- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1.ئۆتكەندە باللىرىمىنى ئېلىپ قومۇل دورىلىق مەھەللىسنىڭ بېقىنىدىكى ساماۋەر ئاشخانىسىدا تاماقلانغاندا ئايال خوجايىن بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ قالغان ئىدىم . ئايال خوجايىن قولۇمدىكى سىڭلىم سوغا قىلغان ئەخمەتجان قاسىمى دىگەن ئىككى توم كىتاپنى كۆرۇپ بۇنى ساماۋەر ئاشخانىسىغا سوغا قىلغىلى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ دىگەن ئىدى .مەنمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالىم كانىۋاي ئەپەندىم بۇ ساماۋەرنى لاھىلەشتە كام قالغىنى دەل موشۇ كىتاپ جازىسى ئىكەن ، ھېلى ھەم بۇ ئاشخانىغا بىر كىتاپ جاھازىسى لاھىلەتكىزۇڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز مانا مەن بىرىنىچى بولۇپ كىتاپ سوغا قىلىمەن . دىدىم .
2. گەپ ئاخىرى ئۆرۇمچىدىكى بىر كىتاپخانا چايخانا بىرلەشتۇرۇلگەن ئاشخانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۇپ ئارقىدىنلا ساماۋەر ئاشخانىسىنىڭ ئايال خوجايىنىغا بىر تەكلىپ بەردىم . ھەر بىر خىرىدارغا ئازدۇر كۆپتۇر كىتاپ سوغا قىلىش پائالىيىتنى ئويلۇشۇپ باقسىڭىز . مەسلەن خېرىدارلارنىڭ ئسىتىمالىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ كىتاپلارنى بىر قانچە دائىرىگە بۆلۇپ ، شۇ دائىرىدىكى كىتاپلارنى تاللىۋېلىشىغا قويۇپ بەرسىڭىز ، ۋە بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالىسىڭىز ، بۇمۇ بىر خىل ئىلمى بولغان ئېلان شەكلىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن .
3.يەنى ھازىر كۆپ خىل شەكىللەر بەر ، خېرىدارغا ئون ، يىگىرمە پىرسەنىت ئېتبار بىرىش ، يەنە ئېتبار بېلەت كارتا تارقىتىش ، ماۋۇ تۆت كوچدىكى مالاچۆەر خانىلار بولسا رەڭلىك سۇلارنى تاللاتقۇزىدۇ خېرىدارلارغا ، ئۇنىڭغا قارىغاندا كىتاپ تاللاتقۇزۇش بۇ ئىش تېخى قومۇلدا يولغا قويۇلمىدى ، ئەمدى بۇ ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىزلار بۇ ناھايىتى بىر ياخشى ئىش . ئەمما مەن پەقەت تەكلىپ بىرەلەيمەن سىزلەرنى ۋە قومۇلدىكى باشقا ئاشخانىلارنىغىمۇ موشۇنداق تەكلىپ بىرەلەيمەن خالاس .ئەلۋەتتە بىز خەقنىڭ يانچۇقۇدىكى پۇلغا ئۇنى بۇنى دىسەك ئانچە ياخشى بولمايدۇ .بۇ پۇتۇنلەي ئۆزىنىڭ خالىسىلىق ۋە يىراقنى كۆرەر ئاشخانا خوجايىنلىرى ئويلىشىدىغان بىر تەكلىپ .
4.موشۇ قومۇلدا تۆت كوچىدا ئەسەت ھاجىنىڭ باراۋەت ئاشخانىسدا كىچىك بولىسمۇ بىر كىتاپ تەكچىسى بار بولۇپ بىز دائىم تاماق ساقلىغاچ كىتاپ ئوقۇپ قويىمىز . بۇمۇ قومۇلدىكى بارلىق ئاشخانىلار ئۆرنەك ئالغۇدەك ياخشى ئەھۋال . بولسا بىز ھاجىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن بۇ كىتاپ تەكچسىنى جۇرناللارنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى شۇنداقلا يېڭىلىق تۇيغۇسى ، ۋاقىتچانلىقى كۇچلۇك بىر قانچە گىزىت لەرنىڭمۇ تەمىن ئىتىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز ، يېڭى تىجارەت باشلاش ئالدىدىكى چايخانىسىدىمۇ كىتاپ جۇرناللارنىڭ كام بولماسلىغىنى ئۇمۇت قىلىمىز .
5. قومۇل دورۇلۇق مەھەللسىنىڭ بىقىنىغا جايلاشقان ساماۋەر ئاشخانىسنىڭ خوجايىنىدىن بۇگۇن بىر خۇش خەۋەر ئاڭلىدىم ، يەنى كىتاپ ئوقۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر بىر خېرىدارغا چوقۇم كىتاپ سوغا قىلىش پائاليىتىنى يولغا قويماقچىكەن . بىز بۇنداق پائاليەتلەرنىڭ قومۇلدىكى بارلىق ئاشخانىلاردا ئومۇملىشىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . مەرھابا سامەۋەر ، بەركەت تاپقىن . |
|