‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› تەتقىقاتىنىڭ 100 يىلى(4)
يۈسۈپجان ياسىن
(مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2014 يىلى 22-، 24-، 25- نۇيابىردىكى سانى)
4-‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىدىكى ناماياندە شەخسلەر
‹‹دىۋان›› 1914- يىلى ئىستانبۇلدا تېپىلغان. شۇندىن بۇيانقى بىر ئەسىر داۋامىدا بۇ ئەسەرنىڭ نىڭ تەرجىمىسى، نەشرى ۋە تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەر دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم بىر تېمىغا ئايلاندى . بۇ جەرياندا مەشھۇر دىۋانشۇناسلار، ھاياتىنى بۇ ئەسەرگە بېغىشلىغان بۈيۈك شەخسلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، نۇرغۇن ئىلمىي خادىملار بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسى بويىچە تەتقىق قىلدى، ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش ۋە مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى تەشكىللەندى، ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى كۆپ خىل نۇقتىدىن يورىتىلدى. يەنە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە‹‹دىۋان››نى تېما قىلغان سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ بارلىققا كەلمەكتە. نۆۋەتتە ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتى دۇنياۋىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەلۋەتتە بىز‹‹دىۋان››تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى قەدىرلەيمىز. تۈۋەندە بىز بىر ئەسىردىن بېرى ‹‹دىۋان››نىڭ تەرجىمىسى، نەشرى ۋە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، ھەمدە ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش يولىدا مۇھىم بىر باسقۇچ ھاسىل قىلغان ئالىملارنىڭ ۋەكىللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. كىلىسلى رىفات (1874~1953) ــ يازغۇچى، مائارىپچى، فىلولوگ، تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، كىتابىيات مۇتەخەسسىسى. ئەسلى ئىسمى ئاھمەد رىفات، كىلىستە تۇغۇلغانلىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىل مۇئەللىملىك قىلغانلىقى ئۈچۈن كىلىسلى رىفات، كىلىسلى مۇئەللىم رىفات، كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان. كىلسلى رىفات يۇرتى كىلىستە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىنى ئالغاندىن كېيىن شۇ شەھەردىكى مەشھۇر ئۆلۈمالاردىن ئەرەب، پارس تىللىرى ۋە ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 1892-يىلىدىن 1899-يىلىغىچە ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنىدا، 1904-1908- يىللاردا مەكتەبى-ھوقۇق(قانۇن مەكتىپى) تا ئوقۇغان. 1901- 1904-يىللاردا ۋە 1909-يىلىدىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، دارۇلمۇئەللىمىندە، دارۇلمەلۇماتتا ئەرەب، پارس ۋە تۈرك تىللىرى، جۇغراپىيە، تارىخ، ئاقائىد، جازا قانۇنى، ئۇلۇمى دىنىييە(دىن ئىلمى) دەرسلىرىنى بەرگەن. 1923- يىلىدىن تاكى 1946- يىلى پىنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىدا ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1915- يىلى ئاسارى ئىسلامىييە ۋە مىللىييە تەتقىق ئەنجۈمەنىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ئەينى يىللاردا يەنە كۇتۇپخانىلار تەتقىقات كومىسيونىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئىستانبۇل ۋەھپە كۇتۇپخانىلىرىدىكى نادىر ۋە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. كىلىسلى رىفاتنىڭ ئىلمىي ھاياتىنى ئەرەب تىلى دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش، تۈرك تىلى ئىسلاھاتى ئۈچۈن سۆزلۈك تەييارلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنى مەشھۇر بىر ئالىم سۈپىتىدە تونۇتقىنى قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتى بولدى. كىلىسلى رىفات يېرىم ئەسىر ئۆمرۈنى تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى قېزىش، رەتلەش ۋە يورۇقلۇققا چىقىرىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇ رەتلەپ ياكى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان كىتاپلار ئىچىدە مەشھۇر بولغانلىرى ‹‹كىتابى دەدە قورقۇت››(1914)، ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››(1915-1917)،‹‹ئبنى مۇھەننا لۇغىتى››(1919)، ‹‹فېرھەنكنامەئى سادى››(1924)، ‹‹ئەۋلىيا چەلەبى ساياھەتنامىسى››(1928)، ‹‹دىۋانى تۈركى سۇلتانى ۋەلەد›› (1935)، ‹‹كەشفۇز-زۈنۇن››(1941-1945) قاتارلىق ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇنى ئەڭ يۈكسەك شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگىنى‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››ئىدى. كىلىسلى رىفات ئاۋۋال ‹‹دىۋان›› نىڭ قول يازمىسىنى رەتلەپ، ئاندىن كېيىن ئۇنى قايتا كۆچۈرۈپ ۋە بەزى يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ، مىق مەتبەئەدە ئۈچ توملۇق قىلىپ باستۇرغان. 1915-1917- يىللاردا‹‹دىۋان››نىڭ باسما نۇسخىسى چىققاندىن كېيىن كىلىسلى رىفات ئۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، 22 دەپتەرنى توشقۇزغان. بۇ نۇسخا ھازىر تۈرك تىل قۇرۇمىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. كىلىسلى رىفاتنىڭ نەشرىدىن كېيىن ‹‹دىۋان››ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولدى، دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتى باشلاندى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كىلىسلى رىفاتنىڭ ئىلمىي تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ۋە نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن غازىئانتەپ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ كىلىستىكى مائارىپ فاكۇلتېتىغا ‹‹كىلىسلى مۇئەللىم رىفات بىلگە مائارىپ فاكۇلتېتى›› دېگەن نامنى بەردى. كارل بروككېلمان (1868~1956) ــ گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس، مەشھۇر سامى تىللىرى مۇتەخەسسىسى. بروككېلمان بالىلىق چاغلىرىدىلا ئىبرانى، ئارامى ۋە سۈريانى تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 1886-يىلى روستوك ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېرىپ، شەرقشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1890-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1893-يىلى برېسلائۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوتسېنت بولغان. 1900-يىلى بېرلىندىكى ھۇمبولد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور، 1903-يىلى كۆنىگسبېرگ ئالبېرتوس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوردىناريۇس پىروفېسسور بولغان. 1909- يىلىدىن باشلاپ ھاللې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن، 1918-يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1923-يىلى برېسلائۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلگەن، 1932- يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان. بروككېلمان يەھۇدىي پۇشتىدىن بولغان بەزى پىروفېسسورلارنى ھىمايە قىلغانلىقى ئۈچۈن ناتسىت تەرەپدارلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان، گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن 1935-يىلى پېنسىيەگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان. 1947-يىلى يەنە ئوقۇتۇش ساھەسىگە قايتىپ، 1953- يىلىغىچە ھاللې ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەخرىي پروفېسسورلۇق سالاھىيىتى بىلەن دەرس بەرگەن. بروككېلمان سامى تىللىرى، ئىسلام ئىلىملىرى، ئەرەب، سۈريانى فىلولوگىيەسى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كىتاب، ماقالە، ئوبزور بولۇپ جەمئىي 600 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازغان. ئۇ ‹‹دىۋان›› ھەققىدە‹‹مەھمۇد كاشغەرىيگە كۆرە تۈركىي تىللارنىڭ پېئىل تۈزۈلۈشى››(1919)، ‹‹قەدىمكى تۈركىستان خەلق ھېكمەتلىرى››(1920) ،‹‹ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلامىيەت دەۋرىدە تەرەققىي قىلغان شەرقىي تۈرك ئەدەبىي تىللىرىنىڭ گىرامماتىكىسى››(1954) قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلارنى يازغاندىن باشقا، ‹‹مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ئوتتۇرا تۈركچىنىڭ سۆزلۈك خەزىنىسى››(1928) دېگەن نام بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ ئىندېكسىنى تۈزگەن. ئۇ تۈزگەن ئىندېكس ‹‹دىۋان››نىڭ تولۇق نەشرى چىققانغا قەدەر ئىلىم ساھەسىدە قوللىنىلدى. بروككېلمان ياۋروپا ئالىملىرى ئىچىدە ‹‹دىۋان ›› ھەققىدە ھەم تۇنجى، ھەم ئەڭ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان شەرقشۇناس بولۇپ، غەرب تۈركولوگىيە ساھەسىگە ‹‹دىۋان››نى ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى كەڭ دائىرىدە تونۇتقان. بېسىم ئاتالاي(1882~1965) ــ مائارىپچى، تىلشۇناس، يازغۇچى ۋە دۆلەت ئەربابى. ئۇشاقتا تۇغۇلغان. ئۇشاقتا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا ماكتەپ مەلۇماتىنى ئالغاندىن كېيىن بىر يەنە ئۇشاقتا مەدرىس تەربىيەسى كۆرگەن. 1909- 1912- يىللاردا ئىستانبۇل دارۇلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، كونيادا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ترابزون، ئەنقەرە ۋە كونيادىكى مۈئەللىم مەكتەپلىرىدە مۇدىر بولغان. يەنە ماراش، ئىچەل، نىگدەدە مىللىي مائارىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. سىلىفكەدە مۇداپىيەئى ھوقۇق جەمئىتىنى قۇرۇپ، سىلىفكە ۋە ئۇشاكتا قۇتۇلۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 1920 –يىلى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ كۇتاھيا ۋەكىلى بولۇپ سايالغان. ۋەكىللىك سالاھىيىتى 1946- يىلىغىچە داۋاملاشقان. 1923- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بېسىم ئاتالاي مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىدا كۈلتۈر مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1932- يىلىدىن 1951- يىلىغىچە تۈرك تىل قۇرۇمىدا شۆبە مۇدىر بولغان. بۇ مەزگىلدە يەنە 1937- يىلىدىن 1942- يىلىغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ- جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا، ساقچى ئىنىستىتۇتىدا پارس تىلىدىن دەرس بەرگەن. ئاتالاي تەتقىقاتچى، تەرجىمان ۋە ئەدىپ سۈپىتىدە تونۇلغان. ئۇ تۈرك تىلى مورفولوگىيەسى ھەققىدە‹‹تۈرك تىلى قائىدىلىرى››(1931)، ‹‹تۈركچىمىزدە مەن∕ مان››(1940)، ‹‹تۈرك تىلىدىكى قوشۇمچىلار ۋە يىلتىزلار ھەققىدە بىر سىناق››(1942)، ‹‹تۈركچىدە سۆز ياساش ئۇسۇلى››(1946) دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان. ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››(1939- 1943)، ‹‹ئەت-تۇخفەتۈز - زەكىييە فىل لۇغاتىت تۈركىيە››(1946)، ‹‹مۈيەسسىرەت ئۈل –ئۇلۇم››(1946)، ‹‹سېڭلاھ، لۇغاتى نەۋائى››(1950)، ‹‹ئابۇشقا لۇغىتى ياكى چاغاتاي سۆزلۈكى›(1970) دېگەن ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي نەشرىنى تەييارلىغان، بولۇپمۇ ئۇ ‹‹دىۋان››نىڭ تۈركچە تەرجىمىسى، ئىندېكسى ۋە فاكسىمىلىنى ئىشلەپ نەشر قىلدۇرۇش ئارقىلىق دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا پۇختا ئاساس سالغان. يەنە ‹‹ساكاريا داستانى›› (1921)، ‹‹ئونۇنجى يىل داستانى››(1933)، ‹‹سۇنا بىلەن چوبان›› (ھېكايە، 1938)، ‹‹باش بالاسى››(تىياتىر) قاتارلىق داستان، ھېكايە ۋە سەھنە ئەسەرلىرى بار. ئۆمەلژان پرىتساك (1919~2007) –ـ قاراخانىيلار تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى. ئەسلى يۇرتى ئوكرائىنا، ستالىن دەۋرىدىكى قاتتىق سىياسەت سەۋەبىدىن ئۆمرۈنى غەربىي ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. لوۋ، كىيېف، بېرلىن، گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە ئىسلام بىلىملىرى، پارس ۋە تۈرك تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 40-50- يىللاردا گېرمانىيەدە ياشاپ، ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدە پروفېسسور بولغان. كېيىن بىر مەزگىل ۋاشىنگتون ۋە سېئاتىل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە دەرس بەرگەن. 1964- يىلىدىن باشلاپ خارۋارد ئۇنىۋېرىستېتىدە پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن دەرس ئۆتكەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوكرائىنا تارىخى كافېدراسىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان. 1991- يىلى ئوكرائىناغا قايتىپ كېلىپ،1941- يىلى ئۇستازى ئاخاتېنگىل كرىمسكى ئۆلتۈرۈلگەندە تاقىتىۋىتىلگەن ئوكرائىنا مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. پرىتساك 40 خىلدىن ئارتۇق تىلنى ياخشى ئىگىلىگەن، دىققىتىنى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان. ئۇنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىدا تۈركولوگىيە مۇھىم بىر ساھەنى تەشكىل قىلغان. ‹‹قارلۇقلاردىن قاراخانىيلارغىچە››(1951) ۋە ‹‹قاراخانىيلار››(1953) دېگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىنى ناھايىتى ياخشى يورىتىپ، دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە زور شۆھرەت قازانغان. ئاشۇ ئەسەرلىرى ۋە 1953- يىلى تۈركچە ئېلان قىلىنغان ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇر؟›› دېگەن ماقالىسى ئارقىلىق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كېلىپ چىقىشى، نەسەبى، ئىلمىي ھاياتى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم ، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە تۈركىي تىلغا ئائىت بىر يۈرۈش ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. پرىتساكنىڭ 70-90- يىللاردىكى تەتقىقاتى ئاساسەن كىيېف رۇس دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشى، دەسلەپكى ۋە ھازىرقى زامان ئوكرائىنا تارىخى، ياۋروپا يايلاق خەلقلىرى تارىخىغا مەركەزلەشكەن. يەنە 7-12- ئەسىرلەردىكى شەرقىي ياۋروپا تارىخىغا ئائىت سكاندىناۋ، يەھۇدىي، ھازار، ئەرەب ۋە پارس مەنبەلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىلمىي ۋە تەنقىدىي نەشرىنى ئېلان قىلغان. پرىتساك پۈتۈن ئەسەرلىرىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پاكىتلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان، بۇ پاكىتلارنىڭ سايىسىدە بىر مۇنچە تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئاھمەد جافەرئوغلۇ (1899~1975) ــ ئەزەرى تۈركولوگى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. جافەرئوغلۇ دەسلەپ ئوكرائىنانىڭ كىيېف شەھىرىدىكى سودا ئالىي تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1917-يىلى بولشىۋېك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ئەزەربەيجان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1918-يىلى ئەزەربەيجانغا كەلگەن ئىسلام ئارمىيەسىگە پىدائىي ئەسكەر بولۇپ قاتناشقان ۋە توپچى قىسىمدا بىرىگادا كوماندىرى بولغان. 1920- يىلى ئەزەبەيجان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن جافەرئوغلۇ تۈركىيەگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1924-يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى كۇتۇپخانىسىدا مەمۇر بولغان. 1925–يىلى گېرمانىيەگە بېرىپ، ئاۋۋال بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا، كېيىن برېسلائۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركولوگىيە كەسپىدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1929-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك تىلى تارىخى بۆلۈمىدە دوتسېنت بولغان، 1938-يىلى يەنە ئاشۇ بۆلۈمدە پىروفېسسورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 1946-يىلىدىن 1973-يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر تۈرك تىلى تارىخى بۆلۈمىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. جافەرئوغلۇ ئىلمىي تەتقىقاتتا تۈركىي تىللار تارىخى، لۇغەتچىلىك، لېكسىكولوگىيە ۋە لېكسىكوگرافىيە قاتارلىق كۆپ ساھەلەر بىلەن مەشغۇل بولغان. ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى 400 دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس تېمىدا يېزىلغان كىتابلىرىنىڭ سانى 30 غا يېتىدۇ. ئەسەرلىرى ئىچىدە ‹‹تۈرك تىلى تارىخىي خاتىرىلىرى›› (1943)، ‹‹تۇنجى تۈرك تىلچىسى مەھمۇد كاشغەرىي››(1938)،‹‹تۈرك تىلى تارىخى›› (1958-1964) ، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى سۆزلۈكى››(1968)،‹‹مەھمۇد كاشغەرىي›› (1970)، ‹‹تۈرك قوۋملىرى››(1983) قاتارلىق كىتابلىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەسەرلەردۇر. ئۇ مەھمۇد كاشغەرىيدىن كېيىن تۈرك قوۋملىرى ئىچىدە بىۋاسىتە تىل تەكشۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئەڭ مەشھۇر تۈرك ئالىمى. ئۇ ئانادولۇ(ئاناتولىيە)دا كەڭ دائىرىدە تىل تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،‹‹ئانادولۇ تەلەپپۇزىنىڭ توپلاملىرى›› ناملىق توققۇز توملۇق بىر كۇللىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شۇڭا، بەزى ئالىملار جافەرئوغلۇنى‹‹ئانادولۇنىڭ مەھمۇد كاشغەرىيسى››، ‹‹ئانادولۇنىڭ ۋېلھېم رادلوفى›› دېگەن نام بىلەن تەرىپلەيدۇ. ئۇ ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي ئىسكەندىرىيە فىلولوگىيە مەكتىپى مېتودىدا تۈرك تىلى ۋە گىرامماتىكا ئەنئەنىسىنىڭ قۇرغۇچىسى››دەپ قارىغان. سالىخ مۇتەللىبوف (1900~1979) ــ ئۆزبەك تۈركولوگى. بالىلىق چاغلىرىدا مەدرىسەدە ئوقۇپ ئەرەب - پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئۆزبېكىستاندا ئېچىلغان رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1920~1927-يىللاردا تاشكەنت، سەمەرقەند، پەرغانە ۋە قوقاندتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرس بەرگەن. 1927-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە سەمەرقەند پېداگوگىكا ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇغان. 1944- يىلى لېنىنگرادتا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1946-يىلى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا بۆلۈم باشلىقى بولغان، 1950-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇشكىن نامىدىكى تىل–ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1964–يىلى‹‹مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›ى›› دېگەن تېمىدىكى دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1971- يىلى ‹‹ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى›› دېگەن نام بېرىلگەن. سالىخ مۇتەللىبوفنىڭ تەتقىقاتىدا قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش، تىل، مەتىن ۋە پېداگوگىكا تەتقىقاتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان، يەنە ئەلىشىر نەۋايى تەتقىقاتىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ئۇ 40- يىللاردىن باشلاپ ‹‹دىۋان››تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ‹‹دىۋان››نىڭ مۇتەللىبوف ئىشلىگەن ئۆزبېكچە نۇسخىسى ۋە ئىندىكسى 60- يىللاردا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىندى. بۇ نۇسخا سوۋېت ئېتتىپاقىنىڭ ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. سالىھ مۇتەللىبوف 13- ئەسەرگە ئائىت ‹‹ئەتتۇخفەتۇز -زەكىييە فىل – لۇغاتىت تۈركىيە›› دېگەن ئەسەرنىمۇ نەشرگە تەييارلىغان. 1956-يىلى ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ›› بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››كە ئاساسەن‹‹11- ئەسىرنىڭ ئەسەرلىرىدە پېئىل›› دېگەن بىر مونوگرافىيە يازغان . ‹‹مورفولوگىيە ۋە سۆزلۈك خەزىنىسى››(1959) دېگەن كىتابى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئۆزبېكىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ فىلولوگىيە بۆلۈملىرىدە دەرسلىك قىلىنماقتا. سىر گرارد كلاۋسۇن(1891~1974) ــ ئەنگلىيەلىك تۈركولوگ. دەسلەپ ئېتون ئالى تېخنىكۇمىدا ئوقۇغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىلاسسىك مائارىپ كەسپىدە ئوقۇپ، لاتىن ۋە گرېك فىلولوگىيەسىنى ئۆگەنگەن. 1914- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن ئەسكەر بولغان ۋە ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ چاناققەلئەدە، مىسىر ۋە ئىراقتا قىلغان ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1919- يىلى مۇستەملىكە مىنىستىرلىقىدا شتاب كاپىتانى بولغان. كېيىن دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلىرىگە قويۇلغان. 1951- يىلى پېنسىيەگە چىققان. كلاۋسۇن دەسلەپتە شەرقشۇناسلىقنىڭ ھىندولوگىيە، تىبەتولوگىيە، سىمىستولوگىيە ۋە ئەرەبشۇناسلىق ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1912- يىلى خان جەمەتى ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىگە ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن، 1958-1961-يىللاردا بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇدىرى بولغان، 1969- يىلى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. كلاۋسۇننىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتى ئاساسەن 1951- يىلىدىن كېيىن باشلانغان. بۇ ساھەدە تۈرك لۇغەتشۇناسلىقى ۋە تۈرك سىنتاكسىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغان. كلاۋسۇن شەرقشۇناسلىققا ئائىت 71 پارچە ئەسەر ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 48 پارچىسى تۈركولوگىيەگە بېغىشلانغان. ئۇ 1956- يىلى ئېلان قىلغان ‹‹ئالتاي نەزەرىيەسىگە قارشى پاكىتلار›› دېگەن ئەسىرى ئىلىم ساھەسىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. 1972- يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹13- ئەسىرىدىن بۇرۇنقى تۈرك تىلىنىڭ ئېتېمولوگىيە لۇغىتى›› دېگەن ئەسىرى دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم بىر تەتقىقات ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەرگە 13- ئەسىردىن ئىلگىرى يېزىلغان باشقا تۈركچە ئەسەرلەردىكى سۆزلۈكلەر بىلەن بىرلىكتە، ‹‹دىۋان›› دىكى سۆزلۈكلەرنىڭمۇ ھەممىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كلاۋسۇن بۇنىڭدا‹‹دىۋان››دىكى سۆزلەرنىڭ تارىخىي پىرىنسىپ ئاساسىدىكى توغرا تەلەپپۇزىنى تىكلەشكە ۋە بورككلماننىڭ ئىندېكسى، بېسىم ئاتالاينىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ۋە ‹‹قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى››دىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈشكە تىرىشقان. شۇڭا، بۇ ئەسەر بېسىم ئاتالاينىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىدىن كېيىنكى بىرىنجى مۇھىم تەرەققىياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئاندرېي نىكولايېۋىچ كونونوف (1906~1986) ــ رۇس تۈركولوگى ۋە مەدەنىيەت تارىخچىسى. كونونوف 1926~1930-يىللاردا پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوسمانلى تۈركلىرى بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1931-يىلىدىن 1938-يىلىغىچە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تۈرك تىلىدىن دەرس بەرگەن. 1938-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئالىي تەتقىقاتچى بولغان. ئۇ ئۇزۇن يىل بۇ ئىنستىتۇتنىڭ تۈركولوگىيە ۋە موڭغۇلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1939-يىلى فىلولوگىيە نامزاتى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 1948- يىلى فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1950-يىلى لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور بولغان. 1949-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تۈركولوگىيە كافېدراسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئارىدا 1953~1954-يىللىرى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1973- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. كونونوف 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزالىقىغا، 1974-يىلى ئاكادېمىلىكىگە تەيىنلەنگەن. كونونوف ئاساسەن ھازىرقى زامان تۈركىي تىل شېۋىلىرىنىڭ گىرامماتىكىسى، لېكسىكا تەرەققىياتى، قەدىمكى يازما ھۆججەتلەر ۋە رۇسىيەدىكى شەرقشۇناسلىق تارىخىنى تەتقىق قىلغان. بۇ ساھەدە ئۇنىڭ ‹‹ھازىرقى زامان تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى››(1956) ، ‹‹ھازىرقى زامان ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى››(1960)،‹‹7~9-ئەسىرلەردىكى تۈرك – رۇنىك يادىكارلىقلىرى تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى››(1980)، ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ تارىخى››(1972) قاتارلىق كىتابلىرىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. كونونوف ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› بىلەن ‹‹دىۋان››نى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىم ساھەسىگە كەڭ تونۇتۇش، ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹دىۋان››غا ئائىت ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشتە يېتەكچى رول ئوينىغان. مىرسۇلتان ئوسمانوف (1929~) ــ ئۇيغۇر تۈركولوگى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ياراتقان ئالىم. ئەسلى قازاقىستاننىڭ ياركەنتتە تۇغۇلغان. 3 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. مىرسۇلتان ئوسمانۇف 1943-يىلى ئىلىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، گېزىتخانىدا نابۇرچىك، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتىدا كاتىپ، ئورگان ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان. 1951-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. 1965-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات باشقارمىسىغا يۆتكەلگەن. 1982-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. 1987-يىلى ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1993-يىلى پېنسىيەگە چىققان. مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى تىل تەكشۈرۈش، تەتقىقات، ئوقۇتۇش، لۇغەتچىلىك، قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش قاتارلىق ساھەلەردە ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت ۋە شېۋىلىرى تەتقىقاتىدا يول ئاچقۇچى بىر ئالىمغا ئايلانغان. مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ دىيالېكت، شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان. ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ‹‹ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى دىيالېكتلىرى› (1990)، ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى›› (1999)، ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتى››(2005) قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت ۋە شېۋە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتىدا ئۇنىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى نەشرگە تەييارلاشتىكى ئەمگەكلىرى ناھايىتى گەۋدىلىك بولغان. ئالىم ئەسەرنىڭ ئىككى قېتىملىق نەشرىگە زور ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە يېتەكچى رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتاغلىق تىلشۇناس، ئالىم ئىبراھىم مۇتئى بىلەن بىرلىكتە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى ئېنىقلاپ، كاشغەرىي تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىق نەتىجە ياراتقان. ئۇ يەنە 2013- يىلى‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخسىنىڭ تولۇقلانغان مەتنىنى نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ تېكىستولوگىيە تەتقىقاتىدا يېڭى بىر پەللە ياراتتى. ئالىمنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇنىڭغا ‹‹تۈرك تىلى شەرەپ مۇكاپاتى ›› بەردى.
تالات تېكىن (1927- ) -- تۈركىيەلىك تۈركولوگ. 1951- يىلى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى پۈتكۈزگەن. ئىزمىر، ترابزون ۋە بىتلىستە ئەدەبىيات مۇئەللىمى بولغان. 1957- 1961- يىللار ئارىسىدا تۈرك تىلى قۇرۇمىدا گىرامماتېكا مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1961- يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. بۇ جەرىياندا ئىندىئانا ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇرال- ئالتاي تىللىرى بۆلۈمىدە ئىككى يىل تۈرك تىلى لېكتورى بولغان. 1965- يىلى ‹‹ئورخۇن تۈركچىسىنىڭ گىرامماتىكىسى›› دېگەن دىسسىرتاتسىيەسى بىلەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى ئالغان. 1965-1972- يىللار ئارىسىدا ئاشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇتۇش ئەزاسى بولغان. 1970- يىلى ئىستانبۇلغا كىلىپ ‹‹ئانا تۈركچىدە ئەسلى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار›› دېگەن دىسسىرتاتسىيەسى بىلەن دوتسېنتلىق ئۈنۋانىنى ئالغان. 1972- يىلىدىن باشلاپ ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. 1976- يىلى ‹‹ۋولگا بۇلغار كىتابلىرى ۋە ۋولگا بۇلغارچىسى›› دېگەن دىسسىرتاتسىيەسى بىلەن پىروفېسسورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 1982- يىلىدىن 1991- يىلىغا قەدەر ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1994- يىلى ئاشۇ فاكۇلتېتتىن پىنسىيىگە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 2003- يىلى ياز ئايلىرىغا قەدەر يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇتۇش ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىرمۇ قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىلا تۈرك تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنىشكە باشلىغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدە يۇقىرى نۇپۇزغا ئىگە بولغان تالات تېكىننىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دىسسىرتاتسىيەلىرى مەخسۇس كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىنغاندىن باشقا يەنە تۈرك، ئىنگلىز ۋە گېرمان تىللىرىدا ‹‹ياپونچە ۋە تۈركچە: ياپونچە بىلەن تۈركچىنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى››(1985)،‹‹دۇناي بۇلغارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىلى››(1987)،‹‹ئورخۇن ئابىدىلىرى››(1988)، ‹‹11- ئەسىردىكى تۈرك شېئىرى›› (1989)،‹‹ھۇنلارنىڭ تىلى››(1993)، ‹‹ياپونچە ۋە ئالتاي تىللىرى››(1993)، ‹‹بىشارەت كىتابى ئىرق بىتىگ››(1993)، ‹‹تۇنيۇقۇق ئابىدىسى››(1994)، ‹‹تۈرك تىللىرىدا ئاساسىي ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار››(1995)، ‹‹تۈرك تىللىرى-- كىرىش››(م. ئۆلمەز بىلەن بىرلىكتە يازغان، 1995)، ‹‹ئورخۇن ئابىدىلىرى -- كۈل تېگىن، بىلگە قاغان، تۇنيۇقۇق››(1995)، ‹‹تارىختا تۈركچىنىڭ ئىملاسى››(1997)،‹‹تۈركولوگىيە تەنقىدلىرى››(1997)، ‹‹ئورخۇن تۈركچىسىنىڭ گراماتېكىسى››(2003) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. ‹‹11- ئەسىردىكى تۈرك شېئىرى›› دېگەن كىتابىدا ئاپتور ‹‹دىۋان››دىكى شېئىرىي پارچىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. يەنى ‹‹دىۋان››دىكى شېئىرلارنى تۈرگە ئايرىپ، ئاندىن ھەر بىر پارچە شېئىرنىڭ ۋەزنى، تۈزۈلۈش شەكلى ۋە ئەدەبىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغان. پەيتى كەلگەندە يەنە ئاشۇ شېئىرلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى تارىخىي، ئىجتىمائىي شارائىت ۋە كۈلتۈرەل مۇھىت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى قىستۈرۈپ ئۆتكەن. كىتاپنىڭ ئاخىرىغا ‹‹دىۋان›› دىكى شېئىرلاردا قوللىنىلغان تىلنىڭ لۇغىتىنى بەرگەن. شۇڭا، بۇ كىتاپ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋە يەنە شۇ دەۋردىكى تۈرك تىلىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە يۇقىرى پايدىنىلىش قىممىتىگە ئىگە ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئا.بىجان ئەرجىلاسۇن ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن (1943~) ــ تۈركىيەلىك تۈركولوگ ۋە يازغۇچى. 1962-يىلى ئىزمىردىكى ئىمام-خاتىپلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. 1963- يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈركولوگىيە كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1967-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاستېنت بولغان. 1971-يىلى ‹‹كارس شېۋىسى -فونېتىكا›› دېگەن ئەسىرى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىيال ۋە مەمۇرىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن دەرس بېرىشكە باشلىغان. 1976-يىلى ئىيۇندىن 1977-يىلى ئاۋغۇستقىچە ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرستېتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتچى بولغان. 1979-يىلى ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›تە پېئىل››دېگەن ئەسىرى بىلەن دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1986- يىلى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى پەن- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا پىروفېسسور بولغان ۋە بۇ فاكۇلتېتنىڭ تۈرك تىل- ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى قۇرغان. 1986-يىلىدىن 1991- يىلىغىچە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات-نەشرىيات ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1993-يىلى ئالىي مائارىپ جەمئىيىتىدە ‹‹تۈرك دۇنياسى مەسلىھەتچىسى›› بولۇپ تەيىنلەنگەن. يەنە شۇ يىلدىن باشلاپ 2000-يىلىغىچە تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2001–يىلى تۈركىيە- قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك تىلىدىن دەرس بەرگەن ۋە تۈركولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. ھازىر غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتۇش ئەزاسى. ئا.بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ تەتقىقاتى ئاساسەن قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى، ھازىرقى زامان تۈركىي تىل شىۋىلىرىگە مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› گىرامماتىكىسى ــ پېئىل›› (1984)،‹‹تىلدا بىرلىك››(1989)،‹‹ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى›› (1989)، ‹‹سېلىشتۇرما تۈرك لەھچىلىرى سۆزلۈكى››(1992)،‹‹تۈرك تىلى تارىخى››(2004)،‹‹مەھمۇد كاشغەرىي، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› (2014) قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كىتابى نەشر قىلىنغان. ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ› گىرامماتىكىسى ــ پېئىل›› دېگەن كىتابى ئەسەرنى تىل ۋە گىرامماتىكا نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان تۇنجى مەخسۇس ئەسەردۇر. زىيات ئاككويۇنلۇ بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن ‹‹مەھمۇد كاشغەرىي، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››دېگەن كىتاب‹‹دىۋان››نى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىش ۋە سۆزلۈكلەرنى يېڭىدىن تەرتىپكە تۇرغۇزۇش شەكلى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئەسەر كىرىش سۆز، مەتىن، تەرجىمە، ئىزاھات ۋە ئىندېكىستىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تۈزۈلگەن. بۇ نۇسخا‹‹دىۋان››نىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
روبېرت دانكوف (1946~) ــ ئامېرىكىلىق تۈركولوگ. 1964-يىلى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، تۈركىيەدە ئىككى يىل ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتكەن. 1971-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىن شەرق تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن براندېز ۋە ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن. 1979-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىن شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. دانكوف تۈركولوگىيە ساھەسى بويىچە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۈنى تۈركىيە چاناققەلە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى دانكوفقا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بەردى. دانكوفنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ئاساسەن ئوسمانلى تۈركچىسىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دەسلەپكى ئىسلامىي تۈرك ئەسەرلىرىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات تېمىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا قارىتىلغان. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ بۇ ساھەگە ئائىت نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. دانكوف جامېس كېللي بىلەن بىرلىكتە ‹‹دىۋان››نى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىلىك بىر كىرىش سۆز يازغان. بۇ نۇسخا 80 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نەشر قىلىنىپ، ‹‹دىۋان››نىڭ ئىنگلىز تىلى دۇنياسىغا كەڭ تونۇتۇلۇشىغا، ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىنىڭ دۇنياۋىي كۆلەم ئېلىشىغا ئاساس سالدى. ئۇ تەرجىمە قىلغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ئىنگلىزچە نۇسخىسىمۇ 1983- يىلى نەشر قىلىندى. ھۈسەيىن دۈزگۈن (1945~) –ـ ئىرانلىق ئەزەرى تۈركولوگ، زۇرنالىست ۋە شائىر. ئەسلى ئىسمى ھۈسەيىن مۇھاممەدزادە سىددىق. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تەبرىزدە تاماملىغان، يەنە شۇ شەھەرنىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىملىرىدىن قۇرئان، فىقىھ ۋە ئىسلام پەلسەپىسىگە ئائىت دەرسلەرنى ئۆگەنگەن. 1963- يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1965- يىلى تەبرىز ئۇنىۋېرسىتېتى پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىركەن. مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئەزەرىلەرنىڭ تىل ۋە فولكلورىغا ئائىت ماقالىلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1968- يىلى تەبرىزدە ‹‹ھۈنەر ۋە ئىجتىما››دېگەن نامدا تۈركچە- پارسچە ھەپتىلىك بىر ژۇرنال چىقارغاچقا، پەھلىۋى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىپ ئالتە ئاي تۇرمىدا ياتقان ۋە چەتئەلگە چېقىشى چەكلەنگەن. ھۈسەيىن دۈزگۈن تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن تەبرىزدىن تېھرانغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە مەكتەپ، رادىيۇ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، نەشرىيات قاتارلىق ئورگانلاردا ئىشلىگەن. يەنە تېھران ئۇنىۋېرىستېتىدە ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن ھۈسەيىن دۈزگۈننىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. 1983 يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا قەدىمكى تۈرك تىلى كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسەيىن دۈزگۈن ئىراننىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى، قەدىمكى پارس تىلى ھەققىدە دەرس بېرىش بىلەن بىرلىكتە، تەرجىمە، تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇنىدىن باشقا، ‹‹ئىنقىلاپ يولىدا››، ‹‹يېڭى يول››،‹‹سېخېندا›› ناملىق ژۇرنللارنى چىقىرىش مەشغۇل بولماقتا. ھەسەيىن دۈزگۈننىڭ بۈگۈنگىچە بولغان 50 يىللىق ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ھاياتىدا يازغان، تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىنىڭ سانى 62 پارچىغا يەتكەن. ماقالىلىرى بىلەن قوشقاندا ئومۇمىي ئەسەرلىرىنىڭ سانى 300 دىن ئاشىدۇ. ئەرەب، پارس، رۇس، گېرمان ۋە تۈرك تىللىرىنى ياخشى بىلىدىغان ھۈسەيىن دۈزگۈن ئىران ئالىملىرى ئىچىدە ئاددى، راۋان ۋە قىسقا جۈملە ئىشلىتىشتەك ئالاھدىلىكى بىلەن مەشھۇر. ئۇ 2005- يىلى ‹‹دىۋان››نى پارسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. بۇ نۇسخىنىڭ نەشر قىلىنىشى مىللىي ۋە ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھۈسەيىن دۈزگۈن بۇ تەرجىمە ئارقىلىق دەبىر سىياقىنىڭ ‹‹دىۋان›› تەرجىمىسىدە پەيدا قىلغان ‹‹ئىلمىي پاجىئە››سىگە خاتىمە بېرىش بىللە، ئىراندىكى تۈرك مەدەنىيىتىگە بولغان قارشى پوزىتسىيەگە رەدىيە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىراندا‹‹دىۋان››نىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تونۇتۇپ، تۈرك–پارس مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە يېڭى بىر يول ئاچقان . رامىز ئاسكەر (1954~) ــ ئەزەرى تۈركولوگ، ژۇرنالىست. رامىز ئاسكەر ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 1972-يىلى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاقە–ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1975-يىلى م. ۋ. لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارغان. 1978-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، 1983-يىلىغىچە ئەزەربەيجان رادىيوسىدا مۇھەررىر، 1983-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ‹‹بۈگۈنكى ئەزەربەيجان›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، 1984- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە ‹‹ئوت يۇرتى›› گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان، 1991~1993- يىللاردا ‹‹ھۆرىيەت›› گېزىتىنىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، 1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئاخبارات باش مۇدىرى، ‹‹21- ئەسىر›› گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى،‹‹يېڭى مۇنازىرە›› ژۇرنىلىنىڭ باكۇدىكى ۋەكىلى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 1997- يىلىدىن باشلاپ ئەزەربەيجان مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 2002-يىلى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركولوگىيە مۇئەللىمى، بەدىئىي تەرجىمە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 2012-يىلى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك خەلقلىرى ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ھەققىدە، پىروفېسسورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ‹‹دىۋان›› ھەققىدە يازغان. رامىز ئاسكەر قاراخانىيلار دەۋرگە ئائىت ئىككى بۈيۈك ئەسەر ‹‹دىۋان›› بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى ئەزەربەيجانغا تونۇتۇشتا تۇنجى قەدەمنى باسقان ۋە بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىم. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر 10 مونوگرافىك كىتابى، 200 پارچە ماقالىسى ۋە ھەرخىل تىللاردىن تەرجىمە قىلغان ۋە ئاغدۇرغان 40 كىتابى نەشر قىلىنغان. تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› 1993-يىلى، ‹‹دىۋان›› 2006-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا رامىز ئاسكەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ‹‹دىۋان››نىڭ رۇسچە تەرجىمىسىمۇ 2009-يىلى باكۇدا نەشر قىلىنغان. رامىز ئاسكەرنىڭ بۇ ئىككى ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلىرى يالغۇز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە يازغان نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرى بار. ئۇ ‹‹دىۋان››ھەققىدە بىر مونوگراپىيە، ئىككى بىبلىئوگراپىيە يازغاندىن باشقا، ئەزەرىچە، تۈركچە ۋە رۇسچە مەتبۇئاتلاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش بۆلۈملىرىنى قۇرۇپ، دەرس سۆزلىگەن. رامىز ئاسكەر بۇ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ۋە ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىنىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلىگە ئايلاندى. 2011-يىلى ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا‹‹ئەلنىڭ ئالىمى›› دېگەن نامنى بەردى. ئاخىرىدا مەن ‹‹ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تەتقىقاتىنىڭ 100 يىلى›› ناملىق بۇ ماقالىنى يېزىش جەرىيانىدا مېنى بەزى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، مەنبە ۋە بىبلىيوگرافىيە بىلەن تەمىنلىگەن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى زەكى كايمازغا، تۈركىيە يىلدىز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مەھمەت ئۆلمەزگە، ئەزەربەيجان باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك خەلقلىرى ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور رامىز ئاسكەرگە، ئىران ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى ، شائىر، تەرجىمان، ژۇرنالىست، پىروفېسسور ھۈسەيىن دۈزگۈنگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي ھاياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن.
|