قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2307|ئىنكاس: 22

(bilgejan) ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

31

دوست

7510

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2516
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار

بىلگەجان


ئېلاۋە: ئەيدىز ئېنگىلىزچىدىكى AIDS، يەنى  Acquired Immune Deficiency Syndrome (ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت كەمتۈكلۈكى كېسەللىكى دېگەن مەنىدە) دېگەن ئاتالغۇدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان جانغا زامىن بولغۇچى كېسەلدۇر. ئەيدىز كېسىلى كىشىلەرنىڭ  HIV (ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى)دىن يۇقۇملىنىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان كېسەل بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ مايمۇنلاردىن ئىنسانغا يۇققان دەپ قارىلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئۆتكۈر يۇقۇملۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بېرى بولۇپ قالدى. HIV بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 1980-يىللارنىڭ بېشىدا بايقالغاندىن تارتىپ 35 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار مەخسۇس مۇشۇ كېسەلنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بەزى كېسەلنى كونتىرول قىلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلاردىن بۆلەك ئەيدىزنى سەللىمازا ساقايتىدىغان دورا بارلىققا كەلمىدى. HIV تەتقىقاتىنى قوللاش ئۈچۈن ۋە بۇ جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ئالىملارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزسىدىن، 2008-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى HIV ۋىرۇسىنى بايقىغان 2 نەپەر فىرانسىيە ئالىمىغا بېرىلدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن تەجىرىبىخانىلاردا HIV ۋىرۇسى تەتقىق قىلىنماقتا. چاتاق يېرى، HIV كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى ۋۇجۇدقا كەلمەيلا قالماستىن بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىمۇ تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق. شۇ سەۋەب ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشى ئوبدان كونتىرول قىلىنماي، ئەكسىچە كۈنسايىن كۆپ كىشىلەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانماقتا. مەن ئىشلەۋاتقان تېكساس بىئو-مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى دەل ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان بىر تەتقىقات ئورنى بولۇپ، قارمىقىمىزدىكى ئامېرىكا غەربىي جەنۇپ دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزىمىزدە نەچچە يۈز شىمپانزا مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنىنى تېپىپ چىقىشتىكى زۆرۈر تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. مەن شەخسەن HIV تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانمىساممۇ، بۇ جەھەتتىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىمەن. گەرچە قولۇمدا شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشغا ئائىت نوپۇزلۇق مەلۇماتلار كۆپ بولمىسىمۇ، ھېچ ئىش قىلمىغاندىن بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى ئويلىغانلىرىمنى بولسىمۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي ۋە ئازراق كۈچ چىقىرىپ ئەيدىز بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى مەقسەت قىلىپ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىدىم.

ئالدى بىلەن بۇ يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى (12-ئاي 1-كۈنى) ئالدى-كەينىدە ئاشكارىلانغان دىيارىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى:

2013-يلى سىنتەبېرنىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 40122 نەپەر بولۇپ،  7070  نەپەر كىشى ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
دېمەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر نىسبىتىدە  %80 ىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئەمما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مىللەتلەر نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتىنىڭ %46  ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن چىققاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز ئالدىدىكى تۇنۇشى، پۇزىتسىيەسى ھەم ئەيدىزنىڭ نەدە، قانداق يۇقۇدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز، بىغەم، پەرۋاسىز كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىدىن ئويلانماي تۇرالمايمىز.

(ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدىكى بارلىق شىنجاڭدىكى ئەيدىزغا ئائىت سىتاتىستىكىلار ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىن ئېلىندى: http://bbs.eldawa.com)


بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ مەن يىللاردىن بىرى كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قاتتىق دېققىتىمنى قوزغىدى ۋە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن چۆچۈپ كەتتىم. ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئەڭ يېقىنقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا  بۇ يىل گەرچە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ ئېشىىپ بېرىشى يىللاردىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، بۇ يىل ئومۇمىي ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 44 مىڭغا يېقىنلاپ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى سانغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3411 نەپەر بولغان.  بۇ پەقەت دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنى ئاساس قىلىپ ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار بولۇپ، ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. يەنە بىر كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان مەسىلە شۇكى، ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يولى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاش زەھەر چەككۈچىلەر ئارا ئوكۇلنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن دېيىلگەن بولسا، ھازىر ئاللىقاچان جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن يۇقۇش نىسبىتى شىنجاڭدا 52% كە يېتىپ ئەڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلانغان. ئوكۇل يېڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش يولى بىلەن يۇقتۇرغانلار ھازىر 36%نى ئىگىلەپ ئەيدىز يۇقۇشنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىككىنچى ئاساسلىق سەۋەبىگە ئايلانغان. دېمەك ئېشىپ قالغان 12% يۇقۇملانغۇچىنڭ (تەخمىنەن 5000 مىڭدەك كىشى) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 80%تىن كۆپرەكى 20-42 ياشلار ئارىلىقىدىكى ياشلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1.4:1 بولغان.

تۆۋەندە بىر نەچچە خەرىتە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جۇڭگودىكى باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەيدىز تارقىلىش نىسبىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى( خەرىتىلەر تەبئەت ژورنىلى، نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغىنى بويىچە ئېلىندى).
2008-يىلى جۇڭگودا  ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى:


2011-يىلى جۇڭگودا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى (3 يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشكە دېققەت قىلىڭ):


مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى :


ئەيدىزدىن باشقا يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەرمۇ شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىكەن. تۆۋەندىكىسى سېبلىس كېسىلىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىش خەرىتىسى:


قېرىنداشلار، ئويلاپ باقايلى: تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۋىلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ سوئالغا ھەر خىل جاۋابلار ياكى باھانە-سەۋەبلەر كۆرسىتىلىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ قارىشىمدا بىز كۈچ قوشالايدىغان بىر مۇھىم سەۋەب بولسا دەل تەربىيەنىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر.  قاقشىغاندىن كۆرە ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن تەربىيلىيەلىسەك بۇ بىزنىڭ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئادا قىلغانلىقىمىز بولىدۇ.

ئەيدىزنىڭ بۇ قەدەر كەڭ تارقىلىشىنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئەڭ دەسلەپ يادىمىزغا كىلىدىغىنى جەمئىيتىمىزدىكى ئەخلاق كىرزىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، جەمئىيتىمىزدىكى جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىزنى يۇقتۇرۋالغان كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىز ئىچىدە ياشىغان بولسا (ياكى شۇنداق قىلمىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان بولسا) دىيارىمىزدا تەخمىنەن 50%  ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى، دېگەن گەپ. لىكىن كىشىلەرنى تىز ۋاقىت ئىچىدە ئەخلاقلىق قىلىۋىتىش بىر غايىۋى گەپ بولغاچقا، تېخىمۇ رىئال ئويلىساق، پەقەت گاندۇم ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ بۇ خىل يول بىلەن ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى زور دەرىجىدە تىزگىنىلىگى بولىدۇ. ئىشەنچلىك جۆرىدىن باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا شۇنداق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغىنى بىر پاكىت. ماقۇل، شۇنداق ئىش قىلغان بولسۇنمۇ دەيلى، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ گاندۇم ئىشلىتىشنى رەت قىلىش نېمىدىگەن ئەقىلسىزلىك؟! بۇ ئىشنى دۇنيانىڭ قەيىردە بولسۇن ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق ھېسابلايدۇ. گاندۇم ئىشلىتىش غەرب ئەللىرىدە ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ ئىشلىتىشى نىسبىتى دىيارىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا يۇقىرى ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ھەر قېتىم كىرگەندە دوختۇر ماڭا يېنىشتىن بۇرۇن ئىشخانىسىدىكى ھەقسىز گاندۇملاردىن خالىغانچە ئېلىپ چىقىپ كېتىشىمنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمايتتى. گەرچە بۇ ئىشتىن دەسلەپ بىئارام بولغان بولساممۇ، ئويلىسام ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر جەمئىيەتكە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

زەھەرلىك چېكىملىك ئەسۋابلىرىنى بىللە ئىشلىتىشتىن يۇققانلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى شىنجاڭدا يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، شىفىرىس، يېڭنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئەزا بىلىپ قويۇشى كېرەك. ئاۋىستىرالىيە زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىز سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلىگەن ۋە بۇ جەھەتتە ئەڭ زور غەلبە قازانغان دۆلەت بولۇپ بۇ يىل 7-ئايدىكى «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى» نىڭ مىچىگان شىتاتىدا ئېچىلغان يىللىق ئىلمىي يېغىنىدا ئاۋىسترالىيەلىك دوختۇر ۋە  مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىم شۇكى، ئاۋىستىرالىيەدە زەھەر چەككۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس پاكىزە ئۆيلەر ئاجىرىتىلىپ ۋە زەھەر چېكىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ھەقسىز تەمىنلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇشى ياكى يۇقتۇرۋىلىش خەۋىپى تۆۋەن چەككە چۈشكەن. شىنجاڭدا ئەھۋال ئوخشىمىسىمۇ بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ۋە تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەيدىزنىڭ رايونىمىزدا بۇنچىۋالا كەڭ تارقىلىپ كېتىشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سېغمايدۇ چۈنكى بىر ئەنئەنىۋى جەمئىيەت دەپ قارىلىدىغان دىيارىمىزدىكى ھەر تۈمەن كىشى ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر سانىنىڭ ئەتراپتىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە باشقا كۆپ قىسىم ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن خىلىلا كۆپ بولۇشى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەر ھەمجىنىسۋازلار ئىچىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ. ئاددىيسى مەن ھەر ھەپتىسى دېگۈدەك شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن تاپشۇرۋالىدىغان جىنسىيەتكە ئائىت سوئاللار، مەسلىھەتلەر ۋە كۆڭۈلدىكىنى تۆكۈشلەرگە قاراپ مەن شۇ قېرىنداشلارغا بىر تەرەپتىن چىن دېلىمدىن ھېسداشلىق قىلىپ ئۇلارغا كۈچۈم يېىتشىچە مەسلىھەت، تەسەللىي بەرسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئەڭ ئاددىي جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭمۇ بېرىلمىگەنلىكىدىن  ئۆكۈنۈپ ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭمۇ (جۈملىدىن ئۆزۈمنىڭمۇ) بۇنىڭدا مەلۇم مەسئۇلىيتى بارلىقىنى ئويلاپ قالىمەن.



بىز جەمئىيتىمىزنى گەرچە نومۇسلۇق، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەت دەپ ئويلاشنى ئارزۇ قىلساقمۇ، ئەمما جەمئىيتىمىزدە كۆرۈلۋاتقان بۇ بىر قاتار ھادسىلەر بىزگە: «قاچانغىچە ئۆزۈڭنى ئالدايسەن؟!»دېگەن كەسكىن خىتابنى تاشلىماقتا.  بىز پەدىشاپنى قايرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەۋلادلارغا ئاساسەن دېگۈدەك جىنسىي تەربىيە بەرمەيمىز، ئاقىۋەتتە كۆرۈنۈشكە ئەخلاقلىق بىلىنگەن كىشىلىرىمىز، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىدا ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللەرنىڭ يامراپ كېتىشى بىزنى ئويلاندۇرماي، سەگەكلەشتۈرمەي قالمايدۇ. ئەۋلادلارغا جىنسىي تەربىيە بېرىش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمەۋەرسەك، كىلىپ چىققان ھەر خىل يامان ئاقىۋەتلەر قاچان تۈگەيدۇ؟ يېقىندىن بېرى، مەن بىر قىسىم دوختۇرلار، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى تېۋىبلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە تورلاردا خەلق ئاممىسىنىڭ جىنسىيەتكە ئائىت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پىكىرلىرىگە قاراپ ئويلاپ قالىمەن: بىز خەق نېمانچە شەھۋانىي ۋە لەقۋا بولۇپ كەتتۇق؟ بۇ يەكۈنۈمدە قىسمەنلىكنى ئومۇملاشتۇرۋىتىش خاتالىقى كۆرۈلگەنلىك ئېھتىمالىنى تەن ئالىمەن، ئەمما ئوبدان ئويلاپ باقسىڭىز سىزمۇ شۇنداق تۇيغۇغا كەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. تېۋىبلاردىن سورىسىڭىز نۇرغۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جىنسىي ئىستەك، جىنسىي ئىقتىدارنى قوزغىتىشقا ئائىت دورا-خۇرۇچلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ھەم نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ياپياش تۇرۇپ مەزى بېزى گۆھىرى دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى بايقايسىز. بۇ ئەھۋال باشقا جەمئىيەتلەردىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى يېشى 40 قا ئۇلاشمىغان شۇنچە كۆپ ياشلارنىڭ بۇنداق دورىلارغا دۈم چۈشۈشىنىڭ ئۆزى بۇ يەردە بىر ئېغىر ئىددىيە مەسىلىسى ياكى ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن. يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ئويلىساق، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يولىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردىن ئەمدى ئىشەنچلىك جۆرىدىن باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار، ھەمجىنىسۋازلار توپىغا يۆتكىلىشى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە ئەخلاقىي يېمىرىلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە شەھۋانىي ئىشلارغا ھەددېدىن زىيادە قىزىقىش بىلەن بىرگە جىنسىيەت بىلىملىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنىڭ نەقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمدى بىز قاچانغىچە قۇرۇق قاقشاشنى ۋە نامەلۇم كىشىلەرنى تىللاشنى تاشلىمايمىز؟ ئەمدى ئۇنداق قاقشاشنى قويۇپ ئەمەلىي ئىشىمىز بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىغا كۈچ قوشىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. سىزمۇ بۇ جەڭگە ئاتلىنىڭ، مەنمۇ ھەم شۇ، شۇنداق قىلساق بىز ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشقا بىرلىكتە ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.

پەرەز قىلسام، مېنىڭ كۈچەپ تۇرۇپ مەركىزى ئىددىيەنى ئەيدىز بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش، جىنسىيەت تەربىيىمىز ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ساغلام بولغان جىنسىيەت قارىشى، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتسەممۇ، يەنىلا بۇ توغرىدا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى قۇرۇق قاقشاش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى تىللايدىغان، چەتكە قاقىدىغان گەپلەرنى قىلىۋىلىپ ئۆزىگە زېيان بولمايدىغان بىر ئىچىنى بوشىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىشى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مەن ئالدى بىلەن  ئەيدىز توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش، ئاندىن قالسا ئەيدىز كېسىلىنىڭ دىيارىمىزدا تارقىلىشى ۋە ياشلىرىمىزدىكى جىنسىيەتكە ئائىت مەسلىلەرگە قارىتا بىر ئويغىنىش ھاسىل قىلىش، بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يازغان بۇ ماقالەم مەن تونۇمايدىغان ئەمما چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغان  ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىىپ يۈرگۈچى (مەيلى نېمە يول ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولسۇن) قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرگە سەۋەب بولۇپ قالسا، مەن ئالدىنئالا سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. شۇ مۇناسىبەتتە، بۇ ماقالە يوللانغان بارلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىپ يېزىلغان ھەرقانداق ئىنكاسنى دەرھال ئۆچۈرۋىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

ئاخىرىدا ئەيدىز تەشۋىقاتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى ۋە يارىپ تورىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تۆۋەندە مەن تەييارلىغان ئەيدىز توغرىسىدىكى ساۋاتلارغا داۋاملىق دېققىتىڭىزنى بەرگەيسىز. كېيىنكى يازمىلىرىمدا ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۇچۇر بېرىمەن.


ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش خەرىتىسى (2011-يىلىدىكىسى)


يۇقىرىدىكىسى ئەيدىزنىڭ 2011-يىلى دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى خەرىتىىسى بولۇپ (دۇنيا سەھىيەت تەشكىلاتى تورىدىن ئېلىندى)، بۇ خەرىتىدىن قارىغاندا شىنجاڭدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئافىرىقا قاتارلىق ئەيدىز مەركەزلىك تارقالغان جايلاردىن ئازراق بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ باشقا كۆپ قىسىم رايونلىرىدىن كۆپرەك تارقالغان. بىز تۆۋەندە ئەيدىزغا دائىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) تور بېتىدىن ئېلىنغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا كۆز يۈگۈرتەيلى ۋە بۇ كېسەلنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تارقىلىش، ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىشتۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرەيلى.

http://www.who.int/mediacentre/factsheets/fs360/en/

ئاچقۇچلۇق پاكىتلار

››› HIV ھېلىھەم دۇنياۋى جامائەت ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. 2013-يىلى يەر شارىدا 1.5 مىليون ئىنسان HIV غا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

››› 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 35 مىليون ئىنسان HIV بىلەن يۇقۇملانغان ھالەتتە ياشىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2.1 مىليون كىشى شۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغان.

››› سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافىرىقا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ، 2013-يىلى مۇشۇ رايونلارنىڭ ئۆزىدىلا 24.7 مىليون كىشى HIV نى ئىلىپ يۈرگۈچىلەردىن. ئۇنىڭدىن باشقا سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافرىقا دۇنيادىكى يېڭىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 70% نى تەشكىل قىلىدۇ.

››› HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئادەتتە قاندا HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللارنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

››› HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ داۋاسى يوق. ئەمما ئۈنۈملۈك بولغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىغاندا يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا ساغلام ۋە ئۈنۈملۈك ھاياتتىن بەھرىمان بولالايدۇ.

››› 2013-يىلى، 12.9 مىليون كىشى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 11.7 مىليونى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەردىن بولۇپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولغان 32.6 مىليون كىشىنىڭ 36% نى تەشكىل قىلىدۇ.

››› بالىلارنىڭ داۋالىنىشى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە يەنىلا ئارقىدا. 2013-يىلى، دۇنيادىكى ھەر 4 نەپەر يۇقۇملانغان بالا ئىچىدىكى 1 بالا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولۇپ، بۇ چوڭلاردىكى ھەر 3 كىشى ئىچىدىكى 1 نىسبەتكە روشەن سېلىشتۇرما.


ئاساسىي چۈشەنچىلەر

ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى ۋىرۇسى (HIV) ئىممۇنىت سىستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە بەزى راك كېسەللىرىگە قارشى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش سىستىمىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە پالەچ قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغانلار تەدرىجىي ئىممۇنىتى-كەمتۈك (ئىممۇنىت ئىقتىدارى يوق) كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىممۇنىت ئىقتىدارى كۆپىنچە CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئادەتتە ساغلام ئادەملەر بەدىنى قارشى تۇرالايدىغان كەڭ دائىرىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.

HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئەيدىز (AIDS) (يەنى ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى كېسەللىكى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە يۇقۇملىنىشتىن ئەيدىزغا تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن يەككە شەخىسكە قاراپ 2 يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەيدىز مەلۇم راك كېسەللىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى، يۇقۇملىنىش ياكى باشقا ئېغىر كىلىنىكىلىق مەسىلىلەر ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
  
كېسەللىك بىشارەت ۋە ئالامەتلىرى

HIV نىڭ ئالامەتلىرى كېسەلنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما HIV ئىلىپ يۈرگۈچىلەر دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش خەۋىپى ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېسىلىنى ئاخىرقى باسقۇچلارغىچە بايقىماسلىقى مۇمكىن. دەسلەپتە يۇقۇملانغان بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، يۇقۇملانغۇچىدا بەلكىم ھېچقانداك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى ياكى يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش قىززىش، باش ئاغرىش، قىزىل نەرسىلەر چىقىش ۋە گال ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
يۇقۇملىنىش كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنى بارا-بارا ئاجىزلىتىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغۇچىدا لىمغا تۈگۈنىنىڭ ئىشىشىپ قېلىشى، ئورۇقلاش، قىزىتما، ئىچى سۈرۈش ۋە ھۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر داۋالانمىسا، ئۇلار تۇبىركوليۇز، مېڭە پەردە ياللۇغى، لىمغا راكى قاتارلىق بىر قاتار كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇشى مۇمكىن.

يۇقۇش

ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك (بۇ مەزمۇنلار ئىشەنچلىك مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ توغرىلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قەدەر تەپسىلىيلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى. ئۈستىدىكى باشقا مەزمۇنلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئورگان تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى) :
1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.
2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن:

1. ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىش)
ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام - شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ - ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

2. چىش تارتقۇزۇش - سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت - رەسىم چەكتۈرۈش-
ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت - رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت - رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە - ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

3. ساقال ئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش

مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە،  ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ..

5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش
قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش
تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.
ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش - قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.

7. داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق
دوختۇرخانىلاردا داۋالاش - داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.

8 . جىنسىي ئالاقە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ - جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 - %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.

9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا  قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

خەۋىپ ئامىللىرى

كىشىلەرنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەۋىپ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

››› گاندۇم ئىشلەتمەي ئالدى ياكى كەينىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش

››› سىفلىس، پېچەك كېسىلى، خلامىدىيە، سۆزنەك، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق باشقا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغا كېسەللەرنىڭ بىرەرىگە گېرىپتار بولۇش

››› زەھەر ئۇرغاندا يۇقۇملانغان شىپىرىش، يېڭنە ۋە باشقا ئوكۇل ئۇرىدىغان ئەسۋابلارنى ۋە دورا سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق ئىشلىتىش

››› بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل سېلىنىش، قان يۆتكەش، تېشىپ ئۆتۈش ياكى كېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باكتىرىيەسىزلەنمىگەن مېدىتسىنا مەشغۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە تەساددىپىي يېڭنە سانچىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلار


دىئاگنوز

HIV تەكشۈرۈشى تەكشۈرۈلگۈچى قېنىدا HIV ئانتىبودىلىرى(HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللار) نىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىدۇ. ئانتىبودىلار بولسا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى يات كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، ئادەتتە 3 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولىدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىتتا HIV قارشى ئانتىبودىلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ ياكى تېخى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولغۇدەك مىقدارغا يەتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى باشقىلارنى ئەڭ يۇقۇملاندۇرىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق يۇقۇملىنىش بارلىق باسقۇچلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىراۋ يېقىندا HIV بىلەن ئۇچراشقان ئېھتىمالى بار بولۇپ قالسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن 6 ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش زۆرۈر. بۇنداق بولغاندا شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدا ئانتىبودىلار يېتەرلىك مىقدارغا يېتىشىگە ۋاقىت بېرىلگەن بولىدۇ.

تەكشۈرتۈش

HIV تەكشۈرۈشى ئىختىيارى بولۇشى كېرەك ھەم كىشىلەرنى تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنىشى لازىم. ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ۋە مەمۇرى تارماقلارنىڭ ياكى جۆرە ۋە ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  مەجبۇرى ياكى زورلاپ تەكشۈرتۈشكە قىستىشى خاتا چۈنكى بۇ ياخشى ئاممىۋى ساغلاملىق مەشغۇلاتىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش

كىشىلەر HIV خەۋىپ ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋىپىى كىچىلىتەلەيدۇ. HIV دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپىنچە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:

1. ئەر ۋە ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندۇم ئىشلىتىش
ئىچىگە كىرىدىغان جىنسىي يول ياكى مەقئەت ئارقىلىق قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە توغرا ئۇسۇلدا ئىزچىل ھالدا ئەر ۋە ئاياللىق گاندۇم ئىشلىتىش HIV نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەرلىك گاندۇم 85% تىن ئارتۇق ئەھۋاللاردا HIV ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملىنشلاردىن ساقلايدۇ.

2.HIV ۋە جىنسىي يول بىلەن يۇقىدىغان كېسەللەرگە قارىتا تەكشۈرتۈش

3. ئىختىيارى ھالدا ئەرلىك خەتنىسىنى قىلدۇرۇش

4. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش

5. ئوكۇل ئۇرىدىغان زەھەر چەككۈچىلەردىكى خەۋىپنى ئازايتىش (ئەسۋاب ۋە دورىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك)

6. HIV نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش


داۋالاش


ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق HIV نى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار HIV نى داۋالاپ ساقايتمايدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملانغۇچى بەدىنىدە كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىسىتمىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىزچىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرمۇ ساغلام ۋە مول-ھوسۇللۇق ھايات كەچۈرەلەيدۇ.

تامام.

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ۋە تارقاتقاندا مېنىڭ شەخسىي بىلوگىم بولغان بىلگە بىلوگى (http://bilge.eldawa.com/) دىن ئېلىندى، دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ. رەھمەت!

11

تېما

8

دوست

4620

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇر بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى بۇزۇلغان جەمىيەتتە ئەخلاقتىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس---- دەپ يازغا ئىكەن مەلۇم دانىشمەن. دىمەك بۇمۇ ئەخلاقسىزلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن جازاسى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

4737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. ساقال ئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش

مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.


مەن ئايرىم ئۆيدە ئۇستۇرابىلەن ئالىمەن ساقالنى،ساقال ئالدۇرۇش ئۈچۈن ساتىراچخانىغا قەدەم باسمىغىلىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قالدى.بەزىدە ساقال ئالسام ساقىلىم بەك كىرپىدەك قاتتىق ھەم يىرىك بولغاچقىمىكىن ئۇزاق ئۇۋلىمىسام يۇمشىمايدۇ،گەرچە پاكىستان ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى(توغرىسىنى ئىيتقاندا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار،يەنى سادا شېركىتى ئىشلىگەن،يىقىندا ئاقسۇغا زاۋۇت قۇرۇشنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانتىم.)تىرىگ تىغىدا ھەر بىر قىتىم ساقال ئالسا يىڭى تىغ سالساممۇ بەزىدە قاناش كۆرۈلىدۇ.تەتۈر قىرساممۇ قاناش كۆرۈلىدۇ.
سىز يوللىغان بۇ قاناش ئىشىنى ئويلاپ شۇ ساقال ئالغاندىكى قاناش ئەھۋالى كۆز ئالدىمغا كەلدى،بۇغۇ ئايرىم  يەنى بىر ئادەم بىر تىغ ئىشلەتكەندىكى ئىش بىلەن تىمىدىكى ئوپچە بىر تىغدا ساقال ئىلىش ئىشىكەن.بىراق شۇنى ئويلاپ يىزىپ سالدىم.

1

تېما

2

دوست

4737

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 13:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011-يىلى ئىچكىرگە چىققاندا لەنجۇدا پويىز بىلىتىگە ئۈلگۈرەلمەي ياتاق ئىچىپ نەچچە كۈن يۈرگەن.ساقىلىم ئۆسۈپ كىتىپ شۇ يەردىكى دۇكاندىن تىغ سورىسام بىر قاپ تىغ بەردى.ئۆمۈرۈمدە بۇنداق مەينەت تىغنى كۆرمەپتىكەنمەن.قىپىنى ئىچىپ بولغۇچە ئورالغان تىغلار سۇنۇپ تۇرىدۇ.بىر قاپنىڭ ئىچىدىن چىققان ئون كىچىك قاپتىكى تىغلارنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ  ئاغىرتىپ ئاران ساقىلىمنى ئىلىۋالدىم.بىر تۇڭگاندىن نىمىشقا بۇ تىغلار ساقال ئالالمايدۇ دىسەم  ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:خەنزۇلارغا چىققان بىر ئىككى ساقال بىلەن سىلەر ئۇيغۇرلاردىكى قۇيۇق ساقالنىڭ پەرقى بار.ئۇلارنىڭ ساقىلىنى ئىلىشقا مۇشۇ تىغ كۇپايە،بىراق سىلەردەكلەرگە جاپا دەپ قۇيۇپ تۇردى.
شىنجاڭ بازىرىغا سىلىنغان تىرىگ قاتارلىق ئۆتكۈر تىغلار بار دىگەن بىلەن بەزى ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلار شۇ تىغلارنىڭمۇ ساختىللىرىنى ياساپ چىقىرىپتۇ،بىر چاغدا دادام بىر تىغنى بازادا ئىككى كويغا بەردى دەپ ئىلىپ كىرىپتىكەن،ساقال ئالىمىز دەپ دادامنىڭ چاچ ساقىلىنى ياساپ قۇياي دەپ تىغنى ئاچسام قارامتۇل داغلار باركەن،ئورالغان ئاق قەغەزلىرىمۇ چىرىشكە باشلاپتۇ.دىمەك قارامتۇل داغ قان دىگەن گەپ.پۈتۈن قىپى بىلەنلا ئەخلەت چىلىكىگە سىلىۋەتتىم دە گېرىم بويۇمى ساتىدىغان دۇكاندىن ئالدىم.مۇشۇ ساختا تىغلاردىمۇ ساقلىنىپ قالغان قان دىغى ئەيدىز كىشىنىڭ قىنى دەپ ھىسابلىساق بۇ قانلار ئورالما قاپ ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت ھايات تۇرالايدىغاندۇ؟

0

تېما

1

دوست

1789

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   78.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 545
توردىكى ۋاقتى: 220
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 13:27:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ساتراچخانىدىكى بىر تىغنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى تىغ جازىسىغا يۇقۇپ قالغان قان يۇقى يېڭى ئالماشتۇرۇلغان تىغقىمۇ يۇقۇپ قېلىش دىگەندەك ئەھۋاللاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ قېلىش مۇمكىنچىكى يوق ئىكەن،چۈنكى ئەيدىز ۋىروسى ھاۋا بىلەن ئۇچراشسىلا ھايات قالمايمىش، بولسا بىلگەجاننىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باققان بولساق!

30

تېما

31

دوست

7510

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2516
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 13:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
seyyah يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 13:27
يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى بى ...

HIV ئادەتتە ھاۋادا پەقەت بىر نەچچە مېنۇتلا ھايات تۇرالايدۇ. ئەمما ئۇ تىغ بىلەن كېسىلگەن قاندا خېلى ئۇزۇن ھايات قالالايدىغان بولغاچقا (ھېچبولمىسا قان پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكىچە) بۇ ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولمايدۇ.

10

تېما

1

دوست

1728

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17344
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 514
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 16:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ نىجىس كېسەل، بۇرۇن كىتاب ۋە خەۋەرلەردىن كۆرىدىغان بولغاچقا ئانچە ھەيران قالمايتتۇق، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بۇ خىل كېسەل بايقالغاندا كۆڭلىڭىز بەك يېرىم بولىدىكەن

1

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 16:34:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
========================================

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۇشۇ مەلۇماتىدىكى سان-سىفىرلاردا چاتاق بارمىكىن دەيمەن. نىمىشقا باشقا جايلاردا ئاز، يۇقۇرىقى جايلاردا كۆپ بولىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )