قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1273|ئىنكاس: 9

لىكسىيە سۆزلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 16:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيە سۆزلەش

(ھېكايە)
ئابدۇنىياز ئىمىن


ــــ بۇ يەردە ئۇچىرىشىپ قېلىپ ياخشى بولدى.
ــــ نىم بولدى؟
ـــ  تۆنۆگۈن توردا بىر ئېلان كۆردۈم، «رەپقەت» ئسىملىك بىرسى بىزنىڭ فاكولتتتا لىكسىيە سۆزلەيدىكەن كۆردۈڭمۇ؟
ـــ ئۇنى مەن ھەممىڭلاردىن بۇرۇن كۆرگەن.
ــــ لىكسىيەلەرگە بەك دىققەت قىلىسەن جۇمۇ؟
ـــــ  شۇ ئىلىمنىڭ ئەھلىدىن تۇرساق دىققەت قىلمىساق بولامدۇ.
ـــــ شۇ، قارىسام لىكسىيە سۆزلىگۈچىنىڭ ئىسمى سېنىڭ بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش،شۇڭا مەن تېخى ....
ـــــــ ھې ھې ،بايا كۆرىشكەندىلا ماڭا ئىمزا قويغۇزىۋالماي بەك خاتا قىلدىڭ، ئالدىڭدا تۇرغان بۇ كىشى دەل شۇ لىكسىيەنى سۆزلىمەكچى بولغان ئادەمدۇر.
ـــــ ھە!!!؟ سەن سۆزلەمسە؟ قانداقىسىگە ؟
ـــــ لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش بىر بېشى ، ئىككى پۇتى، بىر قولى بار ئادەمدۇ؟
ــــــ  ئۇغۇ شۇنداق، بىراق، باشقىلارنىڭ ئالدىدا لىكسىيە سۆزلەش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ سېنىڭ كەسپىڭمۇ ئەمەس. باشقىلار دېگەن مۇشۇ ساھەدە 10-15يىل ھەتتا 30-40يىل ئىزدىنىپ ئاندىن سۆزلەيدۇ، سەن بولساڭ .....
ــــــ مەنمۇ ئىزدەندىمغۇ؟ ھېچ بولمىسا مەتبۇئاتتا بىر نەچچە پارچە، توردا يەتتە-سەككىز پارچە يازمام ئېلان قىلىندى.
ـــــــ ھە بولدى، سېنى ئىزدەندىمۇ دەپ تۇرايلى، ئاڭلىغۇچىلاردىن بىر سوئال سوراپ قالسا قانداق قىلىسەن؟
ـــــــ سەنمۇ بىلىسەن، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ ئىگىللىرى قىززىق، ئۇلار بىر-بىرىنى ياراتمايدۇ، شۇڭا بىرسى لىكسىيە سۆزلىسە يەنە بىرسى قەدەم باسمايدۇ، شۇنداق بولغاندىكىن ئەدەبىياتنى ھەقىقي چۈشىنىپ كەتمەيدىغان باشىقىلارنىڭ سورىغان سوئالى «پالانىنىڭ پوكۇنى ئەسىرىگە قانداق قارايسىز؟»دېگەندىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ، بۇنداق سوئاللار سەندىن بىلىمنى ئەمەس گەپدانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يېقىندا ئابلەت ئۆمەر تۈزگەن «ئەدەبىيات نەزەرىيسى»دېگەن كىتابنى بىر قۇر مالتىلاپ چىقتىم، ۋاقتى كەلگەندە شۇ كىتابدىن شىپى كەلتۈرۈپ سۆزلەپ بېرىمەن.
ــــــ بۇنداق قىلساڭ ھامان مازاققا قالىسەن.
ــــــ ئۇنداق بولسا نىم بوپتۇ، مەن بىلىمەن، كىشىلەر ھامان ئارقامدىن گەپ قىلىدۇ، لېكىن ئاشكارە مەتبۇئاتتا بۇ توغۇرلۇق بېرەر نەرسە يازمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا چولىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات ئۇلارنىڭ پەقەت ئۈنۋان ئالغاندىلا ئېسىگە كېلىدۇ. شۇڭا كىم ئۇنى قانداق چۇۋۇپ، نېمە قىلىپ ئوينىسا ئۇلارنىڭ پەرۋايى پەلەك.
ـــــــ باشقىلار قانداق بولىشىندىن قەتئىينەزەر، سەن ئۇلارنىڭ پۇلنى ئالغاندىكىن ئۇلارغا ئاز تولا يېڭى نەرسە بېرىشىڭ كېرە...
ــــــ بولدى، ئارىمىزدا «ئەپلاتوننىڭ گۈرچىكى»دىكى سادىقلارنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلدىكەنسەن، ئۇلارغا يېڭى نەرسە دەپ بېرىش ئەمەس، يېڭى نەرسىنى كۆڭلۈڭدە ئويلاپ سېلىشىڭنىمۇ خالىمايدىغان بىرقىسىم كاللىسىنى قاغا چوقۇپ كەتكەن ئوقۇرمەنلەر بولۇپ، ئەگەر ئۇلارغا ئازىراق چۈشنىكسىز گەپنى دەپ سالدىڭمۇ  مەڭگۈ چۈشىنىشكە ئېرىشەلمەي، ئۆزۈڭنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي زەرداپ يۇتۇپ ئۆتىسەن،بىر بولساڭ دەھرىي بولىسەن، بىر بولساڭ شاھ مەشىرەپتەك ئاختا قىلىنسەن شۇڭا ئۇنچە كاللا ئۇپراتمىغان تۈزۈك. بولسا قانچە
ئارقاڭغا چېكىنىپ كلاسسىكلارنىڭ سەۋىيەسىدە تۇرۇپ ئۇلارغا ئوخشاش پىكىر قىلساڭ، بىرئىككى قېتىم جوزا مۇشىتلاپ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە غەم يىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلىسەڭ شۇنچە ناتىق، مەشھۇر بولىسەن-دە، ئەگەشكۈچىللىرىنىڭ كۆپىيىدۇ.

ــــــ ئۇنداقتا، لىكسيە سۆزلە نىيىتىڭدىن يانمايدىكەنسەن-دە؟
ــــــ يېنىش؟ يېنىش ئەمەس، كېلەر قېتىملاردا يەنە ئېلاننى بۇنىڭدىنمۇ بەھەيۋەت چىقىرىپ «شىركەت باشقۇرۇش» توغىرىسىدا سۆزلەيمىكىن دەيمەن.
ـــــــ سەن ئىككى بالاڭنىمۇ تۈززۈك باشقۇرۇپ بولالمايۋاتساڭ، قانداقمۇ شىركەت باشقۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەيسەن؟
ـــــــ بۇ دەل ئاشۇنداق ئۆزىنى باشقۇرالمىغانلارنىڭ باشقىلارغا نەسىھەت قىلىدىغان، نام چىقىرىش ئۈچۈن ۋاستە تالللىمايدىغان مەشھۇرسىراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ زامانى.
ــــــ ھە، راسىت، بېلەتنى نەچچە پۇلدىن ساتتىڭ؟
ــــــ150تىن بولدى.
ـــــــ نېمانچە قىممەت؟
ــــــ ئىتتىكرەك ئېلىۋالارسەن، بولىمسا تېخى ئۇ بېلەتمۇ قالمايدۇ. ھە راسىت، سەنمۇ ئىقتىساددىن قىينىلىپ قىلۋاتىمەن دەۋاتاتتىڭ ، سەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئويلىنىپ باقساڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەندىن كىتابنى جىق ئوقىغان، ۋاقىتىنى چىڭ تۇتمىساق ئەتە -ئۆگۈن بۇ ئىشمۇ ئاقماس بوپكىتىدۇ، ئەمسە مەن  ماڭدىم، لىكسىيەم توغورلۇق ئۇچىرىغان «نارسىدىلەرگە» خەۋەر يەتكۈزۈپ قويارسەن.
  

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6130

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1198
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 12:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەگەر بۇ راست بولسا ...
كۈلەيمۇ يىغلايمۇ ...
ھەي............................................................................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32505
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 14:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزېلەرنې پۇل تېپېشقا ۋاستا تالېماېدۇ دەپ ئ‍اڭلېغان لېكېن بۇداق ئ‍ېشلېدېمۇ پۇرسەتنې قولدېن بەرمەيدېغانلامۇ بار ئ‍وخشايدۇ

0

تېما

0

دوست

74

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33098
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 19:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، تەسەۋۇرىڭىزغا بارىكاللا!!  بۇ «ھېكايە»  مېنى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى راسىت-يالغان تىلەمچىلەرنى ئەسلەتتى.

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33119
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 23:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل مۇبالىغلەشتۈرۋەتتىمۇ قانداق.......

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 00:04:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muzatvadisi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 23:28
سەل مۇبالىغلەشتۈرۋەتتىمۇ قانداق.......

بۇ دېگەن ھېكايە ،  بۇنىڭدا بەدىئىي چىنلىق بار، شۇڭا بۇنىڭغا رېئاللىق قاتارىدا مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ،

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 11:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكسىيە ئاڭلايدىغانلارمۇ ساراڭ ئەمەس، كىملا بۇلسا كىرىپ ئاڭلاۋىردىغان...

0

تېما

3

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 648
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 12:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكسىيەنىڭمۇ بازىرى كاساتلاشقاندەك قىلىدۇ،بۇنداق سەزگۈر تېمىغا كىرگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )