بۈگۈنكى دۇنيا ئىنسانلار ئاتوم دەۋرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تىزگىنلەش نەزىريىسى ۋە ئۇچۇرنەزىريىسى دەۋرىگە كىرگەن، 21-ئەسىرنىڭ دەرۋازىسىنى قېقىۋاتقان، تەرەققىيات ۋەيېڭىلىقلار دۇنيانىڭ ئومومىي ھەرىكەت يۆلىنىشىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۇنيا.كۈچلۈكلەر ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان، ئاجىزلار ھايات-ماماتلىق بوسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقان دۇنيا. بىراق، مۇشۇنداق بىر دۇنيادا بىز «كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولماقچىمىز؟ كىم بولساق بولاتتى؟ نېمە قىلغان ئىدۇق؟ نېمە قىلىۋاتىمىز؟ نېمەقىلماقچىمىز؟ نېمە قىلساق بولاتتى» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئىزدەنگىنىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، نامىنى، قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنى تاپالايدىغانلىقىمىزنى ئەتىراپلىق بىلىپ ھەم چۈشۈنۈپ يەتكىنىمىز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنبۇ كىچىككىنە يازما ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنى تاپالايدىغانلىقىمىزھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
زامانىمىزمىللەتشۇناس ۋە تارىخشۇناسلىرىنىڭ ھۆكۈمىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ چوڭ يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر ھەم ئۇلار ئاساسلىقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى پۈتكۈل تارىم ۋادىسى، شەرقىدىكى تۇرپان، قۇمۇل رايونى ۋە شىمالىدىكى ئىلى، چۆچەك، بۆرتالا، قارىماي، سانجى، ئۈرۈمچى قاتارلىق رايۇنلاردائولتۇراقلاشقاندۇر، شۇنداقلا، 10 مىليۇنلۇق نوپۇسى بىلەن جۇڭگودىلا ئەمەس، دۇنيامىللەتلىرى ئارىسىدىمۇ مۇھىم سالماققا ئىگىدۇر. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بۇ زېمىندىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز سالاھىتىنى، يەنى، ئۇيغۇر بولۇش سۈپەتلىرىنى ساقلاپ قالالىغىنى يوق. گەرچە ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئېتىبارىبىلەن ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ۋۇجىدىدىن ھەم ئىش-ئەمەللىرىدىن ئۇيغۇرلۇق سۈپىتىنى تېپىش تولىمۇ قىيىن.
ئۇنداق بولسا ئۇيغۇر بولۇش ئۈچۈن قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشىمىز، يەنى، قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىشى كېرەك؟ بۇنى بىز «ئۇيغۇر»ئاتالمىسىنىڭ مەنىسى نۇقتىسىدىن ۋە توتېمنى ئاساس قىلغان ئىپتىدائى ئېتىقادچۈشەنچىسىدىن ئىزاھلايمىز.
تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان مەنىلەردە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، دەۋرىمىز تارىخشۇناسلىرى ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان مەنالاردا شەرھى بېرىشكەن. «ئۇيغۇر» ئاتالمىسىغا تاڭ دەۋرىدىكى خەن مەنبەلىرىدەچىۋەر، جەسۇر، باتۇر دەپ تەبىر بېرىلگەن. مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى بوۋىمىز ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەۋرىدىكى بىر رىۋايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چىۋەر، باتۇر، مۇھتاج بولمىغۇچىلار، ئۆزئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر، باشقىلارغا بېقىندى بولمىغۇچىلار دەپ تەبىربەرگەن. پارىس تارىخچىسى راشىدىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» (تارىخلار مەجمۇئەسى)، خىۋەخانى ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك» (تۈركلەر شەجەرىسى)، تاتارتارىخچىسى قۇربان غالى خالىدىننىڭ «تارىخىي خەمىسە» (بەش تارىخ) ناملىق ئەسەرلىرىدە ئۇيۇشقۇچى، بىرلەشكۈچى، ئىتتىپاقلاشقۇچى، ئەگەشكۈچى، ياردەملەشكۈچى دەپ ئىزاھلانغان. «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ ئىگىسى، دېيىلگەن.ھازىرقى زامان تارىخچىلىرى ئۇنى تۆۋەندىكى ئالتە خىل شەكىلدە ئىزھلايدۇ:
1› ئەقىللىق، كۈچلۈك،قۇدىرەتلىك.
2›ئويلىماق، ئەقىل ئىشلەتمەك، تەپەككۈر قىلماق، بىرلەشمەك، ئۇيۇشماق.
3› ئۇققۇچى،پەملىگۈچى، چىۋەر، قۇدىرەتلىك.
6› بىلمەك،ئۆگەنمەك، ئېتىقاد قىلماق.
ئۇيغۇرلارئۆزتارىخىدا ئوخشىمىغان تارىخىي شارائىتقا ۋە ياشىغان جۇغىراپىيلىك مۇھىتقا ئاساسەن ھەر تۈرلۈك ئېتىقاد ئادەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭغان ۋە شۇ ئارقىلىق كۆپ خىل ئېتىقاد ئىزنالىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن گىرەلەشمە ئېتىقاد مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۆرە توتېم ئېتىقادى ۋە دەرەخ توتېم ئېتىقادى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەشۇ گىرەلەشمە ئەنئەنىۋىي ئېتىقادلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۈر بولۇپ، ئۇلار چوڭقۇرمەنىگە ۋە يۈكسەك دەرىجىدە سىمىۋوللۇق خارەكتېرگە ئىگە. يەنى، بۆرە توتېم ئېتىقادى جەڭگىۋارلىق ھەم جەسۇرلۇقنىڭ؛ دەرەخ توتېم ئېتىقادى تەبىئەتنى سۆيۈش ھەم ئۇنى بىلىش ئىستىكىنىڭ سىمىۋولىدۇر. بىزدىكى قاراملىق ھەم جەسۇرلۇق، گۈزەللىك تۇيغۇسى، باغ-ئورمان بىنا قىلىشنى ئاساس قىلغان ھويلا-ئارام ئېكىلوگىيسى ئادەتلىرى دەل ئاشۇ توتېم ئېتىقادىدىن كەلگەن. جۈملىدىن خەلقىمىز ئارىسىدا ئادەتكە ئايلانغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئوغۇل بولسا ئۇنى «بۆرە» دەپ ئاتاپ، بۆرىنى ئەرلىك خارەكتېر ۋە ئەرلىك جاسارەتنىڭ بەلگىسى قىلىش بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان بۆرىدىن كەلگەن ئەرلىك خارەكتېرنىڭ ۋە مىللەت روھىغا سىڭگەن ئەر مىللەتلىك روھىي ھالەتنىڭ روشەن سىماسىدىن ئىبارەت. سۇتۇق بۇغۇراخان دەۋرىدىن باشلانغان ئىسلام ئېتىقادچىلىقى بولسا بىز تەكىتلپ ئولتۇرمىساقمۇ بارلىق كىشىلەر بىلىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقاتېگىشلىك بولغان ئېتىقاد مىزانىمىزدۇر.
بىز يۇقارقى بايانلىرىمىزنى يىغىنچاقلىساق، تۆۋەندىكى يەتتە خىل سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرئۆزىدە تولوق مەناسى بىلەن ھەقىقىي ئۇيغۇرلۇق سۈپىتىنى ھازىرلىغان كىشىلەردۇر:
1› ئۆزىدەكۈچلۈك ئېتىقاد تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەيدىغان، ئۇنىڭغاسادىق بولغان، ئۆزى توغىرا دەپ قارىغان ئېتىقاد يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش.
2› ئۆزئارائىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش. قېرىنداشلىرىغا، مەسلەكداشلىرىغا، مىللەتداشلىرىغا،ۋەتەنداشلىرىغا ياردەم بېرىش روھىنى، بىر نىشان ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ بىر جان، بىر تەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش ھەم ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش.
3› ئەقىلىي كامالىتى ئۈچۈن تىرىشىش. ئەقلىي تەپەككۈرىنى ئىشقا سېلىپ، ئويلۇنۇپ ئىش قىلىدىغان،سىتىراتىگىيلىك مۇھىم نۇقتنى كۆرەلەيدىغان ھەم ئۇنى ئۆز ئەھۋالى ۋە ئەتىراپ مۇھىتى بىلەن باغلىيالايدىغان بولۇش. بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ ئورنى، ھېكمىتى، مۇناسىۋىتى ھەم رولىنى ياخشى چۈشەنگەن، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتكە خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى، تېگىنى بىلىۋالالايدىغان، تەبىئەت سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان ھەم بۇ يولدا جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش.
4›چىۋەرلىكنى، باتۇرلۇقنى، جەسۇرلۇقنى، چىداملىقنى، جەڭگىۋارلىقنى، ئەقلىي قاراملىقنى ئۆز ۋۇجىدىدا يېتىلدۈرگەن بولۇش. غالىپ كېلىش ۋە غەلىبە قازىنىشئىستىكى بولۇش. ھېسسىياتنى تىزگىنلىيەلەيدىغان روھىي ۋە ئەقلىي قۇدىرەتكە ئىگەبولۇش.
5›دېمۇكىراتىك ئاڭ يېتىلگەن، ھۆرمەت قىلىش بىلەن ھۆرمەت قىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى،ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ مەنىسىنى، ئورنىنى ھەم قۇدىرىتىنى ياخشى چۈشەنگەن بولۇش.ھەرقانداق ئادەمگە قۇللارچە باش ئېگىپ، ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغان،ھوقۇق-ئىمتىيازغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان، ئادالەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان ھايۋانىي پەس تەبىئەتتىن يىراق تۇرۇش.
6› ئۆزىنىڭ ھاياتىي مۇقەدەسلىكىنى يارىتىش يولىدا ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىش ئېلىپ بېرىش.تەن بىلەن ئەقىل ۋە روھنى تاۋلاشنى ئامالنىڭ بارىچە ماس قەدەمدە ئەمىللەشتۈرۈش.ھەم ساغلاملىق ۋە جىسماننىي ساپاغا، ھەم ئەقلىي ۋە روھىي ساپاغا ئىگە بولۇش. شۇئارقىلىق روھى ۋە زېھنى ئۇرغۇپ تۇرۇش،ئۆزىدە تولوپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە قىزغىنلىقنى،جاسەرەتنى، تەۋرەنمەس ھەقىقەتنى نامايەن قىلىش.
7›تەبىئەتنى، كائىناتنى، ئۇنىڭ يارىتىلىشىدىكى ۋە ئىنسانلار ھاياتى ھەم تەپەككۈردۇنياسىدىكى سىر-ھېكىمەتلىرىنى چۈشۈنۈش. مۇھىتنى سۆيۈش ۋە ئاسىراش، ئۆز مۇھىتىنى قوغداش. مۇھىت گۈزەللىكى ئارقىلىق قەلىب گۈزەللىكىنى ۋە جىسمانىي پاكىزلىقىنى نامايەن قىلىش.