قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 718|ئىنكاس: 4

تىلشۇناسلارغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 01:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 00:46  

تىلشۇناسلارغا

تارىم سەرگارى

(ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يوللانمىسى)

1972- يىلى بىرىنىچى قېتىم ئالمۇتىغا بېرىپ، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىرىل ئېلىپبەسىگە ئاساسلانغان يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىلىدا رۇسچە ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورۇنىنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر تىلىنى گادايلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى، سوۋېتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ رۇس تىلىنى ئۇيغۇر تىلىدىن جىق باي تىل دەپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رۇس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن باي گۈزەل، نەپىس تىل ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ قويۇش نىيتىدە سوۋېت تىلشۇناسلىرىغا ئاتاپ ئۇشبۇ شېئىرنى يازغان ئىدىم. ئامما ئۇ چاغدا سوۋېتتە ئۇيغۇر يېزىقلىق مەتبۇئاتلار يوق ئىدى. ھەممىسى كىرىل (رۇس) يېزىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق شېئىرلارنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ شېئىرىم يۈتۈپ كەتمەي ۋاقىتنىڭ شەپقەتسىز كۈلپەتلىرى ئىچىدە مەن بىلەن تەڭ ساغىرىپ كەتكەن قەغەزلىرىمدە ساقلىنىپ قاپتىكەن. قارىسام ھازىرمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىمنىڭ ئوقۇشىغا سۇندۇم.



(سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ۋە يېزىقىغا)


ئىككى توك-توك خۇشامەتتە،
ئالغان سۆزنى مىللەت ئالماس.
مەيلى سەن باس مەتبۇئاتتا،
يات تىل ئۇيغۇر تىلى بولماس!


پەرمان بىلەن كۆرسەتمىنى،
”ئوكاز“1 دەيسەن ئايرىيالمايسەن.
ئەپلەشتۈرۈپ بۇراپ تىلنى،
ۋىلايەتنى ”ئوبلۇس“2 دەيسەن.


ئەجداد يېزىقى ئۇيغۇر خېتىنى،
”ئەرەب يېزىقى“ دەپ ئاتايسەن.
ساڭا تاڭغان ئورۇس خىتىنى،
”ئۇيغۇر يېزىقى“ دەپ ماختايسەن.


نامزات سۆزىنى ئەستىن چىقىرىپ،
”مەن كاندىدات“ دەپ ماختىنىسەن.
ئۇيغۇر تىلىنى سەتلەشتۈرۈپ،
”لىنگىۋىست“3 دەپ داۋا قىلىسەن.


ئۇستىلارنى ”ماستېر“4 دەيسەن،
دارىلفۇننى ”ئۇنىۋېرسىتېت“.
دۇنيا سۆزىنى ”دۇنيا“ يازىسەن.
ئېيتقىن بۇمۇ ئۇيغۇرچە خەت؟


تىلسىز مىللەت مىللەت بولماس،
ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلى بار.
مىللەتتە ھەرگىز بىرلىك تاپماس،
خەت بىرلىكى بولمىسا گەر.


گەر “تىلشۇناس“ سەن ئاتالساڭ،
دېمەك تىلغا سەن جاۋاپكار.
تىل - يېزىق بىرلىكى تاپساڭ،
مىللەت ياشنار، زەپەر قۇچار!


ھەر بىر سۆزنى خەلىقتىن ئال،
ئەجداد تىلىنى سەن ئۇنۇتما،
قويما تىلدا ئەخلەت بىر تال،
شۇندا كۆكلەر ئانا تىلدا بال!


ئىلى، ئاقسۇ، قۇمۇل، خوتەن،
قەشقەر ئۇيغۇر ماكانىدۇر.
مىللىتىڭنى ئەگەر سۆيسەڭ،
ئانا تىلىڭ ئ‍ۇ بىر كانىدۇر.


تىلشۇناسلىق داۋاسىنى،
قىلمىدىم مەن بۇ قۇرلاردا.
ئىزدەپ تاپقىن خاتاسىنى،
خالى ئەمەس بۇ مىسرادا.


لېكىن يازما شېئىرىيەتنى،
“پوئىزىيە“5 دەپ سەن ماڭا.
شىئېرىيەت دېگەن سۆزنى،
”پوئېتىك“6 دەپ داۋا قىلما.


”ئىدىيىسى“ بۇزۇقكەن دەپ،
قەغەز بۇلغاپ ماقال يازما.
مەپكۇرەمنى تۈزەپ قويساڭ،
رەھمەت دەيمەن، تازىم ساڭا.


”رېۋوليۇتسىيە“7 گە قارشىكەن دەپ،
مىنى تەنقىد قىلما ھەرگىز.
بۇ ئېيتقىنىڭ نېمە دېگەن گەپ؟
ئورۇسچىغا مەن بەك ئاجىز.


ئىنقىلاپقا بىز قارشى ئەمەس،
ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدا بولسا.
ئۇرۇس تىلىغا دەيمىز بىز بەس،
ئۇيغۇر تىلىنى ئاقسا قىلسا.


ئىسىڭدە تۇت سەن تىلشۇناس،
ئۇيغۇر تىلى چەكسىز باي تىل،
ئورۇسچىدىن غېرىچ قالماس،
ئۆز تىلىڭنى مۇكەممەل بىل!!!



1972- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى

ئالمۇتا – دونېتسك – موسكۋا.


(شېئىرنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەھرىرلىدى ۋە نەشىرگە تەييارلىدى)



——————————————————————————


ئىزاھاتلار:


1. ئوكاز - ياكى ئۇيغۇرچە ئۆزگۈرۈپ قوبۇل قىلىنغان شەكلى «زاكاز» بۇ روسچە سۆز بولۇپ، «بۇيرۇتۇش، بىر ئىش ياكى نەرسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئالدىدىن كېلىشمە، ئىش بۇيرۇتمىسى» دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.
2. ئوبلۇس - (روسچە سۆز) - ئۇيغۇرچە «ئوبلاست» دەپ قوبۇل قىلىنغان.
3. لىنگىۋىست - ئېنگىلىزچە سۆز. رۇسچىغا قوبۇل قىلىنغان. مەنىسى-  تىلشۇناس.
4. ماستېر - ئېنگىلىزچە سۆز، مەنىسى «ئۇستاز، ئىش ماھىرى».
5. پوئىزىيە - ئېنگىلىزچە ياكى فىرانسۇسچە سۆز. مەنىسى - شېئىر.
6. پوئېتىك - ئېنگىلىزچە ياكى فىرانسۇسچە سۆز. مەنىسى - شىئېرىيەت.
7. رېۋوليۇتسىيە - فىرانسۇسچە سۆز، رۇسچىغا كىرگەن. مەنىسى - ئىنقىلاب.



1

تېما

2

دوست

5259

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1438
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 16:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1972-يىلى ئالمۇتىغا بارغان دېگەنگە قارىغاندا تېما ئىگىسى بىر پېشقەدەم ئوخشايدۇ. 43 يىل بوپتۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 22:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بۇرۇنقى شىئېركەن.  مەن يوق چاغلاركەن
قوش تىل ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ بېيىتىپ مېڭىۋاتىدۇ ھازىر

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 23:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك شېئىر!

0

تېما

1

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32867
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 01:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائىرىمىزغا ئالىي سالام!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )