىكى ئاللاھ دەپ چۈشەنگەن، يەنى ئۇلار نيوتوننى{ ئىمان ئېيتقان ئىسلام دىنى مۇرىتى} دەپ چۈشەنگەن .لېكىن نيوتون راستتىنلا ئىمان ئېيتىپ،ئىسلام دىنىغا كىرگەنمىدۇ؟ نيوتون بوددا دىنىغا ئېتىقات قىلمىغان،كاتولىك دىنىغىمۇ كىرمىگەن ،يەھۇدى دىنىنىدىكى تەڭرىنى چۇشەنمەيدۇ،ھىندى دىنىدىن خەۋىرى يوق،دىمەكچى بولغىنىمىز نيوتون تەڭرىنى چاقىرىش بانىسىدا تەڭرىنى ئىنكار قىلغان، ھەم ئۈزىنى يېڭى بىر تەڭرى قىلىپ تىكلىگەن.بىزنىڭ بۇ خۇلاسىمىزنى  {دۇنيا تارىخىدىكى ئۇلۇق ئالىملار}دېگەن كىتابنىڭ نيوتون تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدىكى،{ئەگەر ئالەم راستتىنلا غايەت زور سائەتكە ئوخشايدىغان بولسا،بۇ سائەت بىلگىلى بولىدىغان بىر قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ،نيوتون قانۇنلىرى دەل بۇ سائەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بىرىنچى تەسىر كۇچ} دىگەن جۇملىلەر تۇلۇق ئىسپاتلىدى. ،دىمەك،يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۇچ ئاساسى بىلىملىرىنىڭ ئىچىدىكى مويىم بىر تۇر بولغان{ كىملىكنى تەكشۇرۇش }ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ نيۇتون ۋە ئالەمنىڭ كىملىگىنى  تەكشۇرۇشىمىزدىن چىققان خۇلاسە بىلەن 2007يىلى نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىملارنىڭ  قارىشى بىر يەردىن چىقتى.يەنى بۇ خىل  ئىلمى تەپەككۇرنىڭ ئىلمىلىغىنى 2007يىلى نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئالىملار تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى.ماركىسىزىم تەرەپتىنمۇ ئىسپاتلاندى، چۇنكى ماركىسىزىم تەڭرىنى مەۋجۇت دەپ قاراپ باقمىغان، ماتىماتىكىلىق ھىساپلاش{ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4004يىل+مىلادى1685يىل=5689يىل}ئۇسۇلىمۇ ئىسپاتلايدۇ،يەنى ئۇچۇ خىل ئىسپات  يېزا ئىگىلىك بانكلىسىنىڭ كىملىكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پەيدىلىنىپ يەنە باشقا ئالىملارنىڭ كىملىگىنى تەكشۇرۇشكىمۇ ماس كېلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.                                                               
     {2.1} نيوتون {مۇتلەق ماددا -مۇتلەق ماكان -مۇتلەق زامان}قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،شۇنداقلا {ئېفىر}قارىشىنىمۇ نيوتون ئوتتۇرغا قويغان ، تەخمىنەن 200يىلدىن كېيىن ئېينىشتىيىن  بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىپ 1905يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ {فىزىكا يىلنامىسى}دا ئېلان قىلغان،1944يىلى ماقالىنىڭ قوليازمىسى 6مىليون ئامىرىكا دوللىرىغا يارىغان، {تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى}نىڭ بىرىنچى مەزمۇنى، { جىسىم‹ئادەم›نۇر تېزلىكىگە يېقىن  سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا، جىسىم ‹يەنى پويىز› تۇرغان ماكان  پويىز يولىنىڭ ئۇزۇنلىغى،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى قىسقىراپ،زامان ئۇزىرايدۇ} دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ. بۇ دېگەنلىكىك پويىزنىڭ چوڭ كىچىكلىگى  ھەرىكەت جەريانىدا  ئەسلىدىكى نورمال ھالەتتىن كىچىكلەپ بارىدۇ،پويىز ئىچىدىكىلەر  ئەسلىدىكىدىن  ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ،}دېگەنلىكتۇر.  لېكىن ئۇنىڭ ئىككىنچى قانۇنى{جىسىم ‹يەنى ئادەم›نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا،جىسىم‹يەنى پويىز بىلەن  ئادەم›نىڭ ماسسىسى  چوڭلاپ  بارىدۇ} دەپ قارايدۇ.بۇ دەل  بىرىنچى خىل قانۇندىكى  ھالەتنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇل،سۆڭەك، ۋە ئىچكى ئەزالار ھەرىكەت جەريانىدا چوڭلاپ بارىدۇ. ھەم بۇنى   M=M0/[1-(u/c)^2] فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا M ھەرىكەت جەريانىدا يوغىنىغان ماسسىغا .M0 جىمجىت ھالەتتىكى ماسسىغا ،   u  جىسىمنىڭ نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرىتىڭگە،cنۇر تېزلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.   دېمەك بۇ ئىككى قانۇندا ،ئېينىشتىيىن ئادەمنىڭ  نۇر تېزلىكىگە  يېقىن  سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەم  كىچىكلەيدىغانلىقىنى ،ھەم چوڭلايدىغانلىغىنى بايان قىلىدۇ،مانا بۇ بىز  ھازىر قوبۇل قىلىۋاتقان  {نىسپىي ماددا، ماكان -زامان} قارىشىدۇر.ئەمىسە،ئادەم بەدىنى نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلسا،زادى چوڭلامدۇ ياكى كىچىكلەمدۇ؟بۇنىڭغا يەنىلا  تىببى نوختىدىن  تېپىلغان پاكىتلار، ھەرىكەت جەريانىدا ئادەم بەدىنى ھەم چوڭلىماسلىغى ھەم كىچىكلىمەسلىگى بەلكى نورمال ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇشىنىڭ زورورلىگىنى بىلدۈردى. يەنە كېلىپ بۇنى تىببى ئىلىم ساھەسىدىكى دوكتورلار  سان-ساناقسىز تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىسپاتلىغان، ھازىرقى تىببى ئۇنىۋېرىستېتتىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا ئادەتتىكى ساۋات ئارقىلىق ئېينىشرىيىننىڭ نەزىريەسىگە رەدىيە بېرەلەيدۇ. ئۇلار ئۈز بىلىمىنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ قارىمىغان.بۇ تىببى ساھادىكىلەرنىڭ نوپوزغا بەك چوقۇنىدىغانلىغىنى كورسۇتۇدۇ.                                                                                                                                 
       {2.2} ئېينىشتىيىن نيۇتوننىڭ {نۇر زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە }دېگەن قارىشى  بىلەن نيۇتوننىڭ رەقىبى ئەينى چاغدا يېڭى قۇرۇلغان ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ تەجرىبىگە مەسئۇل مۇدىرى  گوك، گوللاندىيە فىزىكا ئالىمى خۇيگېنىسنىڭ {نۇر دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە} بولىدۇ، دېگەن قارىشىنى بىرلەشتۇرۇپ، {نۇر ھەم دولقۇنلۇق،ھەم زەررىچىلىكتىن ئىبارەت  ئىككى ياقىلىماق خۇسۇسىيەتكە ئىگە} بولىدۇ دېگەن نەزەرىيەسىنى 1905يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ {فىزىكا يىلنامىسى}ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان،بۇ نەزىريە كېيىن كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۇتۇپ   1921يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھەم بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى ئايالىغا بېرىۋەتكەن،پۇلنى شۇنچىلىك ياخشى كورۇدىغان يەھۇدى ئالىمىنىڭ  بۇ ھەرىكىتىدىن كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان بىر  گۇمانلىق توختىنى بايقايمىز، يەنى  نوبېل مۇكاپاتى ئالغان بۇ تۆردە ئېينىشتىيىننىڭ ئايالىنىڭ تۆھپىسى ئانچە كىچىك بولمىسا كېرەك،بۇ پەقەت بىزنىڭ شەخسى گۇمانىمىز، چۈنكى ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نەزەرىيەسى نۇر بىلەن چەكلىنىدۇ، بۇ دائىرىدىن چىقىپ كەتسە،بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ .دىمەك ئېينىشتىيىن بۇنىڭدىن كېيىينكى قانۇنلىرىنى  ئۈزىمۇ چۇشەنمىگەن. 1905يىلى ئېينىشتىيىن 5پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ،نۇرنىڭ {ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەررىچىلىك}نەزەرىيەسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. شۇ سەۋەبتىن  ئۇ نۇرنى ناھايىتى بېرىلىپ تەتقىق قىلغان.شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ نۇر بىلەن ئادەمنى بىرلەشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، بىز بايا دەپ ئۆتكەن بىر-مەزمۇنى يەنە بىر مەزمۇنىنى ئىنكار قىلىدىغان {تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى}نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەزمۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇمۇ ئۇنىڭ 20ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇق ئالىم دېگەن كىملىكىگە ماس كەلمەيدۇ.شۇنداقلا ئۇنى 20ئەسىردىكى ئەڭ ئەقىللىك ئالىم دەپ قارىغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيىتىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىيەسىدىكى بۇ خىل ئىختىلاپ، ماركس ۋە ئېنگىلىسنىڭ ماددا بىلەن ھەرىكەتنى بىر گەۋدە دەپ قارىشىدەك لوگىكىسىنى فىزىكا ساھەسىگە ئېلىپ كىرىشنىڭ زورورلىگىنى كورسۇتۇپ بەردى.      
         {2.3}   بىز بايا بايان قىلغان{نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغان ئادەم بەدىنىنىڭ ھەم كىچىكلەيدىغانلىقىنى ھەم چوڭلايدىغان}لىغى ھەققىدىكى نەزەرىيەنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى  تەجىربە پاكىتى ئارقىلىق  دەل ئېينىشتىيىننىڭ ۋارىسى،ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتنى لوكاس ماتېماتىكا فېرافېسسورى  ،ئاكادېمىك سىتىفون خاۋكىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.بۇنى بىز ئۇنىڭ2009يىلى 6-ئايدا ئىشلىگەن 6قىسىملىق ئىلمى فىلىم  {سىتىفون خوكنىڭ ئالىمىگە كىرىش-ۋاقىتتقا ساياھەت} دېگەن فىلىمدىن  كۆرەلمەيمىز.بۇنىڭدا سىتىفون خاۋكىڭ پۇتۇن يەر شارىنى ئايلىنىپ چىققان 43215 كىلومېتىرلىق غايەت ئۇزۇن بىر تۇمۇر يولنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇپ،بىر پويىز 2050يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ بۇ  43215 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى  بويلاپ ، نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە  تەخمىنەن بىر سىكونۇتتا 7قېتىملىق سۈرئەت بىلەن  يۇز يىل ئايلىنىدۇ.بۇنىڭدا {تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى}نىڭ بىرىنچى مەزمۇنىدىكى {جىسىم‹يەنى پويىز› نۇر تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلغاندا،ماكان ‹پويىز يولىنىڭ ئۇزۇنلىغى ›قىسقىراپ ،زامان ئۇزىرايدۇ}دېگەن قانۇنغا ئاساسلانساق،پويىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى،كەڭلىكى ،ئىگىزلىگى،پويىز يولىنىڭ ئۇزۇنلىغى ،پويىز ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ بەدىنى ئوڭ تاناسىپ ھالىتىدە كىچىكلىشى كېرەك.چۈنكى بۇ ئېينىشتىيىننىڭ قانۇنىدا شۇنداق دېيىلگەن. لېكىن  سىتىفون خاۋكىڭنىڭ  بۇ نەزەرىيەۋى تەجرىبىسىدە  بۇ 100يىل جەريانىدا ،پويىز يولىنىڭ كەڭ- تارلىغىدا ،ئۇزۇن قىسقىلىقىدىن ،پويىزنىڭ ئومومى گەۋدىسىدىمۇ ئۈزگۇرۇش بولمىغان ،دېمەك ھەرىكەت قىلغان جىسىمدا  ۋە ماكاندا ئۇزگۇرۇش بولمىغان.بۇ نەزەرىيەۋى ئىلمى  پاكىت ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بۇ خىل تەپەككۇرنىڭ ئاساسى دەل ماركىسىزىمنىڭ {كونكىرىت شەيئىنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش}ئۇسۇلىدىن كەلگەن.بۇ ھەقتىكى ئامىلى مىسال {murad.cn } تورىدا بولۇپ،بۇنىڭدا يەنە سىتىفون خاۋكىڭنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىنى قانداق ئەمىلى پاكىت بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىغى،نيوتوننىڭ تەڭرىنى قانداق ،قاچان چاقىرغانلىغى قاتارلىق  بىرقانچە تەجىربىلەرنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئېلىكترون كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تالىپجان  ئايۇپ جانلىق ئىشلەپ كورسۇتۇدۇ، بۇ مەزمونلارنىڭ بارلىق خىراجىتىنىمۇ  {murad.cn}ئۇستۇگە ئالغان.                                                                                                                    
       خوش،  {تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى}نىڭ  ھەممىلا مەزمۇنى خاتامۇ؟،ئۇنداق ئەمەس، بايا دېگەندەك ،بۇنىڭ يېرىمىنىڭ توغرىلىغى پەقەت مىكرو دۇنيادىلا قوللاشقا ئېرىشىدۇ. يەنى ھازىرقى جەنۋەدىكى يەر ئاستىغا سېلىنغان 27 كىلومېتىرلىق ياۋروپا يادرو تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىمۇ زەررىچىلەر نۇر تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىپ،بىر سېكۇنتتا،27 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى11000قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىكەن، لېكىن ھەر قېتىملىق تەجىربە ئاخىرلاشقاندا،بۇ 27كىلومېتىرلىق مۇساپە قىسقارمىغان، پەقەت زەررىچىلەرنىڭ  يىمىرىلىشى ئاستىلاپ،ئۇلارنىڭ ئۇمۇرى ئەسلىدىكىدىن30ھەسسە  ئۇزارغان.   
      ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادىكى ھەرقايسى مەركىزى بانكىلارنىڭ ساختا پۇلغا بولغان مەيدانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ،بانكىغا كىرگەنلىكى ساختا پۇل قانۇن بويىچە بىردەك مۇسادىرە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ساختا پۇل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا{ ساختا پۇل} دىگەن تامغا بېسىلىپ، ئوبوروتتىن  چېكىندۇرۇلىدۇ.بۇ خىل لوگىكىغا ئاساسلانغاندا،مائارىپ ساھاسىگى كىرىپ بولغان ساختا نەزەرىيەلەرمۇ بىردەك تۇزۇتۇلىشى كېرەكمۇ قانداق؟ نيوتون ۋە ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريەسىدىكى ساختىلىغىغا ھۇكۇم قىلغىلى بولىدىغان شۇنچە خاتا بولغان نەزەرىيەلەر قانداق قىلىپ كىلاسسىك فىزىكا ۋە ھازىرقىزقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسى تۇۋرىكى بولۇپ قالغان،شۇنداقلا ھىچقانداق بىر قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىغان ؟بۇنىڭدا پۇل مۇئامىلىنىڭ قانۇن تۇزۇملىرىنىڭ قاتتىق بولۇشىنىڭ ئۇنىمى  پۇل مۇئامىلە دائىرسىدىلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، مائارىپتىكى قانۇن تۇزۇم بۇنداق بولمىغان، بۇنىڭدا پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا زىيانغا ئىشلەيدىغان ئادەم بەك كوپ بوپلۇپ كېتىدۇ.بىز تاپقان بىردىن بىر سەۋەب،فىزىكىدىكى خاتالىقلارنىڭ دەرسلىككە كىرىشىدىن،  ئەدەبىياتنىڭ ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكى مويىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدىن بولغان.چۈنكى يازغۇچىلار ئەدەبىياتنىڭ ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ،بىرەر ئالىملارنىڭ ئەمگىگىنى ھەددىدىن ئارتۇق گەۋدۇلەندۇرۇپ كەتكەن. بۇ ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدۇ، لېكىن چەكتىن بەك ئېشىپ كېتىپ،ئەكسىنچە رول ئويناپ قېلىشىنى چاكلىيەلمىگەن.     
     {4.2}   شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فېرافېسورى يڭجوڭوتەن ئەپەندىمنىڭ {ئۇچ پادىشاھلىققا باھا}دېگەن لېكسىيەسىنىڭ 52قىسمىدىن بىلەلەيمىز.  يەنى فېرافېسسور يىجوڭتىەن ئادەمنىڭ ئىلاھقا ئايلىنىشىدا  ئەدەبىياتنىڭ ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكىنىڭ ناھايىتى مويىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.                                يىجوڭتئەن مۇنداق دەيدۇ: { كۇڭزى ۋە  جۇگېلىئاڭ تارىخىدا ئىلاھلاشقان شەخس،بولۇپمۇ جۇگېلىاڭ  جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى گوسوڭدىن باشلاپ ئالاھىدە ئالقىشلىنىپ بارا -بارا كىشىلەر چوقۇنىدىغان ئىلاھقا ئايلانغان  شەخس}.                                                                                                
     جوڭگۇ تارىخىدا ئەدەبىيات ئارقىلىق ئوبرازى ئەڭ كوپتۇرۇلگىنى جۇگېلىاڭ بولۇپ،جۇگېلىاڭغا مەنسۇپ دەپ قارالغان نۇرغۇن ھەربىي تاكتىكىلىرىنىڭ  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەسىلەن، {قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى}نى ئەسلى ساۋساۋ لۇبۇغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ئىجاد قىلغان ۋە قوللانغان.{ئوت -چوپ قارانچۇقلار ئارقىلىق ئوقيا ئوقى يىغىش ئۇسۇلى}نى  ئەسلى سۇنچۇەن ساۋساۋ بىلەن ئۇرۇشقاندا قوللانغان ئۇسۇل،چىبى ئۇرۇشىدا جۇگېلىاڭنىڭ {شەرق شامىلىنى  چاقىرىش}دەك ۋەقەمۇ پەقەت يۇز بەرمىگەن. {بوۋاڭغا ئوت قويۇش}،{شىيېغا ئوت قويۇش}قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى  يازغۇچىلار جۇگېلىئاڭ ئۇچۇن توقۇپ چىققان.ھەقىقىي تارىخى ماتېرىيال بولغان {ئۇچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى}نىڭ جۇگېلىئاڭ تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا بۇنداق ئىشلار يوق. بولۇپمۇ {قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى}دە،جۇگېلىئاڭنىڭ ئوبرازىنى گەۋدۇلەندۇرۇمىز دەپ،ئۇنىڭ ھەربىي تالانتىنى  تامامەن ئىنكار قىلغان. مەسىلەن  {قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى}دىكى سىمايى بىلەن جۇگېلىئاڭنىڭ كىملىكىنى،يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ   كىملىكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ باھا بىرىمىز.چۈنكى، شۇ ۋاقىتتا جۇگېلىئاڭ  شۇ پادىشاھلىقىنىڭ  باش ۋەزىرى، مەشھۇر سىياسىيونى ،ھەربىي گېنېراللارنىڭ باشلىغى .سىمابى بولسا ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ ساڭجىاڭ دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى.ھەر ئىككىسىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى فېرافېسسور دەرىجىلىكتىن كەم ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن  ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇشتا ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئوقيا ئوقىنىڭ زەربە بېرىش ئارىلىقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى پىششىق بىلىدۇ،جۇگېلىئاڭنىڭ قۇرۇق شەھەرنىڭ ئۇستۇگە چىقىپ ساز چېلىشىمۇ دەل شۇ سىيماسىنى ئاڭلىسۇن دەپ بولغان ئىش. شۇ سەۋەبتىن جۇگېلىئاڭ بىلەن سېمايىڭنىڭ ئارلىغى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقيانىڭ زەربە بېرىدىغان ئارلىغىمۇ 60مېتىردىن چوڭ ئەمەس.بۇ جۇگېلىاڭ ۋە سىمايى ئۇچۇنمۇ،20تۇمەندىن ئارتۇق كامانداز ئۇچۇنمۇ  ئاددىي ھەربىي ساۋات.بۇنداق بولغانىكەن  جۇگېلىئاڭ دەل مۇشۇ ئوقيانىڭ زەربە بېرىش دائىرىسى بولغان 40-50مېتىرلىق دائىرىدە  خاتىرجەم  ئولتۇرۇپ،زېھنىنى يىغىپ مۇزىكا چالالامدۇ؟ بۇ تۇقۇلغان ھېكايىدە جۇگېلىئاڭ مۇزىكا چالغان،لېكىن بۇ  جۇگېلىاڭنىڭ بىلەن سېمايىڭنىڭ  ھەربىي ئۇنۋانىغا،سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەن.يەنى ئۇلارنىڭ ھەربى تالانتىنى تامامەن ئىنكار قىلغان،سىز بولسىڭئىز ئاشۇنداق ئارىلىقتا ئولتۇرۇپ مۇزىكا چالالامسىز.      
       {4.2} نيۇتوننىڭ ئالەمنىڭ ھەرىكىتى ئۇچۇن ‹تەڭرى›نى چاقىرىشىدىن,بىز نيوتون تەڭرىنىڭ ئورنىغا ئالماشقانلىغىنى بىلەلەيمىز.بىز يىجوڭتىەننىڭ{ئۇچ پادىشاھلىققا باھا} دېگەن ئەسىرىنىڭ {زادى نەگە بېرىش كېرەك} دېگەن قىسمىدا، باندىت دوڭجو لوياڭغا كەلگەندىن كېيىن يۇەنشاۋغا  ھازىرقى خاننىڭ ئورنىغا خاننىڭ ئىنىسىنى  ئالماشتۇرۇش خىيالىنىڭ بارلىغىنى،بۇنىڭغا يۇئەنشاۋنىڭ تاغىسىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئوتۇنگەنلىگى تىلغا ئېلىنغان.لېكىن يۇەنشاۋ شۇ زامان قارشىلىق بىلدۇرۇپ{خاننى قانداقمۇ خالىغانچە  ئالماشتۇرغىلى بولسۇن،خاننى سەندەك ئادەم ئالماشتۇرامدا؟} دېگەن.بۇ سۆزدىن بىز يۇەنشاۋنىڭ قەيسەرلىكنى ۋە ھەققانىيلىقىنى  كۆرۈۋالالايمىز. لېكىن دوڭجو خاننى يەنىلا ئالماشتۇرغان. لېكىن پۇتۇن دۆلەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغان.نيۇتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغان ۋاقتى دوڭجو ۋەقەسىدىن تەخمىنەن 1500يىل كېيىن بولغان ئىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچ پادىشاھلىق دەۋرىدە  بىر پادىشاھنى ئالماشتۇرۇش شۇنچىلىك تەس،لېكىن نيۇتوننىڭ تەڭرىنى ئالماشتۇرۇشى،يەنى ئۆزىنى تەڭرىنىڭ  ئورنىغا ئالماشتۇرۇشى شۇنچىلىك ئاسان بولغان.  ھازىرقى ۋاقىتتا  ئىلىم ساھاسىدىن بىرەيلەن چىقىپ، ئىسلام دىنى،كاتولىك دىنى ،خىرىستىيان دىنى قاتارلىق نۇرغۇن دىنلار بار،بىرەرى چىقىپ{ مەن تەڭرى} دېسە،بۇ كىشىنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسى ئاپىرىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن بىدئەت تەلىمات دەپ دەرسلىكلەردە قوللىنىلمايدۇ.لېكىن نىيۇتوننىڭ{مەن تەڭرى} دەپ تۇرۇپ تۇزگەن نەزەرىيەسى  دۇنيا مائارىپىنى تەرەپىدىن نەچچە يۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ،دەرسلىككە ئەكىرگۇزۇلگەن،يەنە كېلىپ بۇ خىل نەزىرە بىلەن تەربىيەلەنگەن خادىملار ئۈزىى بىلەن ئوخشاش قاراشتىكى يەنە بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىقىدۇ.ھە يىلى شۇنچىلىك مەبلەغ ئىسراپ بولسا،بۇنى نورمال ئىش دەپ چۈشەندۈرىدىغان  قاراش، پۇل مۇئامىلە قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك ئىدى.                                                                  
    ئېينىشتىيىنمۇ {خۇسۇسى نىسپىلىك نەزىريەسى}ئارقىلىق  ئۆزىنى  خۇدالىق ئورنىغا چىققارغان بولۇپ،  پاكىت ئۇنىڭ ئۇزۇن ياشايدىغان ئادەمنى ياراتقانلىغىدا.،چۈنكى ئالىملار،يەنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئىلىم پەن تەرەقى قىلغاندا ،ئادەم  نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە تېز ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق  ۋاقىتقا ساياھەت قىلىپ ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ، دەپ قارىغانلىقى بولۇپ، پۇتۇن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار ئۇمۇرۇنىڭ قىسقا ئىكەنلىگىدىن تەڭرىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەندە، ئېينىشتىيىن بۇ نەزىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە تەسەللى بەرگەن.لېكىن ئۇ بۇ قارىشىنى {خۇسۇسى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى}نىڭ ئىككىنچى مەزمۇنى ئارقىلىق يەنىلا ئىنكار قىلغانلىغىنى فىزىكلار بايقىمىغان.  تىكىشى توختىمايدىغان بۇ خىلدىكى نەزەرىيەلەر يەنىلا پۇتۇن دۇنيا ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكىسىنىڭ  ئىككى ئاساسى تۇۋرۇكلىرىنىڭ بىرى بولغان ،بۇنىڭدىن ئېينىشتىيىننىڭ نىيۇتوننىڭ {مۇتلەق ماكان-زامان} قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇچۇنلا {نىسپىي ماكان- زامان }قارىشىنى زورمۇ-زو ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى  يەنى،نۇر تېزلىكىگە يېقىن سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلغاندا،ھەم چوڭلايدىغان ھەم كىچىكلەيدىغان  ھەم ئۇزۇن ئۇمۇركۆرىدىغان يېڭى بىر ئادەمنى ياراتقانلىغىنى بىلەلەيمىز. يەنە كېلىپ  ئۇنىڭ بۇ ئىدىيەسى ھازىرقى زامان  نەزەرىيەۋى فىزىكىسى مونوپول قىلغان.قاراڭ،گالىلېينىڭ جازالىنىشى،ئۇ {قۇياش مەركەز تەلىماتى}نى قوللىغاندا،يېشى 70تىن ئاشقان قېرى بوۋاي،ۋاتىكان ئۇنى جازالىغاندىمۇ ئۇرۇپ ئولتۇرۇپ قويمىغان،10-20توقماق ئۇرۇپ بولدى قىلغان، ئەنگلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فېرافېسسورى سىتىفون خاۋكىڭمۇ{ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى}دا، گالىلېيدەك  ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ناھايىتى قورققانلىقىنى بىلدۈرگەن.لېكىن ئىلىم- پەن يەنىلا پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك،بولمىسا، سىز  كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق ئالى مەكتەپنىڭ  فىزىكا كەسپىدە  دوكتۇرلۇقنى تاماملىغان تۇرۇپمۇ،ھەم نيوتون،ئېينىشتىيىنلەردەك ئۈزىڭئىزنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمىسىڭئىز،ھەم ئۆزىڭىزنىڭ نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى چۇشەندۇرەلمىسىڭئىز، بۇ سىزنىڭ دىپلومىڭىز ماس كەلمەيدۇ.         
      مەيلى نيوتون بولسۇن ياكى ئېينىشتىيىن بولسۇن ياكى سىتىفون خاۋكىڭ بولسۇن بۇ ئالىملارنىڭ ماددا،ھەرىكەت ،ماكان ۋە زامان قارىشىدا ماركىسىزىملىك تەپەككۇر باھايىتى كەمچىل بولۇپ،بۇنىڭدا بۇ ئالىملار ئاسانلا خاتالىشىپ قالىدۇ.مەسىلەن،{ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى}دىگەن كىتابنىڭ 5باپى بولغان {ئاساسى زەرىچىلەر ۋە تەبىئەتتىكى كۇچلەر}دىگەن بابىدا،ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن يېڭى بىر ئالەمنى ۋە بۇ ئالەمدىكى يەنە بىر سىزنى تەسەۋۋۇر قىلغان، ھەمدە سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ،{كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن  ئۆزىڭىز بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالسىڭىز،ھەرگىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭ.بولمىسا ئىككىڭلار غايەت زور نۇر ئىچىدە پارتلاپ غايىب بولۇپ كېتىسىلەر}دەپ بىزنى ئاگاھلاندۇرغان. بىز ھەقىقىي خاتالىقنىڭ دەل مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكنى بايقايمىز چۈنكى سىتىفون خاۋكىڭ ئانتى زەررىچىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن يېڭى بىر ئالەمنى ياراتقان،ھەم بۇ ئالەمدىكى 7مىليارد ئىنساننى ياراتقان،يەنە كېلىپ بۇ ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلام دىنىغا،بەزىلىرى خىرىستىيان دىنىغا،يەنە بەزىلىرى كاتولىك دىنىغا،ھەم بەزىلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.سىتىفون خاۋكىڭ بۇ دىنلاردىكى  تەڭرىنىمۇ تەڭلا ياراتقان.ناھايىتى ئېنىقكى بۇ كىشىلەر ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن  ھاۋادىن نەپەس ئېلىشى،ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن كىيىملەرنى كىيىشى،ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن يان تېلېفون ئىشلىتىشى  كېرەك.لېكىن بۇ شارائىت يەر شارىدا،قۇياش سىستېمىسىدا ھەتتاكى سامان يولى سىستېمىسىدىنمۇ مەۋجۇت ئەمەس،چۈنكى ئانتى ماددىدىن تۈزۈلگەن ئادەم بۇ رايونغا كىرسىلا پارتلاش يۇز بېرىدۇ، بۇ خۇددى مىنۇس زەرەت بىلەن پىلۇس زەرەت توپىنىڭ ئۇچۇراشقىنىدەكلا بىر ئىش.بۇ دەل ئېنگىلس 170يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغان{ھەركەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}دىكى تۇۋەن دەرىجىلىق ھەركەت شەكلىنى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەركەت شەكلى بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ دىگەن قارىشىنىڭ توغرىلىغىنى،ئېنگىلسنىڭ نەزىريەسىنى ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا تەدبىقلاشنىڭ زورورلىگىنى كورسۇتۇدۇ.                                                            
       MICHIOKAKU نيويورۇك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيەۋى فىزىكا ئالىمى، شۇنداقلا ھازىرقى دەۋردىكى داڭلىق نەزەرىيەۋى فىزىكا ئالىمى .بۇ ئالىم سەككىز قىسىملىق {ئالەمنىڭ ھەرىكىتىنى  قانداق چۇشۇنۇش كېرەك} دېگەن فىلىمىنىڭ3-قىسمى {چوڭ پارتلاش}دا،تېخىمۇ بىر قەدىم ئىلگىرىلەپ،ئالەمنىڭ چوڭ پارتلىشىدىن ئېنېرگىيەنىڭ ماددىغا ئايلىنىشىدا،ئانتى ماددا بىلەن تەڭ پەيدا بولغان ھەقىقىي ماددىنىڭ ئۆزئارا ئۇچراشقاندەك ھالەتنى چۇشەندۇرۇپ،دەل ئانتى ماددىدىن تۈزەلگەن يەنە بىر MICHIOKAKUنى تەسەۋۋۇر قىلغان،ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا  سىتىفون خاۋكىڭنىڭ نەزەرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،  ئانتى ماددىدىن تۈزەلگەن يېڭى بىر ئالەمنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. سىتىفون خاۋكىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ياراتقان بۇ ئالەمدىكى بۇ MICHIOKAKU  بىلەن ھەقىقى ئالەمدىكى MICHIOKAKU پۇتۇنلەي ئوخشاش.پەقەت ئۇلارنى تۇزگۇچى زەرەتلىرى ئوخشىمايدۇ.                                                                                                       خۇلاسە:بانكىغا كىرگەن پۇلنىڭ سانىنى ئادەتتە مەخسۇس پۇل  تەكشۇرۇش ۋە ساناش ماشىنىسى ئارقىلىق تاماملايمىز،بۇ ماشىنا يەنە پۇلنىڭ ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا،شۇنداقلا پۇلنىڭ كىملىك نومىرىنى ئاپتۇماتىك خاتىرلەيدىغان ئىختىدارغا ئىگە. يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كىملىكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ماركىسىزىملىق پەلسەپەنىڭ يېڭى تەرەقىياتى {ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}دەل كىلاسسىك فىزىكا بىلەن ھازىرقى زامان  فىزىكىدىكى ساختا نەزىرە بىلەن ھەقىقىي نەزىرلەرنى ئايرىيدىغان مويىم  تەبىى پەن لوگىكىسى .بۇ لوگىكا ئارقىلىق نيوتون ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تەپەككۇر قىلىدىغان نەچچە يۇز مىڭ دوكتورنىڭ نەزەرىيەسىدىكى خاتالىقنى بايقىغىلى بولىدۇ،ئەڭ مويىمى بۇ ئارقىلىق ھەر يىلى ،ھەر كۇنى بىھۇدە ئىسراپ بولىۋاتقان نەچچە يۇز مىليون ئىقتىسادى زىياننىڭ سەۋەبىنى كورسۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ.شۇنداقلا ماركىسىزىملىق تارىخى ماتىريالىزىملىق ئىلمى تەپەككۇرنى پۇتۇن دۇنيا بويىچە ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنىڭ زورورلىگىنى كورسۇتۇپ تۇرىدۇ.   دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇدىغان  كەشپىياتلارنى ياراتسىڭئىز  كەشپىياتچى ئالىم بولىسىز، يېڭىدىن بىر ئالەمنى ياراتسىڭئىز تەڭرى بىلەن تەڭ بولىسىز ھەتتا تەڭرىدىن ئېشىپ كېتىسىز،چۈنكى يېڭى ئالەمنى يارىتىشنى تەڭرىمۇ تېخى بىلىپ يەتمىگەن،بۇلارنىڭ پەرقىنى ئەلۋەتتە پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك،يەھۇدىلەرنىڭ قارىشىدا،ئوقۇتقۇچىنى ئۈزىنىڭ ئاتا -ئانىسىدىن ئۇستۇن ئورۇنغا قويۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ،بۇ دۇنيادا ئۈز بالىدىنى ئالدايدىغان ئاتا-ئانىدىن يەنە قانچىسى باردۇ،نيوتون ۋە ئېينىشتىيىن نەزىريەلىرى خۇددى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ {ئۇچ ئاساسى بىلىملىرى}گە ئوخشاش ئۇقۇغۇچىلار چوقۇم بىلمىسا بولمايدىغان بىلىملەر بولۇپ،ئۇنىڭ توغرىلىدىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كاپالەكتىك قىلىش زورور.؟                     
       بىزنىڭ  بۇ ماقالىنى تەتقىق قىلىپ تاماملىنىشىغا  ئاپتونوم رايون ، دۆلەت ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات فوندى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىغىنىڭ پەن تەتقىقات فوندىغا كوپ قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولساقمۇ  بۇنىڭ نەتىجىسى مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئاخىرلاشتى. سەۋەبى،ماركىسىزىم  ئادەتتە {كاپىتال } ۋە {كوممىنىزىم ،سوتسىيالىزىم ،سىياسى ئىقتىسات}بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ،  شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا فىزىكىنى ئارىلاشتۇرماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئامالسىز  ماركىسىزىملىق پالسەپەنىڭ ماددا كاتوگىريەسى--ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى }نى ئۈزىمىزلا ھىندىستاندا چىقىدىغان خەلقئارالىق ژورنالدا  ئېلان  قىلىۋەتتۇق .
      بۇ جەرياندا  بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقسىز  ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇ تىمىنى تاماملىدۇق.بۇلار:شىنجاڭ فېداگوكىغا ئۇنىۋېرىستېتى كومپۇيوتېر ئىنىستىتوتى مۇدىرى فېرافېسسور فەن ۋېيمىن: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېزى ئىقتىسادى ئىنستىتۇتى  دوتسىنت ئەركىن مۇئەللىم ،{ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئىلمى ژۇرنىلى}نىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى ،دوتسېنت ئابدۇرۇسۇل كىچىك ئاخۇن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكا تەربىلەش مەركىزىدىن  قادىس، ‹شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى فىزىكا ئىلىمى دوكتۇرى، فېرۇفېسسور تۇردى ئۆمەر، شىنجاڭ ئادىل پاك ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئادۋوكات ئاسىپجان ياسىن، ،شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتنى بوغالتىرىيە ئىنستىتۇتى  مالىيە باشقۇرۇش 2012يىللىق 4سىنىپ قەدىرىيە ئەركىن.ئىچكى موڭغۇل شىلىنگۇل كەسپى ئىنستىتۇتى تىببىئىنستىتۇتى 2013يىللىقتىن رىزۋانگۈل ئابدۇۋەلى نىياز،شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنى كومپۇيوتور كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئادىلجان قاتارلىقلار بولۇپ،بۇ ماقالە سەۋەبىدىن بىز تاپشۇرۋالغان خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ ئۇختۇرۇشىمۇ 250پارچىدىن ئاشىدۇ.
      بىز يەنە مۇرىنى مۈرىگە تىرەپ  ھازىر تاماملاۋاتقان تۈرلەر :
{1}{يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۇچ ئاساسى بىلىملىرى ۋە نيۇتوننىڭ يېڭى ھەرىكەت قانۇنلىرى} ،                 
{2}{ ھازىرقى زامان نەزىريەۋى فىزىكىسىنىڭ  ماددا كاتوگىرىيەسى}   
{3}   {خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە  ۋە يېڭى ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى} ،
{4} { پۇل مۇئامىلە ۋە فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت}،
{5}{ئالى ماتېماتىكا ۋە كوپ قاتلاملىق ماددا -ماكان -زامان }  
    قاتارلىق ماقالىلەر بولۇپ،بىز 2014يىلى 5ئايدا ئامىرىكا ۋە ھىندىستاندا ئېلان قىلغان ماقالىدىمۇ ،بىزنىڭ بۇ تىمىغا قىزىقىدىغانلار بولسا،قارشى ئالىدىغانلىغىمىزنى بىلدۇرگەن،ئەلۋەتتە،دىيارىمىزدىنمۇ بۇ تىمىغا قىزىقىدىغانلار بولسا،ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز،بۇنىڭغا ھىچقانداق بىر خىراجەت يوق. كېلەر قېتىمقى ماقالە{يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۇچ ئاساسى بىلىملىرى ۋە يېڭى نيوتون قانۇنلىرى}،                                 
         
ئاپتورلار:
‹1›ھاكىم غېنى‹شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بانكىسى قۇرۇلۇش يولى تارمىقى}،  
{2}شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى،تىببى پەنلەر ماگىستىرى پەرىدە غۇپۇر.
{3}شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر دورىگەرلىگى  پاي چەكلىك  شىركىتى ئارزۇگۈل قېيىم


ماقالە يىتەكچىسىز:
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇرازاق سايىم.
{2}شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇدىرىيەت رەئىسى، دوتسىنىت غۇپۇر يۇنۇس،  
{3} شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى{يېزا پەن تېخنىكىسى}ژۇرنىلىنىڭ ئالى مۇھەررىرى،باش تەھرىرى.مۇخبىر ھەلىمە تۇرسۇن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
{1}يالقۇن روزى‹تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما›،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل 12-ئاي 1-بېسىلى.
{2} . يۇھان فاندون باشچىلىقىدا تۈزەلگەن{ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىملار› خېيلوڭجياڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى،2008يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى،                                                                        
‹3›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتابلىرى.
‹4›‹كەڭ دائىرىدىكى  نىسپىيلىكى نەزەرىيەسى›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى›-‹ئېينىشتىيىن›  تور بېكىتى .
‹5›‹يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رېتسېپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرخانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى2000-يىلى نەشىرى.                                                                            {6} {ئېينىشتىيىن تەڭرىگە ئىشىنەمدۇ}فاڭجوزىنىڭ   گۇاڭشى  پەن تېخنىكا نەشىري2009-يىلى 8ئاي 1 نەشىرى.


‹ 7›بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 6-قانال بىرلىشىپ ئىشلىگەن  ئىلمى تەربىيەۋى فىلىم‹ئالەم ۋە ئىنسانلار›.                     
{8}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مېۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك.
‹9›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاھلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .
‹10›.ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.
‹11›‹تەبىئەت دىيالېكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشرىياتى يېڭى يېزىق نەشرى
‹12›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى تەسىر كۇرسەتكەن تەسىرى بويىچە رەتكە تىزىلغان  100مەشھۇر شەخس}. ئاپتورى مېخائىل خارت -‹ئامېرىكا ›-تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
‹13›‹ماتېماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباب لېكسىيە›-ئاپتورى لىياڭ خېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.                                                                                    {14}خەلقئارا مائارىپتىكى كىرىزىس ۋە ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}،بۇ ماقالىنىڭ ئېنگىلس تىلىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىhttp://www.journals-
   of-science.c ... 3524/volume_-_2.pdf  {15} {كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىككىنچى ۋاتىكان}،--ھىندىستان {يەر شارى ماتېماتىكا ۋە مائارىپ ژۇرنىلى›تور ئادىرسى:                                                                            tcfmer.com/volumes/vi-n2/‎.

2

تېما

9

دوست

4811

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1458
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alali يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 21:51
ساراڭ بولا مۇشۇنداق بولا.
ساراڭنىڭ ماقالىسىنى تەستىقل ...

بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ئاكادىمىك ھۇشۇر ئىسلام تەستىقلىغان،دولىتىمىز پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئېتىراپ قىلغان ئادەمنى ساراڭ دەپ يۇرسىڭئىز قانداق بولار؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30196
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 22:32  

   ھەيرانمەن   ئەينىشتىين ، نىيوتونلار دىنغا ئىشنەمدۇ ئىشەنمەمدۇ، تەڭرىنى چاقاردىمۇ چاقارمىدىمۇ   ئۇنىڭ بىلەن چاتقىمىز بولماي بىشىمىزنى ئچمىزگە تىقىپ  ئەمەلىي تەتقىىقات ئىلىپ بارساق نىم بولا   مەنمۇ بىر كەسپى فىزىكىچى       ساپلا قۇرۇق گەپ دۆۋسدەكلا ھىس قىلدىم .  مەن سىزگە كىسىپ ئىيتىپ بىرەلەيمەنكى  ئۇلار ھەقىقەتنى ئىزدەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان .
ئەمما غەلتە تەپەككۈرچى ئىكەنلىكڭىزگە راسلا قول قويدۇم   لىكىن سىزنىڭ تەپەككۇرىڭز ئىلمىيكەن دېگەن گەپ ئەمەس

0

تېما

1

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30196
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alali يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 22:34
توغرا دىدىڭىز بۇ كىشىنىڭ ماقالىلىرى ئادەمنى ساراڭ قى ...

مەن خىلى بولدى ئەسەرلىرنى ئوقۇغىلى  ساپلا  تۇترۇقسىز گەپلەر  بىر مەسلىنى تۇتۇپ كۆرسىتەي دىسەم مۇقىم بىر كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان  ھىلى ماددا توغرۇلۇق سۆزلىگەن ئۇنىڭدىن كىيىن تۇيۇقسىز روھىيەتكە ئۆتۈپ كەتكەن      بۇ ئەقلنىڭ ئەمەس ھىسياتنىڭلا ماقالسى ئوخشايدۇ بۇ تولا ئۆزگەرگنىگە قارىغارندا
ئوقۇتقۇچى

0

تېما

0

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33027
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 23:08:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alali يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 22:59
بۇ ئادەم بىرنىمە يېزىشقا قىزىققان بىلەن ئۆزى پەقەت با ...

ئىلمى بولساڭلار بولمامدۇ؟

0

تېما

0

دوست

437

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30474
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 00:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالامەت قىزىق چۆچەككەن

0

تېما

0

دوست

2589

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19768
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 840
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 21:43:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭمۇ قاسىمكامدەك ئالىم بولغۇسى كەپ قالغان گەپ...

0

تېما

0

دوست

1108

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33062
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 22:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 21:43
بۇ ئادەمنىڭمۇ قاسىمكامدەك ئالىم بولغۇسى كەپ قالغان گە ...

باغداش تورىنىڭ قانداق بولۇپ بۇنداق تۇتسا سېپى يوق، چاقىرسا ئېتى يوق ماقالىنى تەستىقالىغانلىقى مىنى ھەيران قالدۇردى.
بەلكىم باغداشنى ئەسلىدە بەك يۇقۇرى مۆلچەرلىۋەتكەندىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )