قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1294|ئىنكاس: 13

[ئاتتىلا] ئۇيغۇرلاردا كىتابەتچىلىك (كىتاب يىلىغا بېغىشلانغان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2638
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 22:37:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attila تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 12:46  

ئۇيغۇرلارداكىتابەتچىلىك

(ئۇيغۇرلار كىتاب يىلىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر)

مەخمۇتئېلى ئاتتىلا

1. كىتاب توغىرىسىدا چۈشەنچە.

     كىتاب-ئىنسانلار بىلىش تارىخىنىڭ يىگانە ئەينىكى ھەم ئىنسانلار ئەقلىي پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك بەلگە-ئۇچۇرلار ئاقىلىق تەبىئەت قوينىغا مەڭگۈگە خاتىرىلىنىشى. ئەگەر ئىنسانىيەت ئالىمىدە كىتابتىن ئىبارەت بۇيىگانە ئەڭگۈشتەر ۋە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تامغا-بەلگىسى يېزىق بولمىغاندا ئىدى،ئىنسانلار نەچچە ئەسىرلىك بىلىش تارىخىدا ئېرىشكەن بارلىق مۇۋەپپىقىيەتلىرى قۇمغاقالدۇرۇلغان كارۋان ئىزى قارا بوران ئاستىدا يوقاپ كەتكەندەك، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئاستىدا ھېچنېمىسى قالماي يوقالغان، بۈگۈنكى ياش بوغۇنلارغاھېچ بىر ئىلىم-ھېكىمەت ياكى تەبىئەتتتىن ئالغان سىر-ئەسرالار قالمىغان بولاتتى.

     كىتاب-ئۇ بىباھا بايلىق. ئۇنىڭغا ئىگە بولغان ئادەم ھەم مەڭگۈ گادايلاشماس، شۇنداقلا ئۇنى ھېچكىم تارتىپ ياكى ئوغرىلاپ ئالالماس.كىتابنىڭ  قوينى شۇ قەدەر كەڭكى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سەھپىسىگە ئىنسانلار يېتىپ بېرىش ۋە بىلىش مۈمكىنچىلىكى بولغان بارلىق تەبىئىي مەۋجۇدىيەتلەرنى، قانۇنىيەتلەرنى، سىر-ھېكىمەتلەرنىلا ئەمەس، يەنە كىشىلەرمەنىۋىيىتى ئارقىلىق ھېس قىلىپ يېتەلىگەن بارلىق روھىيەت چۈشەنچىلەرنىمۇ سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىنسانىىيەتنىڭ ھەم ماددىي ئالىمى ھەممەنىۋىي ۋە روھىي ئالىمى.

     بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىلىم-پەن بايقاشلىرىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش چۈشەنچىلىرىنى كىتاپقا پۈتۈپلا قالماستىن، يەنەئۆزىنىڭ بارلىق مىللىيلىكىنى-مەدەنىيىتىنى، ئەنئەنىسىنى، ئۆرۈپ ئادىتىنى،چۈشەنچىسىنى، ئېتىقادىنى، سۆيگۈسىنى، ئىنسانىي پەزىلىتىنى، ئۇلۇغلۇقىنى، مەنىۋىي كامالىتىنى، ياشاش ئۇدۇمىنى، ئۇرۇق ۋە قەبىلىداشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى... قىسقىسى بارلىقىنى ئەنە شۇ قۇدىرەتلىك كامالەت مەجمۇئەسى بولغان كىتابقا پۈتكەن بولىدۇ. كېيىنكى ياش بوغۇنلار ئۇ ئارقىلىق بىلىم ۋە ئەقىل تېپىپلا قالماستىن يەنە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تېپىپ، ئەجداد سىماسىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا نامايەن قىلىدۇ. كىتابتىن ئىبارەت بۇ يىقىلماس مەڭگۈلۈك ئابىدەئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قالدۇرمىغان ھەم ئۇ ئارقىلىق ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونىمىغان، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتمىغان،تەرەققىياتقا يول ئېچىپ، ھازىرقى زاماننىڭ زامانىۋىي مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان مىللەتنىڭ نامى ئۆچۈپ، كۈلى كۆچۈپ كېتىدۇ.

     شۇڭا ئەجدادلاردىن قالغان تەۋەررۈك كىتابلارنى ئاسىراش،دۇنياۋى كىتابلاردىن خەۋەردار بولۇش ۋە ئۇنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھەزىم قىلىش،كېيىنكىلەرگە كۆپ ھەم سۈپەتلىك كىتابلارنى ئارماغان (سوۋغا) قىلىش، ئائىلىدە كىتاب مەدەنىيىتى بىنا قىلىش، بالىلارغا كىتابتىن سىر-ھېكىمەت قېزىش يوللىرىنى ئۆگۈتۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزىمىز ھەم پەرھىزىمىزدۇر.


2. كىتابچىلىقنىڭ تارىخى.

    كىتاب-ئىنسانلار بىلىش جەريانىنىڭ يىگانەكارتىنىسى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، كىتابچىلىقنىڭ تارىخى ئىنسانلار بىلىش تارىخى بىلەن تەڭ باشلانغان. يەنى، ئەڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئەجدالىرىمىز ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزلىرى ياراتقان تۈرلۈك بىلىش چۈشەنچىلىرىنى تەپەككۈرقەلىمى ئارقىلىق مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە پۈتۈپ، مول مەزمۇنلۇق ھەم ئۇچۇرچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى، شېئىر-قوشاقلارنى، جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان جەڭ قىسسىلىرىنى، ماقال-تەمسىل ۋە ھېكىمەتلەرنى، مەسەل-لەتىپىلەرنى...قالدۇرۇپ كەتكەن ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوبېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئاغزاكى شەكىلدە بايان قىلىنىپ، كۆڭۈلگە خاتىرلەش ئاساسىدا ساقلىنىپ، بېيىپ،تولوقلىنىپ بارغان. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ياراتقان ئەڭ بۇرۇنقى كىتابلىرى قول بىلەن تۇتقۇلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان شەكىلسىز كىتابلاردىن ئىبارەتتۇر. كېيىن ئىنسانلار بىلىش پائالىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە شۇ ئاساستا ئۇلارنىڭ بىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىزنالىرى ھەم ماددىي پاكىتلىرنىڭ ئۇلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىداساقلىنىشىغا ئەگىشىپ شەكىللىك كىتابلار مەيدانغا كەلگەن. ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلىرىنى ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش قورال-سايمانلىرى،مەھەللە-ئولتۇراق ئەندىزىلىرى، ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق يالدامىلىرى، دەپىنەقائىدىلىرى ۋە ھەمدەپىنە بۇيۇملىرى، يېمەك-ئىچمەك قالدۇقلىرى، تاش بالبال ۋەقەبىرە سىن تاشلىرى، بەلگە-سىخېما ۋە تەسۋىرىي سەنئەت شەكىللىرى، قىياتاش رەسىملىرى ئارقىلىق قالدۇرۇپ كەتكەن. بۈگۈنگىچە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن، جۈملىدىن يۇرتىمىزنىڭ ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى، ئالتۇنتاغ ۋە قۇرۇم تاغلىرى باغرىدىن،جۇڭغار، تارىم ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغان كونا ۋە يېڭى تاش قورال ئىزنالىرى، مىس ۋە تۆمۈر قوراللار قالدۇقلىرى، كىروران، مىرەن، بارىكۆل، دەندەن ئۆيلۈك، يارغۇل قەدىمىي شەھەر خاراببىلىرى، زاغۇنلۇق، يارغۇل، جىرغال، ئاقتۆپە،ئۆردەكلىك (گۇمۇگۇ)، موڭغۇلكۈرە، كۈنەس، ئالتاي شىمىرشىك، قۇمۇل قارتۆۋە قەدىمىي قەبىرىلىرىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى ھەم ئۇ يەردىن تېپىلغان ئەر-ئايال جەسەتلىرى ۋە ھەمدەپىنە بۇيۇملار، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەم يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ قالدۇقلىرى، ئىلى، ئالتاي ۋادىسىغا تىكلەنگەن ھەر خىل قىياپەتتىكى تاش بالباللار، ئالتۇنتاغ، پەنجىرتاغ، كۆجاي، شىمىرشىك قاتارلىق جايلاردىن بايقالغان مول مەزمۇنلۇق قىياتاش سۈرەتلىرى ۋە تاش خەرىتىلەر، باي،كۇچار، تۇرپان، دۇنخۇاڭلاردا ساقلانغان مىڭ ئۆي كېمىرلىرى ھەم تام سۈرئەتلىرى،بۇت-ھەيكەللەر... قاتارلىقلار ئىنسانلار ياراتقان ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىك كىتابلاردۇر.

       ئىنسانلار ياراتقان ھەقىقىي مەنىدىكى ۋە ئەزەلىيلىككەئىگە بولغان كىتاب يېزىقنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىنى ئۆزىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلدى.بۇنىڭغا كۆرە، ئىنسانىىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ تۇنجى يېزىقلىق كىتاب، ئىنسانلارتارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېزىق بارلىققا كەلگەن غەربىي ئاسىيا رايونىدا، كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك ئەل بابىلدابارلىققا كەلدى. قەدىمكى بابىللىقلار بۇنىڭدىن 5000 يىللار بۇرۇن يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىش نەتىجىلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى خاتىرىلەيدىغان سېستىمىلاشقان بەلگە-سېخىمىلارنى، يەنى، ئەڭ دەسلەپكى يېزىقنى ئىجاد قىلدى ھەمدە ئۇ بەلگە-سېخىمىلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەھەر-قەلئەمەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش تارىخىنى-«پايتەخت قۇرۇغۇچى گىلىگامىش» قىسسەسىنى ئۇچلۇق تاياقچىلارنى قەلەم، لاي تاختىلارنى قەغەز قىلىپ خاتىرىلەپ، ئىنسانلار كىتابچىلىق تارىخىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شۇ ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن 3800 يىللار ئىلگىرى مىق يېزىق بىلەن تاش تۈۋرۈككە بابىل شاھى ھاممۇرابىنىڭ 282 ماددىلىق قانۇن دەستۇرىنى پۈتۈپ چىقتى.شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەتنىڭ كىتابچىلىق ئىشلىرى يېڭى بىر يۈكسىلىشنى نامايەن قىلدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوۋچىلىقتىن چارۋىچىلىقنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى، ئۇلاردىن دېھقانچىلىقنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى ۋە يۇقارقىلاردىن قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىدىن ئىبارەت زور كۆلەملىك ئۈچ قېتىملىق ئىش تەقسىماتىدىن كېيىن جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئەقلىي ئەمگەكنىڭ ئايرىلىشىدىن ئىبارەت تۆتىنچى قېتىملىق ئىش تەقسىماتى بارلىققا كېلىپ، مەخسۇسلاشقان يېزىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تەربىيلەش مەركەزلىرى ۋە كەسپىي خاتىرىلەش ماھىرلىرى، مەشھۇرخەتتاتلار قوشۇنى، كىتابچىلىق ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش ئۇستىلىرى بارلىققاكەلدى. ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇلارغا قوشنا بولغان رايۇنلاردا بىر قېتىملىق يېزىق ئىجاد قىلىش ياكى يېزىق تەقلىد قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يېزىق يەنە رايونلار مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق تەرەققى قىلىشنىڭ قورالى بولۇپ قالدى. يېزىش ۋاستىلىرىمۇ كۆپ خىللىشىپ، موي قەلەملەر،قۇمۇش قەلەملەر، تۆمۈردىن ياسالغان ئىسكىنە قەلەملەر (تاش يۇنۇيدىغان مىتىن)قاتارلىق يېڭى خەت يېزىش قوراللىرى ۋە تاش، تېرە، سۆڭەك، مېتال،كېسەك قاتارلىق كۆپ خىل خەت يېزىش ئوبېكىتلىرى بارلىققا كەلدى. خانلىق سارايلاردا مەخسۇس كۈتۈبخانىلارتەسىس قىلىنىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى كىتابلار يىغىپ ساقلاندى.

      رايونىمىز شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىل دۇنياۋى يۈزلىنىشتىن ھەرگىزمۇ چەتتە قالغان ئەمەس. يەنى،رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك كىتابلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. خوتەن رايونىنىڭ ئاق سېپىل خاراببىسىدىن تېپىلغان كېسەكلەرگە پۈتۈلگەن لاي پۈتۈكلەر، قۇجۇ، كۇچار، قەشقەر، قاراشەھەر...قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمكى خاراببىلەردىن تېپىلغان، قارۇشتى، سوغدى، تۇخار، ئەنەتكەك،سۈرىيە، پارىس، ئەرەمى، خەن... يېزىقلىرىدا پۈتۈلگەن تېرە، سۆڭەك، ياغاچ پۈتۈكلەر،پال چوكىلىرى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رايونىمىز قەدىمكى زامان كىتابەتچىلىكىنىڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.

     ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ كىتابچىلىق سەھپىسى قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىياتلارغائېرىشتى. مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىلگىرىلەشلار بولدى.

    يۇرتىمىز شىنجاڭ قەدىمدىن ئۈژمە ئۆستۈرۈپ يىپەك تارتىش بىلەن داڭ چىقارغان يۇرت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا، يەنى خەن سۇلالىسىدىكى سەيلۇن قەغىزىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلائۈژمە قوۋزىقىدىن ھەر خىل سۈپەتلىك قەغەزلەرنى ئىجاد قىلىپ ۋە ياساپ، دۇنياغاتارقاتقان ھەم دۇنيا قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ ھال شىنجاڭدا ھەقىقىي مەنىدىكى كىتابچىلىقنىڭ باشلىنىشى ھەم كۆلەملىشىشىگە، تەرەققىيقىلىشىغا ئاساس سالغان. شىنجاڭنىڭ قۇمۇل، تۇرپان، قارىشەھەر، كۇچار، قەشقەر، خوتەن رايونلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا تۈرلۈك ئىلىم مەركەزلىرى، تەرجىمە مەركەزلىرى ۋەكاتىباتخانىلار قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتابلارنى يېزىش، بۇددىزمغا دائىرنوم-سۇترىلارنى، مانىزم ھۆججەتلىرىنى، نىستۇرىيان دىنى تەلىماتلىرىنى تەرجىمەقىلىش، ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك كىتابلارنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ تارقىتىش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. بىراق بۇ دەۋردىكى كىتابلار ئاساسەن قارۇشتى، سوغدى، تۇخار،ئەنەتكەك، سۈرىيە، پارىس، ئەرەمى، خەن... يېزىقلىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۆزىمىزگە خاس ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن كىتاب يېزىش تارىخى تاشقى موڭغۇلىيە ۋە ئالتاي تاغلىرى ئەتىراپىغا تىكلەنگەن تۇنيۇقۇق، كۆلتېگىن، بىلگە قاغانلاردەك جەسۇرسەركەردە-قاغانلارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان، مەرمەر تاشقا مەڭگۈلۈك ئەستىلىك قىلىپ ئويۇلغان تاش پۈتۈكلەر بىلەن باشلانغان.

       خەلقىمىزنىڭ كىتابچىلىق ئىشلىرى 840-يىللاردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانلار خانلىقى زامانىسىدىن باشلاپ يېڭى بىر ئېراغا قەدەم قويغان.بۇ دەۋردە ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى تۇنجى مىق مەتبە تېخنىكىسى 9-ئەسىردە تۇرپاننى مەركەز قىلغان قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا بالىققاكېلىپ، ئىنسانىيەت كىتابچىلىق مەدەنىيىتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتەرگەن. ئۇ يەنەئىنسانىيەتنىڭ مەتبەچىلىك تارىخى 11-ئەسىردە ئۆتكەن سوڭ سۇلالىسىلىق ئالىم  بى شىڭدىن باشلانغان، يەنى بىشېڭ مىلادىنىڭ1041-1048-يىللار ئارىلىقىدا تۇنجى بولۇپ مىق مەتبەنى كەشىپ قىلغان، دېگەن قاراشنى ئىككى ئەسىرگە يېقىن ئىلگىرى سۈرگەن. 14-ئەسىردىكى گۇتتىنبېرىگ ئىختىراسىدىكى ياۋروپا مىق مەتبەسىدىن ئالتە ئەسىر بۇرۇن بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ تۇرپان رايونىدا بۇدىزم مەزمۇنىدىكى نوم-سۇتىرالارنى ئاساس قىلغان، باشقا تۈردىكى كىتابەتچىلىككىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن رەسمىي يوسۇندىكى نەشىريات ئىشلىرى شەكىللەنگەن. «مايتىرى سىمىت»، «ئالتۇن يارۇق»، «ئىككى تىكىننىڭ ھېكايىسى»،«سامسىتۇ ئاچارىنىڭ تەرجىمىھالى»، «چىستانى ئىلىك بەگ»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»...غا ئوخشاش تۈرلۈك قىممەتلىك كىتابلار كەڭ تۈردە ھەم سۈپەتلىك ھەم كۆپ مىقداردانەشىر قىلىنىپ، قۇجۇ خانلىقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىچەتارقىتىلغان. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قۇجۇئىدىقۇت خارابىسىدىن، دۇنخۇاڭ بۇددىزىم غارلىرى ۋە كېمىرلىرىدىن، قاراشەھەر-كۇچارلاردىن تېپىلغان بىھىساب يازما يادىكارلىقلار ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى نەشىرياتچىلىقئىشلىرىنىڭ نەمۇنىسىدىندۇر.

     قارىخانىيلار سۇلالىسى تەۋەسىدە، خاقانىيەئۇيغۇرلىرىنىڭ سۇتۇق بۇغىراخاننىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان يېڭى بىر كىتابچىلىقدولقۇنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. سۇتۇق بۇغىراخان سامانىيلار خانلىقىنىڭ سەرگەردانشاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تاغىسى ئوغۇلچاقتىن ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ھەقىقىي سالاھىيەتتىكى قانۇنلۇق خاقان بولغان ھەمدە ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى، دەپ جاكارلىغان. نەتىجىدە قاراخانىيلار ئاھالىسى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ئۈچىنچى مىللەت بولۇپ قالغان. سۇتۇق بۇغىراخان ئىسلامدىنى ئېتىبارى بىلەن ئەرەب ۋە پارىس تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىش دولقۇنى قوزغىغان. نەتىجىدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەرەب-پارىس مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى دىنىي ھەم مەدەنىيەتكە، ئىلىم-پەنگە دائىر تۈرلۈك كىتابلار ئۇيغۇرلارنى ئاساسقىلغان كەڭ قاراخانىيلار ئاھالىسى ئارىسىغا تارقالغان. يەنە بىر تەرەپتىن دىنىيئېھتىياج سەۋەبىدىن ئەرەب-پارىس تىل-يېزىقىدىكى دىنىي كىتابلارنى تەرجىمەقىلىدىغان تۈرلۈك تەرجىمە مەركەزلىرى ۋە تەرجىمانلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. كېيىنبۇ مەركەزلەرنىڭ خىزمەت فۇنكىتسىيەسى نۇقىل دىنىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشتىنتۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا كېڭەيگەن. نەتىجىدەقاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەسلىدىنلا قويۇق بولغان مەدەنىيەت ھاۋاسى تېخىمۇقويۇقلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.قاراخانىيلار زېمىنىدا ئۇرقۇن مەدەنىيتىنى ئۇل قىلغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم ئىگىلەش چاقىرىقىنىڭ ھەركەتلەندۈرىشى بىلەن جانلانغان، ئەرەب-پارىس مەدەنىيىتىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئۆزىگە قانات قىلغان يېڭى بىر مەدەنىيەت-قاراخانىيلار ئۇيغۇرمەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. نەشىرياتچىلىق مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتابلار كەڭ تۈردە بېسىلىپ تارقىتىلغان. بۇ خىل مەدەنىيەت ھاۋاسىدافارابى، ئەل خارازەمى، ئەبۇ رەيھان بىرونۇ، ئادنانى، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇدكاشىغەرى، ئەھمەد يۈكىنەكى... كەبى ئىلىم پېشىۋالىرى بارلىققا كېلىپ، تۈرلۈك نۇقتىدىن چىقىپ رەڭگا-رەڭ مەزمۇندىكى كىتابلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

      پۈتۈن شىنجاڭ رايونى موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىگەكىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىمپېريىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازى ۋە ئورنى سەۋەبىدىن قاراخانىيلار ھەم قۇجۇ خانلىقى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن كىتابەتچىلىك ئىشلىرى ئۆز ئىزچىللىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ يېزىق ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ،ئىمپېريەنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا زېمىنلىرىدىكى نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىنى مونوپۇل قىلغان. ئۆزلىرنىڭ ئەنئەنىۋى يېزىقى بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەم شۇنداقلا قاراخانىيلار خانلىقى زېمىنىدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن خاقانىيە يېزىقى ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بېسىپ چىققان. قۇمۇلدىن تا قارا دېڭىز ساھىلىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا تاكى 1800-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چاغاتاي يېزىقى نامىدىكى ئۇيغۇريېزىقى تۈرلۈك خەت-ئالاقە ۋە نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان. بۇيېزىقتا ھەر خىل ساھە ۋە ھەر خىل مەزمۇندىكى ئېسىل ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. سان ۋەسۈپەت جەھەتتىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. «ئۆگدۈلمىش ئوغلىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، لۇتفى غەزەللىرى، سەككاكى شېئېرلىرى، نەۋائى دىۋانلىرى ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى، بابۇر قىسسەلىرى، نازىم داستانلىرى، موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخنامىلىرى دەل مۇشۇ يېزىقتا مەيدانغاكېلىپ، نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

     قاراخانىيلار خانلىقىدىن خوجىلار دەۋرىگىچەبولغان زامانلاردا، نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك دەۋرىدە قەشقەر ۋە خوتەن رايونىدا بىرتۈركۈم كىتابلار كۆيدۈرۈلگەننى ھەم مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ تۇرپان-قۇمۇل رايونىدىكى ئاز بىر قىسىم بۇددىزمغا دائىر كىتابلارنى كۆيدۈرگىنىنى ھېسابقا ئالىمغاندا ئۇيغۇركىتابچىلىقى ئاساسەن كۆپ زەربىگە ئۇچرىمىغان.

    ئەپسۇسكى، خەلقىمىزنىڭ كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى،نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، زور تەرەققىياتلارنى ۋە ئەقىلنى لال قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، يەركەن سەئىدىيە خانلىقى يىقىلىپ، ئەشەددىي مۇناپىق ئاپپاق خوجىنىڭ ھاكىمىيەت سەھنىگە چىقىشى ۋە ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق نىزالىرىنى پەيدا قىلىپ، نادانلىق ئەپسۈنلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىشى بىلەن ئوتقا سۇ چاچقاندەك بىراقلا ئۇجۇقۇپ، تۈپ ئاساسىدىن نابۇرت بولۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. پۈتۈن جەمىيەتتە كىتاب يېزىش، كىتاب ساقلاش، كىتاب بېسىش قاتتىق تەقىب قىلىنىپ، پەقەت تىبابەتچىلىك، يېزا ئىگىلىككە دائىر پەننىي كىتابلارۋە پالچىلققا ئوخشاش بىدەت كىتابلارنىڭلا بارلىققا كېلىشىگە يول قويۇلدى. كىتاب يازغان دانىشمەنلەر ۋە ئالىملار ئۆلتۈۈرلدى، خارۇ-زارلىق چۆللىرىگە پالاندى. كىتاب ساقلىغانلار زىندانغا تاشلىنىپ، ساقلانغان ھەددى-ھېسابسىز كىتابلار تارتىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلدى. كىتاب بېسىش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلاندى. خەلقىمىز كىتاب ۋەكىتابەتچىلىك ئىشلىرىدىن ئومۇمى يۈزلۈك يىراقلاشتۇرۇلدى. ئۇ نە دىنغا، نە پەنگەئۇيغۇن كەلگۈدەك بىرەر يول تۇتمىدى. خەلقىمىز كىتابتىن يىراق بولغان 200 يىلدىن(1678-1880) كۆپرەك ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ياۋروپا قۇرۇقلىقىدىن تارقالغان مەدەنىيەت قوڭغۇرىقىنىڭ ساداسى تاتار، تۈرك قاتارلىق ئىلغارمەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن رۇسلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ يۇرتىمىزغا يېتىپ كەلدى. نەتىجىدە خەلقىمىزئىچىدىكى مۇسابايوفلار جەمەتى، ئابدۇقادىر داموللا، تاش ئاخۇنۇم، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىگە ئوخشاش ئىلغار پىكىرلىك مىللەت سۆيەر كىشىلەر خەلقىمىزنىڭ دۇنيادىن، مەدەنىيەتتىن ناھايتى يىراقتا قالغانلىقىنى، يېڭى نەشىرياتچىلىق دولقۇنى ئارقىلىقلا بۇ پەرقنى تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. نەتىجىدە خەلقىمىز ئارىسىدا يېڭى كىتابەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بىخلىرى باش كۆتۈرۈپ، سىرىتتىن كىتاب باستۇرۇپ ئەكىرىش بىلەن ئۆز يېرىدە تاش مەتبە تەسىس قىلىپ كىتاب بېسىش ئۆزئارا تەڭ يولغا قويۇلغان يېڭى كىتابەتچىلىك مەيدانغا كەلدى. دىيارىمىزدا تۈرى ئاز بولسىمۇ، ئۆز دەۋرىگەنىسبەتەن يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى شەيئىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللار، يېڭى كىتابلار بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قازان،ئۇفا، تۈركىيە، مىسىر، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىن بىر تۈركۈم كىتابلار نەشىرقىلىنىپ كىرگۈزۈلدى.

      بىراق، خەلقىمىزدە بىخلانغان بۇنداق كىتابەتچىلىك ھەرىكىتى ئانچە ئۇزۇن داۋاملىشالمىدى. شىڭ شىسەي تەختكە چىقىپ،شىنجاڭ خاقانى بولغاندىن كېيىن، دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆزىنى بوياش ۋەيەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ، 30-يىللارنىڭ بېشىدا شىنجاڭنىڭ قۇمۇل، تۇرپان رايونلىرى ۋە خوتەن، قەشقەر رايونلىرىنى مەركەز قىلىپ كۆتۈرۈلگەن خەلق ھەرىكىتىنىڭ ئوت-يالقۇنىنى بېسىش ئۈچۈن نەشىرياتچىلىقنى كەڭ يولغا قويۇپ، كىتابەتچىلىكنى تەرەققى قىدۇرۇش، مائارىپنى رەتكە سېلىپ، ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن خېلى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل نىقابىنى ئاشكارىلاپ، زىيالىلارنى تەقىب قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش، مەتبە ۋەنەشىريات ئورۇنلىرىنى پېچەتلەش، ساقلىنىۋاتقان ۋە سىرىتتىن كىرگەن كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، كىتاب ساقلىغۇچىلارنى تۈرمىگە تاشلاشتەك كىتابەتچىلىككە يات بولغان ئىشلانى ئاشكارە يولغا قويدى. ھۆكۈمەت ۋە تۈرلۈك ئۇيۇشما-تەشكىلاتلارنىڭ نامىدىكى كۈتۈبخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپلا قالماستىن يەنە يەرلىك باي زىيالىلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان شەخسىي كۈتۈبخانىلاردىكى كەم تېپىلىدىغان قىممەت باھالىق ھەم زور تۈركۈملۈك كىتابلار پاك-پاكىزە كۆيدۈرۈلۈپ كۈل قىلىۋېتىلدى. نەتىجىدە ئەمدىلا بىخلانغان ئۇيغۇر كىتابەتچىلىك ھەرىكىتى بۆشۈكىدىلاتۇنجۇقتۇرۇلدى. كىتاب يېزىش ۋە كىتاب بېسىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قىلغان نەشىرياتچىلىق تېخىمۇ زەئىپلەشتى.

      ئۇيغۇر كىتابەتچىلىكىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرى بولۇپمۇ 1960- ۋە 1970-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «كونىلىقنى يوقۇتۇش» ھەرىكىتى ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دەۋرىدە شەكىللەندى. بۇ دەۋردە ھېچقانداق بىر پايدىلىق كىتاب يېزىلىمايلا ۋە نەشىرقىلىنمايلا قالماستىن، يېزىقىمىز «كونا»، «زامانغا، سوتسىيالىستىك تەرەققىياتقاماسلىشالمايدۇ» دېگەن باھانە بىلەن لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى پىنيىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇلۇپ،كەڭ خەلق ئومومىيۈزلۈك ساۋادسىزلىق ئازگىلىغا ئىتتىرىۋېتىلدى. بارلىق خەلق كىتابتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىي تۈۋرۈكتىن ۋە مەدەنىيەت پىرامىداسىدىن، ئەنئەنىنىڭ مەڭگۈلۈك قانىلىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى. يازارمەنلەرنىڭ تىرەن پىكىرلىك بايانلىرىمۇكىشىلەر ئوقۇيالمايدىغان ئۆلگەن ھۆججەتكە ئايلىنىپ قالدى. پۈتۈن باسما ماشىنىلىرى نۇقۇل سىياسىنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتتىن توختىدى. ئەنئەنىۋى يېزىقتا تەربىيەلەنگەن پىشقەدەم زىيالىلار قوشۇنى بىلەن ياش بوغۇنلار ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مەدەنىيەت ئازگىلى شەكىللەندى. ئۆز يۇرتىداتۇرۇپ، بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە ئۆتۈش ئۈچۈن ساقىلى ئاقارغان بوۋىلار،چاچلىرى ئاقارغان مومىلار يول بويىدىكى دوسكىغا پىنيىن يېزىقىدا يېزىلغان ماۋزېدوڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇپ بېرەلمەي، يېشى ئەمدىلا 14-15 لەرگە كىرگەن، بىلىكىگەقىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ياغاچ نەيزىسى بىلەن دۈشكەللەندى، ئۇلارغا تىتىرەك ئاۋازدا يېلىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى. تېخىمۇئېچىنارلىق بولغىنى، قۇمۇلدىن قەشقەرغىچە، ئىلى، چۆچەك ۋادىسىدىن خوتەن، نىيە،كېرىيە بوستانلىقىغىچە، چەرچەننىڭ قۇملۇقلىرىدىن چارقىلىقنىڭ ئادەم ئايىقى ئەمدىلايېتىپ بارغان چەت قىشلاقلىرىغىچە ئومومى يۈزلۈك «تۆت كونىنى يوقۇتۇش» دولقۇنى قوزغۇلۇپ، ساقلىنىۋاتقان ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ ھەرقانداق كىتاب، يېزىقى پىيىن يېزىقىغا ياكى خەن يېزىقىغا ئوخشىماي قالغانلىقى ئۈچۈنلا قارىقويۇق مۇسادىرەقىلىنىپ كۆيدۈرۋېتىلدى. ئۆز دەۋرىدىكى كۆرگچىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، قەشقەرھېيتىكا جامەسى مەيدانىدا يىغىۋېلىنغان ھەر خىل قەدىمىي قوليازمىلار تۆت قەۋەتلىك بىنا ئېگىزلىكىدە دۆۋىلىنىپ بىر ھەپتە كۆيدۈرۈلگەن. قۇمۇل شەھىرىدىن يىغىۋېلىنغان كىتابلارمۇ چوڭ مەيدانغا دۆۋىلىنىپ ئۈچ كېچە-كۈندۈز كۆيدۈرۈلگەن. كىتاب كۆيدۈرگۈچىلەر يالغۇز چوڭ كۈتۈبخانا ياكى مەخسۇس كىتاب ساقلاش ئورۇنلىرىداساقلىنىۋاتقان كىتابلارنى كۆيدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ يۈرۈپ،قولىغا چىققانلىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى كىتاب ئىگىلىرىنىڭ ھويلىلىرىغا دۆۋىلەپ ئوت قويىۋەتكەن. پەقەت شۇ زامانغىچە بايقالماي تۇپىنىڭ ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ياكى چەتئەل ئېكېسپېدىتسىيچىلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، ياۋروپا ياكى ياپونىيەموزېيلىرىدا ساقلىنىپ ياتقان كىتابلارلا ساقلىنىپ قالغان. كىتاب ئۈچۈن ئاختۇۇرلمىغان بىرمۇ ئۆي، كىتاب كۆيدۈرۈلمىگەن بىرمۇ شەھەر قالمىغان. ئەڭ ئېچىنارلىق بولغىنى، بۇھەرىكەتتە پەقەت بىرلا نۇسخىلىق بولغان ئىنتايىن قىممەتلىك كىتابلار، ھەتتا،قاغىلىقلىق مەشھۇر تىببىي ئالىم تەجەللىنىڭ راك كېسىلى (كۆيدۈرگە) نى داۋالاش رېتسىپىمۇ تولوق كۆيدۈۈپ تاشلانغان. بۇ مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق قان تۆكۈلىشتىنمۇ ئېغىر بولغان، مەڭگۈ ئىزىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئاقلاپمۇ ئاقلاپ بولغىلى بولمايدىغان پاجىئەدۇر.

      بۈگۈنكى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابەتچىلىك ئىشلىرى يەنە بىر قېتملىق گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى. كىتاب يازغۇچىلار ۋەتۈزۈگۈچىلەر قوشۇنى ھەم نەشىر قىلىش ئورۇنلىرى كۆپەيدى. تۈرلۈك مەزمۇن ۋەشەكىلدىكى كىتاب ھەم گېزىت-ژۇرناللار بارلىققا كېلىپ، كەڭ تارقىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللارنىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى گېزىت-ژۇرنللارئىچىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %70 كە يېقىنلاشتى. نەشىريات كىتابچىلىقى بىلەن توركىتابچىلىقى، مەخسۇسلاشقان باسما مەركەزلىرى كىتابچىلىقى بىلەن ئائىلىلەرنىڭ كىتابچىلىقى، تەرجىمە كىتابلار بىلەن يەرلىك ئاپتۇرلارنىڭ كىتابلىرىنى تەڭ نەشىرقىلىش، خەتلىك كىتابلار بىلەن ئاۋازلىق كىتابلار تەڭ مەۋجۇت بولۇشتەك سېتىرولۇق كىتابەتچىلىك مەيدانغا كەلدى. مەيلى تور كىتابچىلىقى بولسۇن، مەيلى نەشىريات كىتابچىلىقى بولسۇن، ئۇيغۇر كىتابچىلىقى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت كىتابچىلىق ئىشلىرىدا ئەڭ زور سالماق ۋە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە بولدى. بىز ئىشىنىمىزكى،بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر كىتابچىلىق ئىشلىرى يەنىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغۇسى.

3. كىتابنىڭ پايدىسى ھەم بىلىم ئىگىلەشتىكى رولى.

      كىتاب-ئىنسانىيەت ياراتقان بىلىملەرنىڭ يېزىق ھالىتىدە خاتىرلىنىشى، ساقلىنىشى ۋە تارقىلىشى بولۇپ، ئىنسان ياراتقان بىلىم ھەقىقەتلىرىنى كىتابتەك مەڭگۈلۈككە ۋە زامان-ماكان دائىرىسىدىن ھالقىشچانلىققائىگە قىلىدىغان يەنە بىر نەرسە يوق. بىز پەقەت، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا، تەپەككۈر تارىخىدا ھېس قىلغان، چۈشەنگەن، قولغا كەلتۈرگەن، يەكۈنلىگەن، ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق بىلىم ۋەھېكىمەتلىرىنى، پەلسەپە قاراشلىرىنى، تەبىئىي پەن ئىختىرالىرىنى كىتاب ئارقىلىق بىلىپ يېتىمىز ۋە ئىگىلەيمىز. ئەگەر كىتاب بولمىغاندا ئىدى، ئىنسانلار ياراتقان بارلىق بىلىش، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن نەتىجىلىىرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن، ساقلىنىپ قالغانلىرىمۇ ئەپسانە-رىۋايەت تۈسى قويۇق، چۈشۈنۈش ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. شۇڭا بىز شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، دۇنيادا كىتابنىڭ ئالدىغائۆتۈدىغان ھەم ئىنسانغا ئۇنىڭدەك پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىككىنچى بىر گۆھەر مەۋجۇت ئەمەس.

       كىتاب ئىنسانغا يالغۇز بىلىم بېرىپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭغا ھېسسىيات ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. مەيلى بىر شەخس بولسۇن، ياكلى مىللەت بولسۇن كىتاب ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئۆز خەلقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا، پىكىريۈرگۈزۈشكە، تونۇشقا، ئۇنىڭ تەرەقىىياتى يولىدا ئىزدىنىشكە يول ئاچىدۇ. تارىختىكى ياراتقان مول نەتىجىلىرى بىلەن پەخرلىنىش ھېسسىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە مۇدھىش قارا كۈنلىرىدىن ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولىدۇ.ھازىرقى ھالىتىگە توغىرا دىئاگىنوز قويۇپ، كەلگۈسىنى توغىرا تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.ھايات قىسمەتلىرىدە ئۇچرىغان ھەر بىر شەيئى ۋە ھادىسىنىڭ شەكلى ۋە ماھىيىتىنى توغىرا تونۇپ، پايدا-زىياننى جايىدا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. كەلگۈسىنى مۆلچەرلەپ،تەرەققىيات يولىنى سىزىپ چىقالايدۇ. ئەجدادلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋەئەنئەنىسىنى، ئۆرۈپ ئادىتىنى، ئېتىقادىنى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى، قىممەت قارىشىنى، تارىخىي شەرەپ ۋە ئار-نومۇسىنى،دوست-دۈشمەنلىرىنى... ھەممە-ھەممىنى ئۇنىڭدىن تونۇپ، ئىجابىي ھالدا ۋارىسلىق قىلالايدۇ ھەم شۇ ئاساستا راۋاجلاندۇرالايدۇ.


4. كىتابتىن كەلگەن بىلىمنى پاراسەتكەئايلاندۇرۇش مەسىلىسى.

     كىتاب گەرچە بىز يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك،بىزنىڭ بىلىشىمىزنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋەيۈكسىلىشى كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۆلۈك ھالدا يادلاش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ.شۇڭا كىتابنىڭ ھەقىقىي پايدىسىنى ئىزلىگەن كىشى يەنە كىتابتىكى بىلىملەرنى تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك. ئەگەر بىر ئادەم ھەرقانچە كۆپ كىتاب ئوقۇسۇن، ئۇ ئوقۇغانلىرىنى ھەزىم قىلىشنى بىلمىسە، ئوقۇغانلىرى ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ.

     كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسەد ئابىروي قازىنىش ياكى ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ۋە ياكى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ھەم ۋەزخانلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى ئوقۇغانلىرىنى تۇرمۇش ئەمىلىيىتى ۋەتەرەققىيات مۇساپىسىگە، پىكىر قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا، پەرقلەندۈرۈش ۋە ماھىيەتنى ئىگىلەش ھالقىلىرىغا تەدبىقلاش ھەم خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ مەقسەدتتىن ئايرىلغان ھالدا ئوقۇغان كىتاب ئىنسانغا بىرپۇڭلۇق پايدا كەلتۈرمەيلا قالماستىن، ئۆمۈرنى بىكارغا زايە قىلىۋېتىدۇ. شۇڭاتەدبىقلاش ۋە ئىشلىتىشنى مەقسەد قىلماي كىتاب ئوقۇغاندىن ناۋايغا كۈل تارتىشىپ بەرگەن،تۆمۈرچىگە بازغان ئۇرۇشۇپ بەرگەن، دېھقانغا ئورغاق بىلىىشپ بەرگەن مىڭ ھەسسەئەۋزەلدۇر.

بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمگە ئىگە بولىمىز.مەلۇم پەن ساھەسىدىكى بىلىم توپلانغاندا شۇ پەن ساھەسىدىكى بىر پۈتۈن ئىلىمنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك، بىلىم مەلۇم پەن ساھەسىدىكى پارچە-پارچە يەكۈندىن، ئىلىم بولسا شۇ پەن ساھەسىدىكى بىر پۈتۈن يەكۈدىن ئىبارەت. پاراسەت بولسا ئىلىمنى تەدبىقلاش ۋە ئىجادىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت. پەقەت بىز كىتابتىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى پارچە-پارچە بولغان ھەركەتچان ئۇچۇر مېخانىزىمىغا ئايلاندۇرۇپ،ئۇنى خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇرالىغان، ئىشلىتەلىگەن، ئەمىلىيەتكە تەدبىقلىيالىغان،ئۇنىڭدىن ئىجادىي پىكىر ياكى مەنتىقىيلىق خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويالىغان،ئومۇمىيلىقتىن ئايرىمىلىقنى، ئايرىمىلىقتىن ئومومىيلقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىغان،ئۆگەنگەن بىلىم بىلەن ئەمىلىيەت ئوتتۇرۇسىدىكى ئىچكى-تاشقى ماسلىق ۋە باغلىنىشنى،قارىمۇ-قارىشلىقلارنى، تەقلىدچانلىقنى، شەكىل ياكى ماھىيەتلىك ئوخشالىقلارنى،ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقتىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنى تېپىپ چىقالىغان ھەم ھېس قىلالىغان، شۇ ئاساستا ئىجادىي پىكىر ۋە يېڭى بايقاشلانى بارلىققاكەلتۈرەلىگەن چاغدىلا ئاندىن بىلىم تەپەككۈرگە ئايلىنىدۇ. بىلىمنى تەپەككۈرگەئايلاندۇرۇشتا گۇرۇپپىلاش، پارچىلاش، قارىمۇ قارىشى قويۇش، تەقلىد قىلىش ۋەتەدبىقلاش، باغلاش، ھەركەتچانلىققا ئىگە قىلىش، شۇ ئاساستا تىنىم تاپماي پىكىريۈرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. يەنى، بىز ئا ۋە ب دىن ئىبارەت ئىككى دۆۋە كىتابنىڭ ھەربىرىدىن 1000 دىن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلدۇق دېسەك، بىر تەرەپتىن ھەر بىر گۇپپىدىكى1000 ئۇچۇرنى سېستىمىلىق بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلالىغان، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىر ئۇچۇرنى خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئورۇندا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يەككە بىلىم ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرالىغان، a=b، b=c، c=d دىن a=c، a=d، b=d، a=b=c=d  لەرنى كەلتۈۈرپ چىقىرالايدىغان، شەپەرەڭدىن رادارنى، بېلىقتىن سۇ ئاستى كېمىسىنى، چوڭ قۇرۇقلۇق قىرغاقلىرىنىڭ جىپسىلىشىشى ۋە ئۆسۈملۈك ھەم ھايۋانئات ئەۋرىشكىلىرىدىكى ئوخشاشلىقتىن بۆلەكلەر تۈزۈلۈش تەلىماتىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋېناس ھەيكىلىدىن يۇننان سەنئىتىنىڭ تەسىرىنى ئويلاپ يېتەلەيدىغان ، خالىغان بىر ئۇچۇرنى ئوخشىمىغان ئوبېكىتلار ۋە پىكىر يۆلىنىشىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان ئۇچۇرلاربىلەن بىرلەشتۈرپ ئىشلىتىپ، يېڭى بىر سېستىمىلاشقان مەنتىقىي خۇلاسىنى يەكۈنلىيەلەيدىغان بولغاندا ئاندىن بىلىمنى تەپەككۈرگە ئايلاندۇش ماھارىتىگە ئىگەبولغان بولىمىز.

بىلىمنى تەپەككۈرگە ئايلاندۇرۇشتا قىزغىنلىق،ئىزچىللىق، ئەستايىدىللىق، سەمىمىيلىك، سەگەكلىك، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ تەرەپلەر ھازىرلانماي تۇرۇپ بىلىمنى تەپەككۈرگە ئايلاندۇرۇش ھەمكى تابىي بىلىمدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىش مۈمكىن ئەمەس.


5. كىتاب يېزىشتا ساغلام نىشان ۋە توغىرامۇددىئا بولىشى، يېزىش ئۈچۈن ئەمەس، بىلدۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن يېزىش كېرەك.

     كىتاب - ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئېغىر جىسمانىي ۋەئەقلىي ئەمگىكى بەدىلىگە قەلەم تەۋرىتىش ئارقىلىق ئورۇنلىنىدىغان ئىجادىي جەريان بولۇپ، كىتابنىڭ رولى بىلدۈرۈش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت. بىلدۈرۈش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇددىئانى چىقىش قىلمىغان ھەر قانداق بىر كىتاب بەلگىلىك ئىجتىمائىي ياكى ماددىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇڭا كىتاب يازغۇچىلارنىڭ كىتاب يېزىشتىكى مەقسىدىمۇ بىلدۈرۈش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت بولۇشى، بۇ مۇددىئا شەكىللەنمەي تۇرۇپ كىتاب يېزىشنى ھەۋەس قىلماسلىقى كېرەك.

      بۇ يەردىكى بىلدۈرۈش ۋە يېتەكلەش پۈتۈنلەي ئىجابىي تەرەپكە قارىتىلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئازدۇرىدىغان، خاتايېتەكلەيدىغان، قەلبىنى زەئىپلەشتۈرۈپ، ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كىتابلارئەخلەت ھەتتا ئەكسىيەتچىل كىتابلاردۇر. شۇڭا كىتاب يازغۇچى كىتاب يېزىشتىن ئاۋال ئۆزىدە كىتاب يېزىش توغىرىسىدا ساغلام نىشان ۋە مۇددىئا تىكلىۋېلىشى، يازماقچى بولغان كىتابىدا نېمىلەرنى بايان قىلماقچى، ئۇنىڭ جەمىئىيەت ۋە ھەر بىر ئوقۇرمەنگەبولغان تەسىرى قانداق، ئۇ كىملەرگە نېمىنى بىلدۈرمەكچى ۋە ھېس قىلدۇرماقچى، قايسى يۆنىلىشكە يېتەكلىمەكچى، پايدىسى زىيىنىنى قاپلىيالامدۇ-يوق، قايسى سەۋىيىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى تۈردىكى ئېھتىياجىنى ئاساس قىلدى، يېتەكلەش ۋەبىلدۈرۈش كۈچى ئوقۇرمەنلەرنى رېئاللىق بىلەن زور دەرىجىدە توقۇنۇشتۇرۇپ، ئۇلارغائېغىر بالايى-ئاپەت ۋە دەرت-ھەسىرەت كەلتۈرەمدۇ-يوق؟ بۇلارنى ئەستايىدىل ئويلاپ يېتىشى ھەم ئۇنىڭغا ئەڭ زور دەرىجىدە مەسۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.يازماقچى بولغان كىتابى ھەرقانچە تۆۋەن سەۋىيىدىكى، ھەتتا ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش خارەكتېردىكى كىتاب بولسىمۇ، ئۇنىڭدا قىلچىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرىدىغان مەزمۇنلار بولماسلىقى، ئاز-تولا ئەنئەنەتەربىيسى ۋە يېڭى ئۇچۇرلار بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن يازغان كىتابلىرىمىز خەلققە ئاپەت ئەمەس ئامەت كەلتۈرىدۇ. تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپئۇزاققىچە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىگە بولۇپ،ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىش بىلەن بىرگە يەنە يازغۇچىغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپكېلىدۇ. يازغۇچىنىڭ يۈزى خەلق ئالدىدا يورۇق بولىدۇ. بۇ تەلەپ يالغۇز كىتاب يېزىشقىلا ئەمەس، كىتاب تەرجىمە قىلىشقىمۇ ماس كېلىدۇ.


6. كىتاب يازغۇچىلارنى ھەم يازغان كىتابىنى قەدىرلەش-ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ زور ئىلھام.

     چىراغقا ياغ قۇيۇپ تۇرمىسا ياكى ئېنېرگىيەمەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرمىسا ئۇ ئۇزاق يانالماستىن ئاسانلا ئۆچۈپ قالىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ئىجادىيەتچىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۇزاق داۋام قىلىشى ۋە مول-ھوسۇللۇق ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك بولىشى ئۈچۈنمۇ ئىچكى-تاشقى ئېنېرگىيە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.بىر ئىجادىيەتچىگە نىسبەتەن بۇنداق ئىچكى-تاشقى ئېنېرگىيە بولمىسا ئۇنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئاسانلا سۇسلۇشۇپ قالىدۇ-دە، ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ. بۇ يەردىكى ئىچكى ئېنېرگىيە ئۇنىڭدىكى كەسپىي قىزغىنلىق ۋە ئۆز قابىليىتىگە بولغان ئىشەنچ، شەخسىي شان-شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى، مىللەت، خەلق، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت ۋەمەسۇلىيەت قارىشىدىن كەلسە، تاشقى ئېنېرگىيە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلەرنىڭ خەلقنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىشى، ھۆرمەتلىنىشى، بازار تېپىشى، باشقىلارنىڭ ئۇنى قوللىشى ۋەمەدەت بېرىشىدىن كېلىدۇ.

    ئىجادىيەتچىگە نىسبەتەن ئىچكى ئېنىرگىيە بىلەن تاشقى ئېنېرگىيە ئۆزئارا زىچ باغلانغان ھەم بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپلەردۇر. يەنى، ئالدى بىلەن ئىچكى ئېنېرگىيە ئىجادىيەتچىدە ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ھەم ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئويغۇتۇپ، ئۇنى ئىجادىيەتكە ئۈندەيدۇ.ئىجادىيەتچى ئۆزىدە قوزغالغان ۋە شەكىللەنگەن دەسلەپكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋەئىجادىيەت مۇددىئاسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزىدە بار بولغان بىلىملەرنى تەپەككۈر ئەلگىكىنىڭ تاسقىقىغا سېلىپ، مۇئەييەن لوگىكىلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ ياردىمىدە تاسقاپ ھەم يۇغۇرۇپ پاراسەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق تىل سەنئىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەپ خەلق ئاممىسىغا سۇنىدۇ. ئۇ خەلق ئاممىسىغا سۇنۇلغاندىن كېيىن خەلقنىڭ باھاسى، قارىشى، پوزىتسىيىسى ئارقىلىق يەنە شۇ ئىجادىيەتچىگە مەنىۋىي مەدەت ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ ھەم ئۇنىڭ ئىلھامىنى غىدىقلاپ، يېڭى بىر ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر بىر ئىجادىيەتچىنىڭ ئىجادىيىتى باشقىلار تەرىپىىدن ئېتىراپ قىلىنمىسا، بازار تاپالمىسا ياكى ئەمىلىيەتتەقوللىىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە ئۇ ئىجادىيەتچى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىدىن ئاسانلاسوۋۇپ، ئىجادىيەت يولىدىن رايى يېنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىر ئىجادىيەتچىنىڭ ئىجادىي ھوسۇلى بىزنىڭ قوللىشىمىز ۋە مەدىتىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىزئىجادىيەتچىلەرنى قوللىشىمىز، مەدەت بېرىشىمىز، ياراتقان ئىجادىي مېۋىسى ئىجابىيلىققا ئىگە بولىدىكەن ئېتىراپ قىلشمىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدەتەمتىرەپ قالماي ئىزچىل ھەم خاتىرىجەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىممەت ھاسىل قىلشىغا ئاز-تولا كۈچىمىزنى قوشىشىمىزكېرەك. بىلىشىمىز كېرەككى، بىر ئىجادىيەتچى ئۈچۈن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ بازارتاپالماي ياكى خەلقنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلمەي تۇپا-چاڭ ئاستىدا بېسىلىپ قېلىشىدىن ئارتۇق ئازاب يوق.


7. كىتاب تاللاش ۋە كىتاب ئوقۇشتىكى ئۇسۇللار.

بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە كىتابلارنىڭ تۈرى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ ھەسسە قاتلىنىپ، چېتىلىش ساھەسى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن كىتاب دېڭىزغا ئايلاندى. بىراق كىتابلارنىڭ دېڭىزغا ئايلانغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئومومىيۈزلۈك ھالدا سەرخىللىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، بەلكى، بۇ يەردىكى كىتاب دېڭىزى ئۇقۇمى ئاساسلىقى تارماقلاشما، قايتىلانما، يانداشما، ئېقىمغا ئەگىشىش خارەكتېرلىك كىتابلارنىڭ تۈركۈملەپ يېزىلىشى ۋە بېسىپ چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كۆپۈكلەشكەن كىتاب قاينىمىدىن ئىبارەت. بۇ قاينامدىن سەرخىل، ئۆزىمىزگە كېرەكلىك كىتابلارنى تاللاپ ئېلىش بىزدىن ئۆز نۆۋىتىدە ئالاھىدە كىتاب تاللاش ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇنداقتا بىز كىتاب تاللاشتا قانداق ئۇسۇللارنى ئىگىلىشىمىز كېرەك؟

    بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي قىزغىنلىقىمىز، كەسپىي ئىقتىدارىمىز ۋە بىلىم ئېلىش مۇددىئايىمىزنى چۈشىنىشىمىز،يەنى، ئۆزىمىزدە قايسى كەسپكە ماس كېلىدىغان ئىچكى-تاشقى شارائىت ئامىلى ۋەئارتۇقچىلىقلار بار، نېمىلەرگە قىزىقىمىز، ئۇ قىزىقىشىمىز ساغلاممۇ-ئەمەسمۇ؟خەلقنىڭ، مىللەتنىڭ، جەمىئىيەتنىڭ كەسپىي ئېھتىياجى ھەم بىلىم ئېلىش ئېھتىياجىنېمە؟ دېگەنلەرنى چۈشىنىشىمىز، شۇ ئاساستا بىلىم ئېلىش مۇددىئايىمىزنى تۇرغۇزۇشىمىزكېرەك. ئاندىن شۇ مۇددا بويىچە ئۆز مۇھىتىمىزدا بار بولغان كىتابلارنى پەن ۋەكەسپىي ساھەلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىشىمىز، كىتاب تاللىغاندا ئۆزىمىزشۇغۇللىنىشنى نىشان قىلغان ساھەنى ئاساس قىلىپ غول ئېقىن كىتابلىرىنى، تولوقلىما كىتابلارنى، لۇغەت ۋە قورال خارەكتېرلىك كىتابلارنى، چېتىلىشچان، يانداشماكىتابلارنى ئاساس قىلىپ ئېلىشىمىز لېرەك. ئۆز سەۋىيىمىزدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ياكى بىز قايتا ئوقۇمىساقمۇ مەزمۇنىنى ئاساسەن بىلىپ بولغان، قاراشلىرى كونىراپ قالغان،زىيادە تارماقلاشما ياكى قايتىلانما مەزمۇندىكى كىتابلارنى، مۇجمەل، پەن قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاشچانلىقى ياكى پەن ساھەسىدەقوللىنىشچانلىقى تۆۋەن بولغان، بىر دەملىك ھاياجان پەيدا قىلىشتىن باشقا رولى يوق كىتابلارنى ئالماسلىقىمىز كېرەك. باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى، كۆرسەتمىسى ياكى جەمىئىيەتنىڭ پىكىر ئېقىمى بويىچە كىتاب سېتىۋالماقچى بولغاندا يەنىلا ئۆزىمىز بىرقېتىم كۆرۈپ چىقىپ تۇيغۇمىزنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتەن يۇقىرى ئۈنۈم ۋە قوللىنىشچانلىققا ئىگە كىتابلارنى كەسىپداشلار ياكى كىتاب ھەۋەسكارلىرىغاتەۋسىيە قىلىپ يول كۆرسىتىشىمىز كېرەك. كىتابنىڭ ئاپتورى، نامى، مۇندەرىجىسى، ئەكس ئەتتۈرشچانلىقى ھەم ساقلاش قىممىتىنىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيسىگە ئائىت كىتابلارنىمۇ،ۋەزىيەتنى ۋە دۇنيا تەرتىپىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان كىتابلارنىمۇ،ئۆزلىكىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى تونۇتۇش خارەكتېرلىك كىتابلارنىمۇ، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كىلاسسىك كىتابلارنىمۇ، دۇنياۋى نادىر كىتابلارنىمۇ، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىدىغان كىتابلارنىمۇ، پىكىر ۋە تەپەككۈر يولىنى بېيىتىدىغان ھەم جانلاندۇرىدىغان كىتابلارنىمۇ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.مۇشۇ نۇقتىلارغا ياخشى ئەھمىيەت بەرگەندە سۈپەتلىك كىتاب سېتىۋېلىش مەقسىدىگەئاساسەن يېتەلەيمىز.

     كىتاب ئوقۇشمۇ كىتاب تاللاشقا ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، بىز ھەرقانچە ئېسىل كىتابلارنى تاللاپ چىقايلى، ئۇنى ئوقىمىساق بىزنىڭ تاللىغان كىتابلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇش بىلىم ئىگىلەشنىڭ ھەم تەپەككۈرىمىزنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىدىن ئىبارەت. شۇڭا كىتاب تاللىغان ئىكەنمىز ئۇنى ئوقۇشقا ھەم ئوقۇغان كىتابلىرىمىزدىن ئەڭ زور دەرىجىدەمەنپەئەتلىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. كىتاب ئوقۇشتا ۋاقىت بىلەن ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ بىر پارچە كىتابنى ئوقۇپ ئۆزىمىزگەئۆزلەشتۈرۈشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىمىز ھەم ھاسىل قىلغان چۈشەنچىمىز بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ زور دەرىجىدەئىگىلەش ھەم چۈشىنىپ تەدبىقلاشنى قولغا كەلتۈرەلىسەك بۇ بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمىمىزنىڭ ناھايتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئۇنداقتا كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ زور چەكتە مەنپەئەتلىنىشىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇشقىزغىنلىقى ھەم ھېرىسمەنلىكى بولۇش ۋە دىققەتنى يىغىش ئىقتىدارى بولغاندىن سىرىت يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى بولىشى ھەم ئۇنى ئوخشىمىغان كىتابلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەدبىقلىيالايدىغان، ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ ھەم ماسلاشتۇرۇپ قوللىنالايدىغان ماھارەت بولۇش كېرەك.

1› باشتىن ئاخىرىغىچە تولوق ئوقۇپ چىقىش. بۇ خىل ئوقۇش ئۇسۇلى مەلۇم بىر پەن ياكى كەسپ ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم قويغانلارنىڭ كەڭ دائىرلىك ئۇل سېلىش ھەم ئاساسىي بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ماس كېلىدۇ. مەلۇم پەن ياكى كەسپىي ساھەگە يېڭى قەدەم قويغانلار ئۆز ساھەسىگە دائىرئومومىي ساۋات خارەكتېرلىك ياكى ئېنىقلىما-چۈشەندۈرۈش خارەكتېرلىك كىتابلارنى تولوق كۆرۈپ چىققاندىلا ئاندىن ئۆز ساھەسىگە دائىر ئاساسىي چۈشەنچە ۋە قاراشلارغائىگە بولغىلى، ئۇنىڭ تارماق ھەم قاتلاملىرىنى، ئومومىي يۈزلىنىشىنى، پەن ۋە كەسپىڭ قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق كېيىنكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئومومىي بىلىم ئاساسى تىكلەپ چىقالايدۇ.

2› مۇندەرىجىسىنى كۆرۈپ چىقىش. بۇ خىل ئوقۇش ئۇسۇلى مەلۇم پەن ياكى كەسپىي ساھەدە ئومومىي ساۋات خارەكتېرلىك چۈشەنچە ھەم بىلىش شەكىللەندۈرۈپ بولغان كىشىلەر ھەم تەكرارلانما، قايتىلانما مەزمۇنلاردىكى كىتابلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز كىتاب ئوقۇشقا سەرىپ قىلىنىدىغان زىيادەۋاقىت ۋە ئەقلىي يۈكنى تېجەپ قېلىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشقاسەرپ قىلالايمىز.

3› ئارىلاپ ئوقۇش. بۇ مەلۇم پەن ۋە كەسپىي ساھەسىدە مۇستەقىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات سەۋىيىسىگە يەتكەنلەر ئۈچۈن ماس كېلىدۇ.يەنى ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىدە بار بولغان كىتابلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقاتىغا ماس كېلىدىغان، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەم پىكىرىنى بېيىتىدىغان،نۇقتىنەزىرىنى داۋلى ۋە پاكىت بىلەن تەمىنلەيدىغان قىسىمىنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئۆزقارىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قايىل قىلىشچانلىققا ئىگە قىلىدۇ ھەم ۋاقىتنى تېجەپ قالالايدۇ.

4› قايتا-قايتا ئوقۇش ھەم ئوقۇغانلىرىدىن خاتىرەقالدۇرۇش. بۇ ئۇسۇل بىلىم قاتلىمى چوڭقۇر، چۈشىنىش قىيىن، ھايات يولىغا زور تەسىركۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىتابلارغا ماس كېلىدۇ. بۇنداق كىتابلارنى تەكرارئوقۇغاندا ھەر قېتىم بىر يېڭى بايقاشقا، بىر يېڭى ئەقىلگە، بىر يېڭى چۈشەنچىگەئىگە بولغىلى، ھەر قېتىم ئۆزىدە يېڭىچە پىكىر يولى قوزغاتقىلى ھەم تەدبىقلاش يولىنى بايقىغىلى بولىدۇ. خاتىرە قالدۇرۇش ئارقىلىق يەنە ئۇنىڭ جەۋھىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ، ھايات يولىمىزدا ئۆرنەك قىلالايمىز.

5› بىر كىتابنى بىرقانچە، ھەتتا ئوننەچچە ئادەم بىر ۋاقىتتا ئوقۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالامشتۇرۇش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىكى ئۈنۈم كىتاب ئوقۇشنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇلىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. يەنى، بىر كىتابنى كۆپ ئادەم ئوقۇغاندا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ چۈشىنىش ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ھەم يولى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر بىرى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق پىكىريۈرگۈزىدۇ-دە، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ ئۆزگىچە ھەم كۆپ قىرلىق بولغان چۈشۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ ئۇسۇلنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن بولغان، ئەمىلىي نەپ بېرەلەيدىغان، ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە پەلسەپىۋىي،سىياسىي نەزىريىۋى كىتابلارغا ۋە سىتىراتىگىيلىك كىتابلارغا قوللىنىشىمىز،دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىپ، باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

6› تۈر-ساھەلەر بويىچە، ھالقسىمانلاشتۇرۇپ ئوقۇش. بۇ ئۇسۇلدا كىتابلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قىزىقىدىغان تۈر-ساھەلەر بويىچەتاللۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىش قابىليىتىمىزگەئاساسەن بىلىم-چۈشەنچىلەرنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقى بويىچە ئاۋال تېيىز قاتلامدىكىنى،كېيىن نەزەر دائىرىمىز ۋە چۈشىنىش قابىليىتىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرقاتلامدىكىنى ھالقىسىمانلىق بويىچە ئوقۇشىمىز كېرەك.

7› بىر گۇرۇپپا كىتابلارنى دۆۋىلەپ قويۇپ سېلىشتۇرۇپ ۋە ئالماشتۇرۇپ ئوقۇش. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوخشىمىغان قاراش ۋەنۇقتىنەزەرلەردىن يېڭى قاراش ۋە پەرقلەرنى، ھەتتا زور ئىجادىي يېڭىلىقلارنى قولغاكەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە مېڭىنى ئارام ئالغۇزۇش مەقسىدىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

8. ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش.

بىر ئائىلىنى ساغلام ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتائائىلە كىتاب مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىلىشىمىز كېرەككى،پەرزەنت مۇھىتنىڭ مەسۇلى. پەرزەنتنى ساغلام قاراش ھەم ھاياتلىق نىشانى بىلەن قوراللاندۇرالمىغان ئائىلە ساغلام ئائىلە ھېسابلانمايدۇ. بىر ئائىلىنىڭ ئائىلىۋىي مۇھىتى قانداق بولسا پەرزەنت ئاساسەن شۇنىڭغا مايىل چوڭ بولىدۇ. بۇ تەكرار-تەكرارئىسپاتلانغان ھەقىقەت. شۇڭا پەرزەنتنى كىتابقا ھېرىسمەن ھەم مەدەنىيەتنى سۆيىدىغان قىلىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئائىلىدە ياخشى ھەم ئۆزگىچە بولغان كىتاب مەدەنىيىتى بەرپاقىلىشىمىز كېرەك.


ئۇنداقتا كىتاب مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟

    كىتاب مەدەنىيىتى دېگىنىمىز-ئالدى بىلەن ئائىلەئەزالىرىدا كىتابنىڭ رولى ھەم قىممىتى، پايدىسى توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچەشەكىللەنگەن، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۇرغۇغان بولۇش، ئاندىن ئائىلىدە مەخسۇس كىتاب كۆرۈش ئۆيى ياكى كىتاب ئىشكابى بولۇش، ئائىلىدىكى ھەر بىر ئادەمگە ماس كېلىدىغان بەلگىلىك ساندا كىتاب سېتىۋالغان بولۇش، كىتاب ئوقۇشقا مەخسۇس ۋاقىت ئاجىراتقان بولۇش، بالىلار بىلەن كىتاب توغۇرلۇق سىردىشىپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ چۈشەنمىگەنلىرىنى مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇش، كىيىم-كېچەك، ھاراق-تاماكا،ئويۇن-تاماشا، ماشىنا ۋە ئۆي جاھازىلىرىنىڭ گېپىنىڭ ئورنىغا كىتابنىڭ گېپىنى كۆپرەك قىلىش، مەشھۇر شەخسلەر ۋە مەدەنىيەت ئامىلىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرئەتلەرتوپلىمى بولۇش، كىتابنى قاتلىماسلىق، كىر قىلماسلىق، بىر يۈرۈش كىتاب ئاسىراش ۋەكىتاب تازىلىقى ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش... قاتارلىقلارغا قارىتىلغان.

ئائىلە  كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ھەم بىرتۈرلۈك ئائىلە مەدەنىيىلىكى قۇرۇلۇشى ھەم بىر تۈرلۈك ئەۋلاد تەربىيلەش قۇرۇلۇشى.ئۇ بىزدىن ئىزچىللىقنى ھەم ئىقتىسادىي ۋە ۋاقىت جەھەتتىن بەلگىلىك بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئازغىنا بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمىغان ئادەملا ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ.

    بەزى كىشىلەر ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتىنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشى، بەزىلىرى ئىقتىسادىي ناماتلىقتىن سۆز ئاچسا، بەزىلەر ۋاقىتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن سۆز ئېچىشى، يەنە بەزىلەرئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا ماس كەلمەسلىكىدىكى سۆز ئېچىشى مۈمكىن. ئەمىلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ ئائىلەكىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنىڭ توسالغۇسى ئەمەس. ئەگەر توسالغۇ بار دېيىلسە، ئۇبىزنىڭ قارىشىمىزدىكى مەسىلە.

     بىز ئەشۇ ئىقتىساد، ۋاقىت ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى دېگەنلەرنى ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنىڭ توسالغۇسى قىلغانلارنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى ئۈستىدە بىر-بىرلەپ پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، ئۇ باھانە-سەۋەبلەرنىڭ ھېچقايسىنىڭ پۇت تىرپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىز.

سىز ئىقتىسادىي سەۋەبنى ئاساسىي توسالغۇ قىلىپ كۆرسىتىشىڭىز مۈمكىن. ئۇنداقتا مەن ھېسابلاپ بېرەي.

      بىر ئادەم ئوتتۇرىچە 70 ياش ئۆمۈر كۆردى دېسەك،ئەگەر ئۇ تاماكا چېكىدىغان ئادەم بولۇپ قالسا ئۆمرىنىڭ كەم دېگەندە 40 يىلىنى تاماكا چېكىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇ 40 يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىدە بىر قاپتىن، يەنى بەش يۈەنلىكتىن تاماكا ئىستىمال قىلسا، بىر يىلدا 1825.00 يۈەنلىك تاماكا ئىستىمال قىلىدۇ. بۇنىڭغا دانىسى 30.00 يۈەنلىك كىتابتىن تەخمىنەن 60 دانە سېتىۋالالايدۇ.مۇشۇ بويىچە بولغاندا 40 يىلدا ئىستىمال قىلغان تاماكىسىغا جەمى 2400 دانە كىتاب سېتىۋالالايدۇ. بۇ ئاز سان ئەمەس. باشقا تۈردىكى بىكاردىن بىكار ئورۇنسىز ئىسىراپ بولىۋاتقان ئىقتىساد بۇنىڭ سىرىتىدا. ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ، سىز ئەشۇنچىۋالا كۆپ كىتاب سېتىۋېلىشقا كېرەكلىك بولغان پۇلنى ئەۋلاد تەربىيلەش يولىغا سەرپ قىلماي تۈتۈنگە ئايلاندۇرىۋاتقان، تېنىڭىزنى نىكوتىننىڭ ئۆتكۈر زەھىرى بىلەن زەھەلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ يەنە ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا ئىقتىسادنى توسالغۇقىلىپ كۆرسىتىشكە باھانەيىڭىز بارمۇ؟

     يەنە بىز يۇقارقى سىتاستىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ باقايلى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى 10 مىليۇنلۇق نوپۇسىنىڭ %50 تىنى ئەرلەردەپ، ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندە ئۇنىڭ %20 تىنى تاماكا ئىستىمال قىىدۇ دەپ قارىساق،بىر ئادەم ئۆمرىدە 2400 دانە كىتابنى كۈلگە ئايلاندۇرغاندا، 2 مىليۇن ئادەم 4مىليارت 800 مىليۇن دانە كىتابنى كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. بۇ كىتابلار بىلەن ھەربىرسىدە 10 مىليۇن پارچىدىن كىتاب ساقلانغان كۈتۈبخانىدىن 480 نى قۇرىغىلى بولىدۇ.بۇ رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ھەر بىرسىگە بىردىن توغىرا كېلىپ يەنە ئېشىپ قالىدۇ.

سىز يەنە ۋاقىت سەۋەبنى ئاساسىي توسالغۇ قىلىپ كۆرسىتىشىڭىز مۈمكىن. ئۇنداقتا مەن ھېسابلاپ بېرەي.

     بىر ئادەم ئوخشاشلا 70 يىل ئۆمۈر كۆردى، ئۇنىڭ40 يىلىنى كىتاب ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئالتۇندەك چاغلىرى دېسەك،ئۇ ھەر كۈنى كۆرىۋاتقان تېلۋېزورنىڭ مەرىدىن كېچىپ بىر سائەت ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇشقا سەرپ قىلىپ قويسا، بىر يىلدا 365 سائەت، 40 يىلدا 1460 سائەت بولىدۇ. بۇۋاقىتتا ھەر مىنۇتىغا كەم دېگەندە يېرىم بەتتىن (نورمال كىتاب ئوقۇش ئۆلچىمىدە بىرمىنۇتىغا 32 فورماتلىق كىتاب خېتىدىن بىر بەتنى چۈشۈنۈپ ئوقۇپ بولۇش تەلەپ قىلىنغان) كىتاب ئوقۇسا، 300 بەتلىك كىتابتىن 1460 پارچە كىتابنى ئوقۇپ بولىدۇ.ئۆمۈرىدە مەلۇم پەن ياكى كەسپىي ساھە ۋە ئۇنىڭ تولوقلىما ھەم يانداشما پەنلىرى بويىچە 1460 پارچە كىتاب ئوقۇغان ئادەمنىڭ قايسى سەۋىيىگە يېتىشى ھەممىمىزگەئايان.

سىز يەنە مەدەنىيەت سەۋىيەرىڭىزنى ئاساسىي توسالغۇ قىلىپ كۆرسىتىشىڭىز مۈمكىن. ئۇنداقتا مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي.

    ھازىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىىكى كۆپلىگەن مۇنەۋۋەرئەدەبىي ئەسەرلەر ھەم نادىر ئىجتىمائىيەت ماقالىلارىنىڭ ئۈن نۇسخىسى ئىشلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇنى تۇنۇش-بىلىشلىرىڭىز ياكى خالىس تور ھەۋەسكارلىرىدىن كۆچۈرۈپ ئالالايسىز. سىز 80.00 يۈەن خەجلەپ بىر دانە كۆپ ئىقتىدارلىق ساقلىغۇچ ۋە ئاۋازقويغۇچ سېتىۋالسىڭىز بۇ مەسىلىڭىزمۇ ھەل بولىدۇ. پەرزەنتىڭىزگە مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي ھەم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى ئاڭلىتالايسىز.

خۇلاسە شۇكى، سىزدە ئائىلە كىتاب مەدەنىيىتى بەرپا قىلماسلىققا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق. ئەمدىكى مەسىلە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىڭىزدە.


مەنبە: ئىجادىيىتىم

7

تېما

0

دوست

942

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:55:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلىغا نىسبەتەن ناھايتى كۆپ ماقالە ئەسەرلەر،پائالىيەت چاقىرىقلىرى يوللاندى،مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا ھەممىمىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىشىچە پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

8

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
likimjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 11:55
بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلىغا نىسبەتەن ناھايتى كۆپ ماقالە  ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، يىڭى يىلىنىڭ يىڭى قەدەملىرىدە ئۇشبۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ پەخىرلەندىم،غۇرۇرلاندىم.ئارىمىزدىن تەتقىقات  بىلەن شوغللىنىدىغان قىرىنداشلىرىمىنىڭ كۆپلەپ چىقاۋاتقانلىقى بىزگە يىڭچە ئۆمىد ئاتا قىلىدۇ.چاقىرىقىمىزغا ئاۋاز قوشقىنىڭىزغا كۆپلەپ ھەمدۇ سانا ئىيتىمەن.ھەممە ئىزدىنىشىمىز قىېىنداشلىرىمىز ئۈچۈندۇر.يىڭى يىلدا يىڭچە ئىدىيە يىڭچە ئوي ھەممىمىزگە ھەمرا بولسۇن!ھەممىمىز كىتاب ئۈچۈن ئەڭ ئەمەلي ئىش قىلايلى!(ئارتۇچ)

11

تېما

8

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1328
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ سانىغا قاراپلا مەيۈسلىنىپ قالدىم. ئەمما ياخشى تېما يوللىغان ئىكەنسىز. قەۋمىڭىزنى ئويلاپ.    ھەي............ شۇ .

3

تېما

1

دوست

1736

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 487
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىللا  ئەپەندىم سىزنىڭ ئېسىل يازمىلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم! قەلىمىڭىزگە دەت بەرمىسۇن! يىڭى يىلدا يىڭىلىقلار بولسۇن

7

تېما

4

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 15:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بىرىپسىز،رەھمەت سىزگە.

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 17:25:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما
ئەپسۇس «چىۋىن دىگەن پوققا قونىدۇ»
بەردەم بولۇڭ ئاتتىلا قېرىندىشىم.

0

تېما

0

دوست

1334

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 19:13:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز ئەپەندىم.
مەنمۇ كىتاپنى دوست تۇتقىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بوپ قالدى،مەن كىتاپنى ناھايتى كۆپ نەپ ئالدىم،ھازىرغا قەدەر ئىرىشكەنلىرىمنى مىنىڭ تىرىشچانلىقىمنىڭ بەدىلىگە كەلگەن مۇۋاپىقىيەت دىسەك،مۇشۇ مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشەلىشىمدە كىتاپنىڭ بىۋاستە كۆرسەتكەن تەسىرى ئەڭ چوڭ،كىتاپ مىنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى،كىتاپسىز ھاياتنى،تۇرمۇشنى قاراڭغۇ زىندانغا ئوخشىتىمەن.

كىتاپ يىلىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر توغرىسىدا بىر قەدەر سۈپەتلىك،يۇقۇرى ساپالىق ئەسەركەن،نادىر تىما قىلىشقا ئاۋاز قوشتۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )