قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 4

مۇز كوچا 3 (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 11:01:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز كوچا

(ھېكايە)

مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم(بەگ ئالىپ )

ئاخىرقى قىسىمى




    مېنى خۇدا ئۇرغانمۇ ، قۇۋۇرغامدىن ئىككىسى، ۋە سول پۇتۇم بىراقلا سۇنغان ئىدى...ھەپتە ئىچىدە قانچە قېتىم ھوشۇمغا قانچە قېتىم ھۇشۇمدىن كەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.پەقەت چۈشمدىكىدەك غۇۋا ئاڭلانغان تويدا چالىدىغان ناغرا__سۇنايلارنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ھەر چۈشلىرىمدە  ئۇزاق يىللار ئىلگىركى سىنىپنىڭ ئالدىدا«ر»نىڭ قېلىن ياغلىقىنى يېشىپ يۈزىنى ئاچقان مەنزىرە توختىماي تەكرارلىناتتى. لېكىن ئۇنىڭ يۈزىنى دائىم مەن ئەمەس  باشقا بىر ئادەم ئاچاتتى...
    كېيىن بۇ چۈشنى ئويغاق تۇرۇپمۇ كۆرۈدىغان بولدۇم... ئاشۇ قاباھەتتىن  تىرىڭڭىدە چۆچۈپ  ئېگىز سۇپا ئۈستىدىن چۈشۈپ كېتىۋەرگەچكە  ،تۇتاي دەپ قالغان سۇنۇقلار  ئورنىدىن ئاجرىدى.ئۇلار ئاخىرى ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن موللابالىنى باغلاپ قويغاندەك گەۋدەمنى سۇپىغا مەككەم تېڭىۋېتىشتى...
خېلى ۋاقتىلاردىن  كېيىن ئورنۇمدىن تۇرغۇدەك بولدۇم. جۇۋامنى كىيمەكچى بولىۋېدىم،ئۇلار ياز كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئىشەنمىدىم.
ئىلگىرى تىزىمنىڭ سەل ئاستىغا كېلىدىغان جۇۋامنى كىيىۋېدىم  پەشلىرى يەردە سۆرۈلۈپ قالدى، ئاخىرى كىچىك ۋاقتىمدا كىيگەن جۇۋامنى كىيىۋالدىم.
باغلاردا مېۋىلەر پىشىپ ،گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ كۆزۈمگە ھەممە نەرسە قىشنىڭ رەڭگىدە؛سۇغۇق ھەم كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى.دەريا بويىدىكى ، سۆسۈن رەڭلىك چېچەكلەر بىلەن تولغان بېدىلىكتە رەڭگارەڭ كېپىنەكلەر ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى، مەن ئاشۇ كېپىنەكلەر ئارىسىدىن ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدىغان سۆسۈن رەڭ كېپىنەكنى ئىزدەيتتىم..خېلى ۋاقىت ئىزدىگەن بولساممۇ ھېچ چېلىقاي دېمەيتتى.كۆز ئالدىمدا ئۇچۇشۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىز  سۆسۈن رەڭگە كىرىپ قالدى.
    -بېدىلىكتىكى سانسىزلىغان سۆسۈن رەڭ كېپىنەكلەرگە قارا ،بىز تەرەپكە ئۇچۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ - دېدىم مېنى يۆلەپ تۇرغان  ئاشپەز ئايالغا، ئاندىن پەس ئاۋازدا غۇدىراپ قويدۇم،-  بېدىلىكتىن باشقا يەردە ياز كىرمەپتۇ،ئۇلار يېنىمغا كەلسىلا قىشنىڭ سۇغۇقىدا توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
   ماڭا قاراپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان ئاشپەزگە چۈشەندۈرىشكە باشلىدىم:
- باغداد خۇجامنىڭ مازىرى تەرەپتە قېلىن قار چۈشۈپ كېتىپتۇ، دەريادا مۇز توڭلاپتۇ،دېمەك  مۇز كوچىغا  سۇ تېشىپ تېيىلغاق بولۇپ كەتتى،ئوغلاق ئەكىرىش ئۈچۈن ئاتنىڭ تاقىسىنى يەڭگۈشلەش كېرەك . ئات باقارنىڭ سەگۈ تېرەكلىرى يالىڭاچلىنىپ قاپتۇ، لېكىن سۆسۈن رەڭ كېپىنەكلەرگە تولغان ماۋۇ بېدىلىتە قەھرىتاندىن ئەسەر يوق،جەننەتنىڭ ئۆزى..
-ساراڭ بوپسەن خۇجام،- دېدى ئاشپەز ئايال  قورقۇمسىراپ قاراپ،-ھازىر دېگەن تۇمۇز ئېيى...
بىر كۈنى ئېغىلىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتسام ئۆلۈپ كەتكەن قارا تۇلپار  تېۋىشىمنى تۇنۇپ قالدىمۇ قاتتىق كىشنەپ كەتتى...لېكىن ئۇ قاراتۇلپار ئەمەس قارىقاشقا ئىدى.ئۇنىڭ قاشقىسىغا   سۆيمەكچى بولىۋېدىم بۇيۇم يەتمىگىلى تاس قالدى ...ئامباردا توپا بېسىپ ياتقان كىچىك ۋاقتىمدىكى ئانار گۈللۈك   يۇپۇقى بار كىچىك ئېگەرنى قارىقاشقىغا توقۇدۇم.بېشىمدا غەلۋىردەكلا تۇرغان تەلپىكمنى قامچىنىڭ دەستىسى بىلەن گەدىمگە سۈرۈپ قۇيۇپ، ھويلىغا قاراپ توۋلىدىم.
- ھاي!! جەدە ئېتىڭنى ئىگەرلىمەمسەن؟!
-ھويلىدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيۇۋاتقان ئاشپەز ئايالنىڭ قولىدىكى چۆگۈن يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
-ھاڭۋېقىپ تۇرغان ئاشپەز ئايالغا ۋارقىردىم:
-خۇدا ھەققى،ئات باقارنى چاقىرساڭچۇ ...ھېلى بىكار سايمەھەلىنىڭ ئەبلەخلىرى ئوغلاقنى ئېلىپ قاچىدۇ .
-توۋا خۇدايىم،-يازدا كىم ئوغلاق ئوينايدۇ، جەدە ئېتى بار ئات باقار ئۆلگىلى قانچە يىللار بولدى؟ ساڭا جىن چاپلىشىپ قاپتۇ خۇجام ،-دېدى  ئاشپەز ئايال يىغلامسىراپ....
-كاللاڭ قېرىپ كاردىن چىقىپتۇ، كۆزۈڭمۇ شۇ،قارا ئاۋۇ تاغلارغا چاتقانلار ئۈششۈپ سارغىيىپ كېتىپتۇ...تېخى ھازىر ياز دەيسەن ..
مەن ئات باقارغا ساقلىمايلا ئوغلاق مەيدانىغا يول ئالدىم ،لېكىن مەيداندا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى، ھۇرۇن گادايلار سوغۇقتىن قورقۇپ كېلىشمىگەن ئىدى.  دۆڭمەھەلىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئىشىكىگە بىر- بىرلەپ دوقۇرۇپ ئۇلارغا  ئاتلىرىنى ئېگەرلەپ ئوغلاققا ھازىر بۇلۇشنى جېكىلىدىم . لېكىن ھەممىسى ياقىللىرىنى تۇتۇشۇپ«ساراڭ بولۇپسەن»دېگىنىچە  يۈزۈمگە ئىشىك ياپتى..
بىر كۈنى ئۆيدىن نەم تارتىپ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن بىر باغاق تېپىۋالدىم. ئۇنىڭدا «ر»نىڭ ئىسمى بار ئىدى..باغاقنى يىرتىپ پارە-پارە قىلىۋەتتىم.
-ئەمدى ماڭمىسام ئۈلگۈرەلمەيمەن دېدىم ،-ئۆز- ئۆزۈمگە.
ئېگەرنىڭ تاسمىسىنى چىڭىتىپ بولالماي جىلە بۇلۇپ كەتتىم ...«ئات باقار ھايات بولسا ئاتنى ئېگەرلەپ بېرەتتى» دەپ كەتتىم . ئاندىن ئويناقلاپ تۇرغان قارىقاشقىنىڭ كونا تاقىسىنى ئېلىۋېتىپ مۇز تاقا بېكىتتىم .
-ئاتاڭغا ئوخشاشلا قانىتىم سەن ،-دېدىم قاراقاشقىنىڭ قۇمۇش قۇلاقلىرىغا پىچچىرلاپ ،- «ر»نى  ئېلىپ يىراقلارغا كېتەيلى .
قېلىن چاتقاللىق ئارىسىغا كىرىپ خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولساممۇ «ر»دەريا بويىغا چېلىكىنى كۆتۈرۈپ كېلەي دىمەيتتى.خېلى ۋاقت ساقلىغاندىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىز چېلىكىنى كۆتۈرۈپ پەيدا بولدى ،يۈرۈكۈم ئاغزىمغا تىقىلىپ بىر ھازا ھاڭۋېقىپ قالدىم. ئۇ چېلىكىگە سۇ ئۇسسۇۋېتىپ قارشى قىرغاققا قاراپ قېتىپ قالغاندەك ئولتۇردى.
تاغ باغرى تەرەپتىن چوپاننىڭ ناخشىسى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى:
يارىم چىقتى كۆل بېشىغا ،                           
چار ياغلىق سېلىپ بېشىغا.                             
چۆگۈنگى سۇ ئۇسماي  ،                              
توشقۇزۇپتۇ كۆز  يېشىغا.                              


ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن مەن  ئاتقا مىنىپ «ر» تەرەپكە ماڭدىم..ئۇ مېنى كۆرۈپلا قولىدىكى سۇ ئۇسسىۋاتقان چۈمۈچنى دەرياغا ئېقىتىۋەتتى.
دەريا سۈيى ياز پەسلىدىكىگە ئوخشاش ئۇلغىيىپ كەتكەن بۇلۇپ،مۇزمۇ توڭلىمىغان ئىدى...قارىقاشقىنى ھەر قانچە دېۋىتسەممۇ ئالدىغا ماڭاي دېمىدى، ئاخىرى قامچا بىلەن سۆڭگۈچىگە بوش ئۇرىۋېدىم ،دەرياغا چۈشتى، دەريا سۈيى ھە دېگەندىلا ئاتنى لەيلىتىپ قويۇۋاتاتتى، قىرغاققا ئەمدى چىقىپ تۇرىشىمغا باياتتىن  ماڭا قارىغىنچە ھەيكەلدەك قېتىپ قالغان «ر»چېلىكنى تاشلاپ ئۆيى تەرەپكە  يۈگۈردى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئات سالدىم، ئارلىقىمىز ئون قەدەم قالغاندا  پۇتلىشىپ يىقىلدىيۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ ياغلىقىنىمۇ ئوڭشىماي قاچتى، خۇددى ئوغلاق قوغلىغاندەك ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ قولىدىن بىرلا تارتىپ ئىگەر ئالدىغا  ئېلىۋالدىم. ئاندىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ  مۇز كوچىنىڭ ئېغىزىغا ئات سالدىم .كۆۋرىكتىن ئۆتۈپ بولۇشقا ئاز قالغاندا بىرنەچچە ئاتلىق كەينىمدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلدى. ئۆزىنى چاغلىماي           ئالدىمنى توسقان بىرىنى زەي قامچام بىلەن  ئۇرۇپ    ئېتىدىن ئۇچۇرۋەتتىم. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا  ئاتنىڭ تىزگىنىنى پۈتۈن قۇيۇۋېتىپ دەريانى بويلاپ شىمال تەرەپكە ئۇچتۇم. سانسىزلىغان ئاتلارنىڭ دۈپپۈرلىگەن ئاۋازى يېقىنلا يەردىن ئاڭلىناتتىيۇ، كەينىمگە قارىسام ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى.. شىمالغا ماڭغانسىرى دەريا ئېقىنى كېڭىيىپ يوللار پاتقاق بولۇپ كېتىۋاتاتتى . ئات  باغانسېرى ئاستىلاپ، يەلكىسىدىن قولنى كۆيدۈرىدىغان تەر چىقىپ كەتتى.
لېكىن قۇلۇقىمغا ئاتلارنىڭ دۈپپۈرلىگەن ئاۋازى يەنىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى...ئاخىرى ئات بولالماي پاتقاق ئۈستىگە يىقىلدى..ئاللىقاچان ھۇشىدىن كەتكەن «ر»نى كۆتۈرگىنىمچە ئالدىمغا داۋاملىق ماڭدىم، ئۇزاق ماڭمايلا مۈدۈرۈپ يىقىلىپ «ر»نىڭ ئۈستى باشلىرى پۈتۈنلەي لاي بولۇپ كەتتى.ئۇ ھۇشىغا كېلىپ ئاستا قىمىرلاشقا باشلىدى، ئۇنى ئېگىزرەك بىر دۈمبەلگە ئېچىقىپ بېشىنى قۇچۇقۇمغا ئالدىم . ...
ئۇنىڭ چىرايى نەچچە يىللار ئاۋالقى ئات چاپتۇرۇپ مەكتەپكە بارغان كۈندىكىگە ئوخشاش تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
- تېزراق ماڭايلى ،-دېدىم مەن ،قوغلاپ كېلىۋاتقانلار بارمۇ دېگەندەك  ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قۇيۇپ  ،-بولمىسا ئەتە سېنى يات بىر ئادەم بىلەن توي قىلىشقا زورلىشىدۇ.
-سەن قورققان ئىش ئاللىقاچان بولۇپ بولدى ..دېدى ئۇ ئەلەملىك تەبەسسۇم بىلەن..
-سېنىڭ نەپرەتلىرىڭ تېخى تۈگىمىگەچكە ماڭا يالغان ئېيتىۋاتىسەن. ماڭا ئىشەن،داداڭ بىزنى كەچۈرىدۇ...بىز بۇ يەردىن كېتىپ  خاتىرجەم ياشايمىز..
-مەن سېنى ئالدىمىدىم، سەن ئېلىپ قاچقان كۈننىڭ ئەتىسى مەن سايمەھەلىلىك بىر ئادەمگە تەگدىم..
-ھوشۇڭغا تولۇق كېلىپ بولالمىغان ئوخشايسەن ،-دېدىم، ئۇنىڭ يۈزىنى توسىۋالغان چاچلىرنى قايرىپ،-مەن كۆرگەن باغاقتا تويۇڭنى ئەتە دەپتۇ،بىز ھېلىھەم ئۈلگۈرىمىز.
-ساراڭ بولۇپسەن ،-دېدى ئۇ،-كۆرگىنىڭ ئالتە ئاي ئىلگىركى باغاق، ئۇ توي ئاللىقاچان بولۇپ بولدى.
ئۇنىغا  غەلىتە بىر سۈرەتتە ھىجايدىم:
-ئۇنداقتىمۇ مەيلى،تەڭرى سېنى مېنىڭ قوۋۇرغامدىن يارتقان،دېمەك سەن ئەسلىدىنلا ماڭا تەۋە...شۇنداق بولغاچقا مەندىن ئايرىلىپ بەكلا  جۈدەپ كېتىپسەن..
-ئىلگىرى مەنمۇ  ساڭا تەۋە ئىكەنلىكىمگە  شەكسىز ئىشىنەتتىم،-ئەمما دادام ئۆلگەندىن كېيىن گۇمانلىنىدىغان بولدۇم.بىلەمسەن ؟ ئىككىمىزنىڭ بىرمىز بۇ دۇنياغا ئارتۇق يارىلىپ قالغاچقىلا بۇ ئازاپلارنى تارتىۋاتىمىز.
-سەن مەن بىلەن كەتسەڭ بۇ ئازاپلارنى تارتىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ،بىز جەننەتتە ياشايمىز.
-مەن باشقا بىراۋنىڭ ھالال نىكاھىدىكى ئايالمەن ،سەن مېنى ئېلىپ بارماقچى بولغان  ئۇ جەننەتنىڭ ئارقىسىدا مەڭگۈلۈك دوۋزاق ئوتى بىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ..
ئارىمىزنى بىرئاز ۋاقىت جىمجىتلىق ئىگەللىدى.
-توغرا ئېيتتىڭ ،-دېدىم مەن خۇرسىنىپ،-ئۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگە كىرىش ئۈچۈن پانىينىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىرىگە چىداش كېرەك...لېكىن مەندە بۇنچىلىك تاقەت يوق.
«ر»باغانسىرى ھالسىزلىنىپ، نەپىسى تىزلىشىپ كېتىپ باراتتى.
شۇ چاغدا بىر توپ   ئاتلىق بىز تۇرغان  دۈمبەلگە چىقىپ كەلدى....
قامچامنىڭ دەستىسىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئامال بار مەزمۇت دەسسەپ تۇرۇشقا تىرىشتىم....

سوت مەيدانىدا ئۆزنى ئادۇۋكات ئاتىۋالغان بىرى ھە دەپ مېنىڭ ساراڭلىقىمنى ئىسپاتلىماقچى بۇلاتتى:
-جاۋاپكار  ۋەقە سادىر قىلغاندا نېرۋىسىدىن ئاللىقاچان  ئادىشىپ بولغان، بۇنىڭغا ئاشپەز ئايال گۇۋاھ بۇلايدۇ.ئاندىن مەندىن سوئال سورىدى:
-ھازىر قانداق پەسىللىكنى ئايرىيالمسىز..
مەن سىرتتىكى رەڭسىز كۆرۈنىدىغان گۈللەرگە قاراپ ناھايىتى سەمىمي قىياپەتتە ئادۇۋكاتقا يۈزلەندىم :
-قىش كىرىپ كەتكىلى نەچچە يىل بولدى...
-بۇ چاغدا ئۆزىنى«ر»نىڭ ئېرى دەپ ئاتىۋالغان سايمەھەلىلىك بىرى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ماڭا قولىنى شىلتىدى:
- ئايالىم بىلەن تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان ئىكەن چۇقۇم ئېتىلىشى كېرەك .
- داۋاگەرنىڭ سۆزى ئىناۋەتسىز،ئادۇۋكات سۆزلۈسۇن،- دەپ ۋارقىردى سوتچى.
-تۇرۇقىدىن ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان يەنە بىر ئادۇۋكاتنىڭ گەۋىدى سەل قىمىرلىدى؛
- داۋاگەرنىڭ ئايالنى ئېلىپ قېچىش يولىدا ئېغىر زەخمىگە ئۇچۇرغانلىقى سەۋەبىدىن تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن .شۇڭا جاۋاپكارنىڭ مەسۇلىيتى ئېغىر ...
ۋەزىيەت ماڭا پايدىسىز بولۇپ تۇرىۋاتقان پەيتتە ، ئۆزنى سەنئەت مەستانىسى دەپ قارايدىغان ئاقلىغۇچى بىر پاتمان سۆز قىلدى:
-دەۋاگەر تەرەپ جاۋاپكارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاشىقى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغاچقا،جاۋاپكار نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغان  ۋە  ئۆزنىڭ ھۇقۇقۇنى قوغداش ئاشىقىنى ئېلىپ قاچماقچى بولغان. شۇڭا ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ھۆكۈمەت سىياسەت ئارقىلىق قوللاۋاتقان ئەركىن مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى بولغان داۋاگەر تەرەپتە، ئۇلار يەنە جاۋاپكارنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرگەن ...
سوت مەيدانىدىكى كىشىلەر «مۇھاببەت»دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى.
باياتتىن بېرى ئىزچىل سالماق تۇرغان سوتچى «سىياسەتكە قارشى چىققان »دېگەن گەپ تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، قانۇن نىزاملىرىنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولدى .
- جاۋاپكار گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بېرىلسۇن!!!!

ھېلىقى سايمەھەلىك سوتچىنىڭ گېلىنى سىقتى:
-ئادالەت دېگەننى بىلمەيدىغان ئۇ قانۇنلىرىڭ قۇرۇپ كەتسۇن..قانغا قان ،جانغا جان ئالىمەن.
-مەنمۇ بوش كەلمەي ۋارقىردىم:
-سەن ئەبلەخ رىسقىمغا چاڭ سېلىپ «ر»نىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدۇڭ...مەن سېنى سوتقا ئەرز قىلىمەن .
«ر»نى مەندىن تارتىۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى «جانغا جان، قانغا قان ئالىمەن»دەپ مېنى ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە سالغىنى ئۈچۈنمۇ بىلمىدىم، ھەر خىل ئامالللار بىلەن ئۇنى تۈرمىگە قامىتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن بولدى قىلدىم.
مەزمۇنى چەكسىزلىككە ئىگە سۆز چۆچەكلەر سەۋەبىدىن يۇرتىمىزدا تۇرۇشقا مۇمكىن بولماي قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۈندە ئاتنى ئىگەرلەپ«ر»نى ئېلىپ قاچقىلى مۇز كوچا تەرەپكە ئۆتىمەن دەپ تۇرىۋالاتتىم، پەقەت ئاشپەز ئايال قولۇمنى تارتىپ ئات باقار ۋە قىزى يېتىۋاتقان مازارنى كۆرسەتكەندىلا ئاندىن پەسكۇيغا چۈشەتتىم .بۇنىڭغا چىداپ بولالمىغان دادام كۆچۈپ كېتىشنى ئوتتۇرغا قويدى. لېكىن تۆر ئۆيدىن نەچچە يىللاردىن بېرى چىقىپ باقمىغان ئانام «ئۆلسەممۇ مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن» دېگەننى شەرەت بىلەن ئۇقتۇرۇپ ئۈلگۈردى.
ئايۋاننىڭ قوش قاناتلىق ئىشىىدىن چىقىشىمىز بىلەنلا ، ئۆي ئىچىنى بىردەمدىلا ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ ،گەج بىلەن سۇۋالغان تامنىڭ ئويما نەقىشلىرى يەرگە چۈشۈپ  ، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تورۇسنىڭ ياغاچلىرى سېسىشقا باشلىدى..
دادام بىلەن ئىككىمىز ، يىراق بىر شەھەرگە كەلدۇق، مەن داۋاملىق ئالىي  مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدۇم. دادامنىڭ ھارامدىن تاپقان ئوغلىنى پۈتۈن يىل يېپىق باشقۇرىدىغان ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىۋەتتتۇق. لېكىن دادامغا قىلىدىغان ئىش يوق بولغاچقا زىرىكىپ قالدى.بىر كۈنى ئۇنىڭغا گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىۋېدىم،بىردەم شۈك بولۇپ قالدى، ئاندىن غەلىتە بىر ئاۋازدا:
-پەقەت ئاللاھلا مەغپىرەت قىلىدۇ، لېكىن ئات باقار خۇدا ئەمەس، ئۇنىڭ تۆمۈر تىرناقلىرى مېنىڭ گېلىمنى بوغۇش ئۈچۈن ئۇ دۇنيادا  ساقلاپ تۇرىدۇ،- دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن دادام پەرھات تۇرسۇننىڭ ھېكايىسىدىكى كىشىلەر مېيىپلارنى كۆرۈپ خۇشاللىق تاپىدىغان ئادەملەرگە ئوخشاش  يامان بىر روھى كېسەللىكە مۇپتىلا بولدى.  ئۇ ئاشنا ئوينايدىغان ئەر -ئاياللار بىلەن قۇيۇق باردى كەلدى قىلاتتى ، ئاشنىسى قانچە كۆپ، ۋە بۇزۇق بولسا ئۇ شۇنچە خوش بولۇپ كېتەتتى.
-قارا ،-ئوغلۇم دەيتتى دادام پەردىشەپنىمۇ قايرىپ قۇيۇپ ،-ئۇلارنىڭ گۇناھى ئالدىدا مېنىڭ قىلغانلىرىم گۇناھ ھېسابلانمايدىكەن .
دېمىسىمۇ بۇ يەردە ھېچقانداق ئەر  ئايالىنىڭ بۇلغانغالىقى ئۈچۈن ئات باقاردەك توڭلاپ ئۆلۈپ قالمايتتى.ئاياللارمۇ ئېرىگە خىيانەت قىلغانلىقى ئۈچۈن «ر»نىڭ ئانىسىغا ئوخشاش بېلىنىڭ ئاستى پالەچ بولۇپ قالمايتتى. ئاياللار ئېرى بىر ئاشنا تۇتسا، ئايالى ئۇنىڭدىمۇ ئېشىپ كېتىشكە تىرىشاتتى.ئەسلى مەن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىگەن ئىدىم. لېكىن بىر قېتىملىق  مېھماندارچىلىققا بارغاندا ،ئەر -ئايال ساھىپخان بىر-بىرىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغان بەش بالىنى «بىزنىڭ باللىرىمىز »دەپ تۇنۇشتۇرغاندا پۈتۈنلەي ئىشەندىم.
ساھىبخان ئەر  بەكلا سۆزمەن ئىدى، ئۇ ئايالنىڭ ناھايىتى  نازاكەتكلىك ئىكەنلىكىنى ،تېخى يېقىندىلا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقىنى،بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جەلىپكارلىقى ئېشىپ كوچىدا ماڭغان ئەرلەر ھەۋەس بىلەن قارايدىغانلىقىنى ،شۇڭا ئۆيدىكى ئىشلارنى ئۆزى قىلىپ ئايالىنى باشقا ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇزاق ئۆتمەي دادامغا بۇ شەھەردىكى ئاشنىدارچىلىق ھېكايىىلىرى يېڭىلىق تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن   كەلگۈسى  دۇنيادىكى  ئازاپ ،غەم - ئەندىشىلەرنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇپ خۇشال يۈرۈش ئۈچۈن   داۋاملىق  گۇناھلىق ئىشلارغا ئائىت ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ تۇرمىسا بولمايتتى. دادام ئاخىرى گۇناھلىق ئىشلار تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان چوڭ،ھەم يىراق بىر شەھەرگە كېتىپ قالدى.

دادام يىراق شەھەردە گۇناھلىق ئىشلارغا دائىر ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ خۇشاللىق تېپىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئىككى ئوغلىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.شۇڭا ئىلگىركىدەك پۇلدىن غەم قىلماي ئۆتەلمەيتتىم . قېرىشقاندەك دادام كەتكەندىن كېيىن ياخشى ئادەملەرنى تەربىيلەپ چىقىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلغان ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھارامدىن بولغان ئىنىم، يامان بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىپ قېلىپ ئۇنىڭ خىراجىتىمۇ مېنىڭ زىممەمگە چۈشتى. باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن قىيىن بولغاچقا ،مەن ئەڭ ئاسان بولغان يازغۇچىلىقنى ئۆزۈمگە كەسىپ قىلىۋالدىم.
ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن سىنىپ باشلىقىغا بۇ ئويۇمنى ئېيتقىنىمدا ئۇ چالۋاقاپ كەتكەن ئىدى:
- ھازىر كۈندە بىر كىتاپخانا تاقىلىپ كېتىۋاتسا   ،تارتقان جاپايىڭغا چۇشلۇق جېنىڭنىمۇ باقالمايسەن.
باشتا ئىشلار ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى، پەندى- نەسىھەت خاراكتىرىدىكى بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ مەتبۇئاتلارغا بارسام مېنىڭ ناتۇنۇشلىقىمنى باھانە  قىلىپ يازغانلىرىمنى قولىغا ئېلىپمۇ قويمىدى.
بىر كۈنى بىر پۇزۇر كىيىنگەن ئادەم ماڭا داڭلىق ماركىلىق قول كومپىيوتىرى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى بېرىپ ھېكايە يېزىپ بېرىشىمنى ئېيتتى، تېخى كېتەر چېغىدا خېلى كۆپ پۇل قۇيۇپ كەتتى.
ھېكايە دېگەن سۆز ئۆتمۈش دېگەن ئۇقۇم بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇراتتى.
شۇڭا ھېكايە يېزىش ئۈچۈن مەن ئەزەلدىن ئويلاشقا ۋە خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىشىم كېرەك ئىدى.
باشتا پۇل ئۈچۈن تەۋەككۇل قىلىپ باقماقچى بولدۇم. لېكىن «ر»نىڭ مەن ياشاۋاتقان دۇنيادا يوق ئىكەنلىكنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇنداق بولغاندا ھاياتىم مەنىسىنى يۇقۇتۇپ ياشىغىنىمنىڭ ئەھمىيىتى قالمايتتى. لېكىن مەندەك ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان ئادەم قانداقمۇ ھاياتىم مەنىسىنى يۇقاتتى دەپلا تۈگۈمەس ئازاپلار كۈتۈپ تۇرغان  باقىيغا قورقماي كېتەلىسۇن .
ئاخىرى چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۆتمۈشۈمنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسىنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ بەردىم. ھېكايەم ماڭا كومپىيوتىر ئېلىپ بەرگەن ئادەمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،ئوبزورلار يېغىپ كەتتى. كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ بىر چوڭ بانكىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكنى بىلدىم.
ئۇزاق ئۆتمەي بانكا باشلىقى بەرگەن «قەلەم ھەققى »تۈگەپ غۇربەتچىلكتە قالغاچقا يەنە ھېكايە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
ھېكايە يېزىش ئۈچۈن چۇقۇم ««ر»نى ئويلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ مەن سەۋەپلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكنى ئويلىساملا يۈرۈكۈم ئاغرىپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ قالاتتىم .بۇنداق چاغلاردا جۇدالىققا ۋە ئېغىر گۇناھلارغا مەككۇم قىلغان تەقدىردىن نەپرەتلىنەتتىم ، جىمى دۇنيا دۈشمەن بولۇپ كۆرۈنەتتى. لېكىن قەلبىمنىڭ ئۆچمەنلىك تېخى يېتىپ بارالمىغان چوڭقۇر روجەكلىرىدە  ئېتىقداسىزلىقىم  ،ئۇلۇغ  ياراتقۇچىغا قىلغان نانكورلىقىم،ۋە دۇنياغا سالغان بۇزغۇنچىلىقلىرمنى ئېتىراپ قىلىپ، گۇناھ تۇيغۇسىدا يۈرۈكۈم قورىلاتتى.
بىر كۈنى بېشىم ئاغرىپ كەتتى. شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىدىكى ئۆلۈم ۋەھىمسىگە چۆكۈپ دوختۇرخانىغا بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم.
-روھىي بېسىم سەۋەپلىك راك كېسىلى بولۇپسەن ،تېخى ئاخىرقى باسقۇچىكەن ،-دېدى دوختۇر.
«ئاخىرقى» دېگەن ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىبارنى ئاڭلاپ ئۇجۇقۇپلا كەتتىم.
دوختۇرنىڭ  «ئاخىرقى» دېگەن سۆزنى قىلغاندىكى سۈرلۈك چىرايى سەل مۇلايملاشتى:
-پۇلۇڭ بولسا داۋالاپ كەتكىلى بولىدۇ.
-لېكىن مەندە پۇل يوق،-دېدىم پەس ئاۋازدا،-بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوقمۇ.
- بار بولۇشى مۇمكىن ،-دېدى دوختۇر خوش ياقمىغاندەك،- روھىي بېسىمدىن نېرى تۇرۇپ، ئۆزۈڭنى خۇشال تۇتساڭ ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرەلەيسەن.
ھېسابتا ،«ر»دىن ئايرىلىپ يۈرىكمنى گۇمران قىلغان جۇدالىق ۋە ئىككى جاننىڭ خۇن قەرزىدىن پەيدا بولغان گۇناھ تۇيغىسى ئېلىپ كەلگەن ھەسرەتلەر  مېنى مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق  ئاقىۋەتكە قالدۇرغان ئىدى. قايغۇ ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىدىغان تۇيغۇلاردىن قۇتۇلۇپ خۇشال بولۇش ئۈچۈن ، ئۆتمۈشۈمگە بىمەنىلىك بىلەن تولغان باھانىلەرنى  ئىزدەشكە باشلىدىم:
-«ر»نىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى،-دەيتتىم،ئۆز ئۆزۈمگە،-ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئارىمىزدا زىدىيەت چىقىپ قالسا ئايرىلىشقا توغرا كېلەتتى، ئەلۋەتتە تىرىك تۇرۇپ ئايرىلىش ،ئۆلۈم بىلەن ئايرىلغانغا قارىغاندا كۆپ ئازاپلىق بولىدۇ، مىسال پەرھات-شېرىنمۇ تىرىك ئايرىلىشتىن ئازابىدىن چىدىيالماسلىقتىن قورقۇپ ئۆلۈپلا ئاشۇ كەلگۈسى ئازاپلاردىن قۇتۇلدىغۇ...قۇرۇق خىيال بىلەنلا بولدى قىلماي  ئۆزىنى «ر»نىڭ ئېرى دەپ ئاتىۋېلىپ «قانغا قان، جانغا جان»ئالىمەن دېگەن ئەبلەخنى تۈرمىدىن چىقىرۋالماقچى بولدۇم.
-ئەگەر ئۇ دۇنياغا بارغاندا «ر»بىلەن بالاڭنىڭ خۇن قەرزىنى تەلەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەرسەڭ ،سېنى قاماقتىن ئېچىقىۋالىمەن،- دېدىم .
-ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ  خۇشال بولۇپ ۋارقىراپ كەتتى:
- پەقەت جاننى خورىتىپ ،ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا مەجبۇرى سۆرەپ ئاپىرىدىغان  تۈرمىدىن چىقىرىۋالساڭلا ،سەن نېمە دىسەڭ ماقۇل دەيمەن.
ئەسلى ئۇنى تەرسالىق قىلىپ خېلى ۋاقىت يالۋۇرتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنىمۇ باش ئەگدۈرگەنىدى. بەلكىم،  ئۇ ئەبلەخنىڭ  مۇشۇ ھېكاينى ئوقۇۋاتقان تالاي كىشىلەرگە ئوخشاش، ھېساب ئېلىنشنى كۈتۈپ تۇرغان  سانسىزلىغان گۇناھلىرى بولسا كېرەك .
لېكىن ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىۋېلىشقا مۇمكىن بولماي قالدى؛ يوغان بىر ئۆيدە تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرغان ئارخىپلارنى قايتا تەكشۈرۈش ، چوڭ-كىچىك  ئەمەلدارلارغا قىزىل بولاق شۇڭغۇتىش   ، سانسىزلىغان تامغىلار كېرەك بولىدىغان ئىسپاتلارنى تەييار قىلىش،ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ  بولغۇچە ئۇ تۈرمىنىڭ پىتلىرىغا يەم بولۇپ تۈگەيتتى.
ئەمما جاننى بېقىش ئۈچۈن ھېكايە يېزىش لازىم بولاتتى.ھېكايە يېزىش ئۈچۈن چۇقۇم «ر»ھەرىپنى ئىشلىتىپ قاباھەتلىك ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىشىم، يۈرىكىمنى تىلغاپ ئۆزۈمگە روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىشىم ،بۇ ئارقىلىق راك كېسىلىمنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئەزرائىلنىڭ قېشىغا ئالدىراپ بېرىشىم كېرەك ئىدى.
لېكىن بۇنداق گۇناھ بىلەن تولغان پېتى باقىيغا كېتىپ قېلىشتىن قورقاتتىم، ئەگەر ھېكايە يېزىپ تاپقان پۇلغا  دورا سېتىۋالمىسام، تاماق يېمىسەم يەنىلا ئۆلۈپ كېتەتتىم.
ئاخىرى تېراگىدىيەلەرنى يازماي، دائىم  باشقىلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرى تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدىغان خىياللىرىم ئىچىدىكى«ر»غا باغلانغان گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرمنى، تەسەۋۇرۇمدىكى بەخىتلىك كۈنلىرمنى ،ۋە خىيالي كەلگۈسۈمنى ھېكايە قىلىپ يېزىشقا باشلىدىم. بۇنداق بولغاندا  ئۆتمۈش ئېلىپ كەلگەن ھەسرەت  تۈپەيلى راك كېسىلىم ئەدەپ كەتمەيتتى.
ھېكايىللىرمدە  بىر قىز  توپا ئارلاش قار تۇزانلىرى ئارىسىدىن چىقىپ ماڭا بىر پىيالە لەۋنى كۆيدۈرىدىغان سۇغۇق سۇ ھەدىيە قىلاتتى. كېيىن  توي قىلاتتۇق، نۇرغۇن بىربىرىگە ناھايىتى ئوخشايدىغان باللىرىمىز  بېدىلكتە سۆسۈن رەڭ كېپىنەكلەرنى ئىزلەپ يۈرەتتى...
بىز ئاخىرىدا ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى تېپىۋېلىپ بۇ دۇنيادا ئەبەدىيلىك بەخىتكە ئېرىشەتتۇق...
  ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسنى تېپىۋالغان ۋەقەلىك نۇرغۇن گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ ئارزۇيىغا ماس كەلگەچكىمۇ،ھېكايىللىرمنىڭ بازىرى چىقىپ  پۇللىرىم  ساناپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپەيدى.لېكىن مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەچكە پۇلنى ساناپ ئەمەس كىلولاپ خەجلىگەندە ئاندىن بىرە پارچە نان سېتىۋالغىلى بۇلاتتى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا «ر»بىلەن باشلانغان چەكسىز  ئۈمۈدۋارلىققا تولغان ھېكايىلەرنى توختىماي يېزىشقا توغرا كېلەتتى.شۇڭا ھەپتە- ھەپتىلەپ كومپىيوتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ ھېكايە يازاتتىم .
                                                          *                                                         *                                                                     *


     بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنمدا ئۆزۈمنىڭ جۇدالىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان ۋە گۇناھقا چىلىشىپ كەتكەن جىسمنىڭ باغانسېرى قۇرۇپ ، كىچىكلىشىپ كېتىۋالغانلىقنى سېزىۋاتاتتىم . خېلى بۇرۇنلا كۇنۇپكا تاختىسىغا  قولۇم يەتمىگەچكە ئاللىقاچان ئۈستەل ئۈستىگە چىقىۋېلىپ يېزىۋاتقان ئىدىم، بارا-بارا ئۈستەل ئۈستىدە تۇرۇپمۇ بويۇم يەتمەيدىغان بولىۋالدى. باشلىنىشى ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكىدەك شاد خۇرام  ھەم پاك؛داۋامنى ھاۋايى ھەۋەس ۋە گۇناھ ؛ئاخىرى ئۆكۈنۈش،پۇشايمان،جۇدالىق ھەسرىتى ۋە ئۇ دۇنيادىكى تەقدىرمگە بولغان ئەنسىز قورقۇنۇچقا تولغان ھاياتمنىڭ ھېكايىسىنى باشلىغىنمدا ياۋا ئالمىنىڭ مېۋىللىرى ئەمدىلا پىشىۋاتقان، مەكتەپ باغچىسىدا مۇڭلۇق مۇھاببەت كۈيلىرى ياڭراۋاتقان ئىللىق ياز پەسلى ئىدى ،ئەمدى قارغىنمدا بولسا قار بىرنىچى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسى بىلەن تەڭ بولۇپ قالغان زىمىستان پەسلىگە كىرىپ قالغان ئىدى...

ئاخىرى قولۇم يەتمەي كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىگە يامىشىپ  چىقىپ كۇنۇپكىلار ئۈستىدە سەكرەپ -تاقىلاپ ھېكايەمنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىنى  يېزىشقا باشلىدىم .مېنىڭ ھېكايىنىڭ   ئەڭ ئاخىرقى بىر چېكىتى قالغاندا  كۇنۇپكا ئۈستىگە شۇنچە ئېغىرىم بىلەن دەسسسەممۇ كۇنۇپكا قوزغالمىدى.
لېكىن مەن سەۋەپلىك مۇز كوچىدىن باشلىنىپ، يەنە  مېنىڭ سەۋەبىمدىن «ر»نىڭ ئۆلۈشى بىلەن  ئاياغلاشقان ھېكاينى چۇقۇم تۇلۇق ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى.
باش ئۈستىمدا نەچچە يۈز قەۋەتلىك بىنادەك ئېگىزلىكتە  تۇرغان كومپىيوتىرنىڭ ئېكرانىدا خېلى ۋاقىت ئۆمىلگەندىن كېيىن   قۇۋۇرغامدىن يارىتلغان«ر» ۋە ماڭا مەنسۇپ بولغان  ھايات تەزگىرىسنىڭ   ئەڭ ئاخرقى بىر ھەرىپى  كەينىگە  چېكىت بولۇپ ھېكاينى تۇلۇق ئاياغلاشتۇردۇم.



                                                                      تۈگىدى

                                                  2015 يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
                                    سانجى ئىنىستىتۇتى  4—نۇمۇرلۇق ياتاق بىناسىدا تاماملاندى.
   

9

تېما

3

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 19:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار ،بىر يېقىن بۇرادىرىم تور بەت ئاچقان ئىدى،خالىساڭلار زىيارەت قىلىپ،سەرخىل تېمىللىرىڭلار بىلەن تەمىنلىگەيسىلەر
تور ئادىرىسى :http://www.birla.cc
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 16:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ياخشى ئەسەر

0

تېما

0

دوست

232

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33111
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 13:59:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە بۇ ھېچ چۇشەنمىدىم .

9

تېما

3

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 19:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aysulun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 13:59
نىمە بۇ ھېچ چۇشەنمىدىم .

ئالدىدا يەنە ئىككى قىسىمى مۇنبەرگە يوللانغان،شۇلارنى ئۇقىسىىڭىز چۈشۈنۈپ قالارسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )