قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2543|ئىنكاس: 9

مەرھۇم قويچىلارنىڭ پانى ئالەمدىكى تەقدىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

1

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33022
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 14:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 13:02  

مەرھۇم قويچىلارنىڭ پانى ئالەمدىكى تەقدىرى

جىمسارى

    ئەلقىسىسە ئاۋۋال، مەھەللىمىزدىكى توختاخۇن قويچىنىڭ قوشكېزەك ئوغۇللىرى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى ھەسەن، كىچىكىنىڭ ئىسمى ھۈسەن ئىكەن. توختاخۇن قويچى، بۇئىككى ئاكا-ئۇكانى خەلققە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن، 9 ياشقا كىرگەن يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ھەسەن-ھۈسەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى، كوممۇنا قۇرۇلۇپ، توختاخۇن قويچىنىڭ 200 تۇياق قويى ۋە باشقىلارنىڭ بولۇپ، 1500 تۇياق قوي، كوممۇنا ئىلكىگە ئۆتۈدۇ. ھەمدە، توختاخۇن قويچى باشچىلىقدا قىزىل بايراق فېرمىسى قۇرۇلۇدۇ. ھەسەن، ئېغىر بىسىق، ئوقۇشتا تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق بالا بولسىمۇ، بالىنىڭ چوڭى بولغانلىقتىن، ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتىسى توختاخۇن قويچىغا ياردەملىشىپ قوي باقىدۇ، ھۈسەن، ئاكىسى ھەسەنگە قارىغاندا شوخ ھەم ئەركە بولۇپ، توختاخۇن قويچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيدۇ.
    يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ھەسەن، «بالا قويچى» دىگەن نامىدىن، قويلارنىڭ قانداقلىقىنى بىر قاراپلا بىلىدىغان، قايسى ۋاقىتتا ، قانداق مۇھىتتا ئۇرۇقلاندۇرسا، قانداق چاغدا قوزىلايدىغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا، قوي قىسىر قالمايدىغانلىقىنى، قوزىلارنى ياخشى ئەي قىلىشنىڭ چارە تەدبىرلىرىنى بىلىدىغان بەش ۋاق نامازنى تاشلىمايدىغان، «ھەسەن قويچى» دىگەن نامغا ئېرىشىدۇ. ئۇ بالا قويچى ۋاقتىدا، توختاخۇن قويچىنىڭ فېرمىسدا، 1500 تۇياق ھەر خىل نەسىلدىكى ئەبجەش قوي پادىسى بار ئىدى، ھەسەن قويچى ئاتىسىدىن كىيىنكى 20 يىل قوي بېقىش جەريانىدا، ئۆزى قول سىلىپ، بۇ قويلارنىڭ ھەر خىل بولغان نەسلىنى، بىر خىل قارا رەڭلىك ھەم بۇيى تەكشى بولغان، گۆش-يۇڭ ئىلىنىدىغان ساپ قانلىق نەسىلگە ئۆزگەرتىپ بولىدۇ. قوي سانىمۇ كۆپۈيۈپ 2000 تۇياققا يىتىدۇ. ھەسەن قويچى باققان 1300 تۇياق ساغلىقنىڭ قىسىر قىلىش نىسبىتى بىر پىرسەنت، بۇغاز بولۇش نىسبىتى 99 پىرسەنت، تۇغۇلۇش نىسبىتى 95 پىرسەنت، ئەي بولۇش نىسبىتى 98 پىرسەنت بولۇش سەۋىيەسىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. بۇ قويلار ھەر يىلى 3-ئاينىڭ بېىشىدا تاغ ئاتلاپ، 7-8 كۈن يول يۈرۈپ كۆكلەمگە كۆچىدۇ، بۇ مەزگىللەردە قار-يامغۇرلۇق جۈدۈن كۈنلەر كۆپ بولۇدۇ، ساغلىقلارمۇ مۇشۇ كۈنلەردە مەيلى يولدا كىتىۋاتقاندا، ئوتلاۋاتقاندا، كىچىدە بولسۇن قوزىلاپ تۇرۇدۇ، بىر كۇندە كىچە-كۈندۇزگە قارىماي 20-30 قوزا تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ. قوي سانى كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ قوزىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئانا ساغلىقنى تاپالمايدۇ، بىر كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئانا ساغلىق قوزىسىنى ئالمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرۇدۇ، بىخۇتلۇق تۈپەيلىدىن تۇغۇلغىنى بايقالمىغان ياكى بىر كۈن سۈت ئەممىگەن قوزا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ. ھەسەن قويچى بۇ ئەھۋاللارغا پىششىق بولۇپ، قايسى قوينىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى پەملىيەلەيدۇ، قوزىسىنى تاپالمىغان ساغلىققا قوزىسىنى، ئانىسىنى تاپالمىغان قوزىغا ئانىسىنى بىر قاراپلا تېپىپ بىرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ قوزىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا، خېلىلا يوقۇرى بولۇپ، قوزىلىرى تىمەن چوڭ بولىدۇ. ئاددى ھىساپلىغاندا، ھەسەن قويچى، 30 يىل قوي بېقىش جەريانىدا، ئانا مالدىن باشقا، جەمىيەتكە ئاز بولغاندىمۇ تەخمىنەن 30 مىڭ تۇياق تىرىك قوي ئىشلەپ بېرىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ھەسەن قويچى ياشىنىپ، ئاخىرى «ھەسەن قويچى» نامى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. جاھان تەرەققى قىلىپ، ھەسەن قويچىنىڭ بالىلىرى قوي باقىدىغان »قويچى» بولماي، شوپۇر، كادىر بولىدۇ. ھەسەن قويچىنىڭ نەسىللىك قويلىرى بېقىشسىز قىلىپ، ئاخىرى پارچە پۇرات سېتىلىپ تۈگەيدۇ.
     ھۈسەن، ئۆرلەپ ئوقۇپ، ئالى مەكتەپنىڭ چارۋاچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتىپ چارۋاچىلىق ئىدارىسىدا «ھۈسەن تېخنىك» بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ ئىدارىدا بۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس چارۋاچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان ئالى مەكتەپ باكلاۋىر نامىنى ئالغان كىشى بولماغانلىقتىن، ئۇزۇنغا قالماي، چارۋاچىلىق ئىدارىسىغا باشلىق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىسمى «ھۈسەن جۇيجاڭ» بولىدۇ. «ھۈسەن جۇيجاڭ» چارۋاچىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، كۈندە ئۇ يىغىن-بۇ يىغىن، ئۇيەرگە بېرىش- بۇ يەرگە بېرىش، ئۇ ئۆگۈنۈش- بۇ ئۆگۈنۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى بىلەن كۈنى ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدۇ. چارۋاچىلىق پەن-تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغانغا پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. ھەتتا، ئاكىسى ھەسەن قويچىنىڭ يىنىغا ۋە ئۇنىڭ قويلىرىنى كۆرۈپ كىلىشكىمۇ پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. چىققاندىمۇ بىر يىلدا بىر قىتىملا ۋاقىت چىقىرالايدۇ. شۇنداق ئالدىراش 10يىل ئىشلىگەندىن كىيىن، ئۇنۋان باھالاش يولغا قويۇلۇپ، ھۈسەن جۇيجاڭ، «چارۋاچىلىق ئىنجىنىرى» دىگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. پارتىكوم «ھۈسەن جۇيجاڭ» نىڭ خىزمەتتىكى قابىللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى يەنە «خەلق قۇرۇلتىيى كۆمىتىتىغا» ئۆستۈرمەكچى بولىدۇ.
    ھۈسەن جۇيجاڭ، چارۋاچىلىق ئىدارىسىدا مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ تېخى تۈگۈمىگەنلىكىنى، ئۆزى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، يەنە 3 يىل ئىشلىگەندىن كىيىن، ئاندىن بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ پارتكومغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈرۈپ ئۆز ئورنىدا داۋاملىق ئىشلەيدۇ.
    ئايلار ئۆتۈپ،ھۈسەن جۇيجاڭ، كادىرلار ئىدارىسىدىن كەلگەن «ئۇنۋان باھالاش ئۇقتۇرۇشى»نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇنى ئوقۇپ، مەزمۇنىدىن ۋاقىپلىنىدۇ. .........«ئالى ئىنجىنىر» ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بولۇشى، نوپوزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىسى بولۇشى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇشى .........كېرەك » دىگەنلەردىن خەۋەرتاپىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۈسەن جۇيجاڭ مۇشۇ كەسىپنى باشقۇرۋاتقان ۋە ھەپىلىشىۋاتقان كەسىپ ئەھلى بولغانلىقتىن ئۇزۇنغا قالمايلا « چارۋاچىلىقتىن مول-ھوسول ئېلىشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىلار»، « رايونىمىزدىكى قوي سورتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى» ناملىق ئىككى پارچە ماقالىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ. يىل ئاخىرىدا، ھۈسەن جۇيجاڭ، «پەن-تېخنىكىدا ئىلغار شەخسى» دىگەن مۇكاپاتقىمۇ ئىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ھۈسەن جۇيجاڭ، «چارۋاچىلىق ئالى ئىنجىنىرى» دىگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. ئىككىنچى يىلى، گوۋۇيۋەننىڭ پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
    ئاي-كۈنلەر ئۆتۈپ، سىياسى كىڭەشتىن ئۇقتۇرۇش كىلىدۇ. ئۇنىڭدا، يۇرتىمىزدىكى پەن-تېخنىكىدا مەشھور كىشىلەر قامۇسى ئىشلىنىدىغانلىقى، بۇ مەشھۇر كىشىلەرگە، يوقۇرى ئوقۇش تارىخى، ئالى ئۇنۋانى ، ئالغان مۇكاپاتى بار ، ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان كىشىلەر تاللاپ يېزىلىدۇ. نامزات تاللاپ، بىر ئايغىچە ئوبدان يېزىپ، بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزلەرنى ئۈمۈت قىلىمىز دىگەنلەردىن خەۋەرتاپىدۇ.
    ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، سىياسى كىڭەش رەئىسى ياقۇپ رەئىس ئاپتورلىقىدا، « يۇرتىمىزدىن چىققان پەن-تېخنىكىدامەشھۇر كىشىلەر» ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىدۇ. بۇ كىتاپقا، ھۈسەن جۇيجاڭمۇ «تۆھبىكار چارۋاچىلىق ئالى ئىنجىنىرى» دىگەن تىمىدا تەپسىلى تۇنۇشتۇرىلىدۇ. مۇخبىرلىق قىلىدىغان نەۋرە ئىنىمىز تۇرسۇن، بۇ كىتاپنى كۆرگەندىن كىيىن، گېزىتكە ماقالە يېزىپ ، بۇ كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشىنىڭ ۋە ئاپتور ئەمگىگىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيتىنى، ياقۇپ رەئىسنىڭ يۇرتىمىزدىكى مەشھۇركىشىلىرىمىزنى بايقىغان تالانتىنى، گەرچە ئۇ ئۆزىنى بۇ مەشھورلار مەجمۇئەسىگە يازمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇرتىمىزدىكى مەشھۇر پەن-تېخنىكاخادىمى، مەشھور جامائەت ئەرباپى، قابىل رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ خەۋەر قىلىدۇ. ئاكامنىڭ ئوغلى كەنجىھاجى، بۇ كىتاپنى ۋە نەۋرە ئىنىم يازغان گىزىت خەۋىرىنى بىرلىكتە ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ «ئالغا» ناملىق ئىنتىرنېت تورىدا تارقىتىپ، جەميەتتە ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائى ئۈنۈم يارىتىدۇ. بۇ نىڭ بىلەن، كەنجىھاجىنىڭ ئىنتىرنېت تورى تەسىر بار داڭلىق تور تاراتقۇلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
    يىللار ئۈتۈپ، «يۇرتىمىزدىن چىققان مەشھۇر كىشىلەر» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى، سىياسى كېڭەش كومىتىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپ دۇگايلى ئاكىمۇ، مەشھور جامائەت ئەرباپى، قابىل رەھبەر نامى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
    بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تۆھپىكار ئالى ئىجىنېر-ھۈسەن توختى ئاكا، مەرھۇم ياقۇپ رەئىسنىڭ ئورنىغا رەئىس بولۇپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئايلار ئۆتۈپ، ھۈسەن رەئىس، يىڭى خىزمەت ئورنىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئالدىراش ئەمەسلىكىنى پەملەپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «يۇرتىمىزدىن چىققان قابىل رەھبەرلەر» ناملىق كىتاپ يېزىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. قېرىشقاندەك، ئۇزۇن ئۆتمەي، ھۈسەن رەئىس تۇيۇقسىزلا پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە كىتىپ قالىدۇ، يازماقچى بولغان بۇ كىتاپمۇ روياپقا چىقماي شۇ پېتى جايىدىلا قالىدۇ.
ئەلقىسىسە ئاخىر، شۇنداق قىلىپ، ھىكايىمىزدىكى بۇ مەرھۇم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، ھايات چېغىدا ئېرىشكەن، «قويچى»، «مەشھور پەن-تېخنىكا خادىمى»، « مەشھورجامائەت ئەربابى، قابىل رەھبەر» دىگەندەك شۆھرەتلىك ناملارنى قالدۇرۇپ، بۇ ئالەمدىن كىتىپ قالدى. (بۇلارنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغاي، ئامىن).
    ئەمما، ھەسەن قويچىدىن باشقىلىرىنىڭ مۇبارەك ناملىرى، تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئىلىپ، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالدى. رەھمەتلىك ئاغا-ئىنى ھەسەن-ھۈسەن ۋە ياقۇپ ئاكىلارنىڭ پانى ئالەمدىكى تەقدىرى مىنى نۇرغۇن ئويلارغا باشلاپ كەتتى، مېڭىۋاتىمەن، ئويلاۋاتىمەن، بۇ مەرھۇم كىشىلەر تۇغۇلغاندا، بۇلارنىڭ تەقدىرىنى خۇدايىم شۇنداق بېكىتكەنمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىملەرگە بۇ پانى ئالەملىكى بېرىلگەن؟ كىملەرگە باقى ئالەملىكى بېرىلگەن؟ ھەسەن قويچىنى بىر ئۆمۈر تاغ-دالىدىن كەلمەيدىغان، قوي بىلەن بىر ئېغىلدا يېتىپ قوپىدىغان، قوي بېقىشنى ئۆچ كۆرۈدىغان بىر تۇققۇنۇمنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، بىرئۆمۈر «جاڭگال سارىڭى» بولۇپ ئۆتىدىغان قىلىپ ياراتقانمىدۇ؟ ياكى ئۇنى، قوينىڭ تىلىنى بىلىدىغان «قويچى پەيلاسوپ» قىلىپ ياراتقانمۇ؟ خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچى، خۇدايىمنىڭ رۇخسىتىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. ھەسەن-ھۈسەن رەھمەتلىك ئاغا-ئىنىلار ھاياتىدىن قارىغاندا، ئىككىلىسى ئورنى ئوخشىمايدىغان بىر «مالچى ياكى قويچى» غۇ؟ ھەسەن ئاكا نىمە ئۈچۈن پانى ئالەمدە بىر «ئاددى قويچى» ئاتالدى؟ بۇ نامنى ئۇنىڭغا كىم ئاتا قىلدى؟ نىمە ئۈچۈن تارىخ بېتىگىمۇ يېزىلمىدى؟ ھۈسەن ئاكا نىمە ئۈچۈن پانى ئالەمدە «تۆھپىكار قويچى» ئاتالدى؟ بۇنامنى ئۇنىڭغا كىم ئاتا قىلدى؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ كىتىۋاتىمەن.......

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ئەسەر، «ئاكادېمىيە تورى» نىڭ 2012-يىل، 23-ھۇد سانىدا نەشىر قىلىنغان. بۇرادەرلەرنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن باغداشقا كۆچۈرۈپ كەلدىم. جىمسارىدىن.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2770
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 14:45:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلمىغان ئەسەركەن ، تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش زۆرۈردۇر .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

422

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33113
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 14:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم بىزگە مۇھىم بىلىنگەن ئىشلار ئەمەلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك مۇھىم بولماسلىقى مۇمكىن.
بۇ جۈملە تېمىدىكى سۇئالنىڭ جاۋابى بولىشى مۈمكىن.

0

تېما

0

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32505
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 15:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمېشقا زادې نېمېشقا بۇندا بۇلۇدۇ،

0

تېما

1

دوست

2480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 792
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 17:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپاقنى پۇلغا ئالماي باراڭىنى پۇلغا ئاپتۇ-دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك؟

0

تېما

0

دوست

735

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33038
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 19:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:45
ياخشى يېزىلمىغان ئەسەركەن ، تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش ز ...

كۇلگە مىلەپ ئوتقا قاقلاپ دىگەندەك ھە

0

تېما

2

دوست

1760

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17995
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 20:12:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:45
ياخشى يېزىلمىغان ئەسەركەن ، تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەش ز ...

تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا گەپ قىلىدىكەنسىزدە

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىكى ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۇشىنەلمىگەنلەرگە نىسپىتەن بەلكىم بۇ يازما تۇتۇرىقسىز تۇيىلىشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ يازما ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى ئەمەل،  قۇرۇق ئۇنۋان بىلەن ئۇ دۇنيادىكى ئەمەل سىلىشتۇرما قىلىنغان ياخشى نادىر يازما ئىكەن.
شۇڭا چوڭقۇر ئويلاپ چۇشىنىش ، يازما ئىگىسىنىڭ مەخسىدىنى ئەتراپلىق ئىگىلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )