قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 5

بەگ ئالىپ: مۇز كوچا2(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 09:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇز كوچا
(ھېكايە)  
مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم(بەگ ئالىپ)  


                                       

ئىككىنچى قىسىم




       ياتاققا كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى سوۋغا قىلغان كۇنۇپكا تاختىسنى بىر يانغا قويۇپ قۇيۇپ ، ئۆلۈپ كەتكەن  سەھرالىق سىنىپ باشلىقى،  بۈۋى قىز ،قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن  ھېكايەمنىڭ «قەلەم ھەققى»گە ناۋاي بۇۋايدىن سېتىۋالغان ناننى قولۇمغا ئالدىم  . ناندىن ئازراق يەپلا غەلىتە پۇراقنى سېزىپ تۈكۈرۋەتتىم. نان سېتىۋالغاندا  خىيال بولۇپ كېتىپ ناننىڭ  جىڭ-ساقتىلىقىغا دىققەت قىلمىغان ئىدىم. نەچچە ھەپتىدىن بىرى تىنماي ئىشلىگىنىم بىكارغا كەتكەن ئىدى. بەلكىم ئاچ پېتى بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش پېشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك. تېخى يېقىندىلا دوختۇرلار بىر ساددا بىمار  مىڭ جاپادا سېتىۋالغان  راست بۆرەك ئورنىغا سۈننىي تالادىن ياسالغان  يالغان بۆرەك سېلىپ قويغاچقا جەھەننەمگە كەتكەن ئىدى.ئەلۋەتتە، ئىچىدىغان سۇغىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولمىغان يەردە ،دوختۇرلار بىلەن ناۋاي بۇۋاينىڭ قىلىقىغا ھەيران قالغىلىمۇ بولمايتتى.
    مەكتەپ مۇدىرى سوۋغا قىلغان كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن  بالىلىقمدىكى پاك  ھەم غەمسىز  ھالتىمدىن تاكى جۇدالىق ھەسرىتى ۋە گۇناھ تۇيغۇسسىنىڭ سەۋەبىدىن  سەكراتقا چۈشۈپ قالغىنىمغا قەدەر ھېكايىلەرنى يازىمەن. لېكىن  بۇ ھېكاينى نان ئېلىپ ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس  ،پەقەت ئۆزۈم ۋە ئۆزۈمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان «ر» ئۈچۈن يېزىلىدۇ.

   نەچچە يىللار ئاۋالقى ئاشۇ قەھرىتاندا ، «ر»نىڭ  دەرۋازىىسى ئالدىغا تۇتۇشىدىغان مۇز كوچا ئىچىدە جېنىنىڭ  بارىچە چېپىۋاتقان قارا تۇلپارنىڭ  تۆمۈر تۇيىقى ئاستىدىن  چىققان ئوت ئۇچقىنى ۋە ئات تۇيىقىدىن چىققان ئاۋازى ھەر زامان قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭراپ تۇرىدۇ.
ئەمدى  ھاياتمنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىنى   ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدىغان كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن    يۈرىكىمدىكى ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان    چوڭقۇرلىقتكى مۇزكوچىدا   چېپىپ كېتىۋاتقان  قارا تۇلپارنىڭ  ھەر بىر قەدىمنى پۈتۈشكە سەرىپ قىلىمەن  .


                                     *                         *                            *  



     غەرىب ۋە شەرىق تەرىپى ياپيېشىل تاغلار،جەنۇب تەرىپى يىل بويى قارلار ئېرىمەيدىغان ھەيۋاتلىك تاغ چېقىلى بىلەن ئورالغان، شىمال تەرىپى كەڭرى كەتكەن تاشلىق سايغا تۇتىشىدىغان، جاھان غوۋغالىرىدىن يىراق بولغان بۇ خىيابان سەھرانى كىشىلەر «كەنجىساي »دەپ ئاتىشاتتى.
قىشمۇ ياز سۇ ئۈزۈلمەي  يىلاندەك تولغۇنۇپ ئاقىدىغان  دەريا كەنجىساينى ئىككى مەھەلىگە ئايرىۋەتكەن بولۇپ ، بىرى تاغ بىلەن دەريا ئارىسىدىكى تارچۇققا جايلاشقان ساي مەھەللە ؛يەنە بىرى  سايمەھەلىدىن ئېگىز كۆرىنىدىغان، بىر تەرىپى ياپيېشىل تاغنىڭ باغرىغا يەنە بىر تەرىپى دەريا ساھىلغىچە سوزىلىدىغان كەڭرى كەتكەن دۆڭمەھەلە ئىدى.
   ئاخىرى«ر»نىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تۇتىشىدىغان،   قىشلىرى ەريادىن سۇ  تېشىپ  يوللارنى مۇز تۇتۇپ كېتىدىغان تار كوچىنى كىشىلەر مۇز كوچا دەپ ئاتىشاتتى.سايمەھەلنىڭ   نامراتلىق ۋە غېرىپلىق پۇراپ تۇرىدىغان پاركار سوقما تاملىق ئۆيلىرى  ، ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان ھويلا دەرۋازىللىرى تامام دېگۈدەك مۇشۇ مۇز كوچىغا قاراپ تۇراتتى.
جاھاننىڭ خىلۋەت بىر بۇلۇڭىدىكى بۇ زېمىندىمۇ نام ،ھۇقۇق، مال دۇنيا دېگەنلەر ئىككى مەھەلىدە ئاسمان زېمىن پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، دۆڭمەھەللىدىكى قەلئەسىمان ئايۋان- سارايلار،كەڭرى كەتكەن باغلار، سالا -سالا ئېتىزلار، دەريانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى   بويۇن قىسىپ تۇرغان پاكار سوقما تاملىق ئۆيلەر ۋە مېۋە بەرمەيدىغان قېرى جىگدىلەرگە ھەيۋەت بىلەن نەزەر تاشلاپ تۇراتتى.
  جاھاننىڭ ئىنساننى -ئىنسان قۇل قىلىدىغان قانۇنىيىتى ھەممە  زېمىنلاردا  ئورتاق بولغانغا ئوخشاش، بۇ يەردىمۇ يېرى ،چارۋا ماللىرى ئاز بولغان سايمەھەلىلكلەر، دۆڭ مەھەلنىڭ كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىردا يانچى بولۇپ جېنىنى جان ئىتىشەتتى.ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ خۇددى كۈننىڭ شەرىقتىن چىقىشىغا ئوخشاش زامان ئەۋلىدىن تارتىپ زۇۋۇلىسىغا پۈتۈلگەن تەقدىر ئىدى.
قاچانلاردىن تارتىپ شۇنداق بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.. سايمەھەلىنىڭ   ئوغرىلىغىلى نەرسە تاپالماي مازارنىڭ تۇغىنى ئوغرىلىغانمىش ،ئاقىۋەت ئۇلۇغلار ئۇلارغا مەڭگۈ مۇشۇنداق مىسكىن -نامرات  ئۆتۈشكە بەددۇئا قىلىغانمىش..
مۇشۇ چۆچەكلەرنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن بالىلىقىمدا ھەر قېتىم تاغ باغرىدىكى  سۈرلۈك تۇغ ئەلەملەر بىلەن توشۇپ كەتكەن باغداد خۇجامنىڭ مازىرى ئاستىدىكى  سايمەھەلىگە قارىغىنمدا سەبىي قەلبىمنى چۈشۈنىكسىز تەشۋىش چۇلغايتتى .
  -ئۇ كىشىلەر بىز تەرەپكە  كۆچۈپ كەلسە ،باغداد خۇجامنىڭ غەزىپىدىن قۇتلار ئىدى،-دەيتتىم گىلەم تۇقۇپ ئولتۇرغان ئانامغا.
-قولى ئەگرى كىشىلەر ئۇ،-دەيتتى ئانام  ، قارا تۇلپارنى  ئېگەرلەۋاتقان  ئات باقارنى  ئىما قىلىپ،-ئوغرىلىق بۇلارغا ئاتا -بوۋىسىدىن ئۇدۇم قالغان....
ئانامنىڭ «قولى ئەگرى » «ئوغرى» دېگەندىكى ئاچچىقتىن  پۈرۈشكەن چىرايى  ،مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىمنى تېشىپ ئۆتۈپ ئاق قەغەزدەك قەلبىمدە ئات باقارنىڭ ئالىقانداقتۇر بىر كۆڭۈلسىز  تەسۋىرنى سىزغان ئىدى.  ئانامنىڭ شۇ سۆزىدىن كېيىن ، ئات باقارنىڭ  ئۆزىگە ئوخشايدىغان  ئۇزۇن ھەم ئۇرۇق قوللىرىنى ھەر يانان   ئېگىپ قارا تۇلپارنى  ئېگەرلەشىگە نېرىدىن  قورقۇنۇچ ئىچىدە قارايتتىم . ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىزىقارلىق بىلىندىغان زىيادە ئۇچلۇق بۇرنى قاغىنىڭ ئادەم كۆزنى چۇقۇلايدىغان قىزىل تۇمشۇقى بۇلۇپ كۆرۈنسە،   مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى  چۆچەكلەردىكى جادۇگەرلەرنىڭ كۆزىدەك  سۇغۇق ھەم مەككار  كۆرىنىدىغان بولدى.
ئاشۇ قېتىمقى خەتنە تويۇمدا ئات باقار   مېنى ئاتقا مىندۈرۈپ قويماقچى  بولۇپ پېشانەمگە سۆيۈش ئۈچۈن    سۇغۇقتىن قىزارغان ئۇچلۇق بۇرنى يۈزۈمگە يېقىن ئەكەلگىنىدە ، مەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ كۆزۈمنى ئالقانلىرىم بىلەن  توسۇۋالدىم . ئات باقار مېنى ئەركىلەۋاتىدۇ دەپ بىلەن ئۆزۈنىڭ  تۆمۈردەك قاتتىق  چاڭگىلى ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز ھەم ۋىجىك كۆرۈنىدىغان قولۇمنى   يۈزۈمدىن مەجبۇرى ئاجىراتقاندا  ،ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلاپ، شۇنچە كۆپ جامائەتنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ يۈزىنى تۆككەن ئىدىم.
ئانامنىڭ ئاشۇ «قولى ئەگرى» دىگەن سۆزلىرى خېلى ۋاقىتلارغىچە   كاللامدا ئەرۋاھتەك ئەگىپ يۈردى.
دەريا  بويىدىكى قېرى سۈگەتنىڭ سايىسىدا  ئۇششاق تاشلاردىن ئۆي سالغاندا، لايلاردىن قورچاق ياسىغاندا ،قاشتېشىنڭ رەڭگىدەك سۈزۈك ھەم يۇمىلاق تاشلارنى تېرىپ ئەكىلىپ پىروزا قىلىپ ئوينىغاندا، كۆزلىرىم ھەر ۋاقىت ساي مەھىلىدىن كەلگەن تەڭتۈشلىرىمنىڭ قولىدابۇلاتتى.
ئۇلارنىڭ  لايغا مىلىنگەن ئۇرۇق ئىنچىكە  قوللىرىنى ھەريان ھەركەتلەندۈرۈپ پىروزىنى توپا -چاڭ بىلەن قۇشۇپ ئاسمانغا  ئاتقاندىكى تۇرىقى  كۆزۈمگە بەئەينى  ئۆمۈچۈك بۇلۇپ كۆرۈنەتتى. لېكىن  شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈپ مارجان دوپپا كىيىۋالغان ،   تۇرىقى باشقا ھەمراھلىرىدىن پاكىز ھەم چىرايلىق تۇرىدىغان كىچىكىنە قىزچاق، ھە دېگەندىلا خىيالىمدىكى مۇدھىش تەسۋىرلەردىن يات ھالدا ،چېچەكلەر بىلەن  بىلەن رەڭ تالىشىپ بېدىلىكتە  ئەگىپ يۈرىيدىغان سۆسۈن  رەڭ كېپىنەكنى يادىمغا كەلتۈرەتتى.
بىر قېتىم تاشلاردىن ئۆي ياساپ ئەر-خۇتۇن بولۇپ ئوينىغىنىمىزدا مەن ئادىتىمىزگە يات ھالدا سۆسۈن رەڭ كېپىنەككە ئوخشايدىغان قىز بىلەن بىرگە ئۆي ياسىماقچى بولدۇم. لېكىن تەڭتۈشلىرىمنىڭ ئانامغا ئوخشاش چىراينى پۈرۈشتۈرۈپ :
-قولى ئەگرى كىشىلەر ئۇ،- دېگەن گېپى مېنى ئىكلەندۈرۈپ قويدى.
-سەن دېگەن دۆڭمەھەلىلىك ،بىز بىلەن بىر ئۆي ياسىساڭ بولمايدۇ،-دېيىشتى سايمەھەلنىڭ بىر ئوبدان ئويناۋاتقان باللىرى،ئاندىن  سۆسۈن رەڭلىك  كېپىنەككە ئوخشايدىغان قىزنى ئارىسىغا ئالغىنىچە مەھەلىسى تەرەپكە كېتىپ قېلىشتى.

خەتنە تويۇمدىن كېيىن ئاتام ئۆزى  مىنىدىغان قارا تۇلپارنى  ماڭا سوۋغا قىلىۋەتتى.ئات باقار ئاتنىڭ يايلىنى قايچا بىلەن تارىدى  .  ،ساغرىسىنى بويلاپ  تەكشى يېيىلغان قۇيرىقىنىڭ ئۇچىدىكى ئەخلەتلەرنى ۋە پاخپىيىپ قالغان قۇيرۇق قىللىرىنى تازلاپ ، چوغدەك گىلەم بىلەن يۇپۇق سېلىنغان كىچىككىنە ئېگەرنى ئاتقا تۈجۈپىلەپ تۇقۇدى .
ئانام بۇ ئىگەر يۇپۇقىنى   شاگىرت قىزلارنىڭ قولىنىمۇ تەككۈزمەي، ئۆزى يالغۇز نەچچە ئاي قوپماي ئولتۇرۇپ  ئانارگۈللۈك گىلەم بىلەن ئوخشاش قىلىپ   تۇقۇپ بەردى. ئېگەرمۇ مېنىڭ كىچچىكىنە بويۇمغا ماس ھالدا يىغنىچاق قىلىپ ياسالغان، ئىزەڭگۈ بېغىمۇ ناھايتى قىسقا بولۇپ پۇتۇم نەخلا يېتەتتى.
قۇلاقلىرى قۇمۇشتەك تىك ،پۇتلىرى  ئىنچىكە ، بېلى كېمىدەك ئۇزۇن،   ،گەۋدىسى ئېگىز  قارا تۇلپار  بۇ مەھەلىنىڭ يىگانىسى ئىدى.
قارا تۇلپارنى   مىنىگىنمىدا ئۇنىڭ ئېگىز ھەم زىلۋا  بەستىگە ياراشمايدىغان تەزەردە قورچاقتەك كىچىككىنە ھەم ئاجىز كۆرۈنەتتىم.
ئات باقار «بىسمىلا» دەپ لىككىدە كۆتۈرۈپ ئاتقا مىندۈرۈپ، پۇتلىرىمنى ئىزەڭگۈگە جايلاشتۇرۇپ، قولۇمغا تىزگىننى تۇتقۇزاتتى..مەن كىچىككىنە گەۋدەم بىلەن ئېگىز  قارا تۇلپارغا مىنسەم ، ئات باقارنىڭ ئېگىز ،شىپتىراڭغۇ پۇتلىرى  گەۋدىسى دىغماق،پاچاقلىرى توم ھەم كالتەك   جەدە ئېتى  ئۈستىدە سۆرىلىپ قېلىشقا ئارانلا تۇراتتى.
قارا تۇلپار ھەر بىر قەدەم ئالغاندا گەۋدەم شامالدا قالغان قارانچۇقتەك ھەر يانغا تەۋرىنتتى.
- پۈتۈن ئېغىرىنىڭ كاساڭغا تاشلىماي، ئىزەڭگۈگىمۇ ئازراق تاشلاپ، ئەركىن ئولتۇرغىن،- دەيتتى ئات باقار .
مەن قارا تۇلپارنى  ئۆزۈم يالغۇز قۇيۇندەك چاپتۇرالايدىغان بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن، دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بازاردىكى  باشلانغۇچقا ئوقۇشقا كىردىم. بىزنىڭ دۆڭ مەھەلىدىن تامام دېگۈدەك تەڭتۇشلىرىم مەكتەپكە بارىدىغان بولسىمۇ، ساي مەھەلىدە ھەر يوغان بالىلارمۇ تېخىچە مال بېقىپ، قېرى سۆگەتنىڭ تۈۋىدە لاي ئوينىشىپ  ئولتۇراتتى.
لېكىن ساي مەھەلىدىن بىرلا بالا __ ئۆمۈچۈككە ئەمەس سۆسۈن  رەڭلىك  كېپىنەككە ئوخشايدىغان كىچىك قىز مەن بىلەن بىىلە  مەكتەپكە باراتتى.
ئەمدى ئات باقارغا يەنە بىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن ئىدى. سەھەردە  مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇپ، قارا تۇلپارنى ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلسە، كەچتە ئاتنى  ئالدىمغا ئەكىلىپ مېنى ئېلىپ كېتەتى . جەدە ئاتقا  مىنىدىغاندىن يەنە ئات باقارنىڭ  قىزى ___ئىسمى «ر» بىلەن باشلىنىدىغان كېپىنەك قىزچاق بار ئىدى.

ئات باقار  «ر» نى  ئېگەرنىڭ ئالدىغا ئالغىنچە ئالدىمدا يول باشلاپ ماڭاتتى ... لېكىن پارقىراپ تۇرغان  تۈكلىرىدىن   شاشلىق بالقىپ تۇرىدىغان قارا تۇلپار   ھە دېگەندىلا جەدە ئات بىلەن يول تالىشىپ ،ئالدىغا چىقىپ كېتىشكە ئۇرىناتتى .بۇنداق چاغلاردا قارا تۇلپار  تىزگىنىنى  زەرىب بىلەن سىلكىپ ئۇنىڭ چاپچىپ تۇغان قەدەملىرىنى مەجبۇرى ئاستىلىتاتىم.
- تىزگىنىنى بۇنداق قاتتىق سىلكىسەڭ ،ئات باش ئالمايدىغان بولۇپ قالدىدۇ ،غوجا بالام  ،-دەيتتى ئات باقار،-   چاپچىپ تۇرالمىغۇدەك بولسا مېڭىشىغا قۇيۇۋەت، سەل تەر چىققاندا تىزگىنىنى  يېنىك تارتساڭ قەدىمى قىسقىرايدۇ.
-تىزگىنىنى  سىلكىمىسەم ،سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتىۋالىدىكەن،-دەيتتىم غۇدىراپ.
-جەدە ئاتنىڭ  مېڭىشىغا باقساڭ  تۇلپىرىڭنىڭ   ئايىغىنى بۇزۇپ قۇيىسەن ، بالدۇر بېرىپ قالساڭ ئاتنى مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى مومىغا باغلاپ قوي،جانۋارنى  ئۆزۈم ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكىتىمەن .
لېكىن قانداقتۇر بىر غايىپ كۈچنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن قارا تۇلپارنىڭ مەيلىگە باقماستىن  ئۇلاردىن بىر قەدەم نېرى بولماي ماڭاتتىم .
قارا قىشنىڭ بىر كۈنى ئانام ماڭا ناشتىلىق يېگۈزۈپ بۇلالماي  ۋاقىت سوزۇلۇپ كەتتى.
قېلىن جۇۋام ئۈستىدىن بەلباغدا مەككەم چىگىپ ، سەل چوڭ كىلىپ قالىدىغان تەلپىكىمنى قېشىمغىچە چۆكۈرۈپ كىيىپ  سەپەرگە تەييار بولغىنمدا  ،ئات باقار  قارا تۇلپارنىڭ  چۇلۋۇرىنى تۇتقىنىچە بىردە دەرۋازىغا، بىردە  تاغ ئۈستىدىن يېرىمى كۆتۈرلۈپ بولغان قۇياشقا قاراپ تىت-تىت بولۇپ تۇراتتى.
-كېين قالدۇق،خۇجا بالام ،-تېزراق بولمىساق مۇئەللىمنىڭ  چىۋىقى ئاستىدا قالىسىلەر.
كۆزۈمگە چۈشىۋالغان تەلپىكمنى قامچا دەستىسى بىلەن كەينىگە سۈرۈپ قۇيۇپ :-ئەمسە جەدەڭنى قامچىلا،-دېدىم مەن.
-بۇ يەردە بىر ئاجىز بەندە بار ،-دېدى ئۇ قۇچىقىدا ئولتۇرغان قىزى __«ر»نى ئىما قىلىپ .
«ر»نىڭ  قېلىن  ياغلىق ئارىسىدا مۆلدۈرلەپ تۇرىدىغان  بۇلاقتەك بىر جۈپ كۆزىنى دېمىگەندە،رەخىتتىن قاتمۇ -قات ئوراپ ياسايدىغان لاتا  قورچاققىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
-سەن ئالدىمىزدا ماڭغاچ تۇرساڭچۇ ،-دېدى ئات باقار يېلىنغان ئاھاڭدا،- قىزبالىنىغۇ قاتتىق ئۇرۇپ يۈرمەس، لېكىن سېنى ئايىماي قۇيارمىكىن .
ئات باقار ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قىسىلاتتى . ئاستا ماڭسا  مەن   ئىشەك دۇمبالىغاندەك ئاۋايلىماي سالىدىغان مۇئەللىمدىن تاياق يەيتتىم ،ئاتنى چاپتۇرسا يولدا قىزىنىڭ جېنى قىينىلاتتى.
مەن يەنە ئاشۇ غايىۋى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلاردى ئايرىلىپ مېڭىشقا قەتئىي ئۇنىمىدىم.
ئات باقار  ئاخىرى جەدە  ئېتىغا  ۋاسسدە بىر قامچا سالدى. جەدە ئات  كۆرۈمسىز ھەم كۈچسىزدەك كۆرۈنسىمۇ   قۇيۇندەك چاپاتتى. ئادەتتە بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتا بېسىپ بولىدىغان مۇساپىنى چاي قاينىغۇچىلىك ئارلىقتا بېسىپ بولدۇق.
«ر» ئاتتىن چۈشكەندىن كېيىن  قەدەملىرى قۇلاشماي قالدى، ئات باقار چىرايىدىكى خاپىلىق ۋە تەشۋىشنى ماڭا كۆرسەتكۈسى كەلمىگەندەك، قىزىغىمۇ قارىيالماي يالۋۇرغاندەك ئېغىز ئاچتى   :
-خۇجا بالام، مۇنۇ جېنى ئاجىزنى يېتىلىۋالساڭچۇ،-دېدى.
مەن «ر»نىڭ قولىنى تۇتتۇم، لېكىن تۇتقىنىم ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ ئۇزۇن يېڭى ئىدى.
سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇ يۈزىگە ئورالغان ياغلىقىنى يېشىۋەتمەكچى بولىۋېدى، بەكلا قېلىن كىيىنۋالغاچقا كەينىگە قىلىپ چىگىلگەن ياغلىقىنى يېشەلمىدى.
مەن ئۇنىڭ ياغلىقىنى يېشىپ يۈزىنى ئاچتىم، ئۇنىڭ توغاچتەك قىزىرىپ تۇرىدىغان كىچىك ھەم يۇمىلاق يۈزلىرى تامدەك ئاقىرىپ  كەتكەن ئىدى.
ئۇ ياغلىقىنى كىچىككىنە سومكىسىغا پۈرلەپ تىقىپ قويۇپ ،جانسىز ھەم ئۇششاق قەدەملەر بىلەن سىنىپىغا كىرىپ كەتتى.
شۇ چاغدىكى «ر»نىڭ ياغلىقىنى قايرىپ  يۈزىنى ئېچىشىم ،  ئۇنىڭ توي كۈنىدىكى يۈزىنى مەن ئەمەس ،باشقا بىر يات ئەر ئاچىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى  سەكراتقا چۈشۈش ئالدىدا  ئاندىن ھېس قىلدىم.

مەن شەھەرگە ئوقۇشقا كىرگەن يىلى تۇنجى قېتىم ئوغلاق تارتىشىشقا چۈشتۈم .
بۇ يەردە ئوغلاق تارتىشى دېگەن سۆز جەڭ بىلەن  ئوخشاش ئىدى .ھەيۋەتلىك تاغ چېقىلىنىڭ  ئېتىكىدىكى بۇ بىر پارچە خىلۋەت زېمنىنىڭ كىشىللىرىنىڭ ئىش ئەمگەكتىكى ھۇرۇنلىقى ۋە كاللا ئىشلىتىش جەھەتتىكى قاشاقلىقىدىن   نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئاتا- بوۋىللىرى  روھىدىكى ئەرىكسىزلىك بەخشەندە  قىلغان بۇرۇقتۇمۇلۇق ۋە  چۈشكۈنلۈك پۇرۇسا، ئوغلاق مەيدانىدىكى ھاي-ھايلىغان شاۋقۇندىن 1000يىللار ئىلگىركى ئات ئۈستىدە ياشىغان ئەجداتلىرىنىڭ   ياۋايى جۇشقۇنلىقى گۈپپۈلدەپ پۇرايتتى.
مەيلى سايمەھەلنىڭ جىسمىدىن مۇھتاجلىق چىقىپ تۇرىدىغان ئۇرۇق شىپتىراڭغۇ ئەرلىرى، ياكى دۆڭ مەھەلنىڭ قۇرساق سالغان بايلىرىدا بولسۇن بىردىن راۋرۇس قانات__ئات بار ئىدى.
ئۇلار ھەر قانچە نامرات بولسىمۇ قانىتىى بولغان ئاتنى ئۆزى يېمەيدىغاننى بېرىپ بولسىمۇ  تۈكلىرىنى پارقىرتىپ  چاپچىپ تۇرىدىغان ھالەتتە  ئوغلاق مەيدانىغا ئاپىرىپ   قان- قېنىغا سىىڭىپ كەتكەن خۇمارىنى بېسشاتتى.
كىچىككىنە ئوغلاق دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭگە تاشلىنىشى بىلەن يۈزلىگەن ئاتلار تۆت تەرەپتىن ئوغلاققا يۇپۇرلۇپ كېلەتتى، ھاي-ھايلىغان ئاۋازلار، ئىزەڭگۈلەرنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلۇشلىرى،  كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى ئەپسانىۋىي گەپلەر بىلەن تىللىغان ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىنغان قامچىلارنىڭ تاراسلىشى؛ ئىگىسىنىڭ ئاللىقانداق ئىشارىتى بىلەن  يېنىدىكىنى ئاتنىڭ  يەلكىسىدە ئۇرۇۋاتقان ياكى تېپىۋاتقان تۇلپارلار ؛ ھەر زامان يەرگە غۇلاپ يۈزلىگەن ئات تۇيقى ئاستىدا قالىدىغان ئادەم گەۋدىللىرى  ...
شەھەردىن ئېسىل نەسىللىك ئاتلىرىنى ئېلىپ ئوغلاق تارتىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆڭسىلى ئۆچۈپ نىيىتىدىن يېنىشتى .
-نىمە بۇ،-دەيتتى  ئۇلار،-  شۇنچە خەتەرلىك ئويۇن تۇرسا، قائىدە -تۈزۈم دەيدىغان نەرسە يوقكەنغۇ ،خۇددى ياۋايىلاردەكلا...
- يار بېشىدا ئات ئۈستىدە گىدىيىپ تۇرۇپ ، ئوغلاق ئەتراپىغا قۇزغۇندەك توپلىشىپ ھاي-ھايلاۋاتقان كىشىلەرگە مەمۇنىيەت بىلەن زەن سېلىپ تۇرغان دادام غالىبانە ئاۋاز بىلەن سۆزلەيتتى :
- ئات ئۈستىدىكى ئەركەكلەرنىڭ قېنىدىكى ياۋايى تەلۋىلىك  بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى .  سىىلەرنىڭ ئۇ ئۇششاق  قائىدەڭلار  خۇتۇنلارغا  لايىق...
بىر دۆڭمەھەلىلىك  ئات چاپتۇرۇپ كەلدى:
-بەش ئوغلاقنى تارتقۇچلاپ پارچىلاپ بولىشتى!
دادام قاقاقلاپ كۈلگىنىچە  ئوغلاقچىلارغا قورقۇنۇچ ئىچىدە ھاڭۋېقىپ قالغان شەھەرلىك ئادەمگە قاراپ قويۇپ بوم ھەم سۈرلۈك ئاۋاز بىلەن ۋارقىردى  :
-تاشلاۋەر، تاكى ئوغلاق توپتىن پۈتۈن پېتى ئايرىلغىچە ...-
بىرە ئاش پىشىمدىن كېيىن بىر يەرگە غۇجىمەكلىشىۋالغان ئادەملەر توپى بىز تۇرىۋاتقان يار تەرەپكە سۈرلىشكە باشلىدى، مەھەلىمىزدىكى بوقىدەك بەستى بار ئىككى تۆمۈرچى ئوغلاقنى تېقىمىغا باسقىنىچە ئۆزىنى قورشىۋالغان كىشىلەر توپىنى ھە دەپ يېرىپ چىىقىۋاتتى.
-ئوغلاقنى مۇز كوچىنىڭ ئەڭ تۆرىگە ئاپىرىپ تاشلا ئوغلۇم ،- دېدى دادام ،يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ساي مەھەلىنى قامچىسى بىلەن ئىما قىلىپ .  ئاندىن  يېنىمدا خىل ئاتلارنى مىنگەن تەڭتۈشلىرىمگە  ئارقامدىن ئەگىشىشكە  ئىشارەت قىلدى.
باياتتىن بىرى  ئوغلاق مەيدانىدىن چىققان توپا چاڭنى پۇراپ  تىزگىن سىيرىپ تۇرغان شاش تۇلپارلار ھەرە توپىدەك چۇۋۇلۇشقا باشلىغان  ئوغلاقچىلار توپىغا تاشلاندى. ساي مەھەلىدىنمۇ  خىل ئاتلارنى مىنگەن بەشكە يېقىن ئوغلاق قوغلايدىغان ئەرلەر  بىز تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ  كېلىۋاتاتتى  . قارا تۇلپار ئالدىنى  توسقان ئاتلارنى يەلكىسى بىلەن سوقۇپ  ئوغلاق بار تەرەپكە جېنىنىڭ بارىچە ئۈمتىلەتتى.  ئىككى تۆمۈرچى  مېنى كۆرۈپلا  ئوغلاقنى تېقمىدىن ئېلىپ ئېگىز چۆرىۋېدى ،  ئوغلاق گۈپپىدە قىلىپ قۇچىقىمغا چۈشتى. قارا تۇلپارنىڭ  ئوڭ تەرەپتىكى ئىزەڭگۈسىنى قورسقىغا تەككۈزۈپ قۇيۇۋېدىم،ئىشارەتنى چۈشەنگەن ئەقىللىق جانۋار پۈتۈن كۈچى بىلەن كەينىگە يۇلقۇندى.مەھەلىمىزنىڭ ئونلىغان ئاتلىرى ئەتراپىمىدىن   مەككەم قورشاپ توپتىن چىقىشىمغا يول ئاچتى، توپۇلۇق مەيداندىن شېغىل يولغا دەسسىگەن قارا تۇلپار  بىرلا ئوخچۇپ  توپ ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقتى. كەينىمدىن يېقىنلا يەردە مەھەلەمدىكى  ئوغلاقنى قورۇقدايدىغانلار بىلەن، ساي مەھەلنىڭ ئوغلاقنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن چىققان  ئاتلىرىنىڭ دۈپپۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى ئاڭلىناتتى.  شۇ چاغدا ئات باقار ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمدا پەيدا بولدى.
ئۇ قامچىسىنى چىشلىگىنچە ئۇزۇن ھەم ئۇرۇق  قولى بىلەن  ئوغلاقنى نىشانلاپ   جەدە ئېتىنى  چاپتۇرۇپ  كېلىۋاتاتتى.  ئوغلاقنى تېقىمىم ئاستىغا مەككەم باسقىنىمچە قامچىدىن  ۋىژ-ۋۇژ ئاۋاز چىقىرىپ  ئۇنىڭ سول تەرىپىدىن ئات سالدىم.ئارلىقىمىز  ئون قەدەم قالغاندا  ئۇ قاقباش  شارتلا سول يېنىمغا ئۆتىۋلدى، مەنمۇ چەبدەسلىك بىلەن قامچىنى سول قۇلۇمغا يۆتكەپ، تېقىمىم بىلەن ئوغلاقنى مەككەم قىسىپ تۇرۇپ، ئوغلاققا ئۇزاتقان  قولىغا  زەي قامچا بىلەن كېلىشتۈرۈپ سالدىم ،ئاندىن  قامچىغا يۆگۈشۈپ قالغان قولىنى  بار كۈچۈم بىلەن ئاستىغا سىلكىشلىۋەتتىم. لېكىن ئۇنىڭ ئۇزۇن قولى ئاللىقاچان ئوغلاققا يېپىشىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.مەن قولۇمدىكى قامچىنى تاشلاپ  ئىككى قولۇم بىلەن ئوغلاقنى تېقىمىغا  مەككەم بېسىۋېلىپ ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىۋالدىم.ئۇ ئەسلى  قولۇمغا قامچىسى بىلەن بىرنى سالغان بولسا ئوغلاق ئۇنىڭ قولىغا ئۆتەتتى ،لېكىن قامچىسىنى ئىشقا سالمىدى.
ئېغىرلىقى  ئىككى  چارەككە بېرىپ قالدىغان ئوغلاق سول تەرىپىمدە ساڭگىلاپ قالغاچقا ئوغلاقنى تېقىمىمغا قايتىدىن باسىمەن دەپ ئاتنىڭ تىزگىنى تارتىشىپ،ئاستىلاپ قالغان ئىدى،.كەينىمدىكى ئاتلارنىڭ دۈپۈرلىگەن ئاۋازى باغانسىرى يېقىنلاشقا باشلىدى.
ئاخىرى بار كۈچۈمنى يىغىپ ئوغلاقنى بىرلا تارتقۇچلاپ تېقىمىمغا بېسىۋالدىمدە، ئاتنىڭ تىزگىنىنى پۈتۈن قۇيۇۋەتتىم. ئىشارەتنى چۈشەنگەن قارا تۇلپار  ئۇچقاندەك چېپىپ ئارقىمدىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلاردىن يىراقلاشقا باشلىدى.
مۇز كوچانىڭ ئېغىزىغا كىرىدىغان كونا كۆۋرىكتىن ئۆتمەكچى بولۇپ يالتايدىم ،ئۇ يەردە يەنە ئاز دېگەندە تۆت -بەش ئادەم ئۇزۇن قامچىللىرىنى بېلىگە قىستۇرىشىپ مېنىڭ قولۇمدىكى ئوغلاققا چىشىنى بېلەپ تۇرغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. كاللامغا يالتىدە كەلگەن خىيال بىلەن ئاتنى سول تەرەپكە__دەريانىڭ ئەڭ تار يېرىدىكى يارلىققا تارتتىم.
يارغا ئەللىك قەدەم قالغاندا ئاتنىڭ قورسىقىغا ئىزەڭگۈ بىلەن قاتتىق بىر نۇقىۋېدىم، ئوقتەك ئۇچقىنىچە يار تەرەپكە تاشلاندى. ئوغلاقنى تېقىمىغا يەنىمۇ مەككەم بېسىپ ، كۆزۈمنى يۇمدۇم. ئات ياردىن بىرلا ئوخچۇپ مۇز كوچنىڭ يېنىغا چۈشتى. ئارقىمدىكىلەر دەقىقە ۋاقىت تېڭىرقاپ تۇرغاندىن كېيىن  دەريانىڭ مۇز قاتقان  كەڭ يېرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئاتلىرىنىىڭ بېشىنى قايرىدى .  مۇز كوچىدا نەچچە مىنۇت ماڭا  ماڭمايلا ئۇلار يان تەرىپىمدىن چىقتى.  نەچچە يۈز ئاتنىڭ  تۇياقلىرى ئاستىدا توڭلاپ كەتكەن مۇز كوچىنىڭ پاكار سوقما تاملىرى تىتىرەپ چالمىللىرى يەرگە شىللىقلاپ  چۈشەتتى.
ئاخىرى مۇز كوچىنىڭ ئەڭ تۆرىدىكى ئۆي__«ر»نىڭ قۇرۇسى كۆرۈندى. ئۇنىڭ كونا دەرۋازىسى مەككەم تاقالغان ئىدى.قارا تۇلپار دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە «چۇھ»دەپ تىزگىنىنى سىلكىۋېدىم ،ئالدى پۇتلىرى بىلەن ئىشىكنى  زەرىب بىلەن تەپتى ، كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن دەرۋازا يەرگە غۇلىدى. ..
  باياتتىن مېنى ئوڭايلا قۇيۇۋەتكەن ئات باقار كۆزلىرىنى پارقىراتقىنچە بىردە ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلانغان ئوغلاققا  ، بىردە غولاپ چۈشكەن دەرۋازىسىغا قاراپ تۇراتتى.
ئاتتىن چۈشۈپ سۇپا لېۋىگە ئاران كېلىۋالدىم، پۈتۈن-بەدىنىم چېقىۋەتكۈدەك ئاغرىيتتى ،نەپىسىم يېتىشمەي  تەلپىكىم ئاستىدىن چىىقان تەر كۆزلۈرۈمنى ئېچىشتۇراتتى.
سايمەھەلىنىڭ  يىگىتبېشى سالپىيىپ كەلگىچە بېلىمگە  شايى پوتىنى باغلىدى:
- نېمە سورايسەن غوجا يىگىت، ئېيتقىنىڭنى كەلتۈرىمىز ؟
-بىر پىيالە سۇ،- دېدىم مەن قۇرۇپ چاپلىشىپ قالغان  لەۋلىرىمنى تەستە  قىممىرلىتىپ.
گېپىم تۈگۈمەي تۇرۇپلا  «ر» ھويلىدىكى توپا ئارلاش قار تۇزانلىرى ئارىسىدىن  بىر پىيالە سۇنى كۆتۈرۈپ  كۆز ئالدىمدا پەيدابولدى.
ئۇنىڭ   كۆزلىرى ماڭا نېمىشقا دەرۋازىنى غۇلىتىسەن دېگەندەك نارازىلىق بىلەن قادىلىپ تۇراتتى. شۇ چاغدىلا ئۇنى كۆرۈپ باقمىغىنمغا خېلى يىللار  بولۇپ كەتكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى.ئۇنىڭ نەچچە يىللار ئاۋالقى مەڭزىدىكى توغاچتەك قىزىللىق سۇسلاپ،  سۈتتەك ئاق ئەت قونغان ئىدى. كېيىك ئوغلىقىدەك مەسۇم ، سۈزۈك كۆزلىرى  ئەمدى  بۆلەكچە بىر سۈرەتتە__تۈۋىنى كۆرگىلى بولمايدىغان چوڭقۇر بۇلاقتەك تىنىق ھەم سىرلىق ئىدى.
«ر»نىڭ قادىلىپ قاراشلىرى بىلەن ، ئاغرىپ تۇرغان  بەدىنىم  ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن ئادەمدەك چىدۇغۇسىز بىر تەشنالىقنى سېزىشكە باشلىدى.تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن پىيالىدىكى سۇنى بىراقلا ئىچىۋەتتىم  .«ر»بەرگەن سۇ  گېلىمدىن ئۆتە ئۆتمەيلا جىسمىم راھەت تاپماقتا يوق ،ئىچكى ئەزايىم، تۇمۇر -تومۇرلۇرۇم كۆيۈشۈشكە باشلىدى .ھالىم شۇنچىلىك يامان ئىدىكى ،ئۆلۈم يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.باياتتىن  غۇلىتىۋەتكەن دەرۋازىنىڭ تاختايلىرىغا پۇتلۇشۇپ دېگۈدەك دەريا تەرەپكە ئۆزۈمنى ئاتتىم . ئاخىرى  ئۆرە مېڭشقىمۇ ماجالىم يەتمەي ،تۆپ پۇتلۇق بولۇپ   مۇز كىرىستانلىرى لەيلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى تىنماي دەم تارتتىم . جىسمىنىڭ ھارارىتى بىلەن  تەشنالىقم ئاستا پەسلەپ  مۇز ئۈستىدە سوزۇلۇپ يېتىپ قالدىم . ...
مۇز ئۈستىدە قانچىلىك ياتقىنىم نامەلۇم ، بىر چاغدا بىرىنىڭ چېلەككە سۇ ئۇسسىغاندىكى ئاۋازى ئاڭلاندى.بېشىمنى تەستە كۆتۈرۈپ، كۆزۈمگە كىيىلىۋالغان تەلپىكىمنى گەدىنىمگىچە سۈردۈم.«ر» ماڭا يېقىنلا يەردە چېلىكىگە سۇ ئۇسسۇۋاتاتتى.
يەنە ئاشۇ نەچچە يىللار ئاۋالقى غايىب كۈچنىڭ تۈرتىكىسدە ئۇنىڭ يېنىغا بارماقچى بولدۇم،لېكىن سۇنى ھەدىدىن زىيادە كۆپ ئىچىۋالغاچقا قورسۇقۇم شۇلۇقشۇپ، گەۋدەمنى كۆتۈرەلمەي قالدىم.
-ھەي ، بايام بەرگەن سۈيىڭىزگە قانداق زەھەر قوشقان ئىدىڭىز؟-دېدىم مەن ئاۋازىمنى سۈرلۈك ھەم بوم قىلىپ چىقىرشقا تىرىشىپ، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم گەپ قىلىشىم بولغاچقا ئاۋازىم تىرەپ كەتتى.
ئۇ گېپىمنى ئاڭلىماسقا سېلىپ مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويماستىن چېلىكىگە سۇ ئۇسۇشقا باشلىدى.
يېنىمدا تۇرغان كىچچىكىنە چالمىنى ئۇنىڭ سۇ توشۇپ بۇلاي دېگەن چېلىكىگە تاشلىدىم.
ئۇ ماڭا تازا بىر ئالىيىپ قاراپ،تەئەددى بىلەن دېدى:
- كەمبەغەل بەرگەن  سۇ خوجا يىگىتكە زەھەر تېتىغان چېغى .
شۇنداقمۇ ؟-دېدىم مەن لىق سۇ تۇرغان يەنە بىر چېلىكىگىمۇ ياڭاقتەك   چالمىنى چولتوككىدە تاشلاپ،- بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاشۇ  ئۇغا قوشقان  سۈيىڭىزنى ئىچكىلى بارىمەن.
- بەھۇزۇر ،-دېدى  ئۇ چېلەكتىكى لاي سۇنى تۆكۈۋەتكەچ، ئاندىن  دانىمۇ دانە قىلىپ قوشۇپ قويدى:
- خۇجا يىگىت ئوغلاقنى  مۇز كوچىنىڭ تۆرىگە تاشلىيالىسا   ،بىر پىيالە سۇ دېگەن ئۆيىمىزدىن  چىقىپ قالار.
شۇنىڭدىن كېيىن  «ر»نىڭ ئاشۇ بىر پىيالە سۈيى ئۈچۈن ،تالاي قېتىم ئوغلاقنى ئالغىنىمچە مۇز كوچىنىڭ تۆرىگە ئات سالدىم؛«ر»نىڭ كونا دەرۋازىسنى غۇلاتتىم؛ نەچچە يۈزلىگەن ئاتلارنىڭ تۇيىقى  ساي مەھەلىنىڭ پاركار تاملىرى تىتىرتىپ  ،تۈپتۈز قىلىۋەتتى.   قوتازدەك بەستلىك كىشىلەر بىلەن  ئوغلاق تالىشىپ  بۇغۇملىرىم  ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتتى.  جېنىمغا ئوت قۇيىدىغان بىر پىيالە سۇغۇق سۇنى ئىچىۋېلىپ ، دەريا بويىغا تۆت پۇتلاپ بېرىپ مەيدەمنى مۇزغا چاپلىغىنىمچە كەلمىگەن ئەزرائىلنى كۈتۈپ ياتىتىم.
«ر»غا بولغان ياۋايىلارچە سەۋدالىق ئىچىدە  جېنىم تۆمۈرگە ئايلاندىيۇ،مېنى مۇز كوچىنىڭ تۆرىگە ئۇچۇرۇپ ئاپىرىدىغان  قارا تۇلپار نىڭ جېنى قۇرۇپ  كەتتى.
قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى ، مۇز كوچىغا كىرىشىمگە ساي مەھەلىنىڭ  ئۈچ ئادىمى   قولۇمدىكى ئوغلاققا بىراقلا يېپىشتى.  ئۈگۈللىرىمدىن چىققان غاراس-غۇرۇس ئاۋازلار قولۇقۇمغا ئېنىق ئاڭلىنىپ ،كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى.قارا تۇلپارنىڭ  بوينىدىن  قولىنى كۆيدۈرگىدەك قىززىق  تەر چىقىپ كېتىۋاتاتتى. .. قوللىرىم، يۈز كۆزلۈرۈمگە قامچىلار تارسلاپ تەگدى، لېكىن ئوغلاقنى قۇيۇپ بەرمىدىم...قارا تۇلپار  ئاخىرقى قېتىم «ر»نىڭ دەرۋازىسىنى غۇلىتىپ،ئۇنىڭ  ھويلىسىغا  گۈپپىدە يىقىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى... مېنىڭمۇ مۈرەم، جەينىكىم ۋ بارماقلىرىمنىڭ بۇغۇملىرى  تامام ئاجراپ كەتكەن ئىدى..
-ئوغلاق سارىڭى بولدۇڭ ،-دەيتتى ئانام مۈرۈمدىن تارتىپ  بارماقلىرمنىڭ  ئۇچچىغىچە تېڭىلغان ئاق خەسىگە  قاراپ،-سۆڭۈكىڭ قاتماي تۇرۇپ بوقىدەك ئەرلەر بىلەن ئوغلاق  تارتىشىپ يۈرسەڭ كاردىن چىقىسەن.
قولۇم سەلىمازا ساقايغان كۈنى ئەمدىلا بېلى قېتىپ كۈچكە كىرىشكە باشلىغان   پېشانىسنى بويلاپ بۇرنىنىڭ ئۈستىگىچە  ئېقىپ چۈشكەن ئاق قاشقىسىنى  ھېساپقا ئالمىغاندا قاراتۇلپارغا بوي-بەستىدىن تارتىپ ئوپمۇ ئوخشايدىغان  كىچىك ئارغىماقنى سۇغارغىلى باردىم .
«ر»  دەريانىڭ  قارشى قىرغىقىدا  چېلىكىگە سۇ ئېلىۋاتاتتى.
قولۇمغا ياڭاقتەك چالمىدىن بىرنى ئېلىپ چېلىكىگە نىشانلاپ تۇرۇپ تاشلىدىم، قولۇمنى سىلكىشىمگە زىڭڭىدە قىلغان بىر ئاغرىق بىلەن چالما ئون مېتىر كەڭلىكتە يېيىلىپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا چولتوككىدە قىلىپ چۈشتى.
-قولىڭىزنى ئاۋايلاڭ خۇجا يىگىت ،- دېدى ئۇ ماڭا قاراپمۇ   قويماستىن ،-دەرۋازىمزنى غۇلاتقىلى لازىم بولۇپ قالار.
- ئاشۇ بىر پىيالە خۇمارلىق ئوغىڭىز ئۈچۈن ھويلىڭىزدا جان  تەسلىم قىلىدىغاندەك تۇرىمەن،- دېدىم مەن غۇدىرىغاندەك قىلىپ.
ئۇ گېپىمگە جاۋاپ قايتۇرماي ئىشنى قىلىشقا باشلىدى .
قولۇمنىڭ ئاغرىقىغا قارىماي مۇشتەك تاشتىن بىرنى ئۇ تەرەپكە تاشلىدىم . تاش  ئېقىن ئىچىگە   پولتوڭڭىدە چۈشتى ، سۇغۇق سۇ ئۇنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزلىرىگە،قالماق قىلىچىدەك ئىنچىكە ھەم ئەگمە قاشلىرىغا چاچراپ ئۇنى ئەندۈكتىرىۋەتتى .
«ر» چوڭ ھەم تىنىق  جادۇ كۆزى بىلەن  شۇنداق  ئالايدىكى  ،جېنىم تىرنىقىمنىڭ ئۇچچىغا كېلىپ بولۇپ كەينىگە ياندى:
- ھەسەل سۈيى تۇتىدىغان بەرنالار تۇرسا  ،مېنىڭ   ئوغا تېتيىدىغان  سۈيۈم   ئەزىز  جېنىڭىزنى  سېلىپ بېرىشكە ئەرزىگەيمۇ    ؟-دېدى ئۇ.

مەن «ر»نىڭ چېلىكىگە ئاخىرقى بىر چالمىنى تاشلاپ  ،ئۇنىڭ جاننى ئالىدىغان قارشلىرىنى تاماشا قىلغان يازنىڭ بىركۈنى  يىراق بىر شەھەرگە ئوقۇشقا كەتكەنچە، يەنە بىر يىلى قىشتا  قايتىپ كەلدىم. مەن كەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.... ئانام قۇلىقى ئاڭلىماس ،كۆزى كۆرمەس، سۆزلىيەلمەس بولۇپ، ئەڭ ئىچكىردىكى ئۆيگە زاھىتتەك بېكىنىۋاپتۇ.  ئات باقار باغدات خوجامنىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ. كىشىلەر ئۇنى قەھرىتاننىڭ زەھەردەك سۇغۇق بولىدىغان سەھرىدە دەريا بويىدا يالاڭ كىيىم بىلەن موخرىكىسنى چىشلەپ ئولتۇرغىنچە  توڭلاپ قېتىپ قالغان پېتى كۆرۈپتۇ   .ئۆيىمىزدە  ئون بەش ياشلاردىكى  بىر بالا پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، دادام ئۇنى« سېنىڭ ئىنىڭ» دەپ تۇنۇشتۇردى.بالىنىڭ  قۇيۇق  ھەم قاپقار ئۇلىما قاشلىرى،كەڭ پېشانىسى ، پاناقراق كەلگەن بۇرنى،   يېشىغا ماس كەلمىگەن ئۆسكىلەڭ ھەم مەزمۇت گەۋدىسى دادام بىلەن ماڭا  قاراپ ياسىغان ھەيكەلدەكلا ئىدى. لېكىن بۇ ھەيكىلىمزنىڭ كۆزى  يا دادامنىڭ قارچۇغىنىڭكىدەك يۇمىلاق كۆزىگە،ياكى مەن بىلەن  ئانامنىڭ  بوزىرىپ تۇرغان قوي كۆزلىرىگە  قەتىي ئوخشىمايتتى . لېكىن بالىنىڭ ئۇ كۆزلىرى  ناتۇنۇشمۇ ئەمەس ئىدى.
بالىنىڭ كۆزى ئىككى ئادەمگە ____ مەرھۇم بولۇپ كەتكەن ئات باقارنىڭ  ئايالى ۋە قىزى «ر»نىڭ كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان چوڭ ھەم قاپقارا كۆزلىرىگە ئوخشايتتى. ئوخشايتتىلا ئەمەس ، ئانا -بالا ئىككىسىنىڭ كۆزلىرنى ئۇيۇپ ئەكىلىپ  مۇشۇ بالىغا چاپلاپ قويغاندەكلا ئىدى.
بالىنىڭ يېشىنى سورىۋېدىم دەل  ئات باقار بىر يىللىق ھاشارغا كەتكەن ۋاقىتقا ئۇدۇل كەلدى.
-مېنىڭ بۇ يەرگە پەقەتلا ئايىغىم ياراشمىدى،- دەيتتى ئۇ بالا،-مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئاتا-ئانام دەپ بىلىپ كەلگەن كىشىلەر «سېنىڭ ئاتاڭنىڭ ئۆيى مۇشۇ» دەپ بۇ يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ كېتىشتى، لېكىن يېڭى دادام كەلگىنىمدىن پەقەت خۇشال بولالمىدى. سېنىڭ ئاناڭ مېنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كەتكىنىچە گاس، گاچا ،قارىغۇ،بولۇپ قالدى. تېخى ھېلىقى ئات باقارنى دېمەيسەن، ئۇ مەندىن ساراڭلاردەك سوئاللارنى سوراپ كەتتى. ئەتىسى دەريا بۇيىدىن ئۆرە پېتى ئولتۇرغىنىچە توڭلاپ قالغان يېرىدىن تاپتۇق....ئۇنىڭ ئۆلۈمنى ھەممىسى مەندىن كۆررۈشتى .
مەن ئەزەلدىن قاراشقىمۇ پېتىنالمايدىغان  ،ئالا بۇلىماچ تۇغ ئەلەملىرىدىن مۇدھىش ئۆلۈم پۇرىقى پۇراپ تۇرىدىغان   باغداد خۇجامنىڭ مازىرىغا يول ئالدىم . مازارنىڭ چەت بىر تەرىپىدىكى يېڭىلا دۆۋلەپ قۇيۇلغان شېغىل توپىلار ، مەن بىچارە ئات باقارنىڭ قەبرىسى دېگەندەك يىگانە  ھالەتتە تۇراتتى.
قەبرىنىڭ تېگىدە  ياتقان ئات باقارنىڭ  ئۇرۇق،ياداڭغۇ چىرايىنى ،ئورا كۆزلىرىنى، زىيادە قاڭشارلىق بۇرنىنى  كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەچ، ماڭا ئەمدىلا ئات مېنىشنى ئۆگەتكەن چېغىدىكى بىر ئىش يادىمدىن كەچتى...
ئۇ چاغدا  مەرھۇم بولۇپ كەتكەن قاراتۇلپارغا مەندىن سەل چوڭراق بىر بالا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇراتتى.
-ماڭ،-دېدى ئات باقار ئادىتىگە يات بولغان بۇيرۇق تەلەپپۇزدا،-ئاۋۇ قارا تۇلپارىڭغا دىۋانىدەك تەلمۈرۈپ تۇرغان بالىنى  قامچا بىلەن ئۇر.
مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئاچچىقىم كېلىپ  سىلكشلىۋەتتىم:
-ئاتقا قاراپ قويغانغا ئۇرسام بىھۇدە زۇلۇم قىلغان بولمامدىمەن.
-ماڭ قارا ئەركەك ،-دېدى ئۇ قوللىرمنى  ئامبۇردەك چىڭ سىىقپ تۇرۇپ،- ئات دېگەن ئالغان خوتۇنۇڭغا ئوخشايدۇ. ياتلار ئېتىڭغا ياخشى نىيەت بىلەن قارىمايدۇ. كىمكى قاراشقا پېتىنسا ئۇنىڭ كۆزىنى قامچاڭ بىلەن قارىغۇ قىلىۋەت، ئۇچىسىغا قول تەككۈزىشكە  پېتىنسا خەنجىرىڭ بىلەن قولىنى كەس...ئەلۋەتتە ئۆز ئىگىسىدىن باشقا بىر يات مىنمەكچى بولسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپمىگەن ئات يامان چاغدا  جېنىڭغا ئەزقاتمايدۇ. ئۇنداق ناچار ئاتنى قامچا بىلەن ساۋاپ، تۈگمەنچىگە سېتىش كېرەك .
-ئۇنىڭ شالىنى چاچىرتىپ دېگەن سۆزلىرىنى ئاز تولا ئاڭقىرالىغان    بولساممۇ ،«ئات دېگەن خوتۇنۇڭغا ئوخشايدۇ»دېگەن گېپنى ئۇ چاغدىكى گۆدەك قەلبىم خوتۇن دېگەن ئاتقا ئوخشاپ كېتىدىغان قېچىرغا ئوخشاش ھايۋان بولسا كېرەك دەپ چۈشەنگەن ئىدى.
-ئات دېگەن خوتۇنۇڭغا ئوخشايدۇ دېدىڭ،ئۇنداقتا ياتلار ئېتىڭغا مىنمەي  خوتۇنۇڭغا  مىنسىچۇ؟
-ئۇ سۇئالىمنى  ئاڭلاپ  تىرىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى،ئاندىن كېيىك بالىسىنىڭ كۆزىدەك  مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىمدىن بىر نەرسىنى ئىزدەپ تاپماقچى بولغاندەك بىر ھازا تىكىلىپ قارىدى.
  «جاۋاپ بەرسەڭچۇ»دېگەندەك چاڭگىلىدا تۇرغان قولۇمنى بوش سىلكىپ قويغاندىن كېيىن ئات باقار  كۆزىدىن ياۋايى ھەم مۇدھىش بىر ئۇچقۇن چىقىرىپ باغداد خۇجامنىڭ مازىرىنى ئىما قىلدى:
-ئۇ چاغدا ساڭا تۇپراق ئۈستىدە بىر قەدەم ئېلىش ھارام بولىدۇ.
-ياتنى تەپمىگەن خوتۇننىچۇ،-ئۇنىمۇ قامچا بىلەن ساۋاپ تۈگمەنچىگە ساتامدۇق ؟
ئۇ باياتتىنقى ھاياجىنىنى يىغۇشتۇرۇپ،بىرنەرسىدىن سەكىنگەندەك  چىرايىنى پۈرۈشتۈردى:
-ئۇنداق خوتۇنغا بارمىقىڭنىڭ ئۇچچى تەگسە مىڭ يىل يۇساڭمۇ پاكىزلانمايدۇ..ئۇنىڭ جازىسىنى  ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئۆزى  بېرىدۇ..
مەن تۇنجى قېتىم ئوغلاق تارتىشىشقا چۈشكەندە ئۇ يەنە كونا ئادىتى بويىچە «قولۇڭغا چۈشكەن ئوغلاق خوتۇنۇڭغا ئوخشايدۇ، جېنىڭ چىقسىمۇ باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويما»دېگەن ئىدى.
ئۇ قىممەتلىك ھەم ياخشى نەرسىلەرنى خۇتۇنىغا ئوخشىتىشنى زىيادە ياخشى كۆرەتتى.
ئەتىسى ئاتنى سۇغارغىلى دەريا بويىغا چۈشتۈم.
«ر»بېشىغا ئاق ياغلىق چىگىپ ئۇزۇن قارىلىق كىيىم كىيگىنىچە دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا چېلىكىگە سۇ ئۇسسۇپ ئولتۇراتتى. مەن خۇددى ئوغرىدەك تىۋىشسىز قەدەم ئېلىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردۇم. «ر» بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا تىكىلدى. قارا  كۆزلىرى يىغىدىنمۇ  ياكى ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبىدىن قىزىرىپ كەتكەن. ئىلگىركى سۈتتەك ئاق ، نۇرلۇق ،تولۇن يۈزلىرى  سەل سوزۇنچاق، نۇرسىز ئىدى.

شۇ چاغدا ئۇنىڭ كىرپىكلىرى ئارىسىدىن بىر تامچە ياش ئوخچۇپ چىقىپ چېلىكىگە تامدى، ياش چېلەككە  ئەمەس زەھەرگە ئايلىنىپ  يۈرىكىمگە ،تۇمۇر تۇمۇرلىرىمغا تارىدى.ئاشۇ بىر تامچە ياش ئىچىدىكى  تۈمەنلىگەن نىمە ئۈچۈن..ئورنىنى ھېچنىمە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدىغان جۇدالىق...  ئىچ -ئىچىدىن چىققان نەپرەت  دېگەنلەر مېنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرەتتى.
ئالدىمدىكى دەريا مېنى غەرىق قىلۋېتەلىسە ئىدى ، ئۆزۈمنى دەرياغا تاشلاپلا ئۇنىڭ ئاشۇ قاراشلىرىدىن قۇتۇلغان بۇلار ئىدىم،لېكىن تېيىز ھەم شاۋقۇنسىز ئېقىۋاتقان دەريا مېنىڭ قىسىلىپ تۇرغان جېنىمنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر ئەمەستى.
  بەرداشلىق بېرىپ بولالماي كۆزۈمنى تىنىچ ئېقىۋاتقان ئېقىنغا بۇرۇدىم.
ئۇ چېلىكنى ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ يۈگۈرگىنچە كېتىپ قالدى.
كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ،كېيىك ئوغلىقىدەك يايرايدىغان بۇ تۇپراق ماڭا زىيادە كۆڭۈلسىز بىلنىشكە باشلىدى....ئېغىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەملا تىۋىشىمنى تۇنىغان قاراقاشقا   قاتتىق كىشنەپ كېتەتتى. ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئىگىرىنى تۈجۈپىلەپ تۇقۇيتتىم.يەلپۈنۈپ تۇرغان  يايلىنى،قۇيرۇقىدىكى پاخپىيىپ قالغان قىللارنى تۆمۈر تارغاق بىلەن تاراپ، پېشانىسىدىن بۇرنىغىچە ئېقىپ چۈشكەن قۇندۇزدەك قاراقاشقىسىنى مېھىر بىلەن سىلايتتىم . قۇمۇشتەك قۇلاقلىرىغا شىۋىرلاپ ئۇنىڭ رەھمەتلىك ئاتىسى بىلەن مۇز كوچىنىڭ تۆرىدىكى ھويلىغا قانداق كىرگىنىمنى سۆزلەپ بېرەتتىم.ئېگەرنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن قۇلۇمنى ئاپارسام بېشى بىلەن تۈرتۈپ يېقىن كەلتۈرمەيتتى. تىزگىنىنى قولۇمغا ئالغاندىلا ئاندىن جىم بۇلاتتى.بۇنداق چاغلاردا مەن ھامان ئۆتمۈشتىكە ئايلانغان   ئىشلارنى ئىختىيارسىز   تەكرارلايتتىم. ئاتقا مىنىپ بولۇپ، قېشىمغا چۈشۈۋالغان تەلپىكىمنى قامچىنىڭ دەستىسى بىلەن گەدىنىمگە سۈرۈپ قۇيۇپ، مۇز كوچىنىڭ تۆرىدىكى ھويلىغاتەگسىز بىر تەشنالىق باقاتتىم. لېكىن دادام كۆزۈمگە كۆرۈنىشى بىلەن  خىياللىرىم بەربات بۇلاتتى .
ئاتنىڭ تىزگىنىنى  توپا -چاڭ ئۆرلەپ تۇرغان ئوغلاق مەيدانىغا ئەمەس ، سۈرلۈك تۇغ -ئەلەملەر يەلپۈنۈپ تۇرغان  تاغ باغرىغا تارتاتتىم  .  ئوغلاق مەيدانىدىكى توپا -چاڭنىڭ ھىدىنى سەزگەن قارىقاشقا   بىردەم تىرەجەپ بېقىپ ،مەن باشلىغان تەرەپكە  سىلىق يورغىلاپ ماڭاتتى.
ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ ئۈستىگە تۇتۇشىدىغان  چىغىر يولغا يۆلۈنىدىغان يەرگە كەلگەندە  مەرھۇم ئات باقارنىڭ   روھىغا دۇئا قىلاتتىم.ئۇنىڭ بىلەن غايىبانە سىردىشاتتىم:
- ئالدىڭدا جىنايەتكارمەن،-دەيتتىم ئۇنىڭغا،-لېكىن تېگىدىن ئېيقاندا مەنمۇ ساڭا ئوخشاش شور پېشانە.سەن شەھلاكۆز ئايالىڭنى پەرىشتە بىلگىنىڭدەك، مەنمۇ دادامنى تەقۋادار  ئەۋلىيا دەپ بىلەتتىم. سەن ئايالىڭدىن سۆيۈنگەندەك، مەنمۇ بۇ يۇرتقا باش ئاتلغان مەرد-مەردانە  ئاتامدىن پەخىرلىنەتتىم.سەنغۇ يەر ئاستىغا كىرىپلا قۇتۇلدۇڭ، لېكىن بىچارە ئانام  پانىينىڭ قايغۇ ھەسرەتلىرىنى كۆرۈشكە،ئاڭلاشقا  ،سۆزلەشكە تاقەت قىلالماي تەركىدۇنيا بولۇۋالدى.پىنھاندا تۆكۈلگەن ياشلىرىغا قاراپ كۆز گۆھرى قۇرۇپ كېتەرمۇ دەپ ۋايىم يەيمەن . دادامنى كۆرسەملا يىلاننى كۆرگەندەك بولىمەن،لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتام بولغاچقا ،نەپرىتىمنى ئىپادىلەشكە، قاش كۆتۈرۈپ قاراشقا ئاجىزمەن. ...سەن بارچاغدىكى جەننەت كەبى ئايۋان -سارايلار  ھازىر زىندان بولدى ...
ئىلگىرى تۇپرىقى ئىپار پۇرايدىغان  مەھەلىمۇ ھەم شۇ، بىرمىنۇتمۇ تۇرغۇم كەلمەيدۇ...
ئۇنىڭغا يەنە بىر يۈرەك يارامنى سۆزلەپ بېرىشتىن يالتايدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا  ئىككى دۇنيالىق قەرزى بار ئادەمنىڭ ئوغلى بولغاچقا ،يەنە بىر قىممەتلىك نەرسىسىدىن سۆز ئېچىشقا يۈزۈم چىدىمايتتى.
تاغ چوقىسىنى بويلاپ يۈرۈپ  «ر» نىڭ ھويلىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغ چوقىسىغا كېلىپ  بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم .«ر»نىڭ  يالىڭاچلانغان سەگۈ تېرەكلەر ئارىسىدا ئېنىق كۆرىنىدىغان  غېىربانە ھويلىسىدا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.
ئاتنى ئارقىغا قايتۇرۇپ، تاغ ئۈستىدىكى كەڭرى كەتكەن قارلىق دالىغا چاپتۇردۇم.قەھرىتاننىڭ  يۈز -كۆزلۈرمگە نەشتەردەك ئۇرۇلىۋاتقان سۇغۇق شامىلىدا قۇلىقىم ، يۈزلۈرۈم سېزىمنى يۇقاتقان ئىدى. ئاتنىڭ  بوينىدىن قىززىق  تەر چىقىشقا باشلىغاندا تىزگىننى تارتتىم. تاغ ئۈستىنىڭ سۇغۇق شامىلىغا قوشۇلۇپ بىر مۇڭلۇق ئاۋاز كەلدى.  يەر يۈزىگە سەل كۆتۈرلۈپ سېلىنغان گەمىدە بىر چوپان پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتىغان ھالدا نەي چېلىۋاتاتتى .ئۇچاقتا گۈلدۈرلەپ كۈيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ نەينىڭ كۈيىنى ئاز ۋاقتىلا تىڭشىدىم :
-ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يەيدىغان  نەرسەڭنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرسەڭچۇ ،-دېدىم ، يۈرۈكىمنىڭ سىقىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي.
لېكىن  كۆزلىرىنى يۇمۇپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن نەي چېلىۋاتقان  قېرى چوپان ئاۋازىم تۈگۈل كىرگىنىمنىمۇ تۇيمىغاندەك تۇراتتى.
قامچام بىلەن پاتمانلاپ مۇڭ تۆكۈلىۋاتقان نېينى تۈرتۈپ قۇيىۋېدىم ،ئۆزىگە كەلدى .
-قىززىق چېيىڭ بارمۇ بوۋا، ئىچ-باغرىم مۇزلاپ كەتتى،-دېدىم مەن ئاۋازىمنى مۇلايىم چىقىرىپ.
-ئوغلىقىڭنى ئوينىماي بۇ جەزىرىدە نېمە قىلىپ يۈرىسەن،-دېدى چوپان  ،ئۇچاق ئىچىگە قۇيۇلغان مىس چۆگۈندىن بىر چىنىگە چاي قۇيغاچ.
-ئىچىمدە مىڭ پاتمان ھەسرەت بار ،ئوغلاق تارتۇشقىدەك رەپتارىم يوق.
بۇۋاي ساقاللىرىنى تىتىرىپ كۈلۈپ كەتتى :
-چىرايىڭدىن ھەسرىتى بار ئادەمگە ئوخشىمايسەن. ئانىسىنىڭ ئەمچىكىدىن ئايرىلمىغان بالىدەك يۈزلىرىڭ نۇرلىنىپ تۇرۇپتۇ.
كۈتۈلمىگەن بۇ مەسخىردىن غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى:
-سېنىڭچە بولسا ھەسرەت ئادەمنىڭ چىرايىغا يېزىلىدىكەندە؟
-كىچىككىنە تۇرۇپ تېرىكىسەن  ،-دېدى ئۇ پەرۋاسىز ئاھاڭدا،- ھەسرەت دېگەن قەلبىتە يىلتىز تارتىپ جىسمىڭ  بىلەن كۆزۈڭدە چېچەكلەيدۇ ، ئاندىن تۇمۇر- تۇمۇرلىرىڭدىن ئۇزۇق ئالىدۇ.ھەسرەت  مېۋە بولۇپ پىشقاندا جېنىڭغا ئايلىنىدۇدە ، دۇنيا شېخىدىن تۆكۈلىسەن.
ئۇنىڭ تىككەندەك چار ساقاللىرى ئارىسدىكى چوقچىيىپ چىقىپ قالغان ياغاق سۆڭىكى بىلەن ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ئارىسىدىكى چاشقان تۆشۈكىدەك پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزىگە تىكىلدىم  :
-ھەسرەت چىرايڭىدا مىڭ قېتىم چېچەك ئېچىپ مىڭ قېتىم  تۇزۇپ بولغاندەك تۇرىدۇ،-دېدىم ،ئاندىن ئورنمىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىم.
مېڭىشقا ئالدىرما ئوغلۇم،-دېدى ئۇ قولۇمنى تارتىپ،- نەي چېلىپ بېرىمەن ..مۇڭلۇق بىر لەززەت دېگىنە ...
-ئادەمنىڭ يۈرىكىنى يەيدىغان نەرسىكەن ،ئاڭلىمايمەن.
-ئەمسە ئىچىڭدىكى ھېلىقى ھەسرەتلىرىڭنى سۆزلەپ بەر!
-ئېيتتىمغۇ  ،ھازىرقى كۆڭۈل دىشۋارچىلىقىممۇ يېتىپ ئاشىدۇ،-دېدىم قولۇمنى بوش سىلكىپ،-ساڭا سۆزلەپ كۆڭلۈمنى بۇزغۇم يوق.
-نىمانداق تەرسا نېمىسەن،-دېدى ئۇ قولۇمدىكى قامچىنى قامچامنى زەرىب بىلەن تارتىپ،- بۇيەردە بۇ قېرى ھەم زەئىپ جېنىم بىلەنلا يالغۇزمەن،- بىردەم بولسىمۇ مۇڭدىشىپ قوي،ساۋاپ ئالىسەن...
قېرى چوپانغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،بوپتۇلا دەپ قايتىدىن جايلاشتىم..
ئۇ خۇددى تامغا سۆزلىگەندەك گېپىگە قۇلاق سالدىممۇ كارى يوق توختىماي سۆزلەيتتى..
-مەنمۇ سەندەك چېغىمدا خالاغىمۇ ئات مىنىپ بارىدىغان يىگىت ئىدىم.،لېكىن ھالىمىز خاراپ ئىدى ،ئايلاپ -يىللاپ ئىسسىق گۆش كۆرمىگەچكە ، قولۇمدا خەخنىڭ قولىدىكى ئوغلاقنى يۇلۇپ ئالغۇدەك ماغدۇر يوق ئىدى. ئاستىمدىكى ئاتقىمۇ ئاي يىللاپ ئارپىغا چاغلىق ئاش بېرەلمىگەچكە ،ئوغلاققا يارىمايتتى، لېكىن ئەبگالىقىمغا باقماي ئوغلاق سارىڭى ئىدىم.
بەڭۋاش كۆڭلۈم  كەنجىساينىڭ دۆڭ مەھەلىسىدىكى مەخسۇم ھاجىنىڭ ھويلىسىغا ئوغلاق تاشلاش تەماسىدا ئىدى .لېكىن كەنجىساينىڭ يۇرت بېگىنىڭ بەگزادىسى بىلەن ئارغىمىقى ھەر قېتىم  ئارمانلىرىمدىن مەھرۇم قىلاتتى.
بۇ بىگانە چوپاننىڭ ئېغىزىدىن ھاجىم بۇۋام بىلەن دادامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئاغزىغا لەپپىدە قارىدىم.     
ئۇ «ئىشەنمەمسەن؟» دېگەندەك كونا جۇۋىسىنى سېلىپ  بىر يانغا پولتىيىپ چىققان  جەينەك بۇغۇملىرىنى ،ئەگرى بۈگرى بارماقلىرىنى كۆزۈمگە كۆرسەتكەندىن كېيىن ھېكايىسىگە چۈشتى:
-نەچچە قېتىم جېنىمنى تىكىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ئوغلاققا يېپىششىپ باقتىىم.لېكىن ئۇ پەسەندە بەگزادىدە ئون ئۆكۈزنىڭ كۈچى بار ئىدى.ھەر تارتىشقاندا بۇغۇملىرىم  ئۈگىسىدىن قوزغىلىپ غىرىسلاپ ئاۋاز چىقاتتى.
بىر قېتىم ھالىمغا باقماي شىلتىڭ ئېتىۋېرىشىمگە جەھلى قاتتىمۇ،ئارغىمىقىنىڭ يەلكىسى بىلەن سوقۇپ ئېتىمنى غۇلىتىۋەتكەننى ,  ئازدەپ مېنى   تېقىمىغا باسقىنىچە  مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھويلىسىدا گىلەم  تۇقۇپ ئولتۇرغان ھۆر قىزىنىڭ ئالدىغا ئوغلاق قىلىپ  تاشلىدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن مېنى تويىغا ساز چېلىشقا چىللاپتۇ. ئۇ پەسەندىنىڭ يۈزۈمنى يەر قىلغىنىنى ئاز  دەپ  يەنە  خىيالىمدىكى مەھبۇبەمنىڭ تويىغا چىللىغىنى جېنىمغا تەگدى. قىسقىسى ئۇ يەردە تۇرغىچىلىكىم قالمىغان ئىدى. ئاخىرى مۇشۇ يايلاقتا چوپان بولۇپ كىشىلەرگە كۆرۈنمەي كۈن ئۆتكۈزدۈم . لېكىن خەستە دىلىم تارتقان رىيازەتلىرىنى بىر خۇدا بىلىدۇ.
ئۇنى قايتىدىن تۇنۇغاندەك چىرايىغا قارىدىم، كونا جۇۋا ئىچىدىكى ۋىجىك گەۋدىسىگە، قورۇقلارنىڭ دەستىدىن خالتىلىشىپ كەتكەن پېشانىسگە قاراپ دادامنىڭ تەڭتۈشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىم كەلمىدى.
-بۇنداق نەي چېلىپ ھەسرەت ئىچىدە قۇرۇپ كەتكۈچە ،- شۇ چاغدىلا ئېلىپ قاچساڭ بولماسمىدى؟
-يۈرەكسىزلىك قىلىپتىكەنمەن،شۇ سەۋەپلىك پۈتۈن  ھاياتىم ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆتتى.
كۆزۈمچىلا دادامنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان قېرى چوپانغا ،ئۆزۈمنىڭ   شىكايەت قىلىۋاتقان ھېلىقى پەسەندىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىمنى، دىلىنى بىر ئۆمۈر دىشۋارچىللىقا مەككۇم قىلغان ئايالنىڭ ھازىر دادام سەۋەپلىك ھەسرەت ئىچىدە ئىكەنلىكنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر ئۆرتىمەكچى بولدۇميۇ، كۆڭلۈمنىڭ نەردىندۇر چىققان ھېسىداشلىق بىلەن نىيتىمدىن يېنىپ قالدىم.
ئۇنىڭ گەمىسىدىن چىققاندا قارلىق دالا ئاي نۇرىدا غۇۋا پارقىراپ كۆرۈنەتتى.
ئات بىلەن قوشۇپ خىياللىرىمنى يورغىسىغا قۇيۇۋەتتىم.ھازىر بېشىمغا كەلگەن بالالارنى ھە دېگەندىلا دادامنىڭ باشقىلارغا قىلىپ قويغانلىرىدىن كۆرۈشكە باشلدىم.
-جان دادا ،-دەيتتىم شىۋىرلاپ،-ئاشۇ  چوپاننى كۆيۈپ يۈرگەن قىزىنىڭ ھويلىسىغا ئوغلاق قىلىپ تاشلىغىنىڭدا، ئات باقارنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغىنىڭدا ،مۇشۇ رەسۋاچىلىقلارنىڭ  ھاياتىڭنىڭ داۋامى بولغان  ئوغلۇڭنىڭ بېشىغا چىقىشى بىلەن تۈگەللىنىدىغانلىقى ئويلىمىغان بولغىيمىتىڭ.بۇلارنى ئويلىغانسېرىم دادامنىڭ بالىلىق قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن مۇكەممەل ئوبرازى يۇندىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەندەك خۇنۇكلىشىپ،يۈرىكىمنى ئېيتقۇسىز بىرخىل ئۆچمەنلىك قاپلىۋالاتتى.
ئاي نۇرىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان مازارنىڭ تۇغ ئەلەملىرىگە كۆزۈم چۈشىشى بىلەن ئات باقار يەنە خىياللىرىمغا كېلىۋالدى.
نەچچە يىل بۇرۇن، يايلاققا قۇيۇۋېتىلگەن كىچىك كىچىك قارىقاشقىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ،ئات باقار بىلەن مۇشۇ يول ئۈستىدە بولغان پاراڭلىرىمىز ئېسىمگە كېلەتتى...
-چوڭ بولدۇڭ يىگىت،-ئەمدى دۆڭ مەھەلىنىڭ يۈزىنى كۆتۈرىمەن دەپ مۇز كوچىدىكى ئەسكى ھويلامغا ئوغلىقىڭنى تاشلاۋەرمە. باي خۇجاملارنى قىزلىرى بار...ئۇلارغىمۇ قاراپ قوي...
ساددا گاداي مېنىڭ شۇنچىۋالا جاپالارنى تارتىشىمنى پەقەت مەھەلەمنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن  دەپ بىلگەن ئىدى.ئۇنىڭ تەبىقە بىلەن زەنجىرلەنگەن قاتمال ئىدىيىسىدە بايلار باينىڭ ئۆيىگە، نامراتلار نامراتنىڭ ئۆيىگە گۈل  تاشلىشىلا مۇمكىن ئىدى   ...شۇڭا مېنىڭ ئاشۇ ئاي يۈزلۈك قىزىنى دەپ ھەرەج تارتىۋاتقىنىم خىيالىغىمىۇ كىرىپ چىقمايتتى.....
قېرى چوپاننىڭ گەمىسىگە  ئىككىنچى قەدەم باسمىدىم  .ناخشا-ساز ئاۋازنى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالسىلا نېرى قاچاتتىم، چۈنكى ناخشا-سازدىن تۆكىلىدىغان مۇڭلار جاننى كۆيدۈرىدىغان ھەسرەتلىرمنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچاتتى .ئەلۋەتتە، ئۆيدە ئاتامنىڭ گۇناھتا قارايغان چىرايىغا قاراپ ئولتۇرىشقا تاقىتىم يوق ئىدى.تاڭ يۇرىماستا يېڭى ئات باقار بىلەن قارچۇغىنى ئېلىپ، توشقان تۈلكە قۇشلىغىلى ماڭاتتۇق .تاغمۇ تاغ، جىلغىمۇ جىلغا يۈرۈپ ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئىشتىن توختاپ كەينىمىزگە ياناتتۇق.ئوۋلارنى ئۈچكە بۈلۈپ ،بىر قىسىمنى ئات باقارغا ، يەنە  بىر قىسىمنى مەرھۇم ئات باقارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ قوي دەپ مازارنىڭ شەيخىگە بېرەتتىم.
ئاخىرقى قېلىپ قالغان بىر نەچچە تال كەكلىكنى شەيىخكە مېنىڭ ئەۋەتكىنىمنى دېمەسلىككە ۋەدە ئېلىپ  «ر»نىڭ يۆلەنچۈكسىز قالغان ئۆيىگە ئەۋەتەتتىم. مەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق  قەلبىمنى چىرمىۋالغان جىنايەت تۇيغۇسىغا ئازتولا تەسەللىي تاپاتتىم .تەلىيىمگە  شەيىخ بىلەن «ر»نىڭ   يېقىن تۇققانچىلىقى بولغاچقا ئۇلار ئارتۇق گۇمان قىلىشمىغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ھەرنىمە قىلىپ بىرئىككى تال كەكلىك قۇشلىماي تۇرۇپ ئوۋدىن قايتمايدىغان بولدۇم. بەزىدە قايتىپ بارغۇچە تاڭ يۇرۇپمۇ كېتەتى.مېنىڭ بۇ يەرنى يۇرۇق پېتى كۆرەگە كۆزۈم يوق  ئىدى. شۇڭا مەھەلىگە يەتمەيلا كەينىمگە ياناتتىم.
بارا -بارا  بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىدىن تارتىپ ھاۋاسىغىچە ، ھەتتا ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇ تۈنلىرىمۇ كۆڭۈلسىز بىلىنىشكە باشلىدى. ئاخىرى تەتىلىم توشقىلى ئاز قالغاندا  يىراق شەھەردىكى مەكتىپىمگە  كېتىپ قالدىم.
ناتۇنۇش شەھەرنىڭ ھەيكەلدەك ئادەملىرى ئارىسىدا ،يۈرۈپ باغانسىرى خىيال پەرەس بولۇپ كەتتىم. كۆز ئالدىمدا ئاۋال  «ر» نىڭ قار توزانلىرى ئارىسىدا پىيالە كۆتۈرۈپ چىققان ھالىتى ، ئاندىن ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ دەريا بويىدا موخرىكا چىشلەپ ئولتۇرۇپ قېتىپ قالغان تۇرىقى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ماڭا نەپرەت بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرى خىيالىمدا  توختىماي تەكرارلىنىپ جېنىمى قىينايتتى.ئۇنىڭدىن جۇدا بولۇپ قېلىشنى ئويلىساماللا  ،ئۆزۈمنى   ھېلىقى قېرى چوپاننىڭ قورقۇنۇچلۇق ھەم بىچارە سىياقىدا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم.
ئىككى قىش مۇشۇنداق كۆڭۈل سەرسانچىلىقىدا ئۆتتى ،شىىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقان سېغىنىش بارا-بارا قەلبىمنى ئالۋاستىدەك چىرمىۋالغان  جىنايەت تۇيغىسىنى خىرەلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىشقا كۈشكۈرتەتتى.
-ئۇمۇ ئادەمغۇ،دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە،- ھەر قانچە كۈچلۈك نەپرەتلىرىمۇ ئىككى يىل ئىچىدە خىرەلەشكەندۇ. مېنىڭ جېنىمنى قىينىغان سېغىنىش ئۇنى بوش قۇيارمۇ؟ تەۋەككۈل قىلىش كېرەكقۇ ئاخىر ، ئەركەك بولغانىكەن قېرى چوپاننىڭ ھېكايىسىنى تەكرارلىماسلىق كېرەك . ئىشلار قاملاشمىغۇدەك  بولسا ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا كېتىمەن.
قىشنىڭ سوغۇق بىر كۈنى بۇ مەكتەپتىن جىمجىتلا ئايرىلدىم.كۈيقاپتەك كۆرىنىدىغان ئۆيدە ئاتام كەڭرى گەۋدىسى بىلەن قۇچاقلىۋېدى خۇددى دىۋىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغاندەك سەسكىنىپ كەتتىم. ئانامنىڭ نەپرەتلىرىمۇ تېخى شۇ پېتىچە بولغاچقىمۇ  تېخىچە تۆردىكى ئۆيدىن چىقمىغان ئىدى.
-سۇپىدىكى بىر باغاق دىققىتمنى تارتتى ، ئۇنىڭدا «ر»نىڭ ئىسمى تۇراتتى. لېكىن خۇدايىم يۆلىدىمۇ باغاققا يېزىلغان ۋاقىتقا يەنە ئىككى كۈن بارئىدى.ئەمدى «ر»نى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشتىن باشقا كارغا يارىغىدەك چارە يوق ئىدى.
ئۇ كۈنى ئادەم بەكلا شالاڭ بولىدىغان مۇز كوچا سەل قىززىپ قالغان ئىدى، ئاتلىقلار ،ھارۋىلىقلار،ئالدىراش مېڭىپ يۈرەتتى. قارىقاشقىنى ئېگەرلەپ، كونىراپ نېپىزلەپ كەتكەن تاقىسىنىڭ ئورنىغا مۇز تاقا بىكىتتىم  ، قاشقىسىغا سۆيۈپ تۇرۇپ،قۇمۇش قۇلاقلىرىغا  مەخسەتلىرمنى ئاڭلاتتىم.
دەريا بويلاپ سېلىنغان قېرى جىگدىلەرنىڭ ئارىسىنى بويلاپ ،تىۋىشسىز ھالدا مۇز كوچا تەرەپكە يېقىنلاشتىم. «ر» دائىم سۇ ئالغىلى كېلىدىغان ساھىلغا كېلە كەلمەيلا،پۇت-قوللىرىم يېنىك تىترەشكە باشلىدى، پاكار چاتقالنى قايرىپلا جايىمدا تۇرۇپ  قالدىم. ئۇ دەريا بويىدا قارشى قىرغاققا قارىغىنچە قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.. ئاتقا مىندىمۇيۇ، يەنە سەكراپلا چۈشۈۋالدىم. «ر»دىن ئەللىك مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردە ئوننەچچە ئادەم ئاتلىرىنى سۇغارغاچ گەپ سېتىشىپ تۇراتتى،   تۇتۇلۇپ قالسام قامچا ،تاياق ئاستىدا ئۆلمىسەممۇ ئۆمۈرلۈك مېيىپ بۇلاتتىم.زىيادە جىددىيلىشىپ  گۈپپۈلدەپ ئاۋاز چىقىرىپ  سۇقۇۋاتقان  يۈرۈكۈم ئامال ئويلاشقا يول قويمايتتى . ئاخىرى يېنىپ كېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە كەلمەكچى بولدۇم،لېكىن تاقەتسىزلەنگەن يۈرۈكۈم بۇ ئامالنى  توغرا تاپمىدى. ھېلىقى ئۆلگۈر ئاتلىقلار تېخىچە تاماكىسىنى چىشلىگىنىچە تولا خۇتۇندەك گەپ سېتىشىپ ھېچ كۆزۈمدىن يېتەي دىمەيتتى.شۇ تاپتا «ر»بىلەن بولغان ئارلىقىم 20 قەدەممۇ كەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئىككى يىل ئاۋالقى نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى تىنىقلىشىپ تەگسىز غەمكىنلىك بالقىپ تۇراتتى .ئۇ مەن بار قىرغاقتىن كۆزىنى ئۈزمەي خېلى ۋاقت قېتىپ قالغاندەك ئولتۇردى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنىڭ ئۆي بار تۆپۈلۈككە بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش جانسىز ھەم ئۇششاق قەدەملەر بىلەن ھويلىسى تەرەپكە ماڭدى. كۆز ئالدىم بىر قاراڭغۇلىشىپ ئاستا روشەنلەشتى  .ھېلىقى ئۆلگۈر ئاتلىقلارمۇ ئاتلىرىغا مىنىشىپ مۇز كوچا تەرپكە كېتىپ باراتتى. ئەمدى كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ ئاتقا لىككىدە مىندىم ،تېيىز ئېقىۋاتقان سۇدىن تىۋىشسىز ئۆتۈپ ئاتنى ئامالنىڭ بارىچە سىلىق يورغىلىتىپ، خىياللىرىدەك ئېغىر قەدەملىرىرى بىلەن كېتىۋاتقان «ر»نىڭ ئارقىسىدىن يېقىنلاشتىم، ئارلىقىمىز ئون قەدەم قالغاندا كونا ھويلىدىن چىقىۋاتقان بىرى مېنى كۆرۈپلا ئىسمىمنى توۋلاپ ۋارقىرۋەتتى. دەقىقە ۋاقت ئىچىدە  ماڭا قارىغىنىچە ھەيكەلدەك قېتىپ قالغان «ر»نىڭ   زىلۋا گەۋدىسىنى يەردىن يۇلۇپ ئىگەرنىڭ ئالدىغا ئالدىمدە كەينىمگە قايرىلدىم.  ھېلىقى ئون نەچچە ئاتلىرنىڭ بېشىنى قايرىپ  مەن تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. كۆۋرۈك بىلەن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئاتنى مۇز كوچىنىڭ يۇقۇرى تەرىپىگە چاپتۇردۇم.ئاتنىڭ تۇياقلىرى  ئاستىدىن مۇز پارچىللىرى چاچراپ  سۇغۇق شامال بىلەن قۇشۇلۇپ يۈزلۈرۈمگە ئۇرىلاتتى. كۆپ ماڭمايلا ئالدى تەرىپىمدىمۇ ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانىدى. تۆت بەشتەك ئاتلىق مۇز كوچا ئىچىدە مەن تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتاتتى.ئاتنىڭ تىزگىنىنى كۈچەپ تارتىۋېدىم ،نېپىز توپا ئاستىدىكى مۇزدا قاتتىق بىر تېيىلىپ توختىدى. ئوڭ تەرىپىمدە مەن ئەينى چاغدا مەرھۇم قارا تۇلپار بىلەن سەكرەپ ئۆتكەن يارلىق بار ئىدى. ئاتنى  بېشنى شۇ تەرەپكە بۇرىدىم  .يارغا يېقىن قالغاندىلا يارنىڭ مەن بار تەرپىنىڭ پەس، قارشى تەرەپنىڭ ئىگىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.ئاتنى توختىتىۋالماقچى بولدۇم ، لېكىن كەينىمدا ئاتلىقلارنىڭ ھاي-ھايلىغان ئاۋاز، قامچىلاردىن چىققان ۋىژ-ۋۇژ ئاۋازلار باغانسېرى  يېقىنلاپ مېنى ۋەھىمىگە سالاتتى.   تۇغۇلۇپ قامچا يەپ باقمىغان قارىقاشقا   سۆڭگىچىگە تەككەن ئاچچىق تاياق بىلەن  يار تەرەپكە ئۇچتى، «ر»نى كۆكرىكىمگە چىڭ تېڭىپ ئاشۇ قېتىمدىكىگە ئوخشاش كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم.گۈللۈپپىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۆزۈمنى يارنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە كۆردۈم ، ئاتنىڭ ئالدى پۇتى بىر سەنتۈرۈلۈپ ئۆزىگە كېلىۋالدى.
كەينىمدىن يالماۋۇزدەك قوغلاپ كېلىۋاتقانلار ئۆزىدىن تارتىپ ئېتىغىچە ھاڭ تاڭ بولۇپ قېتىپ قالغان ئىدى.
يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈمدىنمۇ غۇۋا ئىدى.  قۇچۇقىمدىكى «ر» شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ سول بىلىكمگە يۆلىنىپ قالغان زىلۋا گەۋدىسىگە؛كۆكرىكىمگە تىرىلىپ تاتىرىپ كەتكەن  يۈزلىرىگە ۋە يېرىم يۇمۇلغان كۆزلىرىگە يېنىش -يېنىشلاپ قارىدىم. ئاندىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى پۈتۈن قۇيۇۋېتىپ دەريا ياقىسىنى بويلاپ شىمالغا__ بىزنى ھېچكىم تۇنۇمايدىغان كىشىلەر بار تەرەپكە يول ئالدىم.
  كەنجى سايدىن خېلى ئۇزاپ  كەينىمدىن  قوغلاپ كەلگەنلەرنىڭ يوقلقىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ئاتنى يورغىسىا قۇيۇۋەتتىم .
«ر»نىڭ كۆكرىكىمگە يۆلىنىپ قالغان گەۋدىسىنىڭ مىدىرلىشى  ۋە ئېغىر تىنغان ئاۋازى بىلەن جىسمىم  ئات ئۈستىدىن ماگمىغا ئوخشاش ئېقىپ كېتىدىغاندەك بوشىشىپ كېتىۋاتاتتى.
شۇ دەمدە كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالسىلا  پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك، چىرايىغا قاراشقا پېتىنالمايتتىم.
-يەنە ئىككى كۈن  كېيىن قالغان بولساڭ ھەممىگە كېچىكەتتىڭ...
-بۇنى تەقدىر دەيمىز،-دېدىم مەن ئۇنىڭ بېلىكمدىن سىيرىلىپ كېتىۋاتقان بېشىنى سەل ئۆرە قىلىپ.
-پىيالىگە سەن ئىچىدىغان ئوغا سۈيى ئېلىپ ھويلامدا بىر قىش ساقلىدىم، كەلمىدىڭ. يەنە بىر قىش دەريا بويىدا ساقلىدىم،كۆزلۈرۈمنىڭ نۇرى دەريا سۈيىگە قوشۇلۇپ ئېقىپ بولاي دەپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭغا «نەپرەتلىرىڭ سەۋەبىدىن قايتىپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم»دېمەكچى بولدۇميۇ، ئېغىزىمغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋەتتىم.
ئۇ چۈش ئىچىدە تۇرغاندەك   توختىماي شىۋۋىرلايتتى:-
سەن كېتىپ  دەريا سۈينىڭ تەمى ئۆزگەردى، قىش تېخىمۇ سوغۇق بولىدىغان بولدى..ھەممە نەرسە كۆڭۈلسىز بولۇپ كەتتى...

مەنمۇ   دىلىمدىكىنىڭ ھەممىنى تۆكىۋەتىم  :  
- بىلسەم ،ئاشۇ زەھەردەك بىر پىيالە سۈيۈڭ تۇمۇرۇمدا قان ۋە كۈچ-قۇۋەت  بولۇپ ئاقىدىكەن..ئىككى يىل ئىچىدە يۈرىكىمدىن تۇمۇرلىرىمغىچە قۇرۇپ كەتتى  ،سېنى خىيال قىلىشتىن باشقا ھېچنىمىگە يارىمايدىغان ئەبگاغا ئايلاندىم....
ئۇنىڭدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:
-ئەمدى ھەممە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، سېنى يىراقلارغا ئېلىپ كېتىمەن ،بۇ قانىتىمزنى بۇغىدىغان ناپاك زېمىنغا ئىككىنچى دەسسىمەيمىز..
گېپىمنى ئاڭلىغان «ر»جۇۋامنىڭ يوغان تۈگمىسىگە ئېسىلىپ ئىگەر ئۈستىدە ئۆرە ئولتۇردى،ئۇنىڭ ئوتتەك تىنىقلىرى يۈزۈمگە باغانسىرى يېقىن كېلىپ ،يېرىم يۇمۇلۇپ تۇرغان كۆزلىرىدىكى تىنىقلىقنىڭ ئارىسىدىن ئىككى يىل ئاۋالقى نەپرەت ئۇچقۇنلىرى باغانسىرى روشەنلىشىۋاتاتتى.
لېۋىمگە يۇمشاق ئەمما زىيادا ھارارەتلىك بىر پارچە چوغ تىگىپ ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قېلىۋاتقان پەيتتە،لېۋىمدىن تارىغان ئاچچىق  ئاغرىق بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ئاتتىن يىقىلىپ چۈشتۈم. كۆزۈمنى تەستە ئاچقىنىمدا لېۋىمدىن ئاققان ئىسسىق  قان بويۇنلىرمنى بويلاپ ئېقىپ قارنى ئېرىتىۋاتاتتى.
-يەلكەمنى كۆتۈرمەكچى بولدۇم، لېكىن قوۋۇرغام قىرلىق تاش ئۈستىگە چۈشۈپ سۇنغان بولغاچقا ئورنىمدىنمۇ  قوزغىلالمىدىم ، ھە دېگەندىلا كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ كېتىۋاتاتتى..
«ر»چاپىنىنىڭ يېڭدىن چىقىرىۋالغان پاختىنى لېۋىمگە بېسىپ قاننى توختىتىۋاتتى. ئۇ ياش تامچىللىرى يۇيۇۋاتقان يۈزلىرى بىلەن قانغا  بۇيالغان لېۋىنى چاپىنىغا سۈرتىۋېتىپ،بوغۇق ئاۋازدا سۆزلەيتتى:
-ئەسلى قاباھەتلەر ئاخىرىلاشتى دېگەن ئىدىم  ، لېكىن سېنىڭ چىرايىڭغا ،ئۆزۈمنىڭ كۆزلىرىڭىدىكى ئەكسىمگە قارىغىنىمدا ،  رەسۋاچىلىقلارنىڭ ئىگىللىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ ،  دادامنىڭ ئاشۇ كېچىدە دەريا بويىدا قېتىپ قالغان تۇرىقى ئېسىمگە كېلىۋالدى.
ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىمچە كۆيۈشۈپ ئاغرىۋاتقان لېۋىمنى تەستە مىدىرلاتتىم.
-بىز گۇناھسىزمىز، ئۇ ئىشلار كەتتى ئەمدى...ئۆتۈنۈپ قالاي ئۇنتۇپ كەتكىن.
-ياق ،سەن گۇناھكار داداڭ بىلەن بىچارە ئاناڭنىڭ  ھاياتنىڭ داۋامى بولغىنىدەك ،مەنمۇ  يۈزىگە ھاقارەت سۈرۈلگەن دادام بىلەن ،پاسىق ئانامنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى، ھېسابتا بىز ئەشەددەي رەقىبلەر،كۈچۈم يەتسە ئەسلى دادامنىڭ قىساسىنى ئالارمەن دېگەن ئىدىم، لېكىن نامرات بىر ئاجىزە بولغىنىم ئۈچۈن مۇمكىن بولمىدى. بىز  بىرگە بولساق دادام گۆردە ئۆرە ئولتۇرۇدۇ.سېنىڭ ئاناڭمۇ بىر پاسىق ئايالنىڭ ئېرىنى بۇلغىغانى ئاز دەپ ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئوغلىنىمۇ تارتىۋېلىشقا چىدارمۇ؟
-بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى ، بىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق،-دېدىم مەن غەزەپ بىلەن تەكرارلاپ.
-بەلكىم شۇنداقتۇر،-دېدى ئۇ بايامقىدىن سەل يۇمشاپ،-  لېكىن ئانامنىڭ بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى  پالەچ بولۇپ قالدى، قانچىلىك ئۆچ بولساممۇ تاشلاپ قۇيۇپ كەتسەم بولمايدۇ، ئۇ ماڭا مۇھتاج.
-ئۇنداقتا مەنچۇ؟
-سېنىڭ بىلەن ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان ئازغىنە پەيتىمدە،ھاياتىمدىكى بارچە بەخىتكە ئېرىشىپ بولدۇم، سەنمۇ ھەم شۇ،-ئەمدى كېيىنىكى ھاياتىمىزدا ئاشۇ بەختنىڭ  بەدىلىنى تۆلەپ ئۆتىمىز ...
ئۇ جەسەتتەك تاتىرىپ كەتكەن پېشانەمگە تىترەپ تۇرغان لەۋلىرى بىلەن ئاخىرقى بىر ئۆپۈشنى سوۋغا قىلىپ ،ئاشۇ يىلى سىنىپقا ماڭغىنىغا ئوخشاش ئۇششاق ھەم ھالسىز قەدەملەر بىلەن قارلىق دالىدا غايىپ بولدى.................



   ئىككنچى قىسىمى تۈگىدى                                                            .


تورداشلار سەمىگە:   ئاخىرقى قىسىمى   تەھرىرلىنىۋاتىدۇ، ئىككى كۈن ئىچىدە مۇنبەرگە يوللىندۇ     .                                       .

9

تېما

3

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 20:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار ،بىر يېقىن بۇرادىرىم تور بەت ئاچقان ئىدى،خالىساڭلار زىيارەت قىلىپ،سەرخىل تېمىللىرىڭلار بىلەن تەمىنلىگەيسىلەر
تور ئادىرىسى :http://www.birla.cc
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9525
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 21:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تۆت ئىماملىرىمدىن سىزدەك بىر تالانىت ئىگىسى چىققىنىدىن  بەك خۇرسەن بولدۇم . ئانىنىڭ ياغلىقى دىگەن ئەسەرنى قايسى تور بەتتە ئىلان قىلدىڭىز .ھارماڭ قېرىندىشىم

9

تېما

3

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 12:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uguzhan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 21:16
بىزنىڭ تۆت ئىماملىرىمدىن سىزدەك بىر تالانىت ئىگىسى چى ...

قانداقمۇ تالانت ئىىگىسى بۇلاي. شۇ بىر نەرسە يېزىشقا ھەۋىسىم بار...ئانىنىڭ ياغلىقىنى ژورناللارغا ئەۋەتىش نىيىتدە بولغاچقا ،مۇنبەرگە يوللىمىدىم

0

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9525
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 12:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagalip يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 12:15
قانداقمۇ تالانت ئىىگىسى بۇلاي. شۇ بىر نەرسە يېزىشقا ھ ...

تالانت بولمىسا يازغىلى بۇلاتتىمۇ. ھەۋەس بولسىلا يازغىلى بۇلىدىغان بولسا مەن يازغۇچى بولۇپ كەتمەمدىم.بۇ ياشتا بۇنچىلىك يېزىش تالانتنىڭ بارلىقىدىن

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 16:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )