قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3104|ئىنكاس: 13

تارىم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 20:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              تارىم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە                                                              

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

   ئىلىم ئەھلىگە ئايان بولغىنىدەك، ئىنسانلارپەيدا بولغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە تاھايىتى ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈردى.  بۇ جەرياندا ئىنسانلار ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا ماس ھالدا ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئادەملەر توپىدىن ئۇرۇق-قەبىلىگە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا ۋە ئاخىرىدا مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھازىرقىدەك تۈرلۈك دۇنيا مىللەتلىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مىللەتلەر مەيلى بىر مەنبەلىك مىللەت بولسۇن ياكى كۆپ مەنبەلىك مىللەت بولسۇن ھەممىسلا ئۆزىگە خاس بولغان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە، جۈمىلدىن ئېتنىك مەنبە جەھەتتە ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە.                                                            
     كۆپ مەنبەلىك، مەدەنىيەتلىك ھازىرقى زامان مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىغا دائىر تېپىلمىلارنىڭ ئازلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان يازما خاتىرىلىرىنىڭ تولىمۇكەمچىل بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولۇشى سەۋەپلىك، تاكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار ساقلىنىپ كەلدى. گەرچە ھەر قايسى ئەل ئالىملىرى،جۈمىلدىن جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا ئاساسەن بىردەك قاراشقا، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىككى، بىرى جۇڭگونىڭ خەنزۇچەتارىخنامىلىرىدە خاتىرىلەنگەن «回纥»(خۇيخې) ياكى «回鹘»(خۇيخۇلار)، يەنى موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئۇيغۇرلار، يەنە بىرى مىلادى 840 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچۈشتىن ئاۋۋال تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان يەرلىك مىللەتلەر دېگەن قاراشقا كەلگەن ھەم بۇ قاراش ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي جەريانلىرىغا ماس كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇخىل قاراشنىڭ ئەڭ ئاجىز يېرى شۇكى،  تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان يەرلىك مىللەتلەرتوغرىسىدا  ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن.مېنىڭچە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ تۈگۈنىمۇ دەل مۇشۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان«回纥»ياكى«回鹘»لارئىلىم ساھەسىگە ئاساسەن تونۇشلۇق، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىرى مۇھىم ئېتنىك مەنبەسى بولغان تارىم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالى  تازا ئېنىق ئەمەس. ئۇزاقتىن بۇيان تەتقىقاتچىلاربۇ ھەقتە ئىزدىنىپ خېلىمۇ-خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە بىرلىككە كەلگىنى يوق. چۈنكى بىر تەرەپتىن، تارىم ئويمانلىقى ئەسىرلەردىن بۇيان شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى بولۇپ، بۇ زېمىنغا كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلار، جۈملىدىن ماكانلىشىپ قالغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلمىساقتىن بۇيان تارىم رايونىنىڭ ئاھالە ئۆزگىرىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان. يەرلىك خەلقلەربىلەن كۆچمەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىڭىشىش، قوشۇلۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋەئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتى تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئالدىراپ يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا پەقەت ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ئىزدەنگەندىلا ، كىشىنى قايىل قىلارلىق نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن. لېكىن ھەممىدىن ئاۋۋال شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى، تارىم رايونىدا ياشىغان خەلقلەر ۋەئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەريان چوقۇم بىر ئاساسىي لىنىيىنى بويلىغان ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن. يەنى بىر ئاساسىي خەلققە باشقا مىللەت ياكى ئۇلۇسلارنىڭ قوشۇلۇشى ۋە تەدرىجىي ئۆز-ئارا سىڭىشىشى ئارقىلىق، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى840 – يىلى غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئاھالە تەركىبى شەكىللەنگەن. چۈنكى ئىنسانلار پەيدا بولغان ياكى ئىنسانلار ياشاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەر قانداق بىر جايدا ئەڭ ئاۋۋال شۇ جايدا پەيدا بولغان ياكى ئەڭ بۇرۇن شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ياشىغان بولىدۇ. كىيىن كۆچۈپ كەلگەن مىللەتلەر ئەگەرمەدەنىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەردىن  ئۈستۈن تۇرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئاساسىي ئاھالىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر يەرلىك ئاھالىلەر ئەسلىدىنلا ئۈستۈن مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇپ، كۆچۈپ كەلگەن مىللەتلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان بولسا، ئۇھالدا ئۇلارنى بارا-بارا ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېلىپ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى «ھەر قانداق ۋەھشىي بويسۇندۇرغۇچىلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەر تەرىپىدىن ھامان بويسۇندۇرۇلىدۇ» (ماركىس).ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بۇيان مۇقىم ئولتۇراقلاشقان، تېرىم ھاياتىدا ياشايدىغان مىللەتلەر گەرچە بىر مەھەل ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك كۆچمەن خەلقلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋالغان. شۇڭا، تارىم رايونىدىكى ئاھالىلەر ئۈستىدە تەتقىقات يۇرگۇزگەندىمۇ مۇشۇ نوقتىنى يىپ  ئۇچى قىلىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە، بىز مۇشۇ يىپ ئۇچىنى بويلىغان ھالدا ھەر قايسى تەرەپلەردىن تارىمرايونىدا ياشىغان ئەڭ دەسلەپكى ئاھالە توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.                                                                                       

1.قەدىمكى تارىم رايونىنىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي  ئىگىلىك شەكلى

ئوتتۇرا ئاسىيا ـــــ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇراقىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، ئىقلىمى تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا مەنسۇپ، ئەمما قەدىمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ كىلىماتى ھازىرقىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان. بۇ توغرىدا گېئولوگلار مۇنداق قىياس قىلىدۇ :«تۇران تۈزلەڭلىكى بىلەن سىبىر تۈزلەڭلىكى ئەسلىدە دېڭىز- ئوكيانلار بىلەن تۇتاش بولۇشى، ئارال دېڭىزى، كاسپى دېڭىزىمۇ ئەسلىدە قارا دېڭىز بىلەن تۇتاش بولۇشى مۇمكىن. كېيىن، مېزوزوي ئىراسى (ئوتتۇراھاياتلىق ئىراسى) بىلەن كاينوزوي ئىراسى (يېڭى ھاياتلىق ئىراسى)نىڭ ئارىلىقىدا(يەنى بۇنىڭدىن 10 ـــ 20 مىليون يىللار ئىلگىرى) يەر پوستىدا كەسكىن ئۆزگىرىش يۈزبەرگەنلىكتىن، ھىمالايا، قاراقۇرۇم، تەڭرىتاغ، ھىندىقۇش، پامىر قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى ئۆرلەپ چىققان ... يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئېگىز تاغلار شەكىللىنىشتىن ئاۋۋال، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سىبىرىيىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، نەم، ھۆل-يېغىنى يېتەرلىك، دەل-دەرەخلىرى بۈك- باراقسان، ئوت-چۆپلىرى قويۇق ئۆسكەن ھالەتتە بولغان.شۇنىڭدىن كېيىن ئىگىز تاغلار ھىندى ئوكياندىن كېلىدىغان ئىللىق ئېقىمنى تۇسۇۋالغاچقا، تۇران تۈزلەڭلىكىدە چوڭ قۇملۇقلار شەكىللەنگەن» [1]. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىمۇ «ئەتراپتىكى تاغ تاشلىرىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن كۆپ مىقداردا توپا ۋە شېغىل تاشلار ھاسىل بولغان. قۇم- توپىلار شامال-بوراننىڭ سوقۇشى ۋە دەريا سۇلىرىنىڭ يالاپ ئېقىتىشى بىلەن 333 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى چوڭ قۇملۇق ـــــ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ھاسىل قىلغان» [2]. «غەربىي، جەنۇبىي،شىمالىي يۆنىلىشتىكى تاغ جىلغىلىرىدىن ئېقىپ چىققان دەريا سۇلىرى تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ ئېقىپ،تەكلىماكان  قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن بوستانلىقلارنى ھاسىل قىلغان .  بەزىلىرى ئويمانلىقنىڭ مەركىزىي قىسىمىغىمۇ قاراپ ئاققان. دەريا سۇلىرى قۇملۇقنىڭ ئەتراپى ۋە مەركىزىي قىسىمىغا ئېقىپ كىرگەندە،بىر قىسىم مۇنبەت، يۇمشاق توپىلارنى ئېقىتىپ بارغان. بۇ توپىلار قۇم بىلەن ئارىلىشىپ، نۇرغۇن مۇنبەت تۈزلەڭلىك ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم سۇ مەنبەلىرى بولۇپ، ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىقلاشقان. غەرب تەرەپتىكى يەكەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى شەرقىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلغان، تاللىققا بارغاندا بۇنىڭغا شەرقىي شىمال تەرەپتىن ئېقىپ كەلگەن ئاقسۇ دەرياسى قوشۇلغان، قەدىمكى خوتەن دەرياسىمۇ شىمالغا قاراپ ئېقىپ، تەڭرىتاغىدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەريا سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، كۆنچى دەرياسى ئارقىلىق لوپنۇر كۆلىگە قويۇلغان. قاراقۇرۇم ۋە ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن شىمالغا قاراپ ئاققان سۇلار چەرچەنگە كەلگەندە چەرچەن دەرياسىنى ھاسىل قىلغان. قەدىمكى زاماندا بۇمۇ لوپنۇر رايونىغا ئېقىپ كىرگەن. تارىم ئويمانلىقى شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال قاتناشلىرى مەركەزلەشكەن ئورۇنغا جايلاشقان ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىياھسىز قۇرغاق تۈزلەڭ بولسىمۇ، ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ سۇ، ئوت-چۆپلىرى مول، تۇپراقلىرى مۇنبەت بولۇپ، ھەر مىللەتلەرنى جەلپ قىلغان.» [3]. ئوتتۇرائاسىيا رايونىدىكى مانا مۇشۇنداق بوستانلىقلار، دەريا- ئېقىنلارنىڭ مەنبەسى، تاغ ئېتەكلىرى، دەريالارنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى دېلتا رايونى ۋە كۆل، بۇلاق ئەتراپىدىكى جايلارلا ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ۋە تېرىقچىلىق قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا «بېلىقچىلىق،ئوۋچىلىقتىن چارۋىچىلىققا، يىغمىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتۈش دەل مىلادىدىن 5000يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرت-شارائىتىغا مۇناسىپ ھالدا تەدرىجىي بارلىققاكەلگەن بولۇپ، دېھقانچىلىق ئەڭ ئاۋۋال ئاساسەن جەنۇبىي قىسىمدىكى چەت، ياقارايونلار ياكى مۇنبەت بوستانلىقلاردا، مەسىلەن، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى، پەرغانە ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا بارلىققا كەلگەن. ...  مىلادىدىن ئىلگىرىكى2000- يىللارغا كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا شىمالنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ۋە جەنۇبنىڭ بوستانلىق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئىگىلىك شەكىللەنگەن.» [4]. دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنىڭ، جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000-2000 يىللار ئارىلىقىدىكى ئىگىلىكىنى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى، بۇ جايدا ياشىغان ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىلەرنى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر بولماستىن، بەلكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.                                                                                                                                                                                                   

2. تارىم رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر
توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر

    نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ تارىم رايونىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى ئاھالىلەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدا،يۇقىرىدىكى ھالقىلىق مەسلىگە، يەنى «تارىم ئويمانلىقىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى5000- 2000 يىللار ئارىلىقىدىكى ئىگىلىكىنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ئىكەنلىكى، بۇجايدا ياشىغان ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ بىر نوقتىغا سەل قارىغان ھالدا، بۇ رايوندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، بۇ رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تىلى مەنسۇپ بولغان تىل تۈركۈمى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپلا، «تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاھالىسى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا، يەنى قەدىمكى زاماندىكى ساكىيان رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن ۋە شەرقىي ئىران تىل سىستېمىسىداسۆزلىشىدىغان ئايرىم ساك ئۇرۇقلىرى بىلەن قان- قېرىنداش بولغان ئارىيانلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدۇ. بەزى ئالىملار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 – يىللىرى ئەتراپىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ناھايىتى ئېغىر كىلىمات ئۆزگىرىشى بولغانلىقى،شۇڭلاشقا بۇ جايدا ياشايدىغان ئارىيانلار تېز سۈرئەت بىلەن تەرەپ- تەرەپكە كۆچۈشكەمەجبۇر بولغانلىقى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى غول بىر قىسمىنىڭ ھازىرقى قەشقەرئەتراپىدىن چىڭخەي، گەنسۇ ئەتراپىغىچە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن تەدرىجىي دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.» [5]. ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى چيەنداۋ شىنسى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» دېگەن ئەسىرىدە :«نۇرغۇن ماتېرىياللاردا بىردەك پامىر ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدىكىلەر ئىرانىلار دەپ قەيت قىلىدۇ. بىراق، شەرقىدىكى،يەنى تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغانلار قايسى مىللەتتىكىلەر؟... بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تىل. قەدىمكى غەربىي رايوندا قوللىنىلىپ كەلگەن ئاساسىي تىللار،مەسىلەن خوتەن (ئودۇن) تىلى، سوغدى تىلى، قىزىل تىلى ، توخار تىلى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، بۇ تىللارنىڭ تۈرلىنىشتە ھىندى– ياۋروپا تىلىنىڭ ئىككى سىستېمىسىغا كىرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى، ...  خوتەن تىلى بلەن سوغدى تىلى سېيتىم تىلىغاكىرىدۇ. قىزىل تىلى بىلەن توخار تىلى كېنتىم تىلىغا كىرىدۇ ... دېمەك، تارىم ئويمانلىقىدىكىلەرنىڭ تىلى ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىرقىي جەھەتتە ئارىيان مىللىتىگە كىرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن [6]. خەن كاڭشىن ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان ئاھالىسى توغرىسىدىكى ئىرقىي ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەن قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى» دېگەن ماقالىسىدە :« تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە شەرقىدىكى رايونلاردىن  تېپىلغان قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ باش سۆڭىكى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانشۇناسلىق تەھلىللىرىگە  ئاساسلانغاندا ......... ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرق تەركىبىدە قەدىمدە تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئارىيانلارنىڭ ئىرق ئامىللىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ» [7] دەپ قەيت قىلىپ، تارىم رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىنىڭ ئارىيانلار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بېرىدۇ. لياڭ جىڭجى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ «خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىرقى ۋە تارقىلىشى» دېگەن ماقالىسىدە:«ئېنگېلس ئوتتۇرا ئاسىيانى ياۋرۇپا ئىرقىدىكى ئارىيانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونى دەپ قارايدۇ. ئىرقىي كېلىپ چىقىشنى مەركەز قىلىپ زامان ۋە ماكان ئارىلىقى مۇناسىۋىتىدىن ئالغاندا، تارىم رايونى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارىيان ئىرقىنىڭ پەيدا بولغان جايىغا يېقىن كېلىدۇ، ... خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىم رايونىدىكى ئىرقلارنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئارىيان ئىرقىدۇر» [8] دەپ مۇلاھىزە قىلىپ، مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى تارىم رايونىدىكى ئاھالىلەرنى ئارىيان ئىرقىغا مەنسۇپ، يەنى بۇ رايوندا ئارىيانلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ،دېگەندىن يوشۇرۇن مەنابېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تارىم رايونىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسىنى چياڭلار دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار بولۇپ، ليۇ شىگەن ئەپەندى بىلەن چېن لياڭۋېي ئەپەندى تۈزگەن«قەدىمكى كۈسەن ئېلى تارىخى» دېگەن ئەسەردە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا مۇنداق بايانلار بېرىلگەن :«تارىخىي ماتېرىياللار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،كۈسەننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالە تەركىبى توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.  يەنى ئۇلار چياڭلار،ھىندىستانلىقلار، ساكلار، توخرىلار بولغان» [9]. يەنە سۇ بىخەي ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ«غەربى يۇرت تارىخ- جۇغراپىيىسى» دېگەن ئەسىرىدە ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا ياشىغان خەلقلەر چياڭلاردىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كېيىن بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى قەيت قىلغان [10]. يۇقىرىقىلاردىن سىرت، يەنە تارىم ئويمانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىسىىنى ساكلار دەپ قارايدىغانلارمۇ بار بولۇپ، بۇ توغرىدا روسىيىلىك لىتۋىنىسكى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن ئەسىرىدە:« تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان ساكلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى20- ئەسىر ئەتراپلىرىدا ئاللىقاچان تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارغاكەلگەن» [11] دەپ ئىزاھات بەرگەن. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، تارىم رايونىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى ئاھالىلەرنى ئارىيان، چياڭ ۋە ساكتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تائىپەخەلققە مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما يەنە تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل قاراشنىڭ تولۇق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى،ئارىيانلار ئەسلى ئوتتۇرا ئاسيا يايلاقلىرىدىكى ئاق تەنلىك ئىرىققا مەنسۇپ كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، «نەچچە قېتىم جەنۇپقا كۆچۈپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ، ئىرانلىقلارنىڭ ۋە ئارىيان مىللتىگە تەۋە ھىندىلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولۇپ قالغان..... ئۇلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىلنىڭ  دەسلىپىدە جەنۇپقا كۆچۈشكە باشلاپ، ئىران ئىگىزلىكىگە كەلگەن، يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500- يىلى ئەتراپلىرىدا ئوتتۇرائاسىيا ئارقىلىق ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن» (12)، «دەل مۇشۇ كۆچۈشلەردە ئارىيانلارنىڭ بىر تارمىقى مەركىزى ئاسىيا، يەنى رايۇنىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان» (13). دېمەك، بۇنىڭدىن ئارىيان دەپ ئاتالغان بۇ خەلقنىڭ كۆپ بولغاندىمۇ مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى تارىم ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولدۇ. ساكلار بولسا ئارىيان ئىرقىدىكى خەلق بولۇپ، «ئىلىم ساھەسى ساكلارنىڭ ئارىيانلارنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ» (14). «يەنەبىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ساكلارنى ئارىيانلارنىڭ پامىر- چىليەنشەن تۈركۈمى دەپ قارايدۇ» (15). لىتۋىنىسكىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە بولغاندا، «ساكلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000- يىللار ئەتراپىدا تارىم ئويمانلىقىغا كىرگەن بولۇپ»، بۇ، ئارىيانلارنىڭ تارىم ۋادىسغا كەلگەن ۋاقتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقىدۇ. چياڭلاربولسا قەدىمدە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان، جۈملىدىن قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدىغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، سېرىق تەنلىك ئىرىققامەنسۇپ ئىدى. «چياڭلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا كىرىش مەسلىسىدە بىرلىككە كەلگەن قاراش ــــ چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدە، چياڭلار غەربكە كۆچۈش دولقۇنىدا بۇ جايغا كەلگەن دېگەندىن ئىبارەت» بولۇپ (16) ، بۇ ئارىيانلارنىڭ ۋە ساكلارنىڭ تارىم رايونىغا كەلگەن ۋاقتىدىن كۆپ كېيىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئارىيانلاربولسۇن، ساكلار بولسۇن ياكى چياڭلار بولسۇن، ھەممىسلا كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، ئەگەر بۇلار تارىم رايۇنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى دېيىلسە، ئۇھالدا بۇلارنىڭ جان تۇمۇرى بولغان كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى تارىم رايۇنىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى5000-2000 يىللار ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتىغا، يەنى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان تەبىئىي شارائىتىغا زىت كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئارىيانلار،ساكلار، چياڭلار تارىم ئويمانلىقىغا كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا ئاھالىلەر ياشىغانمۇ؟ ئەگەر ياشىغان بولسا، ئۇلار زادى قانداق ئاھالە؟ مانا بۇ مەسىلە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە.                                                                                                                                                                    



          3. تارىم رايۇنىنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرى                                                                                     

    ئىلىم ساھەسىگە مەلۇم بولغىنىدەك، «ئوتتۇرا ئاسيا كۆپ ھاللاردا تارىخشۇناسلار، ئارخېئولوگلار تەرپىدىن ئىنسانىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. سوۋېت ئالىملىرى:‹ ئوتتۇرائاسىيا ــــ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەنگەن مەركەزلىرىدىن بىرى› دەپ قارايدۇ. ئۇ ‹ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر›. ئېدۋارد.م.بورنىس ۋە فىلىپ. لى. رالىن ئۆزلىرىنىڭ ‹ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى› دېگەن ئەسىرىدىمۇ:‹ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپ قەيەردە پەيدا بولغانلىقى ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس. ئەمما پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ جەنۇبى قىسىمى ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان ۋە ئاۋۇغان جاي بۇلۇشى مۇمكىن› دەپ كۆرسەتكەن»(17). «بۇ كەڭ كەتكەن زىمنىدا ئەڭ دەسلەپ كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان.يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا كىشلەر تەرىپىدىن ئېچىلىپ بۇلۇنغان»(18) . جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىدىمۇ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5-6 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ رايۇندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيلىك تېپىلمىلارمۇ بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن،بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان بېيجىڭ جۇكۇدىيەن «ئۆڭكۈر ئادىمى» بىلەن زامانداش بولغان شىنجاڭ «ئاتۇش ئادىمى» نىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى (19) بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى بولۇپ، بۇ تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ئىنسانلار ياشىغان ۋاقىتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مېنىڭچە «ئاتۇش ئادىمى» نى، تېخىمۇ كەڭرەك دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئاتۇش ئادىمى» ۋەكىللىك قىلغان ئاشۇ بىر تائىپە خەلقىنى تارىم رايونىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى، يەنى تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەسلىي يەرلىك ئاھالە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمدى تۆۋەندىكى ئارخېئولوگىيىلىك ماددى ئىسپات بىزنى تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان بۇ ئەڭ دەسلەپكى يەرلىك ئاھالە توغرىسدا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.                             
    «شىنجاڭ ئىجىتمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1979- يىلى لوپنۇركۆلى ئەتراپىدىن بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپتى... بۇ جەسەت 1981- يىلى 2- ئايداشاڭخەيگە ئېلىپ بېرىلدى. شاڭخەي 1- تىببي ئىنىستىتۇتى، شاڭخەي تەبىئەت مۇزېيى قاتارلىق 19 دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار بۇ جەسەتنى ئىلمى ئانالىزقىلىپ، ئۇنىڭ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى،40-45 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، قېنى (0) تىپلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ جەسەتنىڭ تارىخى... كەم ھېساپلىغاندىمۇ 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، 1- قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 6470 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقامەنسۇپ ئىكەنلىكى بېكىتىلدى»(20). «بۇ جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتكە بۇغداي قاچىلانغان. دېمەك، بۇ، بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى مۇشۇ جايدا ياشىغان خەلىقلەرنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن ۋە تاللانما ئۇرۇقلارنى ئىشلەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» (21). بۇ ھەم بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «تارىم رايونىنىڭ مىلادىدىن 5000- 2000 يىللار ئىلگىرىكى ئىگىلىكنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ئىكەنلىكى، بۇ جايدا ياشىغان ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان،دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالە ئىكەنلىكى» دىن ئىبارەت بۇ كۆزقاراشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا بىزنى بۇ ئەڭ دەسلەپكى تارىم ئاھالىسىنىڭ ئىرقى، ئىگىلىك شەكلى توغىرىسىدا مەلۇم دەلىللەرگە ئېرىشتۇرىدۇ.بۇ ئايال جەسەتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىدىن ۋە بۇ جەسەتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئايال ئېگىز بويلۇق، گەۋدىلىك، ئۇستىخانلىق،ئاق يۈزلۈك، ئورا كۆز، قاڭشارلىق، چېچى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە كەلگەن، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل ئايال بولۇپ (ھازىر ئۇ «كىروران گۈزىلى» دەپ ئاتالماقتا)، تىپىك ئاق تەنلىك ئىپتىدائىي ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ. خەن كاڭشىن ئەپەندىنىڭ«ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىرىق مىس قورال دەۋىرىكى ئىپتىدائى ياۋرۇپا ئىرقىدۇر» دېگەن بايانىمۇ بۇنى دەلىلەيدۇ (22). دېمەك،بۇنىڭدىن تارىم رايونىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىنىڭ سېرىق تەنلىك خەلقلەرگىمۇ مەنسۇپ بولمىغان، ھازىرقى ياۋرۇپا ئىرقىغىمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان ، بەلكى ئەينى دەۋىردىكى تارىم رايونىنىڭ كىلماتىغا ماسلاشقان ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككەئىگە بولغان ئاق تەنلىك ئىرق ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇ ئەڭ دەسلەپكى تارىم ئاھالىسىنىڭ ئىگىلىك شەكلى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك مۇقىم ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بولۇپ، يەنە قىسمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان بۇلۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئايال جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان يۇڭدىن ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى بۇ رايۇندا يەنە قىسمەن چارۋىچىلىقنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈدىغان بولۇپ، ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندىنىڭ «غەربى يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» دېگەن ئەسىرىدىكى «ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئون نەچچە يىللىق ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بۇ دەۋىردە تەڭرىتاغنىڭ شىمالى، شەرقى ۋە جەنۇبى ئېتەكلرى، ئالتاي تېغى، قاراقۇرۇم  ۋە پامىر تېغىنىڭ ئېتەكلىرى،بىپايان تۈزلەڭلەر ۋە دەريا ۋادىلىرى، تارىم ۋادىسى، تۇرپان ۋادىسى، يارىش(جۇڭغار)تۈزلەڭلىكى ۋە ئىلى ۋادىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا... ئۇ دەۋىرلەردە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاساس، چارۋىچىلىق قۇشۇمچە ئۇرۇندا تۇرغان بولسا، شىمالى ۋە شەرقى شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلاردا چارۋىچىلىق بىلەن ئوۋچىلىق، دەريا ۋادىلىرى ۋە مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەردە دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغان» (23) دېگەن بايانىمۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ئىسپاتلايدۇ. قەدىمكى تارىم ئاھالىسىنىڭ تىلى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندىمۇ، بۇ توغرىدا ئۇچۇرغا ئىگەبولغىلى بولىدۇ.
   ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى ئۆزىنىڭ «توخرىستان ۋە توخرىلار توغرىسىدا مۇلاھىزە» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ توختالغان: «ئارخېئولوگلار19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ مەركىزى ئاسىيا تېرىتورىيىسىدىن شۇ چاغقىچە مەلۇم بولمىغان توخرى تىلى يادىكارلىقلىرىنى تاپتى... تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن تېپىلغان توخرى تىلى يادىكارلىقلىرىدا ھىندى ۋە ئىران تىللىرىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلانغان. بەزى ئالىملار يەنە شۇ مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللارنىڭ باشلىرىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ مىللەتلەر جايلاشقانىكەن، دېيىشىدۇ... لېكىن ئالىملار يەنە توخرى تىلىنىڭ فۇنېتىكىسىنى، گىرامماتكىلىق تۈزۈلۈشىنى ۋە لېكسىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ تىلنىڭ ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرىنىڭ، شۇنداقلا ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرىغا مەنسۇپ بولمىغان تىللارنىڭ خېلىلا تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.... جەنۇبىي شىنجاڭدا توخرى تىلىداسۆزلىشىدىغان ھىندى- ياۋرۇپا تىللىق قەبىلىلەر پەيدا بولغان چاغلاردا، يەنى مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2000- يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ رايۇندا ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرىغا مەنسۇپ بولمىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرمۇ ياشىغان، ئۇلارتوخرى تىلىغا كېلىت ۋە غەربى شىمال پراكرىت (پراكرىت_سانسىكىرىتچە يەرلىك دىگەن مەنىدە) تىل ئاساسلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن... لېكىن ئۇ قايسى قەبىلە؟ بۇمۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېنىقلاپ، ئىسپاتلاپ بېرىشىگە تېگىشلىك مەسىلە»(24). مېنىڭچە ، بۇ قەبىلىلەر دەل قەدىمكى تارىم ئاھالىسى بولۇشى مۇمكىن.                                                                    
     يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا،تارىم رايۇنىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بۇنىڭدىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ تەخمىنەن5-6 مىڭ يىللارئىلگىرىلا تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان، ئاق تەنلىك ئىرىققا مەنسۇپ بولغان،دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى قۇشۇمچە قىلغان، توخرى تىلىغا كېلىت ۋە غەربى شىمال پراكرىت تىل ئاساسلىرىنى «ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن»، يۇقۇرى مەدەنىيەت تەرەققياتىغا ئىگە بولغان خەلقلەردۇر. ئەمدى بىز بەزى ئېنىقسىزلىقلارنى يېشىش ئۈچۈن، تارىم رايۇنىنىڭ ئاھالە ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:                                                                                                                                                                                                      

                                                                                                                                                                                                      


4. تارىم رايونىنىڭ دەۋىرلەردىن بۇيانقى ئاھالە ئۆزگىرىشى                                                                      

   «تارىم ۋادىسى ـــــ ياۋرۇپا- ئاسيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى خىل ئىرىق (ياۋرۇپا ئىرقى ۋەمۇڭغۇل ئىرقى)، ئىككى خىل مەدەنىيەت (چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ۋە تېرىم مەدەنىيىتى)،ئىككى خىل تىل سېستىمىسى (ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ۋە ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرى سېستىمىسى) ئۆز ئارا ئۇچراشقان ۋە قۇشۇلغان رايۇن»(25) بولۇپ، بۇ رايۇن ئۈزلۈكسىزھالدا باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تۇرغان . بۇ رايۇنغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئارىيان- ساكلار، توخرىلار، سوغدىلار، ھۇنلار، چياڭلار، خەنزۇلار،ئېفتالىتلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، تۈبۈتلەر، قىتانلار ۋە مۇڭغۇللار كىرگەن. بۇمىللەتلەر ئىچىدە ئاق تەنلىك ياۋرۇپا ئىرقىدىكىلەرمۇ، سېرىق تەنلىك مۇڭغۇل ئىرقىدىكىلەرمۇ بار بولۇپ، «تارىم رايونى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن كەلگەن ئارىئان ئىرقىدىكىلەرنىڭ (يەنى ئارىيان- ساك، سوغدىلارنىڭ) زەربىسىگە ئۇچىرىغان»(26). شۇڭا«تارىم رايونى تاكى مىلادىدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئەسىرگىچە باشتىن- ئاخىر ئارىيان ئىرقىنىڭ تارقىلىش دائىرسى ئىچىدە بولغان... كېيىن مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن، بۇ رايۇندىكى ئاھالىلەردە ئارىيان ئىرقى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئازلاش نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» (27). ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم رايونىغا كەلگەن بۇمىللەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئۇلار بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ تەبئى شارائىتىغا ماسلىشىپ ۋە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئىگە بولغان «تارىملىقلار» نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن بارا- بارامۇقىم ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتكەن. چۈنكى، «تەڭرىتاغنىڭ كۆزيۇمغىلى بولمايدىغان بىر رولى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دەل يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى بوستانلىقلارغا جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنى دېھقانچىلىق مىللىتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت»(28). «تارىملىقلار» گەرچە بۇ كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ زورتەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەدەنىيەت تەرەققياتى بىلەن خۇددى زېڭ ۋېنۋۇ «جۇڭگونىڭ غەربى يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى»دېگەن ئەسىرىدە ئېيتقىنىدەك «بۇ رايۇندىكى ئەسلى مىللەتلىك ئورنى ئۆزگەرمىگەن،لېكىن كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ يېڭى قان تەركىبلىرى سىڭگەن» (29). بولۇپمۇ تۈرك ۋەئۇيغۇرلارنىڭ تارىم رايونىدا ماكانلىشىشى بىر قەدەربۇرۇن بولۇپ، مىلادى 4-5-ئەسىرلەردىلا بۇ رايۇندا «تۈركلىشىش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ بولغان، 840- يىلى غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايغا كېلىشى بىلەن«ئۇيغۇرلىشىش» تارىم رايونىنىڭ كېيىنكى ئاھالە ئۆزگۈرۈشىنىڭ ئاساسى يۆنىلىشى بولۇپ قالغان.                                                                                                                                                                                            

      پايدىلانمىلار :
(1)(4) ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» (1-قىسىم)، 5- 18- بەتلەر.
(2)(3) ۋاڭ زۇڭۋېي: «تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمى ژۇرنىلى» 1991- يىللىق 2- سان.
(5) (19) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، 7-، 58- بەت، 59- بەتلەر.
(6) (12) چيەنداۋ شىنسى (ياپونىيە) : «يىپەك يولىدىكى 99 سىر»، 22-23-178-، 179- بەتلەر.
(7) (22) خەن كاڭشىن: «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان ئاھالىسى توغرىسىدىكى ئىرقىي ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەن قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمى ژۇرنىلى» 1991-يىللىق 3- سان.
(8) (14) (16) (18) (26) (27) لىياڭ جىڭجى: «خەن سۇلالىسى دەۋىرىدىكى تارىم رايۇنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىرقى ۋە تارقىلىشى» ، «جۇڭگو مىللەتلەرتارىخى تەتقىقاتى» (2-قىسىم) ،33-، 34-، 35-، 3-، 40-، 41-، 43- بەتلەر.
(9) ليۇ شىگەن، چېن لياڭۋېي: «قەدىمكى كۈسەن ئېلى تارىخى»، 21-، 23-، بەتلەر.
(10) سۇ بىخەي: «غەربى يۇرت تارىخ -جۇغراپىيىسى» 24-بەت.
(11) (15) (17) (25) ئەسئەت سۇلايمان: «تۇران بىلەن ئىراننىڭ دىئالوگى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى » ژۇرنىلى 1998- يىللىق 1- سان.
(13) ئابدۇبەسىر شۇكۈر: «قەدىمكى قىياتاش سىزمىلىرىدىكى ئىلمەكلىك كرېسىت ھەققىدە»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 1995- يىللىق1-سان.
(20) «خەلق گېزىتى» نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ17-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان كروراندىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەت توغرىسىدىكى خەۋەر.
(21) ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 13-،14- بەتلەر.
(23) ئابدۇقەييۇم خوجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت»، 4-، 5- بەتلەر.
(24)ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى: «توخرىستان ۋە توخرىلار توغرىسىدا مۇلاھىزە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمى ژۇرنىلى»1992- يىللىق 2- سان.
(28) سۇڭتيەن شۇنەن (ياپونىيە): «قەدىمكى دەۋىردىكى تەڭرىتاغنىڭ تارىخ -جۇغراپىيشۇناسلىق تەتقىقاتى»، مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى نەشىرىياتى 1987- يىل 4- ئاي 1- نەشىرى، 23- بەت.
(29)زېڭ ۋېنۋۇ: «جۇڭگونىڭ غەربى يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى»، 8- بەت.

  (ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە ئەسلى مېنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەم بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ 2000-يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم ئاساسىي كۆزقاراش ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا سۆز-جۈملىلىرى ئازراق ئۆزگەرتىلىپ يوللاندى، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).


1

تېما

2

دوست

5266

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1440
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 23:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقا ئايلانغان ئاتۇش ئادىمىنىڭ باش سۆڭىكى، يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تېپىلمىلار تارىم ئويمانلىقىدا ئادەم ياشىغان يىل سانىنى تېخىمۇ ئالدىغا سۈرەلەيدۇ. قۇربان ۋەلىنىڭ قىممەتلىك تەتقىقاتلىرى بارتى. بىرىدىنمۇ پايدىلانماپسىزدە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

1

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 23:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە يازغىنىمدەك، بۇ تۇلۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش ماقالىسى بولغاچقا، شۇ مەزگىللەردە تېخىمۇ مۇھىم ماتېرىياللارنى بايقاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەم چەكلىك بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە ھازىر يەنە باشقا ماتېرىياللاردىن  پايدىلىنىپ ، تۇلۇقلاپ ھەم تۈزىتىپ يازساممۇ بولاتتى، ئەمما ئەسلىسىگە سادىق بولاي دەپ ئەينى پېتىراق يوللىدىم. بۇ ماقالىنى تېخىمۇ پىششىقلاپ يېزىش پىلانىممۇ يوق ئەمەس.

0

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 485
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 10:49:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ياخشى يېىزىپسىز....
دۆلىتىمىز تارىخچىلىرى رايونىمىزنىڭ تارىخىنى بىرلىكسەپ ۋە ۋەتەننىڭ پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يازغاچقىمۇ نۇرغۇن جايلىرى ئەقىلگە سىغمايدۇ..
خۇددى سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، تارىم ۋادىسى ئەزەلدىن غەرب-شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سورۇنى ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ، بۇ جايدا مىڭ يىللارچە ياشىغا خەلقنىڭ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك بىلىمسىز، ساۋاتسىز، مەدەنىيەتسىز يۈرۈشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟
ئاسمىلاتسىيە مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىكلەر مەدەنىيەتسىزلەرنى، كۆپلەر ئازلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىدۇ. ھېچقاچان نەچچە توك-توك ياۋايى كېلىپ بىر پۈتۈن مەدەنىيەتلىك قەۋمنى ئاسمىلاتسىيە قىلىۋېتىدىغان ئەھۋال بولۇپ باقمىغان..
لېكىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچۈش مەسلىسىگە كەلگەندە، ئورخۇن بويىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قانداش، قېرىنداش، مىللەتداش بولۇش ئېھتىماللىقى دائىم رەت قىلىنىدۇ. ئورخۇن بويىدىن يېڭىلىپ، ئاچ-توقلۇقتا تارىم ۋادىسىغا ئۇلاشقان چارۋىچى ئەجدادلىرىمىزنى، تارىم ۋادىلىرىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن شەھەر تۇرمۇشىدا ياشاپ، مەدەنىيلەشكەن ئاھالىلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلالىدى دېسە بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كېلەمدۇ؟

11

تېما

9

دوست

4705

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1372
توردىكى ۋاقتى: 405
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 12:05  

ئۇيغۇرلار دەرھەقىقەت ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر تامىقى بولۇپ، ناھايىتى قەدىمىي توپ شۇنداقلا زامانىسىدا .ئەتراپلىرىدا بىرگە ياشىغان قەۋىملەرنىڭ ئەڭ مەدەنىيسى بولغانلىقتىن، ئۆزلىرى ئايرىم بىر جامەنى تەشكىل قىلىدۇ.بىر ۋاقىتلاردا ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاھالىلەر تۈرك ۋە ياكى تۈركمەن دەپمۇ ئاتالغان. شەرقىي جەنۇپ تەرەپتىكىلىرى ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان.  تىبەت سەھرالىرىنىڭ شىمالى، لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتراپى، تارىم ۋادىسىدا ئىلگىرى ياشىغان «ئاق ھۇن» ياكى «جەنۇبىي ھۇنلار»نىڭ بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇرلار ياشىغان. ( گېرمانىيە تارىخچىچىسى فرېدرىخ تومسون)
ئارىيانلار قەۋمى قەۋمى تۇرانىيەنىڭ بىر بۆلىگى بولۇپ، ئۇلار جەڭگىۋار ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا قەۋىملەرنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن خەلىقلەر.( ھەسەن ئابۇشىي---تۈركىي قەۋىملەر تارىخى)
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمران قىسىملىرى ئىلگىرى كۆچۈپ يۈرۈپ زىمىن كېڭەيتكەن، شۇڭا ئۇلار ئات ئۈستىدىلا ھايات كەچۈرۈشكەن. ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ھارۋىلاردا ئەرلەرنىڭ كەينىدىن بىللە يۈرۈشكەن.(ئىگىز ھارۋىلىقلار) ھارۋىلىرىدا قوڭغۇراق بولغاچقا (دىڭلىڭلار) يەنە بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىلا تۇرپاندا مېۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ سانى 2000تۈپتىن ئاشىدىغان باغنىڭ بارلىقى(بارتولد تارىخلار توپلىمى 2-توم) قەيىت قىلىنىدۇ.
شۇڭا تارىخنى يورۇتۇشتا بىزگە بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەللەرنىڭ تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرى بىرقەدەر ھىسسىيات ئارىلاشمىغان دەپ قارايمەن. چۈنكى مەنپەئەت توقۇنىشى مەۋجۇت ئەمەس. تارىخنى غالىبىيەتچىلەر مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ مەيدىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ پېشانىسىگە يازىدۇ. بۇ مەۋھۈم تارىختىن ئىبارەت. پەلەكنىڭ چاقى ئەزەلدىن شۇ تەرىقىدە ئايلىنىپ كەلگەن. ئەمما مەۋھۈم بولمىغان تارىخ ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنىڭدا چىنلىق ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ.
بۇ خۇددى ھازىرقى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرغانلىقىدەكلا ئىش. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز شۇ دەۋىردىكى زامانداشلىرىغا «ئاتا بوۋىمىز قەدىمدە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە كوڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، نادان، بىلىمسىز ئەللەرنى بىلىم بىلەن يورۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرغان» دەپ ئىككىلەنمەستىن يازالايدىغانكىقنىڭ ھۇلىدۇر. دىمەك تارىخ بەزىدە شۇنداق ھالەتتە شەكىللىنىدۇ.

1

تېما

2

دوست

4737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 13:10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىزلار تارىخ پۈتۈشكە دۇچ كەلسە كۈچلۈكنىڭ كۆزىگە قارايدۇ.

0

تېما

0

دوست

1494

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   49.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 448
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 19:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىبا بۇنىڭدىن 3500يىللار بۇرۇنقى كىروران شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلارمۇ،تارىم رايۇنىنىڭ ئەسلى ئاھالىللىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە پاكىت بولالمامدىكەن؟

شىنجاڭغا كىرگىلى 80يىلدىن ئازراقلا ئاشقانلار بىزنىڭ تارىخىمىزنى قىسقارتىپ بولالماي تۇلۇمۇ ئاۋارىكەن،لىكىن 21-ئەسىردە ئىلىم-پەن ساختىلىققا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 20:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارخان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 10:49
خېلى ياخشى يېىزىپسىز....
دۆلىتىمىز تارىخچىلىرى رايونىم ...

توغرا ئېتتىڭز،مەسىلىنىڭ نىگىزى نەق مۇشۇيەردە.تېرىم مەدەنىيىتى ھەرگىزمۇ يايلاق مەدەنىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمەيدۇ.تارىمدا ئارىيان-ساكلارنىڭ ناھايىتى قەدىمدىن بىرى ياشاپ كەلگەنلىكى ئېنىق.ئەمما ئۇلارنى تىپىك ئىران تىللىق خەلق ،دېيىشكە مەن قارشى.ئۇلارنىڭ يەنى ساك نەسىللىك قەدىمقىي تارىملىقلارنىڭ ئەڭ قەدىمقىي بىرخىل تۈرك تىلىدا سۆزلەشكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تىلغا ئېگە بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى مومكىن بولماي قالاتتى.ھازىرقىي خوتەن دىئاللىكتى ئەشۇ قەدىمقىي ساك تىلىنىڭ تۈرك ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىدە ھازىرقىي ھالەتكە كەلگەن راۋاجى بولىشى تارىخىي ھەقىقەتكە ئەڭ ئۇيغۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )