2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم ، كىشىلەر مەنىۋىيەتكە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيۋاتقان ، روھىيىتىمىز كۈنسېرى قورغاقلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە ماددىي دۇنيا ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرگەن كىشىلەردىن باشقا ئەتراپىمىزدا يەنە بىرتۈركۈم مەنىۋىيەت ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسەممۇ، لېكىن قوللىغۇچىلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىناتتىم. بۇ تەشەببۇسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇش بولدۇم، ئۈمىدلەندىم ، بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەنمۇ بولدۇم. لېكىن يەنە بىر نەرسە كەمدەك. بوۋام:«ئادەم چىن كۆڭلىدىن بىر ئىشنى قىلىشقا نىيەت قىلسا ئامالىنى تاپىدۇ، قىلىشنى خالىمىسا باھانىسىنى تاپىدۇ » ـــ دەيدىغان. ئۇنداقتا بىز ھازىر ئامالىنى تېپىۋاتامدۇق باھانىسىنىمۇ ؟ نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كىتابنى ئوقۇماقچى ئىدىم، تاپالمىدىم. بۇ كىتابنى ئوقۇماقچى ئىدىم ،ۋاقىت يوق. بىر كىتابنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىم ، لېكىن ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغىچە ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ قېلىپ داۋامىنى ئوقۇيالمىدىم ، دېگەندەك تۈرلۈك تۈمەن باھانىلەرنى تاپىدۇ. لېكىن تاپالمىدىم دېگەن شۇ كىشىلەر ئۆيىدىن باشقا يەرلەردىن شۇ كىتابنى ئىزدەپ باققان بولىشى ناتايىن. ۋاقىت يوق دېگەن كىشىلەردىن سورىغۇم كېلىدۇ ، ۋاقتىڭلار نەگە كەتتى؟ ھەممە ئادەمنىڭ بىر كۈنى ئوخشاشلا 24 سائەت.كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ بىر كۈنىمۇ ھەرگىز بۇ 24 سائەتتىن ئۇزۇن بۇلۇشقا قادىر ئەمەس. ئەجەبا كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئاتالمىش ئالدىراش شۇ كىشىلەرنىڭ بىر كۈنى 24 سائەتتىن قىسقىمىدۇ؟ بىرئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلانغان بولساممۇ ئېرىشكەن جاۋابىم ھورۇنلۇق ۋە كۆڭۈل قويماسلىقتىن باشقا نەرسە بولمىدى. گەرچە بۇ توغرىسىدا كۆپ سۆزلىگۈدەك سالاھىيىتىم بولمىسىمۇ، لېكىن كىتاب ئوقۇش يىلىدا بىرەر ئىش قىلغۇم، كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇ كىشىلەرنى قوللىغۇم، ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقارغۇم كەلدى. شۇ سەۋەبلەر بىلەن ئىزدىنىش كىتابخانىسى يولغا قويغان « كىتاب يىلىغا ئازغىنە سوۋغا » پائالىيىتىنىڭ ئىزىنى بېسىپ بىرەر ئىش قىلىشنى لايىق تاپتىم. پائالىيەت قائىدىسى ئوقۇرمەنلەر خالىغان بىركىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىپ ماڭا ئەۋەتىسىلەر. ئوقۇغان كىتابلار چوقۇم 2010- يىلىدىن كېيىن نەشىردىن چىققان كىتابلار بولىشى كېرەك. تەسىرات يېزىپ ئەۋەتكەندە كىتابنىڭ رەسىمىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پائالىيەت ۋاقتى 2015-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەڭ ياخشى تەسىرات ماقالىلىرى تۈرى بويىچە پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان قېرىنداشلىرىمىزنى تاللاپ چىقىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز. مۇكاپات بۇيۇمى ئىشىك ئالدىغىچە ھەقسىز يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات بۇيۇمى كىتاب . لېكىن قايسى كىتابلار ، قانچىلىك كىتاب دېگەنلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىققا لايىق رازى بولغىدەك مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىگە كاپالەت بېرىمەن. كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىدىن ھاجانلىنىپ ، بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى دوستلارچەمبىرىكىگە يوللاپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئوقۇغىدەك كىتاب تاپالمىغان بولسىڭىز ، ياكى ئوقۇماقچى بولغان كىتابىڭىزنى تاپالمىغان بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ . بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېپىپ بېرىمىز. ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيەقىلىمىز. قېنى ئەمىسە ، كىتاب ئوقۇش يىلىمىز ئۈچۈن ، چاڭقاپ كەتكەن روھىيىتىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى. تەسىرات ئەۋەتىش، ئالاقىلىشىش نومۇرى : ئۈندىدار، مۇڭداشقۇ : 2207187329 ئالاقىلاشقۇچى: خىيال |