قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1661|ئىنكاس: 7

نۇري تىيىپ: كەپتەرلەر-(12)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 09:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەپتەرلەر

نۇري تىيىپ

ياپونىيە


  ھېلىقى ئادەم. ھېلىقى ماڭا ئىسىم كارتىنى بەرگەن ئادەم نەق شۇ...
   بۇ ئادەم بىلەن بولغان ئىشلارنى، يەنە ئازراق، ئارقىغا قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. باشتىن ئۆتكەن ئىشلارنى يېزىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز، كۆپ ئىشلار: “ھە مېنى ئاۋۋال يازمامسەن؟ مەنمۇ شۇ ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمىغۇ..." دەپ، سىزنى ئۇ ياققا، بۇ ياققا تارتىپ ئاۋارە قىلىدىكەن. يە ياق دېگىلى بولمىغان ...شۇڭا ئاۋۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئاتقان "پو"غا ئوخشاش "پو"دىن يەنە بىرسى بار. شۇنى يېزىپ بىر ئۆزۈمنى "كۆرسەتكۈم" كېلىپ كىتىپ بارىدۇ. بىر رۇخسەت بېرىۋېتىڭە ئەمسە ...

خوش، ئاشخانا ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ئىشى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە ئۇدۇل قايتىش ئەمەس. بەلكى باشقا، كېچىچە ئېچىلىدىغان ئاشخانىلارغا بېرىپ ئىچىش.دەسلەپكى يىللىرى بۇنىڭدىن تازا ھۇزۇر ئالالمىغان ئىدىم. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، شۇ مۇھىتتىكى ئادەملەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئاستا - ئاستا ماڭىمۇ سىڭگىلى تۇردى. ئىشتىن چۈشۈپ، نە - نەلەرگە بېرىپ ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ يايراپ، رايونىمىزدىكى پۈتۈن ئىچىدىغان يەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋېتىپ، "بۈگۈنچە خوش جۇمۇ، ئەتە كۆرۈشەيلى" دەۋېتىپ، تاڭنىمۇ ئاتقۇزىۋېتىپ ئاندىن "ئۇف " بۈگۈن ئالامەت ئىشلىۋەتتىمما ... دەپ ئۆيگە قايتىدىغان بولۇپ يېتىلدىم. ياپون تىلىم جەمئىيەت مەكتىۋىدە، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىپ، جەمئىيەتتىكى قاتتىق - قۇرۇق، زاغىر تىلنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن ئىگىلەپ، تىلدا ھېچ قىينالمايدىغان سەۋىيىگە تېزلا يەتتىم. بەزىبىر ياپونىيىلىكلەرنىڭ سورۇنىنى غۇلجىنىڭ چاقچاق سورۇنلىرىغا ئوخشاش قىزىتىۋېتىدىغان، ئۇيغۇرچە يۇمۇرلارنى بولۇشىچە تەرجىمە قىلىپ، ياپونىيىلىكلەرنى "ۋىلىق - ۋىلىق" كۈلدۈرۈۋېتىدىغان بولۇپ كەتتىم. ئۇلارمۇ تېزلا بۇ يۇمۇرلارغا كۆنۈپ:

– ھەي بولسا ئۆتكەنكىدەك "سېرىق"لىرىنى جىقراق دېگىنە. بەك پەيزىكەن دەيدىغان بولۇپ كەتتى.

ئەمما چاتاق يېرى، سورۇننىڭ قاق بېلىدىن ئۈزۈپلا:
– ھازىر چاقچاق باشلىنىدۇ، دەپلا ئېلان قىلىۋېتىدىغان يەرلىرىدە مېنىڭ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، تۇرۇپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولۇپ تۇردى.
   

    دائىم بېرىپ، ئانچە - مۇنچە ئىچىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ قويىدىغان بىر قاۋاقخانا بار ئىدى. ھەپتىسىگە ئۈچ كۈن ياكى بەش كۈن كىرىۋېتىپ قالاتتۇق.  دۇكاندا قازانلارنى تاراڭشىتىپ، تەرلەپ - پىششىپ تاپقان پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ قاۋاقخانىغا تاپشۇرۇپ بېرەتتۇق. بۇ يەرگە شۇ مەھەللىنىڭ ياشلىرى، نوچىلىرى، پوچىلىرى كىرىشەتتى. بەزىدە قىزىرىشىپ قېلىپ، دۇكاننى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋېتىپ، "ۋاي ئاخشام مەسچىلىكتە بوپ قاپتۇ" دەپ، پۇل چىقىرىشىپ زىياننى تۆلەپ، ئاۋۇ بىزنىڭ ئاشخانىنىڭ ھاجەتخانىسىنى بۇزغان ياشلاردەك يۇۋاشلاپ، يەنە تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر - بىرلەپ شۇ يەرگە يەنە قايتا يىغىلىشىپ، ئىچىشنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇراتتۇق.

بۇ يەردە مۇنداق بىر ئويۇن بار ئىدى. دۇكانغا يېڭى كېلىپ قالغانلار ۋە ياكى ئۆزئارا بىر - بىرىگە تايىنى يېتىپ قالغانلار:

– ھە كېلە كېلە، دېيىشىپلا، قول قايرىشىشىپ بەسلىشىشەتتۇق. بەزىدە بىر ئۈستەلدىكىلەر بىلەن يەنە بىر ئۈستەلدىكىلەر، بەسلىشىپمۇ قېلىشاتتى. ئۇتقۇچى شۇ كۈنى ھەقسىز ئىچىدىغىنىنى ئىچىپ، ئۇتتۇرغۇچى بولسا ھەسسە پۇل تۆلەپ قايتىشاتتى. دۇكان تەرەپ ئۇتقۇچىغا، بىر بوتۇلكا ھاراق سوغا قىلاتتى. لېكىن بۇنىڭ پۇلىنىمۇ ئۇتتۇرغۇچى تۆلەيتتى.

   يىللارچە، مەن بۇ يەرنىڭ چېمپىيونى ئىدىم. مەھەلىدىكى ھەر قاندىغىنى، بىر، ئىككى، ئۈچ دەپلا ئۇتۇۋالاتتىم. شۇڭا مەن قولغا كەلتۈرگەن بوتۇلكىلار دۇكاننىڭ تاملىرىغا توشايلا دەپ قالغان ئىدى. ئەمما كۈنلەر بۇنداق غەلىبە بىلەنلا مېڭىۋەرمىدى. "تاغنىڭ كەينىدە تاغ بار" دەپ، بىر كۈنى، مەن بىلەن تازا مىجەزى كېلىشمەيدىغان، مەن بىلەن پەيزى يوق بىر ئاداش، رايونىمىزدىن خېلىلا يىراق بىر يەردىن، راۋۇرۇس كۈچلۈك بىرسىنى باشلاپ ئېلىپ كەپتۇ.

   پاھ ... بۇندىقىنى مەن پەقەت كىنولاردىلا كۆرگەن. كىنو بولغاندىمۇ ئاشۇ ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدىلا كۆرگەن ئىدىم.

  ئۇ ئوتتۇرا بوي، سەل سېمىزراق، ئەمما ئۇنىڭ بىلەكلىرى، ۋايجان - ۋايجان .... مېنىڭ پاقالچىكىمدەك بارمۇ خۇدايىم، ئىش قىلىپ ئالامەت. ئۇنىڭ دومباق - دومباق چىقىپ تۇرغان مۇسكۇللىرى، مايكىلىرىنى يىرتىۋەتكىلى تاسلا قاپتۇ. مۈرىسىنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى مۇسكۇللىرى، خۇددى لوڭقا قويۇۋالغاندەك ھۈررەك - ھۈررەك كۆپۈكلۈك. چاچلىرى قىسقا ياسىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ گەجگىسىدىمۇ بىر پاتمان قاتتىق گۆش تۇرامدۇ نېمە؟ چوڭ بېلىكى بىلەن كىچىك بېلىكى ئۇستا رەسساملار سىزىپ قويغاندەك، مۇسكۇللىرى ياي شەكلىدە، باشلانغان يېرىدىن باشلىنىپ، ئاخىرلاشقان يېرىدىمۇ بىر ئوبدان ئاخىرلاشقان. ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنىڭ تومۇرلىرى ھېلى پارتىلاپ چىقىپ كېتىدىغاندەك لىغ - لىغ قىلىپمۇ قويىۋاتامدۇ ياكى غۇۋا چىراغ نۇرىدا شۇنداق كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ ماڭا .... ئالامەت بىر مەزمۇت تانكىدەكلا بىر يىگىت، ئالدىمدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۆزۈمنىڭ بېلىكىنى، زەيتۇن توپتەك دېسەم؛ ئۇ يىگىتنىڭ بېلەكلىرىنى باسكىتبول ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يوغان، بىر نەرسىلەرگە ئوخشاتسام، ھەرگىز خاتالاشمايمەن.

   مېنىڭمۇ ئۆزۈمچە، بۇ دۇكاندا ئىچىشىپ ئولتۇرغىنىمىزدا، باشقا ئۈستەلدە ئولتۇرۇشقان، چىرايلىق قىزلارغا قانات سۆرەپ، ئۆزۈمدىكى بار مۇسكۇللارنى كۈچەپ چىقىرىپ، بىر نەچچە قېتىم غەلىبە بىلەن كۆرەڭلەپ، ئولتۇرۇپ كەتكەن يەرلىرىممۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇ يىگىتنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، كۆپىنچىسى موسكۇللىرىمنى مۇنداق چىقىرىپ قويسام، "ۋايجانلا" دېيىشىپمۇ كەتكەن ئىدى. ئەمما بۈگۈن مەن ئاۋۇ يىگىتنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن سەل خىجىل بولۇپمۇ ئولتۇرۇپتىمەن.

   دۇكان ئىچى تىم- تاس. مۇزىكىلارمۇ توختىتىلدى. چىراغلار كۈچەيتىپ ياندۇرۇلدى. ھەممە ئادەم بۇ يىگىتنىڭ بەستىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئېغىزلىرىنى "ئو" شەكلىدە كىچىك ئېچىپ، "ۋايجان" دېيىشىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قېلىشتى. بىر - بىرىگە ئىتتىك - ئىتتىك قارىشىپ، نەتىجە قانداق بولار، دەپ تېخى باشلانمىغان قول قايرىشىش مۇسابىقىسىنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە ئالدىرىماقتا. بىر- بىرىگە كۆز ئىشارە قىلىشىپ، ھەيرانۇ - ھېس قېلىشماقتا.

"كوپپىدە" قول تۇتۇشتۇق.

ئوھ.....

    قول قايرىشىشتا، ئادەتتە ئۆزئارا قول تۇتۇشقان ھامان، قارشى تەرەپنىڭ قانچىلىكلىكىگە  سېكۇنت ئۆتمەي ھۆكۈم قىلىش تامامەن مۇمكىن. مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ھامان، ئۆزۈمنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقىمنى دەڭسەپ بولغان ئىدىم. دەسلەپكى ئۇنىڭغا قارشى تاكتىكامدا، ئۇنىڭ قولىنى، ئالدىم تەرەپكە يەنى سول تەرىپىمگە قىيپاش قىلىپ، تارتىشنى ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، ئىش چاتاق.
    ئادەتتە ئوخشاش كۈچلۈك ئىككى ئادەم، تۇتۇشۇپ قالغاندا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل بېسىشسا، ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى ئۇتۇشى، خېلىلا ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنىلا كاللىنى ئىشلىتىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا، "ئويۇن" ئويناش ئاقىلانە ئىشتۇر. مەن بۇ ھەقتە بىر نەچچە رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن كىتابمۇ كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا تەڭدە - تەڭ ياكى قارشى تەرەپتىن ئۆزىڭىزنى، سەل ئاجىز ھېس قىلسىڭىز، دەرھال ئالدىڭىز سول تەرىپىڭىزگە قىيپاش تارتماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە، قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئىتتىرگەچ باسسىڭىز، ئۇ سىزدىن سەل كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇنى ئۇتۇپ قېلىش ئېھتىمالىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئوڭ قولى ئارقا تەرەپكە، سىزنىڭ باسقان بېسىمىڭىزدىن، سەللا ئارقىغا سىلجىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا دىققەت قىلىڭكى، سىزنىڭ جەينىكىڭىز قارشى تەرەپكە، ھەددىدىن كۆپ سۈرۈلۈپ كەتسە، چىدىماسلىق قىلغانمۇ بولۇپ قالىسىز. شۇڭا، باشلىنىشتىن بۇرۇن، جەينىكىڭىزنىڭ، ئەگەر سىز شۇ تاكتىكىنى چاقماق تېزلىكىدە بېكىتەلىسىڭىز، ئۇنىڭ جەينىكىگە قانچە يېقىن سۈرەلىسىڭىز، شۇنچە ياخشى. چۈنكى، ئۇ بۇ تاكتىكىڭىزدىن خەۋەرسىز بولغاچ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ تەييارلىقسىز تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز، ئىنساپسىزلىق قىلىپ، بۇنى ئۆزىڭىزدىن ئاجىزراق ئادەملەرگە ئىشلىتىپ، تۇيۇقسىز قاتتىق باسسىڭىز، ئۇنىڭ قولىنى سۇندۇرۇپ تاشلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
خوش. جەينىكىمنى ئۇنىڭ جەينىكى يېنىغا خېلىلا يېقىن سۈرۈپ ئاپىرىۋالدىم. مۇشۇ تاكتىكا بىلەن قول قايرىشىش ۋاقتىنى بىرنەچچە سېكۇنت بولسىمۇ ئۇزارتىۋالالىشىم مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇ بەستى، ئۇ بىلەكلىرى، ئۇ بۇقىدەك كۈچى ئالدىدا مېنىڭ بىر نەچچە سېكۇنت ئۇزۇنغا سوزۇشۇممۇ، مەن ئۈچۈن چوڭ بىر غەلىبە ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم.
ئۇ ھېچ بىر تەييارلىقسىز. قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ماڭا قاراپ:
– ھە، تەييار بولدۇڭمۇ، دېگەندەك قاراپلا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا جىددىيلىشىش، ئەنسىرەش، ماڭا ئوخشاش "تاكتىكىلار"نى ئويلاش دەيدىغان نەرسە مەۋجۇد ئەمەستەكلا.
     بىر، ئىككى، ئۈچ، قول قايرىشىش باشلاندى! مەن "ھە" دېگەندە ئۇنىڭ قولىنى، ئۇنىڭ ئوڭ قول تەرىپىگە، ئۇنىڭ بېغىشىنى قوشۇپ قايرىپ، قىيپاش ئىگىلىۋالدىم. تاكتىكام ئويلىغىنىمدىن 100 % لا ئەمەس، 150% ئەمەلگە ئاشتى. تەلىيىمگە ئۇنىڭ بېغىشىنىڭ ئانچە كۈچى يوق ئىكەن. قاتتىق كۈچ بىلەن باستىم. ئەمما پۈتۈن كۈچۈمنى ئون دېسەك، مەن "ھە" دېگەندە، توققۇزىنى ئىشلىتىۋەتتىم. بىرنى پەقەت ئەڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيەت ئالدىدىكى مۇداپىئە، يەنى ئاخىرقى "جان تالىشىش"قا، ئايرىپ قويغان ئىدىم.
    ئۇ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەن. شۇنچە باسساممۇ، بايىقى قىيپاشلىقتىن زادىلا ئاشۇرالمىدىم. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم. ئۇنىڭمۇ چىشلىرى بىر - بىرىگە سەل كىرىشىپتۇ. يۈزلىرىدىكى گۆشلەر ئاندا - ساندا تارتىلغاندەكمۇ قىلىدۇ.ئوھ ... بۇ ئەمدى قايتۇرما ھۇجۇمغا تۇيۇقسىز ئۆتۈپ، قولۇمنى سۇندۇرۇپلاۋەتمىسۇن جۇمۇ ... دەپ ئويلاپ، ئايرىپ قويغان، بارى يوق ھېلىقى، "بىر تال" كۈچنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى كۈتۈپلا تۇردۇم.
   ئۇ ھۇجۇمغا ئۆتتى. قولىمىز تىك، بايىقى باشلانغان نۇقتىغا كەلدى. ئەمدى باسىدىكەندە بۇ كاساپەت، دەپ تۇرۇشۇمغا، ئۇ قولىنى تۇيۇقسىز "شارتلا" قىلىپ، پەسكە، ئۆزى تەرەپكە تارتىپ، قولىنى قولۇمدىن يۇلۇپ تارتىۋالدى. جىددىچىلىكتە ئىككىلىمىزنىڭ قولى تەرلىگەچ، سىلىقلىشىپمۇ قالغانىكەن.
ھوي ھوي .... دېيىشتى ئەتراپتىكىلەر. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەك بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراشتى. ئۇ قولىنى يامپىشىغا سۈركەپ قويۇپ ماڭا:
– بۈگۈن مۇشۇنچىلىك قىلىشايلى دېدى- دە مۈرەمدىن تۇتۇپ، مېنى ئۆزىگە تارتتى.
   ئۇ نېمە ئۈچۈن بىرلا كۈچەپ بېسىۋالمىغاندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەتراپتىكىلەرمۇ، ھەي ... تازا پەيزى يېرىگە كەلگەنتى – دە، ... ھەجەپ قىلدا بۇ دېيىشىپ، ئۆز ئورۇنلىرىغا نارازى ھالدا بېرىپ ئولتۇرۇشتى. ھېلىقى مەن بىلەن پەيزى يوق ئاداشقا قارىدىم.ئۇ ناھايىتى بىسەرەمجان. قولىدىكى پىۋا بوتۇلكىسىنى بىر دەم ئېغىزىغا ئاپىرىدۇ، بىر دەم ئۈستەلگە قويىدۇ. بىر دەم ئۈستەلنىڭ بوتۇلكا تەككەن يېرىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتىدۇ، بىر دەم ئۆزى باشلاپ كەلگەن يىگىتكە گەپ قىلىشقا تەمشىلىدۇ يۇ، جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇ بىر ئەنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن، ئالدىراشلا بولۇپ كېتىپتۇ.

(داۋامى بار)

0

تېما

0

دوست

728

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17539
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 13:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تىز يوللايلى قەيسەركا،غاچ-غۇچلا
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

2

دوست

1908

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 602
توردىكى ۋاقتى: 430
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 21:14:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى بىراقلا يوللاشقا بولامۇ،ئاخىرىنى بەك ئوقۇغۇم كەپكەتتى....

1

تېما

7

دوست

6317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1652
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 22:33:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييى!تازا قىزىق يىرىگە كەلگەندە،ئاخرىنى قەيسەركا غاچچىدە

0

تېما

2

دوست

1710

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 540
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 13:17
ئاخىرىنى تىز يوللايلى قەيسەركا،غاچ-غۇچلا

«كا» دېگەن سۆزىڭىز بىر چاقچاقچى ئىسىمگە كەلتۈردى:

قەيسەركا، ھېسامكا، لاۋجوڭكا، شۆشېڭكا،يىنخاڭكا... دېگەندەك.

2

تېما

0

دوست

3835

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 13:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمىز

1

تېما

0

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 628
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 21:57:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنىم ئاكا ئاخىرىنى تىزرەك يۇللاڭ جۇمۇڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )