قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 11

كىتاب ئۇقۇش يىلى پىلانى ۋە كىتاپ ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بار ئىكەنمىز يادىڭدا دۇنيا

2

تېما

11

دوست

2528

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11320
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 02:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئۇقۇش يىلى پىلانى ۋە كىتاپ ھەققىدە
كۇنتۇغدى

    مەن تور بىكەتلەردىكى2015 – يىلى كىتاپ ئۇقۇش يىلى بۇلشى كىرەك دىگەن تەشەببەسنى كورگەندىن كىيىن ھاياجان ئىلكىدە ئۇخلىيالمىدىم ....بىزدىمۇ  شۇنداق ئىنسانلار بار ئىكەن . مەرھۇم ئالىمىمىز دىگەندەك «ئېتىز بىلەن ھۇسۇل ، نامازبىلەن غۇسۇل . دۇتار بىلەن ئۇسسۇل » دىگەن ئۇچ پىرقىراتما تەپەككۇر ئىچىدە يۇريدىغان ئىنسانلاردىنمۇ باشقا بىر ئىنسانلار بار ئىكەن . ئۇزى ۋە ئوزگىنى ئويغىتىشنى مەجبۇرىيەت ھەم شەرەپ دەپ بىلىدىغان ، ئوز خەلقى ئۇچۇن مۇشۇنداق ياخشى ئىجابىي ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىدىغان قېرىنداشلار بار ئىكەن دىگەن  ئويدا چەكسىز سۇيۇندۇم .....ئۇزۇم توغۇرلۇق ئويلاندىم مەن قانچلىك كىتاپ ئۇقۇدۇم . مەن قانچلىك مىۋە بەردىم . ھاياتمنى كىتاپ ئارقىلىق قانچىلىك گۇلەندۇردۇم . مىنىڭ ھاياتمنى كىتاپ قانچىلىك ئۆزگەرتتى . مەن كىتاپلاردىن نىملەرنى ئىرىشتىم . كىتاپ توغۇرلۇق ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك قېرىنداشلىرىمىغا نىملەرنى دەپ بىرىشىم كىرەك . بىراق بۇ سۇئاللارنىڭ تىگى ۋە جاۋابى تۇگمەيتى . چۇنكى ھەر كىمنىڭ تۇرمۇشتىكى شارائىتتى، كورگەنلىرى ئوخشمايتتى. مەن ئۇزەمگە جاۋاپ بىرەلگىنىم بىلەن قېرىنداشلىرىمغا ئوبىكتىپ جاۋاپ بىرەلمەيتتىم .قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ قىرىنداشلىرىمغا ئەگەر جاۋاب بىرىش كىرەك بولسا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشىم كىرەك . چۇنكى مەن كىتاپ ئۇقۇيتتىم بىراق بىر نەرسە دەپ بىرەلمەيتتتىم ھەم بىرنەرسە دەپ بىرىپ باقمىغانتتىم .
ئىلىمگە ئەمەل قىلمغان ئالىم كىتاپ ئارتىلغان ئىشەككە ئوخشايتتى . ....

مەن بولسام ئاددى بىر كىتاپ ئۇقۇغۇچى ھەم كىتابى بىلىملەر بىلەن يات بىر مۇھىتىتا تىرىشپ تۇرمۇش كەچۇرۋاتقان ، كىتاپ بىلەن ئۇزەمنىڭ ھاياتنى بىزەشكە تىرىشۋاتقانلارنىڭ بىرسى . بىراق رۇزى مۇھەممەت تۇردى مۇئەللىمنىڭ كىتاپ ئۇقۇش روھىدىن ۋە كىتاپ ئۇقۇش ئۇچۇن چاقىرۋاتقان كۇچىدىن قاتتىق تەسىرلەنمەي ھەم ئۆزئۇزەمنى سوراققا تارتماي تۇرالمىدىم .

  ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپىسىدا 30يۈۋەندىن كىتاب چىيى تەسىس قىلىندى. ھەر ئايدا 15نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن يىغىلغان پۇلغا شۇ كىشىدە يوق كىتاب سىتىۋىلىنىدىغان باشقىلارمۇ تەڭ پايدىلىنىدىغان قائىدەبىكىتىلدى. 23-ئۆمىد كۈنى بىز ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق كىتابلارنى بىر يەرگەتوپلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى نادىر كىتابلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇشتۇرغاندىن كىيىن كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئىلىپ باردۇق.بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن كىتاب تارقىتىپ ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن شۇ كىتابتىن سۇئال چىقىرىپ زىھىن سىناش شەكلىدەپائالىيەت ئىلىپ باردۇق،بۇنىڭ ئۈنىمى نەچچە سائەت چىڭ قىلىپ ئۆتكەن دەرىستىن ئۈنۈملۈكرەك بولدى.ئۇيغۇر تارىخىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئەنە ئەشۇنداق كىتابلار جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ فوندىمىزغا پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن كۆپىيىپ ھازىرغىچە 1000پارچىدىن ئاشتى.

«مىنىڭ كىتاب يىلىم» رۇزىمۇھەممەدتۇردى ئارتۇچنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدىن


شۇنىڭ بىلەن ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ خىيالى بىلەن ئۇزەمدىكى كىتاب ۋە ژۇرناللارنى ئاختۇرىشقاباشلىدىم .  مەندىمۇ 3000 يىقىن كىتاپ ۋەژورناللار ساقلانغان بولسىمۇ ئۇقۇغانلىرىمىدىن قىلغان ھاسلاتىم كوپ ئەمەس . بىراق شۇنداق دىيەلمەنكىم  ئائىلەمدىكى مۇھىت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن كىتاپ ئۇقۇش ئادىتىنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن بايلىقى ھاياتىمىدىكى ھەر قانداق ئۇتۇقتىن ئارتۇق بولمىسا كىرەك . ئائىلەمدىكى مۇرەككەپ زىدىيەت ،كەسىپ تۇرمۇش تۇسالغۇسى ۋە يۇقىرلاپ ئۇقۇيالمىغىنىم ، ماڭا ئىلىپ كەلگەن ھەر بىر زىيانلىق ئامىلىلارنىڭ تەسىرىنى مەن پەقەت كىتاپ پەقەت كىتاپ ئارقىلىق يىڭىپ چىقىتىم .شۇ سەۋەپتىن ھازىرىقى «مەن » نى كىتاپ ياراتقان دىسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ .  شۇ سەۋەبىتىن مۇشۇ چاقىرىق ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى كىشلەرنى ئويغاتماقچى بولغان شۇ ئېسل كىشلىرىمىزگە بېشىم بىلەن ئىگىلىپ ئاپىرىن ئۇقۇيمەن .

تۇۋەندە كىتاپ ئۇقۇش ھەققىدە ئۇنۋىرسال پىلاننى ئوتتۇرغا قۇيۇش بىلەن بىر نەچچە تۇرلۇك كىتاپ ھەققىدىكى پىكىرلىرىمنى ، شۇنداقلا كىتاپ ئۇقۇش يىلىنى قانداق ئوتكۇزۇش تۇغۇرسىدائويلىنۋاتقان ھەر بىر قېرىندىشىم ئۇچۇن تەكلىپ قاتارىدىكى  ئويلۇرۇمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۇتىمەن . دوسلارنىڭ ئاقىلانە تەپەككۇر ۋە ئاچچىق تەنقىد ئىچىدە ئويلىنشىنى ھەمدە شۇ توغۇرلۇق ئالغابېسىشنى ئۇمۇت قىلىمەن ھەمدە ئۇلۇغ ئىگەمدىن تىلەيمەن .


ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻖ ،ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻴﻠﯩﻖ ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ. (ﻳﺎﻗﯘﭖﮬﻪﻣﺪﯗﻟﻼ)
كىتاپ ئۇقۇماسلىق يۇقارقىلارنىڭ ئانىسى
ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺﺋﯩﺴﺘﯩﺮﯨﻠﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯩﺮﻯﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ، ﺑﯩﺮﻯ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﻪﺟﻪﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . (ﺋﻪﮬﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ)

بۇ ئۇچ ئىستىرلكىغا بىرنەرسىلام مەنە ۋە ئەھمىيەت ئاتا قىللايدۇ . ئۇ بولسىمۇ كىتاپ .

ﺩﺍﻧﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﻮﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ.(ﺳﻪﻟﻪﻳﺠﺎﻥﺭﻭﺯﻯ)

دانانىنى دانا قىلغان كىتاپ ناداننى بار قىلغانمۇ ھەم كىتاپ .

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگەئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغائۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ئىنساننىڭ ئىتقادسىزلىقى كەمبەغەللىكى ...ۋاكاھازلار بىلىمسىزلىكىتىن باشلىندۇ . بىلىمىسزلىك كىتاپ ئۇقۇماسلىقنىڭ كىلىپ چىققىدىغان مۇقەرەر ئاقىۋەت .

ئەيساجان تۇردىنىڭ«كىتاپنىڭ كۆز يېشى » دىگەن ماقالسدە تىلغا ئېلىنغاندەك


    ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان كىتاپنى قەدرلەپ كەلگەن مىللەتلەردىن بىرى . شۇڭا قارخانىيلار سۇلالسىدىكى«ساچىيە» مەدىرىسى خانلىق كىتاپخانسى  ،مەۋلانى جالالىدىن رۇمى قۇرغان «كۈنىيا كۇتۇپخانىسى»، ئەلشىر نەۋائى دەۋرىدىكى«ھىرات كۇتۇپخانىسى»، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى « خانلىق كۇتۇپخانىسى»،قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدىكى «ئوردا كۇتۇپخانىسى» قاتارلىقلار قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىلىم ۋە كىتاپ خۇمارلىقىغا تەمسىل ھەمدە ئەجداد روھنىڭ ئۇلۇغ بىلىدىغان مىللىتمىز ئۇچۇن ئۆرنەك بۇلالايدۇ .ئەجدالىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مەتبە تەرەققىقىلمغان زامانلاردا كۇچۇرۇپ تارقىتىش ۋە ياكى ئىپتادئى باسما مەتبە ئۇسۇللىرى بىلەن قانچلىك تەسلىكتە تارقاتقانلىقى ھەمدەئۇنى ئاسىراپ بۇگۇنگە يەتكۇزۇپ بەرگەنلىكى ھەممە قېرىنداشلىرىمىزغا مەلۇم بۇلشى كىرەك ئەلۋەتتە . يۇسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» نى ھەسەن بۇغراخانغا، مەھمۇدقەشقىرىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى»نى ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننىي مۇھەممىدىن مۇقتەردى بىئەمۇرۇللاغا تەقدىم قىلغانلىغىنىڭ ئۇزىلا شۇ زاماندىكى ئەڭ باي ئەڭ ھۇقۇقدار كىشلەرنىڭمۇ كىتاپنى قەدىرلەيدىغان روھىنىڭ تارىخى بايانلاردا ئەتكەن كۇرۇنىشىدۇر . ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا سوتسيالىستىك ئىدىيىنىڭ باش پىشۋالىرىدىن بىرى بولغان لېنىن شۇ زاماندىكى ئەڭ كوپ كىتاپ ئۇقۇغان كىشى ئىكەن . دولتىمىزنىڭ داھىسى ماۋزىدۇڭنى باش پىرسۇناژ قىلىپ ئىشلەنگەن كىنو – فىلىملاردا ماۋزىدۇڭنىڭ قۇلىدىن كىتاپ چۇشمەيدىغان قىلىپ تەسۋىرلىندۇ . ئەمىليەتتە ماۋزىدۇڭ ھەققىقەتەن كىتاپ خۇمار كىشى بۇلۇپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېللىر «ماۋزېدۇڭنىڭ تەرجىمىھالى»دېگەن كىتابىدا «دۇنيادىكى داھىيلار ئارىسىدا ھەممىدىن بەك كىتابخۇمار- ماۋزۇدۇڭ » دېگەن بىر سۆزنى ئوتتۇرغا قويغان . جۇڭنەنخەيدىكى ماۋزېدۇڭ كىتابخانىسىداساقلاقلىق كىتاب 90مىڭغا يېتىدىكەن. ماۋزېدۇڭ «ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى پايدىلىق ئۆرنەكلەر»دېگەن  كىتابنى 17قېتىم ئوقۇغان، ھەتتا ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى مەخسۇس خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم  ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

   بىراق بىزدىچۇ ؟يىللاردىن بۇيان بېسلىۋاتقان كىتاپلاردىن بىر قىسم قايتا قايتا نەشىرقىلىنۋاتقان كىتاپلارنىڭ باشقىلىرىدىن ھەممىسنىڭ تىراژى تۇۋەنلەپ بارماقتا . بۇنىڭ ئۇزى بىزدىكى كىتاپ ئۇقۇشقا قىزىقماسلىقتەك ناچار خاھىشنىڭ بازار ئىگلىكىدەكۇرۇلۋاتقان ئەينى تەسۋىرى ۋە تەسىرى . بىراق بۇخىل خاھىش بىزنى نەگە ئاپىرىدۇ ،ئەجداد كىتاپ ئۇقۇمايدۇ، ئەۋلات كىملىكنى تۇنمايدۇ، يەنە بىر ئەۋلات تىرىلمەس ئۇلۇككەئايلىندۇ .شۇنىڭ بىلەن يەر شارىدا بىر توپ ماڭقۇرت ئاۋۇيدۇ . ئاخىرىدا ھىسابات بۇگۇنكى بىر قاپ تاماكا ياكى  بىر بوتولكاھاراق پۇلغا نەچچە كىتاپ سېتۋاللايدىغان ھازىرىقى زامان كىشللىرىگە مەڭگۇلۇك لەنەت تامغىسى بېسىلىدۇ خالاس.

مەن نۇرغۇن كىشلەرنى ئۇچۇراتتىم . بەلكىم تور ئالدىدىكى ھەر بىر قىرىندىشم بۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن  . ئۇلار ئيتىدۇكى

-ئالىي مەكتەپتە كىتاپنى تازا ئۇقۇپتىكەنمىز ، ھازىر ئۇقاي دىسەم بېشىم ئاغرىيدۇ .

- ما خىزمەت جەريانىداكۆردىغان ماتىرياللارنىڭ تۇللالىقىدا نەدىكى ۋاقىت  

- قىممەتلىككى ئۇ كىتاپلارنىڭ
- ياخشى كىتاپلار يوق
- قىزقمايدىكەنمەن

- ياش ۋاقتمدىغۇ خېلى ئۇقۇيدىغان ،ھازىر بالا ئۆي خىزمەت ئارلىقىداپىرقىراپ ۋاقىت يوق

..........باھانلارنىڭ تۇللالىقىدا ،تېتىقىسزلىقىدا شەك ھەم گەپ يوق . لىكىن بىرلا گەپ راسىت بىز باھانە ئارقىلىق ئۇزىمىزنى پەردازلماقچى .بىراق كىتاپتىن يىراقلىشۋاتقان تۇرمۇشمىزنىڭ ئارقىسدىكى بىچارەئەپتمىز ، نادانلارچە تۇرقىمىز گىرىم قىلغانسىرى چېنىپ قېلۋاتقان قېرى  پاھىشە خۇتۇننىڭ ئاقۋىتىدىن كوپ يىراق ئەمەس.
كوپ كىشلەر ئۇزىنىڭ ھازىرىقى تۇرمۇش نەتجىسنىڭ كىتاپسزمۇ بارلىققا كەلگىنىدىن پەخىرلەنمەكتە . ئۇنداقتا ئۇلاردىن سوراپ باقايلى ئۇلار ئىرىشكەن نەتجە نىمە ؟
جاۋاپ : پۇل ھوقۇق
   بۇ خىل جاۋاپقا ئەقىللىق ئۇقۇرمەن ئەلۋەتتە قايىل بولمايدۇ .ئىنساننىڭ تۇرمۇش سۇپتىنى ھوقۇق ۋە پۇل بىلەن ئولچەشنىڭ ئۇزىلا ئادىمىيلىك قىممەتتىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى .ئىنساننىڭ پايدا ئارقىلىق مەلۇم ئىش ھەركەتنىڭ ئۇنۇمنى ھىساپلاش فورملاسنى خاتا دەپ دەپكەتكىلى بولمىغاندىمۇ ئۇنىڭ يىراق ۋە يېقىن پايدىسى توغۇرلۇق ئويلانماي بولمايدۇ .ئىقتىساد  ۋە ھۇقۇق ھەر بىر قۇۋۇمغا مۇھىم بولغىنىدەك ئۇيغۇرمۇ ناھايتتى كوپ ئىقتىسادى كاپالەتكە ۋە  ئىجتمائى كۇچلەرنىڭ ھوقۇقىغا تەشنا ۋەئىھتىياجلىق . بىراق بۇ بىر ئەۋلات غۇلسىچۇ ئىقتساد بولمسا ھوقۇق ئەملىيلەشمىسچۇ .بىر تۇركۇم بىچارە پەرزەنتلەر تىلەمچلىكتىن ئىبارەت يېڭى چىقىش يۇلى تاپماي ئىلاج يوق . بىراق يىڭى دەۋىر دە كىشلەر يۇقىرى سۇرئەتىلىك تاش يولدا مىڭىپ قالسا بۇتىجارەتنىڭمۇ ئومىرى كۇتە بۇلۇپ قالامدىكىن ئىھتمالىم .

يەھۇديلارنىڭ ئويگە ئوت كەتسە كىتاپلارنى ئالدى بىلەن قۇتۇلدۇرۋالدىغان،باللىرغا تەۋراتقا ھەسەل سۇركەپ يالتىدىغانلىقىدەك ھىكايەتلەر ھىچكىمگە سىربولمسا كىرەك . يەھۇدىيلارنىڭ نۇپۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسغا يىقىن كىلىدۇ (13مىليۇن). دۇنيا نۇپۇسنىڭ 0.2 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ . بىراق دۇنياۋى تەسىرىگە ئىگەمۇكاپات بولغان نوبىل مۇكاپاتنىڭ ھەر قايسى تۇرلىرىدىن ئالغان مۇكاپاتى بۇمۇكاپاتنىڭ ئومۇمى سانى بىلەن نىسپەتلەشتۇرگەندە 45 پىرسەنتىدىن يۇقىرى . (ئۇمۇمىسان 360 نەپەر ،يەھۇدىيلار نىڭ 165 نەپەر «يەھۇديىلارنىڭ دولەت قۇرۇش جەريانى »دىگەن ماقالىدىن ئېلىندى) بۇ يەھۇدىيلارنىڭ كىتاپ ئۇقۇش ئارقىلىق ئۇزنى يۇكسەلدۇرگەنلىكىنىڭ جانلىق پاكىتى . 1884 –يىلى ئولگىلى ئىىككى مىڭ يىل بولغان ئىبراي تىلدا تۇنجى چىقىرلغان «ھارۋىسد » ناملىق ھەپتلىك ژورنالنىڭ تارقىتىلشى بىلەن قىسقىغىنە 30يىل ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ (پەلەستنىدىكى) تىل بىلش نىسپىتى %70گە يەتكەن . 1948 –يىلى بولسا مۇستەقىل بىر دولەتنىڭ تىلغا ئايلانغان . 1969-يىلىغا كەلگەندە ئىسرائىليىدە چىققىدىغان گېزىت ژورناللار 481 گە يەتكەن . 2012يىللىق سىتاتىسكىللارغا ئاساسلانغاندا يەھۇديلارنىڭ ھەر يىلى ئۇقۇيدىغان ئوتتۇرچەكىتاپ سانى 64 پارچە بولغان بۇلۇپ دۇنيادىكى ئەڭ كوپ كىتاپ ئۇقۇيدىغان دولەت بۇلۇپقالغان ( بىراق بىر مىليارت 300 مىليۇن نۇپۇسلۇق جۇڭگودا 5 پارچىگىمۇ يەتمىگەن ) .يىقىنىقى زامان تارىخدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا يەھۇدىيلار دۇنيا بۇينچە ساۋاتسىزلىقنى ئەڭ بالدۇر تۇگەتكەن مىللەت ھىساپلىدىكەن . ھازىر 5 مىليۇن يەھۇدىي 250 مىليۇن ئەرەبنىڭ بېشدا ياڭاق چېقىۋاتىدۇ .دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 60 پىرسەنتىنى يەنە مۇشۇ خەق ئىگەللەۋاتىدۇ . مانۇ بۇ نىمنىڭ قۇدىرىتى ئەلۋەتتە كىسپ ئېيتالايمىز كىتاپ يەنە شۇ كىتاپ . باشقا مىللەتلەردىن ياپونلارنىڭ كىتاپ ئۇقۇش قىزغىنلىقى توغۇرلۇق تورداشلار خېلى خەۋەردار دەپ ئويلايمەن. مانا ھازىر ياپونلارنىڭ ئىقتسادى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا ئوتتى .

    مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كىتاپ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان نەتىجىلەر ھەم كىتاپ ئۇقۇش بىلەن ئۇزنى گۇلەندۇرگەن مىللەتلەرنىڭ پارلاق نەتىجىلىرى .
ئۇنداقتا بۇ يەردە بىرمۇھىم سۇئال پەيدا بولدى . بىز رىقابەت ھەم تەرەققىيات قەدىمى يۇرتمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان ئاشۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان يەھۇدىيدىن شۇ ياپوندىنمۇ بەك ئالدىراشما   . توغرا بىز ئالدىراش بىراق بىز رىستۇرانغا بارىدىغان يولدا ئالدىراش . ئۇ يەردە بىزگە بىرىلىدىغان بارلىق نىسۋىلەر بار . ھاراق بار گۇزەللەر بار ، ئۇ يەردە بىز  زۇۋانمىزنىڭ ئىھيتياجى بىلەن ئىشتاننىڭ ئېغىنىڭ غېمنى بىر تەرەپ قىلالايمىز . ....

يىقىنىقى زامان تارخىدا كىتاپ ئۇقۇغان ئادەملىرىمىزنى جەدىت دەپ ئوزقۇلمىز بىلەن بۇغۇپ ئولتۇردۇق . ھازىر بولسا شۇنداق ياخشى شارائىت ياخشى كىتاپلىرىمىزتۇرسىمۇ يەنلا كىتاپ ئۇقۇغان ئادەملىرىمىزدىن ئۇقۇمايدىغانلىرىمىز تۇلا . بايلارخۇتۇننىڭ ئۇستىگە خۇتۇن ئېلىپ  ھەتتا ئاشنائويناپ ئاۋارە . زىيالىلار قىمارخانا بىلەن قاۋاقخاندىن چىققالمايۋاتىدۇ .ئەمەلدارلار كۇندۇزى دوكلات بىلەن يىغىننىڭ ،كەچلىكى بولسا خۇشامەتچلەرنىڭ داستىقىندا ئالدىراش . ئانا بۇلدىغان ئاياللىرىمىز كورىيە بىلەن تۇركىيەنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۇزۇلدىغان كوپ قىسملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىلىرىنى كۇرۇش بىلەن ۋاقتىنى زايە قىلۋاتىدۇ .....

يىقىندا گۇزەل ئېلى دىيارىغا جەمەتىمنىڭ نەسەپنامسى ئۇچۇن ئىزدىنش سەۋەبى بىلەن بېرىپ قىلىپ ، قۇتلۇق پۇرسەتلەرنىڭ بىرىدە مەشھۇر شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ كىسەل بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇكىشى بىلەن يۇز كۇرشۇش ھەم كىسەل يوقلاش باھانسى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيىگە ئۇتۇپ قالدىم. سوھبەتلىرىمىزدەياشلىرىمىزدىكى كىتاپ ئۇقۇشقا دائىر بىر نەچچە مەسلە تۇغۇرلۇق پاراڭلاشقىنىم ئىسىمدە . يۇرۇتقا قايتىپ كىلىپ منى شۇ ئەزىز كىشنىڭ ئۇيىگە باشلاپ بارغان يازغۇچى مۇھەممەتجان ئەيسانىڭ ھېيتلىق تىلفۇنىنى تاپشۇرۋالغىنمدا شائىرىمىزنىڭ كىتاپ ئۇقۇشقا ھىرىسمەن ياشلارنىڭ ھېلمۇ كوپ ئىكەنلىگنى مىنىڭ ئاغزىمدىن ئاڭلاپ ناھايتتى سۇيۇنگەنلىكىنى ، ئۇزىنىڭ ياشلارغا بولغان ئىشەنچىنىڭ تېخمۇ ئاشقانلىقنى سۇزلەپ بەرگەنلىكىنى يەتكۇزدى . تىلفۇننى قۇيۇپ شۇنداق ئېسىل كىشلىرىمىزنىڭ  بۇگۇنكى زامان ياشلىرىمىزنىڭ كىتاپ ئۇقۇشقاكۇڭۇل بۇلشنىڭ ئارقىسدىكى نەقەدەر ئۇلۇغ ئىزگۇ تىلەكلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم .

ئادەم ئىدىيسى ئائىلە جەمىيەت بىلەن مائارىپىنىڭ ئۇچ خىل مۇھىتنىڭ شارائىتىدا يىتلىدۇ . ھازىر مائارىپىمىزدىن قاقشاش مەسلىسى ، ئۇمۇدسىزلىنىش مەسلىسى ئېغىر . مەكتەپ دارۋازىسدىن كىرىپ كىتىپ بەش – ئالتە يىلدىن كىينمۇ ساۋاتسىزبۇلۇپ چىققان ئەھۋاللارنى كۇندە ئاڭلاپ تۇرۋاتمىز . ئائىلىدە ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قاقشاشلىرىنى قەدەمدە بىر ئاڭلاۋاتىمىز . جەميەتمۇ كۇندىن كۇنگەمۇرەككەپلەشمەكتە .  ئۇنداقتا ئائىلە ،جەمىيەت  ۋە مائارىپ بىرەلمىگەن تەربىيىنى قانداق تۇلۇقلاش كىرەك ؟  ئۇنى پەقەت كىتاپ ئۇقۇش ئارقىلىق تۇلۇقلاش تامامەن مۇمكىن . شۇ سەۋەبتىن بالىلىرىمىزنىڭ كىتاپقابولغان قىزىقىشنى يىتلدۇرۇش ھەمدە ئۇنى جەميەت تۇسىدە ئەۋىج ئالدۇرۇش بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ ئاقلانە تالىشى ۋە مۇقەرەر بولغان چىقىش يۇلىدۇر .

بىزدە ھازىر 10 ئادەمنىڭ توققۇزىنىڭ كىتاپ بىلەن خۇشى يوق . ئۇنداىداردىكى ئەخلەت تىمىلارنى ، دوسلار چەمبىرىكىدىكى چۇشكۇنلۇك ، يالغانچىلىققا تولغان قىسقاپارچىلارنى ، چاكىنا رەسىملەرنى كۇرۇشكە ۋاقتى يىتدۇكى ھەققى پۇتۇن مەزمۇنلۇق ، ئادەم مىڭىسگە مەلۇم بىر ئىدىيەنى ، يىڭى بىلىمنى سىڭدۇردىغان ، چۇڭقۇر تۇنۇش ۋە مول تەسەۋۇرغا ئىگە قىلدىغان بىرەر كىتاپنى ئۇقۇشقا ۋاقتى  يەتمەيدۇ . قىسقىسى بىرقىسىم ئادەملىرىمىز يا ئۇقۇمايدۇ يا ئۇگەنمەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئىش ھەركىتى مەنسىز ،تۇرمۇشى نىشانسىز.... سوزلەڭ دىسە مىللەت خەلىق ئۇچۇن تازا ۋالاقشپ سوزلەيغان ئادەملىرىمىز بەك تۇلا  . بىراق زەن سېلىپ قارىسىڭىز مەيدانى ئېنىق ئەمەس . ساختا غورۇرى ، نائېنىق ئىتقادى مانا مەن دەپلاچېنىپ تۇرىدۇ . ئوز مەۋقەسنى ئەملىي ھەركىتى بىلەن ھەققى ئىپادلەشنى ، قوغداشنى بىلمەي بىر ئومۇر بىھۇدە ئۇرۇنۇشلار ئارىسىدا تولغۇنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئېتى  ئۇيغۇر قىلغىنى «ئۇرغۇي» بۇلۇپ چىقىدۇ . ...  

ئەلۋەتتە يۇقارقى قۇرلار كىتاپ ئۇقۇمايدىغان ، كىتاپنىڭ تۇرمۇشمىزغائەكلىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى چۇشەنمەيدىغان قېرىنداشلىرىمغا قارىتىلغان . بەزى ئاچچىق گەپلىرىم ئۇتۇپ كەتكەن يەرلىرى بولسا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلشنى ئۇنى ئۇزى ئاچچىق لىكىن شىپالىق دورا قاتارىدا بىلشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .

تۇۋەندە ئۇزۇمدە باربولغان ھەمدە ماڭا تەسىر كورسەتكەن كىتاپلاردىن بىر ئۇنۋىرسال كىتاپ ئۇقۇش پىلانى تۇزۇپ چىقتىم . دوسلارنىڭ پايدىلىنىشنى ئۇمۇت قىلىمەن .

بۇ پىلان تۇزۇشتىكى بىرقانچە پىرىنسىپلار

1.    تارىخى رومانلار يىقىنقى زاماندىن يىراق تارىخقا بولغان تەرتىپ بۇينىچە تىزىلدى .

2.       پىلان تارىخي رومان ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ، تارىخى ئەسەرلەر ،پەلسەپە مەدىنيەتجەميەت ئىقتساد تۇغۇرسىدىكى كىتاپلار ،دىن تەربىيەت ھەققىدىكى كىتاپلار شئېرنەسىرلەر(بۇ تۇردىكى كىتاپلارنى تۇرگە ئايراي دىسەم تۇرلەر بەك كوپ بۇلۇپ كىتىدكەن. ھەمدە ۋاقىت تەرتىۋىگە چىقىشمايدىكەن)  ،چەتئەلنىڭ داڭلى رومانلىرى قاتارلىق 6 خىل تۇرگە بۇلۇنۇپ ھەپتىنى بىرلىك قىلىپ ئوتتۇرغا قۇيۇلدى .

3.       تارىخى ئەسەرلەردە ۋاقىت تەرتۋى يوق .

بۇ پىلاندىن پايدىلىنىش ئۇچۇن بىر نەچچە پىكىر

1.    بۇ پىلان ئىچىدىكى كىتاپلار بىر قەدەر زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان . شۇ ھەپتىگە توغرا كەلگەن كىتاپ سانى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 6پارچە ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئوز تۇرى بۇينىچە خالىغان بىر تۇردىكى كىتاپنى تاللاپ ئۇقۇشىغا قۇلايلىق بولسۇن ھەمدە كىتاپ ئۇقۇش يىلدا قايسى كىتاپلارنى سېتۋېلىش ئۇچۇن گاڭگىراپ قالغان دوسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن شۇنداق تۇزۇلدى . ئوخشاشلا بىرئاينى ياكى بىر پەسلنى پىلان قىلساقمۇ مۇشۇ پىرىنىسىپ بۇينىچە تالىسا بۇلىدۇ .

2.    كىتاپلار ئىچىدە دوسلارنىڭ نەزىرىدە پۇچەك دەپ قارىلىدىغان كىتاپلار بۇلۇپ قالسا تەنقىدى نەزەر بىلەن قاراپ مېغىزنى ئېلىپ قېلىپ شاكلىنى تاشلىشنى ئۇمۇت قىلىمەن .

3.    كىتاپلار ئاساسەن ئەتراپىمىدىكى دوسلۇرۇمنى مۇشۇ پىلانغا باشلاپ كىرىش تۇرۇتكىسدە ئوز خاھىشم بۇينىچە مەن ئەڭ بەك ياقتۇردىغان ھەمدە ئاساسەن ئۇقۇپ بولغان كىتاپلار ئىچىدىن تاللانغان . شۇسەۋەبتىن پىلانمدىن پايدىلىنىش نۇقتىسى بۇينىچە مۇئامىلەقىلشڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .

4.    ئەسلىدە پىلانغا كىرگۇزۇلگەن كىتاپلار بەك كوپ بۇلۇپ كەتكەچكە جىق كىتاپلارنى قىسقارتىۋەتتىم . سىلەر ئويلغان كىتاپ بولسابەلىكىم كىرگۇزۇشكە ئامالسىز قالغاندىمەن . تەڭشەپ پايدلانساڭلار بۇلىدۇ . پىلان جەدۋېلى بەك چوڭ بولغاچقا بىۋاستە كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىدى . چۇشۇرۇپ پايدىلىنارسلەر .

ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ يىڭى يىلنىڭ كىتاپ بىلەن ھەم سوھبەت بولغان گۇلزارلىققائايلىنىشنى ، كەلگۇسى بىر يىلدا  يىڭچە ساپا ھەم قۇۋەت بىلەن ياشاپ پارلاق مەنزىلگە بىرلىكتە قەدەم بېسىشنى ئىستەيمەن .
مەنبە ئوز قەلمىم
2014 – يىل 12 ئاينىڭ 31- كۇنى  ئونسۇ
يۇقارقى يازمىنى يېزىشتاپايدىلانغان ماتىرياللار :
1.    رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچنىڭ «مىنىڭ كىتاب يىلىم» ناملىق ماقالىسى
2.    ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ« كىتابنىڭ كۆز يېشى ۋە سېھرىي كۈچى  » ناملىق ماقالىسى‹ شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى › نىڭ 2014-يىللىق 5-سانى
3.      ئەخمەتجان ئىسمائىلىنىڭ « ياشلار سەمىگە –تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلۇر» 4-قىسم كىتاۋى  

چۇشۇرۇش مەنزىلى
http://115.com/lb/5lbah1h4k5t4

كىيتاپ ئۇقۇش پىلانى.xls

62 KB, چۈشۈرۈش سانى: 27

7

تېما

0

دوست

942

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 20:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى دىسەم 2015-يىلى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن كىتاب يىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتىم ھەم تېخىمۇ ئۈمىدلەندىم،ھەر بىرىمىزنىڭ ماڭغان ساۋاپ قەدىمى قۇتلۇق بولسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1666

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5812
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 149
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 14:50:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىز ئارىسىدا، ئۆز- ئارا كىتاپ سوغا قىلىشىىغان،  يېڭى توي قىلغالارنىڭ  ۋە يېڭى ئۆي كۆچكەنلەرنىڭ ئۈيىنى كىتاپ بىلەن مۇبارەكلەيدىغان ئادەت ئۇمۇملاشقان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە.

52

تېما

12

دوست

6314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1293
تۆھپە : 1046
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 15:35:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ سوۋغات قىلىشنى باشلايلى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق ياخشى بولىدۇ.
دوستلارغا،بالىلارغا،ئاتا-ئانىلارغا،كىتاپ سوۋغات قىلايلى.

1

تېما

7

دوست

6317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1652
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 16:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزغىن قوللايمەن.ئەمەلي ھەركىتىم ئارقىلىق ئاۋاز قوشىمەن.ئىلىپ قويۇپ ئوقۇپ چىقالمىغان كىتاپلىرىمنى تولۇق ئوقۇپ چىقىمەن.مەن ئوقۇتىۋاتقان  ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ساۋادى چىقىشىغا ئۈلگۈرتۈپ،سىنىپتا كىچىك قىرائەتخانىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىمەن.

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 23:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەنكى بىلىم دىگەن شېرىمنى ھەدىيە قىلماقچى .                                                   
بىلىم كۆزنىڭ چىراغى  ،
بىلىم مىڭە قۇۋىتى .
بىلىميۈرەك مادارى  ،
بىلىم ئاياق سۆڭىگى .



نادانلاردا كۆز بولماس ،
نادانلاردا مىڭە يوق .
نادانلاردا نە يۈرەك ،
نادانلاردا سۆڭەك يوق .




بىلىم بولسا كۆرىسەن ،
بىلىم بولسا ئاڭلىماق .
بىلىم بولسا يۈرەك بار ،
بىلىم يوقدا سۆڭەك يوق .




بىلىم دىگەن غەزىنە ،
نادان دىگەن جەزىرە.
غەزىنىدەئالتۇن بار ،
جەزىرىدە ھېچ نىمە .


شاھ.

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 00:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر كىتاپ ئوقۇش بىلەن قۇدرەت تاپقانلىقىنى  دۇنيا  ئىتىراپ قىلىدۇ . كۈن تۇغدى ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى قايتا - قايتا بەك سۆيۈنۈپ ئوقۇدۇم مەن كۆرگەن كۆپ يازمىلار ئىچىدە بۇنىڭدىنمۇ يېقىملىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى غايەت يازمىنى كۆرمۇدۇم .     ئۆمۈرۇڭىز ئۇزۇن بولسۇن.            شاھ.   

16

تېما

9

دوست

4763

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 11:22:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ يىلى ئۈچۈن بىسىلغان ھەربىر قەدەملەر قۇتلۇق بولسۇن....بۇ تىما تولىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ.مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلارنىڭ كۆپلەپ يىزىلشى بىز ئۈچۈن كۆپلەپ پايدىلىقتۇر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )