ئالىم ئىلى
ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن بۇددىزىم مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە ، يىپەك يولى ئارقىلىق يەنى غەربى رايون ئارقىلىق جۇڭگوغا تارقالغان .
بۇ دەۋىردە جۇڭگو خەلقى ئاھۇ پەرياد ئىچىدە قالغان بىر دەۋىر ئىدى . شۇڭا ھەرقايسى بەگلىك پادىشاھلىرى ئۆز بەگلىكىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بۇددا دىنىغا مۇراجەت قىلىدۇ ھەمدە غەربى رايوندىن بەس- بەس بىلەن بۇددا راھىبلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غەربى رايون راھىبلىرى جۇڭگوغا كەينى - كەينىدىن كىرىشكە باشلايدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈسەن (كۈچار) لىق مەشھور راھىب كومراجىۋا قاتارلىقلار بار . ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن بۇددا نومىنى تەرجىمە قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ .
شۇنداق قىلىپ بۇرۇن چەت ئەللىكلەرنىڭ دۇرۇت - ئەپسۈن ئوقۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قاراپ كېلىنگەن بۇددا دىنى يۇقىرىقى كۆرۈنىشلەر ئارقىلىق جۇڭگو زىمىنىغا يىلتىز تارتىدۇ .
بۇ خىل ئېتىقادنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، بەزى مۇخلىسلار غەربتىن كىرگەن بۇددا قائىدىلىرى بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ . ئۇلاردا ئۇرغۇپ تۇرغان دىنىي قىزغىنلىق كونترول قىلغۇسىز دەرىجىگە يېتىدۇ . بەزىلەر بۇددىزمنىڭ ماكانى بولغان ھىندىغا بېرىپ ھەزرىتى ساكيامونىنىڭ ئىزلىرىغا تاۋاپ قىلىش ۋە بۇددا قائىدىلىرىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ئارزۇسىدا بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەرقانداق جەبرى- جاپاغا تەييار ئىدى . بۇ خىل ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ تۇراتتى .
بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى قاتتىق جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن . بەزىلىرى كۆچمە قۇم ۋە قاتتىق سوغۇق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان قاقاس تاغلاردا ھەسرەت ياشلىرىنى يۇتۇپ ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان . مانا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن بىرى بار . ئۇ دەل بىز بايان قىلىۋاتقان ماقالىدىكى باش پىرسۇناژ شۈەنجۇاڭ .
شۈەنجۇاڭ مىلادى602- يىللىرى ئەتىراپىدا، قەدىمكى پايتەخت لوياڭنىڭ شەرقىدىن 70 چاقىرىم (تەخمىنەن 46 كىلومېتېر )كېلىدىغان خۇشى ناھىيىسىدىكى (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جىڭجۇڭ دېگەن يېرى) چىنباۋگو دېگەن جايدا بىر ئېسىلزادە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چېن ۋېي .
ئۇ 13 ياشقا كىرگەن يىلى شۇ دەۋىرنىڭ پادىشاھسى سەيياڭدى لوياڭدىن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ھەمدە ئۆزى ئارزۇ قىلغانلاردىن 27 نى رەسمىي راھىبلققا تاللاشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ . بۇ چاغدا بۇددىزم راسا ئەۋىج ئالغان بولۇپ ،بارچە تالانت ئىگىلىرى بەس- بەستە ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشىدۇ .27 ئىسىملىك ئۈچۈن نەچچە يۈز ئارزۇ قىلغۇچى مەيدانغا چىقىپ شۇنىڭ بىلەن قەدىمىكى جۇڭگو شەكلىدىكى ئىمتاھان مەيدانىنىڭ جاھالەت مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ .
بۇ ئىشقا قىزىققان چېن ۋېي ئىختىيارسىز ھالدا تاللاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يامۇل ئالدىغا كېلىپ تۇرىدۇ .ئۇنى كۆرگەن بىرى :" بۇ كىمنىڭ بالىسى ؟"دەپ سورايدۇ . چېن ۋېي ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ ، نېرىراقتا جىڭ شەنلياڭ ئىسىملىك بىر ئەمەلدارنىڭ تۇرغىنىنى كۆرىدۇ . ئۇ ئادەم مەرىپەت ۋەزىرى بولۇپ ،بۇيرۇققا بىنائەن بۇ قېتىمقى تاللاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قېلۋاتاتتى .
شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا قىسقا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ .
- سىزمۇ تاللاشقا قاتناشقىلى كەلدىڭىزمۇ ؟
- شۇنداق خىيالىم بار ،بىراق ماڭا ئوخشاش ...
- راھىب بولۇش نېمە ئۈچۈن ؟
- بودساتىۋاغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇنىڭ تۇتقان بۇددا يولىدا نۇر چاقناتقۇم بار .
جىڭ شەنلياڭ شۇ كۈنىدىكى مۇزاكىرىدە چېن ۋېينى كۆرسىتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ : "ئۇنىڭ قولىدىن كەلگۈسىدە چۇقۇم چوڭ ئىشلار كېلىدۇ .قانداقلا بولمىسۇن ئۇنى تاللاپ ئېلىش كېرەك . ئەپسوسكى مەن ياشىنىپ قالدىم ، ئولتۇرغانلار بىلەن بۇ بالىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلمەيمەن ". شۇنداق قىلىپ چېن ۋېي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا چاڭ جيې راھىب ئۇستازلىقىدىكى جىڭتۇ ئىبادەتخانىسىغا رەسمى كىرىدۇ .راھىبلىق ئىسمى شۈەنجۇاڭ دەپ قويۇلىدۇ .
شۇندىن ئېتىباراەن شۈەنجۇاڭ بارلىق زېھنى بىلەن بۇددا قائىدىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا كىرىشىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ راھىبلىق ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تۇسالغۇلارنى يېڭىشكە بەل باغلايدۇ .
شۈەنجۇاڭ 26 ياشقا كىرگەن يىلى بۇددا دىنىنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ . ئۇ بىر مەقسەتتىكى بىر قانچەراھىبلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن پادىشاھقا غەربى رايونغا بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ . بىراق ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ چاغدىكى دۆلەت قانونىدا يۈمېن قوۋۇقىدىن چىقىپ غەرىپكە بېرىش مەنئىي قىلىناتتى . بۇ ئىش تۈپىيلىدىن كۆپچىلىكنىڭ رايى قايتىدۇ . پەقەت شۈەنجۇاڭلا تەن بەرمەستىن داۋاملىق ئىلتىماس سۇنىدۇ . شۈەنجۇاڭ دۆلەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ بولسىمۇ بېرىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ئاخىرى ئادەملىرى ، ۋەقەلىكى راست بولغان " غەرپكە ساياھەت" نى باشلايدۇ .
شۈەنجۇاڭ دەل كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چاڭئەندىن كۆز يەتكۈسىز مۇساپىەە ئاتلىنىدۇ . كۈندۈزى يوشۇرنۇپ ،كېچىسى يول يۈرۈپ يىپەك يولى ئۈستىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن غەرپكە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ . بۇ چاغدا شۈەنجۇاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ يولغا چىققانلىقى ھەققىدىكى سۆز- چۆچەكلەر تەرقىلىدۇ . ئۇ مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئېۋىرغولغا " قۇمۇل " يېتىپ بارىدۇ . ئۇ قۇمۇلدا تۇرغان مەزگىلدە ئېدىقۇت ۋاڭى خەۋەر تېپىپ ئۇنى تەكلىپ قىلىدۇ .ئۇمۇ تەقۋادار بۇددا مۇرتلىرىدىن ئىدى .
شۈەنجۇاڭ بۇ جايدا ئۇزۇن تۇرمايدۇ . ئۇ يۇلغا چىقماقچى بولغاندا پادىشاھ قۇيۇپ بەرمەي ئېلىپ قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى ئېيتىدۇ . شۈەنجۇاڭ ئامالسىز ئاچلىق ئېلان قىلىپ ، نارازلىق بىلدۈرىدۇ . تۆتۈنچى كۈنى پادىشاھ ئامالسىز كۆزى قىيمىغان ھالدا يولغا سېلىپ قويىدۇ .
شۇندىن كىيىن ، ئۇ نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى غەربىي تۈركلەرنىڭ كۈچ دائىرىسىن بېسىپ ئۆتىدۇ . قاتمۇ قات مۇز قاپلىغان تەڭرى تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇ نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى سەمەرقەنتكە يېتىپ بارىدۇ . بۇ جاينىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىدە زوروئاستىر دىنى ئەۋىج ئالغان ئىدى . شۈەنجۇاڭ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، دەريا كېچىپ قوندۇز دۆلىتىگە كېلىدۇ .ھەمدە باكتىرىيە شەھەرلىرى ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىش قارارىغا كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . پەلەككە تۇتاشقان چوڭ قارلىق تاغ (ھازىرقى ھىندىقۇشتېغى) ، جىلغا ،ئىدىرلارنى بېسىپ بامىئان ،كاپسا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆتىدۇ . بۇ جايلار ھىندىغا يېقىنلا ئىدى . شۈەنجۇاڭ (مىلادى 630 - يىلى ) قىش پەسلىدە ھىندىغا بارىدۇ .
شۈەنجۇاڭ ھىندىدا ئۇن نەچچە يىل بىلىم ئېلىپ ، (مىلادى 641 - يىلى )ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ . ئۇ ھىندىغا قانداق جەبىر - جاپالار بىلەن بارغان بولسا ،قايتىشتىمۇ شۇنداق جەبىر- جاپادا قايتىدۇ . لېكىن شۈەنجۇاڭنىڭ ئېچىنىدىغىنى ئۇ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتكىچە مىڭ بىر مۇشەققەتتە يىققان بىر مۇنچە بۇددا نوملىرى چۈشۈپ قالىدۇ .
ئۇ پامىر ئىگىزلىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، خوتەن پادىشاھىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ . ئۇ بۇ مەملىكەتتە بىر مەزگىل تۇرۇشنى قارار قىلىدۇ . چۈنكى بەزى ئىشلارنى مەملىكەتكە قايتىشتىن ئىلگىرى پۈتتۈرۈش كېرەك ئىدى . شۈەنجۇاڭ ئون نەچچە يىل بۇرۇن دۆلەتنىڭ تەقىپ قىلىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قلىپ ، چېگرىدىن چىقىپ كەتكەن . شۇڭا بۇ ھالدا قايتىشقا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ پادىشاھغا مەكتۇپ يېزىپ ئىدىقۇتتا تۇغۇلغان يىگىت ماشۈەنجى ئارقىلىق چاڭئەنگە ئەۋەتىدۇ . مەكتۇپتا ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشتىكى مەقسىتى ۋە چەت ئەلدە تارتقان مۇشەققەتلىرى بايان قىلىنىدۇ ۋە يەنە " ھازىر مەن خوتەنگە كەلدىم .بىراق مىنىپ كەلگەن سادىق پىلىم ئۆلۈپ قالدى . نۇرغۇن دىنىي نوملارنى ئېلىپ مېڭىشقا ئات تاپالمىدىم . گەرچە ۋەتەنگە قايتىشقا ئالدىراۋاتقان بولساممۇ بىراق ئارزۇيۇمدىكىدەك قايتىپ بېرىپ ئالىلىرىغا سالام بېرىشكە مۈمكىن بولمىدى" دەپ يازىدۇ .
ئۇزۇن ئۆتمەي ماشۈەنجى قايتىپ كېلىپ تاڭ تەڭرىسى (تەيزۇڭ لىشىمىن) نىڭ :" راھىبنىڭ غەربىي رايونغا بېرىپ ھەقىقەت ئىزدەپ قايتىپ كەلگەنلىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولدۇم . تېزدىن قايتىپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەيلا . باشقا ئەللەردە سانسكرىت تىلى بىلىدىغان ۋە نومنى تەپسىر قىلالايدىغان راھىبلار بولسا ئىختىيار قىلسا بىللە ئالغاچ كەلسىلە . خوتەنگە ۋە يول ئۈستىدىكى دۆلەتلەرگە راھەبنى يول بويى قوغداشقا چاكار ۋە ئات ھارۋىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ھەققىدە پەرمان چۈشۈردۈم ھەمدە دۇڭخۇاڭ ئەمەلدارلىرىنى كۆچمە قۇملۇققا بېرىپ ئالدىلىرىغا چىقىشىنى ، پىشامشان ئەمەلدارلىرىنى چەرچەنگە كېلىپ ئالدىلىرىغا چىقىشىنى بۇيرۇدۇم ". دەپ يازغان جاۋابىنى يەتكۈزىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىتاقەت بولۇپ تۇرغان شۈەنجۇاڭ خوتەندىن يولغا چىقىپ ئاخىرى 43 يىشىدا نۇرغۇن كىتاپ ۋە بۇت ھەكەللىرىنى ئېلىپ ۋەتىنى چاڭئەنگە يىتىپ كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ لوياڭدا تەڭرىگە تاۋاپ قىلىدۇ . تەڭرى غەربىي رايون ئەللىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن :" بۇددا ئېلىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى چۇقۇم بىر كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقسىلا .كىشىلەر كۆرسۇن " دەيدۇ .مانا بۇ "بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى" دېگەن كىتاپنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى سەۋەبى .
1986 -يىلى ياپونىيىلىك يازغۇچى چيەنداۋ شىنسى نامىدا نەشىر قىلىنغان " يىپەك يولىدىكى 99 سىر " ناملىق كىتابتىن.