قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3691|ئىنكاس: 25

تىرناقتا تۇختىغان ئاتا-ئانىلار يىغىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 21:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 15:58  

تىرناقتا تۇختىغان ئاتا-ئانىلار يىغىنى


ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ


  بىگىز بارماق تەربىيىسىدىن تىكەن ئۈنسە ، باش بارماق تەربىيىسىدىن گۈل ئۈنىدۇ.ـــ خاتىرەمدىن.

     ئىلاۋە : ئاتا-ئانىلار يىغىنى قانداقتۇر بىر ئۆلۈك فورمىلا ياكى قېلىپ ئەمەس . بۇ يىغىن ياخشى ئېچىلمىسا ، ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . ئۈنىمى تۆۋەن ، تېتىمسىز يىغىن پەرزەنتنىڭ كەلگۈسىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ . تەپەككۇرغا باي ، ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئاتا-ئانىلار يىغىنى بالىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ ، ئۆزلۈك روھىنى چىڭىتىپ ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جاھاننىڭ رەپدارىنى بىلىدىغان قابىللارغا ، ۋەتەنگە ياراملىق سەرخىللارغا ئايلاندۇرىدۇ . بۇ يىغىننىڭ يېقىشلىق بولىشىنى رەھبەرلىكنىڭ دانالىقى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاقىللىقى بەلگىلەيدۇ . شۇڭا سىنىپ مەسئوللىرى ۋە ئاتا –ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى يازمامنى ئوقۇپ تەپەككۈر يۈگۈزۈشىنى ، بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا بارمايدىغان مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت نىداسىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
ئەمىسە ھاياجانلىق ئىچىدە قاتناشقان ئاتا –ئانىلار يىغىنىغا كىرىپ كەتتۇق!

    كەلگۈسىمىز ھەققىدە سۆزلەپ باقايلى.


-مەن ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولۇپ كەلگۈسىدە بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشسەملابولدى . دەپلا يىغلاپ كەتتى بىر قىز ئوقۇغۇچى.
-مەن راست گەپ قىلسام دەرس ئۈگەنگۈم يوق . بولسا مەكتەپتە ئوقۇمىسام . لېكىنئالاھىدە ساقچى بولغۇم بار . دىدى يەنە بىر قىز.
-چوڭ بولغاندا يېزىقچىلىق جەھەتتە تەرەققى قىلىپ مۇھەررىر بولغۇم بار.
-چوڭ بولغاندا كارخانىچى بولغۇم بار.
-چوڭ بولغاندا ئانا تىلىنى كومپىيوتورغا تونۇتقۇم بار.
-مېنىڭ تېخى غايەم يوق . دەسلەپدوختۇر بولاي دىگەن لېكىن دوختۇرلارنىڭ بەك جاپا تارتىدىغاىنى بىلگەندىن كېيىن،بولدىلا ئوقۇتقۇچى بولاي دىگەن ئىدىم . لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋايساپلا يۈرىدىغىنىنى كۆرۈپ بولدىلا ئوقۇتقۇچى بولمايمەن دىدىم ھازىرچە غايەم يوق.
......
      مانا بۇ 8-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان سۆيۈملۈك بالىلارنىڭ «چوڭ بولغاندا نىمە ئىشقىلىسىز ؟»دىگەن سۇئالغا ئاتا-ئانىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ،ساۋاقداشلىرى ئالدىدا بەرگەن سۆيۈملۈك ، راسچىل جاۋابى .
      مانا بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىدىن بولۇپمۇ ئاتا مېھرىدىن سۇ ئىچمىگەن ئىقتىسادتىن قىسىلغان بالىنىڭ سۆزى . مانا بۇئۆزىگە ،مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرگەن بالىنىڭ سۆزى . مانا بۇ پۇلنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئائىلىدىكى بالىنىڭ سۆزى . مانا بۇ بالىسىنى ئىشەنچكە باشلىغان بالىنىڭ سۆزى ، مانا بۇ غايىسىز ئائىلىدىكى بالىنىڭ سۆزى . مانا بۇ ئانا تىلىنى سۆيىدىغان بالىنىڭ سۆزى . مانا بۇ ...
ھەممە بالا ئۆز غايىلىرىنى ئېيتقىچە ئالقىشلاندى ، ئالقىش كۈچى بىلەن بەزى بالىلار ئىلگىرى دەپ باقمىغان يېڭى غايىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
      يىغىن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە ،مۇنازىرە مەيدانىغا ئايلاندى . ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلار كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنغا ئايلاندى . مانا بۇ يىغىن دەرىجە ئاتلاپ ، مەن بۇرۇندىن ئارزۇ قىلغان ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا ئايلانغان ئىدى . بارىكاللا !


   بالىلارنى مۇكاپاتلاشتىن تۇغۇلغان ئۆيلار

   يىغىن تەرتىۋى بويىچە دەسلەپتە ئۇگۈنۈش ماھىرلىرىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ئالدىغا تەكلىپ قىلىنىپ ، سىنىپ مەسئولى تەرپىدىن چىرايلىق مەدىھلىنىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قولى ئارقىلىق مۇكاپاتلاندى . گۈلدىراس ئالقىشلار بۇ ماھىرلارنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ ، ئۇلارنى تىرىشىشقا ئۈندىسە . بەزىلەرنى سۆيۈندۈرسە ،  قىسمەنلەرنى  ھەيرەتتە قالدۇردى . تەرتىپ بويىچە ئالدى 15 ئوقۇغۇچىنى ئالدىغا تەكلىپ قىلىنىپ ، تىرىشىشقا ئۈندەپ يەنە كاتتا سۈپەتلەر بىلەن ئۇلارنى مۇكاپاتلاندى . ئاتا-ئانىلار مازۇزلۇق* بىلەن مۇكاپاتلارنى بالىلىرىنىڭ قولىغا بېرىپ ئۇلاردىن سۆيۈندى . بەزىلەر ئۇدۇللا بېرىپ قويسا ، بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ ، رىغبەتلەندۈرۈپ قويدى . توۋۋا مەنمۇ بالامغا ئۇدۇللا بېرىپ قويۇپ ئارقىدىن ئەپسۇسلاندىم . مەنمۇ بىرئاتا بولغاندىكىن بالامنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ «مۇبارەك بولسۇن ! تېخىمۇ تىرىشىڭ ! » داۋالسام بولمامدۇ ؟ ھەي بوپتۇلا ! چۈنكى بالام بىر دەرىجە تۆۋەنلىگەچكىمىكىن ،  شۇنداق قىلغان ئوخشايمەن . كېيىن بالامنىڭ نەتىجىسى مۇئەييەنلەشتۈرلۈپ ، ئايرىم رىغبەتلەندۇرۈشقىلغاندا ئازراق پۇشمانمۇ قىلدىم . چۈنكى مېنىڭ بالام ئاپتونۇم رايۇن بويىچە شەرەپ قازىنىپ ، مەكتەپ ، قومۇلغا شەرەپ كەلتۇرۈپ يېزىقچىلىق تالانتىنى نامايەن قىلغان ئىدى.
     ھەتتا ئازراق ئۈگىنىش ئۈچۈن ياكى سىنىپ كوللىكتىۋى ئۈچۈن ئازراقلا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا ، مۇئەللىم ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى .
     ئۆز ئەمگىكىگە قارىتا ئىش ھەققى ئىلىش سوتسىيالىستىك جەمىيىتىمىزنىڭ ئىش تۈزىمى . شۇڭا ئوخشاش مۇئەللىممۇ بالىلارنى مۇشۇ ئۇسولدا مۇكاپاتلاش قىلدى . بالىلارئۆزىگە تەگكەن خاتىرە بويۇملاردىن كىملىكىنى كۆردى  . تىرىشىشنىڭ ئالى مۇكاپاتلارغا باشلايدىغانلىقىنى چۈشەندى . رىقابەتلىك جەمىيەتتە قابىلارنىڭ ھامىنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىن ھىس قىلدى . مانا بۇ يىغىنىڭ نەتىجىسى ۋە مۇۋاپىقىيىتى.

بالىلارنىڭ 10تۈرلۈك يۈرەك سۆزى

        ئىككى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا دىيەلمىگەن يۈرەك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
1. بىزنى ئويلاپ قويساڭلار ، خاپىلىقىڭلارنى بىزگە سىڭدۈرمىسەڭلار.
2. ئىشلىرىڭلار ئالدىراش لېكىن بىزگە ئازراق ۋاقىت ئاجىراتساڭلار . بىز بىلەن پاراڭلاشساڭلار.
3. تېلىۋىزور كۆرۈش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويساڭلار.
4. سۇئاللىرىمىزغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرسەڭلار، ئائىلىنىڭ بىرەر ئىشىنى قارار قىلغاندا بىزنىمۇ قاتناشتۇرساڭلار . پىكرىمىزنى ئېلىپ باقساڭلار.بىزنى ئەقىلسىز ،كالۋا ...دەپ تىللاپ روھىمىزنى چۈشەرمىساڭلار.
5. نەتىجىمىزنى ھەممە ئىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالمىساڭلار.
6. نەتىجىمىزنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرمىساڭلار ، ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنىمۇ كۆرۈپ قويساڭلار . نەتىجە بېسىمى بىزئۈچۈن بەكمۇ ئازاپ.
7. كەيپىياتنىڭلارنى تەڭشەشنى بىلسەڭلار ، سىرتتىكى ئاچچىقنى بىزدىن چىقارمىسڭلار .
8. بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋەتمەي باشقۇرۇپ تۇرساڭلار ، مەكتەپكە پات- پات كېلىپ ئەھۋالىمىزنى ئىگەللەپ تۇرساڭلار . ئۈگىنىشىمىزگە نازارەتچىلىك قىلساڭلار.
9. بىزگە ئىشەنسەڭلار ، بىزنى چۈشەنسەڭلار ، بىزگە مەدەت بەرسەڭلار ، بىزنى كىچىك دەپ خاتا ئەيىپىلمىسەڭلار.
10. بىزنىڭ ئوزۇقلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بەرسەڭلار.

مېنىڭمۇ بالامغا كۆيۈنمىگەن جايلىرىم باركەن

     تەپەككۈر دەپتىرىمنى ۋاراقلىسام ، يەنىلا بالىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ كۆپىرەگىنى يەنىلا ئاتا-ئانىلار يارىتىدىكەنمىز !  بىزدە بولغاچقا بالىلىرىمىز مانا بۇگۈنكىدەك سورۇندا ئوتتۇرىغاقويىۋاتمامدۇ ؟
    ھەي ! ئالدىدا بىز ئاتا-ئانىلارنى مۇنتىزىم تەربىلىشى كېرەككەن . ئاندىن بىز  بالىمىزنى  تەربىلىسەك بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .چۈنكى ئۆزىمىزنى ھىچ نىمىگە تەڭ قىلمىغان ،قاتار چايلارغا يېڭى كىيىمسىز  بارمايدىغان ئانىلار ، پوتۇلكىدىن نەچچىنى چېلىشىپ يىقاتمىسا ھاراق چىشلىۋالىدىغان ئاتىلار . شۇ چاي ، شۇ سورۇنغا بارغان ۋاقتىنى ئىلىم سورۇنلىرىغا ئاتىسا ، كۆپرەك كىتاپ ئوقىسا ، بۇنىڭ پايدىسىنى سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز كۆرەتتى ئەمەسمۇ ؟ زىيالى ئاتا-ئانىلارمۇ يوغان دېپلومنى قۇچاقلاپ يېتىۋەرمەي ، يېڭى–يېڭى دەۋىر بىلىملىرىنى ،پەرزەنت تەربىلەش ، ئادىمىلىك ،ئەخلاقى زەپىرانلىق... بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ قويساق شىرنىسىدىن بالىلىرىمىز بال ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟
    ئۈلگە ئىنتايىن مۇھىم . بالىلىرىمىزغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك . چۈنكى بالىنىڭ كۆزى سىنئالغۇ ، قۇلىقى ئۈنئالغۇ ، ھەركىتى نۇسقىلىغۇ . شۇڭا ئىش ھەركىتىمىز  بالا  ئالىدىدا ئىنتايىن مۇھىم .  بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدىن قارىغاندا ئاتا-ئانىلاردابىر مۇنچە سەۋەلىكلەر مەۋجۈتكەن ئەمەسمۇ  !؟ بالىلىرىمىزغا كۆيۈم يېتەرلىك ئەمەسكەن قېرىنداشلار!
مەندەرھال ئۆزەمدىن بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزدەپ باقسام مەندىمۇ بىزمۇنچە يېتەرسىزلىكەر چىقىپ قالدى .مەسىلەن بالا بىلەن سىردىشىش ، باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش ، نەتىجىنى ئۆلچەم قىلىپ بالىدا بېسىم پەيدا قىپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ باشقا ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىدىكى ساقلانغان مەسەللەرنى خېلى مۇنازىرە قىلىشتى ۋە تۈزەتمەك بولدى .
     نىمە دىگەن ياخشى يىغىن بۇ ! شۇنداقتېتىملىق ، شۇنداق يېقىشلىق ، شۇنداق ئۈنۈملۈك ، شۇنداق ئەھمىيەتلىك ! بۇ قېتىمقى ئاتا-ئانىلار يېغىنى بىزنى  قەۋەتلا سۆيۈندۈردى . چۈكى ھەربىر بالا ئۆزلۈك دۇنياسىدىكى خائىشى بويىچە نەتىجە ياراتقاچقا ، سىنىپ مەسئولى بۇنى بايقاپ ئۇلارغىمۇ قاناتى تۈرتكەن مۇكاپاتلارنى بېرىپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان ئىدى  .  ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى قولىدىن تەقدىرنامىنى شۇنچە جىق ئادەم ئالدىدا ئېلىشى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتتى .نىمە دىگەن ياخشى ھە ! مانا بۇ ھەقىقى بىز تىپچەكلەپ تۇرۇپ «ساپا مائارىپى» دەپ جار سېلىپ يېتەلمىگەن ، لېكىن بىزدە ئەزەلدىنلا بار بولغان ساپا مائارىپى.


«كىچىك تەتقىقاتچىلار»ۋە بىزدىكى خاتا تەربىيەلەر


    ھەي ! ھەي ! تېخى  مۇئەللىمنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «تارىخچى» ، «بىئولوگ» ، «ھاشارەتشۇناس»...دىگەن چىرايلىق ناملارنى بېرىشى بۇ سەبىلەرنى سۆيۈندۈرۈپ ، بېشىنى كۆككە يەتكۈزگەن ئىدى . ئۇلار  ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ئۆتمۈشىنى سۆزلىگەندە چاۋاق چېلىپ قوللىرىم ئاغرىپ كەتتى . قەلبىم تېۋىشسىز يىغلىماقتا . چۈنكى بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىلىسەك نىمە دىگەن ياخشى . قايسى ئاتا-ئانا بۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ؟مەنمۇ خوش بولۇپ كېتىپ ھاياجانلىق سۆزلىرىمنى قىلىۋالغانمۇ بولدۇم . چۈنكى شۇنچە جىق ئاتا- ئانا تۇرۇپ بالىلار توغۇرسىدا ھەممە ئالدىدا  سۆزلىگىسى كەلمىدى ؟ بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ھىلى يۈغىن تۈگىسە سىنىپ مەسئولى بىلەن ئۆچىرەتتە كۆرىشىدۇ؟! بۇ نۇقۇل ھالدىكى پاسسىپلىق !سىز دادىللىق بىلەن سۆزلىسىڭىز ياخشى خۇلۇق ،ناچار خۇلۇقلار بىردەك مۇزاكىرە قىلسا ھەممە ئېتىنى چىمداپ كۆرۈپ ئۆزلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزەتمەسمىدى-ھە؟شۇڭا دەيدىغىنىم : سىزگە بېرىلگەن ۋاقىت ئاتا ياكى ئانىنىڭ بالىسى توغۇرسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان ئالتۇن ۋاقىت .يەنى ئالتە ئايدا بىر نۆۋەت كىلىدىغان پۇرسەت ! شۇڭا مەنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بالىلىرىمىز توغۇرسىدا سۆزلىدىم ! چۈنكى ئاشۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى «مېنىڭ بالام !» پەرزەنتلىرىمىزگە پايدىلىق گەپلەر بولغاندىكىن بوپتۇغۇ . شۇنداقمۇ قېرىنداشلار ؟! چۈنكى ئاشۇ سۆيۈملۈك بالىلار مېنىڭ قەۋىمىمنىڭ بالىسى  ،كەلگۈسىنىڭ ئارزۇ -ئۈمىدى ! ئىشلىرىمىزنىڭ داۋامى !
    ئەمدى قاراپ باقسام « بالىلارنىياخشى تەربىلەيمىز دەپ جار سالىدىكەنمىز !»  ئارزۇ قىلىدىكەنمىز . بەزىلىرىمىز بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ ئازراقلا ئويناپ تاپشۇرۇققا تۇتىنمىسا* ، ئۆزىمىزچە قاتتىق باشقۇرىمەن دەپ تىللەپلا قوپىمىز «ھەي گۇي ! تاپشۇرىغىڭنى ئىشلىسەڭ بولمامدۇ ! سېنى كۈندە ئىشلە دىمىسەم ئىشلەمسەن ! » دىسە ، بەزىلىرى «مەن چايدىن كەلگىچە تاپشۇرىقىڭنى تولۇق ئىشلەپ بول ! » ، «نىمە ئانداق بىلمەيسەن گاچا ! »....دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتقان  ، تىللاۋاتقان.... بىچارىلەر شۈمشىيىپ ناچار گەپ تۈپەيلى ئىشلەۋاتقان كاللىسى ئۆتمەيۋاتقان . بەزىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپمۇ شۇنداققىلىۋاتقان . توۋۋا دەيمەن !!! ئۆزلىرى تېلىۋىزورنى جىق كۆرۈپ «دەنشى بابا» ، «دەنشىماما » دېپلومى ئالغان تۇرۇپ ، بالىسىنى تېلۋىزور كۆرمە دەپ ئورۇنسىز تەنقىتلەشلەر؟؟؟ قولىغا ئايدا بىر نۆۋەت كىتاپ ئالماي بالىسىنى « كىتاپ ئوقۇ ! تېلىۋىزورنى كۆرىۋېرەمسەن! » دەۋاتقانلار ؟ئاشۇ تاتلىق قوزىلىرىمىز   ئۆز ئەركىسى بويىچىمۇ ياشاپ باقمىسۇنمۇ ؟ ئويلاپ باقايلى تۇققانلار !  ئۇ بالىنى ھازىرقى سىز قىلىپ تەربلىسىڭىز يەنە ئون يىلدا ئۇ بالا سىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسا دەۋىرگە ،رىقابەتكە يېتىشەلمەيدۇ ؟ شۇڭا بالىنىڭ بەزى تەپەككۇرى ، بەزى جايىللىقلىرىمۇ بەلكىم ئۇنىڭ تالانتى بولسا كېرەك ! شۇڭا بالىغا ئۆزىمىزنىڭ نۇسخىسىنى مەجبورى تاڭماڭ ! ئۇ بىزدىن قابىلغا ئايلانسۇنكى ئۇ سىز بولۇپ قالمىسۇن ! چۈنكى بالىنىڭ دەۋرى ھەرگىز سىز بار دەۋىر ئەمەستە؟ ! سىز شام چىراق ئىشلەتكەن دەۋىردە تۇغۇلغان بولسىڭىز بالىڭىز ئالى دوختۇرخانىلاردا تۇغۇلدى . ئاتلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش دەۋرى ئاخىرلىشىپ يەر شارى مەھەللىلەر ئۇچقۇر خەۋەرلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . رىقابەت كالتىگى ھەرۋاقىت بېشىمىزنى ئەگىمەكتە.شۇڭا ئۇماقلىرىمىز ،يۈرەك پارىلىرىمىز ئۈرۈن كۆپرەك ئۆزىمىز ئۈلگە بولايلى !ھىچ بولمىسا ياخشى ئۈگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرەيلى! ئۈگۈنىشىگە قورقماي دەسمايە سالايلى!بۇ دەسمايىلەر كەلگۈسىدە نۇسرەت يۇلتۇزلىرىنى تۇققۇسى!

        ئادەمنى ئۆيغا سالىدىغان بىر ئىش


   -مېنىڭ بالام مۇشۇ سىنىپتىمۇ ؟ دەپلا بىر ئاتا يىغىن ئېچىۋاتقان سىنىپقا رۇخسەتسىزلا كېرىپ كەلدى . بالىسىنىڭ نەچچىنچى يىللىق،نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغىنىنمۇ بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار ھازىرمۇ باركەن . ئاخىرى مۇئەللىملەردىن بىرىنىڭ يادىدا بۇ بالا باركەن .ئۇ بالىنىڭ 9-يىللىققا چىقىپ كەتكەنلىگىنى دىگەندىلا ئاندىن ئۇ ئاتا بالىسىنى ئىزلەپ چىقىپ كەتتى . دىققەت قىلايلى جۇمۇ  بالىلىرىمىزنىڭ نەچچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغىنىنى شۇڭا ئالاقىدارئۇچۇرلارنى بىلىۋالايلى . بۇ ئەقەللى ساۋات ئاتا-ئانىلىق بىلىم . بۇنداق ئاتىلارنى قانداقمۇ لاياقەتلىك دىگىلى بولامدۇ ؟ بۇ ئائىلىنى بۈگۈنكى  رىقابەتلىك  زاماندا لاياقەتلىك ئائىلە دىگىلى بولامدۇ؟


ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا باھا ، مەدىھە ۋە تەھلىل


  ئارىمىزدا  نەقەدەر ياخشى ئاتا-ئانىلار بار –ھە ! ئۇلار بالىلىرى ئۈچۈن تېلۋىزورنىڭ زىۋانىنى ئۆچۈرۈپ بالىسىغا بىلەلمىگەن يەرلىرىنى ئاتىلىق ئانىلىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈدىغان . ئائىلىسى ئىناق بىر بىرىگە كۆيۈمى شۇ قەدەر ئىللىق ! بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ھەرقايسى پەن  نەتىجىلىرى سىنىپتا ئالدىدا . مەن ئەتراپىمدىكى ئائىلىلەرنى تەكشۇرۈپ خۇلاسىلىگەن يەكۈنۈمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دەيمەن .« كېڭەشلىك تون يىرتىلماس».
    ئائىلە بالىغا بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈگىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئائىلە مۇھىتى ياخشى ، ئائىلە ئەزالىرى ياخشى بولغان ، ئىناقلىق كۈلگەن ئائىلىلەردىكى بالىلار تەبئى خوشال روھى جۇشقۇن بولىدىكەن . ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بىلەن پىكىرلىشىش ۋاقتى كۈندە يېرىم سائەتتىن ئاشقان ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى باشقا ئىناقسىز ئائىلىلەردىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك ياخشى بولىدىكەن . شۇنداقلا  ئائىلە شارائىتى ناچار ، ئائىلە ئەزالىرى بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى ئىناق ئۆتمەيدىغان  بالىلارنىڭ روھى سۇلغۇن ، تەپەككۇرى بوغۇق خىيالچان بولىدىكەن . بالىلىرى بىلەن پىكىرلەشمەيدىغان ئائىلەدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە نەتىجىلىرى تەبىئىلا تۆۋەن ، چوڭ بولغاندىمۇ ئىستىقبالىسىز بولۇپ قالىدىكەن . بۇ شەخسەن  تەتقىقى خۇلاسەم .
   نەتىجە ، بىز بالىلارغا ئىللىقلىق ، مۇھەببەت ، ياخشى ئۈگىنىش شارائىتى ، كۆيۈم يەتكۈسەكلا ،تامانى ھاسىلات گۈل چىچەك ئۈنگۈسى ! مەيلى بىز يوقىرى ساپالىق ئاتا- ئانا بولايلى ، ياكى يوقۇرلاپ ئوقىمىغان ئاتا-ئانا بولايلى ، چوقۇم بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى توق بولسىلا بالىنىڭ مەكتەپتىكى ھەرقايسى جەھەتلەتدىكى ئىپادىسى ياخشى بولۇپ بىز كۈتكەن يەردىن چىقالايدىكەن .سىز كۆيۈمچان ئاتا-ئانا بولسىڭىز دەرھال سىناپ بېقىڭ!؟
  دىمەك ، مەلىكەم مۇئەللىمنىڭ ( قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئولى ) بۇ قېتىمقى ئاتا-ئانىلار  يىغىنىنى ئالاھىدە ئۇسلۇپ ياراتتى. بۇ ئۇتۇق ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ  باشقا مەكتەپلەرنى زىيارەت بولىشى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . شۇڭا سىز مۇدىر بولسىڭىز ئوقۇتقۇچىلارنى يىلدا بىرەر نۆۋەت ياخشى تەجرىبلەرنى ئۈگۈنىشكە ، زىيارەت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ قويغايسىز ؟! بۇنىڭدا ئۆزىمىزگە خاس ساپا مائارىپى ئەندىزىسى ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ . ئىمكانىيەت يار بەرسە دەرسنىمۇ مۇشۇ  ئاتا-ئانىلار يىغىنى شەكلىدە بالىنىڭ ئەمەلىيىتى بويىچە ئۆتسە، ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن . بولسا ئۇقۇتقۇچى بولغان سىز توختىماي ئىزدىنىپ ، تەربىىۋى تەتقىقات قىلغايسىز ،تەتقىقاتنىڭ چوڭ كىچىكى يوق ! نەتىجىسى ئۈنۈمدۇر خالاس ! بۇ گەپ بەزى ئوقۇتقۇچىلىرمىز قۇلىقىغا ياقماسلىقى تەبئى لېكىن « ئۆزگىچىلىگىمىز بىلەن ھەممىمىز كىملىكىمىزنى يارىتىمىز !--خاتىرەمدىن».
   تىرىشچانىلىق ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقىل بۆلۈمچىسىدە ئەزەلدىن بار بولغان ئىنكاس . ئۇ مەڭگۈ شۇ تەندە مەۋجۈت . كام بولغىنى ئۇنى ئاكتىۋال مەۋقەگە ئايلاندۇرۇش ئەڭ مۇھىم . بۇنى ئاقىل ئاتا-ئانىلار بايقاپ شارائىت يارىتىپ بەرسە ، ئۇنىڭدىن دەستە گۈللەر ئېچىلغۇسى ! ئەگەر بۇ تىرىشچانلىق ھاۋاسى بۇلغانغان ئائىلە شارائىتىغا مەھكۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن تىكەنگە ھەمرا مۆھتاجلىق ئۈنۈپ چىقۇسى بەس!
    خۇلاسە ، شۇڭا پۈتكۈل بالىرى ئۆقۇۋاتقان ئاتا –ئانىلار بۇ قېتىمقى دىلنى سۆيۈدۈرگەن ئاتا- ئانىلار يىغىنىدىن ئىلھام ئېلىپ ، بالىلارنىڭ تالانت ، ئارتۇقچىلىقلىرى ۋاقتىدا بايقىشى بەكمۇ زۆرۆر . ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ ، كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ نىمىگە مۆھتاجلىغىنى ئوبدان ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك .
    ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى زىچ بىرلەشتۈرسە  بالىمىز كەلگۈسىدە غالىپلاردىن  بولۇپ  چىقىدۇ .بىگىز بارمىقىمىز بىلەن بېشىنى چوقۇپ تۇرۇپ ھىتتە * تەربىيەسى بەرمەي ، باش بارمىقىمىزنى كۆپرەك ئىشلىتىپ ھۇششەرە*  تەربىيەسى بەرسەك ئۈنىمى نەچچە ھەسسە يوقىرى بولىدۇ.
    بىز ئاتا-ئانىلار بۇ قېتىمقى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن ھەقىقەتەن خوش بولدۇق . چۈنكى ئاتا- ئانىلار يىغىنىنىڭ ياخشى ئېچىلىشى مۇئەللىملەرنىڭ بالىلارغا بولغان مەسئولىيەت تۇيغۇسىنىڭ ياخشى نامەيەندىسى . مانا مۇشۇنداق ياخشى يىغىنلار كۆپلەپ ئېچىلسا ھەممە خوشال بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟  ئاخىرىدا بالىلىرىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازلارغا كۆپ رەھمەت ! سىنىپ مەسئوللىرى ئۇستازلار بىز ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ  مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك بولىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!؟

ئىزاھاتلار:
    مازۇزلۇق*     پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش.
    تۇتىنمىسا*    مەشخول بولمىسا،ئىشلەش.
   ھىتتەلەپ*     بىگىز بارمىقىمىزنى چانچىپ تۇرۇپ سۆزلەش.
     ھۇششەرە*     ياخشى،يارايسەن دىگەندەك ماختاش سۆزى  .

2014 –يىل 30-دېكابىر   ئاراتۈرك

                                                                                          


5

تېما

0

دوست

5454

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 1219
توردىكى ۋاقتى: 744
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 13:29:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىمىا بېشىدا ئاپتۇر خاتىرسىدىن  ئىپىگىراپ قىلىپ ئېلىنغان  بىر جۇملە سۆزنى ياقتۇردۇم .  مەنىسى ياخشى ئىكەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

5483

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 23:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن رەھمەت!

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6106

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1190
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى ئاتا - ئانىلار يىغىنى بەك ياخشى ئېلىپ بېرىلدى رەھمەت سىزگە !

ئاتا - ئانىلارغا :  
1.ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلىرىڭىزنى پەرزەنتلىرىڭىزگە يۈكلەپ قويماڭ . پەرزەنتلەر ئۆزى نېمىگە قىززىقسا شۇ قىززىققان تەرىپىدىن باشلاپ تەربىيىلەشكە باشلاڭ .
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ دېگەندەك ئىش بىز ئۇيغۇرلاردا بەك كۆپ .
2. پەرزەنتىڭىزنى كىچىك بالىغۇ ، ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىماڭ . ئۇنىڭغا چوڭ ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ . سىزنىڭ ئۇنىڭغا قى
لىغان مۇئامىلىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ دەسلەپكى مىجەز ، خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ .
3. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشماڭ ، تەگەشمەڭ . بولمىسا بالىلاردىكى ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك ھېسسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ .
4. پەرزەنتلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ . ئۇ سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز باشقىسىنىڭ ئەمەس. ئۇنى يېتىشتۈرگىنى سىز ، شۇڭا ئۇنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشتىن بۇرۇن ، ئۆزىڭىزنى سىلىشتۇرۇڭ . سېلىشتۇرۇش بالىلاردا ئۆچمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىكنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ .
5. پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۈندىلىك دەرىسلىرىگە يېتەكچى بولۇڭ . مۇشۇنداق بولغاندا سىنىپتا ئارقىدا قالمايدۇ .
6.  بىز ئاتا - ئانىسى بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلىشى كېرەك دەپ ئويلىماڭ . ئۇ كىچىك بولسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق بىر ئىنسان . ئۇنىڭ كاللىسى ،تەپەككۈرى سىزگە بېقىنمايدۇ . ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك.
7. پەرزەنتلىرىڭىز سىزدىن كۆپ سوئال سورىسا ھەرگىز تېرىكمەڭ . مېنىڭچە ئەڭ كۆپ سوئال سورايدىغان بالا ، ئەڭ ئەقىللىق بالا.     
8. پەرزەنتلەرگە سىرىتتا بىر خىل ، ئۆيدە بىرخىل مۇئامىلىدە بولماڭ . بۇ خىل مۇئامىلە پەرزەنتلەردىكى دەسلەپكى ساختىپەزلىكنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ .
9. تۇرمۇشىڭىزدىن ھەرقانچە بىزار بولسىڭىزمۇ ، پەرزەنتىڭىزگە بىزار بولغاندەك تەلەپپۇزدا ياكى نەزەردە قارىماڭ . ئۇمۇ سىزدىن  بىزار بولۇشقا باشلىمىسۇ .
10. پەرزەنتلەر مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ چىرايىغا سەپسىلىڭ . ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا ، سەۋەبىنى سوراڭ . ئەمما ‹ نېمىشقا ئۇنداق قىلمىدىڭ ، نېمىشقا بۇنداق قىلمىدىڭ ....› دەپ ئۇنىڭغا خاپا بولماڭ . ئەكسىچە ھەركىمنىڭ ھاياتىنىڭ ھەرخىل بولىدىغانلىقىنى ، ئىنسانلارنىڭ مىجەزىنىڭ ھەرخىل بولىدىغانلىقىنى ، قانداق ۋاقىتتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈڭ  . ئۇلارغا تەسەللى بېرىڭ .
11. ئەگەر پەرزەنتىڭىز قىز بولسا ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇڭ . چۈنكى ، قىزلار ئالدىراپ باشقىلارغا دەردىنى ئېيتمايدۇ . ئېتىسا ، دەرتلەشكەن ئادىمىنى ئاسانلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . مەسىلە شۇكى ، ھالال سۈت ئىممىگەن ، ئالدامچىلارغا ئىشىنىپ قالمىسۇن .
12.  پەرزەنتلىرىڭىزنى ھەپتىدە بىر قېتىم ئائىلىچە كىچىك ساياھەتكە ياكى زىياپەتكە داھىل قىلىڭ . چۈنكى ، ھازىرقى بالىلارنىڭ بېسىمى يۇقرى .
13. پەرزەنتلىرىڭىزغا چىرايلىق خاتىرە بىلەن ئېسىل قەلەمدىن بىرنى سوۋغا قىلىڭ ۋە ئۇلارنىڭ شۇ سوۋغىنى ئالغان كۈنىدىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىڭ . چۈنكى ، قەلەم بىلەن قەغەز ئەڭ ياخشى دوست . ئۇ ھېچكىمنىڭ مەخپىيىتىنى ھېچكىمگە چېقىپ قويمايدۇ .
14.  ھەر ئايدا بىر قېتىم پەرزەنتىڭىزگە يېڭى كىتاپتىن بىرنى سوۋغا قىلىڭ. بۇ ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدا ياخشى ياردەمچى بولىدۇ .
15. پەرزەنتىڭىزنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارلىشىۋالماڭ . ھەممىدىن توسماڭ . قويۇپ بېرىڭ ، ئۆينى ئەخلەت قىلامدۇ ... كارىڭىز بولمىسۇن ، چۈنكى ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقى بالىلاردەك ئەركىن ، شوخ ئەمەس . پەقەت يېتىشتىن بۇرۇن ئۆينى ئۆزىگە رەتلىگۈزۈڭ .

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 16:56:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپسىز!

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  668
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 39
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 18:04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ياخشى ئىكەن ماۋۇ تېما؟  

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  668
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 39
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 18:04:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ياخشى ئىكەن ماۋۇ تېما؟  

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 20:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 20:51  

بۇ يازمىنى بىر تەھىرىرلىۋەتكەن بولساق كۆپرەك كىشى كۆرگەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )