تورلىشىش كارخانىلارنىڭ يۈزلىنىشى
مايۈن،ماخۇاتېڭ،لىيەنخوڭدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كاتتىۋاش خۇددى ئالدىن دېيىشىۋالغاندەكلا مۇشۇ كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇنداقتا، ئەنئەنىۋىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار قانداق قىلىپ تورلاشقان كارخانىغا ئايلىنىدۇ؟ ئنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت بۇ قورالدىن پايدىلىنشتا ئىشلەتكەن ۋاستە ۋە ئۇسۇل ئىنتايىن زۆرۈر شەرتتۇر.ماھىيىتى يەنىلا ئىنتېرنېت تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتۇر.مۇنداقچەئېيتقاندا،ئىنتېرنېت تەپەككۇرى كارخانىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەنئەنىۋىي تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.ئۇلارنى ئىنتېرنېت تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.خەيئېر گورۇھىنىڭ لېدىرى جاڭرۈيمىن شىركەتنىڭ 2014-يىللىق خۇلاسە يىغىنىداسۆزلىگەن نۇتىقى مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان.2010-يىلى ئەمدىلاقۇرۇلغان شىياۋمى پەن-تېخنىكىسى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 18مىليون700مىڭ دانە تېلېفۇن سېتىپ،31 مىليارد 600 مىليون يۈەنلىك سوداقىلغان.شىياۋمىنىڭ قۇرغۇچىسى لېيجۈن:« شىياۋمىنىڭ بۈگۈنكى مۆجىزىسى ئىنتېرنېت تەپەككۇرىنىڭ غەلبىسى»-دېدى. ئۇنداقتائىنتېرنېت تەپەككۇرى دېگەن زادى نېمە؟ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئوۋچىلىق دەۋرى،ئەنئەنىۋىي تېرىقچىلىق دەۋرى،سانائەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ،ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم قويدى.ئىنتېرنېت تەپەككۇرى دەل ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تەپەككۇرشەكلىنىڭ مەھسۇلى.شۇڭا ئىنتېرنېت تەپەككۇرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنتېرنېت دەۋرىنى چۈشىنىش كېرەك.ئۇنداقتا،ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى نېمە؟بۇنى مۇنداق ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلاشقابولىدۇ:يەنى«ئۆز-ئارا»،«بىرلەشمەك»،«ئىنتېرنېت». «ئۆز-ئارا» دېگىنىمىزدە ئۆز–ئاراقوزغاتقۇچ كۆپەيتىش دېمەكتۇر.ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى گېزىت-ژورناللارغا قارىغاندائىنتېرنېتتىكى تارقىلىشى تېخىمۇ تىز،كەڭ دائىرىلىك ۋە قولاي.شۇنىڭ بىلەن ياخۇۋەكىللىكىدىكى كۆزنەك تور بەتلەر ،شىنلاڭ تورى،ۋاڭيى تورى،سوۋخۇ تورى قاتارلىق توربەتلەر كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلدى.مۇشۇ مەزگىللەردە كىشىلەر پاسسىپ ھالەتتەئۇچۇر قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنىڭ توغىرىلىقىغابولغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرىغا يۈزلەندى.شۇنىڭ بىلەن گوگىل ۋەكىللىكىدىكى ئىزدەش ئۇلانمىسى يولغا قويۇلدى.مەملىكىتىمىزدە بەيدۇ تور دۇنياسىدا باش كۆتۈردى.ئەمدى بولغانداكىشىلەر ئاكتىپ ھالدا ئۇچۇر توپلاش ۋە ئىزدەش قەدىمىنى تىزلەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى كېلىپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن facebook ۋەكىللىكىدىكى ئىجتىمائى ئالاقە تورى شەكىللەندى.مەملىكىتىمىزدە سىنا بىلوگى تىزلىكتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا كىشىلەر ئۇچۇرئالماشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ راۋان ۋە قولاي بولىشىنى ئۈمىد قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ICQۋەكىللىكىدىكى تىز ئالاقە يەنى تېڭشۈنQQ بارلىققاكەلدى.بۈگۈنكى كۈندە بولسا كىشىلەر ھەر قانداق جايدا،ھەرقانداق ۋاقىتتا قولىدىكىئەقلىفونلار بىلەن ئۈندىدار،whatsapp قاتارلىقلارئارقىلىقئىجتىمائى ئالاقە قىلىشقا يۈزلەندى. پاسسىپ ھالەتتە ئۇچۇر قوبۇل قىلىشتىن تارتىپ ئاكتىپ ھالەتتىكى ئۇچۇر توپلاش،ئۆز-ئارائالاقىدىن ھارقانداق جايدا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقىچە،باشتىن ئاخىردەپ كېلىۋاتقىنىمىز كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئۆز-ئارا قوزغاتقۇچ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئىنتېرنېتنىڭ بارلىققا كېلىشى ،كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆز-ئارا قوزغاتقۇچقا بولغان ئىنتىلىشى،ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى بولسائۇكىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىھىياجىنى قاندۇرالىغانلىقىدا.چۈنكى ئۆز-ئارا قوزغاتقۇچ ئىنتېرنېتنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. «بىرلىشىش»دېگىنىمىزدە،ئۆز-ئاراتۇتىشىش،بىرلىشىش دېمەكتۇر.بۇرۇن تورغا چىقىش ئۈچۈن ،تېلېفۇن ئارقىلىق نومۇربېسىپ،سۇپىلىق باش كومپىيۇتىرغا ئۇلاپ،ئاندىن كەڭ بەلۋاغ تورىغا ئۇلاپ،ئۇنىڭدىن كېيىن خاتىرە كومپىيۇتىردا تورغا چىقاتتۇق.سۇپىلىق باش كومپىيۇتىر بىلەن تورغائۇلاپ تورغا چىقىدىغان بۇ مەزگىللەرنى كىشىلەر سىملىق ئىنتېرنېت دەۋرىدەپ ئاتىغان.بۈگۈنكى كۈندە بولسا،Wifi,2G,3G,4Gتورى،CDMA قاتارلىق سىمسىز تور ئالاقەتەرەققىي قىلىپ،تورغا چىقىش بۇرۇنقى سىملىق دەۋىرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ قولاي بولدى.ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىكلەرنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ھەرقانداق جايداھەرقانداق ۋاقىتتا سىمسىز تورغا چىقالايدىغان بولدۇق.مانا شۇنداق قىلىپ،ھازىر بىزئاللىقاچان كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرىگە كىرىپ بولدۇق.يېقىن كەلگۈسىدە تېلېفۇن بىلەن كومپىيۇتېر بىردىنبىر ئىنتېرنېت ۋاستىسى بولمايدۇ.خۇددى ھازىر نەگىلا قارىمايلى«ئېلېكتىر سايمانلىرى»بولغانغا ئوخشاش،بۇنىڭدىن كېيىن نەگىلاقارىمايلى«ئىنتېرنېت»بار بولىدۇ.ھەرقانداق ئادەم،ھەرقانداق جايدا،ھەرقانداق ۋاقىتتا،ھەرقانداق ئېلېكتىر ئەسۋابىنى ئىنتېرنېتقائۇلاپ،مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ.ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە،بىزچەكسىز ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم قويىمىز. سىملىق توردەۋرىدىن تەرەققىي قىلىپ كۆچمە تور دەۋرىگىچە،ھەتتا چەكسىز تور دەۋرىگە قەدەم قويۇشتىكى سەۋەب،كىشىلەر نىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. «ئىنتېرنېت»تورى دېگىنىمىزدە،ئىككىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە،زاۋۇتلار توك ئىشلەتمەكچى بولۇپ قالسا،ئۆزى گېنىراتور سەپلىشى ياكى توك ئېلېكتىر ئىستانىسىسى قۇرۇشى كېرەك ئىدى.تەرەققىي قىلىپ كېيىنكى مەزگىللەرگەكەلگەندىلا ئاندىن بىر تۇتاش توك تارقىتىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بارلىققاكېلىپ،ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق نەچچە ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە توك ئۇلانغان.ئىنېرنېت دەۋرىدىكى«ئۇچۇر»خۇددى سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى«ئېلېكتىر»گە ئوخشايدۇ.ھازىر بىزكومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالى ياكى ئالدىن تەييارلىۋالغان مۇلازىمىتىر بىلەن ئۇچۇرلارنى ساقلىۋالالايمىز.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇچۇرلارنى «بۇلۇت ئۈستى»دە ساقلايمىز.بۇچاغدا كىشىلەر سىمسىز تور ئارقىلىق ئىنتېرنېتقا توسالغۇسىز ئۇلىنالايدىغان ئېلېكتىرئەسۋاپلىرى بىلەن بۇ ئۇچۇرلاردىن تېخمۇ تولۇق پايدىلىنالايدۇ.بۇنى بىز بۇنى«بۇلۇت ھېساپلىغۇچ» دەيمىز.خۇددى ھازىرتوك ئىشلىتىۋاتقانغا ئوخشاش،ۋىكىلى يۇچاتىلنى بېسىپ قويساقلا بولىدۇ.ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،ئېلېكتىر تورى بولسا ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ھەرقايسى ئېلېكتىرسايمانلىرىغا تاق يۆنىلىشلىك توك تارقىتىدۇ.«بۇلۇت ئۈستى»ۋە«ئىنتېرنېت»بولسا قوش يۆنىلىشلىك ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. «ئىنتېرنېت»بىلەن«بۇلۇت ئۈستى»نىڭ بىرلىشىشىدىن ،كىشىلەر ئىنتاين ئوڭايلا ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن ۋاقتىداخەۋەردار بولۇپ تۇرالايدۇ .ھەم بۇ ئۇچۇرلاغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئانالىز ئېلىپ بېرىپ،ئۆزلىرىگە لازىم بولغان«كەڭ دائىرىلىك سانلىق مەلۇمات»قا ئېرىشەلەيدۇ. ئادەم بىلەن ئىنتېرنېت،«بۇلۇت ھىساپلىغۇچ»بىلەن« كەڭ دائىرىلىك سانلىق مەلۇمات»ئاساسىدا،توختىماي نۇرغۇنلىغان تورلارنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن تور گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.مانا مۇشۇنداق تور گەۋدىسى بىلەن كىشىلەر «ئۆزئارابىرلىشىش»مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ،ئىنتېرنېت تور دەۋرىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئۆز-ئارا بىرلەشكەن ئىنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت.ئىنېرنېت تور دەۋرىنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشى بولسا،پۈتۈن دۇنيانى ئۆز-ئارا بىرلەشكەن تور گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىنتېرنېت تەپەككۇرى بولسا ئىنېرنېتدەۋرىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر.«ئۆز-ئاراقوزغىتىش»نىڭ ماھىيىتى دىموكىراتىيىدىن ئىبارەت.«بىرلىشش»نىڭ ماھىيىتى ئېچىۋىتىش،ئىنتېرنېتنىڭ ماھىيىتى بولسا باراۋەرلىك. دىموكىراتىيەئۆز-ئارا قوزغىتىشنىڭ ماھىيىتىدۇر.دىكتاتۇرلۇق يۇقىردىن تۆۋەنگە تاق يۆنىلىشتەبولىدۇ.ئەكسىچە دىموكىراتىيە بولسائۆز-ئارا قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ.ئۇنداقتا«دىموكىراتىيە»دېگەن نېمە؟دىموكىراتىيە دېگەنلىك خەلق ئۆزى خوجا بولۇش دېگەنلىكتۇر.كارخانىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا،خەلق ئاساسلىقى ئىككى ئاساسى توپنى كۆرسىتىدۇ.بىرى،خېرىدارلار توپى،يەنە بىرى،خىزمەتچى-خادىملار توپى.ئېلېكتىرونلىق سودىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنلىشىدىن قارىغاندا،ھازىر ئاساسەن بىر ئومۇمى كۆزقاراش شەكىللىنىپ بولدى.B2Bئەمەس،B2Cمۇ ئەمەس، C2Cمۇئەمەس، بەلكىC2B.بىز دەۋاتقانC2Bبولسا،خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى توپلاپ،ئاندىن ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ بۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان شەكلى. مىسىال ئالساق،ھازىر ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلىدىغانلار ھەممىسى ئاۋال بازارنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن ساتىدۇ.ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى سېتىۋاتقان ئۆيلەر ئاساسەن بازارئەھۋالىنى ئالدىن پەرەز قىلغاندىن كېيىن ئاندىن سېلىنىپ سېتىلىدىغان ئۆيلەر،لېكىن بۇ ئۆيلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشى ناتايىن.يىراق بولمىغان كەلگۈسىدەئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى،ئۆينىڭ شەكلى،چوڭ-كىچىكلىكى،باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئىنتېرنېت تورىدا سىتاتىستىكا قىلىنىپ،ئۆي ساتىدىغانلار مۇشۇ ئېھتىياج ئۇچۇرى بويىچە ئۆينى لايىھەلەپ،تەييار قىلغاندىن كېيىن خېرىدارلار بىلەن كېلىشىدۇ. ئىنېرنېت دەۋرىدىكى خىزمەتچى-خادىملار زادى كىمنىڭكىنى ئاڭلايدۇ؟ئىنتېرنېت دەۋرىدە خىزمەتچى-خادىملارخوجايىنىنىڭكىدىن بەكرەك خېرىدارلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالىدىغان بولىدۇ.خىزمەتچى-خادىملار شىركەتتىن ئىبارەت بۇ سۇپىنىڭ ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خوجىلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت،خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈندۇر.ئۇنداق بولسا خوجايىن نېمە ئىش قىلىدۇ؟بۇ چاغداخوجايىننىڭ مۇنداق ئىككى مەسئۇلىيىتى بار.ئۇ بولسىمۇ ياخشى سەھنە ھازىرلاپ خىزمەتچى خادىملارنى قوللاش،توغرا بولغان خىزمەت پىرىنسىپى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتچىلەرگەتوغرا يېتەكچىلىك قىلىش.بۇ چاغدا خوجايىننىڭ كۆڭلىدە بىر نۇقتا ئايدىڭ بولغان بولىدۇ،يەنى خىزمەتچى خادىملارنى بۇيرۇق شەكلىدە باشقۇرۇشنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتتى.ئەلۋەتتە بۇمۇ ئوخشاشلا قوش يۆنىلىشتە بولىدۇ.خىزمەتچى-خادىم ئۆز-ئۆزىگەخوجا بولۇش ئۈچۈن چوقۇم شۇنىڭغا لايىق ئىقتىدار قابىلىيەتنى ھازىرلىشى ۋە يۇقىرىدەرى جىدىكى ئاڭلىق بولۇش كېرەك. ئېچىۋىتىش بولسا «بىرلىشش»نىڭ ماھىيىتى.بىز ئادەتتە دەيدىغان بىكىنمىلىك بولسا بىرلىشىشىنى توسۇش ياكى چەكلەشتۇر.بىرلىششىنى كۈچەيتىش جەريانى بولسا ئۈزلۈكسىز ئېچىۋىتىش جەريانىدۇر.سانائەتلىشش دەۋرىدىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن «كارخانا خانلىقى»قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.كارخانىچى شۇ خانلىقىنىڭ پادىشاھىغا ئوخشاش،مۇشۇ كارخانا ۋە زىمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ . «كونتىروللىقنى ساقلاش»كارخانا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدىكى مۇھىم بىر ھالقىدۇر. ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانا پۈتۈن كۈچى بىلەن «كارخانا ئىكولوگىيەسىستېمىسى» قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.كارخانىچى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىناق،تەڭپۇڭ ھەم ئۈلۈكسىز تەرەققى قىلالايدىغان ئورگانىك سىسىتېمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.مەسلەن،جىڭدوڭ سودا شەھەرچىسى ھازىر قوللىنىۋاتقىنى B2Cمۇلازىمەت شەكلى،لېكىن نوقۇل ھالدىكى ۋولۋول تورى ئاقماسلىقى مۇمكىن.ئەگەر جىڭدوڭ داۋاملىق بازاردا پۇت تىرىپ تۇرماقچى بولىدىكەن ،تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋىتىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.ھەرساھەدىكى سودىگەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ خېرىدار ئۇچۇرى تەمىنلىگەندە جىڭدوڭ ئاندىن بۇساھەدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.
باراۋەرلىك ئىنتېرنېتنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيىتى پىرامىداقۇرۇلمىسى قاتلاملىق ئورگانلارغا ماس كېلىدىغان بولۇپ،دەرىجە ئايرىمسى ئىنتايىن قاتتىق.ئىنتېرنېت دەۋرىدە دۇنيا نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېت ياپراقچىلىرى بىلەن بىرىكىپ،چوڭ بىر ئىنېترنېت گەۋدىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇ گەۋدە ئىچىدىكى ھەر بىرنۇقتا بۇ پىرامىدانىڭ چوققا نۇقتىسى ھېساپلىنىدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەربىرنۇقتىنىڭ مۇناسۋىتى باراۋەر بولىدۇ.گەرچە ھەربىر نۇقتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك پەرقى بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئارسىدىكى مۇناسىۋەت يەنىلا باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ،ئۇلاردا قاتلاملارغا بۆلۈنۈش ئەمەس تەڭلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئىنتېرنېت دەۋرىدە خېرىدار خان دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت بولمايدۇ.يەنى نوقۇل ھالدىكى يىلىنىش،باقىۋەندىلىك ئەمەس ،دوستتەك بولۇش كېرەك.دوسىت بولغان ئىكەن ئۇلارنى كولدۇرلاتسىڭىز بولمايدۇ،ياكى قەستەن ئۇلارغا ياخشىچاق بولسىڭىزمۇ بولمايدۇ.چۈنكى بۇ چاغدا بۇ بىرخىل ئۆز-ئارا قوللاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئىنېترنېت دەۋرىدىكى رەھبەربولغۇچى ئەمدى ئوقۇتقۇچى ياكى خوجايىنمۇ ئەمەس.خۇددى دوستلاردەكلا ياكى بۇرادەرسۈپىتىدە بولىشى كېرەك.لىيەنشىياڭ گورۇھىنىڭ لېدىرى ياڭ يۈەنچىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگەئولتۇرغانچاغدا ئۇنىڭ ھەممىدىن كۆپ دەيدىغىنى:« مېنى يۈەنچىڭ دەپ چاقىرىڭ»-ئىدى.شىياۋمىپەن-تېخنىكىسىنىڭ لېدىرى لېيجۈنمۇ ئىشخانىسىدىكىلەرگە:« مېنى لاۋلېي دەپ چاقىرىڭلار»-دەيتتى.شىياۋمىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى لىۋەنچىياڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزىنى ئالى دەپ چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.قانداق ئاتاش ئۇ پەقەت يۈزەكى ھالەتنىلائۆزگەرتىدۇ خالاس.ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ باراۋەرلىك ئاستىدا بولۇشى مۇھىم نۇقتا. ھەممىنى يىغىپ ئېيتقاندا،ئىنتېرنېت تەپەككۇرىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى دىموكىراتىيە،ئېچىۋىتىش ۋە باراۋەرلىكتىن ئىبارەت ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلاشقابولىدۇ.بۇ سۆزلەر قانداقلارچە يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەمەس،لېكىن ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،بۇ خىل تەپەككۇر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىمۇشۇ يۆنىلىشكەقاراپ سىلجىتىدۇ. ئاپتۇر:خېۋەنبىننىڭ «ئىنتېرنېت تەپەككۇر يەشمىسى»ناملىق يازمىسىدىن تەرجىمە قىلىغان. باشقاتورلاردا يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە تەرجىمە قىلغۇچىنى ئەسكەرتىپ يوللىشىڭىزنى سورايمەن.
|