قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 10

ئارتۇچ:يىڭى ھايات بىزدىن نىمىنى كۈتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

8

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 10:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى ھايات بىزدىن نىمىنى كۈتىدۇ
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ

   غاقىراپ ماڭغان موتسىكىلىتنىڭ بىر نەرسىگە كۈچلۈك بىسىم بىلەن ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئالدىمغا قارسام ياپياش بىر يىگىت قىزىل چىراقتا توختىغان ماشىنغا ئۈسۈپ قانغا مىلىنىپ يىتىپتۇ.ئۇ ئەمدىلا يىنىمدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.ئەپسۇس كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇ ھاياتلىقى، بارلىق ئەتمىش ۋە كەچمىشلىرى بىلەن خۇشلىشىپ ،قەلبىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۇ ئالەمگە ئىلىپ مىڭىش ئالدىدا تۇراتتى.بەلكىم ئۇ ئۇشبۇ دەمدە ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ مىھرلىك قوينىدىن ئۆزىگە پاناھلانغۇدەك جاي ئىزدەۋاتقاندۇ...
   يۈرۈكىم قىپىدىن ئاجىراپ كىتىدىغاندەك قورقۇپ ھۇشۇمنى بىر بىلىپ بىر بىلمەي ئالاڭلاپ ئۆيگە كىرسەم ئەما ئۆسمۈر پەرھاتچان«يىپەك يولى ساداسى» پىروگىراممىسدا«بىلىم ئىشقىدا» ناملىق ناخشىنى ئىيتىۋاتقان ئىكەن. قارىماققا ھەر ئىككىلىسى ماڭا تىپىرلاۋاتقاندەك بىلىندى.ئەمما ئۇلارنىڭ تىركىشىش ئۇسۇلى ئوخشىمايتى.تىخى ھىلىلا شاش تايدەك چاپقان تەندۇدۇرس بۇ يىگىت ماشىنىغا سوقۇلغاندىكىيىنلا ھاياتىنىڭ نەقەدەر شىرىنلىكىنى ھىس قىلىپ پۇشايمان ئىلكىدە جان تالىشىۋاتقان بولسا،ئۆزىنىڭ كۆرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئاللبۇرۇن ھىس قىلىپ يەتكەن پەرھاتچان ھاياتلىقنىڭ بۇ رەھىمسىزلىكىگە پەرۋا قىلماي ھاياتلىق مىلودىيەسىنى كۈيلەپ ئۈمىد ئىچىدە تىركىشىۋاتاتتى.بىرى تىمەن تۇرۇپ ھاياتلىقىنى سۆيەلمىسە،يەنە بىرى ئەما تۇرۇپ ھاياتلىقىنى قەدىرلەپ نۇرغا تەشنا قەلب ساداسىنى سەنئەت سەھنىدىلا ئەمەس ھاياتلىق سەھنىسىدىمۇ ياڭرىتىۋاتاتتى.
   كۆز ئالدىمدىلا رەھمەتلىككە ئايلانغان بۇ يىگىت بەلكىم پىشانىسىدىن تەر سىرغىتىپ زىمىن باغرىغا بىر تۈپ كۆچەت قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن بولغىيتى، ئۆز ئەجىرىنىڭ مەسئۇلى بولمىش ياشلىق بىغىدا ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈللەرنى ھىدلاشقا تېخى نىسىپ بولالمىغان،مەي باغلاپ پىشقان مىۋىسىدىن بىرەرنى ئاغزىغا سىلىپ ھاياتىنىڭ،ئەجىر-مىھنەتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى تېتىمىغان بولغىيتى.بەلكىم ئۇ كىنىدك قېنى تۈكۈلگەن ئەزىز ماكانىدىن ئايرىلىپ شەھەر كىزىپ، يۇرت ئارىلاپ جاھاننىڭ بىپايانلىقىنى سەزمىگەن بولغىيتى. ئەپسۇس ئۇ ياشلىقىدا شاشلىق قىلىپ يۇقىرى سۈرەتتە ماشىنىغا سۇقۇلۇشتىن ئاۋۋال قان ئىچرە ئازاپلىنىدىغىنىنى ۋە قىينىلىدىغىنىنى ئويلاپ يەتمىگەن بولغىيتى، تېخىمۇ ئەپسۇسلىقى ئۇ بىر قانچە سكىنۇت ئەتىراپىغا كۆزىنى يوغان ئىچىپ قاراپ، ھاياتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان بولسا سوقۇلغاندىكىيىن قىپقىزىل قان ئىچىدە مىلىنىپ جان تالاشماس ،ئاخىرقى تىنىقىدا پۇشايمان بىلەن ھايات قىلىش ئىستىكى ئارىسدا پۇچىلانماس ئىدى.شۇ كىچە نۇرغۇن كىشى ئارامخۇدا ئۇخلاپ گۈزەل تاڭغا سالامەت ئۇلاشقان بولىشى مۈمكىن.ئەپسۇس شىرىن ئۇيقۇ پېقىرغا نىسىپ بولماي يۈرۈكىمنى بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك قىينالدىم.چۈنكى نىمىلا دىگەن بىلەن ياشلىق گۈلىنىڭ قانداق پورەكلەپ ئىچىلىشىنى تىخى كۆرۈپ باقىمىغان بىر نەۋقىران قېرىندىشىمىز كۆز ئالدىمدىلا باقىغا سەپەر قىلدى ئەمەسمۇ ! ھاياتلىقىدا 10 گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئىچىلماي بىئەجەل كەتكەن بۇ ياشىنىڭ پىقىر كاللىسىدىكى ھايات خۇلاسىسى شۇ بولدىكى ھايات ئۆز ھاياتىغا مەسئۇل بولالىغانلارغا ، ھەر ۋاقىت ھۇشيار ياشاپ ئەتىراپىغا سەزگۈر قارىيالىغانلارغا شۇنداقلا ھاياتىغا مەسئۇلىيەت مۇھەببىتى كۈچلۈكلەرگە مەنسۇپتۇر.
   ھايات نەقەدەر مۇرەككەپ–ھە ! ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىلىكىگە ئۆتكەندىكىيىن ئوخشىمغان مەنا،ئوخشىمغان رولغا كىرىشىدىكەن.ھايات بەزىلەر ئۈچۈن قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا داۋاملاشسا، بەزىلەر ئۈچۈن ئارزۇ-ئارمانلار بىغىنىڭ ئاداققى ھوسۇلى ئۈزۈلگىچە داۋام قىلىدىكەن. چوڭلارنىڭ «بەك قاينىغان چۆگۈن ئۆز بويىغا تاشىدۇ»دىگىنى بەكمۇ دۇرۇس ئىيتىلىپتىكەن.شۇڭلاچقا ھاياتلىقىدا ئەتىراپىدىكلەرگە ئاز-تولا ئىھسان قىلىشىنى ئۇنۇتمىغان ئاساستا ئۆز ھاياتىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق،ئۆتكۈر سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ ھاياتىغا، ئەتىراپىدىكى ھەر بىر مەۋجۇداتقا ئىنچىكە مۇئامىلىدە بولۇپ ئۇلارنى مىھرى بىلەن سۆيۈپ ياشاش ھاياتنىڭ ھەقىقىي زىننىتىدۇر.
   ھايات ئۇ ئويۇن ئەمەس،ئۇ چاقچاق كۆتۈرەلمەيدۇ.ئۇ نازۇك ۋە نەپىس خاتىرە بويۇمغا ئوخشايدۇ.ئۇنى ئاسىراش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز تىرمىشىش كىرەكتۇر.گەرچە ھايات قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا بولسىمۇ ئەمما ئەشۇ قىسقا پۇرسەتنى ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش ئىشقىدا ھاياتىنى ئاسىراپ، ئۆز ھاياتىغا مەسئۇلىيەت بىلەن قاراپ ۋۇجۇدىدىن ئاققان قان-تەرىدىن ھاياتلىق بىغىدا ئەلۋەك –ئەلۋەك نىئمەتلەرنى ئۆزىدىن ھالقىپ ئەلگە سۇنۇپ كىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز تالاي. ئەمما سىز ھاياتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرسىڭىز يۇقارقى ياش دوستىمىزدەك قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى قىسقا مۇساپىدە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن،ئەگەر سىز ھاياتىڭىزنى ھەقىقي قوغداش بىلەن كاپالەتلەندۇرۇش ئاساسىدا يىقىندىلا ئۈندىداردا مۇسىبەت خەۋىرى بىرلگەن خەمىت ھىمىت مۇئەللىم،ئابدۇكىرىم نەسىردىن مۇئەللىمگە ئوخشاش ھاياتلىقىڭىزنى ئىجاد سەپىرى دەپ قارسىڭىز ئارزۇ-ئارمانلار مەنزىلىڭىز كۆز يەتكۈسىز ئۇزاق ۋە بىپايان.
    ۋادەرىخا،ھاياتىنى قەدىرلەۋاتقانلارمۇ،قەدىرلىيەلمەيۋاتقانلارمۇ ئارىمىزدىن بىر -بىرلەپ خوشلىشىۋاتىدۇ،ئەمما ھاياتلىق يەنىلا ئۆز رىتىمىنى داۋام ئەتمەكتە، پەرھاتجانغا ئوخشاش يۇرۇقلۇققا،نىجاتلىققا تەشنا تالاي قەلىبلەر ئۈزۈكسىز ئۆز ھەلەكچىلىكىدە... يازمامنىڭ تۈگەللىمىسى شۇكى : ھاياتلىقتىن ھۇزۇرلىنىش ۋە قىممىتىنى ئۇزارتىش ئۆز ھاياتىڭىزغا مەسئۇلىيەت بىلەن قاراشتىن روياپلىنىدىغانلىقى ھەردەم يادىڭىزدىن چىقمىسۇن!

31-ئوغلاق،كىچە
(ئاپتۇر:يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ھاياتنىڭ قىممىت

4

تېما

1

دوست

3165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 204
تۆھپە : 847
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 13:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رەھمەت! ئارتۇچ ئىنىم! بۇ يېڭى يېلنىڭ تۇنجى كۈنى ئوقۇغان ئەڭ تېتىملىق ئەسەر بوپتۇ!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

1298

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 13:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىل ھارپىسىدا ماڭا ئارتۇچ مۇئەللىم بىلەن ئۈندىداردا تونۇشۇش، ئاتۇش،قەشقەر ئەدىبلىرى ئۆتكۈزگەن   بىر نەچچە قېتىمىلىق ئىلىم چېيى،ئەنجۈمەنلەرگە قاتنىشىپ،ئۇلار بىلەن تونۇشۇش ،ئۇلاردىن ئىلىم ئېلىش نىسىپ بولدى،بۇنى 2014-يىلىدىكى شۇنداقلا ھاياتىمدىكى چوڭ بىر ئىش،ياخشى  باشلىنىش  دېيىشكە بولىدۇ.2015-يىلىم خەيرىلىك،ياخشى باشلاندى،يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدە باغداشنىڭ ھۆرمەتلىك مەسئۇللىرىغا، باغداشتىكى ئەزىزلەرگە ۋە ۋەتەن ئىچى،سىرتىدىكى بارىلىق قېرىنداشلىرىمغا يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن!ئاسايىشلىق،خاتىرىجەملىك،بەرىكەت ھەممىمىزگە يار بولغاي!

0

تېما

0

دوست

4220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1340
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 17:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ   يىڭى   يىل   ھەمىمىزگە    خەيىرلىك    بولغۇسى   .

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31006
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 18:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى يىلدا ھەممىڭلارغا خاتىرجەملىك يار بولسۇن.

0

تېما

1

دوست

2228

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 21:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپدىشىمنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

1

تېما

2

دوست

2271

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 01:34:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قىسقا ئەممە تېتىملىق يازما بوپتۇ . ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە مەسئۇليەتنى تونۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئادەمدىن نۇرغۇن نەرسە تەلەپ قىلىدىكەن .

52

تېما

12

دوست

6314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1293
تۆھپە : 1046
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 15:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدا ھەممىڭلارغا يېڭى تىلەكلەر يار بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )