قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2469|ئىنكاس: 22

دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ خوتەندىكى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 20:35:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 18:28  

دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمنىڭ خوتەندىكى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر


ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى    كوللىكتىپ ئەقىدە   ئەخلاق سودىسى   مەدەنىيەت سودىسى    مەدەنىيەت كاپىتالى     چوڭ ئويلاش   ئۈنۈملۈك تەپەككۇر   تەۋسىيەلىك كىتابلار

_57A0664.JPG


ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرىستېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفىسسورى، تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خوتەنگە كېلىپ بىر كۈنلۈك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.  يېغىنغا يەنە تەكلىپلىك مېھمانلاردىن خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىقنىڭ دوتسىنتى، ئوقۇتۇش نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاتاقلىق ئەدىب، تونۇلغان شائىر مۇختار سۈپۈرگى ئەپەندىم(زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە)، ساخاۋەتلىك كارخانىچى، ئىنساپ كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتوىتى ھاجىم(زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ سول تەرىپىدە)، خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى دوتسىنتى، خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى گۈلنار مەتنىياز خانىم، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئادۋۇكاتى، شىنجاڭدىكى ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئەدىبنىڭ بىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى ئالتۇنگۈل رەجەپ خانىم قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.





-سائەت 8:30  دا باشلىنىدۇ دېگەن، ئەجەپ تېخىچە كەلمەيدىغۇ؟
15 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە جايلاشقان يېغىن زالىدا ئولتۇرۇپ، تەقەززالىق ئىچىدە توختىماي كىرىش ئېغىزى ۋە سەھنە تەرەپكە بويۇن سوزۇپ قاراۋاتقان ئىشتىراكچىلار خۇددى ئىگىز تاغدىكى ئۇۋا ئىچىدە تۇرۇپ ئوۋغا كەتكەن شۇڭقارنى ساقلاۋاتقان باچكىلارنىڭ چۇرقىراشلىرىنى ئەسكە سالاتتى. يېغىن زالىغا كىرگۈچىلەرنىڭ ئايىغىنىڭ تېخىچە ئۈزۈلمەيۋاتانلىقىغا قاراپ كىشىلەرنىڭ بۇ ئەزىز مېھمان ئۈچۈن نەقەدەر ئىنتىزار بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
مانا بىز كۈتكەن ئەزىز مېھمان بالدۇرمۇ ئەمەس، كېيىمۇ ئەمەس، دەل ۋاقتىدا كىرىش ئېغىزىدا پەيدا بولدى. زۇلپىقار مۇئەللىم شۇنچە سالاپەت، تەمكىنلىك ئىچىدە رەتلىك ھەم  پۇزۇر كىيىنىۋالغان بولۇپ،  ھەممىدىن ئۆزگىچە تۇرقىدىن بىر قاراپلا مۆتىۋەر ئەربابلاردىن ئىكەنلىكىنى بايقىۋالغىلى بولاتتى.
_57A0330.JPG
«خوتەن ئەزەلدىن يەرلىك دانىشمەن، ئىلىم ئەھلى ۋە ئاتاقلىق تىۋىپلار كۆپ چىقىدىغان يۇرت، شۇنداقلا تۆۋەندە ئولتۇرغانلارنىڭ تەۋەلىك قاتلىمىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار، ياشلار، خىزمەتچىلار، سودىگەرلەر ۋە باشقا ھەرخىل جامائەت كىشىلىرى ئولتۇرۇپتۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسان دېگەن خاتالاشقۇچى، ئەگەر سۆزلەش جەريانىدا دىتىڭلارغا ياقمايدىغان ياكى خاتا گەپلەرنى دەپ سالسام ئەپۇ قىلغايسىلەر...»ئادەم بىلىدىغىنى قانچە كۆپەيگەنسىرى شۇنچە كەمتەرلىشىدۇ دېسە، ئانچە ئىتىبار قىلماپتىكەنمەن. زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ شۇنچە بىلىملىك ئىقتىدار تۇرۇپمۇ يەنىلا شۇنچە كىچىك پىئىل، كەمتەرلىكىگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم.
_57A0471.JPG
ئارقىدىن  زۇلپىقار مۇئەللىم چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بولۇپ «ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نېمە دەيدۇ»، «ئۈنۈملۈك تەپەككۇر ۋە ئىگىلىك تىكلەش» دېگەن تىمىدا نوتۇق سۆزلىدى. زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ نوتۇق سۆزلەش مىتودى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىقتىساد جەمئىيەشۇناسلىقىنىڭ قايسى سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقى ئېيتىش ئارقىلىق، بۇ پەننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە تەتقىقات دائىرىسىنى ناھايىتى ئوبرازلىق بايان قىلىپ ھەممە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يەنە ئۈنۈملۈك تەپەككۇرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى رولى ھەققىدىمۇ ناھايىتى قالتىس مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى نۇرغۇن يېڭىچە پىكىرگە ئېرىشتۈردى. نوتۇق سۆزلەش جەريانىدا بىز ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئەمەلىي مىساللارنى ئېلىپ  ناھايىتى جايىدا تەدبىقلاپ بەردى.
مېنىڭ زۇلپىقار مۇئەللىم سۆزلىگەن بارلىق مەزمۇنلارنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلنە ئورتاقلىشىش نىيىتىم بولسىمۇ، ئەمما تولۇق خاتىرە قالدۇرۇپ بولالمىغانلىقىم سەۋەپتىن ۋە ئىخچام بولۇشىنى كۆزلەپ تۆۋەندە نوتۇق جەريانىدا  ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان سۆزلەردىن خاتىرەمگە يېزىۋالغانلىرىنى شۇ پېتىلا ئالدىڭلارغا تىزىمەن:
1. بازاردا ئەخلاق ۋە كوللىكتىپ ئەقىدىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.
2. سودا قىلىۋاتقانلار مەھسۇلات سودىسىلا ئەمەس، يەنە مەدەنىيەت سودىسى، ئەخلاق سودىسى قىلىدۇ.
3. مەدەنىيەت-بازاردىكى كۆرۈنمەس زەنجىر.
4. مەدەنىيەت پاسىلى ھەققىدە ئويلىنىڭ.
5. خام-خىيال سودىسىنىڭ رايونىمىزدىكى تىپىك مىسالى-ھەرەمباغ.  كوللىكتىپنىڭ خام-خىيالىدىكى، تەسەۋۋۇرىدىكى ئىنتىلىشىنى بىلىشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
6. ئادەتتىكى كارخانا مەھسۇلات يارىتىدۇ؛ ئوتتۇراھال كارخانا ماركا يارىتىدۇ؛ مۇنەۋۋەر كارخانا ئۆلچەم يارىتىدۇ.
7. بازارنىڭ پەرزى ۋە تەبۇسى بولىدۇ.
8. سودىدا رىشتىدىن، كوللىكتىپ رىشتىدىن پايدىلىنىش-رىشتە سودىسى دېيىلىدۇ.
9. ئۇيغۇر كارخانىچى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ باي (مۇسابايوف، ماخسۇت مۇھىتى ۋە تاشاخۇنۇم) نىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ چىقىشى كېرەك.
10. شىركەت خوجايىنلىرى مەھسۇلاتقىلا مەبلەغ سېلىپلا قالماستىن ئىناۋەتكىمۇ مەبلەغ سېلىپ، ئىناۋەت سودىسى قىلىشى كېرەك. (بۇ ھەقتە SONY شىركىتىنىڭ تارىخىنى ئوقۇڭ)
11. كىتاپنى تاشلىۋەتكەن مىللەتنى كىلەچەك تاشلىۋېتىدۇ.
12. ئەڭ ياخشى سودا ئەمەلىيەتتە ئەخلاق سودىسىدۇر.
13. «باي-پۇلدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق گاداي» دېگەندىكىگە ئوخشاش بايلاردىن بولماڭ.
14. بازاردا ئۇتۇق قازىنىشتىكى تۆت زۆرۈر ئىش: (1) ئاۋامنىڭ قىممەت قارىشىغا، مىزانىغا رىئايە قىلىش. (2) ھەرقانداق ئىقتىسادنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە تۈزۈلمىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش. (3) تۇيغۇ ۋە مەناغا ئاساسەن، رىشتە مىخانىزىمى ئورنىتىش. (4) كىشىلەرنىڭ نېمىنى مەنىلىك ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىش.
15. ھەقىقىي ياخشى مائارىپ تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ئۆگىتىدۇ: ياخشى ئادەت، ياخشى پوزىتسىيە، ياخشى پاكىت.
16. تەۋسىيەلىك كىتابلار: «تەپەككۇر» ژورنىلى، «باي دادام، نامرات دادام»، «تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى»، «تەپەككۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش»، «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ»، «ئۈنۈمدار ئادەملەرنىڭ يەتتە ئادىتى» ، «شىركەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى»، «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز»، «قەلب خەرىتىسى».
17. پۇللا كاپىتال بولمايدۇ، يەنە مەدەنىيەت كاپىتالى بىلەن تونۇشۇڭ.
18. سودا باشلىغاندا بىلىشقا تىگىشلىك بەش تەرتىپ: (1) سودا ئوبىكتىنى مۇقىمداش. (2) دەسمايىنى جۇغلاش. (3) ئاددىي ئىشلاردىن باشلاش. (4) پاكىتنى ئاساس قىلىش. (5) «مەن ماس كېلەمدىم؟» دەپ ئۆزىدىن سوراش.
19. ھاياتنىڭ مەنىسى-مەنا ئىزدىگۈچىلەرنىڭ مەنا ئىزدىشىگە ياردەم بېرىش.
20. ھەربىر قەدىمىڭىزگە قىممەت قوشۇڭ.
21. «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مىتودلىرى» ناملىك كىتابىم بازارغا چىققاندا سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
22. بىز ھەربىر دەقىقىدە بىر نەرسىدە خاتالاشقۇچى.
23. مېنىڭ چوڭ مەخپىيەتلىكىم، مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلمايمەن: تېلېۋىزور، ئۈندىدار، گېزىت ئوقۇمايمەن. ئۇلار قەلبكە تاجاۋۇز قىلىدۇ.
24. قاراڭغۇنى تىللاۋەرگۈچە، بىر تال بولسىمۇ شام ياققان ياخشى.
25. جەمئىيەتشۇناس-جەمئىيەتنىڭ دوختۇرى.
26. چۈشكۈنلۈك-زۇكام. چۈشكۈنلۈكمۇ يۇقىدۇ.
27. ھەممە ئادەمگە ياخشى بولىمەن دېگەن ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس.
28. «مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى»
29. مەن مەڭگۈ پەرقلىق ئويلايدىغان ئەبلەخلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. -سىتىۋ جابىس
30. جەمئىيەتنى ئۈچ پۇتلۇق داڭقان دېسەك، ئۇنىڭ ئۈچ پۇتى: سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت.
31. ئاتام ئېيتقان بايىتى گەپلەر، مىش-مىش گەپلەردىن يىراق تۇرۇڭلار.
32. بىر كارخانىچى ئون يىل بېسىپ كىتاب ئوقۇسا، كېلەچەك ئۇنىڭ بولىدۇ.  -مايۈن
33. بۈيۈك ئادەملەر-ئوينىڭ، تەپەككۇرنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىگە ئىشىنىدىغان ئادەملەر.   -ئىمىرسون
34. دەل جايىدا بىر سوئال قويۇش جاۋاپنىڭ يېرىمىنى تاپقانغا باراۋەر.
35. ئۈنۈملۈك تەپەككۇردىكى بەش خۇرۇچ: (1) تەپەككۇرنىڭ باش ئېقىنىنى چوڭقۇر يەردىن باشلاڭ. ئاددىي نەرسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن باشلاڭ. (2) خاتالىقلىرىمىز-كومپاس. (ھەقىقىي ئەخمەقلىق-ئوخشاش بىر خاتالىقنى قىلىۋېرىپ ئوخشىمايدىغان نەتىجە كۈتۈشتۇر. -ئېينىشتىيىن)   (3) ھەركىم ئۆز ئەقلىنىڭ سوقراتى بولسۇن. سوئال تېپىش، جاۋاپ تېپىشتىنمۇ مۇھىمدۇر. خاتا سوئال ئۈستىدە ئويلىنىش ئۆمۈرنى ئىسراپ قىلغانلىق. توغرا سوئال بۇرۇن چېتىلمىغان نەرسىلەرنى بىر يەرگە چاتىدۇ. (4) ئالدىغا بىر قاراش، كەينىگە بىر قاراش. (5) يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تەييار تۇرۇش. ئۆزۈم ئەڭ قالتىس دەپ ئۆزىنى ئۆزگەرتمەسلىك پىسخىلوگىيىلىك كېسەللىك.
36. رىئاللىقىمىز-تەپەككۇرىمىز، ئويىمىزنىڭ مەھسۇلى.
37. ئۈنۈملۈك تەپەككۇرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ئويلاشنى بىلىش كېرەك. چوڭ ئويلاش ئۈچۈن: (1) ئۆزىڭىز ئىجابىي گەپلەرنى ئىشلىتىڭ. (2) ئەتراپىڭىزدىكى باشقىلارغىمۇ ئىجابىي گەپلەرنى ئىشلىتىڭ. (3) باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭ، قىلغان ئىشلىرىنى ئىجابىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. (4) نېمىنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئەمەس، نېمىنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۈچەڭ.
38. ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشقا، ئۆزىڭىزگە، مەھسۇلاتىڭىزغا قىممەت قېتىڭ.
39. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى مۇھىم دەپ قاراڭ.
40. مائارىپ-مەڭگۈ سىياسىينىڭ شىكارى. مائارىپ-مەڭگۈ سىياسىينىڭ تەجرىبە ئېتىزى.
41. توختىماي كىتاب ئوقۇش ھاياتنى ئۇزارتقانلىق.
42. بىز تەبىئەتتىن قانچە يىراقلاشقانسىرى، ئىنسانىي سۈپىتىمىزنى شۇنچە يوقىتىمىز.
43. ئۇنىڭ گۇناھىدا سېنىڭ گۇناھىڭ ئەكىس ئېتىدۇ.  -رۇمى
44. ۋىجداننى يېگىلى بولمايدۇ، ئەمما ۋىجدانسىز ئادەم ھەممە نەرسىنى يەۋېتىدۇ.
45. ۋاقت باشقۇرۇش ھەققىدە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2014-يىلى 5-سانىدىكى زۇلپىقار مۇئەلللىمنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ بېقىڭ.


زۇلپىقار مۇئەللىمىدىن كېيىن ئاتاقلىق شائىر مۇختار سۈپۈرگى مۇئەللىم جەمئىيەتتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ تارىختا كىتابنى، ئوقۇشنى، مائارىپنى تاشلىۋەتكەنلىك تۈپەيلىدىن جاھالەتتە قالغان ۋاقىتلىرىنى ئەسكە سېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق مائارىپتا باش كۆتۈرۈپ چىققاندىلا، مەكتەپتە كۆپلەپ ئوقۇغاندىلا ئاندىن بىر مىللەتنىڭ شان-شۆھرىتىنى قايتىدىن تىكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىدى ۋە ئۆزى يازغان تۆۋەندىكى«ئوقۇغىن» ناملىق شىئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بەردى:
_57A0499.JPG


ئوقىغىن
مۇختار سۈپۈرگى

تەقدىرىڭگە جەڭ ئوقى ئاتاي دېسەڭ ئوقىغىن،
كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچاي دېسەڭ ئوقىغىن.
ئەل-ۋەتەنگە تۆھپە-تەر قاتاي دېسەڭ ئوقىغىن،
نىسىۋەڭنى ئىلكىڭگە ئالاي دېسەڭ ئوقىغىن،
بۇ دۇنيادا ئىنساندەك ياشاي دېسەڭ ئوقىغىن.



«ساۋاتسىزلىق شەرەپ ئىش» دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئەل غېمىنى يالغاندىن يېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
تىرىكتاپقا ئاش بەرگەن لىگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
نادانلارنى ئىشەك قىپ مىنگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئادىمىيلىك قەدرىنى تاپاي دېسەڭ ئوقىغىن.



ئەجدادىمىز ياراتقان قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
چىققان بىزدە روياپقا ئالەمشۇمۇل مۆجىزە،
نەسلى ئىدۇق ئەشۇنداق زېرەكلەرنىڭ ئەسلىدە،
بىز جاھانغا تۇنۇلغان ئىلىم بىلەن دەرۋەقە،
كەلگۈسۈڭنى ئەجدادقا چاتاي دېسەڭ ئوقىغىن.



كۈلپىتىڭدىن ۋايسايسەن، «نە ئۈچۈن» دەپ باقمايسەن،
قاراڭغۇ دىل خانەڭگە ئىلىم نۇرى ياقمايسەن،
ئۆزگىلەرگە ئۆزۈڭدىن خۇشپۇراقلار چاچمايسەن،
تۇرۇپ بىر دىل، بىر تىللىق، بىر كوچىغا پاتمايسەن،
خىسلىتىڭدىن نۇر-زىيا چاچاي دېسەڭ ئوقىغىن.



نىجاتلىقنى ئىلىمگە باغلىغانلار باياشات،
ئۇچتى، ئايغا، مارىسقا، قاقتى ئەركىن پەر-قانات،
ئەمما سېنى يالمىدى ۋاقتى ئۆتكەن خۇراپات،
ھەل بولمىدى تىلىكىڭ قىلىپ شۇنچە مۇناجات،
چىن ھىدايەت يولىدا ماڭاي دېسەڭ ئوقىغىن.



مەكتەپ دېسە داجىيسەن، قىيامەتتىن قاچقاندەك،
گويا ساڭا زاۋاللىق ئاغزىنى چوڭ ئاچقاندەك،
قېنى روھىڭ، جۈرئىتىڭ، ئەجداد بەرگەن قاپلاندەك،
يېتىپ كەتتىڭ نادانلىق بۆشىكىدە مېھماندەك،
قورغىنىنى غەپلەتنىڭ، چاقاي دېسەڭ ئوقىغىن.



بۇ دۇنيادا تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنيا دەپ ياشايسەن،
بىساتىڭنى، بالاڭنى كىملەرگىدۇ ئاتايسەن،
ماڭىسەنۇ-ماڭىسەن، لېكىن قىردىن ئاشمايسەن،
مۇشۇ ھالىڭ تۇرقۇڭدىن سەن كىملەرگە يارايسەن،
ياراتقۇچى ئىگەمگە ياراي دېسەڭ ئوقىغىن.



يارالغاندا لاي-خاكى ئەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق ئىرا-ئۆتمۈشتە نەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
بېقىپ كەلدى يەرشارى، يەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق بولسا ئىلىمدىن قەلبى كىردۇر ئىنساننىڭ،
يىلتىزىڭنى-ئەسلىڭنى تاپاي دېسەڭ ئوقىغىن.



يىراق قىلما دىلىڭنى ئىلىم نۇرى-خىسلەتتىن،
ئالغىن ساۋاق قېرىنداش، تالاي ئاچچىق ئىبرەتتىن،
كىم قۇتقۇزار سېنى بۇ ئۆزۈڭ تاپقان كۈلپەتتىن،
يارىلىشىڭ قىسمەتتىن، يارالمىشىڭ ھېكمەتتىن،
دەرياسىدا ھېكمەتنىڭ ئاقاي دېسەڭ ئوقىغىن.





ئارقىدىن ئالتۇنگۈل رەجەپ خانىم سۆز قىلىپ « دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش خوتەنگە كېلىپ، بىز خوتەنلىكلەرنىڭ قەلبىنى قايتىدىن يېڭىچە ئىلھام، ئېنىرگىيەلەر بىلەن زەرەتلىدى. بىز ئەسلى 100 ۋاتلىك لامپا بولساق، بۈگۈنكى لېكسىيەدە تېخىمۇ زەرەتلىنىپ 200 ۋاتلىق لامپىدەك يورۇيدىغان بولدۇق. ھەم بۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىمۇ نۇرلۇق يۇرۇيمىز...» دېدى. ئاندىن خوتەنلىك بايلارغا ۋە جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ ھۇرۇنلۇقىغا ئائىت تەبىيىۋىي پەند-نەسىھەت، يۇمۇر سۆزلەپ، ھەممە كىشىنى ھاياجانغا سالدى. ئەڭ ئاخىرىدا مۇختەر بۇغرانىڭ«چىرايلىق ياخشىلىق» ناملىق شىئىرىنى يادىسىغا دىكلىماتسىيە قىلىپ بەردى.
_57A0547.JPG


لېكسىيە ئاخىرىدا زۇلپىقار مۇئەللىم تۆۋەندىكى سوئال سورىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرىغا نەخ مەيداندا جاۋاپ بەردى، ئەمما سوئاللار بەك كۆپ بولغاچقا ھەم ۋاقت قىس بولغاچقا تاللاپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى. لېكسىيە تاكى كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنگە قەدەر داۋام قىلدى.
_57A0607.JPG

_57A0567.JPG
رەسىمدە تونۇلغان ياش خەتتات دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمگە ئۆزى يازغان نەپىس ھۆسىنخەتنى ئىكرام قىلماقتا. خۇشخەتنىڭ مەزمۇنى«سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس»





خاتىرە قالدۇرغانلىق خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقانلىق بولۇپ، ئاسان ئەستىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەمما خاتىرە قالدۇرمىسا، خۇددى قۇمغا خەت يازغاندەك بىردەمدىلا يوقاپ كېتىدۇ. گەرچە قىسقىلا خاتىرە قالدۇۋالغان بولساممۇ، يەنە نۇرغۇن ئېسل گەپلەرنى يېزىۋېلىشقا پۇرسەت بولمىغاچقا، پەقەت شۇنداق ياخشى گەپلەر بولۇنغانلىقى، قاتتىن ھاياجانغا تولغانلىقىم ئېسىمدە ئەمما كونكېرت ئەسلەپ چىقاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاز بولسىمۇ دەپتىرىمگە يېزىۋالغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇندۇم. ئەسلى نوتۇق ناھايىتى سىستېمىلىق، ئىلمىي سۆزلەنگەن بولۇپ، پەقەت كەمىنە تەنتەكلىك قىلىپ ئۇدۇل كەلگەن قىسىملىرىنى تاققۇ-تۇققۇ يېزىۋالغاچقا تەرتىپسىز چىقىپ قالدى. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. خاتا يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر.

1

تېما

0

دوست

402

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32404
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 23:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تاققا-تۇققا يېزىۋالغاچقا قانداق ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمىدۇق. ئۈنگە ئېلىنغان بولسا، تولۇق تېكىستىدىن خەۋەر تاپساق...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 00:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بولماڭ بۇ مىنىڭ يوللاشتىكى خاتالىقىم ،ئ‍ ۆيدىن تورنى ئ‍ىلىۋەتكەن ،ئ‍ ىشخانىنىڭ تورى بۇزۇلۇپ قىلىپ تورخانىدا يوللىغان ئ‍ىدىم ،ئ‍ ەتىلەتىدىن تەھرىر  ھالىتىدە كىرىپ رەسىملەرنىمۇ چىقىرىپ رەتلەپ قويوشقا تىرىشىپ باقاي ،ئ‍ ەمما ئ‍ا ۋازلىق ياكى سۈرەتلىك نۇسخىسىنى ئ‍ورونلاشتۇرغان شىركەتتىكىلەر بەرمەيدىكەن

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 20:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما  رەتلىنىپ بولدى …

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 21:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما  رەتلىنىپ بولدى …

0

تېما

0

دوست

568

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32740
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 22:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


پىشانەمگە پوتۇلگەن دىگەنلەگە مىڭ لەنەت
ھايۋانلارغا ئۆخشاشلام باش ئەگكەنگە مىڭ لەنەت
ئىلىم-پەننى جىلېت دەپ توسقانلارغا مىڭ لەنەت
ساللا-سولى قېلىپلام بوي سۇنغانغا مىڭ لەنەت

نادانلىقنى شەرەپ دەپ يۇرگەنلەگە مىڭ لەنەت
قىز بالنى ئوقۇتما دىگەنلەرگە مىڭ لەنەت
جاھالەتكە يول ئاچقان ئەخمەقلەرگە مىڭ لەنەت
شوكۇر قېلساق بولدىلا دىگەنلەرگە مىڭ لەنەت







1

تېما

0

دوست

402

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32404
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 22:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ يوللىغىنىڭىزنى كۆرۈپ خوش بولدۇم. شىركەتتىكىلەر ئىنساپ قىلىپ تولۇق نۇسخىنى بەرگەن بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر نەپ ئالاتتى. ھېچ بولمىسا ئىنساپ كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى تۇرسۇنتوختىھاجىم راۋان شىركىتىنىڭ تورغا تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ بولسىمۇ تارقىتىۋەتكەن بولسا، قالتىس ئىش بولاركەنتۇق. شىركەت بەلكىم سىدىنى ئىشلەپ ساتماقچى بولغاندۇ...بوپتۇ، ئۇلارمۇ پۇل تاپسۇن!

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 23:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى مەردان مەتقاسىم تەييارلىغان ،مەن ئۇ ئىنىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاپ قويدۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )