قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1045|ئىنكاس: 2

شاڭگۈەن يۈن: ‹‹چىرمىشىپ كەتكەن›› ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!

1

تېما

0

دوست

611

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32223
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 17:46:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014<<چىرمىشىپ كەتكەن>> ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى
شاڭگۈەن يۈن

تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر


جۇڭگو خەۋەر تورى 18-دىكابر تېلىگراممىسى

          2014-يىلىدىكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدا باھالاش دولقۇنى ئۈزۈلۈپ قالمىدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. خەۋپسىرەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن لاۋشى ئەدەبىيات مۇكاپاتى، تەنقىد ساداسىدا تارقىتىلغان لۇياۋ ئەدەبىيات مۇكاپاتى...جۈملىدىن 6-نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاپ تاللاشتىن نەتىجىسى ئېلان قىلىنشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تالاش-تارتىش تېخىمۇ ئەگرى-توقاي بولدى: ئەسەر ئاشكارىلاش باسقۇچىدىكى ليۇ جۇڭياڭنىڭ <<مۇكاپاتقا قاتراش>>ى گۇمانىدىن، مۇكاپات ساھىبلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۈكۈرۈك جېڭىغىچە، باھالاش مىخانىزمى، بىلەت تاشلاش ئادىللىقىغا بولغان گۇمان بىر يولىلا ھە دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاستىسى بۇ خۇسۇسىدا مۇنداق سوئال تاشلىدى: جۇڭگو ئەدەبىياتى يەنە خۇشاللىق ئىچىدە مۇكاپات تارقىتالامدۇ-يوق؟

1. لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى

     2014-يىللىق لۇشۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سايلىمىدا تاللانغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش باسقۇچى بەس-مۇنازىرىگە تولدى. تاكى مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىنىڭ تۆۋەن مۇقامدا ئاياغلاشقىنىغا قەدەر، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۈستىنى قاپلىغان شۈبھە تۇمانلىرى ئىزچىل تارقىغىنى يوق.

شائىر ليۇ جۇڭياڭنىڭ <<مۇكاپاتقا قاتراش>>ىنىڭ گۇمان قوزغىشى

   5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خۇبىي ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ رەئىسى فاڭفاڭ مكرو بلوگىدا شائىر ليۇ جۇڭياڭنىڭ ‹‹مۇكاپاتقا قاتراش››ىغا بولغان گۇمانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. فاڭفاڭ مىكرو بلوگىدا مۇنداق دېدى: ‹‹خىزمەتدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە، ئۆلكىمىزدىكى بىر شائىر لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۈچۈن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە باھالاشقا تەۋسىيە قىلىنغاندا، تولۇق بىلەت بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. بۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلدى. بۇ ئادەمنىڭ شېئىرلىرى ناچار، تەۋسىيە قىلىنىشتىن بۇرۇن بارغانلىكى يېرىدە جانلىنىپ كەتكەن، بۇنداق ئادەمنى بايقۇت قىلىشقا تېگىشلىك››. ئۇ يەنە بۇ ئادەمنىڭ ھازىر بېيجىڭدىكى باھالاش كومىتىتىدا تۆت ئەتراپقا قاتراپ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
    ئارقىدىن فاڭفاڭ مىكرو بلوگىدا مەزكۇر ئاپتورنىڭ ئىجاد قىلغان شېئىرىنى چاپلاپ قويغان:

‹‹گومىنداڭ، كومپارتىيە
يەر-جاھاننى سالدى لەرزىگە
خۇاڭپۇ ھەربىي كۇرسىدا
بىرلىك تېتار ھەممىگە››

       ئۇ يەنە تۈز سۆزلۈك بىلەن ‹‹راستىنى ئېيتسام، ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى بۇنداق ئەسەرلەرنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالىشىغا تەۋسىيە قىلماسلىقى كېرەك›› دېدى. ئۇ يەنە بۇندىن سەل بۇرۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئاپتورنىڭ ليۇ جۇڭياڭ ئىكەنلىكىنى، ‹‹ليۇ فامىلىكنىڭ ئەسىرىنىڭ تاللىنىشىنىڭ خۇبىي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغانلىقى››نى بىلدۈردى.
     بۇ ئىشقا قارىتا، ليۇ جۇڭياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پۈتكۈل جەريانلارنىڭ لۇشۈن مۇكاپاتىغا ئەسەر تەۋسىيە قىلىشنىڭ جەريانلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ‹‹قانۇنلۇق بولۇش-بولماسلىقىدا فاڭفاڭ بىر ئادەمنىڭ دېگىنىنىڭ ھېساب بولمايدىغانلىقى››نى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە فاڭفاڭنىڭ ئادەتتىكى يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، كلاسسىك شېئىرلارغا ماھىر ئەمەسلىكىنى بىۋاستە كۆرسىتىپ، ‹‹ئۇ مېنىڭ شېئىرلىرىمنى چۈشىنەلمەيدۇ، دېمەك شېئىرلىرىم ئۈستىدە باھا بېرىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ›› دېدى. ئۇ يەنە دەۋا قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
      6-نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ، ئەگەر ئەسەرگە بولغان غەيرى ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالسا چوقۇم قايتا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، باھالاشقا دائىر مەسىلىلەرنى تور يۈزىدە ئۇقتۇرۇش شەكلىدە ئاشكارا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاللىنالمىغانلار باھالاشنىڭ ئادىللىقىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى

    ‹‹لۇشۈن مۇكاپاتى›› سايلىمى ئىش ھالقىسىنىڭ سىلجىشىغا ئەگىشىپ، مۇكاپاتلانغانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندا، داڭلىق يازغۇچى ئالەينىڭ ‹‹جەندۈي›› (جەندۈي - شىزاڭدىكى يەر نامى  _ _ ت) ناملىق ئەسىرى نۆل بىلەت بىلەن شاللىنىپ كەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئالەينىڭ بىرىنجى ئىنكاسى ‹‹ئېتىراز بىلدۈرىمەن›› دېگەنلا بولدى. 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالەي تور بىكەت ئارقىلىق بۇ قېتىمقى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ 3000 نەچچە خەتلىك بۇ باياناتتا، ئەسەر شەكلى، باھالاش تەرتىپى، ئەسەر سۈپىتى يېقىدىن لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا سوئال تاشلىدى.
    ئالەينىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئۆزى كېيىن ئاخبارات ۋاستىسىدە (مىدىيىدە) ئەدەبىي ئاخبارات گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدىن بىرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خى جىيەنمىڭنىڭ ‹‹نۆل بىلەتكە ئېرىشىپ قېلىش نورمال ئەھۋال، رومان يېزىپ مۇكاپات ئېلىپ باققان يازغۇچى ئەدەبىي ئاخبارات يازسا مۇكاپاتلىنشىى ناتايىن›› دەپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئالەي ئوچۇقلا قىلىپ، بۇنداق جاۋاب ئالدىدا، ھوقۇقدارنىڭ كىبىرى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى ھىس قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ تېخى يېشىلمىگەنلىكىنى ئېيىتتى.
    باياناتتا، ئالەي ئۈچ تەرەپتىن سوئال قويۇپ، ‹‹مۇشۇ ئىشقا قارىتا 6-نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئەدەبىي ئاخبارات گۇرۇپپىسى باھالاش كومىتىتىدىكى جانابلاردىن تەلىم بېرىشنى›› سورىدى. ئالدى بىلەن، ئالەي ‹‹شەكلى ماس كەلمەسلىك››كە قارىتا گۇمانىي سوئالىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەينەن يېزىلغان ئاخبارات ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئىبارەت بۇ خىل شەكىلنىڭ دەسلەپ ئىجاد قىلىنغاندىكى مەسلىكىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىكەن. ئۇ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان رىئاللىق (تېزلىك) بىلەن ئۆتمۈشتە يۈز بېرىپ بولغان رىئاللىق (تارىخ)نىڭ ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى تاراشلاپ تۇرىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشىنىدىكەن. خاسلىققا ئىگە ئاشۇنداق قىزغىن مۇنازىرە ۋە تەبىئىي كۈچ  -  ھىسسىياتقا تولغان، ئىدراكقا تېخىمۇ باي كېلىدىكەن.
     ئىككىنجىدىن، ئالەي باھالاش تەرتىپىگە بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىدا ئەگەر ‹‹ئەينەنچىلىك›› ‹‹ئەدەبىي ئاخبارات›› بولمىسا، ئەمىسە نېمىشقا دەسلىپىدىلا ‹‹جەندۈ›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئەدەبىي ئاخبارات گۇرۇپپىسىنىڭ سايلىمىغا كىرىشىگە يول قويۇلىدۇيۇ، ئەكسىچە ئۆز ۋاقتىدا ئېلىۋىتىلمەيدۇ؟ تېخى مەرتىمۇ-مەرتە بىلەت تاشلاش ئارقىسىدا، يەنە ئارقىسىدا نۆل بىلەت بىلەن ئىشنى يۇغۇشتۇرىدۇ؟
    ئەڭ ئاخىرىدا، ئالەي ئەسەرنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بىلەن لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا مۇناسىپ كېلەلمىگەنلىكىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹جەندۈي›› ناملىق ئەسەرنى ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا بىلەت تاشلىغان ئاشۇ ئەسەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەدئىيلىكى ناچارمۇ؟ تىلىمۇ؟ قۇرۇلمىسىمۇ؟ قايسى تەرەپتىن كۈلكىگە قالغۇدەك نوقسانى باركەن؟ ھەتتا باھالىغۇچى چوڭاملارنىڭ سىنچى نەزىرىگە ھەر قايسى تەرەپلەردىن لايىق كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، نۆل بىلەت بىلەتكە ئېرىشەمدۇ؟
      ئالەينىڭ باياناتى ئاز بولمىغان دىققەتلەرنى تارتتى. داڭلىق يازغۇچى فاڭفاڭمۇ مىكرو بلوگىدا ئالەينىڭ بۇ ئۇزۇن باياناتىنى تارقاتتى، ھەمدە <<مەن ئالەينىڭ كىتابىنى ئوقۇپ باققان، ئۇنىڭ نۆل بىلەتكە ئېرىشكىنىدىن ھەيران قالدىم>> دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
     ئوخشاشلا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان باھالىغۇچىدىن يەنە ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى لياڭ خېڭمۇ بار. ئالەي بايانات ئېلان قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە، ئۇ ‹‹لۇشۈن مۇكاپاتىنىڭ سەپتىن چۈشكەنلىك دوكلاتى توغرىسىدا›› ناملىق يازمىسىدا ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىنىڭ ‹‹ھاردۇق ئېشى›› ناملىق ئەسىرى ‹‹نەسرىي ئەسەرلەر مۇكاپاتى››غا تاللانغان، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت تۆت بىلەتكىلا ئېرىشكەن، سەۋەبى كىتابتىكى جاڭ ۋېنتيەننىڭ ماقالىسىنى تەنقىد قىلغان بىر پارچە ئەسىرى ‹‹بالا تېرىغان››. لياڭ خېڭ يازمىسىدا مۇنداق دېگەن: ‹‹مەن جەزمەن شۇ تۆت زات بىلەن سالاملاشقاندا، ماڭا باتۇرلۇق بىلەن بىر بىلەت تاشلاپ قويۇشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىم ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن››. ‹‹سالاملاشقۇچىلار››نى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا يول قويماسلىقنىڭ باھالىغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇلغىنىنى توغرا چۈشىنىشكە بولامدۇ-يوق، لياڭ خېڭ ‹‹بولىدۇ›› دېدى. يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭغا جاڭ ۋېنتيەن تەنقىدلەنگەن ماقالە ئۈچۈن، باھالىغۇچىلارنىڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
          بۇ ئىشقا قارىتا، ‹‹لۇشۈن مۇكاپاتى››نى ئېلىپ بارغۇچى تەرەپ ھېچقانچە كۆپ چۈشەنچە بەرمىدى.

مۇكاپات ساھىبى جۇ شياۋتيەننىڭ قىسمەن شېئىرلىرى <<ھەجۋى شېئىر>> دېگەن گۇمانغا قالدى

      ۋاقىت سۈرۈلۈپ 9-ئايغا كەلگەندە، ‹‹لۇشۈن مۇكاپاتى›› ساھىبلىرىنىڭ تىزىملىكى ئاخىر ئېلان قىلىندى، لېكىن دەل مۇشۇ تىزىملىك بىر قېتىملىق غوۋغاغا سەۋەب بولدى. شېئىرىيەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى جۇشياۋتيەننىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى تېزلا بازار تېپىپ كەتتى. ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋاڭ مېڭنىڭ ئىلگىرى بۇ ئەسەرلەرنى تەرىپلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ‹‹ھەجۋى شېئىر›› دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى؛ ئۇزاق ئۆتمەي، سىچۈەن ئۆلكىلىك شېئىرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 13 نەپەر دائىمىي ئىشلار كېڭەش ئەزاسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە، شۇنداقلا ‹‹لۇشۈن مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى››گە ئوچۇق خەت يازغان. سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ چىيۈ ئالدىنقى قېتىمقى يىللىق نۆۋەت ئالمىشىش مەزگىلىدە، جۇشىياۋتيەننىڭ ‹‹مەرتىۋە كۆزلەپ، تامغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، مەخپىي مەلۇمات لايىھىلەپ›› نۆۋەت ئالمىشىش ماجىراسى تۇغدۇرغانلىقىنى، جۇ شياۋتيەننىڭ مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىتا ئاشكارا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
      شىددەتلىك سەلبىي باھالارغا يۈزلەنگەندە، جۇ شياۋتيەن قارشى ھالدا تولىمۇ تەمكىن بولۇپ، ‹‹نادانغا سۈكۈت›› دېگەن جاۋابنى قايتۇردى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ‹‹ۋەزىنگە چۈشمەسلىك»، ‹‹ۋاڭ مېڭنىڭ ئارتۇقچە ماختىۋېتىشى» قاتارلىق گۇمانىي پوزىتسىيىلىرىگە قارىتا، جۇ شياۋتيەن ئۆزىنىڭ ئىزچىل كلاسسىك ئەدەبىيات كەسپىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. ۋەزىن مەسىلىسدە بولسا، ئۇ ‹‹مەن ۋاڭ لىنىڭ [خەنزۇ شېئىرىيىتى ۋەىن ئىلمى]نى كۆچۈرۈپ چىققان، دەپ باقە، مەن بىلەمدىكەنمەن؟» دەپ قايتۇرۇپ سوئال قويدى، ھەم «بىلىدىغىنىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەر نۇرغۇن، ئۇ كەسىپ جەھەتتە ماڭا يەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ تېمىغا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى. «مەنمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش، ياخشى باھالارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىمەن، غەرەزلىك باھالارغا قارىتا سۈزۈش ئېلىپ بارىمەن. سەلبىي باھالارنىڭ توغرىلىرىنى قوبۇل قىلىمەن، ئۆگەنگەن ئادەتنى تاشلىيالمايمەن، يەنە دېسەم يەنە شۇ›› دېدى جۇشياۋتيەن خۇلاسىلەپ.

ھەقىقىي نامدا بىلەت تاشلاش تۈزۈمى ئاستىدا ‹‹تەڭقىسلىقتا قالغان›› باھالىغۇچىلار

          بەس-مۇنازىرە كۆلىمىنىڭ توختىماي كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكىلەر نەزىرىنى ‹‹لۇشۈن مۇكاپاتى››نى ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ بىلەن باھالىغۇچىلارغا يۆتكىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باھالاشنىڭ ئوبىكتىپلىقىغا ئىمكانقەدەر كاپالاتلىك قىلىش ئۈچۈن، لۇشۈن مۇكاپاتى ئىلگىرى بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. مەسىلەن بۇ يىل تۇنجى قېتىم ھەقىقىي نامدا بىلەت تاشلاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بىراق بۇ بىر قىسىم باھالىغۇچىلارنى ‹‹تەڭقىسلىقتا قويدى››.
     بۇ نۆۋەتلىك لۇشۈن مۇكاپاتىدا پوۋىسىت مۇكاپاتىنى باھالىغۇچى، داڭلىق ئوبزورچى بەي يې ھەقىقىي نامدا باھالاش بىلەن يوشۇرۇن نامدا باھالاشنىڭ نەتىجىسىنىڭ سۆزسىز ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيىتتى: ‹‹دۇنيادا قايسى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئاشكارا بىلەت تاشلاش نەتىجىسى يوق، بۇنداق قىلىش باھالىغۇچىلارنى ئومۇمنىڭ بېسىمى ئاستىغا تاشلاپ قويغان بىلەن باراۋەر››.
     باھالىغۇچى شيې يوشۈننىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي نام تۈزۈمىنىڭ ياخشى تەرىپى بار. ھەقىقىي نام تۈزۈمى ھەر بىر باھالىغۇچىنى ئاشكارا ھالدا دەس تۇرۇپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇزىدۇ. يەنە بىر باھالىغۇچى چېن شياۋمىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەقىقىي نام تۈزۈمىنىڭ ‹‹پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار››، بىر بەلگىلىمىنىڭ لاھىيىلىنىشى ئومۇمنى ئويلاشقان بولۇشى، باھالىغۇچىلارنىمۇ ئويلاشقان بولۇشى كېرەك. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقىي نام تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ. لېكىن 50 يىلدىن كېيىن ئاشكارىلاش بەلگىلەنگەن. بىزنىڭ بۇ ھەقىقىي نام تۈزۈمىمىز، ماھىيىتىدىن ئىشەنچ كىرزىسىنىڭ مەھسۇلى، ئىشەنچكە بولغان ئالدىن زاكالەت، نورماللىق ئەمەس.

ئىزاھ: بۇ ئەسەر شاڭگۈەن يۈننىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىنىڭ ئالدىنقى قىسىمى. كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئاپتور، تەرجىمان ۋە مەنبەسىنى توغرا ئەسكەرتىڭ.

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 10:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹گومىنداڭ، كومپارتىيە
يەر-جاھاننى سالدى لەرزىگە
خۇاڭپۇ ھەربىي كۇرسىدا
بىرلىك تېتار ھەممىگە››


مۇنداق  شېئىرلار ھەققىدە دەتالاش قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن . ئۇلار ئارتۇقچە كۈچەپ كېتىپتۇ ، تۈكۈرۈكلىرىنى ئىسراپ قىلىشىپ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )