قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4391|ئىنكاس: 108

مەن كۆرگەن تەڭرىتاغ ئالىمى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33090
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 12:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pantekin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 18:02  

مەن كۆرگەن تەڭرىتاغ ئالىمى
جۈرئەت نىزام
(ئاپتور: بورتالا شەھەرلىك 5 - دېۋىزىيە ئۇتتۇرا مەكتىپىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئۇقۇتقۇچسى)

    ئىلاۋە: بورتالا شەھەرلىك تېلگىراف شىركىتىنىڭ سېكىرتارى شىرئەلى ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، بورتالاش شەھەرلىك تېلگىراف شىركىتىنىڭ  ئادىلجان قادىر بوزقىر ئەپەندىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئاكتىپ تەكلىپ قىلىشى، بورتالا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم ئەپەندىنىڭ قوللىشى بىلەن دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش بۇلتۇر 31 – دېكابىردىن بۇ يىل 2 – دېكابىرغىچە بورتالادا «بوزقىر ئىلىم چېيى» غا قاتناشتى ۋە ئۈچ مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. تۆۋەندە مەن مۇشۇ جەرياندا قەلبىمگە چۇڭقۇر تەسىر قىلغان سەمىمىي تەسىراتلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.

    2014-يىل 12-ئاينىڭ 31- كۇنى ئەتگەن سائەت 9دا بورتالا ئايرىدىرومىدا ،بورتالا«بوزقىر ئىلىم چىيى» غا قاتنىشىدىغان دوستلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2013 – يىللىق تەڭرىتاغ ئالىمى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن گۇۋاھنامىسى بار)، جەمئىيەتشۇناس، دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىنى تەقەززالىق بىلەن كۇتتۇق.
    مەن ئىلگىرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش يازغان «ئۆزلۇك گىرۋەكلىردە» ناملىق كىتاپتىن ئۇنىڭ ئامېرىكدا ئوقۇغانلىقى، 2007- يىلى «فورت خەلقئارلىق ئۇقۇش مۇكاپاتى» غا  ئېرىشكەنلىكى ۋە ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ۋەتەن ۋە مىللەتكە شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنى بىلگەنىدىم.
    ئامېركىدا ئۇقۇغان بىر دوكتورنىڭ مۇشۇنداق يېڭى يىلنىڭ بايرام كۈنلىرىدە، يەنە كېلىپ زېمىستان قىشتا بورتالاغا كېلىشىگە تازا ئىشەنگۈم كەلمەيتتىيۇ، ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىساملا ھاياجانلىناتتىم.
    مەن 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۇنى «بوزقىر ئىلىم چىيى» غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولساممۇ كاللامدا «ئىلىم چېيى» توغۇرلۇق ھىچقانداق چۇشەنچە يوق ئىدى. مەن باشقىلاردىن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر قاتارلىق ئوتيۈرەك ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە «ئىلىم چېيى» تەشكىللگەنلىكى، بۇنداق چاينى تەشكىللەش مەقسىدىنىڭ خەلقمىزنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم.
    بورتالا ئايرىدورۇمىغا كۈتۈۋېلىشقا چىققان دوستلار ئايردۇرۇم ئىشىكىدە ئاددىغىنا كىيىنگەن، قولىدا سومكا كوتۈرۈۋالغان 40 ياشلار چاممسدىكى بىر ئەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت بىلەن قىزغىن كورۈشۈۋاتاتتى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە، 40 ياشلار چامىسىدىكى ئەر مەن بىلەن قول ئېلشىپ، قۇچاقلشىپ كورۈشتى. ئالىم زۇلپقار بارات بىلەن كۆرۈشكىنىمنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇملىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بىراق بۇ ئوڭۇم بولۇپ، ئالدىمدا كۈلۈمسرەپ تۇرغىنى راستلا زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئىدى. «توۋا، نېمانچە كىچىك پېئىل ئادەم بۇ. ئۇنىڭ چىرايىدا پەقەت باشقىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە كۈلۈمسىرەشلا بار ئىدى. بىز ماشىنىغا چىقتۇق. ماشىنىدا «بورتلا ئىلىم چېيى» نىڭ تەشكۈللىگۈچىسى ئادىل قادىر بوزقىر بىزنى  زۇلپىقار بارت ئۆزباشقا تۇنۇشتۇردى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە، زۇلپىقار بارات ئۆزباش مەندىن تارىخ توغرىسىدا سۇئاللارنى سوراپ قىزغىن پاراڭلاشتى، بىر دەمدىلا ئۇ مېنىڭ ئائىلە ۋە خىزمەت ئەھۋالىمنى سوراپ بىلۋالدى، گەپ ئارلىقىدا كونا تۇنشلاردەك «جۈرئەت مۇئەللىم، شۇنداقمۇ، بۇنداقمۇ» دەپ ئىسمىمنى چاقىرىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئىسملىرىمىزنى ئېسىدە تۇتۇۋالغانلىقى بىزگە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكى ئىدى. مەن ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىدىن ئاددىي ساددىلىقىدىن ئۇنىڭ راس زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى...
    شۇ كۇنى بىز زۇلپىقار بارات ئۆزباشنى رېستۇراندا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشقا شۇنچە ئۇرۇنساقمۇ، ئۇ رەت قىلىپ «مەن بورتلاغا ئوينىغىلى كەلمدىم، ئىلىم چېيىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقىلى كەلدىم» دەپ رەت قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ئۆيدىلا ئاددىي كۈتۈۋالغان بولدۇق.
    زۇلپىقار بارات ئۆزباش بورتلادا  تۇرغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچدە  بورتالادىكى چىندىل يېزىسى، 5-دىۋزىيە ئوتتۇرا مەكتىپى، «ئىجتىھات تىل تەربىيەلەش مەركىزى» قاتارلىق ئورۇنلاردا 2000 دىن ئارتۇق ئادەمگە لېكسىيە سۆزلدى. ئۇ ھەربىر سۆزىدە ئوقۇش ۋە بىلىم ئىگەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىتىرەتتى. «بورتالا ئىلىم چىيى» غا قاتنىشىپ، بورتلاغا ئىلىم چىينىڭ ئۇرقىنى چاچتى. ئۇنىڭ «بىز ئۆزىمىزنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، ئىلغار مەدەنىيەتنى پۈتۈن مىللەتكە كېڭەيتىشىمىز لازىم. مۇبادا جەمئىيىتىمىزدىكى ئىلغار كىشىلەر ئاۋاز چىقارمىسا جەمئىيەتنى پۇچەكلەرنىڭ ئاۋازى قاپلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىلغارلار پۇچەكلەرنىڭ ئاۋازىنى بېسىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئاۋازىنى ياڭرىتىشى لازىم» دېگەن سۆزلىرى، مېنڭلا ئەمەس، پۈتكۈل بورتالا خەلقىنىڭ يۇرەك تارىنى تىتىرەتتى.
زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «جۈرئەت مۇئەللىم، تېلېفون نۇمرۇمنى يېزىۋېلىڭ، ئۈرۈمچىگە بارسىڭىز ئۆيگە بېرىڭ» دېگەن سۆزلىرى ماڭابەكلا تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ ئاددىي – ساددا روھى ھاياتىمدا بۇرۇلۇش ياسىدى.  بۇ يىل يىڭى يىلدا باشلانغان يىڭى باشلىنىش مەڭگۈ داۋاملىشىپ زولپىقار بارات ئۆزباش چاچقان ئىلىم ئۇرۇقى بىخ سۈرۈپ مېۋە بەرگۈسى، بورتالا خەلقى ئارىسىدا ئىلىمخۇمارلار ھەسسىلەپ كۆپەيگۈسى....


2.png
3.jpg
4.png
5.png
6.png
1.jpg

2015 – يىل 2 – يانۋار بورتالا شەھىرىدە يېزىلدى


1

تېما

3

دوست

2398

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 13:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىلىم سورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر جەمىئىيتىىدىكى يۈكسىلىشنى بارلىقا كەلتۈرگۈسى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13490
توردىكى ۋاقتى: 6639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 13:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ياخشى يېزىلىپتۇ.زۇلپىقار بىزدە ۋايىغا يەتكۆزۈپ ئوقۇغان،يۇقۇرى سەۋىيەلىك،ئاز بولمىغان كەسپى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بىردىن بىر جەمىيەتشۇناس-سوتسىيولوگ.ئۇ ئۇزىنىڭ نىسبى خاس ئىدىيىسى ۋە غايىسى بار شەخىس.

0

تېما

0

دوست

1333

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31466
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 13:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپ ،ياخشى تىما مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن

1

تېما

0

دوست

1194

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25692
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 14:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتىملىق چىن تېما.رەخمەت

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 16:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەلى قۇربان 11-قەھرىتان خېجىڭ ناھىيىسىگە كىلىپ لىكسىيە سۆزلەيدىكەن ، ئاڭلاش بىلىتى 150يۇەندىن سېتىلىدىكەن . زۇلپىقار مۇئەللىم قارىغاندا ھەقسىز سۆزلىگەن ئوخشايدۇ . بۇ ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئىشنى قايىل قىلارلىق مۇنازىرىلىشىپ باقمايمىزمۇ ؟

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 16:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 16:13  

ئۆزرە ، تەكرارلىنىپ قاپتۇ .

0

تېما

0

دوست

716

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30521
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 16:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىمدىن بىرنى ئەپ كەپسىز ،رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )