قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 1

ئەلكۈن: يېڭى يىلغا سۇئال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 22:20:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 22:21  

يېڭى يىلغا سۇئال


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


يىڭى يىل كەلدى، كونىسى كەتتى،
ئۆمۈردىن بىر بەت يىرتىلدى، ئۆچتى.
سورايمەن غەمكىن ئوزۇمدىن سۇئال,
قىممىتى بۇ ھايات نەلەرگە كەتتى؟!


گەر يېشىم ئاشسىمۇ قىرىقتىن بۈگۈن،
ئاشالمىدىم ئارزۇيۇم چېكىدىن ھالقىپ.
ياشايمەن قول سۈزۈپ ئۈمىدكە ھامان,
خەلقىمنىڭ دەردىگە ئۆزۈمنى زارىقىپ.


يامغۇرلۇق بۇ كېچە، مەن مۇڭغا پاتتىم،
ئۇزىتىپ يىللارنى ئارقامغا ئاتتىم.
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا بولۇپ مۇساپىر،
چۆللەردە نىجاتلىق كارۋىنى تارتتىم…


قەلبىمدە ھەر زامان ”يىللارغا جاۋاب“.
بىلسەڭ ئۇ ئۇيغۇرغا ۋىجدانىي خىتاب!
ھەي يىللار، گىدەيمە، قىلما مەسخىرە,
”ۋەتەن’ دەپ ياشىدۇق، بۇ ساڭا جاۋاب!


تايمىسنىڭ بويىدا يۈردۈم سەرسانە,
چېركاۋدىن بىر ئاۋاز كېلىدۇ لەرزان.
قۇشلاردىن يوللىدىم ئەرىك سالىمىمنى،
يۈرەكتە قاينىغاچ ۋەتەنگە ۋولقان!


ياشىدىم يىراقتا، ۋەتەن ناتونۇش،
چۇلغىدى غېرىبلىق قەلبىم بېغىنى.
نە ئالاي شادلىقتىن ھۇزۇر- ھالاۋەت،
كۆرمەي ۋەتەننىڭ ئايدەك يۈزىنى!


بارارغا يېرىم يوق، سۆھبەتكە دوستۇم.
كەپەم بار لوندوندا، روھلىرىم مەھكۇم.
ئۇيغۇرچە بوزلايدۇ تىنىقلىرىممۇ،
ھەسرەتتە ئازابقا تولدى بۇ يولۇم!


ئالدىمدا ئادەملەر دېڭىزدەك لەيلەر،
ھەممىسى ناتونۇش قىلسىمۇ سالام.
كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا تۇرار قەلەندەر،
ھەسرەتكە ياندىشىپ چېلىپ ساز تامام.


يېڭى يىل ساليوتى رەڭدار ۋە كۆركەم،
تارىمدا جىن چىراغ، يىغلايدۇ بوۋاي.
”يېڭى يىل مۇبارەك!“ دېدى دوستلىرىم،
ھۇۋقۇشنىڭ ئۈنىگە پەرۋامۇ قىلماي.


ئادەملەر دېڭىزى، يىگانىدۇرمەن،
سۆزلەشكە مەجبۇرمەن باشقا بىر تىلدا.
ئۇيغۇر كىم، مەن كىم؟ بىلمەيدۇ ئۇلار،
تىلغاندى بۇ يۈرەك، پىغانىم دىلدا.


كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ پەرقلىرى يوق،
چۆرگىلەر لوندوننىڭ كۆزى نۇرلىنىپ.
ئالدىراش سائەتنىڭ سىتىرىلكىسمۇ،
خوش دېدىم كونا يىل ساڭا زورۇقۇپ.


2013- يىلى 31- دېكابىر، لوندون.





0

تېما

5

دوست

1315

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32248
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 21:23:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى يىلڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، يىڭى يىلدا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، تىنىڭزغا سالامەتلك تىلەيمەن. ئامان بولۇڭ ...... شەرەپ ئۇچۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كىلشىڭزنى ئۇمۇد قىلمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )